قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئاقچىراق يېقىش ئادەتلىرى توغرىسىدا

 

قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئاقچىراق يېقىش ئادەتلىرى توغرىسىدا

 

 

باقىر ئىبراھىم

 

لوپنۇردىكى قاراقوشۇنلۇقلاردا ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ ھازىرغىچە ئۈدۈم بولۇپ كېلىۋاتقان، ئاقمازار ①غا ئاتاپ ئاقچىراق ياقىدىغان قائىدە، قاراقوشۇنلۇقلارئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىر خىل دىنىي تۈس ئالغان خۇراپى كونا ئۆرپ-ئادەتتۇر. چاقىلىق،مىرەن قاتارلىق جايلارغا ساياھەت ۋە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، شۇ جايدىكى يەرلىك پىشقەدەم كىشىلەرنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەتلىشش، شۇنداقلا جەمەتىمىز ئىچىدىكى ئاقچىراق  يېقىشنى بىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن توپلىغان ماتېرىياللىرىمغا ئاساسلىنىپ،بۇ ئۆرپ-ئادەتنىڭ قاچان؟ قەيەردە؟ مەسە(پەيدا)بولۇپ لوپنۇر زېمىنغا يېتىپ كېلىش تارىخى،شۇنداقلا قاراقوشۇنلۇقلار نېمە سەۋەپتىن بۇ ئادەتنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن؟ ئۇلار قانداق ئشلارغا يولۇققاندا ئاقچىراق يېقىپ چاچىراتقۇ سالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى تۆۋەندە تەپسىلى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

لوپنۇر تارىخىدا بۇرۇنقى چارا، چوڭكۆل ،باش ئاقسۇپى، قاتارلىق جايلاردا تەبىئىي مەھەللە بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاپ كەلگەن بىز قاراقوشۇنلۇقلار، قەدىمكى ئابدال بەگلىگىنىڭ خانى كۈنچىققانبەگنىڭ ھۇلادى(ئەۋلادى) بۇرۇنقى ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاقمازار تەرەپتىن كەلگەن دەپ، ئاقچىراق ئاتامدىن مەدەت تىلەپ ئاقچىراق يېقىپ چاچىراتقۇ سالىدىغان  ئادەت ھازىرغىچە ئۈدۈم بولۇپ داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن تارىخى ئەسلىمىلەرگە قارىغاندا، ئالتۇنتاغنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى دۇخان خانلىقى تەۋەسى ئاقجايدىن سۈرگۈن قىلىنپ،مىرەننىڭ كۈنپېتىش تەرىپىگە   880ئوق يىتىم②كېلىدىغان ئاقچىدۆڭ③دىگەن يەردە ئولتۇراقلاشقان،قازاق قىزاي قەبىلىسىنىڭ قامۇرۇن پۇشتىدىن بولغان قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ھۆرمەتلىك ئاتامانى،مۇياتلىق    ئۇرپاقبېگى④توقتاتقانباي قاراچىچەك كېسىلى بىلەن ئاغرىپ 1780-يىلى6-ئايدا 84يېشىدا قازاقىلىپ،جەسىتى مىرەندىكى ئاقچىدۆڭ تۆپىلىكىگە دەپىنە قىلىنغان. ئاتىسىنىڭ ئۇرپاقبەگلىك ئورنىغا ۋارسىلىق قىلغان ئابدال بەگلىگنىڭ خانى كۈنچىققانبەگ، ئاتىسى دەپنە قىلىنغان ئاقچىدۆڭ قەبرىستانلىقىنى ئاقمازارىمىز دەپ بېكىتىپ،ھەريىلى پۇتۇن بەگلىك بويىچە ئاقمازارغا ئاتاپ داغدۇغىلىق نەزىر-چىراق ئۆتكۈزگەن. ھەم بۇ زاتنىڭ ئاقبۆزدە تىكىلگەن باش بۆكىنى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلىغان.شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ تەۋەرۈك نەرسە، چوڭكۆلدىكى قاراقوشۇنلۇقلار ئارىسىدا ھازىرغىچە 6 ئەۋلاد200يىلدىن ئارتۇق ساقلىنىپ كەلگەن.ئاقمازارنىڭ ئورنى توغرىسىدا 2006-يىلى كۈزدە خىزمەت مۇناسىۋتى بىلەن چاقىلىققا بارغىنىمدا،مىرەندىكى 36-تۇەن مەيدانىنىڭ غەربىگە 44 كىلۇمېتىر كىلىدىغان ئاقمازار دىگەن جايغا بېرىپ تەكشۈرۈشۈمچە، ھازىرمۇ شۇ يەرلىك ئادملەر بۇ قەۋرىستانلىقنى ئاقمازار   (白沙玛扎尔) دەپ ئاتايدىكەن. ئېيتشلارغا قارىغاندا، كېيىن قاراقوشۇنلۇقلار يۇقۇملۇق قاراچىچەك كېسىلىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرۇپ،يەر سۇ ئېقىنلارنى قوغلىشىپ ئۆگەن(تارىم) قۇمدەريا(كۆنچى) دەريالىرنى بويلاپ كۈنپېتىشقا جەمەت بويىچە كۆچۈپ قاراقوشۇن، ئابدال، قاراچاچ كۆكئالا، قورۇل كوناچوڭكۆل، ئەۋەيلە قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقاندىمۇ يەنىلا ئاقمازارغا چوقۇنۇپ، ئاقچىراق يېقىش ئادتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئەجدادى ئەزەلدىن كۆچمەن ھالەتتىكى چارۋىچىلىق،بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئاھالە بولۇپ، ئۇلار ئۇزۇن يىللار مابەينىدىكى ئىجتىمائى تۇرمۇش جەريانىدا، تۇرلى قۇم-بوران قۇرغاقچىلىق تەبىئى ئاپەتلىرى ۋە گاۋا ئاغرىغى(ۋابا) يامان كىسەل(قاراچىچەك) ئسسىق كىسەل(قاراكىزىك ) قاتارلىق يۇقۇملۇق كىسەللەردە نەچچە ئەۋلاد پۇقرا ئۆلۈم-يىتىم تالاپىتىگە    ئۇچىرىغاندىن باشقا، ئات-كالا،  قوي-ئۆچكە  قاتارلىق  جاندارلاردا ئاقسىل، ئاقچىچەك، قاراسان، كۆيدۈرگۈ، قوتۇر، مىجىق، جىنمەك، تىكىنەك، يالاڭدۇر، ياگابەدە، چۈرۈلمەچ كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈپ  نۇرغۇن مال- چارۋا كېسەلدە ئۆلۈپ ناھايىتى ئېغىر زىيان بولغان. ئەينى دەۋىردىكى خان-بەگلىكلەر ۋە كىشىلەردە،تۈرلۈك ئاپەت، يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ ساقايتىش تېخنىكىلىق ئىقتىدارى بولمىغانلىقتىن، ئامالسىز قالغان ئاۋام-پۇقرا، ئاقچىراق يېقىپ تەڭرىدىن ئائىلىسى ۋە مال-چارۋىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ نەزىر-چىراق ئۆتكۈزىدىغان دىنىي ئادەت شەكىللەنگەن.  ئاقچىراق يېقىشنىڭ قائىدسى مۇنداق:

 ئاقچىراق ياقتۇرماقچى بولغان ئۆي ئىگىسى ئالدى بىلەن قۇرئان ساۋاتلىق موللا كشىنى تەكلىپ قىلىپ، قۇرئان-تىلاۋەت قىلىنىدۇ. چويۇندا قۇيۇلغان كۆمەشتان ياكى قوغقا كۆمۈپ پىشۇرۇلغان بىر توم نان تەييارلىنىدۇ. غېرىچ ئۇزۇنلۇقتىكى ئاقتىكەن ياغىچى ئۇچىغا پاختا يۆگۈلۈپ يەتتە دانە شامپىلكۈچ تەييارلىنىپ سۇ مىيىغا چىلىنىدۇ. ئاندىن كىيىن نان ئۈستىگە ئايلانما شەكلىدە يەتتە پىلكۈچ قادىلىپ،پىلكۈچكە ئوت يېقىلىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان موللام دۇرۇت ئوقۇپ ئاقچىراق ياققۇزغۇچىنىڭ  ئائىلە ئەزالىرىنى ئوت يېقىلغان شامغا تېۋىندۇرۇپ، تەڭرىدىن ئائىلىسى ۋە مال-چارۋىلىرىنىڭ بالا-قازا،  خىيىم-خەتەرلەردىن، يامان كېسەللەردىن ساقلىشىنى تىلەپ دۇئاغا قول كۆتەرگۈزىدۇ. ئاخىرىدا كۆيۈپ بولغان شام كۈلى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پىشانسىگە سۈركىلىدۇ، ھەم كېسەل كۆرۈلگەن چارۋا-ماللارغا سېپىلىپ،ئاقچىراق ياققان موللامغا مۇۋاپىق ھەق بېرىلىپ رازى قىلىنىدۇ. كېيىن بۇ ئادەت تەرەققى قىلىپ چاچىراتقۇ سىلىش، دولۇ قاراش، يەنى:“ ئۇلۇغلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئسمىغا تەقلىد قىلىپ، بۇغداي خېمىرىدىن كىچىك كۇمىلاچ ياساپ قازاندا قىزدۇرۇلغان ياغقا سالىدۇ، خېمىر كۇمىلىچى قازاندىن چاچىراپ چىقمىسا ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى، ئەگەرقاتتىق چاچىراپ چىقىپ كەتسە يامانلىقنىڭ بىشارىتى دېيىلىپ،ئاقچىراق يېقىپ تۆۋە ئستىغپار ئوقۇلۇپ، ئاقچىراق ئاتام ئۈچۈن نەزىر-چىراق ئۆتكۈزۈلگەن“.

ئۇنىڭدىن باشقا قاراقوشۇنلۇقلارنىڭ ئارىسىدا دولۇ قاراپ پال ئاچتۇرۇپ پۇل، مال-مۈلۈك،نەرسە-كېرەكلىرى ۋە مال-چارۋىلىرى يۈتۈپ كەتسە، بېلىقنىڭ دولا سۆڭىكىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، كۆيگەندىن كېيىنكى قاپارتما، سىزىق شەكىللىرىگە قاراپ، يوقالغان سەۋەبى، ۋاقتى،ئالغۇچى ۋە باشقا زىيانلارغا ئابېستىراكىت ھالدا پەرەز قىلىش ئادىتى ساقلىنىپ كەلگەن. يوقىرقىلار  چوڭكۆل چارۋىچىلىق فېرمىسى،چوڭكۆل كەنتى،ئاقسۇپا يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى قاراقوشۇنلۇقلاردا بىرقەدەر ئومۇمىلاشقان دىنىي ئادەت بولۇپ،ھازىرقاراقوشۇنلۇقلارنىڭ  6-ئەۋلادلىرىغىچە   داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

ئىزاھات:

①ئاقمازار:چاقىلىق ناھيىسى مىرەننىڭ غەربىگە  44كىلومېتر كىلىدىغان قەۋرىستانلىق.

②ئوق يېتىم؛بىرئوقيا ئوقى يېتم50قەدەم.

③ئاقچىدۆڭ؛چاقىلىق مىرەندىكى36-تۈەن مەيدانىنىڭ غەربىدىكى جاي.

 (4)ئۇرپاقبېگى؛ئەۋلادلىرىغا مىراس قالىدىغان مەنسەپ.  

ئاپتور: باقىر ئبراھىم جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى

 لوپنۇرتارماق بانكىسىنىڭ پنسىيۇنېرى 2011-يىلى يانىۋار

 

مەنبە:لوپنۇر لېنىيىسى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=708

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-10-13
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 2دانە
  1. قوينىڭ دولىسىدىكى تاغاق ئۇستىخانغا قاراپ پال ئاچىدىغان ئىش قومۇل تاغلىرىدىمۇ بار. لېكىن بۇ توغرىسىدا تەپسىلى ئىزدىنىپ باقماپتىمەن. مۇشۇنداق ئىنچىكە نەرسىلەرنى توپلاپ قويساق بولىدىكەن جۇمۇ. لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھاياتىغا، تۇرمۇش ئادىتىگە بەك قىزىقىمەن. بولسا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى يوللاپ قويسىڭىز.

    • ھازىر قولۇمدا لوپنۇرغا ئائىت ھەر خىل تىلدىكى ماتىرىياللار خېلى كۆپ. شۇ مۇشۇ ماتىرىياللارنى رەتلەپ بلوگقا يوللاشقا ۋاقىت يېتىشمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى كۆپلەپ يوللىشىم مۇمكىن. چۈنكى، بۇ بىلوگنى ئېچىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتىمنىڭ بىرى دەل. لوپنۇر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش، بىر تەرەپتىن ئۆزۈم ئۆگەنگەچ يەنە بىر تەرەپتىن لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى،مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ تور ئەھلىگە كۆپلەپ سۇنۇپ كىشىلەرگە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش.شۇ ئارقىلىق ئۆز ئەتىراپىدىكى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ئېچىشقا،يەرلىك مەدەنىيەتتىكى قىزىلمىغان بايلىقلارنى قېزىپ چىقىشقا ئىلھام بېرىش.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: