ئۇستام شاگىرتىڭىزغا قاچان ھۈنەر بېرىسىز؟

ۋاقتى: 2011-07-23 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 116 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇستام شاگىرتىڭىزغا قاچان ھۈنەر بېرىسىز؟

 

نىمىشقىكىن سىرتلارغا چىقىپ قالسام ئەتىراپىمدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىگە ئىختىيارسىز دېققەت قىلىپ سالىمەن.بۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئويلىنىپمۇ كېتىمەن.بەزىدە بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ باشقىلارغا تۇتقان قوپال مۇئامىلىلىرىنى كۆرگەندە،ئازار يېگۈچىلەر  بىلەن بىر قاتاردا ئازابلىنىپ كېتىمەن.

مەن بىر يىلدىن بۇيان چاچ ئالدۇرۋاتقان بىر ساتىراشخانا بار ئىدى.بۇ ساتىراشخانا بېزىلىشى ئاددىي بولسىمۇ،خوجايىننىڭ ساتىراشلىق تېخنىكىسى خېلى ياخشى،كىرىپ ئورۇندۇققا ئولتۇرسىڭىزلا،چاچ شەكلىڭىزنى دەپ بەرمىسىڭىزمۇ،چېچېڭىزنى كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئېلىپ قويالاتتى.شۇڭىلاشقا چېچېم ئۈسۈپ ئالدۇردىغان ۋاقىت بولغاندا ئىختىيارسىز مۇشۇ ساتىراشخانىغا قاراپ يول ئالاتتىم.چېچېم ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن رازىمەنلىك بىلەن قايتىپ چىققاتتىم.لىكىن“بىر خوشلۇق بار يەردە بىر كۆڭۈلسىزلىكمۇ بار“دېگەندەك بۇ ئۇستامنىڭ ئەتىراپىدىكى شاگىرتلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى دائىم كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى.يېشى بىر-بىرىدىن سەللا پەرق قىلىدىغان بۇ ئۈچ يىگىت ئۇستامنىڭ قاش-كىرپىگىنىڭ مىدىرىشىغا سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ تۇرىشى كېرەك.سەللا بىخەستىلىك قىلىپ قويسا،ئېغىر تىل-دەشنامغا قالىدىغانلىقى ئېنىق.ئالدى 15-16ياشلارنىڭ،كەينى13-14 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ يىگىتلەر كەلگۈسىدىكى ياشاش ئۈچۈن ئەسقاتىدىغان بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىۋىلىش ئۈچۈن خېلى خورلۇقلارغا چىداپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى.گاھىدا ئۇلارنىڭ كۆزىدىن مەندىن قاتتىق خىجىل بولۇش ئالامەتلىرىنى سەزگەندەك بولاتتىم.گاھىدا ئۇلارنىڭ ئاغزىغا كەلگەن غەزەپ بىلەن تولغان سۆزلىرىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئىچىگە يۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.مانا مۇشۇنداق چاغلاردا ئۆز-ئۆزۈمگە“ھەي دۇنيا، بۇ سېنىڭ زوۋىلىسى كىچىك ئۈزۈلگەن بەندىلىرىڭگە كۆرسىتىدىغان كۈنۈڭمۇ؟ئاشۇ رەھىمسىز ئۇستامنىڭ قولىدا مۇجۇلغان سەبىي يۈرەكلەرنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولارمۇ؟ئۇلار ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن خورلۇقلارنى چوقۇم تارتىشى كېرەكمۇ؟“دېگەندەك ئازابلىق سۇئاللارنى قويۇپ كېتەتتىم.مانا بۈگۈنمۇ چېچېمنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن ساتىراشخانىغا كىردىم،دۇنكاندا مەندىن بۆلەك خېرىدار يوق ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ،ھېلىقى ئۈچ شاگىرت بالا شۇنداق ئالدىراش بولۇپ كەتتى.بىرى سۇ تەڭشىسە،يەنە بىر مەن ئولتۇردىغان ئورۇندقنى تارتتى بىرى بولسا كۆينەكنىڭ ياقىسىنى قايرىپ،لۆڭگە قىستۇرۇپ تەييار قىلدى.بالىلارنىڭ ھەركىتى شۇنداق چاققان،كەمكۈتسىز ئىدى.ئۇلار ئامال بار ئۇستامنىڭ ئۆز ھەركىتىدىن قۇسۇر تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.كۆڭلۈمدە“بۈگۈن چوقۇم چاتاق چىقمايدۇ،بۇلار بىلەن بىر قاتاردا ئازاپلانمايدىغان بولدۇم“دەپ ئويلىدىم.لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس دۇكاندىكى ئەڭ كىچىك شاگىرتنىڭ چېچېمنى بەك قۇرتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇستامنىڭ ھاقارەت سۆزلىرى يەنە يېغىپ كەتتى.بۈگۈن بۇ ئىشقا پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم-دە“ئۇستام چاچ بەك قۇرۇپ كەتكەن بولسا،ئازراق سۇ چېچېىۋەتسەكلا بولىدۇ،چوپ-چوڭ بولۇپ قالغان ئوغۇل بالىنى بۇنداق خىجىل قىلسمىڭىز قانداق؟نېمىلا بولمىسۇن مەن دۇككىنىڭىزغا خېرىدار،خېرىدار دېگەن ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمان بىلەن ئوخشاش.ئۆيىمىزگە مېھمان كەلگەندە بالا-ۋاقىلىرىمىزغا ۋاقىراش ئەمەس،چېنە –قاچىلارنىڭ ئۈستەلگە چىڭراق قويۇلۇپ كېتىشىدىمۇ ئېھتىيات قىلىمىز.سىز گەرچە شاگىرتىڭىزنى تىللاۋاتقان بولسىڭىزمۇ،بۇ قىلىقىڭىز ماڭا ھار كەلدى“دېدىم. ئۇستام مېنىڭ ئاغزىمدىن بۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ئويلىمىغان چېغى نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى-دە،ئۆزىنى دەرھال ئوڭشاپلا“ئەپەندىم،مەن بۇ ئۇكامغا مۇنداقلا چاقچاق قىلىپ قويدۇم،سىلى كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا،بۇلار بەك دۆت،مۇشۇنداق ئەدەپلەپ تۇرمىساق،ئىشنى ئوڭشاپ قىلالمايدۇ“دېدى.ئۇ گەرچە ئاغزىدا مەندىن كەچۈرۈم سورىغاندەك قىلسىمۇ،كۆڭلىدە مەندىن قاتتىق نارازى بولغان ئىدى.ئۇنىڭ نارازى بولغانلىقى،ھېلىقى شاگىرتقا قاتتىق بىر كۆز ئالايتقانلىقىدىن چىقىپ قالغان ئىدى.مەن ئۇنىڭ ئاشۇ چەكچەيگەن كۆزلىرىنى ئەينەكتىن كۆرۈپ قالغان ئىدىم.شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ:

نېمە دېگەن قالتىس نېمە ئەينەك دېگەن،

كىم ياساپ چىققان بولغاي دەسلەپ ئۇنى.

سۇندۇرۇپ تاشلانسىمۇ ھەر پارچىسى،

كۆرسىتەر ھەر نەرسىنىڭ دەل ئەينىنى.

 

دېگەن مىسرالىرىنى ئېسىمگە ئالدىم.بۇ ئۇستامنىڭ مەندىن خاپا بولغانلىق ھالىتى ئۇنىڭ ئاشۇ ئەينەكتىكى چىرايىدىن ماڭا ئۆز ئەينى يىتىپ كەلگەنلىكى ماڭا بۇ مىسرالارنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتقاندەك بولدى.تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم.ناۋادا ئىنسانلارنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىمۇ مۇشۇ ئەينەكتەك ياسالمىلىقتىن خالى بولغان بولسا،بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولغان بولاتتى-ھە!.چېچىم ياسىلىپ بولغاندىن كىيىن،سىرتتىن بىرى بۇ ئۇستامنى چاقىرىپ قالدى.دۇكاندا ئۈچ شاگىرت بىلەنلا قالدىم.بۇ ئۇلار بىلەن پارڭلىشىۋالىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىدى.

-ئۇكام نەچچە ياشقا كىردىڭ؟دەپ سورىدىم ئەڭ كىچىكىدىن.

-13 ياشقا.

-مەكتەپتە ئوقىمىدىڭمۇ؟

-دادام ھۈنەر ئۆگەن دەپ چىقىرۋالدى.

-ئوقۇغۇڭ بارمىتتى؟

-ئەلۋەتتە بار-دە.

-ئۇستام سىلەرگە دائىم مۇشۇنداق قوپال مۇئامىلە قىلامدۇ؟

ئۇ بۇ سۇئالىمدىن چۆچۈپ كەتتى.دەرھال قالغان ئىككى ھەمراھىغا قاراپ نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.سۇئالىمنىڭ ئۇنى قىيىناپ قويغانلىقىنى ھېس قىلىپ،گەپنى باشقا ياققا بۇرىدىم.

-بۇ ساتىراچخانىغا كەلگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟

-ئىككى يىل بولاي دېدى.

-قانچىلىك ھۈنەر ئۆگەندىڭ؟

-ئىككى يىلدىن بۇيان باش يۇيۇش بىلەن دۇكاننى تازلاش ئىشىنى قىلىپ كېلىۋاتىمەن.

-ھازىرغىچە بىرەر قېتىم ئۆزۈڭ مۇستەقىل چاچ ياساپ باقمىدىڭمۇ؟

ئۇ خىجىللىقتىن بېشىنى تۆۋەن سېلىۋالدى.قالغان ئىككەيلەندىنمۇ مۇشۇ قاتارلىق سۇئاللارنى سوراپ باقتىم.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىسقا تۇرغانلىرىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ.لىكىن ئۇستام ئۇلارغا تۈزۈك بىر نەرسە ئۆگىتىپ باقماپتۇ.ئۇلار تېخى بۇ ئۇستامغا ئاز-تولا ھەقمۇ تۆلەيدىكەن.

-سىلەر ھەق تۆلىگەندىن كىيىن ئۇستامغا بىرەر نەرسە ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلساڭلار بولمامدۇ؟دەپ سورىدىم.

-“ئۇستامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان،ئۇنداق دېيىشتىن قورقىمىز“دېدى ئەڭ چوڭى.ھېلىقى ئۇستامنىڭ سىرتتىن يېنىپ كىرىشى بىلەن سۆھبىتىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.ساتىراشخانىدا بىر پاتمان چېچىمنى قالدۇرۇپ قويۇپ،يەنە بىر پاتمان سۇئاللارنى يۈدىگەن پېتى چىقىپ كەتتىم.بۇ بىر نەچچە قېتىملىق ئىش سەزگۈلىرىمنى غىدىقلاپ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە نۇرغۇن خىياللارنى سۈرۈشۈمگە تۈرتكە بولدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئادەتلىرىنىڭ ئىچىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان بىر ساھە.ئەجداتلىرىمىز ھۈنەرۋەنچىلىكنى ناھايىتى ئەلا بىلىپ،ئەۋلاتلارغا بىرەر ھۈنەرنى مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ كەلگەن.شۇڭىلاشقا ياش ئەۋلاتلارنى بىرەر ھۈنەرنى ئىگەللەش شۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدە تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن.“ئوغۇل بالىغا 72خىل ھۈنەر ئاز“،“ھۇنەر تاشقا جان بېرەر“،“ھۈنەر بولسا يولۇڭدا،نان تېپىلار قولۇڭدا“،“ھۈنەرلىك خار بولماس،ھۈنەرسىز باي بولماس“ھۈنەرلىك ئاش تاتلىق ئاش،ھۈنەرسىزدىن بەدەر قاچ“دېگەندەك ماقاللاردىن،شۇنداقلاھۈنەر كەسىپنىڭ خاسىيىتى ھەققىدىكى چۆچەكلەردىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بۇ خىل روھى ھالىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ئەجداتلىرىمىز ھۈنەرنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىدىكى رولىنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرگە يەنە،ھۈنەر ئىگىلىرى بولغان ئۇستاملارنىمۇ ئالاھىدە ئۇرۇنغا قويغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ھۈنەرۋەنلەرگە ئالاھىدە سەھىپە ئاجىراتقان.

 

يەنە بىر گوروھ ئۇ ھۈنەرۋەن ئىرۇر،

تىرىكلىك يولىدا ھۈنەرلەر قىلۇر.              4456-بېيىت

 

كېرەكلىك كىشىلەر يەنە بۇ ساڭا،

بېرور پايدا يىگىت يېقىن بول ئۇڭا.                4457-بېيىت

 

تۆمۈرچى،ئۆتۈكچى،يەنە تېرىچى،

يا سىرچى،بوياقچى،يا ئوقچى ياچى.                   4458-بېيىت

 

بۇ دۇنيا زىننىتى بۇلاردىن بولۇر،

جاھاندا تاڭ ئىشلار بۇلاردىن بولۇر.                  4459-بېيىت

 

ئاشۇلار بىلەن ھەم قوشۇل ۋە قېتىل،

ئۇلارنى سۈيۈندۈر،سۈيۈنچىدە تىرىل.                     4461-بېيىت

 

ئالىمنىڭ يۇقىرقى مىسىرالىرىدىن ھۈنەرۋەنلەرنى قانداق ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ.مېنىڭچە ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىن تارتىپ مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەرنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەن.بىرى دىنى بىلىم جەھەتتە توشقان ئۆلىمالارنى،بىرى،مەكتەپلەردە ئىلىم تارقاتقان ئۇستازلارنى،يەنە بىرى بولسا مەلۇم ھۈنەردە ياخشى شاگىرت تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان ھۈنەرۋەنلەرنى.بۇلار ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش كەسىپلەر بولۇپ،پەقەت ئىجىراقىلىش ئۇسۇللىرىدىلا پەرقلەر بار.بىز مەيلى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھۈنەرۋەنلەرگە تۇرتقان پوزىتسىيىسى نوقتىسىدىن ياكى ھۈنەرنى ئۇلۇغلاش نوقتىسىدىن ھازىرقى بىرقىسىم ھۈنەر بەرمەس ئاتالمىش ئۇستاملارغا قارايدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەسۋىرلىگەن ھۆرمەت تەختىدىن ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى مۇساپىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق،قول-ھۈنەۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ خېلى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زامان تەرەققىي قىلدى،جەمىيەت ئۆزگەردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخنىكىلارنىڭ يېڭىلىنىش سۈرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.بۇ خىل ھالەت قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىمىزگە بەلگىلىك تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلدى.زامانىۋى تېخنىكىلارنى قوللىنىپ،ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ ياسالغان مەھسۇلاتلار كۆزىمىزنى قاماشتۇرۇپ،ئۆزىمىزنىڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى كۆزىمىزگە سەت كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدى.نەتىجىدە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىمىز تېز سۈرەتتە خاراپلىشىش يولىغا قاراپ قەدەم قويدى.“ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى“دېگەن كىتاپلاردا تونۇشتۇرۇلغان نۇرغۇن كەسىپلىرىمىز كىتاپ يۈزىدىلا قالدى.بەزى ھۈنەرلەرنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى.بەزىلىرى پۇل تاپقىلى بولمىدى دەپ بۇ ھۈنەرلەرنى تاشلاپ باشقا جاھاندارچىلىققا چۈشۈپ كەتتى.دېمەك،دەۋىر ئەجداتلىرىمىزدىن مىراس سۈپىتىدە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا كېلىۋاتقان ھۈنەرۋەنچىلىك ئەنئەنىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ بارماقتا ئىدى.ئەمىلىيەتكە نەزەر سېلىپ باقايلى،ھازىر قانچىلىك ئاتا-ئانا باللىلىرىنى ھۈنەرگە بېرىۋاتىدۇ؟بۇنداق ئادەملەر ناھايىتى ئاز قالدى.ئاز قالغانلىرى بولسا، ھۈنەر ئۆگەتمەيدىغان ئۇستاملارنىڭ ناكەس قولىدا ئۆمۈرىنى زايە قىلىپ پۇچۇلىنىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولىۋاتماقتا.

بالىلىرىمىزنى مەكتەپلەرگە بەردۇق،لىكىن كۆپىنچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ قانچىلىك نەرسە ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدۇق.بالىلىرىمىزنى ھۈنەرگە بەردۇق.ئۇلارنىڭ ھۈنەرنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئىگەللەپ مۇستەققىل دۇكان ئايرىيالايدىغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمىدۇق.قارىغاندا بىز زىيان تارتىشقا ئامراق مىللەت ئوخشايمىز.مېنىڭچە مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئېلىش بىلەن بىرەر ئۇستامنىڭ قولىدا تۇرۇپ ھۈنەر ئۆگىنىش ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش.مەسئۇلىيەتسىز ئوقۇتقۇچى نادان ئوقۇغۇچىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ھۈنەر بەرمەس ئۇستاممۇ،قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان،ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش قىلىدىغان نائۇستىلارنى جەمىيەتكە چىقىرىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىردا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىسى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتنىڭ خاراپلىشىشى بولۇپ چىقىدۇ.

يېقىندا بىر ئادۇۋكات دوستۇمدىن مانا مۇشۇنداق ھۈنەر بەرمەس ئۇستام بىلەن شاگىرت ئوتتۇرسىدىكى دېلونى ئاڭلاپ قالدىم.پېچىنە-پىرەنىك ياسايدىغان بۇ ئۇستام مەلۇم بىرەيلەنگە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىتىپ قويۇش شەرتى بىلەن بىر يىللىقىغا 1300يۇەندىن تەربىيلەش ھەققى ئېلىپ،بۇ كىشىنى دۇكىنىدا ئىككى يىل ئۇششاق –چۈششەك ئىشلارغا سېلىپ ھېچنېمە ئۆگەتمەپتۇ.نەتىجىدە بۇ قىزچاق ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئەمدى ھۈنەر ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،ئۇستام تەرپىدىن دۇكاندىن قوغلاپ چىقىرلىپتۇ.ئۆگىتىپ قويمىسا پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا،قىزچاقنىڭ غورۇرىنى دەپسەندە قىلىدىغان گەپلەرنى قىپتۇ.قىزچاق ئامالسىز سوتقا ئەرز سۇنۇپ،داۋادا ئۇتۇپ چىقىپتۇ.ئۇستام ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ.قىزچاق گەرچە بۇ دەۋادا ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئىككى يىللىق ئۆمىرى بىكار ئۆتكەنگە ھېساپ بوپتۇ.

ئويلاپ قالدىم،ھازىر ئۇستاملارنىڭ قولىدا نەچچە يىل تۇرۇپمۇ تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئۆگىنەلمەي،ئۆمۈرىنى زايە قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟ئۇستاملىرىغا ھۈنەر ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلالايدىغان،غورۇرى دەپسەندە قىلىنغاندا دادىللىق بىلەن ھوقۇقىنى قوغدىيالايدىغانلاردىن يەنە قانچىلىك باردۇ؟قايسى كۈنى بىر سورۇندا 40يىلغا يېقىن تۆمۈرچىلىكە شاگىرت كىرىپ،بىرەر تاقا سوقۇپ باقمىغان بىرەيلەننىڭ گېپى بولدى.بىچارە بايقۇش ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپ،ئوتتۇز يىلغا يېقىن بازغان ئۇرۇپتۇ.بۇ جەرياندا بىرەر قېتىم يۈرەكلىك بىلەن ئۇستىمىدىن باشقا ئىشلارنى قىلىپ بېقىشنى سوراپ باقماپتۇ.

ھەر قايسى ھۈنەرلەرنىڭ ئۆگەتكۈچىلىرى بولغان ئۇستاملار ئەمدى ھەممىمىز ئويلىنىدىغان بىر يەرگە كەلدۇق.قول-ھۈنەرۋەنچىلكىكىمىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا،كىيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرلۇشقا ھەقىقەتەن مۇھتاج. شۇڭا سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ھۈنەرلىرىڭلارنى قول ئاستىڭلاردىكى شاگىرتلىرىڭلارغا قالدۇرشۇڭلار سىلەرنىڭ ۋىجدانى قەرزىڭلار.ھۈنەرلەرنى ئىچىڭلاردا سېسىسىتپ،لەھەتكە تەڭ ئەكىتىشىڭلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ خاراپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن.ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ھۈنەرۋەن بولساڭلار شاگىرتلىرىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلاردىن ئېشىپ چۈشىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭلار.چىرىقىڭلارنىڭ شاگىرتلىرىڭلار تەرىپىدىن يورۇتۇلىشىغا ئاساس سېلىشىڭلار لازىمدۇر.

ھەر قايسى ھۈنەر ئۆگەنگۈچى شاگىرتلار سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار تۇرىۋاتقان ئۇستاملاردىن ھۈنەرنى ياخشى ئۆگۈنىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇڭلارنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماڭلار.سۈنۋۇڭۇڭ ئەينى ۋاقىتتا شاگىرتلىققا كىرگەندە ئۇستازىدىن ئەرشنى مالىمان قىلغۇدەك ھۈنەرنى ئۆگىنىپ قايتقان.ئۇنىڭ ھۈنەرنى قانداق ئۆگەنگەنلىكى ھەممىڭلارغا ئايان.ھۈنەرنى ياخشى ئۆگىنىش كەلگۈسىڭلارنىڭ پارلاق بولىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئۇيغۇر قول-ھۈنەرۋەنچىلىكى سىلەرنىڭ چىۋەر قولۇڭلار بىلەن زاماننىڭ رىقابەتلىرىدىن ئۈزۈپ چىقالايدۇ.قېنى سۇنۋۇكۇڭدەك روھ بىلەن دۇنيانى زىل-زىلگە سېلىشقا تەييار بولدۇڭلارمۇ؟

 

2009-يىلى6-ئاينىڭ12-كۈنى

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif