پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە توختىلىپ باقتىم

 

 

پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدە توختىلىپ باقتىم

 

          پەرزەنت تەربىيىسى ھازىر كۈندىن-كۈنگە ھەممە مىللەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. جۈملىدىن دەۋىرنىڭ تەرەقىيات رېتىملىرىغا ماسلىشىشنى ئارزۇ ۋە ئۈمىد قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەمما، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، بىلىم قۇرۇلمىسى، دۇنياقارىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن پەرزەنت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ سالمىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ كىتەلەيدىغانلار يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا. ئۆزۈم ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغاندىن بۇيان بۇ مەسىلە ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ۋە سىنىپ مەسئۇلۇق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئالدىمىزدا ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئۇچۇرىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش جەريانىدا بۇ ھەقتە بىزدە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. ئاتا-ئانىلارنى قانداق قىلغاندا، باللىرىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ ئويلاندىم. تۆۋەندىكى مەلۇم بىر يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى دېھقان ئاتا-ئانىلارغا سۆزلىگەن نۇتۇقۇمنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنلىرى بولۇپ، مەن نۇتۇقنىڭ ئوبىكتى بولغان كىشىلەرنىڭ قۇبۇل قىلىش دەرىجىسىنى نەزەرگە ئېلىپ ئالدى بىلەن ئىسلادىندىكى ئىلىم ئۆگىنىشكە ۋە پەرزەنت تەربىيەلەشكە دەۋەت قىلغان بىر قىسىم كۆز قاراشلاردىن باشلىدىم. ھازىر مائارىپتا دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئارىلاشتۇرۇش ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. لېكىن بۇ نۇتۇقنىڭ ئوبىكتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كەڭ دېھقان ئاممىسى بولغاچقا، مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە مۇخالىپ كەلمەس دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، مېنىڭ مەقسىتىم، دىننى تەشۋىق قىلىش بولماستىن، بەلكى، دىننى توقتىنەزەرلەر ئارقىلىق كىشىلىرىمىزگە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ھەم ھېس قىلدۇرۇشتۇر.

           تۆۋەندە بۇ نۇتۇقنىڭ بىر قىسىم مۇھىم نوقتىلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى. ئەلۋەتتە، نۇتۇق سۆزلەش جەريانىدا نۇرغۇن تەرەپلەرنى تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇ يېشىملەرنى بۇ يەردە بىرمۇ-بىر ئوتتۇرغا قويۇشنىڭ ئانچە زۆرۈريىتى يوق دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، پەرزەنت تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى بۇ نوقتىنەزەرلەرنى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئۆزى ئويلىنىپ كۆرسە، باشقىلار دەۋەت قىلمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان دەرىجىگە يەتسە، بۇنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى ئۈنىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايمەن.

 

1.بىر قىسىم دىنى نوقتانەزەرلەر

 

        ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر(سۈرە“كەھف“18-سۈرە،46-ئايەت)

 

       ئى!مۆئىمىنلەر!ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان،رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاقتىن ساقلاڭلار.

سۈرە ”تەھرىم“66-سۈرە،6-ئايەت.

 

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

        بەندە ئۆمۈرىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى،بىلىمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى،ئىقتىسادنى قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە قەيەرگە خەجلىگەنلىكى ،جىسمىنى نېمە ئىشلارغا سەرىپ قىلغانلىقى توغرسىدا سوراق قىلىنماي تۇرۇپ،مەھشەرگاھتىن مىدىرلىتىلمايدۇ.(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :سىلەر ھەممىڭلار پادىچى،ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى پادىسىغا مەسئۇل“. (بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

    ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: ﺋﯩﻠﯩﻢﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎﭘﻪﺭﺯ»دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)

 

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:ئادەم ئۆلسە ئۇ كىشىگە ساۋاپ يېتىدىغان ئەمەللەر تۈگەيدۇ.لىكىن ئۈچ نەرسىدىن ئۇنىڭغا ساۋاپ يىتىپ تۇرىدۇ.بىرىنچىسى،سەدىقە جارىيە(خەلقنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەسچىت،يول كۆۋرۈك،قۇدۇقتىن ئىبارەت)؛ئىككىنچىسى،ئىلىم ئۆگەتكەن بولسا(شۇ ئىلمى بىلەن خەلقنى توغرا يولغا باشلىغان بولسا)؛ئۈچىنچىسى،ياخشى پەرزەنتى بولسا(ئاتا-ئانىسىغا داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرسا)،مۇشۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئۇ ئادەمگە مەڭگۈ يىتىپ تۇرىدۇ.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

     ھەر قانداق بالا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ،كىيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي قىلىپ چىقىدۇ.يا ناسارا قىلىدۇ يا مەجۈسى(ئاتەشپەرەس)قىلىدۇ.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

      پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:كىمنىڭ بىر قىزى بولۇپ ئۇنى ياخشى تەربىيلىسە،دوزاقتىن پەردە بولىدۇ.

       ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيۇللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،بىر ئەرەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قىيامەت قاچان بولىدۇ؟دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :ئىشەنچ يوقالغاندا،قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ،دېدى.ئەرابى:ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىقى قانداق بولىدۇ؟دەپ سورىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلغان چاغدا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ،دېدى.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

      ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئىلىمنى يوقىتىۋەتمەيدۇ،بەلكى بىلىملىك بەندىلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ-دە، بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلىممۇ يوقىلىدۇ. ھەتتا بىرەر بىلىملىك كىشى قالمىغان چاغدا، كىشىلەر ئاشۇ نادان، بىلىمسىز ئىماملارنى ئۆزلىرىگە باشلامچى قىلىدۇ. ئۇلار نادان، بىلىمسىز بولغاچقا، ئۆزى يامان يولغا ماڭىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىمۇ ئازغۇنلۇققا باشلاپ كىرىدۇ“.

                                      -ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

 

      2.ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلىرىدىكى نوقتانەزەرلەر

 

ئادەمنىڭ بىلىمى دۆلەت،بىلىمسىزدە قۇرۇق سۆلەت.

ئادەمنى بىلىمم يۇرۇتار،ئالەمنى كۈن يورۇتار.

ئاقىلدىن ھىممەت ياغار،ناداندىن كۈلپەت ياغار.

ئالىمنىڭ ئۆلگىنى ئالەمنىڭ ئۆلگىنى.

ئەقىل بىلىم بۇلىقى،بىلىم ھۈنەر چىرىقى.

ئەقىللىق ئادەم يېقىملىق ئادەم.

ئەقىللىق پۇل تاپسا،تايغا مىنىپتۇ؛ئەقىلسىز پۇل تاپسا،لايغا مىنىپتۇ.

بىلىم ئالمىغان ياش،تام تۈۋىدىكى تاش.

بىلىمسىز بالا ،ئەقىلسىز كالا.

تېرىمىغانغا بىر يىل پۇشايمان،ئوقۇمىغانغا يۈز يىل پۇشايمان.

      -ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن

 

      ئۇنىڭدىن باشقا بىزدىكى پەرزەنت تەربىيسى ۋە ئىلىم ئۆگۈنىشنىڭ موھىملىقى ھەققىدىكى نوقتانەزەرلەرنى تۆۋەندىكى مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنىڭ ئىبرەتلىك ۋە مەنىلىك كۆز قاراشلىرى يەنىمۇ بىر قەدەم ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

 

تۇغۇلسا ئاي كەبى ساڭا قىز- ئوغۇل،

ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

ئوغۇل-قىزغا ئۆگەت بىلىم ھەم ئەدەپ،

بېرۇر بۇ ئاڭا ئىككى دۇنيادا نەپ.

كىچىك چاغدا قويسا ئوغۇلنى ياۋا،

ئوغۇلدا گۇناھ يوق،ئاتىغا جاپا.

ئوغۇل-قىز خۇي-پەيلى بولسا يامان،

يامان قىلغان ئاتا بۇلارنى ھامان.  

                                                                                                                              -يۈسۈپ خاس ھاجىپ

 

تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى،

ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى.

ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى،

ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى.

پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا.

ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇل ئەلا.

ئىلىمدۇر بىباھا،قازسا پۈتمەس كان.

ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان.

ئىلىملا نىجاتلىق بېرەر مەڭگۈلۈك،

بىلىملىك ھاياتتۇر جاھىللار ئۈلۈك.

ئى ياش بىل،جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك.

نادانلىق زۇلىمىغا رازىدۇر ئىشەك.

                                        

      مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقى نېمە سەۋەبتىندۇر؟

ئىككى سەۋەبتىندۇر: بىرى نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك . يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ۋە ئىختىلاپتۇر. 

                                                                 _   ئابدۇقادىر داموللا

 

        3. چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم قاراشلىرى

      بالا تەربىيەلەشكە ۋاقىت يوق دىگەنلىك ، ئادەم بولۇشقا ۋاقىت يوق دىگەنلىك بولىدۇ.

                                                                                                                         -سۇخومۇلىنسكىي

     بىر يىللىق پىلان زىرائەت تېرىغانغا ئوخشايدۇ، ئون يىللىق پىلان دەرەخ قويغانغا ئوخشايدۇ، ئۆمۈرلۈك پىلان ئادەم تەربىيەلىگەنگە ئوخشايدۇ.

                                                                                                                           –گۇەنزى

       گۈزەل ئەخلاق، ياخشىلىقلارنى بالىلىرىڭىزغا قالدۇرۇڭ.ئۇلارغا بايلىق قالدۇرماڭ، پەقەت مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا ئۇلارغا بەخت ئېلىپ كېلەلەيسىز.بۇمېنىڭ تەجىرىبەمدىن كەلگەن سۆز.

                                                                                                                     _بېتخوۋېن

         ئادەمگە نىسبەتەن تەربىيە تۇغۇلغاندىلا باشلىنىدۇ، ئۇ سۆزلەشنى ئاڭلاشنى بىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇ تەربىيەلىنىۋاتغان بولىدۇ.

                                                                                               –لۇ سو

       ئادەملەر بالىلىق بولماسلىقى كېرەك ، ئەگەر بالىلىق بولسا ئوقۇتۇشى كېرەك.

                                                                                              –پلاتۇن

      ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻳﺎﺵﺩﻩﺭﻩﺧﻜﻪ ﺋﯘﻳﯘﭖ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯘﻻﺭﺩﻩﺭﻩﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺳﯩﺪﯗ ، ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﺍﻟﻤﺎﺱ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

                                                                                                -ﮔﻴﯘﮔﻮ

      ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ-ﺳﺎﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.

                                                                                    – ﻟﻮﻛﯩﻚ

     ﺑﺎﻟﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻮﺧﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯩﺶ.
                                                                      

                                                                                                 – ﺑﯩﺘﺨﻮﯞﯨﻦ

     ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﯗ ﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺟﺎﻱ ﺩﻩﭖ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﺴﯘﻥ ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ .

                                                                                                     -ﺋﻮﯞﯨﻦ

 

       دېمەك، مەن بۇرۇن“ بالا دېگەن نېمە؟(?p=1223)“ دېگەن قىسقا تەرجىمە ئەسىرىمدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، بالا ئۇ پەقەت ئىككى پۇتلاپ ئالدىمىزدا مىڭىپلا يۈرۈيدىغان ئەرمىكىمىز ئەمەس.بالىنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، قانداق ئادەم بولىشى ئۇنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تەربىيەلىنىشىگە باغلىق. يۇقارقى مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن نوقتانەزەرلەر ئىچىدە جايىغا چۈشمىگەن ياكى خاتا كەتكەن جايلار بولسا، تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەنقىد پىكىرلىرىنى بېرىشىنى، ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بۇ يازمىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، بېيىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2262

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-07-11
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: