بالىلاردا دائىم كۆرىلىدىغان پىسخىك كېسەللىكلەر
بالىلاردا دائىم كۆرىلىدىغان پىسخىك كېسەللىكلەر
1. يالغۇزلۇق كېسىلى
بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېىسىلى بالىلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرىلىدىغان،بىر قەدەر ئېغىر بولغان روھى كېسەللىك بولۇپ،ئەقلىي قابىيلىيەت،تىل،ھېسىيات قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.
ئاساسي ئىپادىلىرى:
1)ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە:بۇنداق بالىلار ناھايىتى يىگانە يالغۇز يۈرۈيدۇ.ئادەتتە باشقا بالىلار بىلەن ئوينىمايدۇ.كۈن بويى ئۆزىنىڭ خىيالىي دۇنياسىدا ياشايدۇ،ئاتا-ئانىسى ئۆزىدىن ئايرىلىپ بىر يەرگە كەتسە،ھېچنېمە بولمىغاندەك يۈرېۋېرىدۇ.پەپىلەپ باغرىغا باسسىمۇ ھېچنېمە بولمىغاندەك يۈرىۋېرىدۇ.ئەمما بەزى جانسىز نەرسىلەرگە ئالاھىدە مۇھەببىتى بولىدۇ.
2)تىل ئالاقىسى جەھەتتە:تىل جەھەتتە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچىرايدۇ،كەمسۆز كېلىدۇ.بەزى سۆزلەرنى دېيەلىسىمۇ مەقسىتىنى ئىشارەت ئارقىلىق ئۇقتۇرىدۇ.گگپ قىلسىمۇ ناھايىتى بوش ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ.ئۆزىچە ئاللىقانداق باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ كېتىدۇ.
3)قىزىقىش جەھەتتە:قىزىقىش دائىرسى بەك تار بولىدۇ.ھەمىشە بەل تولغاش،بىلەكلىرىنى پۇلاڭلىتىش،قالايمىقان سەكرەشكە ئوخشاش ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.تۇرمۇش موھىتىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ.ھەمىشە بىر خخل ئۇيۇننى ئوينايدۇ،بىر خىل كىيىمنىلا كىيىدۇ،ئەھمىيىتى يوق ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىۋېرىدۇ.
4)ئەقلىي قابىيلىيەت جەھەتتە:سىرتىدىن قارىغاندا ئەقلىي ئاجىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن،ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.ئەمما بەزىلىرىدە مۇزىكا،ھېسابلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بولىدۇ.
5)ھېسىيات جەھەتتە:ھېسىياتى سۇس كېلىدۇ.يېقىن ئادەملىرىگىمۇ يېقىنچىلىق قىلمايدۇ.باشقىلارنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ،باشقىلار قۇچاقلىسىمۇ جىملا قاراپ تۇرىدۇ.ئادەمگە تۈزۈكرەكمۇ قارىمايدۇ.
بالىلاردىكى يالغۇزلۇق كېسىلى ئادەتتە ئېرىسىيەت ئامىلى،فىزىئولۇگىيەلىك ئامىل،ئائىلە ئامىلى قاتارلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىىقىدۇ.
بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاش ئۈچۈن،ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلارغا ئىمكانجەدەر كۆپرەك ھەمرا بولۇش،باللىرىنى يالغۇز ئۆيگە تاشلاپ قويماسلىق،دۇنيادا خىزمەتتىنمۇ،ئۇيۇن تاماشىدىنمۇ موھىم ئىشنىڭ يەنى بالا تەربىيلەشنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم.
2.غەمكىنلىك كېسىلى
بالىلاردىكى غەمكىنلىك كېسىلى-بالىلىق دەۋرىدە كۆرىلىدىغان،مەزگىلىك كەيپى چاغ بولماسلىق،كەيپىياتى غەمكىن بولۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان،ھەر قېتىم قوزغالغاندا نەچچە كۈن ياكى نەچچە ھەپتە داۋاملىشىدىغان،بەزىدە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپمۇ قالىدىغان،كېسەل قوزغالمىغان چاغلاردا روشەن روھى نورمالسىزلىق كۆرۈلمەيدىغان پىسخىك كېسەللىكنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى كۈچلۈك روھى غىدىقلاشنىڭ تەسىرىدە بولىدىغان كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش،كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاش،ھەرىكىتى كالامپايلىشىش،گېپى ئازلاش،ئۇيقۇسى كەلمەسلىك،ئىشتاھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
3.مىت-مىتلىق كېسىلى
مىت-مىتلىق كېسىلى يەنى جىم تۇرالماسلىق كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۇ دېققىتىنى يىغالماسلىق،ھەرىكىتى كۆپ بولۇشنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان بىر خىل پىسخىك كېسەللىكتۇر.بۇ خىل كېسەللىك ھالىتى ئادەتتە يەتتە ياشتىن بۇرۇن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.8-10ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ.
مىت-مىتلىق كېسىلىنىڭ ئاساسىي ئىپادىلىرى:
1)دېققىتىنى يىغالماسلىق.بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ دېققىتى ئاسانلا چېچىلىپ كېتىدۇ.ئىش قىلغاندا ئاسانلا كاشىلىغا ئۇچىرايدۇ.بىرەر ئىشقا دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.بىر ئىشنى قىلىۋېتىپ يەنە بىر ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.بىرەر ئىشنى ئاخىرغىچە قىلمايدۇ.
2)ھەرىكىتى كۆپ بولۇش.بۇنداق بالىلار توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ ياكى توختىماي پاراڭ سالىدۇ.قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشنى،توختىماي يۈگۈرۈپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەگەر تېنچلىنىش،جىم ئولتۇرۇش تەلەپ قىلىنسا بىئارام بولىدۇ.ھەتتا ئۆزى يالغۇز قالغان تەقدىردىمۇ توختىماي ھەرىكەت قىلىدۇ.
3)ئۆزىنى باسالماسلىق.بۇنداق بالىلارنىڭ ئۆزىنى قونتىرول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ.ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ،قىلىقتا چېكىدىن ئاشۇرۋېتىدۇ.باشباشتاق قوپال بولۇپ،ئىش قىلغاندا ئاقىۋېتىنى ئويلاشمايدۇ.ھەمىشە باشقىلار بىلەن جېدەللىشىدۇ.چېكىدىن ئاشقان قىلىقلىرى بىلەن باشقا بالىلارغىمۇ ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.
كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى
ئېرسى ئامىللار،مىتابولىزىم ئامىلى ۋە ئىجتىمائىي پىسخىك ئامىللار مىت-مىتلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر بولۇشى مومكىن.ئالايلۇق،بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھاراققا بېرىلىپ كەتسە؛ھېستىرىيە كېسىلى بولۇپ قالسا؛يېقىن تۇققانلار توي قىلغان بولسا؛تۇغۇتتىن ئىلگىرى مىتابولىزىم توسقۇنلىققا ئۇچىراش،زەھەرلىنىش ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ھامىلە زەخمىلەنگەن بولسا؛تۇغۇلغان چاغدا مېڭە يېنىك زەخمىلەنگەن بولسا؛بەدەندە سېنىك مانگەن كەم بولسا؛قوغۇشۇن،كادمىي ئارتىپ كەتسە؛بولۇپمۇ قاندىكى كادمىي ئارتىپ كېتىپ،تۆمۈر بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى ياخشى بولمىسا؛ۋېتامىنلارنىڭ كەمچىل بولىشى ياكى تەم،رەڭ قوشقۇچى ماددىلارنىڭ يېمەكلىكلەرگە كۆپلەپ قوشۇۋېتىلىشى؛ئائىلىدىكىلەرنىڭ بالىلارنى بەكلا ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىشى،باشباشتاق،ئۆز بېشىمچى قىلىپ قويۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدۇر.
داۋالاش ئۇسۇللىرى:
1)پىسخىكىلىق داۋالاش.پىسخخكىلىق داۋالاشنىڭ بىر تۈرى كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق داۋالاش بولۇپ،كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەپ،مىجەزنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن.بۇ مىت-مىتلىق كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق ئىكەن.
2)تەربىيە ئارقىلىق داۋالاش.بۇنىڭدا بالىلارنى ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان ئۇيۇنلارغا تەشكىللەپ،دېققىتىنى يىغىش ۋاقتىنى تەدىرىجىي ئۇزارتىش لازىم.
3)دورا ئارقىلىق داۋالاش.كېلىنكا ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىشىچە.رېتالىن،پىپرادول قاتارلىق دورىلارنىڭ مىت-مىتلىق كېسىلىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن.ئەمما دورىنى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.
4)يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش.بالىلارغا پەمىدۇر،ئالما،ئاپلىسىن ۋە بەزى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش كېرەك.
4.تەشۋىشلىنىش كېسىلى
بۇ بالىلىق دەۋرىدە كۆپ ئۇچىرايدىغان پىسخىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى.ئۇنىڭ ئاساسىي ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بۇنداق بالىلاردا تەشۋىشلىنىش،جخددىيلىشىش،قورقۇپ بىئارام بولۇش،شۇنداقلا نەپەس جىددىيلىشىش،تەرلەش،كۆپ سىيىش،باش ئاغرىش،ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.ئۇلار ئىشلارغا ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ،زىيادە سەزگۈر ھەم زىيادە جىددىيلىشىدۇ،كۆپ ئەندىشە قىلىدۇ.ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەمچىل بولىدۇ.تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغىنى شۇكى،ئۇلار ئۆزىگە ناتونۇش بولغان موھىتتا ئۆزىگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان نەرسىلەرگە يولۇققاندا ئاسانلاتەشۋىشلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلاردا ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىق،كۆپ چۈش كۆرۈش،ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق،كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش،كۆپى تەرلەش،قەۋزىيەت بولۇش،بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ كۆرىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى:
بالىلاردىكى تەشۋىشلىنىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئۆگىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشتا زىيادە تەلەپ قويۇپ تۇرۋالماسلىقى،بالىلار ئازراق ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويسا،ياكى چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلسا ئۇلارنى تىللاپ ھاقارەلىمەسلىك،ئۇرماسلىق لازىم.بالىلارغا بولغان كۈيۈنۈش ۋە ياخشى كۆرۈشنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك لازىم.
مەنبە:پىسخىكا مەسىللىرى ۋە پىسخىك كېسەللىكلىرى ناملىق كىتاپتىن
تورغا يوللىغۇچى:لوپنۇرى
كىيىنكى يازما: ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ خىل تىل- يېزىق ئۆگىنىش ۋە قوللىنىش ئەنئەنىسى