قەدىمكى “ قۇرۇقتاغ ئېلى “ توغرىسىدا(سۈرەتلىك)
مەنزىرىسى گۈزەل قۇرۇقتاغ
قەدىمكى “ قۇرۇقتاغ ئېلى ” توغرىسىدا
شىرىپ موسا
دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى زامان تارىخ مەنبەلىرىدە « لوپ » دەپ ئاتالغان بۇ كەڭ زىمىننىڭ – كىچىك لوپ، چوڭ لوپ دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.
چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىدىكى كىچىك لوپ- تارىم، چەرچەن، چاقىلىق دەريالىرىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلۇش نوقتىسىدا بولوپ، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋىرىدە بۇ يەردە چولى دۆلىتى، لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كىرورەن دۆلىتى ھازىرقى لوپنۇر ناھيىسى ھېساپلانغان چوڭ لوپ دائىرىسىدىكى قۇرۇقتاغدا قۇرۇقتاغ ئېلى بار ئىدى.
بېرگماننىڭ ”شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى“ ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن لوپنۇر رايۇنىنىڭ خەرىتىسى (1)
دۆلىتىمىزنىڭ شۇنداقلا چەتئەللەرنىڭ بىر قىسىم تارىخشۇناسلىرى، ئارخىئولوگلىرى ئالدىنقى ئىككى ئەل- چۇلى، كىرۇرەن ھەققىدە خېلى كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى ۋە بىر قىسىم تەتقىقات نەتىجىلىرنى ئېلان قىلىشتى. لىكىن قۇرۇقتاغ ئېلى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرەر كىم ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغىنى يوق، بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەلۋەتتە.
قۇرۇقتاغ ئېلى تارىخىنى تەتقىق قىلىپ يورۇتۇپ بېرىش- رايۇنىمىز شىنجاڭنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخنى يورۇتۇپ بېرىشتە بوش تۇرغان بىر نوقتا بولۇپ، ئۇ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش كۆز ئالدىمىزدىكى موھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرسى بولوپ ھېساپلىنىدۇ. مەن ئۇزۇن يىللىق ئۆگۈنۈش، تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق توپلىغان ماتىرىياللىرىم ئاساسىدا «قۇرۇقتاغ ئېلى» ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. كەسىپداشلارنىڭ خاتا جايلىرىغا تەنقىت بېرىپ كام يەرلىرىنى تۇلۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بېرگماننىڭ ”شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى“ ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن لوپنۇر رايۇنىنىڭ خەرىتىسى(2)
قۇرۇقتاغ ئېلى توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ زېمىنى بىلەن تۇنۇشۇپ ئۆتەيلى! قۇرۇقتاغ ئېلى- قۇرۇقتاغدىكى ئەل دىگەن مەننى بىلدۈرىدۇ. قۇرۇقتاغ كورلا شەھىرنىڭ شەرقى شىمالىدىكى ئاق تاغدىن باشلىنىپ، لوپنۇر ناھيىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرىپىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئالتۇنتاغ تىزىمىلىرىغا تۇتىشىپ كېتىدۇ، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن 1200 مىتىرىدىن 2782 مىتىرغىچە ئىگىز، تاغلىق يەر كۆلىمى 7527.2 كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ. تاغ ئارىسىدا بىر نەچچە ئوچۇق ئويمانلىق بار، بىر قەدەر چوڭراق بولغان شېڭدى، سۆگەت ئويمانلىقىنىڭ كۆلىمى 373.7 كۇۋادىرات مىتىر كېلىدۇ، جەنۇپ تەرىپى يەلپۈگۈچسىمان لاتقىلىق تىنما تۈزلەڭلىك بولوپ، كۆلىمى 9775.1 كوۋادىرات كىلومىتىر كېلىدۇ. ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 860 مىتىرىدىن 1200 مېتىرغىچە ئىگىز بولوپ، كۆنچى (تەمەنپور) دەرياسىغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ياز كۈنى سالىقىنىراق، قىش كۈنلىرى تاغ ئۈستى جىۋا ( سوغاق، شاماللىقىراق) ئويمانلىقلىرى ئىۋا ( ئىسسىق، دالدىراق) كېلىدۇ.
تاغقا يىراقتىن نەزەر سالىدىغان بولساق- دەل- دەرەخ يوق، ئوت- چۆپ ئۈنمەيدىغاندەك قۇرۇق، قاقاس، تاقىر كۆرىنىدۇ. مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا (قۇرۇقتاغ) دەپ نام قويۇلغان بولوشى مۇمكىن، بۇنداق نام قويۇش، ئاتا- بوۋىلىرىمىىزنىڭ قەدىمدىن بۇيانقى نام قويۇش ئادەتلىرىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.
قۇرۇقتاغ رايۇننىڭ يېكەنغول دېگەن جايىدىكى قەبرىستانلىق(بېرىگماننىڭ شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى)
قۇرۇقتاغ دىگەن نامدىن تاغىنىڭ قۇرۇق- قاقاس، تاقىر تاغ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرسىمۇ، قېتىغا ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس، قۇرۇقتاغ شىمالى تەرەپتىن باغىراش كۆلىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ، تاغ قېتىدىكى جىرالاردىن ئېتىلىپ چىقىپ قىش- ياز توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار ناھايىتى كۆپ، بۇ بۇلاقلار باغراش كۆلىنىڭ سىرقىندى سۇلىرىدىن ھاسىل بولغان بولوشى مۇمكىن. ھۆل-يىغىن مىقدارى ئۆلكە يەرلىرىگە قارىغاندا نىسپىتىدىن كۆپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن جىرالاردىكى بۇلاق ئېقىنلىرى بويلىرىدا تال، قارىياغاچ ، توغراق، جىگىدە، تېرەك، زىرىق، يۇلغۇن قاتارلىق ھەر خىل دەرەخلەر ئۆسۈپ قېلىن ئورمانلارنى ھاسىل قىلغان. تاغ ئۈستى، يانباغرى، ئويمانلىقلىرىدا شۇنداقلا كۆنچى (تەمەنپور) دەرياسىغا تۇتىشىپ تۇرىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما لاتقىلىق تۈزلەڭلىكلەردە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر قويۇق ئۆسىدۇ. بۇ يەر ئوتخور ھايۋانلاردىن جەرەن، بوغا، ئارقار، تاغ تېكىسى، توشقان قاتارلىقلارنىڭ ياشىشىغا باپ كېلىپلا قالماستىن، چاۋرا بېقىشقىمۇ باپ كېلىدىغان تەبىئى ئېسىل يايلاق بولوپ ھېساپلىنىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىنسانلار ئوت، سۇ قوغلىشىپ كۈچۈپ يۈرۈپ چارۋا بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، قۇرۇقتاغ دائىرىسى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئىنسانلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى بولوپ ھېساپلىنىدۇ. بۇنداق دېيىشىمىزنىڭ سەۋەبى: قۇرۇقتاغ دائىرىسى ئىچىدىكى سۆگەتتە 4 ئورۇندا، شىڭدىدا 3 ئورۇندا، سىڭىردا 1 ئورۇندا، سېرىق بۇلاقتا 1 ئورۇندا جەمئى 9 ئورۇندا قەدىمقى ئىنسانلار سىزىپ قالدۇرغان قىيا تاش رەسىملىرى بار . بۇ قىيا تاش رەسىملىرى تەڭرى تاغلىرى، ئالتاي تاغلىرىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىگە دەۋىرداش بولوپ، مەزمۇن، سىزىلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە. بۇ قىيا تاش رەسىملىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن تۆۋەندىكىچە گۇرۇپپىلاشقا بولىدۇ.
قۇرۇق تاغدىكى قىياتاش سۈرەتلىرى
قۇرۇقتاغ قىياتاش سۈرەتلىرى
بىرىنچى: ئەجداتلارنىڭ تۇتىمى، ئىپتىدائى دىننى ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئارقار، تاغ تېكىسى قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى؛
ئىككىنچى: ئىپتىدائى ئوۋىچىلىققا ئائىت ئوقيا ئېتىۋاتقان ئادەم رەسىمى.
ئۈچۈنچى: قولغا ئۆگىتىلگەن ئات، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى؛
تۆتىنچى: ئىنسانلار ئىشلەتكەن تامغا ، بەلگىلەرنىڭ رەسملىرى:
بەشىنچى: دېھقانچىلىققا ئائىت يەر ھەيدەۋاتقان ئادەم رەسىمى.
ئالتىنچى: سودا- سېتىققا ئائىت ساندۇق ئارتىلغان تۆگە رەسىمى.
ساياھەتچىلەر تەرپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان قىياتاش سۈرەتلىرى
يوقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىيا تاش رەسىملىرى مۇرەككەپ قۇرۇلمىغا ئىگە بولمىسىمۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇتىمىغا ئىشىنىش، ئوۋىچىلىق قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ چارۋىچىلقنى راۋاجلاندۇرۇش،چارۋىلارغا ئەن،تامغا،بەلگە ئىشلىتىش،دېھقانچىلق قىلش،سودا-سىتىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئوخشاش بىسىپ ئۆتكەن جەمىيەت تەرەقىيات تارىخىنىڭ ھەر قايسى دەۋىر باسقۇچى گۈزەل -سەنئەت شەكلى ئارقىلق ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن،شۇنداقلا ئۇنىڭدا ئەينى زامان كىشىلىرىنڭ تەپەككۇرى بىلەن ئستىتك تۇيغۇسى بىرلىشپ كەتكەن.
ساياھەتچىلەر تەرپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان قىياتاش سۈرەتلىرى(قۇرۇقتاغ قىياتاش سۈرەتلىرىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بۇ ئادىرىستىن كۆرگەيسىلەر:?p=332)
قىيا تاش رەسملىرنىڭ دەۋرى ھەققىدە قاھار بارات ئەپەندى تەڭرى تاغلىرىدكى ‹‹كۆجەي قىيا تاش رەسىملىرى ››دىگەن ماقالىسىدا ‹‹تەكرار ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگيىىلىك تەكشۈرۈش،ئەتىراپلق سىلىشتۇرۇش، تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن‹پەنجىر تاغ›ۋە ‹توغراق بۇلاق› قىيا تاش رەسىملىرىنڭ دەۋرىنى-قەدىمقى ئوۋچىلىقنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى يەنى 6000-4000 يىلار بۇرۇنقى مەزگىلدىن تارتىپ ھون ئىمپىريىسى دەۋرىى مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگىچە ۋە قەدىمقى تۈرۈك خانلىقى دەۋرىگىچە داۋاملاشقان دەپ ھۆكۈم قىلشقا بۇلىدۇ ››-دەپ يازىدۇ.قۇرۇقتاغ قىيا تاش رەسىملىرىنىڭ دەۋرىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ.ئەلۋەتتە.
ئومومەن ئالغاندا قۇرۇقتاغنىڭ قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا ئىنسلار پائالىيەت ئىلپ بارغان جايلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ.
ئەنەشۇ قۇرۇقتاغ دائىرسىدا قەدىمقى كىرورەن،چۆلى دۆلىتىگە دەۋىرداش قۇرۇقتاغ ئىلى بولغانىدى.ئۇ‹‹خەننامە››دەپ تىلغا ئېىلنىپ مۇنداق تۇنۇشتۇرۇلىدۇ:
قۇرقتاغ ئېلى‹‹تاغتۇرا››ئوتلاقتىكى ‹‹كۆچمەن ئەل››بۇلۇپ،ئۇنىڭ چىگرىسى ‹‹غەرپتە قارقۇمغىچە 240چاقىرىم،غەربى شىمالداكىنگىتقىچە 160چاقىرىم،غەربتەئۇششقىچە260چاقىرىم، شەرقى جەنۇپتا پىچان، چەرچەن بىلەن تۇتىشىدۇ›› شەھەر قەلئەسىنىڭ يىڭى سۆگەت تىغى بىلەن شىڭدى تېغى ئارىلغىدىكى تۆپىلىكتە ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن.مۇشۇ تۇنۇشتۇرۇشقا ئاساسەن ئىز قوغلساق، شەھەر قەلئەسىنىڭ خارابىسى ئورنىنى بېكىتىشكە ئوڭايلىق تۇغۇلىدۇ.
سۆگەت تېغى بىلەن شىڭدى تېغى ئارلىقىدا سۇزۇلۇپ ياتقان تۆپىلىك دائىرسىدىكى شىڭدى تېغىنڭ جەنۇبىغا 7 كېلومىتر،تەمەنپۇر(كۆنچى)دەريا سىنىڭ شىمالى قىرغىقىغا 4كېلومىتىر كېلىدىغان جايدا يەرلىك كىشىلەر ‹يىڭپەن› (خەنزوچە سۆز بۇلۇپ مەنىسى ئەسكەرخانا،بارىگاھ،گازارما)دەپ ئاتايدىغان كوناشەھەر خارابىسى بار،بۇ خارابەناھىيە مەركىزىدىن تەخمىنەن 150كېلومىتردەك يىراقلقتا تۇرىدۇ، خارابە-قەدىمكى شەھەر،قەدىمكى قەۋرىستا نلىق،تۇرا قاتارلقلاردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ دائىرىسى 25مىڭ كۇۋادىرات مىتىركېلىدۇ.ئۇ يىپەك يولىنڭ ئوتتۇرا تارماق يولى ئۈستىگە جايلاشقان.بۇ شەھەر خارابىسنى 20-ئەسىرنىڭ باشلىىرىدىن تارتىپ 30-يىلرىغىچە چەتئەلىك ئالىملاردىن روسىيىلىك پىتر كوزلۇۋ،شىۋتسيلىك سىۋىن ھېدىن، ئەنگىليەلىك سىتەيىن،شىۋتسىلىك بېرگىمان قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بۇلۇپ تەكشۈرگەن.سىتەيىن بۇ شەھەر خارابىسىنى‹‹جۇبىڭ شەھەر خارابىسى بۇلىشى مۈمكىن››دەپ پەرەز قىلغان.1989-1995-يىللىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئارخىلوگىيە خادىملىرى ئىككى قىتىم تەكشۈرۈپ،شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنڭ كۆپلەپ تىپىلغانلقىغا قاراپ ‹‹2-كىرورەن›› دەپ ئاتالدى.شۇنداقلا بۇيەردىكى قەۋرىستانلىقنى قېزىش نەتىجىسى 1997-يىللىق مەملىكەتلىك 10چوڭ ئارخىلوگىيلىك بايقاش قاتارىغا كىرگۈزىلدى.
قۇرۇقتاغ رايۇنىدىن چىققان مەدەنىيەت بويۇملىرى
بۇ يەرنى ئېلىمىز ئالىملرى غەربى يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولغان ‹‹موشەن بەگلىگى››نىڭ پائالىيەت مەركىزى بۇلىشى مۈمكىن دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى.لىكىن ھازىرغىچە ھېچكىم ئېنىق بىر يەكۈنگە كەلگىنى يوق.
شەھەر خارابىسى جايلاشقان بۇئورنغا‹يىڭپەن›دىگەن ئاتنىڭ قۇيۇلىشى تېخى يىقىنقى زامانلاردىكى ئىش، بۇ يەر مۇھىم ئىستىرتىيگىيىلىك ئورۇن بولۇپ، شىمالى تەرەپتىن تۇرپان رايۇنىغا، شەرىق تەرەپتىن دۈنخۇاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلارغا بارغىلى بولىدىغان ئۆتكەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغلاردا ھۆكۈمەتكە قارشى غەليانچىلار پات – پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئورۇن بولغاچقا، ھەرقايسى دەۋىرلەردە ئۆتكەن ھۆكۈمەتلەر بۇ ئۆتكەلنى ئىگەللەپ غەليانچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكەر تۇرغۇزغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇنغا ‹يىڭپەن› دىگەن ئات قويۇلۇپ، كېيىنچە ئوموملۇشۇپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ.
قۇرۇقتاغ رايۇنىدىن چىققان مەدەنىيەت بويۇملىرى
ئۇنداق بولسا بۇ شەھەر خارابسىنىڭ ئەسلى نامى نىمە دەپ ئاتىلىدۇ؟
شەھەر خارابىسىنىڭ جەنۇپ تەرپىدىن تەمەنپور (كۆنچى) دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ بىرقىسمى كۆنچى دەرياسى دەپ ئاتىلىپ، شەھەر خارابىسى دائىرىسىدىكى قىسمى نىمە ئۈچۈن ‹تەمەنپور دەرياسى› دەپ ئاتىلىدۇ؟ بۇ كىشىنى ئويغا سالىدۇ ۋە شۇنداق سۇئال تۇغۇلىدۇ.
بۇ شەھەر خارابسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋتلىك بولىشى مومكىن. بۇنى ئىسپاتلاپ كۆرەيلى.
‹ تەمەنپور› دىكى ‹ تەمەن› نىڭ مەنىسى « تۈركى تىللار دىۋانى» دا كۆرسۈتۈلۈشىچە « تەمەنە» دىگەن مەنىدە. ‹ پور › ئارىئانچە سۆز بولۇپ، شەھەر، قەلئە دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ‹ تەمەنپور › دەرياسى دىگەنلىك، ‹ تەمەنپور شەھىرى دەرياسى › دىگەنلىك بولىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن شەھەر خارابسىنىڭ نامى ‹ تەمەنپور › بولىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ بۇ شەھەر دائىرىسىدىكى قىسمى شەھەر نامى بىلەن ‹ تەمەنپور ›دەرياسى دەپ ئاتالغانلىقى ئېنىق بولۇپ چىقىدۇ. بۇ خۇددى خوتەن دەرياسى، يەكەن دەرياسى، ئاقسۇ دەرياسى دىگەن ناملار دەريا ئېقىپ ئۆتكەن شەھەر نامى بىلەن ئاتالغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش.
تەمەنپور – قۇرۇقتاغ ئېلنىڭ مەركىزى شەھىرى دىسەك خاتا بولمايدۇ. بۇنداق دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى: قۇرۇقتاغ ئېلى مەركىزى تەمەنپورنىڭ جايلاشقان ئورنى، تاغتۇرالىرى، قوشنا ئەللىرى ۋە ئۇلار بىلەن بولغان ئارلىقى « خەننامە » دىكى تۇنۇشتۇرۇشقا ئاساسى جەھەتتن ماس كېلىدۇ.
قۇرۇقتاغ رايۇنىدىن بايقالغان تام رەسىمى
قۇرۇقتاغ ئېلىنىڭ تارىخدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم چوڭ ئىشلار دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى تارىخ مەنبەلىرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان.
كۆچمەن ئەللەر دۆلىتى – قۇرۇقتاغ ئېلى « خەننامە» دە، ئەڭ دەسلەپ تىلغا ئېلىنغان. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ خانى خەن ۋىندى زامانىسىنىڭ 4- يىلى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 176- يىلى ) ھۇنلارنىڭ غەرپتە تۇرۇشلۇق باتىسقانى چاكارلار كاھبىگى تەسىس قىلىپ، قۇرۇقتاغ ئېلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان غەربى يۇرت ئەللىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرغان. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ خانى ۋۇدى زامانىسىنىڭ جەنيۇەن 3- يىلى ( مىلادىن بۇرۇنقى 138- يىلى ) جاڭچىيەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە چىققاندا قۇرۇقتاغ ئېلىگە كەلگەن. غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ خانى ۋۇدى زامانىسىنىڭ تەيچۇ 4- يىلى ( مىلادىن بۇرۇنقى 101-يىلى ) خەن سۇلالىسىنىڭ ئىرسى سانغۇنى لى گۇاڭلى 2- قېتىم پەرغانىگە يۈرۈش قىلىپ قايتاشىدا بۈگۈردە پالۋاچ چىرىكچى قۇيۇپ، بۈگۈر، قۇرۇقتاغ ئېلى قاتارلىق جايلاردا بوز يەر ئاچقۇزغان. قۇرۇقتاغ ئېلى مانا شۇنىڭدىن تارتىپ غەربى خەن سۇلالىسىغا تەۋە بولغان ھەم بەيئەت قىلغان.
غەربى خەن سۇلالىسىنىڭ خانى شۈەندى زامانىسىنىڭ شىجۇ 2- يىلى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلى ) غا كەلگەندە ھونلارنىڭ غەربى يۇرتتا تەسىس قىلغان كاھبىگى بىكار قىلىنغان. خەن سۇلالىسى چىدىر بازىرى ( بۈگۈر بازىرى چىدىر يېزىسىنىڭ جەنۇبى) دا غەربى يۇرت قورۇقچى بىگى مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، غەربى يۇرتتىكى قۇرۇقتاغ ئېلى قاتارلىق ئەللەرنى بىر تۇتاش باشقۇرغان.
قۇرۇقتاغ رايۇنىغا تەۋە شىڭدىدىن بايقالغان قۇياشسىمان قەبرە
شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 3-يىلى ( مىلادى 60-يىلى ) قۇرۇقتاغ ئېلى قاتارلىق غەربى يۇرتتىكى ئەللەر ھونلارغا تەۋە بولغان.
شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭيۇەن 6-يىلى ( مىلادى 94-يىلى ) بەنچاۋ كۈسەن، پىچان بەگلىكى قۇشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ كىنگىتكە ھۇجۇم قىلغان. قارا قۇم، كورلا، قۇرۇقتاغ ئېلى بەگلىكلىرىنىڭ بەگلىرىنىمۇ ئالماشتۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقتاغ ئېلى قاتارلىق غەربى يۇرتتىكى ئەللەر يەنە خەن سۇلالىسىغا قۇشۇلغان.
شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭجيۇ 1- يىلى ( مىلادى 107-يىلى )ھون ئاقسۆڭەكلىرى قۇرقتاغ ئېلى قاتارلىق غەربى يۇرتتىكى ئەللەرگە يېڭباشتىن ھۆكۈمىرانلىق قىلغان.شەرقى خەن سۇلالىسنىڭ يۇڭجىيەن2 –يىلى( مىلادى127-يىلى) غا كەلگەندە بەنيۇڭ قۇشۇن باشلاپ كېلىپ جەڭ قىلىپ غەربى يۇرتنى قايتىدىن بىر لىككە كەلتۈرگەن.
ۋېي سۇلالىسىنىڭ خانى ۋىندى زامانىسىنىڭ خۇاڭچۇ 3- يىلى ( 222- يىلى ) قۇرۇقتاغ ئېلى قاتارلىق ئەللەر كىنگىت دۆلىتىگە قوشۇۋىتىلگەن. ئۇنىڭ تەۋەلىگى كىنگىت دۆلىتىنىڭ تەۋەلىگى بىلەن ئوخشاش بولغان مانا شۇنىڭدىن باشلاپ قۇرۇقتاغ ئېلى مۇستەقىل بىر ئەل بولىشتىن قالغان، ئۇنىڭ تارىخىمۇ شۇ يەرگىچە خاتىرلەنگەن.
شىڭدىدىكى قەبرە
قۇرۇقتاغ ئېلى نىمە ئۈچۈن كىنگىت ئېلىگە قوشۇۋېتىلگەن؟
ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى: ۋېي، جىن سۇلاللىرى دەۋرىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتىراپىدىكى بوستانلىقلارغا جايلاشقان نۇرغۇن كىچىك ئەللەر ئۆزلۈكسىز تۈردە بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ، ئاخىرى چوڭراق، بىر نەچچە دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن.بۇ ئەينى چاغدىكى جەمىيەت تەرەقىياتىنڭ يېڭى يۈزلىنىشى ئىدى.مۇشۇنداق بولغاندا ،سىياسى جەھەتتىن بىرلىككە كىلىپ،ھەربى كۇچ جەھەتتىن قۇدىرەت تىپىپ سىرتىقى كۇچلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۈنۈملىك قارشى تۇرالايتتى.ئىقسادى جەھەتىتن بىر-بىرنىڭ كەم يېرىنى تولدرۇپ روناق تاپالايتى.بۇنداق قۇشۇلۇپ كىتىشى ئىجابىيلىققا ئىگە ئىدى.لىكىن ئۇ تىروتۇرىيىسى يىپەك يولى لىنيىسدىن چەتكە جايلاشقان ئەللەردە ئەمەلگە ئاشقان،بۇنداق دېيىشىمىزنڭ سەۋەبى، ئۇلارغا نىسبەتەن سىرتقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزى ئازىراق بولاتتى.يىپەك يولى ئۈستىدىكى قۇرۇقتاغ ئېلى ئوخشاش ئەللەرگە ھونلار داۋاملىق تاجاۋۇز قىلىپ تۇراتتى ھەم. ئۆزىگە قارام قىلپ بىسىۋالاتتى.
قۇرۇقتاغ ئەتىراپىدىن بايقالغان قەبرىلەردىكى ئادەم باش سۆڭەكلىرى
يىپەك يولىدىكى سودىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،شەرق بىلەن غەرپنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرشىنى ئۈزۈپ قۇياتتى. بۇنىڭغا قارشى خەن سۇلالىسىى ھو نلارغا جازا ئۇرۇش ئېلپ باراتتى.بۇنداق ئۇرۇشلار ئۈزلمەيتى.ئۇرۇش بولىدىكەن خەلق ئۈلۈم-يىتىمدىن،يۇرت خانىۋەيران بولۇشتىن خالى بۇلالمايدۇ.مانا مۇشۇنداق ئۆزلۈكسىز بۇلۇپ تۇرغان ئۇرۇشلار،مالىمانچىلقلار قۇرقتاغ ئېلىنى سىياسىي،ئىقسادىي،ھەربىي جەھەتتىن كۆپ تالاپەتكە ئۇچىراتقان،ھەتتا تەمەنپور شەھىرىنمۇ ۋەيران قىلىپ،خەلقنى چوڭ لوپ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.
شۇنىڭ نەتىجسىدە، قۇرۇقتاغ ئېلى مۇستەقىل ئەل بولۇشتىن مەھرۇم قا لغان. شۇ سەۋەپتىن باشقۇرۇشقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن كىنگىت ئېلىگە قوشۇۋىتلگەن دەپ پەرەز قىلشقا بولىدۇ،
قۇرۇقتاغ رايۇنىدىكى سىرلىق يارداڭ يەر شەكلى
تارىخى ماتىرىياللارغا ۋە ئارخئولوگىىلىك تېپىندىلارغا ئاساسلانغاندا، قۇرقتاغ ئېلىدە ساكلار، ھونلار،توخرىلار ياشىغان.ئۇلار يىپەك يولى ئۈستىدىكى زېمىن ئەۋزەلىگىدىن پايدىلىنىپ شەرق بىلەن غەرپنىڭ سودا- مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.شۇنداقلا شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيتىنڭ جەۋھەرلىرىنى قۇبۇل قىلىپ،زامانىسىغا نىسبەتەن تەرەققى تاپقان.يۈكسەك مىللى مەدەنىيەت بەرپا قىلغان ئىدى.ئۇلار تارىم ۋادسىدا ياشىغان ئەجداتلىرىمىز قاتارىدا يۇڭ تۇقۇلما بۇيۇملار،كىگز،كۆن ئۇتۇك قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىرىپ؛بۇغداي،ئارپا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئەڭ بالدۇرئۆستۈرۈپ،تارىخى تۆھپەياراتقانلار ئىدى.بۇنىڭغا مەغرۇر قەد كېرىپ تۇرغان قۇرۇقتاغ بىلەن تەمەنپورنىڭ ھازىرقى خارابىسى گۇۋاھ بۇلۇپ تۇرماقتا.
ھازىر تارىخشۇناسلىرىمىز، ئارخئولوگلىرىمىز تەمەنپور خارابىسىنى تە كشۈرۈش ئىشىنى باشلىدى.بۇ بىر ياخشى باشلىنىش،مۇندىن كىيىن ئۇزۇنغا قالماي قۇرۇقتاغ ئېلى ۋە ئۇنىڭ مەركىزى شەھىرى تەمەنپورنىڭ كۆمۈلۈپ ياتقان سىرلىرى جامائەتچىلىككە ئايدىڭ بولغۇسى. شۇنداقلا يىڭپەننىڭ ئورنىنى تەمەنپور ئالغۇسى.بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز.
ئىلاۋە:
(1)قۇرقتاغ قىيا تاش رەسىملىرى دەپ تىلغا ئالغىنىمىز-ئىلمىي خادىملار تەرىپىدىن پەقەت تەكشىۈرلگەنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.چارۋىچلارنىڭ،ئوۋچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلمى خادىملار بارالمىغان ئۆتكۈر ۋە باشقا ئورۇنلاردا بۇنداق قىيا تاش رەسىملىرى خېلى كۆپ ئىكەن.
پايدىلانغان ماتىرياللار:
‹‹لوپنۇر ناھيىسى تەزكىرىسى››-شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىرقىغان.
‹‹لوپنۇردىكى 2-كىرورەن››،‹‹شىنجاڭ گىزىتى››1999- يىلى6-ئاي ئاينىڭ16-كۈنىدىكى سانىدا بىسىلغان توختى تۇراخۇننىڭ ماقالىسى.
‹‹كۆجەي قىيا تاش رەسىملىرى››-‹‹شىنجاڭ مەدىنىيتى››ژورنىلىنڭ 1989-يىلى5-سانىدابىسىلغان قاھار باراتنىڭ ماقالىسى.
توردىكى مەنبەسى:لوپنۇر لېنىيىسى تورى
سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: ئۈچ پارچە رەڭسىز سۈرەت بېرىگماننىڭ “ شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسى“ ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. قالغان سۈرەتلەر بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.