بالا دېگەن نېمە؟
بالا دېگەن نېمە؟
1)بالا-مۇھاببەتنىڭ جەۋھىرى،ئۇ ئەر-خوتۇنغا ئورتاق بولۇپ،ئائىلىنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە.
2)بالا-ھاياتىمىزنىڭ داۋامى،نەسلىمىزنىڭ توشۇغۇچىسى،ئاتا-ئانىنىڭ سايىسى
3)بالا-خوشاللىق ھەم بەختنىڭ مەنبەسى،ئائىلىمىزنىڭ يادىروسى.
4)بالا-كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىد مەشئىلى.كەلگۈسىگە سالغان مەبلىغىمىز.
بالا دېگەن ئۇ ئادەم،ئۇ ئادەتتىكى بىر نەرسە ئەمەس،شۇڭا…..
بالا ئۇيۇنچۇق ئەمەس،خالىسىڭىز ئويناپ،خالىسىڭىز تاشلاپ قويدىغان.
بالا زىننەت بويۇمى ئەمەس،ئۈيەر-بۇ يەرگە تىزىپ قويىدىغان.
بالا ئىدىش ئەمەس،سىز چىڭداپ بىلىم قاچىلايدىغان.
بالا ماشىنا ئادەم ئەمەس،بۇيرۇقىڭىزغا شەرتسىز بوي سۇنىدىغان.
بالا يۈز ئابرۇي ئەمەس،زىيادە ئۆگىنىشكە باسىدىغان.
بالا موللا بوزەك ئەمەس،خالىسىڭىز ئۇرۇپ-تىللاپ ئاچچىق چىقىرىدىغان.
مەنبە:بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ مەلۇم بىر پروفىسورىنىڭ نۇتىقىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلغۇچى لوپنۇرى.
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1223
ماۋۇ يازمىنىڭ تېمىسىنى «بالا» دەپ قويغۇچە «پەرزەنت» دەپ قويغان بولسىڭىزچۇ؟! بالا دېگەن نىمە دېگەندىكىن مەن بۇنى خاتا چۈشۈنۈپ يۈگۈرۈپ كىرىپتىمەن ئەمەسمۇ؟!
سىزدە خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويغانلىقىمدىن ئۆزۈرلىكمەن. لېكىن،«بالا»سۆزى ئاھاڭداش سۆز. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى« پەرزەنت» بىلەن ئوخشاش.«بالا-قازا »دىكى «بالا» سۆزى بولسا ئەرەبچە سۆز. بۇ ئىككىسىنىڭ مەنىسى ئاھاڭىغا ئاساسەن پەرقلىنىدۇ. ئەمدى «پەرزەنت»سۆزى بولسا، پارىسچە سۆز. شۇڭىلاشقا، يەنىلا ئۆز تلىمىزدىكىسىنى ئىشلىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم.