مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن

 

مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن

 

( ئەدەبىي خاتىرە )

 

غالىب بارات ئەرك

 

ئانا تىل مىللەت مەۋجۇدلىقىنىڭ يىلتىزى . ئانا تىلنى ئۈگۈنۈش ۋە قوللىنىش ، راۋاجلاندۇرۇش، ئەنە شۇ تىل ئارقىلىق تىلى چىققان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ، بۇرچى ۋە ئانا تىل ئالدىدىكى قەرزى . بىر نېمىس ئالىمى شۇنداق دەيدۇ: ‹‹بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ روھى،بىر مىللەتنىڭ روھى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدۇر››.ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى. ئورخۇن–يېنىسەي ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىن ھېسابلىغاندىمۇ،ئاز بولمىغان مىللەتسۆيەرلەر ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى،مەۋجۇدلىقى،روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلگەن . 11–ئەسىردىكى ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھمۇد كاشغەرىنى ئالساق،ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىدىكى ئاتتەك چېپىپ كېتىۋاتقان ئانا تىلنىڭ ئۇتۇقى ئۈچۈن مېھنەت قىلىپ،‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تەك مەڭگۈلۈك ئابىدىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىدى. 16– ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك شائىر،مۇتەپەككۈر ئەلشىر نەۋائىي ئۆزىنىڭ ‹‹ خەمىسە››سى ۋە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن تىلىمىزنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتىش بىلەن بىرگە،‹‹ مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن››ناملىق ئەسىرى بىلەن‹‹ ئەرەب تىلى ھەسەلگە ئوخشايدۇ،فارس تىلى شېكەرگە ئوخشايدۇ›› قارىشىغا ‹‹ تۈركىي ھۈنەرەست›› قارىشىنى قوشۇپ،پارسگۇيلىقتىن تۈركىگۇيلىققا يەنى تۈركىي-ئۇيغۇر تىلىنى قەدىرلەشكە يول ئاچقان ئىدى. ئانا تىلنىڭ ساپلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان سېڭقۇ سەلى تۇتۇڭ، مەھمۇد كاشغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ناسىرىددىن رابغۇزى،ئەلشىر نەۋائىي،ئابدۇرېھىم نىزارىيلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، نام شەرىپى بىزگە نامەلۇم بولغان‹‹ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈگى›› ( توغرىراق تەرجىمە قىلساق ‹‹ ئۇيغۇر مەھكىمىسى سۆزلۈگى››-چۈنكى ئەسەردە گاۋچاڭ سۆزىگە ئۇيغۇر دەپ ئىزاھات بېرىلگەن) ،‹‹ مانجۇچە بەش تىللىق لۇغەت ›› … قاتارلىق بىر قاتار ئەسەرلەرنىڭ ئىشتىراكچىلىرىنى،9– ئەسىردىكى ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەتنىڭ تۈزگۈچىلىرىنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. 20–ئەسىردىن بۇيان،بولۇپمۇ11–نۆۋەتلىك 3–ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا،ئىنتايىن زور ئۇتۇقلار قولغا كەلدى. نەچچە ئونلاپ لۇغەتلەر ئىشلەندى،توم–توم كىلاسسىك ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى. مانا بۇ شانلىق ئۇتۇقلارغا‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››،‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى››، ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نەشرلىرى،‹‹خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت››،‹‹ئۇيغۇرچە– خەنزۇچە چوڭ لۇغەت››،‹‹چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››… قاتارلىق ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى،زور ھەجىملىك ئەسەرلەرنى پەخىرلىنىش ھېسياتىمىز بىلەن تىلغا ئالىمىز. شانلىق ئۇتۇقلار ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس،بۇ ئۇتۇقلار تىلشۇناس ئالىملىرىمىزنىڭ ئۈنسىز،مىننەتسىز مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە . ئەنە شۇنداق ، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقى،مۇكەممەللىگى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مېھنەت قىلىۋاتقان ئالىملىرىمىز ئىچىدە، 50 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇقەددەس بۇرۇچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن،مىننەتسىز تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان،تەر تۆكۈۋاتقان، ھېرىش–چارچاشنى بىلمەيدىغان بىر ئالىم بار، ئۇ بولسىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكىدۇر.

مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا 1929–يىلى7–ئاينىڭ31–كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياركەنت شەھىرى ئاقكەنت يېزىسىدا خوتەن قاراقاشلىق ئازنىباقى ئائىلىسىدە دونياغا كەلگەن. 1932– يىلى ئاتىسى بىلەن بىرگە غولجا شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ شۇ يەردە ئوقۇغان ۋە 1943– يىلى ئىلى بىلىم يۇرتىنى پۈتتۈرگەن. غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ياشلار تەشكىلاتى ئورگىنىدا كاتىب ۋە ئورگان ژورنىلىدا كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن. 1951– يىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنۇستۇتىدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئاكا بىر يىلدىن ئارتۇق بىلىم ئاشۇرغاندىن كېيىن، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستۇتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان ۋە خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن (1952–يىلى لى جىڭۋېي،چېن زوڭجېن، جىن شىياڭيى، لۇ بىڭروڭ ، گاۋ شىجې… قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بەرگەن). ئۇ ئەنە شۇ يىللاردىن باشلاپ ئانا تىلىنى چوڭقۇرلاپ ئۈگۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىشنى باشلىغان. 1957– يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا قايتىپ كەلگەن ۋە 1965–يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان،1965–يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە 1980–يىلىغىچە شۇ يەردە خىزمەت قىلغان. 1981–يىلىدىن1989– يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە خىزمەت قىلغان. 1989– يىلىدىن باشلاپ 1997– يىلى ئارامغا چىققۇچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومتېتىدا خىزمەت قىلغان.

ئالىم ئۆزىنىڭ ئانا تىل ئىشقى بىلەن يانغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بىلەن،1955–يىللىرىدىكى ئەشۇ جاپالىق شارائىت دەۋردىن باشلاپ،بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى ئىزىدىن مېڭىپ ئۇيغۇر تىلى دالالىرىنى،يېزا قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇ ئۇيغۇر تىلى بايلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 1955– يىلى قەشقەر شەھەر ئىچى ، ئوپال يېزىسى،پەيزىۋات ناھىيىسىدە ؛ 1956-،1957– يىللىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما،قاراقاش،ئېلىچى، لوپ، چىرا،نىيا،كېرىيە ناھىيىلىرىدە تىل تەكشۈرگەن. تىل تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى قېلىن 4 خاتىرىگە يېزىلغان بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1960-يىلى5–ئايدىن10-ئايغىچە لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ مىرسالى،كۈزلەك،تىكەنلىك (ھازىرقى دېھقانچىلىق 2– دېۋىزىيىسى34–پولك تۇرۇشلۇق ئورۇن) يېزىلىرىدا،چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ مىرەن يېزىسى ۋە يېڭىسۇدا تىل تەكشۈرگەن. 1962–يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا، تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسى ۋە ئۈرۈمچىدە تىل تەكشۈرگەن. 1965–يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتىنى تۈزۈشتە بەزىي مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش يۈزىسىدىن قەشقەر شەھەر ئىچى ۋە خوتەن ئىلىچىدا تىل تەكشۈگەن. 1967– يىلىدىكى قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىلى،ئالتاي رايونىدا يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان،تىل ماتېرىياللىرىنى خاتىرىلىگەن. قازاق تىلىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئەينى ۋاقىتتا، ئىلى ئوبلاستلىق مىللەتلەر تىل–يېزىق كومتېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1981– يىلى ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە خىزمەتكە چۈشكەن. 1980–يىلى‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى نەشىرگە تەييارلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى لېكسىكىلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى ئىزلەش ئۈچۈن ئاتۇش ، قەشقەر كونا شەھەر ۋە يېڭىسار ناھىيىلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان. 1986– يىلى ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرىنىڭ چېگرىسىنى ئايرىش بويىچە ئاتۇش ، يەكەن ، قاغىلىق ، مەكىت ، يوپۇرغا ، مارالبېشى ، كەلپىن ، ئاقسۇ ، كۇچا ناھىيىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان. 1986- يىلى خوتەننىڭ لاڭرۇ كەنتىدە تىل تەكشۈرۈشتە بولغان. 1988 – يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ دىغار ، لۈكچۈنلەردە تىل تەكشۈرگەن. 1989 – يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ يېزىسىدا تىل تەكسۈرگەن. 1996 – يىلى 5 – ئايدىن 7 – ئايغىچە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تۆمۈرتى ، ئاققاش ( داڭسىڭ) قاتارلىق جايلىرىدا تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كەسپىي يېتەكچى بولۇپ قاتناشقان . 1987 – يىلى تەتقىقاتچى ( ئالىي دەرىجە ) ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1988 – يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتىخەسىس بولۇپ باھالانغان. 1989 – يىلىدىن 1994 – يىلىغىچە ش ئۇ ئا ر بويىچە مۇنەۋۋەر مۇتىخەسىسلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1991- ، 1992 – يىلى قاغىلىق ناھىيىسىدە تىل تەكشۈرگەن. 1991 – يىلى 》دۆلەت دەرىجىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتىخەسىس《بولۇپ باھالىنىپ، ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولغان. 2005 – يىلى قەشقەردە ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى – ‹‹مەھمۇد كاشغەرى تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ››دا مۇكاپاتلانغان.

ئالىم بىر ئۆمۈر تىرىشىپ ئۈگۈنۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ، تۈرك – رونىك يېزىقى ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل – يېزىقلىرىنى ئۈگەنگەن ۋە مۇشۇ يېزىقلاردىكى كىلاسسىك يازمىلارنى تەتقىق قىلغان . ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا تىل ئۈگۈنۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن خەنزۇ ، پارس ، قازاق ، تۈرك تىللىرىدىن بىمالال پايدىلىنالايدىغان سەۋىيە يەتكەن.

1964 – يىلى تىلشۇناس نەسرۇللا يولبولدى بىلەن بىرلىشىپ يازغان 3 قىسىملىق ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ›› ناملىق كىتابى يېڭى يېزىقتا نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان.

1977- يىلىدىن 1984 – يىلىغىچە ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك›› نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە 2 تومىنىڭ مۇھەررىرلىگىنى ئىشلىگەن .

‹‹ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت››نىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان يېڭى يېزىق نۇسخىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.

1984 –، 1988 –، 1997- يىللىرى ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى ››، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى›› ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى›› ( باش تۈزگۈچى) نى تۈزۈشكە قاتناشقان ۋە مەسئۇل مۇھەررىرلىگىنى ئىشلىگەن . ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز ۋە ئىملا لۇغىتى›› ش ئۇ ئا ر بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

1991 – يىلى تىلشۇناس ، تۈركلوگ مەترېھىم سايىت بىلەن بىرلىشىپ تۈزگەن ‹‹ قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .

ئۇ ئاساسلىق بولۇپ ئىشلىگەن ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىنىلىشى›› ناملىق كىتاب 1991 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

1988-، 1989 – يىللىرى ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەتقىقاتى ›› دىگەن كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشتى.

2002- يىلىدىن باشلاپ 2006 – يىلىغىچە ‹‹ ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە چوڭ لۇغەت ››نى تۈزۈش خىزمىتىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ غەلىبىلىك تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان .

1990– يىلى ئالىمنىڭ ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرى ›› ناملىق كىتابى شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان . كىتاب ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەتراپلىق تەتقىقاتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېتكىتلىرىنى بۆلۈشنىڭ توغرا ئۆلچىمى ، شۇ ئۆلچەم بويىچە ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرىنىڭ بۆلۈنۈشى ( جۈملىدىن ئاساسىي جۇغراپىيىلىك چەك چېگرىسى ) ، ھەر بىر دىئالېكىتنىڭ ، خۇسۇسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىئالېكتى بولغان مەركىزىي دىئالېكىتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىي تىل بىلەن بولغان ئىچكىي باغلىنىشى ، ھەر بىر دىئالېكىتقا تەۋە شىۋىلەر ۋە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر جانلىق ، تىپىك ماتىرىياللار بىلەن بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان ›› . بۇ كىتاب بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرىنى ئۈگۈنۈشىمىزدە يېتەكچى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ . بۇ كىتاب 1990 – يىلى ش ئۇ ئا ر بويىچە پەلسەپە – ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

1997 – يىلى شىنجاڭ پەن – تېخنىكا سەھىيە نەشىرىياتى ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇمۇل شىۋىسى ›› ناملىق كىتابنى نەشىر قىلدى . بۇ كىتاب، ئالىمنىڭ مۇشەققەتلىك ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قۇمۇل ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدىكىلەر ۋالىي مەھكىمىگە دوكلات يوللاپ تەستىقلىتىشى ئارقىسىدا، ئۇلار ئالىمنى تەكلىب قىلىپ بىر گۇرۇپپا قۇرغان ، بۇ گۇرۇپپا ئالىمنىڭ كەسپىي يېتەكچىلىگىدە 1996 – يىلى 5 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . بۇ گۇرۇپپا ئالىمنىڭ يېتەكچىلىگى ۋە بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىشى نەتىجىسىدە ‹‹ قۇمۇل شىۋىسىنىڭ ھەقىقەتەن مەركىزىي دىئالېكىت رايونى ئىچىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك بىر شىۋە ئىكەنلىكىنى ، ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ››، شۇنداقلا ‹‹ بۇ ساھەدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇردى ››. بۇ ئەسەر مالوۋنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كىتابىدىن كېيىنكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ۋە مەخسۇس ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

1999 – يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دىئالېكتى ›› ناملىق كىتابىنىڭ قىسقارتىلغان خەنزۇچە نەشرىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى . بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1961 – يىلى لوپ رايونىدا ئېلىپ بارغان 6 ئايلىق تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىدىن قولىدا ساقلىنىپ قالغانلىرى ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلىرىنى ئاساس قىلىپ يېزىپ چىقىپ، لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىگىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن ، لوپنۇر دىئالېكتىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى يورۇتۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 2006 – يىلى بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق نۇسخىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . بۇ ئىلمىي ئەسەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇنىڭغا لوپنۇر دېئالىكتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مول تارىخىي قىممەتكە ئىگە ئېغىز ئىجادىيىتى ئەسەرلىرى، خەلقئارا ترانسىكپىكسىيە بىلەن ئەسلىي تەلەپپۇزى بويىچە ئېلان قىلىنغان . بۇ كىتاب لوپنۇر دېئېكتىنى چۈشۈنۈشتىلا ئەمەس لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ، بۇ ئەل ئېغىز ئەدەبىياتى ئارقىلىق لوپلۇقلار ۋە لوپنۇر خەلقىنى چۈشۈنۈشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە.

2004 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئالىمنىڭ ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى ›› ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى . بۇ كىتاب ئالىمنىڭ 1956 – يىلى 9 – ئايدىن 1957 – يىلى 3 – ئايغىچە بولغان تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا ئىگەللىگەن ماتېرىياللىرىدىن ئۆزىدە ساقلىنىپ قالغانلىرىنى ئاساس ، كېيىنكى تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەن ماتىرىياللىرىنى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتىرىيالى قىلىپ يېزىپ چىققان .

ئالىمنىڭ يۇقارقى كىتابلاردىن باشقا نۇرغۇنلىغان يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى بار . بۇلاردىن ‹‹ Ⅸ ئەسىر ئوتتۇرا تۈركىي تىل يادىكارلىقلىرىدىكى ż ھەرىپى ۋە ئۇ ئىپادە قىلغان تاۋۇش توغرىسىدا مۇلاھىزە ›› ( ‹‹ ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى ›› 1984 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ) ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى ›› ( ‹‹ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) ›› ، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1983 –يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ) ، ‹‹ چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىمىز ›› ( مەرھۇم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولۇپ ‹‹شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى››دا 1993 – يىلى 1- سان ) ، ‹‹ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يۇرتى ، ھاياتى ۋە قەبرىسى توغرىسىدا ›› ( ئۇستاز تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئىي بىلەن بىرلىشىپ يازغان ، ‹‹ تارىم ›› ژورنىلى 1984 – يىللىق 3 – سان ، ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى ›› ناملىق كىتاب ۋە روسچە ژورنال ‹‹ سوۋېت تۈركولوگىيىسى ››دە ئېلان قىلىنغان ) ، ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇ ‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›دە بايان قىلغان ئەدەبىي تىل ھەققىدە ›› ( ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى ›› ناملىق توپلام 1985 – يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشرى ) ، ‹‹ ‹قۇتادغۇبىلىك› تە ئىپادىلەنگەن ئەدەبىي تىل توغرىسىدا ›› ( خەمىت تۆمۈر ، ئامىنە غاپپارلار بىلەن بىرلىشىپ يازغان بولۇپ ‹‹ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›› ژورنىلىدا 1997 –يىلى 2- ، 3- سان ) ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا ›› ( ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› ژورنىلى 1993 – يىلى 2 – سان )، ‹‹ ‹ قۇتادغۇبىلىك ›تە غۇ \ گۈ قوشۇمچىلىرى ئارقىلىق ياسالغان ئىسىمداشلارنىڭ قوللىنىلىشى ›› ( ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› ژورنىلى 2005 – يىللىق 4 – سان ) ، ‹‹ قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ پاخپۇ شېۋىسى توغرىسىدا ›› ( تىلشۇناس ئامىنە غاپپار بىلەن بىرلىشىپ يازغان، ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› 1990 – يىلى 3 – سان ) ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىدىي سۆزلەر توغرىسىدا ›› …. قاتارلىقلارنى نەچچە ئون ماقالىسىنى مېسال قىلىش مۈمكىن . مىرسۇلتان ئوسمانوۋ يەنە ‹‹ جاھاننەما ›› ( ئايازبېك قۇشچىنىڭ داستانى ، 1985 – يىلى نەشرى ) ، ‹‹ ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى ›› ( غۇلام غوپۇر تۈزگەن ) … قاتارلىق كىتابلارنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىگىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇردى.

ئالىم بىر تىل تەتقىقاتچىسىلا بولۇپ قالماستىن ، ئىقتىدارلىق بىر ئۇستاز ھېسابلىنىدۇ . ئۇ 13 يىل ئۇنۋېرستېتلاردا دەرس ئۆتكەن بولسا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاسپىرانىتلارغا دەرس ئۆتۈپ ، يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەشتىمۇ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. 1952 – يىلىدىن 1957 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنۇستۇتىدا 2 قارارلىق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدىن لى جىڭۋېي ، چېن زوڭجېن ، گاۋ شىجېغا ئوخشاش تىلشۇناسلار يېتىشىپ چىققان. 1957 – يىلىدىن 1965 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا 3 قارارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئومۇمىي تىلشۇناسلىق دەرسىنى ئۆتكەن. 1964- ، 1985 – ، 1999 – يىلى 3 قېتىملىق كۇرۇستا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى دەرسىنى ئۆتكەن.

1991 – يىلى 10 – مايدىن 24 – مايغىچە ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل يېزىق خىزمىتى كومتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىگى تەركىبىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك قازاق پىداگوگىكا ئىنۇستۇتىدا ئۇيغۇر تىلى ئىملاسى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن. 1999 – يىلى 12 – ئايدا تەكلىب بىلەن ياپونىيەگە چىقىپ توكيو ئۇنۋېستېتى ئويۇشتۇرغان ‹‹ جوڭگو شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى شەيىخلەر كەنتىدىكى ئاھالىنىڭ لېكسىكىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ››غا قاتناشقان ۋە كىيوتو ئۇنۋېرستېتىدا ‹‹ لوپنۇر دېئالېكتىنىڭ ئالاھىدىلىگى توغرىسىدا ›› دىگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن . 2000 – يىلى ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ۋە ئەنقەرەدە ئۇنۋېرستېتلاردا خوتەن دېئېكتى ۋە لوپنۇر دېئالېكتى ھەققىدە لېكسىيە ئوقۇغان.

مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ھازىر شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى . ئۇ 1989 – يىلىدىن باشلاپ ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مىللەتتىن بولغان 8 قارارلىق 10 نەچچە نەپەر ئاسپىرانىتقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرىدىن دەرس ئۆتكەن، 20 نەچچە ئاسپىرانىتنىڭ دېسىرتاتسىيىسىنى يېتەكچىلىك قىلغان ۋە باھالاشقا قاتناشقان.

2005 – يىلىنىڭ ئالتۇز كۈز پەسلى . مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاستانىسى بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 ئالىم ، ئەدىب ، تەتقىقاتچىلار يىغىلىپ ، 11 – ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر ، تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولدى . ‹‹ مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ›› دىگەن تېمىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 6 – كۈنى كەچكىچە ئېلىپ بېرىلدى . مەنمۇ ‹‹ ‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›تىكى چىن ، ماچىن ۋە تاۋغاچ ناملىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ›› ناملىق ماقالەم بىلەن تاللىنىپ يىغىنغا قاتناشتىم . مېنىڭ مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ماڭا ئاجايىپ ئىزگۈ ھېسلارنى ئاتا قىلدى . يىغىنغا مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم ، ئۇيغۇر سايرانى ، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ، ئىمىن تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي ساقىم كەبى پىشقەدەم ئالىملار ؛ ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ، غەيرەتجان ئوسمان كەبى ئۇنۋېرستېتلاردىكى دوكتور ، پروفېسسورلار ۋە يەنە ئىلىمگە ئوتتەك ئىنتىلىۋاتقان ياشلار بار ئىدى . يىغىن قاتناشقانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان، تاپشۇرۇلغان 270 پارچىگە يېقىن ماقالە ئىچىدىن تالىۋېلىنغان 130 پارچىدەك ماقالىنىڭ ئاپتورلىرى ئىدى . پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان بوچى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ‹‹ ئىلگىرىكى يىللاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى دېسە ماقالە كەلمەيتتى ، بۇ يىل ناھايىتى ياخشى ، قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر كۆپ ، تاللاشقا توغرا كەلدى ›› دەيدۇ. بۇ يىغىن قىزغىن مۇزاكىرىلەر ، ئۆز ئارا تونۇشۇش پۇرسەتلىرىنى ئاتا قىلدى . يىغىن داۋامىدا مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى تونۇشۇشنى ئىستەپ كەلگەن ئۇستاز تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم ، لېكىن يىغىن بولغانلىقى ، ئالىمنى ئىزلەيدىغانلار كۆپ بولغانلىقتىن بىرلا سۇئالىمنى سوراشقا ئۈلگۈردۈم . ئالىمدىن سورايدىغانلىرىم كۆپ بولسىمۇ ئىمكان بولمىغان ئىدى . شۇ يىلى كۈزدە شىنجاڭ تېلۋېزىيە ئىستانسىسى ئۇنۋېرسال سەنئەت قانىلى ‹‹ مەدەنىيەت بوستانى ›› پروگىراممىسىنىڭ تالانتلىق رېياسەتچىسى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ دىيارىمىزغا كېلىپ، ‹‹ لوپنۇرنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ›› دىگەن تېمىدا فىلىم ئىشلىشى سەۋەبىدىن كورلىدا، ئالىم بىلەن 10 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىن 26 – كۈنى كەچكىچە بەش كۈن بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم . بۇ ئىنتايىن قىممەتلىك پۇرسەت بولدى . بۇ جەرياندا كەڭ كۇشادە سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم ، گەرچە سورايدىغانلىرىم كۆپ بولسىمۇ، ئالىمنىڭ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسى يىغىن زالىدا 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى سۆزلەيدىغان لېكسىيىسىگە قارىماي قايتتىم ، چۈنكى ”ئۆزىنى سورىغان خاننىڭ ئالدىغا بارماپتۇ“ دىگەن سۆز بار ، بىر كارخانىدە ئىشلىگەن ئىكەنمەن ئەلبەتتە ئالدى بىلەن كارخانىنىڭ ئادىمى بولۇشۇم كېرەكتە .

مەن تۆۋەندە ئالىم بىلەن تونۇشۇپ، بىرگە بولغان مەزگىلدە سوراپ بىلگەن بەزى ئىشلارنى سۇئال جاۋاب تەرىقىسىدە كىتابخانلارغا تەقدىم قىلدىم :

مىرسۇلتان ئاكا ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1985 – يىلى موللا مىر سالىھ كاشغەرى ئاپتورلىقىدىكى ‹‹ چىڭگىزنامە ›› ناملىق كىتابنى، مەرھۇم تارىخچى ھاجى نۇر ھاجىنىڭ تەييارلىشىدا نەشىر قىلغان ئىدى . لېكىن مەرھۇم تارىخچىنىڭ ‹‹ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› ناملىق كىتابىدا ‹‹ قەشقەر تارىخى ›› دەپ ئېلىنغان ئىكەن، بۇ ئىككىسى بىر كىتابمۇ ؟

بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە باشقا ئىشلىرى ھەققىدە تونۇشلۇقۇم بار، چۈنكى مەن بۇ كىتابنىڭ كوررېكتورلىقىنى بىر قانچە قېتىم قىلغان ئىدىم . شۇ يىللاردا بىرەيلەننىڭ، بۇ چىڭگىزخان ھەققىدىكى كىتاب ئىكەن دىيىشى بىلەن ‹‹ چىڭگىزنامە ›› دەپ ئاتىلىپ قالغان ۋە شۇ نامدا نەشىر قىلىنغان . ئاپتورى مەسىلىسىگە كەلسەك ‹‹ بۇ كىتابەت رۇز سەھشەنبە كۈنى تەمام بولدى . راقىم موللا مىر سالىھ كاشغەرى ›› دەپ يېزىلغان . مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، موللا مىر سالىھ كاشغەرى بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بولماستىن كۆچۈرگۈچى كاتىبتۇر . كىتابنىڭ ئەسلىي ئاپتورى نامەلۇم .

مىرسۇلتان ئاكا ، لوپلۇقلارنىڭ 1914 – يىلىدىكى ئۈن لېنتىسى بار دەيدۇ ، راستمۇ ؟

راست . 2000 – يىلى فرانسىيىلىك بىر ئايال تەتقىقاتچى كەلگەندە كۆرۈشكەن ئىدىم . مالوۋ 1914 – يىلى يېڭىسۇدا ھاشىم شاڭزوڭ ئېيتىپ بەرگەن بەزى ئاۋازلارنى ئۈن ئالغان ئىكەن . فارانسىيىلىك ئايال تەتقىقاتچىنىڭ ئېلىپ كەلگەن لېنتىسىدىكى ئاۋاز ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ ئاۋازنى پەرق ئەتكىلى بولىدۇ . بۇلار : قوشاق ‹‹ مۈز ئاسسىدا كۈن پاتىپ ›› ( بەزى كىشىلەر بۇ قوشاقنى”مۇز ئاستىدا كۈن پاتىپ“ دەپ ئېيتىۋاتىدۇ ، مۇزنىڭ ئاستىدا كۈن پاتقان نەدە بار ، توغرىسى ”مۈز ئاسىسىدا كۈن پاتىپ “ بولۇپ ”مۈڭۈز ( مۈڭگۈز ) ئاستى دىگەن جاي نامىدۇر ) “ بىلەن ئەزان ئاۋازى ئىكەن .

مىرسۇلتان ئاكا ، گېرمانىيىلىك گابائىن خانىم شىنجاڭغا كەلگەندە كۆرۈشكەنمىدىڭىز ؟

گابائىن خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ، ئۇ ئۆزىنى ” مېنى مەرىيەم ئاپا دەڭلار “ دىگەن . دېمىسىمۇ ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپ ئۆتكەن . تىلشۇناس ئامىنە غاپپار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە ، گابائىن خانىم تۇرپانغا كەلگۈچە يول بويىدا ئۇچرىغان گۈللەردىن گۈلدەستە تەييارلايمەن دەپ تۇرپانغا بېرىشقىمۇ كېچىككەن . ئۇ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىگە بارغاندا يەرنى سۆيۈپ ، توپىلىرىنى يۈزىگە سۈرتۈپ كەتكەن ئىكەن .

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز خوتەن ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا كۆپ تەكشۈرۈشتە بولدىڭىز ۋە 50 يىلدىن بۇيان تىل تەتقىق قىلىپ كەلدىڭىز ، سىزچە ” ئەينۇ تىلى “، ” شەيىخلەر تىلى“ ، ” ئابداللار“ دىگەننى قانداق چۈشۈنىمىز ، بەزىلەر ھەتتا ئۇلارنى مىلادىيىنىڭ بېشىدىكى ئارىئانلاردىن ساقلىنىپ قالغان تىل دەپ قارايدۇ ، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟

1999 – يىلى مەن سابىت روزى ، تاھىرجان مۇھەممەدلەر بىلەن ياپونىيەدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم ، شۇ يىغىندا بۇ ئاتالمىش ” ئەينۇ تىلى “ ياكى ” شەيىخلەر تىلى“ ھەققىدە مۇزاكىرىلەر بولدى . مەن بۇ تىلنى خوتەننىڭ تامئېغىل شەيخلەر كەنتىدە تەكشۈرگەن . گېرمانىيىلىكلەرمۇ بۇلارنى تەكشۈرگەن ۋە ئابداللارنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن. تىل بولۇش ئۈچۈن فونېتىكىلىق سېستىمىسى ، گرامماتىكىسى ، لېكسىكا سۇستاۋى بولۇشى كېرەك . ئاتالمىش ”ئابدال تىلى“ بۇ شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ . مۇشۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ھاياشى تورو ‹‹ شەيخلەر كەنتىدىكى ئادەملەرنىڭ لېكسىكىسى ›› دىگەن بىر بىشورىنى تارقاتتى . ھاياشى تورو ‹‹ بىز بۇلارنى بىر تىل ياكى مىللەت دەپ قارىمايمىز ›› دەپ قارايدۇ . مېنىڭ يىغىندىكى سۆزلىرىمنى ئابدۇرەشىد ياقۇپ ياپونچىغا تەرجىمە قىلدى . مەن : ” ئۇلارنى مىللەت دېگىلى بولمايدۇ ، ئۇلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتاپ كەلگەن . ئۇلارنىڭ لېكسىكىسىدا 370 تەكلا سۆز بار ، ئەنە شۇ لېكسىكىلارغا قاراپلا مىللەت ياكى تىل دىگىلى بولمايدۇ. بۇلار ئەسلىدە خوتەننىڭ تۆمۈر دەۋزا دىگەن يېرىدە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، ئازادلىقتىن كېيىن لوپ ناھىيىسىنىڭ تامئېغىل دىگەن يېرىگە كۆچكەن “ دىگەن پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . يىغىندا ” ئابداللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش كېرەك “ دەپ خۇلاسە چىقاردى .

مىرسۇلتان ئاكا ، ئەبداللار ~ شەيخلەر تىلى توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىپ بەرگەن بولسىڭىز ؟

ئابداللار مەسىلىسى چەت ئەل ئالىملىرىدىن كەلگەن، بۇ ”تىل“نى 19- ، 20 – ئەسىرلەردىكى ف . گراند ، گ . راكۋېتتى ، پ . پېللىئوت قاتارلىق ئالىملار بايقىغان ۋە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى ئېلان قىلغان، بۇلارغا ۋېنادا نەشىر قىلىنغان ‹‹ شىنجاڭدىكى ئابداللار ›› دىگەن كىتابنى مېسال قىلىشقا بولىدۇ. چەتئەلىك بەزى تەتقىقاتچىلار ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن ھېسابلاشماي ، ”ئابدال“~”ئەينۇ“ دىگەن نام بىلەن ئاتاپ ، ئۇلارنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئالاھىدە بىر جامائە ھېسابلاپ ، ئۇلار قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئەرەبچە ، پارسچە سۆزلەرنى مىللىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قاراۋاتىدۇ. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە ، بۇ تىلنىڭ گرامماتىكىسى بىلەن فونىتىكىسى ئۇيغۇرچە . لېكسىكا قىسمىدا ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشىشىپ كەتمەيدىغان 370 تەك سۆز بار ، بۇ سۆزلەر ئەمەلىيەتتە بىر خۈپ ئەر – خوتۇننىڭ سۆزلىشىشىگىمۇ يەتمەيدۇ . ئۆزىنىڭ گرامماتىكىسىمۇ يوق تىل بولمايدۇ ، مۇشۇلارغا ئاساسلانساق ھەرگىزمۇ تىل ئەمەس. ئۇلار ئەسلىدە تۈركىي تىللىق خەلق بولۇپ ئافغانىستاننىڭ شىمالىي ، پاكىستاننىڭ شىمالىي ياكى كەشمىر تەرەپلەردە ياشاپ ، تۇرمۇش سەۋەبىدىن مۇشۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ، كەلگىنىگە 3 – 4 ئەۋلاد بولغان ، ئۇلار ئۆزلىرىنى تەكتىمىز مۇشۇ يەرلىك دەپ قارايدۇ . ئۇلار نىمىشقا 370 تەك سۆز بىلەن سۆزلىشىدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان يەرلىرى شەھەرنىڭ سىرتى ، دەريا ئېقىنلارنىڭ ئاياق قىسمى بولغاچقا ، كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى بەك تۆۋەن. لوپ ناھىيىسىنىڭ تامئېغىل ، خوتەننىڭ گىۋوز ، چېرىيەنىڭ چاقا ، كېرىيەنىڭ قاچۇن ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ شەيخلەر كەنتى ، قەشقەرنىڭ پايناپ قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان . ئۇلارنى ياپونلار 2 قېتىم تەكشۈردى . بۇ ھەقتە ياپونىيەدە ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ” ئابداللارنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش كېرەك “ دىگەن خۇلاسىنى چىقاردى . بەزىلەرنىڭ ئاتىشىدىكى ”ئابداللار “، ” شەيخلەر“، ”ئەينۇلار“ ئېتنىك جەھەتتىن ئۆزلىرىنى ھېچ ئىككىلەنمەستىن ” ئۇيغۇر “ دەپ ئاتايدۇ ، بىزمۇ ئىككىلەنمەي ئۇلارنىڭ ئاتىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي باشقا ناملارنى تېڭىپ يۈرمەسلىگىمىز كېرەك.

مىرسۇلتان ئاكا ،ئاڭلىسام سىزنى ئۇيغۇر تىلى دېئالېكىتلىرىنى چەتئەل ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگىمۇ تونۇشتۇردى دەيدىغۇ ؟

1999 – يىلى 12 – ئايدا ياپونىيىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم ، شۇ قېتىمدا ھاياشى تورونىڭ ھەمراھلىقىدا كىيوتو شەھىرىنى زىيارەت قىلدىم ۋە كىيوتو ئۇنۋېرستېتىدا لوپنۇر دېئالېكتىنى تونۇشتۇرۇپ لېكسىيە سۆزلىدىم . ياپونىيىلىك ئالىم ماساگىرو شوگايتو مېنىڭ لېكسىيەمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن : ”بىز ئىلگىرى لوپنۇر دېئالېكتىنى روس ئالىمى مالوۋنىڭ تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا چۈشۈنەتتۇق . مانا ئەمدى، سىزنىڭ لېكسىيىڭىز ئارقىلىق، بىزنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىز يېڭىلاندى “ دەپ ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى .

2000 – يىلى تۈركىيەدە 5 كۈن ئېچىلغان خەلقئارا تۈركىي تىللار قۇرۇلتىيىغا قاتناشتىم . بۇ قۇرۇلتايغا ھاشىم تۇردى ، گېڭ شىمىن ئۈچىمىز قاتناشتۇق . ئېزمىردا خوتەن دېئالېكتىنى تونۇشتۇردۇم . خوتەن دېئالېكتىنى تونۇشتۇرغاندا روسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار تىلشۇناس ئەدھەم راھمانوۋىچ تېنىشىۋ ( ئۇ 1956 – يىلىدىكى تىل تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلغان ) مۇ كېلىپ ئاڭلىدى . تۈركىيىگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچۇمنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەنقەرەگە باردۇق . ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىدا ساما باروتچى خانىم بىزگە زىياپەت بەردى . ئۇلارنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن لوپنۇر دېئالېكتىنى تونۇشتۇردۇم . مېنىڭ لېكسىيەمنى ئاڭلىغان قىرغىزىستانلىق بىر دوكتۇر ئاسپىرانىت ( تېخى يېقىندىلا دېسىرتاتسىيە ياقلىغان ئىكەن ) ئايال لوپنۇر دېئالېكتىنى قىرغىز تىلى دەپ پىكىر قىلدى . مەن قىرغىز تىلىدا بۇ دوكتۇر ئاسپىرانقا ” ئىنسانىيەت زۆرۈرىيەت ئالىمىدىن ئەركىنلىك ئالىمىگە تەرەققىي قىلىدۇ ، پەنمۇ شۇنداق. ئەگەر لوپنۇر دېئالېكتىنى قىرغىز تىلى دېسىڭىز پاكىتىڭىزنى قويۇڭ ، پەندە پاكىت كېرەك ، قالغىنىنى پاكىت سۆزلىسۇن “ دىدىم . 1991 – يىلى قازاقىستانغا چىقتىم . ئالمائاتادا بولغان ئىلمىي سۆھبەتلەردە ، ئۇيەردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ”مالوۋنىڭ بەزى نەرسىلىرى تازا مۇۋاپىق ئەمەس دەيدۇ “ . مەن ئېيتتىم : ” مالوۋنىڭ قورغانلىرىنى ئالغىلى بولمامدىكەن ؟ “ دېسەم ، ئۇلار : ” سىلەر توپ ئاتمامسىلەر “ دەيدۇ. مەن ئېيتتىم : ” سىلەر نىمىشقا ئاتمايسىلەر ؟ ئەلۋەتتە، مالوۋنى ھۆرمەت قىلىمىز ، گۇننار ياررىڭنىمۇ شۇنداق . لېكىن خاتالىرىغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ . مالوۋنىڭ قۇمۇل شىۋىسى ھەققىدىكى خاتىرىلىرىگە قارىساق ، ق ، ك ، غ تاۋۇشلىرىنى خاتىرىلەشتە خاتالىق بار . ئەيتاۋۇر تۇرغان ۋاقتى قىسقا بولغاچقىمۇ، بەزى تاۋۇشلارنى خاتىرىلەشتە خاتا قىلغان . گۇننار ياررىڭمۇ I تاۋۇشىنى 3 خىل خاتىرىلىگەن، ئۇ بەزى تېكىستلەرنى كەشمىرگە چىققانلاردىن ئالغان . شۇنداقتىمۇ ئۇلار يول ئاچقۇچى ئالىملاردۇر ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىمىز ، لېكىن خاتالىرىنى تۈزۈتىشىمىز كېرەك ، بىز تىل تەكشۈرۈش داۋامىدا چەت ياقا رايونلاردا ياشاۋاتقان ، جامائەت سورۇنلىرىغا كەلمىگەن كىشىلەرنى ئاۋاز بەرگۈچۈلۈككە تاللىغان ، بۇلار باشقىلار بىلەن بېرىش – كېلىش قىلمىغانلىقتىن تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ قالغان. شۇڭا يول ئاچقۇچى ئالىملارنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئىشەنچلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق خاتا كەتكەن تەرەپلىرىنى تۈزۈتىشىمىز كېرەك “ دېدىم.

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز ‹‹ تۈركىي تىللار تەتقىقاتى (2) ››نىڭ 2 – توپلامىدىكى ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى ›› ناملىق ماقالىڭىزدا ‹‹ لوپنۇر دېئالېكتىنىڭ ھەم قىرغىز تىلىنىڭ ، ھەم قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئوخشاش بىر دەۋردىكى خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىدە ساقلىقىنىغا قاراپ ، بۇ تىلنى تىل خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن شەرقىي ھۇن تارمىقىغا ، ۋاقىت ئېتىۋارى جەھەتتىن ئوغۇز ( ئۇز ) ، قەدىمكى قىرغىز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئومۇمىلىقى تېخى دىگەندەك بۆلۈنۈپ كەتمىگەن دەۋرگە ئائىت بولسا كېرەك دىگىلى بولىدۇ ›› دەپ يازغان ئىكەنسىز ، لېكىن مەن ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى ›› ناملىق كىتابىڭىزنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسىنى كۆردۈم ( سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچىسى تېخى چىقمىغان ئىدى ) ، بۇ قارىشىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغاندەك قىلىدىغۇ ؟

- شۇ ۋاقىتتىكى قارىشىمىغا كەلسەك، ئاساسلىقى مالوۋنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدىم . لوپنۇر دېئالېكتىنى تەكشۈرگەندىكى ماتېرىياللىرىمنىڭ 4 تىن 3 قىسمى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوق بولدى . ساقلىنىپ قالغان ماتېرىياللىرىم ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ‹‹ لوپنۇر دېئالېكتىدا ( مىرسالى – چارا ، يېڭىسۇ – ئويمانكۆل – كۈزلەك ، مىرەنلەرنىڭ ھەممىسىدە) باشقا ئۇيغۇر تىلى دېئالېكتلىرىدا ئوخشاشلا y بىلەن قوللىنىلىدىغان يىرگەن ، يوسۇن دىگەن ئىككىلا سۆزنى jirgεn ، josun شەكلىدە j لاشتۇرۇپ ئېيتقاندىن باشقا y – j نۆۋەتلىشىدىغان سۆزلەرنى ئۇچراتمىدىم ›› ، شۇڭا ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق شۇ ماقالەمدە لوپنۇر دېئالېكتىنى ‹‹ قەدىمكى قىرغىز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ئومۇمىلىقى تېخى دىگەندەك بۆلۈنۈپ كەتمىگەن دەۋرگە ئائىت بولسا كېرەك›› دىگەن قارىشىمنىڭ تازا مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى ›› ناملىق كىتابىمنىڭ ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە نەشىرلىرىدە بۇ قارىشمنى قايتا تىلغا ئالمىدىم . ئەمەلىيەتتە لوپنۇر دېئالېكتىنىڭ قىرغىز تىلى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىتى يوق ، بەلكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىر دېئالېكتىدۇر.

مىرسۇلتان ئاكا ، لوپنۇر دېئالېكتىنىڭ ئەسلىي ماكانى قايەر؟ بۇ دېئالېكت شىمالدىن جەنۇبقا تارالغانمۇ ياكى جەنۇبتىن شىمالغا تارالغانمۇ ؟

لوپنۇر دېئالېكتى جەنۇبتىن شىمالغا تارالغان ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى قاراقۇشۇن كۆلى بويىدۇر . جەنۇبتىكى جايلاردا ( مىرەن ، قاراقۇشۇن كۆلى بويلىرى)، خوتەن دېئالېكتىنىڭ ي لىشىش تەسىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ساپراق . شىمالدا ( تىكەنلىك ۋە ئۇنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى)، تۇرپان – پىچاننىڭ تەسىرى كۆپرەك . لوپنۇر دېئالىت رايونىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرىدە w/g ئالمىشىش ھادىسى كۆرۈلىدۇ ، لېكىن جەنۇبتا بۇ ھادىسە يوق. جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىش مەسىلىسىنى ئالساق، بىرەر ۋاقىئە ، ھادىسە بولغاندا جۈملىدىن كېسەل تارقىغاندا دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا قاراپ سۈرۈلگەن ، كېسەل كىشىلەرنىڭ يېنىدا ئوزۇق قالدۇرۇپ دەريانىڭ يۇقۇرى ئېقىنىغا قاراپ قاچقان ، قېچىپ ھەتتا دۆڭقوتان ، قارچۇغالارغىچە كەتكەن . لوپنۇر دېئالېكتىنى ئەمەلىيەتتە قاراقۇشۇن دېئالېكتى دىيىشكە بولىدۇ . لوپنۇر دېئالېكتىنىڭ ئاساسى قاراقۇشۇنلۇقلارنىڭ تىلىدۇر . مىرەندە”يانلار“ ،”جوداقتار“ ،”قالماقتار“ يوق . لوپنۇر دېئالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ئاساسىي قىسمى قاراقۇشۇنلاردۇر .

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز مەھمۇد كاشغەرى ۋە ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ›› ھەققىدە كۆپ ئىزلەندىڭىز . بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئەھمەد زىيائىي ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى تەرجىمە قىلغان ئىكەن ، لېكىن بۇ تەرجىمە روياپقا چىقمىدى ، نىمە ئۈچۈن ؟

- ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى ئەھمەت زىيائىي ئاكىسى مەھەممەد فەيزى بىلەن بىرگە تەرجىمە قىلىپ چىققان ، لېكىن ئەرەپ تىلىنىڭ پىر كامىللىرىدىن بولغان مۇھەممەد فەيزى شۇ ۋاقىتلاردا نازارەت ئاستىدا بولغانلىقتىن، بۇ تەرجىمە ئۇكىسى ئەھمەد زىيائىنىڭ نامىدا تارالغان. مەن تەرجىمە ئورگىنالىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭدا ‹‹ قەشقەر ۋالىيسى سەيپۇللايوپنىڭ ئەمرى بىلەن تەرجىمە قىلدىم . ئەھمەد زىيائىي ›› دەپ يېزىلغان ئىكەن. ئەھمەد زىيائىيلار بۇ تەرجىمىنى دەپتەرگە ئىشلىگەن . دەپتەرنىڭ بىر تەرىپىدە ئەرەبچە ئەسلىي تېكىستنىڭ كۆچۈرمىسى ، بىر تەرەپتە تەرجىمىسى بار ئىكەن. بۇ تەرجىمە تۆت كونىنى يۇقۇتۇش نامىدا ، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. كۆيدۈرۈلگەن ۋاقتى 1966 – يىلى 7 – ~ 8 – ئايلار.

مىرسۇلتان ئاكا، ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى تەرجىمە قىلىشتا سىز مۇھەررىرلىكتىن باشقا قانداق ئىشلارنى قىلغان ؟

- ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نى نەشىرگە تەييارلاشتا 1 – تومنى ئاساسلىقى ئابلىمىت يۈسۈپى ، 2 – ۋە 3 – توملارنى ئابدۇرەشىت سابىت قارىھاجىم ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان . مەن ئىبراھىم مۇتئىي ۋە ئىمىن تۇرسۇنلار بىلەن پۈتۈن ئەسەرنىڭ مۇھەررىرلىگىنى قىلغان ، مەن يەنە ئەسەرنىڭ گرامماتىكا قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن . ئەرەبچە كۆرگۈچىلەر تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، تۈركچە ۋە ئۆزبەكچە نۇسخىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئىشلىگەن .

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدە خىزمەتتە بولدىڭىز ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ››نىڭ 1984 – يىلىدىكى نەشرىي نۇسخىسىدىن بۇرۇنقى تەرجىمىسىمۇ بولغانمۇ ؟

- ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› بىر تەرجىمىسى بولغان . بۇ تەرجىمە ئۈرۈمچىدە بىر تاتار داموللا تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولسا كېرەك ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى يۇمۇلاق دۈگۈلەك قەغەزگە يېزىلغان . ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››نىڭ بۇ تەرجىمىسى نەمانگان نۇسخىسى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ ، قەغىزىنىڭ كەڭلىگى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، ئەسلى تېكىست بېيت بويىچە ئۈستىگە كۆچۈرۈلۈپ ئاستىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن . تەرجىمە شۇ دەۋر تىلىغا ئۆرۈلگەن بولۇپ تاتار زىيالىيسى تەرجىمە قىلىنغانلىق ئېھتىمالى چوڭراق ، بۇ تەرجىمىمۇ 1966 – يىلى 7-~ 8- ئايلاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا ‹‹ دىۋان لۇغاتىت تۈرك›› بىلەن بىرگە، بىر كىشى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن.

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز 1960 – يىلى كورلا ۋە لوپنۇرلارغا كەلگەن ئىكەنسىز ، شۇ ۋاقىتتىكى لوپنۇر ۋە ئۇنىڭ كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقتىكى يولنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟

ئۇ چاغلاردا كورلىدىن كۆنچىگە بارغۇچە يول بويىدا ئاق تېرەك بىلەن سۈگەتلا بار ئىدى ، شۇ يىللاردا يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا ناھايىتى چوڭ سۆگەتلەر بار بولۇپ كۆنچى بازار ئىچىدىكى بەزى قاراسۆگەتلەرگە 2 – 3 ئادەمنىڭ غولىچى يەتمەيتتى . ھازىرقى كىنوخانە ئورنىدا تۈرمە بولۇپ ئۇنىڭ چۆرىسىدىمۇ سۆگەت بىلەن سېرىق تېرەك ئىدى . كۆنچىنىڭ ئەسلىدىكى كوچىسى ھازىرقى بېكەتنىڭ يېنىدىكى تۆت كوچىدىن كۈنچىقىشقا قاراپ سوزۇلغان ئىدى . كۆپلىگەن ۋادەك ئۆي – چاپلىما ئۆي ، ياغاچ بىلەن يۇلغۇنلارنى توقۇپ، لاي ۋە يۇلغۇننى چاپلاپ سالغان ئۆيلەر ئىدى ( شۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزدە ساتتار مۇتەللىپ بار بولۇپ ، ئۇ ئەسلەپ: 1965 – يىلى كۆنچى بازىرىدىكى سۆگەتلەرنىڭ ھەممىسىنى قومۇرىۋەتكەن . 1966 – ، 1967 – يىللىرى قايتىدىن كۆچەت قويۇلغان ، شۇ يىلى كۆنچى بازىرىنى چېقىپ قايتىدىن قۇرۇلغان دەيدۇ) . 1960 – يىلى ماڭا تاۋۇش بەرگە ئاتاۋۇللا قاسىمنىڭ ئېيتىشىچە كورلا بىلەن لوپنۇرنىڭ ئارىسىدىكى كۆچەتلەرنى ھادى ھاجى ئىسىملىك كىشى قويدۇرغان ئىكەن، بىر قىسىم سۆگەتلەر سۇ قۇيۇلماي قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن ئامبال ھادى ھاجىنى جازالىغان . قوشاقتا شۇنداق دىيىلىدۇ :

كۆنچۈنۈ توروقتارى ،

بىرى قالماي قۇرۇپتۇ .

ئامبالما خاپا بولۇپ ،

ئاداجىنى ئۇرۇپتۇ .

شاڭيەنى يايلاغىنى ،

كۆرلۆلۈككە بۇرۇپتۇ .

رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، بۇ يەرلەردىكى توغراقلار قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ھادى ھاجى ئىسىملىك شاڭيۇ سۆگەت ، ئاق تېرەك قاتارلىقلارنى قويدۇرغان ئىكەن. ئامبال ھادى ھاجىنى جازالاش ئۈچۈن يايلىقىنى كورلىلىقلارغا بۇيرۇپ بەرگەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ.

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز بىر ئۆمۈر ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشقىدا كۆيۈپ ئۆتۈپسىز ، ئەمدى بىز ياشلاردىن كۈتىدىغان قانداق ئۈمىدىڭىز بار ؟

يازغۇچى يولداشلاردا ئانا تىل توغرىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولسا ياخشى بولاتتى . ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولغاندىلا ئۇيغۇر تىلىنى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ ھازىرقى قوش تىل مائارىپى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك . بىزنىڭ ياشلاردىن كۈتۈدىغىنىمىز، ئۆز – ئۆزىنى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك . ئۆزىنى تونۇش بىلىمدىن كېلىپ چىقىدۇ، بىلىمگە تايانمىغان تونۇش ھېسسىي تونۇش بولىدۇ . توغرا ، ھەر قانداق مىللەتتە يامان خۇي، ئىللەتلەر بولىدۇ . ئابدۇقادىر داموللا ‹‹ نادانلىق جاھللىقتىن كېلىپ چىقىدۇ ›› دەيدۇ. ياشلار مىللەتنى روناق تاپقۇزىمىز دەيدىكەن جىقراق ئوقۇسا ، ئۈگەنسە بولىدۇ . بىز ئوقۇغاندا كىتاب ماتېرىيال يوق ياكى بەك ئاز ئىدى ، ھازىر ماتېرىيال تولا ، لېكىن ئۆگەنمەيدۇ .

ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ غورۇرىنى تىكلىشى كېرەك . بىز مەيلى قەيەرلىك بولايلى ، مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ، نىمە ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىشى كېرەك . نادانلارنىڭ قارىشى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ ، ئازراق مەنپەتنى كۆرسىلا ئۆزگىرىدۇ . بىزنىڭ مىللەت قارىشىمىز ئىنتايىن سۇس ، ياشلار ھەتتا كىلاسسىك مۇزىكىلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ ، نىمىشكىلىكىنى سورىسىڭىز چۈشەنمىسەك دەيدۇ. بىز تىل مەسىلىسىنى ئالساق ، ئۇچرىغان ئاتالغۇلارنى قايسى قورال كىتابلارغا ئاساسلىنىپ توغرىلىشىمىز كېرەك ؟ بىزدە ئۆلچەم قىلغۇدەك كىتابمۇ يوق . لۇغەتلەرنى تۈزۈۋاتىمىز ، ئۇلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمىز ، خاتا قوللانغانلارنى ھېچكىم ھېچنەرسە قىلالمايدۇ . تىلنىڭ ئۆزى بىر زېمىن . بىزدە، ھازىر تىلنى ئادەتكە تارتىدىغان خاھىش بار ، چۈنكى ئۇلار خاھىشىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ ، ئىملا قائىدىسىنى مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپقا تەس ئەكەلدۇق . يېزىقتا سۆزلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى – غولىنى ساقلاپ قېلىش ، جانلىق تىلغا ئەگىشىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك . ياشلار ئانا تىلنى قەدىرلىشى ، پىىشىق ئۈگۈنۈپ توغرا قوللىنىشى ، ئۆز غورۇرىنى تىكلىشى كېرەك .

مىرسۇلتان ئاكا ، ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشتا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە قايسى؟

ھازىر ئىملا مەسىلىسى بىر قەدەر ئىزىغا چۈشۈپ قالدى ، بەزى ئورۇنلاردا دىققەت قىلماي ئۆتكۈزىۋەتمىسە . لېكسىكىلىق بۇزۇلۇش مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، مۈمكىن بولسا ئەرەب – پارس تىللىرىنى چىقىرىۋېتىپ، تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم . مەسىلەن : بەدقىلىق – قىلىقسىز ، بىسوراق – سوراقسىز، بىئەدەپ – ئەدەبسىز … ئەمما بەزى سۆزلەرنى بۇنداقلا قوللانغىلى بولمايدۇ . م: ناتونۇش ( تونۇش ئەمەس ) ، نائەھلى ( ئەھلىسىز دېگىلى بولمايدۇ) ، بىكار ( كارسىز دېگىلى بولمايدۇ ) … يازغۇچىلىرىمىز دىققەت قىلمايدىغان نوقتىلار، ئەسەر يازغاندا قولىغا قەلەمنى ئېلىپلا مەن ئۇيغۇرغۇ ، تىلنى پىششىق بىلىمەن دەپ يېزىۋېرىدۇ ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىغا مەسئۇل بولۇپ يازاي دەيدىغان چۈشەنچە يوق . بىز تىلىمىزغا مەسئۇل بولىدىغان بولساق، تىلىمىز ناھايىتى مۇكەممەل تىلغا ئايلانغان بولاتتى. چۈنكى تىلىمىزدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن ناھايىتى ياخشى قائىدىلەر قالغان ، يوقالمىغان. ئۇيغۇر تىلىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بولسىمۇ ، تىلىمىزنى ئەرەب – پارىس سۆزلىرى بىلەن ئوراپ، ئۆزىمىزنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. ئەرەب – پارس تىللىرىنىڭمۇ بەزى ئەۋزەللىكلىرى بار ، پايدىلانساق بولىدۇ ، لېكىن چوقۇم ئۆز تىلىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك . ئۇيغۈر تىلى تەتقىقاتى تېخى يېتەرلىك ئەمەس ، مۇشۇ تەتتقىقاتنىڭ يېتەرسىزلىگى نەدە دېسىڭىز ، تەتقىقاتىڭىزدا يول ئوچۇق بولىشى كېرەك .

بۇ قېتىم تۈزۈلگەن ‹‹ ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە چوڭ لۇغەت››تە 60 مىڭدەك سۆز ھەم سۆز بېرىكمىسى كىرگۈزۈلگەن . بۇ لۇغەتتە ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، 10 مىڭ ئەتراپىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تىلى سۆزلۈگى ھەم دېئالېكىت سۆزلەر كىرگۈزۈلدى ، بۇلاردىن يەنە زۈرۈر تېپىلغاندا ، پايدىلىنىپ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىشقا بولىدۇ . بۇ لۇغەتتە يەنە ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››دە سەل قاراپ كىرگۈزۈلگەن ، ئەمما ئىستىمالدىن قالغان بەرھەق ، ئەلھەق ، ئەلھاسىل ، ئەلھەزەر دىگەندەك سۆزلەر كىرگۈزۈلمىدى. تىل تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىنى بىر پۈتۈن تىل نوقتىسىدىن قاراش كېرەك . يازغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىدا ، تەرەققىي قىلىشىدا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشى كېرەك . بىزنىڭ تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىز بەك يۈزە ، مەسئۇلىيەتسىزمىز، كۆپۈنچە ئويلايدىغانلىرىم ئۇيغۇر تىلىنى خاتا يېزىپ ، خاتا ئوقۇپ شەرمىسار بولمىساق دەيمەن.

مىرسۇلتان ئاكا ،سىز بىر ئۆمۈر تىل تەتقىق قىلغىنىڭىزدىن پەخىرلىنەمسىز ؟

ئەلۋەتتە پەخىرلىنىمەن . ئانا تىل ئانا ۋەتەندۇر . 1984 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا مەسىلىلىرى ئۈچۈن ئىشلىدىم . بۇنىڭدا مورفولوگىيىلىك ئۆلچەمنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇردۇم ، 3 دىئالېكىتنى يىغىپ ، تىلىمىزغا قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى قوللاندىم ، گەرچە بەزى سەۋەبلەر بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇالمىغان بولساممۇ . بىز ھەرگىزمۇ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشكە ئەگشىپ ماڭماسلىقىمىز كېرەك . شۇڭا مەن ئانا تىلىمىز ھەققىدە بىر ئۆمۈر ئىشلىگەن ئەمگەكلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن .

مىرسۇلتان ئاكا ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسىنى بېكىتىشتە ئۇستازىڭىز ، ئاتاقلىق تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتئى بىلەن كۆپ رىيازەت چەككەنسىلەر ھە ؟

بىز ئەلۋەتتە جىق مۇزەققەت چەكتۇق ، شۇ ۋاقىتتا ياتىدىغان يەر يوق ، قەشقەر دوختۇرخانىنىڭ بىر بالنىسنى ياتاق قىلىپ ئورۇنلاشتۇق ، بۇ ۋاقىت 1982 – يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى . مۇشۇ تېمىنى نوقتا قىلىپ قەشقەردە بىر نەچچە رەت يىغىن ئېچىپ ، پىشقەدەملەرنىڭ ، ئۆلىما ۋە ئەدىب – شائىرلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق . ئوپالغا چىقىپ كۆپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلىدۇق ۋە مۇلازھىزە قىلدۇق. گەرچە رىۋايەت ۋە ھېكايەتلەر ئارقىلىق ئوپالدىكى ”ھەزرىتى موللام “ قەبرىسىنىڭ مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مەقبەرىسى ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۈرگەن بولساقمۇ ، تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىت يازما ئىسپات يوق ئىدى . بىر كۈنى ئىمىر ھۈسەيىن قازى ئاخۇنۇمدا ئاتىسى قۇتلۇق ھاجى شەۋقىدىن قالغان مۇناسىۋەتلىك قوليازما ئىسپات بارلىقىنى ئاڭلىدۇق . بۇ ئۆلىماغا ئابدۇرەشىد قارىمنى ئارىغا سالدۇق ۋە 1983 – يىلى 2 – ئايدا بۇ قوليازما ئىسپاتقا ئېرشتۇق ، شۇ ئاينىڭ 24 – كۈنى يىغىن ئېچىپ ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمغا تون ياپتۇ ھەمدە 300 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدۇق ، شۇ قاتاردا يەنە يەتتە كىشىمۇ تونلۇق رەخت بىلەن مۇكاپاتلاندى . ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمدىكى بۇ قوليازما 6 دەپتەر بىر قىلىپ تۈپلەنگەن ‹‹ مەسنەۋىي شىرىپ ›› ناملىق ئەسەر بولۇپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاق بەتكە ‹‹ ھىجىرىيە 1252 – ( كالا ) يىلى ، ئۇلۇغ رەجەپ ئېيىنىڭ ئون تۆرتىنچى كۈنى شەرىئەت ئاساسىغا قۇرۇلغان قەشقەر قازى مەھكىمىسىنىڭ قازىسى – مەنكى موللا سادىق شاھ ئەلا ئاخۇن ئوغلى شۇ ھەقتە ھۆججەت قىلىپ مۆھۈرۈمنى باستىمكى …. ئالتە دەپتەرنى بىر مۇقاۋىغا تۈپلەپ ، ئىجتىھاد قەلىمى بىلەن ۋاراقلىرىغا زىننەت بېرىپ يېزىلغان ، قىممەت باھالىق ، ئالتۇنغا سېتىپ ئالغان مۈلكۈم بولغان ‹ مەسنەۋىي شىرىپ › ناملىق كىتاۋىمنى قەشقەرنىڭ ئوپال رايونى تاغ باغرىدا ، سۈزۈك بۇلاق ئۈستىدە دەپنە قىلىنغان ھەزرىتى مەۋلام ، دىننىڭ قۇياشى ، ھۈسەيىن ( ئوغلى ) ، قەلەم ئىگىسى بولغان مەھمۇد كاشغەرىنىڭ مازارىغا مۇتلەق ۋەخپە ۋە ئەدەبىي سەدىقە ( قىلدىم ) … موللا سادىق ئىبىن شاھ ئەلا …›› دەپ يېزىلغان ۋە مۆھۈر بېسىلغان ئىكەن . موللا سادىق ئەلەم ئاخۇنۇم ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئۆلىماسى ، تارىخچىسى ، شائىر مۇھەممەد سادىق كاشغەرى بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنىڭ قازىسى ئىدى. مۆھۈرىدە ھىجىرىيە 1252 – يىلى دەپ يېزىلغان ، يۇقارقى ۋەقپىنامىمۇ شۇ يىلى يېزىلغان مىلادىيە 1836 – يىللارغا توغرا كېلەتتى. مەھمۇد كاشغەرى دۇنياغا داڭلىق ئالىم ، بۇ ئىشقا ھەرگىز يېنىكلىك قىلىشقا بولمايتتى . بۇ قوليازمىغا يېزىلغان ۋەقپىنامە ھەقىقەتەن 1836 – يىلى يېزىلغانمۇ ياكى ھازىرقى دەۋرنىڭ مەھسۇلىمۇ، بۇنى ئېنىقلىشىمىز كېرەك ئىدى . مەن شۇ قېتىم ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمنىڭ پوچۇركىسىنى ئېلىپ بېرىپ ئاپتونوم رايونلۇق ج . خ نازارىتىدە باھالاش قىلدۇردۇم ، دەستلەپكى قەدەمدە ۋەقپىنامىنىڭ ھازىرقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىگى ، پوچۇركىنىڭ ئىمىر ھۆسۈيۈن قازىئاخۇنۇمنىڭ ئەمەسلىگى ۋە قەلەمنىڭ پولات قەلەم بولماستىن ياغاچ قەلەمدە يېزىلغانلىقى ئىسپاتلاندى . شۇنداقتىمۇ بىز ئىشنى تېخىمۇ پۇختا قىلىش ئۈچۈن ج . خ مىنىستىرلىگىگە ئاپىرىپ باھالاتماقچى بولدۇق . مەخسۇس ‹‹ مەسنەۋىي شىرىپ ئەنزىسى ›› دەيدىغان ئەنزە تۇرغۇزۇپ بېيجىڭغا ئاپىرىپ، ج خ مىنىستىرلىگىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا قەغەز ، سىيا ۋە باشقىلارنى باھالىتىپ چىقتۇق . مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋەقپىنامەنىڭ 100 نەچچە يىللار بۇرۇن ئىكەنلىگىنى، ۋەقپەنامەنى يېزىشتا ئىشلىتىلگەن سىيانىڭمۇ مۇشۇ دەۋرنىڭ سىياسى ئەمەسلىگىنى تېخنىكىلىق باھالاپ ئىسپات چىقىرىپ بەردى ، بىز شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋەقپىنامىنىڭ جامائەتكە ئېلان قىلدۇق . مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى كۆپ ئىزلىنىش ، دەلىللەش ئارقىلىق بېكىتىلگەن .

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە 1955 – يىلىدىن باشلاپ قاتناشقان ئىكەنسىز ، ئۇ ۋاقىتلاردىكى شارائىت ھازىرقىدىن كۆپ مۇشەققەتلىك بولىشى مۈمكىن . سىز ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى بولۇپمۇ لوپنۇر دېئالېكتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىڭىزنى ئەسلەپ، بىزنى شۇ ۋاقىتتىكى تىل تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن ۋاقىپلاندۇرغان بولسىڭىز ؟

مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى رەھبەرلىگىگە دوكلات يازغان ئىدىم ، تەستىقلاپ دەرسىمنى باشقىلارغا ئېلىپ بەردى ۋە تىل تەكشۈرۈشكە 600 يۈەن پۇل تەستىقلاپ بەردى . 1960 – يىلى 5- ئايدىن 10- ئايغىچە 6 ئاي لوپ (نۇر) لۇقلار ئارىسىدا تىل تەكشۈردۈم . ئۇندىن 3 يىل بۇرۇن خوتەندە تىل تەكشۈرگىنىم ئۈچۈن خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالغان ئىدىم ، تەجرىبەمگە ئاساسەن 40 ياشتىن ئاشقانلارنى تىل تەكشۈرۈش ئوبېكتى قىلدىم . كىچىكلەرنى ئاساسەن تىل ئالاھىدىلىگىنى تەكشۈرۈشتە ئاساس قىلدىم . بۇنداق بولىشى ئىمكانقەدەر بالدۇرقىلارنى تەكشۈرۈش ئىدى . ماڭا شۇ ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئاقكۆڭۈللۈگى ، ساددا ، سەمىمىيلىگى ئالاھىدە تەسىر قىلدى . ئۇلار بىلگىنىنى مەندىن ئايىمىدى ، مېنى لوپنۇرلۇقتەك بىلدى . بىر قېتىم گۆش – ياغ بولمىغاچقا قوسۇغۇم كۆپۈپ كەتكەن ئىدى. مەن ئاغرىپ ياتسام، خاماندا ئىشلەۋاتقان 60 ياشلاردىكى ئايال ئەھۋالىمنى كۆرۈپ ”ماڭا ئوخشاش ئىنىلەرىڭ باردۇر “ دېدى . ئۇ ئايال مەھەللىسىگە بېرىپ ( تىكەنلىك – ھازىرقى 34 – پولك دائىرىسىدە ) ياغلىقىغا تۈگۈپ، چاي دورىسى ئېلىپ كەپتۇ . ئۇ 3 ئاياقنى ئېسىپ سۇ قويۇپ قاينىتىپ ، چاي دورىسىنى سېلىپ ”غورتاپ ، غورتاپ “ ئىچ دېدى ، ئىچىۋىدىم بىر ئازدىن كېيىن ساقايدىم . بۇنداق ياردەملەر كۆپ بولغان. ئۇ ۋاقىتتا سەنتوڭ دەيدىغان گەپ بار ئىدى ، بۇ دىگەنلىك بىرگە ئىشلەش ، بىرگە تۇرۇش ، بىرگە يېيىش دىگەنلىك بولۇپ ، ئۆزۈمنىڭ يوتقان كۆرپەم بار ئىدى . ئۇلار بىلەن يېتىپ قوپۇپ ، بىرگە ئىشلەپ ، بىرگە ئوزۇقلىناتتۇق . ئەشۇ يەرلىكلەر بىلەن نورما ئوخشاش ، ئۇلار نىمە يېسە مەنمۇ شۇنى يەيمەن ، ھېچقانداق پەرق يوق ، مىرەنگە بارغاندا ھېچ ھالىم قالمىدى . تىكەنلىكتە 2 موماي بولىدىغان ، ئاق ئۇستا بىلەن قارا ئۇستانىڭ قىزلىرى ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيى كۈزلەكتە ئىكەن ، يېشى 90 دىن ئاشسىمۇ بىكار تۇرماستىن يۇڭ يىپ ئىگىرىپ، تاغار توقۇيدىكەن . 1960 – يىلى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى نىياز ئاتا دىگەن قوشاقچى بىلەن تۇرۇش ئۈچۈن كۈزلەكتىن بىر كىچىك بالىغا يول باشلىتىپ ، ئەتتىگەندىن نامازشامغىچە ئىشەك بىلەن مېڭىپ ، نىياز قۇلى ئاتا ئەترەتكە بېلىق تۇتۇۋاتقان يەرگە باردۇق . ئۇ تور بىلەن بېلىق تۇتۇپ ئەترەتكە ئىبەرتىپ بېرىدىكەن . كۈزلەك بىلەن چارانىڭ ئېيتىشىشىنى نىياز قۇلى ئاتا ئېيتىپ بەرگەن . شۇ قېتىمدا 2000 كوپلېتتەك قوشاق ، 10 نەچچە چۆچەك خاتىرىلىگەن . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر كۈزلەكتە ئوقۇتقۇچى بولغاندا ئوقۇتقان 25 ياشلاردىكى بىر چوكان پۈتۈن بىر كۈن قوشاق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى . شاگىرتىم نۇرئەھمەد قاسىم پوچتا ماشىنىسى شوپۇرىغا يالۋۇرۇپ ماقۇل قىلغانىكەن، چاقىلىققا ئاران بېرىۋالدۇق . چاقىلىقتىن تاشپاختا كانغا ماڭغان ماشىنا بىلەن مىرەنگە بېرىۋالدۇق . مىرەندە ئېتىپ كەلگەن قۇلاننىڭ سۈر گۆشىنى يەيدىكەن ، قىپ – قىزىل قۇلان گۆشى ئىچىمىزنى سۈرگەچكە، مىرئەھمەد بېرىپ سەيگۇا ئەكەلگەندىن كېيىن شۇنى يىدۇق . كاۋىنى راسا قاينىتىپ سۈيى قالمىغاندا يېسە ھالۋىدەك بولىدىكەن . كاۋىنى قاينىتىپ قويۇق بولغاندا موما ياكى ۋاۋاتۇ ( قوناق مومىسى )نى چىلاپ يەيمىز. سۇيۇق يۇغۇرۇپ جىمبىلدا پۇشۇرغان ھور مومىنى بىر سىقسىلا ھېچنىمىسى قالمايدۇ . ئايلىق نورمىمىز 29 جىڭ ، كۈنلۈك نورما 420 گىرام ئىدى . ئومۇمەن بىر كۈن تاۋۇش بەرگەنلەرگە ئاز بولغاندا 1 يۈەن 20 تىيىن ، كۆپ بولغاندا 1 يۈەن 50 تىيىن بېرەتتۇق . ئۇ ۋاقىتلاردا مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا لېكتور بولۇپ ئايلىق مۇئاشىم 110 يۈەن ئىدى. مەن 60 – يىلى مىرەندە 23 كۈن تۇرۇپ تىل تەكشۈردۈم ، شۇ ۋاقىتتا مىرەندە 180 دەك لوپلۇق بولۇپ ھەممىسى دىگۈدەك باينىيازنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرى ئىكەن، ئۇ ۋاقىتتا بىر ئەترەت خگنزۇلار تېرىقچىلىق قىلاتتىكەن . شۇ ۋاقىتتا باي نىيازنىڭ بىر قىزى چىگىلىك ئۆيدە كالا بېقىۋاتقان ئىكەن . باي نىياز 1960 – يىلى 124 ياشقا كىرگەن ئىكەن ، بۇ ۋاقىتلار ئاچارچىلىق يىلى بولغانلىقتىن، نەۋرە قىزىنىڭكىدە سۈت ئىچىپ ياشاۋاتقان ئىكەن . باي نىيازغا خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، ئىشەككە مىنىپ مىرەنگە يېتىپ كەپتۇ . مېڭىشىمۇ جايىدا ، ئۇ ئېيتىپ بەرگەن قوشاقلار شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىدا يوقالدى . بۇ كىشىنىڭ يېشىنىڭ راست يالغانلىقىنى بىلەلمەي ، بەدۆلەت زامانىدا قانچە ياشتا ئىدىڭىز دېسەم،”نۆبۆر گاخلىرىم“ ئىدى دەيدۇ . دېمەك ئۇنىڭ 1960 – يىلى 120 ياشتىن ئاشقانلىقى راست چىقتى . ”ئولغۇن تىشلىرىممۇ قامىدى“ – دېدى . 100 ياشقا كىرگەندە چىققان چىشلىرىمۇ چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . شۇ ۋاقىتتىكى بەستى 32 ياشلىق مېنىڭدىن بەستلىك تۇراتتى . ئۇكىشى تاكى يېقىنغىچە قاپقان قۇرۇپ ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈيدىكەنتۇق . ئاتلىق بېرىپ قاپقاننى يوقلاپ ، كېيىك بىر نەرسىلەر چۈشسە، ئاتقا سۆرىتىپ ئېلىپ كېلەتتىكەنتۇق . ” ئانجىلىس تۆيۆ“ ( ستەيىن ) ،”پىيۋالىس تۆيۆ“ ( پېرژىۋالىسكىي) ، ”ئايدىن تۆيۆ“ ( سېۋىن ھېدىن)لەرگە ئىشلەپ بىر نەرسىلەرنى قازغانلىقىنى ، بىر نەرسە سۇنۇپ كەتسە، سۇندىرىۋەتتىڭ دەپ كايىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن . چاينۇت توغرىسىدا سورىسام ”پېيۋالىس تۆيۆ“نىڭ ”چاينۇت“ دىگەن ئادىمى ساتما ياسىغان يەر بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان دېدى . باي نىيازنىڭ چىشى بولمىغاچقا ئاۋاز بېرەلمىدى ، ئۇ بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىنى بىلمەن .” قويساغىمنى تويغۇزۇپ قويسا 3 كۈندە دۇخانغا ئالىپ چىقامەن “ دىگەن. مىرەندە ئابدۇرېھىم بايدىن كۆپىنچە لېكسىكا ھەققىدە سورىدىم . ئۇ ‹‹ مۈز ئاسسى››دا دىگەن قوشاقنى ئېيتىپ بەردى. ئابدۇرېھىم بايغا پۇل بەردىم ۋە دورا ئېلىپ بەردىم .

مىرسۇلتان ئاكا ، سىز ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكىتلىرى ›› ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لوپنۇر دېئالېكتى ›› ، ‹‹ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى ›› ناملىق كىتابلىرىڭىزدا، ئاساسەن 1955 – يىلىدىن 1961 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ يېزىپسىز ، بۇ ماتېرىياللىرىڭىز قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟

خوتەن رايونى بىلەن لوپنۇر رايونىنىڭ تىل تەكشۈرۈشتىن قالغان پارچە بىر قىسىم ماتېرىياللارنى خوتۇنۇم دىلەيسا ( شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى فېزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ) نىڭ ئاكىسى قوي ئېغىلدىكى ئوقۇرنىڭ ئاستىغا سۇۋاپ ساقلاپ قالغان . ئۆيدە قالغان بىر قىسىم ماتېرىياللارنى قەينى ئانام بالىلارغا بالا ئېلىپ كەلگەن دەپ قاراپ تۇترۇق قىلغان ئىكەن . ئومۇمەن قولۇمدا ساقلىنىپ قالغىنى دەسلەپكى خاتىرىلەر ئىدى. لوپنۇر دىئالېلېكتى ۋە خوتەن دىئالېكتىغا ئائىت بىر ساندۇقتىن ماتېرىيال مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يوقالدى . لوپنۇردىن خاتىرىلەنگەن ماتېرىيالنى ( سۆزلەر ، قوشاقلار ، چۆچەكلەر ، ماقال – تەمسىل دەپ تۆت قېلىن خاتىرىگە ئايرىلغان ) شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم . خوتەن دىئالېكتى ھەققىدىكى ماتېرىيالمۇ بىر ساندۇق ئىدى ، بۇلارنى 1956 – يىلى جوڭگۇ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا يوقالغان بولسا كېرەك ، تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق .

مىرسۇلتان ئاكا ، قىزىڭىز ئىزىڭىزنى بېسىپ تىلشۇناسلىقنى ئۈگۈنىۋېتىپتۇ دەيدۇ ، راستمۇ ؟

قىزىم ئايسىما گېرمانىيەدە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بويىچە ماگېستىر ئاسپىرانىتلىقنى تۈگەتكەن، مانا ھازىر ھازىر دوكتۇرلۇقنىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىدى . ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنۈلۈشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ….

- – كورلا شەھىرىدە غوڭرات دەپ جاي نامى بار ، بۇ نامنىڭ لېكسېكىلىق مەنىسىنى قانداق چۈشەنسەك بولار ؟

- غوڭرات دىگەن نام قوڭۇر ئات دىگەن سۆزدىن كەلگەن .

- شىنىغا دىگەن سۆزنى قانداق چۈشەنسەك بولار ؟

- شىنىغا – لۈكچۈن تەرەپكە ئۆتكەنلەرنى سىنايدىغان جاي مەنىسىدە، شىناپ سۆزىدىن كەلگەن .

- لوپلۇقلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدە قۇلۇ دىگەن ئىسىملار خېلى كۆپ يولۇقىدۇ ، بۇ قانداق ئاتالغۇ؟

قۇلۇ ، بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدىكى قۇل سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ كىشى ئىسىملىرىدە كېلىدۇ .

مېنىڭ ئالىمدىن سورايدىغانلىرىم ناھايىتى – ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئۇنىڭ سالامەتلىگىنى كۆزدە تۇتماي بولمىدى . ئۈنئالغۇغا ئالغان ئاۋازلار ياخشى ئېلىنمىغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن سۆھبەتلەرنى كىتابخانلارغا تەقدىم قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى . ئاخىرىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ، تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پەرۋانە بولۇپ ئىشلىگەن بۇ ئالىمغا سالامەتلىك تىلەپ سۆھبەتتە ئالغان ھاسىلاتلارنى مۇشۇ يەردە تاماملاشقا مەجبۇر بولدۇم ۋە تىلەك تىلىدىم: توغراق يېشىدا ياشاڭ مىرسۇلتان ئاكا.

پايدىلانمىلار :

1. ئۆركەش جاپپار ، سادىق ئىمىر ‹‹ مۇقەددەس بۇرۇچ ئالدىدا ›› ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› 1993 – يىللىق ئۇيغۇرچە 2 – سان

2. جاڭ خوڭ ‹‹ ئانا تىلىنىڭ ھەر بىر ھەرىپى ۋە تاۋۇشىنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن بېغىشلانغان 40 يىل ›› ‹‹ ئۈرۈمچى تارىخ ماتېرىياللىرى (11) ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2001 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى

3. تاھىرجان مۇھەممەد ‹‹ تۆھپىكار ئوقۇتقۇچى ، نەتىجىلىك تىلشۇناس – مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ›› ‹‹ تىل ۋە تەرجىمە ›› 2004 – يىللىق 2 -سان


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=325

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-08-15
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 2دانە
  1. بۇ ئالىمىمىز ھازىر ھايات بارمۇ؟تۈنۈگۈن شەخسىي كىتابخانىغا قايتا بېرىپ ‹‹يىپەك يولىدىكى 99 سىر›› دىگەن كىتابنى 100 يۈەنگە يامان بەك تالىشىپ تۇرۇپ ئاران سېتۋالدىم.ئەمدى ‹‹يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستى›› دىگەن كىتابنى ئالسام بۇلاتتى،ئەڭ ياخشىسى سىز ئالاقىلىشىپ بېقىڭە ئۆزەمگە لازىم ئىدى دەپ، چۈشۈرۈپ سېتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس سىزگە.

    • مىرسۇلتان ئوسمانوف ئاكىمىز تېخى ھايات،دەم ئېلىشقا چىققىلى خېلى يىللار بولسىمۇ،يەنىلا تەتقىقات سېپىدىن ئايرىلغىنى يوق،تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يېڭى نەشىرىنى (2000يۇەنلىك نەشىرى)تەييارلارشتا ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغىنى مۇشۇ ئاكىمىز.يېقىندا چىققان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەتنىمۇ مۇشۇ ئاكىمىز باش بولۇپ قىلغان.سىز دېگەن كىتاپنى مەن ئالاقىلىشىپ باقاي،بۈگۈن كەچكىچە خەۋىرىنى بېرىمەن.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: