ئانا تىلىمىز ھەققىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت
ئانا تىلىمىز ھەققىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت
ئانا تىل ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرلەر ئىزچىل ھالدا ھەر قايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان موھىم مەسىلە. ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،ساپلىقىنى قوغداش،ئۇنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر مىلىيۇنلاپ مەبلەغ چىقىرىشتىن قىلچە ئىككىلىنىپ قالمايدۇ.بۇ ھەممىمىز بىلىدىغان ئورتاق ھەقىقەت.ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يالغۇز ماددىي جەھەتتىكى مەبلەغ چىقىرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ ئەلۋەتتە.بۇ يەردە ئەڭ موھىمى،شۇ تىلنى ئورتاق ئىشلەتكۈچى مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئۆز تىلىغا توتقان پوزىتسىيىسى،ئەمەلىي ھەرىكىتى،ئۆز تىل تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى قاتارلىقلاردۇر.ئالدىنقىسى ماددىي كاپالەت بولسا،كىيىنكىسى زۆرۈرىي شەرت ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى،ئانا تىل پۇل خەجلەپ سودا سارايدىن ياكى بازاردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇ بىر مىللەتنىڭ تىنىقى ھەم جىنى. بۇ تىنىق توختىسا،جانمۇ تەڭ چىقىدىغانلىقى ھەقىقەت.مېنىڭچە،بولۇپمۇ ئانا تىلغا بولغان پوزىتسىيە ناھايىتى موھىم.
تىلشۇناسلىقتا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنىدىغان مۇنداق بىر ھەقىقەت بار:ئۇ بولسىمۇ، بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەندىلا ئاندىن ئۆز مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئىشلىتىلىشتىن قالغان تىللار ھامان يوقىلىدۇ.بۇ خىل مەۋجۇتلۇق تىل پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۈت بولىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى سۆيۈپ ئىشلىتىش ۋە ئىشلەتمەسلىكى، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش-ئۆگەنمەسلىكى،جان تىكىپ قوغداش ياكى قوغدىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،قوش تىللىق مائارىپ كۈچەپ تەكىتلىنىشى بىلەن بىزدە ئانا تىل بىلەن ئىككىنچى تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىلىرى بارغانسىرى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە كۆز قاراش كۆپ ھەم زىدىيەتلىك. مېنىڭچە،بۇ زىدىيەتنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىشنى چارىلىرى ئوبدانراق ئويلانساقلا تېپىپ چىقىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. بۇنىڭدىكى،ئەڭ ئاددي ۋە ئۈنۈملۈك چارە ئۆزىمىزنىڭ تىل پوزىتسىيىسىنى توغرلاش،تىلنى توغرا ئىشلىتىش ۋە يېزىش،ئۇنى ئەبجەشلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىش،بالىلاردا كۆرۈلگەن تىل خاتالىقلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش،بالىلارنى ئانا تىلىدىكى كىتاپلارنى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش قاتارلىقلار(بۇلار پەقەت شەخسىي ئامىللاردۇر). بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئائىلە مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى سۈپىتىدە جارى قىلدۇرالىساق،باللىرىمىزدا تەبىئىي ھالدا ئانا تىلنى سۆيىدىغان ئاڭنى توغرا يىتىلدۈرەلىسەك ئانا تىلنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۈتلىقىغا زور ئىشەنچ باغلىساق بولىدۇ.
ئىشقىلىپ ھەر بىر ئادەم ھەر بىر سورۇندا مەيلى چوڭ ياكى كىچىك دائىردە بولسۇن ئۆزىدە ئانا تىلىنى قوغداش ۋە سۆيۈش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى لازىم. مانا مەن ئانا تىلنى قوغداش ۋە سۆيۈشنى ئۆزنىڭ ۋىجدانى بۇرچى دەپ قاراپ بۇ ھەقتە تىرىشپ كېلىۋاتقان كىشىلەر تەرپىدىن تەشكىللەنگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.
ئالدىنقى ھەپتە (2011-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشەنبە) شەھرىمىزنىڭ يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئېلىپ بېرىلغان ئانا تىلىمىز ھەققىدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.مەكتەپلەردە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ پات-پات ئۆتكۈزلۈپ تۇرشىنىڭ(گەرچە كىچىك بولسىمۇ) باللىرىمىزنى تەربىيلەشتىكى رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. تۆۋەندە ئوقۇرمەنلىرىمىزنى مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىدىن قىسقىچە خەۋەردار قىلماقچى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ئەتىراپلىق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ،پائالىيەت باشتىن –ئاخىر ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە بايىنغۇلىن ئوبلاستىمىزدىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق شائىر،ژورنالىست ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران ،شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلىمىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ۋە يېڭىشەھەر يېزىنىڭ ھەر قايسى تارماق مەكتەپلىرىدىكى ئانا تىل ئوقۇتقۇتچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.مەنمۇ تەكلىپ بىلەن ئانا تىلنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە لېكسىيە سۆزلىدىم. پائالىيەتنىڭ ئاساسى تەرتىپلىرى تۆۋەندىكىچە بولدى.
ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ مەكتەپتىكى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رىزۋانگۈل مۇئەللىم ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى مەشىق باغچىسىغا بىرلەشتۈرلگەن ”سۆيىمەن سېنى ئۇيغۇر تىلى“دېگەن تېمىدا بىر سائەت ئۇچۇق دەرس ئۆتتى.بىر سائەتلىك دەرس جەريانى تۆۋەندىكىچە بولدى:
ئوقۇتقۇچى داڭلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكىنىڭ ”ئانا تىل“ دېگەن ناخشىسىنىڭ مەردانە كۈيلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا دەرسكە باشلاپ كىردى. ئاندىن كېيىن كۆپ ۋاستىلىق ئېكراندا ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلەش ئۈچۈن قولىنىلغان تارىختىكى يېزىقلىرىمىز بىر-بىرلەپ كۆرسىتىلدى.ئارقىغا ئۇلاپلا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ھەر خىل نۇسقىدىكى ئېسىل ھۆسنىخەتلەر بالىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى تەبىئىي رەۋىشتە بىر قىسىم ھالقىلىق سۇئاللارنى تاشلاپ،بالىلارنى گۇرپىلارغا بۆلۈپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى.مۇلاھىزە ئاساسلىقى“ ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئانا تىلىمىزنى توغرا قوللىنىلمايۋاتقان تەرەپلەرنى تېپىپ چىقىش“ تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى. ئوقۇغۇچىلارمۇ ناھايىتى قىزغىن ھالدا مۇلاھىزە قىلىشتى،تەخمىنەن ئون مىنۇتتىن كېيىن،ھەر بىر گۇرپپىدىن بىر ئوقۇغۇچى چىقىپ،ئۆزلىرىنىڭ مۇلاھىزىسىنى خۇلاسە قىلدى.ھەمدە بۇ خۇلاسىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئىككى-ئۈچ ئوقۇغۇچى چىقىپ ئىتوت شەكىلدە ئانا تىلىمىزنى قوللىنىش جەريانىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىمىزنى ئوبرازلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.
ئوقۇغۇچىلار دەرس مۇزاكىرسىدە
1-گۇرپپىدىكىلەر ئائىلىدە خەنزۇ تىلىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەش مەسىلىسى
2-گۇرپىدىكىلەر تېلېفۇن ئالاقىسىدىكى ئەبجەشلىك
3-گۇرپىدىكىلەر سودا-سېتىق ئىشلىرىمىزدىكى باشقا تىلنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەش خاھىشلىرىنى ئېچىپ بەردى. بۇ ئىتوتلار ئوينالغاندا ھەممەيلەن دېگۈدەك،ئۆزىنىڭ دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى.ھەمدە بىردەك ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلنى قوللىنىش جەريانىدىكى كەمچىللىكلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتى.
بۇ سائەتلىك دەرسنىڭ يەنە بىر موھىم مەزمۇنى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىن تاپشۇرغان ئانا تىل ھەققىدىكى ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى توپلاپ كېلىشكە بويرۇپ،سىنىپتا ھەممەيلەن تەڭ ئورتاقلىشىشى بولدى. بۇ ۋاقىتتا دەرسخانا كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بالىلار بەس-بەستە ئۆزى يازغان،باشقا ماتىرياللاردىن توپلىغان ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىر،نەسىر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ئوتتۇرغا چىقىپ دېكلىماتسىيە قىلدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلغان چاغدىكى جۇشقۇن ،روھلۇق كەيپىياتىدىن ئۆز ئانا تىلىغا بولغان سۆيۈنۈش ۋە ئىپتىخارلىق ھېسىياتلىرى چىقىپ تۇراتتى.
بېرىلىپ ئانا تىل ھەققىدىكى شېئىرنى دېكلىماتسىيە قىلىش
ئانا تىل ھەققىدىكى نەسىرنى ئوقۇش
ئانا تىل ھەقىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇش
ئوقۇغۇچىلار توپلاپ كەلگەن ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى
بۇ خەتنى ئۆز قولۇم بىلەن يازغان
دەرسنىڭ بۇ باسقۇچى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بالىلار بۇ سائەتلىك دەرستىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىشتى.ئاخىردا ئوقۇتقۇچى دەرسنى خۇلاسىلىدى.شۇنىڭ بىلەن قاينام- تاشقىنلىق ئىچىدە بۇ بىر سائەتلىك دەرس ئاياغلاشتى.
دەرس ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دەرس ئاڭلىغان بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە بۇ بىر سائەتلىك دەرسكە باھالاش ئېلىپ باردى.ھەر قايسى تارماق مەكتەپلەردىن كەلگەن ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ دەرس ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ،بۇ بىر سائەتلىك دەرسنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ۋە كەم قالغان جايلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.مېنىڭچە بولغاندىمۇ بۇ بىر سائەتلىك دەرس يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى روھىنى خېلى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.ئانا تىل ھەققىدىكى ناخشا بىلەن دەرسكە باشلاپ كىرىش،گۇرۇپپىلار مۇلاھىزىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇش،ئىتوت شەكىلدىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇش،بالىلارنى ئانا تىل ھەققىدە ئىزدىنىپ كېلشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
دەرس باھالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى مەزكۇر مەكتەپتە ھازىرغىچە ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ۋە كېيىن يەتمەكچى بولغان نىشانلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كىروران بىلەن ئىككىمىز ئانا تىلنىڭ موھىملىقى ھەم ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە لېكسىيە سۆزلىدۇق. ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن كروران ئۆزىنىڭ يۈننەندىكى ساياھەت جەريانىدا ئۇچىراشقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تىل قوللىنىش جەھەتتىكى ئەھۋاللىرى ۋە جەمىيەتتكى بىر قىسىم ئەمەلىي مىساللارغا بىرلاشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى پاكىتلىق ھەم قايىل قىلارلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئىزاھلانمىغان ئانا تىلنىڭ تەبىرىنى ئىزاھلاپ ئۆتتۈم.تۆۋەندە بۇ تەبىرنىمۇ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەي،بۇ ئىككى تەبىر بولۇپ بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى تەبىر يەنە بىرى،خەنزۇچە لۇغەتتىن ئېلىنغان تەبىر:
ئانا تىل دېگەن نېمە؟
كىشىلەر گۆدەكلىكتە ئانىسىدىن ياكى شۇ كىشى مەنسۈپ بولغان مىللەت تەربىيىچىسىدىن ئۆگىنىۋالغان تىل يەنى سۆزلىگۈچى شەخىس مەنسۈپ بولغان خەلق تىلى،ئۆز مىللىتىگە خاس خەلق تىلى. مەسىلەن:باشقا مىللەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك.(ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى،1-توم 190-بەت)
ئانا تىل-بىر ئادەم ئەڭ بۇرۇن ئۇچىراشقان، ئۆگەنگەن ھەم ئىگەللىگەن بىر خىل تىل.بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى،بوۋاقلىق ۋە بالىلىق دەۋىرىدە تەبىئي ئۆگەنگەن تىل،بىر ئادەمنىڭ بىرىنچى تىلى.
مەن لېكسىيەمدە ئانا تىلنىڭ موھىملىقىنى تۆۋەندىكى نوقتىلار بويچە ئىزاھلاپ ئۆتتۈم:
- 1.ئانا تىل مىللەتنىڭ موھىم بىر بەلگىسى،مىللى كىملىكنىڭ موھىم تەركىبىي قىسمى
- 2.ئانا تىل ئەجداتلار ئەنئەنىسى،تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ توشۇغۇچىسى
- 3.ئانا تىل تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشى.
- 4.ئانا تىل ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىشىمىز،ھېسىيات ئالماشتۇرشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىزنىڭ موھىم ۋاستىسى.
ئاندىن كېيىن ئانا تىلنى قوغداش ھەم سۈيۈشتە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتىلارنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم.بۇ نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:
1.ئەڭ ئالدى بىلەن تىل پوزىتسىيىسىنى توغرلاش
2.ئۆز تىلىنىڭ قىممىتى ھەم ھىممىتىنى چۈشىنىپ يىتىش
3.ئانا تىلنى سۆيۈشتە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش،قۇرۇق شۇئارۋازلىقتىن ساقلىنىش
4.ئانا تىل مەۋجۈتلىقىنى مىللى مەۋجۇتلىقى بىلەن مەھكەم باغلاپ چۈشىنىش
بۇ نوقتىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە شائىر ۋە يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننىڭ ”ئانا تىل“دېگەن شېئىرىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتۈم.شېئىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
ئانا تىل
پەرھات تۇرسۇن
بىر دوستۇمنىڭ ياۋرۇپاغا ماكانلاشقىنىغا خېلى يىللار بولدى
ئۇزاقى يىل جىگەر راكىدا يات شەھەردە كۆزىنى يۇمدى
ئايالى ياۋرۇپالىق
باللىرىمۇ شۇ يەردە ئۆسكەن
كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى بىردىنبىر ئارزۇسى
ئانا تىل – ئۇيغۇر تىلىدا ۋېدالىشىش ئىكەن
ئەپسۇس، ھېچكىم چىقمىغان ئىكەن.
شۇڭا ئۇ ئايالىغا دەپتۇ :
مەن تۇغۇلۇپ ئاڭلىغان تۇنجى تىل ئۇيغۇر چە ئىدى
يىغلىسام ئاتا – ئانام ئۇيغۇر تىلىدا بەزلەيتى
سۆيەتتى، سىلايتى
ئاپام ئۇيغۇر تىلىدا ئەللەي ئېيتاتتى
ئەللەي تاتلىق ئۇخلىتاتتى، ئاڭلىماي ئۇخلىمايتىم
كېچىچە كۆز يۇممايتىم، قارا بېسىشتىن قورقاتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆيگۈنى تۇيدۇم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا گۈزەللىكنى سەزدىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەركىنلىك ئىشىتتىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەقىلگە ئېرىشتىم
گەپ قىلىشنى ئۈگەندىم
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بىلدۈردۈم ماڭا لازىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا ئايان قىلدىم ئاغرىق – زارىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا كۆز – كۆز قىلدىم شاتلىقلىرىمنى
تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدىم مۇھەببىتىمنى
ئۇيغۇر تىلىدا قۇرۇپ چىقتىم پۈتۈن روھىي دۇنيارىمنى
بۇ تىلسىز بۇ دۇنيانىڭ كۆرىسىز گۇمرانىنى
گۆش تىنىم باشقىلارچۈن تەجرىبىخانىغا ئايلىنار
كاللام زېرىكىشلىك گىرامماتىكا كىتابى ۋە لۇغەتكە ئايلىنار
خۇددى بىرسى مېنىڭ ئېغىزىمدا گەپ قىلىۋاتقاندەك
چۈنكى مەن ئۇزۇن يىللار كېيىن
ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ بۇ دۇنيانى ئاندىن بىلدىم
يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزگە مىللەت ۋە تىللار بار
تىل ئۈگىنىش جەريانى ھەمىشە ئايرىلىش ئازابىغا چىرمىشىۋالىدۇ
ئىككىنچى تىلنىڭ ئۆگەيلىكىدىن قۇتۇلغىلى زادى بولمايدۇ
مەن پەقەت مەۋجۇتمەن ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر زىمىنىمدۇر، يول يوق ئىشغالغا
ئەركىنمەن مەن پەقەت ئانا تىلىمدا
بىردىنبىر چۈشۈمدۇر، يول يوق بۇزۇشقا
2005 – يىلى 11- ئاينىڭ 29 – كۈنى ( سەيشەنبە) بېيجىڭ
بۇ نوقتىنىڭ تۆتىنچى بۆلىكىدە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان زىيارەت خاتىرسىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالنى مىسالغا ئېلىپ،ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ تېخى ئىچكى مۇڭغۇلدىكى مۇڭغۇل تىلىغا ئوخشاش ھالەتتە ئەمەسلىكىنى شۇڭا،ئانا تىلنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قەتئىي ئۈمىدسىزلەنمەسلىكنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدىكى مەن ئالغان بىر قىسىم ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:
تۆۋەندىكىسى بەي يەنسۇڭنىڭ پروگرامما باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئېيتقان سۆزى:
مېنىڭ بوۋام مۇڭغۇل تىلىنى بىلىدۇ،لېكىن بىر ئېغىزمۇ خەنزۇ تىلى بىلمەيدۇ. دادام شۇ ۋاقىتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا،خەنزۇ تىلى بىلەن،مۇڭغۇل تىلىنى ئوخشاشلا بىلىدۇ. مەن پەقەت مۇڭغۇل تىلىنى ئاز تولا بىلىمەن(يېيش <ئىتا>، ئىچىش<ئۇچې> دېگەندەك ئادەتتىكى سۆزلەرنى).ئازراق ئاڭلاپ چۈشىنەلەيمەن.دائىم دېگۈدەك خەنزۇ تىلىدا رىياسەتچىلىك قىلىمەن.بۇ ھەممىڭلاغا ئايان.مېنىڭ بالام مۇڭغۇل تىلىنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى بىلىدۇ.قاراڭ،پەقەت 4 ئەۋلادتىلا ۋاقىت.
تۆۋەندىكىلىرى بەيەنسۇڭ زىيارەت قىلغان مەكتەپلەردىكى مىللىي ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى:
خۇلۇنبېيئېر مۇڭغۇل باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى
2008-يىلى 256 نەپەر
2010-يىلى 376 نەپەر
2011-يىلى 588نەپەر
بۇ مەكتەپتە يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىسىدىن 17 سى كۆپەيگەن.
كۆپىيىشتىكى سەۋەب:
مىللىي ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەر بولسىلا ھەر يىلى ئوقۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنى كەچۈرۈم قىلغان.تاماق ياردەم پۇلى بېرىلگەن.
خەيلار رايۇنى غالىبىيەت خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى
ئومۇمىي سانى:1809نەپەر
ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 769نەپەر بولۇپ،42 پىرسەنتنى ئىگەللىگەن.
مۇڭغۇل :533نەپەر
داغۇر :102نەپەر
ئېۋېنكى:41 نەپەر
ئېلۇنچۈن:3 نەپەر
قالغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى:90نەپەر بولغان
خەيلار 5-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى
ئومۇمىي:2475نەپەر
ئاز سانلىق مىللەت:936نەپەر بولۇپ،36.7 پرسەنتنى ئىگەللىگەن.
مۇڭغۇل:719نەپەر
داغۇر :139 نەپەر
رۇس:13 نەپەر
ئېۋېنكې:60 نەپەر
ئېلۇنچۇن:5نەپەر
تۆۋەندىكىسى بەي يەنسۇڭ زىيارەت قىلغان ئىچكى مۇڭغۇلدىكى مىللىي تىلدىكى دەرسلىك كىتاپلارنى چىقىرىشقا مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتقان سۆزلىرى:
مۇڭغۇلچە تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكى 1992-يىلى 68مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بېسىپ تارقىتىلغان.
2005-يىلىغا كەلگەندە 22مىڭ ئىككى يۈز پارچىگە چۈشۈپ قالغان. 15يىل ئىچىدە 40 نەچچە مىڭ مۇڭغۇل ئوقۇغۇچى ئانا تىلنى ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچكەن.
تۆۋەندىكىسى بەي يەنسۇڭ زىيارەت قىلغان خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمي ئەھۋالى:
بىر سىنىپتىكى 59 نەپەر ئوقۇغۇچى ئىچىدە 24 ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچى بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇل تىلىنى بىلىدىغانلار پەقەت بىر نەپەر.(بۇ بىر نەپەر ئوقۇغۇچى مۇڭغۇل بولماستىن بەلكى داغۇر مىللىتىدىن)
بۇ بەي يەنسۇڭ دېگەن يەنە بىر موھىم گەپ:
تىل ئۆگىنىش شەخسنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ھېچكىمنىڭ بىرەرسىنى ”سەن ماۋۇ تىلنى ئۆگەن،سەن ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىل ”دەيدىغان ھوقۇقى ياكى مەسئۇلىيىتى يوق.
يۇقىرقى مىساللار مېنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئىسپاتلاشتا ناھايىتى موھىم رول ئوينىدى. لېكسىيەمنى تېيىپجان ئېلىيۇپ ئاكىنىڭ تۆۋەندىكى مىسىرالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم:
ئانا تىلىم
تىيپجان ئېلىيۇپ
ئانا تىلىم،
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق،
جىلۋىدار تىلىم.
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك،
زۇلپىقار تىلىم.
مىللىتىمىزنى،
خىسلىتىمىزنى،
ئىززىتىمىزنى،
ساقلاپ كەلگەن تۆھپىكار تىلىم.
ئەڭ ئاخىردا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىسى يېڭىشەھەر يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ”ئانا تىلىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىز سۇسلىشىپ قالمىسۇن“دېگەن تېمىدىكى تەشەببۇسنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.تەشەببۇسنامىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
تەشەببۇسنامە
”بىر مىللەتكە تەۋە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىنىڭ تىل ئىكەنلىكىنى بىلگىنڭدە ئاندىن ئۆزۈڭنى بىلەلەيسەن“مانا بۇ پىفاگورنىڭ تىل ھەققىدە ئېيتقانلىرى. شۇنداق ھەر قانداق مىللەتتە بالىنىڭ ”ئانا“دەپ تىلى چىقىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان.شۇڭا ھەممە خەلق ئۆز تىلىنى ”ئانا تىل“ دەپ ئاتايدۇ.بۇ خۇددى كېىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى ”ئانا يۇرت“نامى بىلەن ئاتىغانغا ئوخشاش ئىپتىخارلىق نام.
ئانا تىلىمىز ئەسلىدىنلا ئىپادىلەش كۈچىگە باي،ئەركىن،جانلىق،گۈزەل،راۋان تىل بولۇپ،قەلبىمىزدىكى ھەر قانداق چوڭقۇر مەنىلەرنى ئەڭ جانلىق.ئەڭ تەسىرلىك ۋە ئەڭ ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بىراق ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى بۇزۇپ،شالغۇتلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى بەكمۇ ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ.دەرسخانا ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئانا تىلنىڭ شالغۇتلىشىپ كېتىشىگە ھەر قاندىقىمىز قاراپ تۇرساق بولمايدۇ. ئۆز ئانا تىلىغا مەسئۇلىيەتچان بولۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى.
كۆز ئالدىمىزدىكى ئاشۇ كەلگۈسىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇرۇغۇچىلىرىنى ئەڭ ئەقەللىسى ئۆز مەقسىتىنى ئانا تىلدا راۋان ئۇقتۇرالايدىغان،مەسىلىلەرنى ئانا تىلدا ئەركىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە قىلالايدىغان قىلىپ يىتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەش،ئۇنى بېيىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش،سەبىيلەرنىڭ ئانا تىلغا بولغان مىھىر-مۇھەببىتىنى يىتىلدۈرۈش ھەممىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
ئانا تىل-مىللەت تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى.ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى پاراۋۇزنى ھەيدەيدىغان شوپۇر.پاراۋۇزنى بىخەتەر ھەيدەش ئۈچۈن، شوپۇرنىڭ قانچىلىك موھىملىقى بىزگە ئايان.شوپۇرنىڭ قەلبىي ئويغاق،تەپەككۇرى ئۇچۇق،بارار مەنزىلى ئېنىق،ئەڭ موھىمى سەپەر جەريانىدىكى روھى كەيپىياتى جۇشقۇن ۋە روھلۇق بولىشى كېرەك.
ساپ ئانا تىلىمىز بويىچە ئالاقىدە بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ،دۇنيا ۋە كەلگۈسىگە ھۇشىيارلىق بىلەن نەزەر سېلىپ،ئۆزگىنى ۋە ئۆزىمىزنى بىلىشتە ئانا تىلىمىزنى مۇققەددەس قۇرال قىلايلى!قېنى ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش،بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئانا تىلنى قوغداش،تەرەققىي قىلدۇرۇش سەپىرىگە ئاتلىنايلى!
تەشەببۇسنامە ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇنغا سوزۇلغان چاۋاكلىرى بىلەن ئۆز ھاياجانلىرىنى ئىپادىلەشتى.شۇنداق قىلىپ بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ سائەتلىك پائالىيەت ئاخىرلاشتى. قايتىدىغان ۋاقتىمىزدا يەنە مەكتەپ مۇدىرىدىن 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىدا تېخىمۇ چوڭراق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىدۇق. ھەمدە ئىچىمىزدە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئانا تىلنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئاتلانغان ئاۋانگىراتلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر،ساغلام تۇرمۇش،غەلبە-نۇسرەت تىلەپ ئۆز يوللىرىمىزغا راۋان بولۇشتۇق.
شۇنداق،ئانا تىلنى قوغداش بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ كۈچىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس.ياكى مەلۇم مىقتاردىكى مەبلەغنى سېلىپ قويۇش بىلەنلا پۈتۈپ قالدىغان ئىشمۇ ئەمەس.ئۇ مۇشۇ مەكتەپتىكى ئاۋانگىراتلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان شەرەپلىك ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە.ئېسىمىزدە بولسۇن،“باشقا تىلنى ئۆگۈنۈش شەرەپلىك،لېكىن ئانا تىلنى ئۇنتۇش نۇمۇس“!
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى.
كىيىنكى يازما: ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاپ چىقىلدى
2012/01/13 12:50:48
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇ.مەن بۇ ئىشتىن قەۋەتلا سۆيۈندۈم.
2012/01/13 15:43:52
بۇ پائالىيەتتىن سۆيۈنگەنلىكىڭىزدىن سۈيۈندۈم.
2012/01/04 18:28:31
بۇ پائالىيەتكە ‹‹ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىمنىمۇ كېلىپتۇ ›› دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ئەسلىدە ئۇ كىشى يوق ئىكەندە .
2012/01/06 09:25:31
ئاڭلىشمچە،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز،كورلا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىگە كەپتۇ،ھەمدە لېكسىيە سۆزلەپتۇ.بىز بارغان بۇ پائالىيەت يېڭىشەھەر يېزىسىدىكى كىچىكرەك بىر قېتىملىق ئەھمىيەتلىك پائالىيەت.
2012/01/01 04:38:37
يارايسىز !قېرىندىشىم . تېمىڭزگە كۆپ رەخمەت!!!
2012/01/01 09:16:18
كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!مەن يازغان بۇ ئاددىي يازمىدىن سىزگە نەپ يەتكەن بولسا،كومپىيوتىر ئالدىدا ئۆتكۈزگەن ۋاقىمنىڭ بىھۇدە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمەن.كۆپرەك تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
2012/01/01 04:31:24
يارايسىز قېرىندىشىم ،شەپقەتلىك ئاللا بەختىڭىزنى زىيادە قىلغاي.