سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تېگىشلىك ئون ھېكايە)2(

 

6.ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن تەربىيلەشتىكى قىيىن مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش.

ناپالىئۇن شېر ئېلگىرى مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.بۇنىڭ ھەممىمىزنى قوزغىتىش رولى بار.
سارما ئىسىملىك بىر قىز يولدىشىغا ھەمرا بولۇپ،قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىدا يولدىشى بىلەن بىللە تۇرغىلى بېرىپتۇ.بىر كۈنى يولدىشى بۇيرۇققا بىنائەن قۇملۇقنىڭ ئىچكىرسىگە مانىۋېرغا قاتناشقىلى كېتىپتۇ.ئۇ ئۆزى يالغۇز بازىدىكى كىچىك بىر ئۆيدە قاپتۇ.ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ،كاكتۇسنىڭ ئاستىدىمۇ چىداپ تۇرغىلى بولمايدىكەن،ئۇنىڭغا يېقىن جايدىكىلەر مىكسىكىلىقلار ياكى ئىندىئانلار ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىنگىلىز تىلىنى بىلمەيدىكەن.شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ھەتتا بىرەر پاراڭلاشقۇدەك ئادىمىمۇ يوق ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا-بارا قاتتىق زېرىكىشلىك ھېس قىپتۇ.ئاخىرى چىدىيالماي،ئاتا-ئانىسىغا خەت يېزىپ،نىمىلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇ ئاتا-ئانىسىدىن بىر جاۋاپ خەت تاپشۇرۋاپتۇ.بۇ خەتكە ئىككىلا جۈملە يېزىلغان ئىكەن.بۇ ئىككى جۈملە سۆز ئۇنىڭ كۆڭلىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قاپتۇ ھەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپتۇ.
خەتتە:ئىككى ئادەم تۈرمىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرۇپتۇ.بىرىنىڭ كۆرگىنى توپا ۋە چاڭ-توزان،يەنە بىرنىڭ كۆرگىنى يۇلتۇز بوپتۇ.
سارما خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇپ،گەپنىڭ تەكتىگە يىتىپتۇ ھەم خىجىللىق ھېس قىپتۇ.شۇنداقلا قۇملۇق ئىچىدىن يۇلتۇزىنى ئىزدەپ تېپىشقا بەل باغلاپتۇ.
سارما يەرلىكتىكى كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشقا باشلاپتۇ.ئۇلارنىڭ ئىنكاسى ئۇنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ.سارما ئۇلارنىڭ توقۇمىچىلىق،ساپالچىلىق ئىشلىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.ئۇلار ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان،بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە سېتىپ بېرىشقا كۆزى قىيمىغان نەرسىلىرىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىپتۇ.سارما يەرلىكتىكى ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈپتۇ.يەرلىكتىكىلەرنىڭ چاشقان تۇتۇش ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىۋاپتۇ.قۇملۇقتىكى كۈننىڭ ئولتۇرشىنى تاماشا قىپتۇ.قۇملۇقنىڭ ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قۇلۇلە قاپلىرىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ.ئەسلىدە چىدىغۇسىز ناچار دەپ قارىغان موھىت،كىشىنى خۇشال قىلىدىغان،ئۆيگە قايتىپ كېلىشنىمۇ ئۇنتۇلدۇردىغان ھالەتكە ئۆزگىرىپتۇ.
قانداق بىر كۈچ بۇ قىزچاقنىڭ مۇشۇنداق زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا سەۋەپ بولدى.قۇملۇق ئۆزگەرمىدى،يەرلىك كىشىلەرمۇ ئۆزگەرمىدى.ئەمما بۇ قىزچاقنىڭ ياشاش پەلسەپىسى ۋە مەقسىتى ئۆزگەردى.كۆز قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى،ئەسلىدە جاپا-مۇشاقەتلىك،زېرىكىشلىك ئەھۋالنى ھاياتىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر تەۋەككۇلچىلىققا ئايلاندۇردى.ئۇ يېڭىچە بىر دۇنيانى بايقىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولدى.ھەمدە توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا“قورغاندىكى خۇشال كۈنلەر“دېگەن بىر كىتاپنى يېزىپ چىقتى.
ئوخشاش بىر مەكتەپتە،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىدە زور پەرق يوق.پەرق ناھايىتىمۇ كىچىك.ئەمما مانا مۇشۇ ئەڭ كىچىك پەرق،تەربىيلەش ئۈنۈمىدىكى زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئاكتىپ تەربىيلەش پوزىتسىيىسى ئوقۇتقۇچىلارنى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىدە ئاسانلا غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.پاسىپ تەربىيلەش پوزتسىيىسى ئېنىقلا مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ.

7.ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.

بىر ئايال دائىم بەش ياشلىق قىزىنى ئېلىپ بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.لىكىن قىزچاق دائىم ئاپىسى بىلەن بىللە چىقىشنى رەت قىلىدىكەن.ئاپىسى بۇنىڭدىن بەك غەلىتىلىك ھېس قىپتۇ.بازاردا رەڭگارەڭ،قىزىقارلىق نەرسىلەر شۇنچە كۆپ تۇرسا،بۇ بالا بازارنى نىمىشقا ياقتۇرمايدىغاندۇ؟دەپ ئويلايدىكەن.بىر قېتىم بازار ئايلىنىۋىتىپ،قىزچاقنىڭ ئاياق يىپى يىشىلىپ كىتىپتۇ.قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئاياق يىپىنى چىگىپ قويۇش ئۈچۈن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپتۇ.ھەمدە تۇيۇقسىز بىر نەرسىنى بايقاپتۇ.ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان بارلىق پۇتلارنىڭ چوڭلارنىڭ پۇتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.ھەم شۇئان قىزىنى كۆتۈرگەن پېتى دۇكاندىن چىقىپ كېتىپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ بازارغا چىقىش زۆرۈر بولغان مەزگىللەردىلا چىقىدىغان،بوش ۋاقتى بولسىلا بازارغا چىقىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپتۇ.
دېمەك،قىزچاقنىڭ ئاپىسى پەقەت ئۆزىنىڭ قىزىقىش نۇقتىنەزىرى بويىچىلا بالىنى دائىم بازارغا چىقىشقا زورلىغان.بالىنىڭ ئۇ ئىشقا قىزىقمايدىغانلىقىغا سەل قارىغان.بالىنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمىغان.
سىنىپ مەسئۇلى بولغان ئىكەنمىز،بەزىدە ئوقۇغۇچى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ،ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ كۆرەيلى.ئوقۇغۇچىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە،دائىم ئۇلار قوپال تېگىش،ئەيىبلەش،تۇرغۇزۇپ قويۇشتەك ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز.بۇ خىل ئۇسۇل بالىلاردا بىر خىل قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولمىغان تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە ئىشلىگەندە،بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئۇۋال قىلغاندەك ھېس قىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
تەربىيەدە چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىنى ئويلىشىش لازىم.ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا كۆيۈنگەن ھالدا تەربىيە قىلغاندىلا،ئۇلارنىڭ بىزدىن ئەيمىنىش ۋە قورقۇش تۇيغۇسىنى ئاجىزلىتالايمىز.بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىدا ئاندىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ،بىر ئىشلارنى دادىل قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ.

 

8.ئۈچ بالا

 

بۇرۇن مۇنداق ئۈچ بالا ئۆتكەن.بىرىنچى بالا تۆت ياشقا كىرگەندە ئاندىن گەپ قىلالىغان،7 ياشقا كىرگەندە ئاندىن خەت يازالايدىغان بولغان.مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا“ئىنكاسى بەك ئاستا،تەپەككۇرى لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس،كاللىسى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خىياللار بىلەن توشۇپ كەتكەن.“دەپ باھا بەرگەن.ئۇ ھەتتە مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن.
ئىككىنچى بالا ئىلگىرى ئاتىسى تەرپىدىن ئاقنانچى،ھارامتاماق دەپ قارالغان.كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ قىلچە ئىستىقبالى يوق بالا ئىدى.ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن.
ئۈچىنچى بالا دائىم دادىسىنىڭ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچىرىغان.دادىسى ئۇنىڭغا“سەن دائىم دۇرۇس ئىشلارنى قىلماي ئوۋ ئوۋلاش،چاشقان تۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيسەن،كىيىن قانداقمۇ قىلارسەن.“دېگەن.ئوقۇتقۇچىلار بۇ بالىنىڭ ئەقلى قابىيلىتى ئادەتتىكىچە“ئەقىللىق“دېگەن سۈپەتكە ئازراقمۇ يېقىنلىشالمايدۇ دەپ كەمسىتكەن.
بۇ ئۈچ بالا بولسا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىينىشتىيىن،رودىن ۋە دارۋېندىن ئىبارەت.
بۇ جاۋاپ ئادەمدە بىر خىل تاسادىيبىيلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ.بىزمۇ ئوقۇتقۇچى بولغان چاغلاردا مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلغان بولغىيمىدۇق؟ئىلگىرى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىستىقبالى يوق دەپ قارىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئىچىدە،زور ئۇتۇق قازانغانلىرى يوقمىدۇ؟ئوندان كۈزىتىدىغان بولساق،بۇرۇن قىلغان گەپلىرىمىز ۋە ئىش ھەركەتلىرىمىز بىزنى خىجىل قىلىپ قويۇشى مومكىن.ئەمەلىيەتتە ھەر بىر بالىنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە يارىشا ئارزۇ-ئىستەك بولىدۇ.ئۇلارنىڭ يەنە ئۆزىگە تەۋە جەننىتىمۇ بار.لىكىن بىز ئۇنى بالىلار كىچىك ۋاقتىدا بايقىيالىشىمىز ناتايىن.بۇ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا،بىر جۈپ ئەقىل كۆزىنىڭ بولىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

 

9.زىيادە كۈيۈمچانلىقمۇ بالىلارنى نابۇت قىلىشى مومكىن.

 

بۇرۇن بىر خىلۋەت جايدا بىر كۆل بار ئىكەن.بۇ كۆلنىڭ نامى ئاققۇ كۆلى ئىكەن.كۆلنىڭ ئوتتۇرسىدا بىر كىچىك ئارال بار ئىكەن.ئارالدا بىر ياشانغان بېلىقچى بوۋاي،مومىيى بىلەن بىللە تۇرىدىكەن.بوۋاي كېمىسى بىلەن كۆلدە يۈرۈپ بېلىق تۇتىدىكەن.موماي توخو توشقانلىرىنى بېقىپ ئۆيدە قالىدىكەن.ئۇلار تۇز ۋە ماي قاتارلىق تۇرمۇشقا كېرەكلىك بويۇملارنى سىرتتىن سېتىۋالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،سىرتتىكى كىشىلەر بىلەن ئانچە ئالاقە قىلمايدىكەن.كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى بىر توپ ئاققۇ بۇ ئارالغا كەپتۇ.ئۇلار جەنۇپ تەرەپكە قىشىنى ئۆتكۈزش ئۈچۈن ماڭغان ئىكەن.بوۋاي بىلەن موماي بۇ يىراقتىن كەلگەن مىھمانلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بوپتۇ.چۈنكى ئۇلار بۇ جايدا شۇنچە ئۇزۇن يىل تۇرغان بولسىمۇ،ھېچكىم ئۇلارنى كۆرگىلى كېلىپ باقمىغان ئىكەن.بوۋاي بىلەن موماي توخو باقىدىغان يەملىرى ۋە ئۇششاق بېلىقلىرى بىلەن ئاققۇلارنى مىھمان قىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر توپ ئاققۇ بارا-بارا ئۇلارنىڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپتۇ.ئۇلار ئارالدا ئەركىن –ئازادە يايلاپ يۈرۈپلا قالماستىن،بوۋاي بېلىق تۇتقىلى چىققاندا،كېمە بىلەن ئەگىشىپ ئۇچۇپ بوۋايغا ھەمرا بولىدىكەن.قىش كەپتۇ،لىكىن بۇ ئاققۇلار جەنۇب تەرەپكە قاراپ ئۇچماپتۇ.ئۇلار كۈندۈزلىرى كۆلدىن ئۇزۇقلۇق تېپىپ يەپ،كېچىسى ئارالدە ئارام ئاپتۇ.كۆل يۈزى مۇز تۇتقاندا،ئۇلار ئۇزۇقلۇق تېپىپ يىيىشكە ئامالسىز قاپتۇ.بۇ ۋاقىتتا بوۋاي بىلەن موماي كەپىسىنىڭ ئىشىكىنى يوغان ئېچىپ،ئاققۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىپتۇ.ھەم ئۇزۇقلۇق بېرىپ بېقىپتۇ.بۇ خىل كۆيۈنۈش باھار بەسلى كېلىپ قار-مۇزلار ئېرىگەنگە قەدەر داۋاملىشىپتۇ.كۈنلەر،ئايلار،يىللار ئۆتۈپتۇ.بوۋاي بىلەن موماي ھەر يىلى قىشتا ئاققۇلارغا ئاشۇنداق مىھرىبانلىق كۆرسىتىپتۇ.بىر يىلى بوۋاي بىلەن موماي ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئاققۇلارمۇ غايىب بوپتۇ.ئەمما ئۇلار جەنۇب تەرەپكە ئۇچۇپ كەتمەپتۇ،بەلكى شۇ يىلى قىشتا كۆل يۈزى مۇز تۇتقاندا ئۇزۇقلۇق تاپالماي توڭلاپ ئۆلۈپتۇ.
بەزىدە زىيادە كۆيۈنۈشمۇ كىشىلەرنى نابۇت قىلىشى مومكىن.سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەريانىدا،ھەمىشە بالىلارنىڭ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ قويۇشىدىن،تەرتىپنى بۇزۇشىدىن،ئويناۋىتىپ يىقىلىپ كېتىشىدىن،تازلىقنى ياخشى قىلالماسلىقىدىن ئەنسىرەپلا يۈرۈيمىز.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا كۈيۈندۇق دەپ كۆزىگە كىرىۋالىمىز.بۇ خىل كۈيۈنۈش ئۇلارنىڭ خاراكتىر جەھەتتىن ئاجىز،ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مومكىن.ئوقۇغۇچىلارمۇ بىر ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمىيەتتە ئۇچىراشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىراپ تۇرۇشى،قىيىنچىلىق جەريانىدا ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشنى ئۆگىنىۋىلىشى لازىم.

 

10.كىچىككىنە ئۈمىدتىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك لازىم.

 

بالىلار ئىككى ياشقا كىرىپ تۇنجى قېتىم چۈمۈلىنى كۆرگەندە بەلكىم نۇرغۇن ئانىلار بالىسىغا يۈرەكلىك ھالدا ئۇنى دەسسەپ مىجىۋىتىشكە ئىلھاملاندۇرشى مومكىن.لىكىن بۇ ھىكايىدىكى ئانا بالىسى تۇنجى قېتىم چۈمۈلىنى كۆرگەندە مۇلايىملىق بىلەن“ئوغلۇم!قارا،بۇ چۈمۈلە باللىرى نېمە دېگەن ئوماق،چۈمۈلە ئانا ئۇلارنى چوقۇم بەك ياخشى كۆرىدۇ“دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بالا بىر چەتتە تۇرۇپ چۈمۈلىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قىزىقىش ئىچىدە كۈزىتىپتۇ.ئۇلار بىرەر توساقتىن ئۆتەلمىسە،قولىنى كۆۋرۈك قىلىپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.بۇنى كۆرگەن ئانا ئىچ-ئىدىن خۇشال بوپتۇ.
كىيىن بالا چوڭ بولۇپ يەسلىگە كىرىپتۇ.بىر قېتىم ئۇ يولدا كېتىۋىتىپ يەپ بولغان بانان شۆپۈكىنى يەرگە تاشلاپتۇ.ئانا بۇ ۋاقىتتا ئايرىم ئانىلارغا ئوخشاش كۆرمەسكە سالماپتۇ.بەلكىن ئوغلىغا بانان شۆپۈكىنى ئالغۇزۇپ،ئەخلەت تۇڭىغا تاشلاتقۇزۇپتۇ.ئاندىن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ:
بىر قىزچاق ئاپىسىنىڭ تەربىيىسى بىلەن دائىم ئەخلەتنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلايدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈپتۇ.بىر قېتىم ئۇ مىۋە يەپ بولۇپ شۆپۈكىنى ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىماقچى بوپتۇ.لىكىن پەقەت يولنىڭ قارشى تەرپىدىلا ئەخلەت چېلىكى بار ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن قىزچاق ئەخلەتنى تاشلىۋىتىش ئۈچۈن يولدىن ئۆتۈپتۇ.ئاپىسى قىزچاققا قاراپ تۇرۇپتۇ.قىزچاق يولدىن ئۆتىۋاتقاندا،بىر ماشىنا ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى سوقۇپ ئۇچىرۋىتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئېلىشىپ قاپتۇ.ئۇ ھەر كۈنى قىزىنى ماشىنا سوقىۋەتكەن جايدا تۇرۇپ،كىشىلەر تاشلىغان ئەخلەتلەرنى تېرىپ،ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن.يەرلىك كىشىلەر بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ،قەتئىي قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدىغان بوپتۇ.ئۇلار شۇ جايدىكى ئەخلەت تۇڭلىرىنى پاكىز سۈرتۈپ پاقىرتىپ،تېشىغا ھېلىقى قىزچاقنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتىنى چاپلاپ قويۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر ئىنتايىن پاكىز ۋە گۈزەل شەھەرگە ئايلىنىپتۇ.
ھېكاينى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن،ئانا بالىسىنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.شۇنىڭدىن كىيىن بالا ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئەخلەت تاشلىمايدىغان بوپتۇ.
بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە چىقىپتۇ،ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋىتىپ تۇيۇقسىزلا دائىم دەرسكە كېچىكىدىغان بولۇپ قاپتۇ.مۇئەللىمى بالىنىڭ ئاپىسى بىلەن سۆزلىشىپتۇ.ئانا بالىنى تىللىماپتۇ ياكى ئۇرماپتۇ.لىكىن ئۇ ئۇخلاش ئالدىدا“بالام نېمە ئۈچۈن ئۆيدىن سەھەر چىقىپ كىتىپمۇ،مەكتەپكە ۋاقچە باردىڭ؟دەپ سوراپتۇ.بالا ئاپىسىغا ئەتىگەنلىكى كۆل بويىدىكى قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان مەزگىلدىكى ھالىتىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ كۈندە شۇ مەنزىرنى كۆرگىلى بېرىپ،مەكتەپكە مېڭىشنى ئۈنتۇپ،كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە،ئانا بالىسى بىلەن كۆل بويىغا بىللە بېرىپتۇ.
”پاھ!نېمە دېگەن گۈزەل،بالام سەن ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەنسەن“دەپتۇ ئانا،قۇياشنىڭ چىقىۋاتقان مەزگىلىدىكى كۆرۈنۈشنى تاماشا قىلىۋىتىپ.بۇ كۈنى بالا مەكتەپكە كېچىكمەپتۇ.كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن،ئۈستىلىدە ناھايىتى چىرايلىق بىر سائەتنىڭ تۇرغانلىقىنى،سائەتنىڭ ئاستىدا كىچىك بىر باغاقچىنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ.باغاقچىغا“قۇياشنىڭ چىققان مەزگىلىدىكى كۆرۈنىشى ئىنتايىن گۈزەل،قۇياش ھەر كۈنى يېڭى ھالىتىدە بىزگە كۆرۈنىدۇ.تېخىمۇ گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن،بىز ۋاقىتنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك“دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئىكەن.
كېيىن بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپتۇ، بىر كۈنى سىنىپ مەسئۇلى ئاپىسىغا تېلېفۇن بېرىپ،ئىنتايىن موھىم بىر ئىشنىڭ بارلىقى،دەرھال مەكتەپ بىر كېلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئەسلىدە ئوغىلى دەرس ۋاقتىدا ئوغۇرلۇقچە بىر پارچە رەسىملىك كىتاپنى كۆرگەن ئىكەن. ئۇ كىتاپنىڭ ئىچىدە يەنە بىر نەچچە پارچە يالىڭاچ بەدەن سۈرىتىمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ئاپىنىڭ مېڭىسىدىن ئوت چاقناپ كېتىپتۇ. ئاپا مۇئەللىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوغۇلىغا ۋاكالىتەن ھېلىقى رەسىملىك كىتاپنى قايتۇرۇپ ئەكەپتۇ. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئوغۇل كارۋىتىنىڭ بېشىدا ھېلىقى رەسىملىك كىتاپنىڭ تۇرغانلىقىنى،كىتاپنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە خەتنىڭ قويۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقاپتۇ. خەتتە: ئوغلۇم،ھايات گۈلگە ئوخشاش شۇنچىلىك گۈزەل. شۇڭىلاشقا بىر تال گۈل قۇرۇپ كەتسىمۇ، نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىز يەنىلا ئۇنى ئېسىمىزگە ئالالايمىز. بىر ئايال كۆز يۇمسا،مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ،ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىشىمىز مومكىن. مەسىلەن : لى چىڭجاۋ( سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق شائىرە،جىنەنلىك)، چيۇ چىن( جۇڭگۇ يېقىنقى زامان دېمىكۇراتىك ئىنقىلابىچىسى، فۇجيەن شيامىنلىق). ئوغلۇم، گۈزەللىك نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سېنى تەسىرلەندۈرگەن تەپسىلاتلارنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. مەسىلەن بىر تال يۇپۇرماقنىڭ تۆكۈلىشى، ئاپاڭ ساڭا توقۇپ بەرگەن بىر دانە پوپايكا، ئىلگىرى بەللىرىنى ئىگىپ تۇرۇپ ئاياق يىپىڭنى چىگىپ قويغان بىر قىزچاق……….. بىر كۈنلەردە، سەن چوقۇم رەڭدارلىققا ۋە ھاياتى كۈچكە تولغان كۆڭۈل چەشمىلىرىڭ بىلەن بارلىق كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرەلەيسەن. خۇددى مەن ساڭا كىچىك ۋاقتىڭدا سۆزلەپ بەرگەن ئەخلەت ساندۇقىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سۈرىتى چاپلانغان ھېلىقى قىزچاقتەك. ھەممە كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ بىر پەرىشتە…….
بۇ ئەقىللىق ئانا بالىسىنىڭ ھەر بىر ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن كىچىككىنە جايلىرىنى تۇتىۋىلىپ بالىسىغا ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن تەربىيە بەرگەن. بالىنىڭ ھاياتىدىكى كىچىكىنە ئۈمىد نۇرلىرىنىمۇ چوڭقۇر ئانىلىق مىھرى بىلەن قوغدىغان.بالىنىڭ كىچىكىنە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئاكتىپ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغان. شۇنداق، ئىلگىرى ئۆچۈرۋېتىلمىگەن ئاشۇ كىچىكنە نۇرلار،كەلگۈسىدە چاقناپ تۇرغان سان-ساناقسىز يۇلتۇزلارغا، ئاي ۋە قۇياشقا ئايلىنىپ،كىشىلەر قەلبىنى يۇرۇتقۇسى.
شۇڭا بىزمۇ سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى جەريانىدا بالىلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىدە چاقنىغان كىچىككىنە ئۈمىد نۇرلىرىغىمۇ سەل قارىماسلىقىمىز.كەمچىللكلىرىنى ئارتۇقچىلىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
خۇلاسە
بۇ ھېكايىلەرنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتۇپ،كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىپ باقايلى،ھېس قىلىپ باقايلى. تەلىم-تەربىيە خىزمىتىمىزنىڭ ئەقلىيلىككە كۆتۈرلىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ ئەقىل كۆزىمىزنىڭ بولىشى كېرەكلىكىنى ئونتۇپ قالمايلى.باللىرىمىزدا چاقنىغان ھەر بىر دەستە ئۈمىد نۇرلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى نۇرلۇق چولپانلارغا ئايلىنىپ كائىناتنى يۇرىتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن گۈزەل مەنزىرىنىڭ ھەر بىرىمىزگە ئوخشىمىغان ئىستىتىك زوق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1938

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-02-25
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: