لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر

ۋاقتى: 2011-10-14 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 119 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلاردىن لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ

 ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر

ئەلى ئەمەت

(بۇ ماقالە شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ 2011- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىنغان)

مۇھىم مەزمۇنى: ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق قەدىمكى دەۋر ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ماقالىدە، لوپنۇر رايونىغا جايلاشقان بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىللار بۇرۇنقى مەدەنىيەت تىپىغا تەۋە بولغان كىچىك مۈرەن (قۇم دەريا)، گۇمۇگۇ، تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقلىرىدا ئەكس ئەتكەن دەپنە ئادەتلىرى ۋە بۇ قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلانغان ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق تىپلىرى توغرىسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: لوپنۇر؛ قەدىمكى ئاھالىلەر؛ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق

ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە دىندىن ئىبارەت بۇ ئىجتىمائىي ھادىسە ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارغا ھەمرا بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تولۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كەلمەكتە. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، سىنىپ شەكىللەنمىگەن دەۋرلەردىلا كىشىلەردە ئىپتىدائىي دىنىي ئاڭ شەكىللەنگەن. ئىپتىدائىي دىنلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپادىلىنىش شەكلى دەل بىز دەۋاتقان ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقتۇر.

ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرى تەرەققىي قىلمىغان ۋە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان شارائىتتا، ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى ناھايىتى چەكلىك بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش، چۈشىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلاردا پەقەت ۋە پەقەت تەبىئەتكە بويسۇنماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى. مانا مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەر خىلمۇ خىل تەبىئەت ھادىسىلىرى، ئاسمان- زېمىن، تاغ- سۇ، دېڭىز- ئوكيان، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تىپىك بولغان «كۆپىيىش» ئىقتىدارىنى ۋە باشقلارنى ئىلمىي ھالدا چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى بىر خىل ئىلاھىي سېھىر كۈچ دەپ قاراپ، بارا- بارا ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق بارلىققا كەلدى.

19- ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇن ئالىملار ئىنسانشۇناسلىق، پەلسەپە ۋە دىنشۇناسلىق قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇقتىلار بويىچە، دىننىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى، ماھىيىتى ۋە رولى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ئەنگلىيەلىك داڭلىق ئىنشانشۇناس تايلور (E· B· Tylor) «بارلىق مەۋجۇدىيەتتە روھ بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت ئانىمىزملىق كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بۇ خىل ئىشىنىشنى بارلىق دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارىدى[①] ؛ ئەنگلىيەلىك ئىنسانشۇناس فىرازېر (James Geoege Frazer) بولسا «ئىنسانلارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ  تەرەققىياتى‹پېرىخونلۇق ← دىن ← پەن›دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن»[②] دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ دىنشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى گېرمانىيەلىك ئالىم ميۇللېر (Mueller) «تەبىئەت ئىلاھچىلىقى نەزەرىيەسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «دىننىڭ كېلىپ چىقىشى ـــ ھەرخىل تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇشتىن كەلگەن، دىن ۋە ئەپسانىۋى ئىلاھ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت شەيئىلىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئادىمىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت»[③] دەپ قارىدى؛ ئەنگلىيىلىك ئالىم سېپنسىر (Herbert Spencer) بولسا «بارلىق دىنلار ئەجدادقا چوقۇنۇشتىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن»[④] دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ئەنگلىيەلىك روبىنسون شىمىس (Robinson Smith)، فرانسىيەلىك ئېمىل دورىكخام (Emile Durkheim)، ئاۋستىرىيەلىك فىروئد (S·Freud) قاتارلىقلار «توتېم ئېتىقادچىلىقى بارلىق دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى»[⑤] دەپ قارىدى. دېمەك، دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى توغرىسىدا ھەرخىل كۆز قاراشلار مەجۇت. بىز بۇ كۆز قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرساق، ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ بارلىق دىنلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭغا قارىتا تەبىئەتكە چوقۇنۇش، جىنىسقا چوقۇنۇش، ئەجدادقا چوقۇنۇش، توتېم ئېتىقادچىلىقى (دەل-دەرەخ توتېمى، قۇش توتېمى، ھايۋانات توتېمى)، خاسىيەتلىك سانغا چوقۇنۇش ۋە كۆك تەڭرىگە چوقۇنۇش قاتارلىق مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. ئۇنداقتا، بىز ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغان ھالدا لوپنۇر رايونىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.

لوپنۇر ئىنسانلار پائالىيىتى بىر قەدەر بالدۇر باشلانغان رايونلارنىڭ بىرى، بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەر پارلاق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان. تارىختا بۇ رايون غەرب- شەرق ئالاقىسىدىمۇ ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق يىپەك يولى چاڭئەندىن باشلىنىپ، دەل لوپنۇرغا كەلگەندە جەنۇب ۋە شىمال لىنىيەلەرگە ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان ۋە ياۋروپالارغا تۇتاشقان. ھەر ئىككى لىنىيەدىن كەلگەن راھىپ، سودىگەر، دىن تارقاتقۇچى ۋە ئەلچىلەر لوپنۇردا ئۇچراشقان بولۇپ، بۇ جاي مەدەنىيەتلەر گىرەلەشكەن مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلار نەتىجىسىدە بۇ جاي بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن ساقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بۇ جايغا كېلىدىغان چەت ئەل ئېكسپېدىتسىيەچىلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بولۇپمۇ شىۋېتسىيەلىك سېۋىن ھېدىننىڭ كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى نەتىجىسىدە، بىر مەھەل كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن يوقالغان بۇ يۇرت باشقىچە جانلىنىشقا باشلىدى. قىسقىغىنە 50 يىل مابەينىدە ئېلىمىز ئارخېئولوگلىرىنىڭ بۇ رايوندا گۇمۇگۇ، يىڭپەن، كىچىك مۈرەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنى قېزىشى ۋە تەتقىق قىلىشى نەتىجىسىدە، لوپنۇر رايونى يەنە بىر قېتىملىق قاينام- تاشقىنلىق دەقىقىلەرنى كۈتىۋالدى.

دېمەك، لوپنۇر تارىخى ئۇزۇن رايون بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ جايدا ياشىغان قوۋملەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. بولۇپمۇ لوپنۇردىن تېپىلغان قەبرىلەر ۋە قەبرىلەردىن بايقالغان بۇيۇملاردا بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىق ئەھۋاللىرى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، تۆۋەندە بۇلار ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. جىنىسقا تېۋىنىش

جىنسىي ئالاقە ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىپ زورىيىشىنىڭ تۈپ نېگىزى بولغاچقا، جىنىسقا تېۋىنىش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردە ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ، ئەڭ دەسلەپتە ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتى ناھايتى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ بەدەنلىرىدىكى جىنسىي پەرق ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، جىنسىي ئىقتىدار ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تولىمۇ سىرلىق بىر خىل كۈچ دەپ چۈشىنىشتىن تەرەققىي قىلىپ بارلىققا كەلگەن بىر خىل تېۋىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، جىنىسقا تېۋىنىش ئەڭ دەسلەپتە كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، يېڭى تاش قوراللىرى دەۋرىگە كەلگەندە جىنىسقا تېۋىنىش مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئىپادىلىنىش شەكلىدىكى پەرقلەر بارغانسېرى روشەنلىشىپ، جىنىسقا تېۋىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى قەدىمكى ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان نۇرغۇن جايلار ۋە قەدىمىي قەبرىلەردىن مۇشۇ خىل چوقۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيۇملار بايقالغان. ئاپتونوم رايونىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، قۇتۇبى ناھىيەسىگە جايلاشقان كاڭجيا شىمىنزى (康家石门子) دىكى جىنىسقا تېۋىنىشقا ئائىت قىيا تاش رەسىملىرى بىلەن لوپنۇر رايونىدىكى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان مول مەزمۇنغا ئېگە بۇيۇملار، بىزنى رايونىمىزدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ جىنىسقا چوقۇنۇش ئەھۋاللىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىن كۆپلەپ بايقالغان جىنىسقا تېۋىنىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، بەزىلەر: «جىنىسقا تېۋىنىش ـــ تارىختىن بۇرۇنقى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ يادرولىرىنىڭ بىرى»[⑥] دەپ قارايدۇ. يەنە بەزىلەر ھازىرقى جۇڭگونىڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشى «مۇنار»نىمۇ جىنىسقا تېۋىنىش بىلەن باغلاپ، ئۇنى جىنىسقا تېۋىنىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە سەنئەتلىشىشى دەپ قارايدۇ[⑦].

جىنىسقا تېۋىنىش ئوخشاشلا لوپنۇر كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئەڭ گەۋدىلىك ئەكس ئەتكەن ئەھۋاللارنىڭ بىرى. كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان جىنىسقا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىڭ كۆپلىكى كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدۇ. بۇ قەبرىستانلىقىدا ئەكس ئەتكەن جىنىسقا تېۋىنىش ئەھۋالىنى دۆلىتىمىزنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى جىنىسقا تېۋىنىش ئىزلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، بەزى جەھەتلەردە ئوخشاشلىققا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما دەپنە ئادىتى، جىنىسقا تېۋىنىشقا تەقلىد قىلىنغان بۇيۇملار قاتارلىق جەھەتتە روشەن ھالدا پەرقلىنىدۇ. بۇ قەبرىستانلىقتىكى جىنىسقا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇيۇملارنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىشقا بولىدۇ.

1) جىنىسقا تېۋىنىشقا سىمۋول قىلىنغان ھەرخىل تىكلىمە ياغاچلار ۋە جەسەت ساندۇقلىرى

كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقى ئېللىپىس شەكىللىك بىر قۇم دۆۋىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىرلىق، يۇمىلاق ۋە پالاق شەكىللىك توغراق ياغاچلىرى زىچ قادالغان. 1934- يىلى بۇ قەبرىستانلىقنى تۇنجى قېتىم بايقىغان شىۋىتسىيىلىك فولك بېگمان پالاق شەكىللىك ياغاچلارنى كۆرۈپ: «ئىلگىرى بۇ جايدا ياشىغانلار دائىم قولۋاق ئارقىلىق بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان»[⑧] دېگەن يەكۈننى چىقارغان. بىراق شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئارقىلىق، «ئاياللارنىڭ قەبرىسى ئالدىغا قىزىل رەڭ بىلەن بويالغان ئەرلىك بۇيۇمغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ياغاچلارنىڭ قادالغانلىقى، ئەرلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا بولسا پالاق شەكىللىك ياغاچلارنىڭ قادالغانلىقى» دەك بىر خىل قانۇنىيەتنى بايقىغان[⑨].

يۇقىرىقىلاردىن سىرت، بۇ قەبرىستانلىقتىن بىر نەچچە لاي بىلەن سۇۋالغان ياغاچ قەبرىلەردىن باشقا بارلىق قەبرىلەرنىڭ جەسەت ساندۇقى قولۋاق شەكىللىك بولۇپ، ئارخېئولوگلار قەبرىستانلىقنىڭ قۇرۇلمىسى، جەسەت ساندۇقىنىڭ شەكلى، تېپىلغان بۇيۇملار ۋە تىكلىمە ياغاچلار ئۈستىدە ئىنچىكە ئانالىز ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «بۇلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگىنى، بۇ جايدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ دائىم قولۋاق ھەيدىگەنلىكى ئەمەس، بەلكى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئوي- تەپەككۇرىنىڭ دەپنە ئادەتلىرىدە ئىپادىلىنىشى، يەنى جىنىسقا بولغان تېۋىنىشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈشىدۇر» دەپ يەكۈن چىقاردى[⑩]

كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، قەبرىستانلىقتىكى بەزى قەبرىلەرنىڭ ئالدىغا تىكلەنگەن ياغاچلار ناھايىتى چوڭ ھەم ئېگىز، بەزىلىرى بولسا پاكار ۋە كىچىك. بۇ ئەھۋال بىزدە بۇ ياغاچلارنىڭ چوڭ- كىچىك بولۇشى نېمە بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ؟ دېگەن سوئالنى پەيدا قىلىدۇ.

شىنجاڭ مەدەنىي يادىكارلىق ۋە ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى» (خەنزۇچە) ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلغان «2003- يىللىق كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى قېزىشتىن دوكلات» (كېيىنكى مەزمۇنلاردا، قىسقارتىلىپ «دوكلات» دەپلا ئېلىنىدۇ) تا، بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىلغان بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋەتكە جايلاشقان 40 قەبرىنىڭ  قىسقىچە ئەھۋالى، تىكلىمە ياغاچ، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ياكى ئۇچرىماسلىق ئەھۋالى، بايقالغان بۇيۇملار تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بىز ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى دىققەت بىلەن ئوقۇيدىغان بولساق بىر خىل قانۇنىيەتنى بايقايمىز: يەنى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئەر، ياكى ئايال بولسۇن، يېتىلگەن بولسىلا ئۇنىڭ جەسەت ساندۇقى ئالدىغا ئومۇمەن 150cm دىن ئېگىز بولغان ياغاچ تىكلەنگەن (ئۇزۇن مۇددەت ئاپتاپ، شامالنىڭ تەسىرىگە ۋە ئوغرىلىقچە قەبرە قازغۇچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) بولۇپ، تىكلىمە ياغاچلارنىڭ دىيامېتىرى ۋە كەڭلىكىمۇ ماس ھالدا چوڭ، دەپنە بۇيۇملىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ئەكسىچە يېتىلمىگەن بالىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ جەسەت ساندۇقىنىڭ ئالدىغا بولسا ئومۇمەن 145cmدىن پاكار كېلىدىغان ياغاچلار تىكلەنگەن. بۇنىڭدىن، بۇ ياغاچلارنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنىڭ كىشىلەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەينى دەۋردە داۋالاش قىلچە تەرەققىي قىلمىغان شارائىتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى سېھىرلىك تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر ئۆلگۈچىنىڭ ياش پەرقىنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ خىل ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى ياغاچلارنى قاداپ بەلگە قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

جەسەت بىلەن بىللە ئەرلىك ئەزاغا تەقلىد قىلىنغان ياغاچ بۇيۇمنى قوشۇپ دەپنە قىلىش كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىكى يەنە بىر ئۆزگىچە دەپنە ئادىتىدۇر. 1934- يىلى بېگمانمۇ بۇ قەبرىستانلىقتا 12 قەبرە قېزىپ، 5 دانە بۇخىل بۇيۇمغا ئېرىشكەن بولۇپ، چوڭ- كىچىكلىكى 9cm دىن 11cmغىچە كېلىدۇ. شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتىمۇ كىچىك مۈرەننى قېزىش داۋامىدا مۇشۇ خىلدىكى نۇرغۇن بۇيۇمغا ئېرىشكەن. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 40 قەبرە ئىچىدە ھەقىقى ئاياللارنىڭ قەبرىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگىنى 10، بۇنىڭ ئىچىدىكى 8 قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان مۇشۇ خىل بۇيۇم بايقالغان. ئارخېئولوگ ۋاڭ بىڭخوا: «كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان يېمەكلىك ۋە كۆز تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چاكاندىدىن سىرت، كۆپىيىشنىڭ رولىنى ئوينايدىغان بۇ خىل بۇيۇمنى بىرلىكتە دەپنە قىلىش ئاياللارنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك بولغان كۆپىيىش ئىقتىدارىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ»[11] دەپ قارايدۇ.

2. جىنىسقا تېۋىنىشقا سىمۋول قىلىنغان ئوقيا

ئاخىرەتلىك يا ۋە ئاخىرەتلىك ئوق لوپنۇر رايونىدىكى ئەرلەرنىڭ قەبرىلىرىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرىدۇر. بۇ خىل دەپنە ئەھۋالى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا تولۇق ئەكس ئەتكەن بولۇپ، مەيلى يېتىلگەن ئەر، ياكى كىچىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قەبرىلىرىدە بولسۇن ئومۇميۈزلۈك مۇھىم دەپنە بۇيۇمى قىلىنغان. «دوكلات»تا تىلغا ئېلىنغان 40 قەبرە ئىچىدە ئەرلەرنىڭ قەبرىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگىنى 20 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 15 قەبرىدە ئوقيا بىللە دەپنە قىلىنغان ھەم ھەر بىر قەبرىگە بىر دانىدىن يا، ئۈچ دانىدىن ئوق قويۇلغان.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىپتىدائىي دىنلاردا «ئوق» ئەرلىكنىڭ سىمۋولى بولۇپ، دائىم ئەرلىك كۆپىيىشنىڭ سىرلىق بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. «يا» بولسا ئاياللارغا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئاياللىق كۆپىيىشنىڭ سىرلىق بەلگىسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئوقيانىڭ ھەمدەپنە بۇيۇم سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىدىن، ئەينى دەۋردىكى لوپنۇر ئاھالىلىرىدە جىنىسقا تېۋىنىش مەۋجۇت بولغان دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

3. جىنىسقا تېۋىنىشقا سىمۋول قىلىنغان يىلان

يىلان كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان جىنسىقا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر بۇيۇم. ئەينى ۋاقىتتا بېگمانمۇ بۇ قەبرىستانلىقتىن ئىككى دانە يىلان شەكلىدە ئويۇلغان ئۇزۇن، سىلىق ياغاچنى تېرىۋالغان. ئۇ: «پېرىخونلۇق يىلانغا چوقۇنىدۇ، تېبابەتچىلىك يىلانغا تايىنىدۇ، خۇددى پاقا يامغۇرنىڭ سىمۋولى بولغانغا ئوخشاش، يىلانمۇ كۆپىيىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىپتىدائىي بەلگە، ئۇ  ئەرلىكنىڭ سىمۋولى»[12] دەپ قارىغان.

شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بۇ 2003- يىلى قۇم دەريا قەبرىستانلىقتىكى M24- نومۇرلۇق قەبرىدىن ئۈچ تال يىلان شەكىللىك ياغاچ ئويمىنى تاپقان. بۇنىڭ ئىككىسى قەبرە ئېگىسىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ يېنىغا قويۇلغان بولۇپ، ياغاچ ئويما ناھايىتى نەپىس، ئىككى ياغاچ ئويمىنىڭ شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش. ئويمىدىكى يىلان ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، ياغاچ تاياقچىنى يۇتۇۋاتقان كۆرۈنۈش ئىپادىلەنگەن. يەنە بىر تال ئويما جەسەتنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ياغاچ تاياقچىلارنىڭ ئاستىغا قويۇلغان بولۇپ، ناھايىتى قوپال ئىشلەنگەن. بۇلاردىن سىرت، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قەبرىستانلىقنىڭ شىمالىدىكى بىر قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان يەتتە تال ھەقىقىي يىلاننى تاپقان بولۇپ، يىلان ئاللىقاچان قۇرۇپ قېتىشىپ كەتكەن[13]. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، يىلان شەكىللىك ياغاچ ئويما ياكى ھەمدەپنە قىلىنغان يىلانلار پەقەتلا ئەرلەرنىڭ قەبرىسىدىن تېپىلغان، ئاياللارنىڭ قەبرىلىرىدە بايقالمىغان.

   ئالاقىدار ماتېرىياللار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىكى يىلان نۇسخىلىق بۇيۇملارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، يىلان ۋە يىلان شەكىللىك ئويمىلارنىڭ جىنىسقا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمالغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسى يىلاننىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر[14]. دېمەك، يىلان كىچىك مۈرەندىكىلەرنىڭ جىنىسقا تېۋىنغانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتىدۇر.

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇيۇملاردىن سىرت، لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەردىن بايقالغان كەسلەنچۈك ۋە ئەرلىك ئەزاغا سىمۋول قىلىنغان ياغاچنىڭ ئۇچىدىكى تۇخۇم شەكلىدىكى يۇمىلاق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەردە جىنىسقا تېۋىنىش ھادىسىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئومۇمەن، بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇن لوپنۇر رايونىدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭىدا جىنىسقا تېۋىنىش يېتەكچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

2. ساننى ئۇلۇغلاش

سان ئۇقۇمى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ماتېماتكىلىق ھېسابلاش رولى بولغاندىن سىرت، مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلىكتۇر. ساننىڭ بۇ خىل رولى ئىنسانىيەتنىڭ دىن، پەلسەپە، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەت قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن ۋە تەسىر كۆرسەتكەن. ئىنسانلارنىڭ ساننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلىرى ھەرگىزمۇ ساننىڭ ماتېماتكىلىق ھېسابلاش جەھەتتىكى رولىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بولماستىن، ئەكسىچە ساننىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى رولىغا قارىتىلغان.

ساننى ئۇلۇغلاش يەرشارى خاراكتېرلىك ئومۇمىي ھادىسە بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ مۇھىم بىر تىپىدۇر. قەدىمدىن تاكى ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ئوخشىمىغان شەكىل، ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساننى ئۇلۇغلاش ئەھۋاللىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەرھىزلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى توبولۇف: «سان كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر خىل ئالاھىدە بولغان شەرتلىك بەلگە، بۇ خىل شەرتلىك بەلگىنىڭ ياردىمىدە دۇنيا، ئادەملەر ۋە خىلمۇ خىل ئەپسانىۋى سىستېمىلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بولماقتا»[15] دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

نۆۋەتتە لوپنۇر رايونىدىكى كىچىك مۈرەن ۋە گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقلىرى دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە بايقالغان ساننى ئۇلۇغلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بايقالمىلار ئەڭ كۆپ بولغان قەدىمىي قەبرىلەر بولۇپ، «7» دىن ئىبارەت بۇ سان ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندە، لوپنۇر رايونىدىكى «7» سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋاللارغا قاراپ باقايلى:

1) يەتتە چەمبىرەكتىن ھاسىل قىلىنغان قۇياش شەكىللىك قەبرىلەر: لوپنۇر رايونىغا جايلاشقان گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەرنىڭ شەكلى ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنچى تىپقا تەۋە 36 قەبرىدە چەمبەر يوق، ئىككىنچى تىپقا تەۋە بولغان قەبرىدىن ئالتىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە قارايدىغان بولساق، توغراق كۆتىكىنى رەتلىك تىزىپ يەتتە چەمبەر شەكلى ھاسىل قىلىنغان. قادالغان توغراق كۆتەكلىرى ئەڭ ئىچىدىكى چەمبىرەكتىن سىرتىغا قاراپ كىچىكلەپ بارغان. ئارخېئولوگلارنىڭ ئىستاتىستكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل قەبرىدىن بىرنى ياساش ئۈچۈن 900 تال ياغاچ كۆتىكى كېتىدىكەن[16].

2) مەلۇم بىر خىل بۇيۇمغا ئويۇپ، ياكى سىزىپ چىقىرىلغان «7» بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىزىق ۋە نەقىشلەر: بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ مەلۇم جايلىرىغا «7» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىزىقچە ۋە نەقىش ئويۇلغان ياكى يىپ يۆگەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا مەلۇم بىر مەنە يوشۇرۇنغان. بۇ تىپتىكى بۇيۇملارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، كىچىك مۈرەندىن بايقالغان ئادەم يۈزلۈك ياغاچ ھەيكەل، ياغاچ ئىلغۇ (يىڭنە)، تاش پارچىسى قىستۇرۇلغان ئاتنىڭ تۇيىقى شەكىللىك ياغاچ ئەسۋاپ، پەي بېزەك، چىغ سېۋەت، پىلاش، بەللىك، كۆن سومكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم قىسمىسدا يەتتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سىزىقچىلار بار.

3) ياسىلىشى «7» بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋاتلىك بولغان بۇيۇملار: بۇ خىل بۇيۇملارنى ياساشتىن بۇرۇنلا ياسىغۇچىنىڭ ئىدىيەسىدە «7» دىن ئىبارەت بۇ سېھىرلىك سان مەۋجۇت بولۇپ، بۇ بۇيۇمنىڭ يەتتە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ پۈتۈپ چىقىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، يەتتە چىشلىق ياغاچ تارغاق ۋە يەتتە ئورالغان بىلەيزۈك. ئەلۋەتتە، بۇ بۇيۇملارنى ياسىغۇچى ئالتە چىشلىق ياكى سەككىز ئورام قىلىپ ياسىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، لېكىن ياساشتىن ئاۋۋال «7» دىن ئىبارەت بۇ ئاڭ كىشىنىڭ ئىدىيەسىدە مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، دەل يەتتە بولۇپ پۈتۈپ چىققان. بۇ قەبرىستانلىقتىن يەنە 4 ~ 5 چىشلىق تارغاقلارمۇ بايقالدى، لېكىن سانى ناھايىتى ئاز.

4) ھەمدەپنە قىلىنغان «7» دانە ئوخشاش بىر خىل بۇيۇم: ئارخېئولوگلار كىچىك مۈرەندىكى مەلۇم بىر قەبرىدىن ھەمدەپنە قىلىنغان يەتتە دانە يىلاننى بايقىغان. بۇنىڭدىن باشقا، بېگمان تىلغا ئالغان ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرىدىن يەتتە قەۋەت دۆۋلەنگەن كالىنىڭ بېشىنى بايقىغان.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، قەدىمكى لوپنۇردا ياشىغان ئاھالىلەردە ساننى ئۇلۇغلاش ئادىتى ئاللىبۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «7»نى ئۇلۇغلاش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان.

ئىنسانلارنىڭ ساننى ئۇلۇغلىشى ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت كاتېگورىيەسى بولۇپ، ئوخشاش ياكى ئوخشاش بولمىغان سانلار ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان ۋاقىت ۋە ئوخشىمىغان رايونلاردا ئوخشاشلا مۇقەددەس، مۇكەممەللىك ۋە بەختنىڭ سىمۋولى بولغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلاردا «يەتتە تەزىم»، «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «يەتتە قات ئاسمان، ئالتە قات زىمىن»، «بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قىتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك ماقال تەمسىللەر بولغاندىن سىرت،  يەنە لوپنۇرلۇقلاردا «كىچىك بالىنىڭ بېشىغا چاچراتقۇ (تەمرەتكە) چىقىپ قالسا، چارشەنبە كۈنىدە يەتتە ئۆيدىن ئۇن ماي تىلەپ كېلىپ، شۇ ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىرنى قاق چوڭلۇقىدا مۇنەك قىلىپ مايدا قورۇپ بالىغا يېگۈزۈپ، ماينى بېشىغا سۈركىسە ساقىيىدۇ» دېگەندەك نۇرغۇن ئۆرپ- ئادەتلەر بار. ماقال- تەمسىللەر ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۆرپ- ئادەتلەردىكى بۇ «7» دەل ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقتىكى ساننى ئۇلۇغلاشتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردە ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلغان شامان، نېتسۇرىئان، زوروئاستىر، بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرى بىلەن سىڭىشىپ داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

3. ھايۋاناتقا تېۋىنىش

ھايۋاناتقا تېۋىنىش ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل تۈرى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان قەدىمىي مىللەتلەردە مەيلى كۆپ بولسۇن، ياكى ئاز بولسۇن ھايۋاناتقا تېۋىنىش ئادىتىنىڭ بولغانلىقى مەلۇم.

قېزىش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، قەدىمدە كىچىك مۈرەن تەۋەسىدە ياشىغان خەلقلەردىمۇ ھايۋاناتقا تېۋىنىش ئادىتى مەۋجۇت بولغان. بۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان نۇرغۇنلىغان «كالا» غا ئائىت بۇيۇملار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە كالىنى ئۇلۇغلاش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى قېزىش داۋامىدا قەبرە ئالدىدىكى ياغاچ تۈۋرۈككە كالىنىڭ بېشى ئېسلغانلىقىنى بايقىغان. ئارخېئولوگلار يەنە بېگمان تىلغا ئالغان ياغاچ ئۆي قۇرۇلمىلىق قەبرىدىن دۆۋلەنگەن يەتتە قەۋەت كالىنىڭ بېشىنى بايقىغان بولۇپ، قەبرە ئەتراپىدا چېچېلىپ ياتقان كالا ۋە قوينىڭ بېشى 100 دانىدىن ئاشىدۇ. يەنە قەبرىستانلىقتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى قەبرىلەرگە قويۇلغان ھەر بىر جەسەت ساندۇقى ئۈچ پارچە ئوخشىمىغان رەڭدىكى كالا تېرىسى بىلەن ئورالغان. ئارخېئولوگلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كالىلار جەسەت دەپنە قىلىنغان نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، جەسەت ساندۇقى ۋە توپىدا قاننىڭ ئىزى بار. بۇلاردىن سىرت، ھەمدەپنە قىلىنغان كالىنىڭ قۇلىقى، كالا سىڭىرىدىن ئىشلەنگەن ئارغامچا پارچىسى ۋە كالىنىڭ بېشى قاتارلىقلار بار [17].

مەيلى قەدىمكى جەمئىيەتتە، ياكى يېقىنقى دەۋرلەردە بولسۇن كالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. كىچىك مۈرەندىكىلەرنىڭ كالىنىڭ بېشىنى قەبرە ئالدىغا ئېسىپ قويۇشى، جەسەت ساندۇقىنى كالا تېرىسى بىلەن ئوراپ دەپنە قىلىشى، كالا بېشى، كالا قۇلىقىنى قوشۇپ دەپنە قىلىشى قاتارلىق دۇنيادا كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان بۇ خىل دەپنە ئادىتىدە، كالا مەيلى چوڭلۇق ياكى كۈچ- قۇۋۋەت جەھەتتە بولسۇن ئالاھىدە سېھىر كۈچكە ئېگە ھايۋان بولغاچقا، كالىنى بىللە دەپنە قىلغاندا كۆز تېگىشتىن ساقلانغىلى، قەبرىستالىقنى جىن- شاياتۇنلاردىن قوغدىغىلى بولىدۇ دېگەن كۆز قاراش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

كالىغا تېۋىنىش شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ياشىغان ئاھالىلەردىمۇ مەۋجۇت ئىدى. مەسلەن، قەدىمكى قوسلار توغرىسىدا «تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبلىرىدا ياشىغان قوسلار ئۆكۈزنى خاسىيەتلىك ھېسابلايتتى، ئۇلار بىرەر ھەرىكەت قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال قوش (بىر جۈپ ئۆكۈز)نى قويۇپ بېرىدىكەن، قوش بېرىپ چۆككەن جايدا ماكان تۇتىدىكەن. جەڭدە قوش ئىلگىرىلىسە، يۈرۈش قىلىۋېرىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار ‹قوش قۇيارلار› دەپ ئاتالغان»[18]دەپ خاتىرىلەنگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى باسكاكوف: «تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى، ئۆكۈز مەنىسىنى بېرىدىغان oguz←hÖkÖzدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆكۈزنى توتېم قىلغان قەبىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ»[19] دەيدۇ. دېمەك، مەيلى لوپنۇر رايونىدا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەردە، ياكى كېيىنكى دەۋرلەردە ياشىغان باشقا ئاھالىلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا بولسۇن «كالا» ئىلاھىي كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.

بۇ يەردە تەكىتلەپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، لوپنۇر رايوندا ھازىرمۇ قەبرىلەر ئېگىز قۇم دۆڭلەرگە ياسىلىدۇ. بۇ جايدا ياشايدىغان ئاھالىلەردە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70~80- يىللارغا قەدەر قەبرىنىڭ ئالدىغا توغراق ياغىچى تىكلەپ ئاق رەخىتلەرنى ۋە قوچقار مۈڭگۈزىنى ئېسىپ قويىدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ ئادەت ئاستا- ئاستا يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.

4. قۇياشقا تېۋىنىش

قەدىمكى كىشىلەرنىڭ قۇياشنىڭ ھاياتلىقتىكى رولىنى چۈشىنىپ، قۇياشقا تېۋىنغانلىقى توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللار، ئارخېئولوگىيەلىك بايقالمىلار ۋە ياكى خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان رىۋايەتلەر ناھايىتى مول. مەسلەن، «تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» (110-جىلد) دە: «تەڭرىقۇت ھەر تاڭدا قارارگاھىدىن چىقىپ كۈنگە قاراپ تازىم قىلاتتى، ئاخشىمى ئايغا تازىم قىلاتتى»[20] دەپ خاتىرىلەنگەن.

 1979- يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى لوپنۇردىكى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا جايلاشقان گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنى قازغاندا، قۇياش شەكىللىك ئالتە قەبرىنى بايقىغان. بۇ ئالتە قەبرە بۇ قەبرىستانلىقتىكى باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، ھەر بىر قەبرە توغراق كۆتىكىنى قانۇنىيەتلىك تىزىشتىن شەكىللەنگەن يەتتە چەمبەر بىلەن ئورالغان. بۇ ياغاچلارنىڭ دىيامېتىرى ئىچىدىكى چەمبەردىن سىرتىدىكى چەمبەرگە قاراپ كىچىكلەپ بارغان بولۇپ، بۇ دەل نۇر چېچېۋاتقان قۇياشقا ئوخشايدۇ. بۇ قەبرىلەر قەدىمدە ئاشۇ رايوندا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا قۇياشقا چوقۇنۇش ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

5. ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش

ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاش قەدىمدە لوپنۇر رايونىدا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقىدىكى يەنە بىر مۇھىم تەرەپتۇر. ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۆسۈملۈك لوپنۇردىكى گۇمۇگۇ، كىچىك مۈرەن ۋە تېبەن دەرياسى قەبرىستانلىقى قاتارلىق بىر مەدەنىيەت تىپىغا ئېگە قەبرىلەردە ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدىغان دەپنە بۇيۇمى بولۇپ، مەيلى ئەرلەرنىڭ قەبرىسى ياكى ئاياللارنىڭ قەبرىسىدىن بولسۇن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ قەبرىلەردىن بايقالغان چاكاندىلارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى جەسەتنىڭ بويۇن ۋە كۆكرەك قىسىملىرىغا قويۇلغان.

چاكاندا تىپىدىكى ئۆسۈملۈكلەر قەدىمدىن بۇيان جۇڭگو تېبابەتچىلىكىدە دورا ماتېرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا. قەدىمدە لوپنۇر رايونىدا ياشىغان ئاھالىلەر بەلكىم چاكاندا جەسەتنى چىرىشتىن ساقلايدۇ دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. بېگمانمۇ: «چاكاندا دورىلىق قىممىتىگە ئېگە بولغاندىن تاشقىرى، ئۇنىڭ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى، بەلكىم قەدىمكى دەۋر ئىنسانلىرىنىڭ ئۇنى ھاياتلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولغان»[21] دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگ ۋاڭ بىڭخۇا «كۆنچى دەرياسى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ قېزىلىشى ۋە دەسلەپكى تەتقىقات» ناملىق ماقالىسىدە گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان چاكاندا ۋە ئۇنىڭ رولى ئۈستىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ: «گۇمۇگۇدىكى قەدىمكى ئاھالىلەردە ئاللىبۇرۇن دىنىي ئاڭ شەكىللىنىپ بولغان. بۇ، ئالاھىدە بولغان قەبرە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى چاكاندىنى ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلغان دەپنە ئادىتىنىمۇ كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ»[22] دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقىرىقى بايانلاردىن، بىز قەدىمدە لوپنۇر رايوندا ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ چاكاندىنىڭ دورىلىق قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، ئۇنى مەلۇم سېھرىي كۈچكى ئېگە دەپ قاراپ، ئۇنى مۇھىم ھەمدەپنە بۇيۇمى قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا مەلۇم دەرىجىدە چاكاندىنى ئۇلۇغلاش ئىدىيەسى شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

6. ئەجدادقا تېۋىنىش

ئەجدادقا تېۋىنىشمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ئىپتىدائىي ئېتىقادچىلىقنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئەنگلىيەلىك ئالىم سېپىنسىر ئەجدادقا تېۋىنىشنى بارلىق دىنلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەجدادقا تېۋىنىش جەمىئيەت تەرەققىياتنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي تەپەككۇرىدىكى يۈكسىلىشنىڭ نەتىجىسى. ئۇ، ئىنسانلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتلىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇشتىن تەدرىجىي ئىنسانلارغا چوقۇنۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل چوقۇنۇش شەكلىنى ئىنچىكە كۆزەتكەندە، ئۇنى ئانا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش، ئاتا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىغا تېۋىنىش، قەھرىمانلارغا تېۋىنىش قاتارلىق تەركىبلەرگە بۆلۈش مۇمكىن[23]. لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەرگە نەزەر سالساق، مەلۇم دەرىجىدىكى ئانا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش ۋە ئاتا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىشقا مۇناسىۋەتلىك  ئەھۋاللارنى بايقىغىلى بولىدۇ.

1) ئانا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش: لوپنۇر رايونىدىكى قەبرىلەردىن ئانا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بايقالما يەنىلا كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئۇچرايدۇ. شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىدا ئۈچ قېتىمدا جەمىئىي 167 قەبرە قازغان بولۇپ، قەبرىلەرنىڭ شەكلى ئومۇميۈزلۈك قولۋاق شەكىللىك. ئۇلار قەبرىستانلىقنىڭ 5- قەۋىتىگە تەۋە بولغان ئەڭ تېگىدىكى، ئەڭ قەدىمكى تىپقا تەۋە قەۋەتتىن سىرتى لاي بىلەن سۇۋالغان، ئىچكى قىسمى ياغاچ قۇرۇلمىلىق بىرنەچچە قەبرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ قەبرىلەرگە دەپنە قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئايال[24]. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار بېگماننىڭ «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسى» ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق قەبرىنىمۇ تاپقان. ئەينى ۋاقىتتا ئۆردەكنىڭ بېگمانغا دەپ بېرىشىچە، بۇ قەبرىگە ئايال دەپنە قىلىنغانىكەن. ئارخېئولوگلار بۇ قەبرىنى قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يەتتە قەۋەت دۆۋلەنگەن كالا، قوي كالىلىرىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ۋە ھوقۇقنىڭ سىمۋولى بولغان پالاق بېشىنى بايقىغان. بۇ قەبرىلەرنىڭ ياسىلىشى، شەكلى ۋە ئورنى، قەبرىستانلىقتىكى باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جەمئىيتىدە ئاياللار قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىسى، جەمئىيەتتىكى بارلىق ئىشلارنىڭ يېتەكچىسى ۋە ئۇرۇق نەسلىنىڭ كۆپىيىشىدە ھەل قىلغۇچ كۈچ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ھوقوق، يۇقىرى ئورۇندىن بەھرىمەن بولغان. موشۇ خىل تۇرمۇش شارائىتىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئاياللار، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن ئاياللار ۋە ئايال قەبىلە باشلىقلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي ئېلاھلاشتۇرۇلۇپ، ئايال ئەجدادلارغا تېۋىنىش شەكىللەنگەن. كىچىك مۈرەندىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەبرىلەر ۋە قەبرىلەرنىڭ ئېگىسمۇ ئاشۇ دەۋردىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر، مەرتىۋىلىك ئاياللار بولغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇلار مۇشۇ خىل ئالاھىدە ئۇسۇلدا دەىنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

2) ئاتا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش: بۇخىل تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بايقالمىلار لوپنۇر رايونىدىكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان. بۇ قەدىمىي قەبرىستانلىقتىكى قەبرىلەر ئىككى خىل تۈرگە بۆلۈنگەن: بىرىنچى خىلدىكىسى لوپنۇر رايونىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى قەبرىلەر؛ ئىككىنچى خىلى بولسا بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قۇياش شەكىللىك قەبرىلەردۇر. بۇ تۈردىكى قەبرە جەمئىي ئالتە بولۇپ، بارلىق قەبرىگە ئەرلەر دەپنە قىلىنغان. ئارخېئولوگلار گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ يىل دەۋرىنى بۇنىڭدىن 3800 يىل ئىلگىرى دەپ بېكىتكەن. ئۇلار يەنە كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقى بىلەن گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنى سىېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ، كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ تۆۋەن چېكى گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىنىڭ بىرىنچى تىپقا تەۋە قەبرىلىرى بىلەن تەڭ ياكى كېيىن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرى چېكىنىڭ گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن خېلىلا بۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان[25]. كىچىك مۈرەندىكى ئانا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك قەبرىلەر كىچىك مۈرەندىكى ئەڭ قەدىمكى تىپقا تەۋە، ئەكسىچە گۇمۇگۇدىكى خاس ئەرلەر دەپنە قىلىنغان قۇياش شەكىللىك قەبرىلەر بولسا گۇمۇگۇدىكى ئىككىنچى تىپقا تەۋە قەبرىلەر ھېسابلىنىدۇ، يەنى تارىخى بىر قەدەر كېيىنكى تىپقا كىرىدۇ. بۇنىڭدىن، بىز ئەينى ۋاقىتتا لوپنۇر رايونىد ياشىغان ئاھالىلەرنىڭ جەمئىيەت تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدە ئاتا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش ئېڭى يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، گۇمۇگۇدىكى قۇياش شەكىللىك بۇ قەبرىلەر ئاتا ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىشنىڭ مەھسۇلى. بۇنى ئىككى قەبرىستانلىقتىكى ئىككى خىل تېۋىنىش تىپىغا تەۋە بولغان قەبرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىل پەرقى ۋە دەپنە ئالاھىدىكى قاتارلىق ئەھۋاللار تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

ھەممىزگە مەلۇم، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى لوپنۇر رايونىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاساسلىقى چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەيلى تېخنىكا جەھەتتە، ياكى ماكان- زامان جەھەتتە بولسۇن چەكلىمىلىككە ئېگە بولغاچقا يۈزەكىلا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەسىدە نۇرغۇنلىغان بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لوپنۇر رايونىدىكى گۇمۇگۇ، يىڭپەن، كىچىك مۈرەن ۋە باشقا قەدىمىي قەبرىستانلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قېزىلىشى، بىزنى لوپنۇر رايونىدا ياشاپ ئۆتكەن قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ تارىخى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، ئىقتىساد، دىن، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇ قەبرىلەردىن تېپىلغان بۇيۇملار پۈتكۈل لوپنۇر رايونىنىڭ  قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئارخېئولوگىيەلىك مەدەنىيەت سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇشتا مۇھىم قىممەتكە ئېگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىزنىڭ غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى دەۋر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىمىزغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. 

ئاپتور: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ۋە مىللەتشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى كەسپى 2008- يىللىق ماگستىر ئاسپىرانتى   

جاۋابكار مۇھەررىرى: مۇھەممەدجان مۆمىن

 


[①] 爱德华·泰勒:《原始文化》,上海三联书店,1995年1月,第24页

[②] 詹·乔·弗雷泽:《金枝》,上册,中国民间文艺出版社,1978年9月,第19页

[③] 麦克斯·缪勒:《宗教的起源与发展》,上海人民出版社,1980年8月, 第115页。

[④] 黄剑波:《宗教人类学的发展历程及学科转向》,广西民族研究,2005年2期。

[⑤] 阿不力米提·乌买尔《关于操突厥语诸民族原始宗教之我见》,新疆师范大学学报,2004年第4期

[⑥] 刘学堂:《丰产巫术:原始宗教的一个核心 — 新疆考古新发现的史前丰产巫术遗存》,《新疆师范大学学报》2007年第2期。

[⑦] 李刚:《东北少数民族的生殖崇拜》,《学理论》2008年第3期。

[⑧] [瑞典]贝格曼着:《新疆考古记》,新疆人民出版社,1997年11月,第76页。

[⑨] 伊第利斯、李文瑛:《解读楼兰史前文明之谜 — 新疆罗布泊小河墓地》,中国考古学会编《中国年度十大考古新发现》2004年卷,三联书店,第148页

[⑩] 同上,第150页

[11] 王炳华:《早期人类精神文化的核心 — 新疆罗布淖尔小河五号墓地的灵魂》,《寻根》2004年第4期。

[12]【瑞典】贝格曼著:《新疆考古记》,新疆人民出版社,1997年11月,第87页。

[13] 刘学堂:《新疆史前宗教研究》,民族出版社,2009年7月,第262~263页。

[14] 同上,第268页。

[15] 成良斌:《中外数字崇拜与禁忌透视》,《华中理工大学学报》1995年第2期。

[16] 刘学堂:《新疆史前宗教研究》,民族出版社,2009年7月,第89~88页。

[17]伊第利斯、李文瑛:《解读楼兰史前文明之谜 — 新疆罗布泊小河墓地》,中国考古学会编《中国年度十大考古新发现》2004年卷,三联书店,第162页

[18] ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىلى 3- ئاي نەشرى، 64- بەت.

[19] ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008- يىلى 5- ئاي نەشرى، 123-بەت.

[20]  سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1987- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ، 402- بەت.

[21] 【瑞典】贝格曼著:《新疆考古记》,新疆人民出版社,1997年11月,第103页。

[22] 王炳华:《丝绸之路考古研究》,新疆人民出版社,1993年11月,第190页。

[23] ئابلىمىت ئۆمەر بىلگە: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008- يىلى 5- ئاي نەشرى، 137-بەت.

[24] 伊第利斯、李文瑛:《解读楼兰史前文明之谜 — 新疆罗布泊小河墓地》,中国考古学会编《中国年度十大考古新发现》2004年卷,三联书店,第164~165页

[25]  شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى- ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى «2002- يىللىق كىچىك مۈرەن قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىشتىن دوكلات»، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ژورنىلى 2004-يىللىق 1-سان.

 

مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

ئۈستىدىكى سۈرەتنىڭ مەنبەسى:بېرىگماننىڭ ”شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى“ناملىق كىتابى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif