لوپنۇردىكى قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى(سۈرەتلىك)

ۋاقتى: 2011-08-16 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 740 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى1-گۇرۇپپا

قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان قەدىمكى كۆچمە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائى سەنئىتىنىڭ خېلى موھىم ئىزىدىن ئىبارەت. قىيا تاش رەسىملىرى  لوپنۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ شىڭدى جىلغىسىدا بولۇپ، شىنجاڭدا خېلى بۇرۇن بايقالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆلىمى خېلى چوڭ قىيا تاش رەسىملىرىدۇر. رەسىم سىزىلغان قىيا تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 مېتىر، ئىگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مىتىر بولۇپ، چوڭ-كىچىك رەسىملەر ئاز-كەم 300 گە يېتىدۇ. رەسىملەرنىڭ سىزىلىپ تۇرغان ۋاقتى خېلى ئۇزۇن، مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ.

 

 

قۇرۇقتاغ ئوتتۇرا گۇرپپىدىكى قىيا تاش رەسىملىرى (ئۈچ قەۋەت)

 

قىيا رەسىملىرى ئىچىدە ھايۋاناتلارنىڭ رەسىمى كۆپرەك بولغاندىن تاشقىرى يەنە ئوۋ ئوۋلاۋاتقان،مال بېقىۋاتقان، دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزىۋاتقان،ئۇسسۇل ۋە سېرىك ئويناۋاتقان،ئۇرۇش قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر،بىنا ، ھارۋا قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى، شۇنداقلا يېزىق،بەلگىلەر بار. ئۇلار ئىچىدە ئوۋ ئوۋلاۋاتقان كۆرۈنۈش، ئات بېقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايىتى چوڭ،مەنىسى خېلى چوڭقۇر بۇلۇش بىلەنلا قالماي،سەنئەت جەھەتتە ئادەتتىكى قىيا تاش رەسىملىرىدىكىدەك تەكشىلىكتە شەكىل ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى بۇزۇپ تاشلانغان. ئۇلار مەلۇم چوڭقۇرلۇققا ۋە قاتلاملىققا ئىگە. بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنى ھون دەۋرىگە مەنسۈپ دېگۈچىلەرمۇ، ھونلاردىن بۇرۇنقى ساكلار دەۋرىگە مەنسۈپ دېگۈچىلەرمۇ بار.

 

 

قورام تاشقا چېكىلگەن رەسىملەر

3- گۇرپىدىكى بىر قىسىم رەسىملەر

قۇرۇق تاغدىكى بۇيانتۇ بۇلاق دەرياسى جىلغىسىدىكى قىيا تاش رەسىملىرى بار تاغنىڭ ئومۇمي كۆرۈنىشى

3-گۇرۇپپىنىڭ سول يېنىدىكى رەسىملەر

ئوتتۇرا گۇرۇپپا قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئوڭ تەرىپى ۋە 3-گۇرۇپپا قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشى

ئاخىرقى بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى رەسىملەر

قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى بار جايدىن بايقالغان مۇڭغۇلچە ئۈچ سۆز

 

 

 

ماقالىنىڭ مەنبەسى: لوپنۇر ناھىييىسى تەزكىرىسى

 

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:فولك برىگماننىڭ ”شىنجاڭ ئارخېئولوگىيىسى“ناملىق كىتابى

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/08/16 12:52:41

    قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز تېخى يېزىق ئىختىرا قىلىنمىغان شۇ ئۇزۇن دەۋردە ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى،ئويلىغانلىرىنى،مۇھىم پائالىيەتلىرىنى،خاتىرە كۈنلىرىنى،تۇتىمىنى ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلارنى مانا مۇشۇ تاشلارغا تۈرلۈك شەكىللەردە ئۇيۇپ ساقلىغانمىكىن دەيمەن،بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم،ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىم بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • lopnuri
      2011/08/16 15:14:09

      مېنىڭچىمۇ شۇنداق.پىرفىسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىنمۇ قىيا تاش سۈرەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ھەققىدە توختالغاندا،قىيا تاش سۈرەتلىرىنىڭ ئەينى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ تىۋىنىش ۋە ئېتىقاد تەققازاسىغا ماسلاشقان ھالدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى،شۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ ئوۋچىلىق،تېرىقچىلىق،ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش قاتارلىق تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى،بۇلارنىڭ شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئېتنىك تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغان قويغان.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif