سەھرادىكى باھار كېچىسى(ئىككى كىشلىك مۇشائىرە2)

ۋاقتى: 2011-11-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 206 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئايزىتنىڭ ئۈچىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

گۈلگە ئاشىق بولغان بۇلبۇلنىڭ،

ئاڭلىنىدۇ ھەسرەتلىك ئۈنى.

چۇنكى جانسىز قىزىل ئەتىرگۈل،

پورەكلىگەن ھەسرەتلىك كۈيى.

 

يىغلاپ چىقار  شەبنەم ياز بىلەن،

گۈل بەرگىگە تۈكۈپ سىرىنى،

ئەزىم قۇياش چىقتى پارقىراپ.

يېڭى كۈنگە قۇشۇپ ھەممىنى ،

 

يازغا كىرگەن قارا بۇلۇتلار،

ئويلار تىنماي يالغۇز دەرەخنى.

يامغۇر بولۇپ چۈشتۈم سەھەردە،

چاڭقاق دىلغا سۇنۇپ شېئرنى.

 

يېشىل چۈشكە خيالىي چۆككەن،

يولتۇزلارنىڭ ئۈنى سارغايغان.

يازغا كىرىپ كەتتى لېرىكا،

كۈيلىرىدە مۇھەببەت ۋولقان. 

 

مېنىڭ تۆتىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

ئاھ،ئۇرمايدۇ مېنىڭچە بۇلبۇل،

گۈلنى كۈيلەپ ئېيتىدۇ ناخشا.

جانىسىز ئەمەس قىزىل ئەتىرگۈل،

ئاشىقى سايراپ تېلىققان چاغدا.

 

تۆكۈلگىنى شەبنەم كۆزىدىن،

ياش ئەمەستۇر بەلكى ھاياجان.

تاڭ سەھەردە كېلەر ھەر كۈنى،

گۈلبەرگىنى ئويغىتىپ ھامان.

 

يازغا كىرگەن قارا بۇلۇتلار،

ئاقار مەنچە ئورمان تەرەپكە.

سەگىپ كېتەر مۈگدەك تۇيغۇلار،

يامغۇر كېلىپ چۈشسە سەھەردە.

 

يازغا كىرىپ كەتكەن لېرىكا،

لەۋلىرىنى نەمدىگەن بۇلۇت.

يېشىل چۈشكە خىيالي چۆككەن،

يۇلتۇرلارنىڭ كۆزىدە بار ئوت.

 

ياز ۋۇجۇدى كۆيەر لاۋۇلداپ،

تەبىئەتكە ماغدۇر تولۇقلاپ.

ئوخچىپ كېتەر شۇڭا بۇلاقلار،

ئۇيقۇسىدىن ئاستا يىراقلاپ.

 

مۇھەببەتكە چىلانغان دېڭىز،

كۆتىرىدۇ ياز ئۈچۈن دولقۇن.

لاۋۇلدايدۇ يانار تاغلارمۇ،

ياز پەسلىدە چاچىرتىپ يالقۇن.

 

سەھەر تۇرۇپ كەتكەن چۈمۈلە،

ئىش ئورنىغا ماڭار ئالدىراپ.

توقىغاندا ئۆمۈچۈك يىپەك تور،

بۇرۇتلىرى كېتەر يالتىراپ.

 

ئۈمىدسىزلىك قالار ئۈمچىيىپ،

ئۆزى ئۈچۈن يېزىپ مەرسىيە.

ياز ياڭرىتىپ ھايات مارىشى،

جۇشقۇنلۇقنى قىلغاچ تەۋسىيە.

 

ئايزىتنىڭ تۆتىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

شەبنەم كۈلۈپ كىلىدۇ يىنىك،

گۈل بەرگىنى ئويغىتىپ ھامان.

يېشىل ياپراق بېقىپ قۇياشقا،

سۆيگۈ تىلەپ تورىدۇ پىنھان.

 

دەرەخلەرگە بەرمەكتە ئىلھام.

ئورمان تامان كەتكەن بۇلۇتلار،

قۇيۇق ئورمان ئىچىدىن قايتىپ،

بوقۇلدىدى نازۇك تۇيغۇلار.

 

ئۇيقۇسىدىن يىراقلاپ كەتكەن،

قاينامبۇلاق ئېيتىدۇ چۆچەك.

ئورۇندۇققا يۆلەنگەن سۆگەت،

تۇيغۇسىدىن پۆرەكلەر چېچەك.

 

بولبۇل خوشال سايرىغان دەملەر،

ئىچلمىغان قىزىل گۈل بىراق.

بولبۇل يىغلاپ سايرىغان تۈنلەر،

جانسىز گۈلدىن كۆچمىگەن پىراق.

 

ياز ۋۇجۇدى كۈيەر لاۋۇلداپ،

تىنىقىدا مۇھەببەت گۈلخان.

ناخشا ئىلىپ كىلىدۇ شامال،

لېرىكىدا كۈلۈپ شادىمان.

 

ياز ياڭراتقان ھايات مارىشى،

ئېيتىلماقتا سۈزۈك جاراڭلىق.

كۆسەن بىلەن ئىدىقۇت باغرى.

نەزمە بىلەن قىلىدۇ شاتلىق.

 

مېنىڭ بەشىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

 ناخشا ئېلىپ كەلسە شاماللار،

قۇملارمۇ ھەم چۈشەر ئۇسۇلغا.

كېپىنەكنى قوغلايدۇ گۈللەر،

سادىق بولۇش ئۈچۈن بۇلبۇلغا.

 

قاينام بۇلاق ئېيتقان چۆچەكلەر،

ئۇسۇلىدۇ چۆچەككە لىپ-لىق.

كېسىپ ئۆتۈپ ئاسمان باغرىنى،

ئاقار يۇلتۇز سالىدۇ ئىسرىق.

 

بۇقۇلدىغان نازۇك تۇيغۇلار،

توختىغاندا بىر كۈن ئېسەدەپ.

كاككۇك ئۈنى ياڭرىغان ھامان،

قۇلىقىغا گۈل قىسار زەينەپ.

 

 

ئۇچۇپ كەلسە ئاپپاق ئاققۇلار،

ئېچىلىدۇ گۈلنىڭ غۇنچىسى.

مەست بولىدۇ تاشلار دەريادا،

چاچىرىغاندا سۇنىڭ ئۈنچىسى.

 

يېشىل ياپراق بېقىپ قۇياشقا،

سۈمىرىدۇ نۇرنى كەچكىچە.

يىلتىزىغا بېرىدۇ مەدەت،

يەر باغرىنى چوڭقۇر تەشكىچە.

 

شەبنەم سۆيۈپ گۈلنىڭ بەرگىگە،

سۆيگۈسىنى ئەيلەيدۇ بايان.

مۇھەببەتنىڭ نازۇك سىرلىرى،

ئەنە شۇنداق بولىدۇ ئايان.

 

جىمجىتقىنە تاشلايدۇ سايە،

ئورۇندۇققا يۆلەنگەن سۆگەت.

مۇئەللەقتە ئېسىلغان ئايمۇ،

يۇلتۇزلارغا سۇنىدۇ شەربەت.

 

ئايزىتنىڭ بەشىنچى پارچە مۇشائىرسى

 

بۇقۇلدىغان نازۇك تۇيغۇلار،

تىڭىرقايدۇ نۇردا ئېھتىمال.

ئاستا ئۆتۈپ كەتتى يېنىمدىن،

يامغۇر ئۈچۈن تۈنىگەن شامال.

 

گۈلگە سادىق غەزەلخان بولبۇل،

كۈيلىرىدىن تۆكۈلەر ئازاپ.

خىيالدەكلا ياشىدىم بۈگۈن،

ئەتە ئۈچۈن قايغۇرماي چىداپ.

 

ئۇچۇپ كەلگەن ئاپپاق ئاققۇدىن،

سوراپ باقتىم ئاقار يولتۇزنى.

ئاپپاق پەيدىن قاناتلانغان چۈش،

تەشنا رەڭگەچىلىدى مېنى.

 

ئويلاپ قالدىم رومانتىك يازنى.

جىمجىتقىنە سايەمگە قاراپ ،

گۇگۇم بولۇپ ئۇزاتتىم كۈننى.

ھىسلىرىمنى ئاستا قۇچاقلاپ،

 

مېنىڭ ئالتىنچى پارچە مۇشائىرەم

 

ئاپئاق پەيدىن قاناتلىنىپ چۈشلەرمۇ،

تۈنەپ چىقسا يېشىل رەڭلىك ئورماندا.

خىيال قۇشى پەرۋاز قىلار توختىماي،

يەتمەك بولۇپ سانسىزلىغان ئارمانغا.

 

تەشنا رەڭلەر ئازابلاردا تەڭشىلىپ،

ئوخشاپ قالسا ھەسەن بىلەن ھۈسەنگە.

گۈگۈم كېلىپ ئۇزاتقاندا قۇياشنى،

نەمخۇش تۇيغۇ ئايلىنىدۇ شەبنەمگە. 

 

ئۇزىرايدۇ جىمجىت دەرەخ سايىسى،

يەر يۈزىگە ھېسلىرىنى تۆككەنچە.

ئەپقاچىدۇ قۇياش ئايدىن ئۆزىنى،

تاغ كەينىگە ئاستاغىنا مۆككەنچە.

 

ئاقار يۇلتۇز تۈن باغرىدا قالدۇرغان،

نۇر بەلبىغى ئېسەنكىرەپ تارايدۇ.

خىيالدەكلا ياشاپ يۈرگەن كېپىنەك،

گۈل چىقارغان غۇنچىلارنى مارايدۇ.

 

ئۇپۇق سىزغان سۈرەتلەرنى ساقلايدۇ،

تاڭلار بىلەن تەڭ سۈزۈلۈپ تۇيغۇلار.

قۇياش چىقسا نەيزىسىنى كۆتۈرۈپ،

ئېرىپ كېتەر كېچە ياغقان قايغۇلار.

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif