ئۇيغۇر دېگەن…..

ئۇيغۇر دېگەن….

مۆمىنجان ھەمرايىف

مىڭ بىر بالا – قازا كەلسە ئۆلمەيدىغان ،
بۈگۈن غازاڭ بولسا ، ئەتە كۆكلەيدىغان .
ئوتتا كۆيمەس ، سۇدا ئاقماس خەلقتۇر بۇ ،
گەر يىقىلسا بىرى ، مىڭى يۆلەيدىغان .

دوستۇم ، بىلسەڭ شۇنداق جەسۇر خەلقتۇر بۇ ،
ئىچى تۈتۈن ، قەددى مەغرۇر خەلقتۇر بۇ .
ئالقىنى كەڭ ، سۆزى ئۆتكۈر خەلقتۇر بۇ ،

 قۇۋلۇق – شۇملۇق ، تۈلكىلىكنى بىلمەيدىغان .

نېمە قىلاي شۇم ئۆتمۈشنى ئەسكە ئېلىپ ،
پۈتۈن بولاي دېگەن قەلبنى يەنە تىلىپ .
غەنىمەت بۇ كۈننىڭ قىممەت – قەدرىن بىلىپ ،
يۈرگەن ئەل بۇ ھامان تىنچلىق تىلەيدىغان .

تالاشلاردا قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ،
ئاھ ، جادۇدا توغرالغان مەرد مۇتەللىپنى .
كىتاب بىلەن كۆيدۈرۈلگەن نىمشېھىدنى ،
ئۇنتۇماستىن ئۆكسۈپ – ئۆكسۈپ كېنەيدىغان .

چىراي دېسەڭ ئاي – كۈنگە تەڭ چىرايى بار ،
يۈرىكىدە ئۈمىد ناملىق گۈلخانى بار .
ئېيتىڭلارا ، ئۇنىڭ نېمە گۇناھى بار ؟
كۆچمەن بولۇپ ، ئۆگەي بولۇپ تېنەيدىغان .

دەرد قالمىدى تارتمىغان ئاھ ، مەن تۆرىلىپ ،
ئۈستىمىزگە ئاسمان چۈشتى دۈم كۆمتۈرلۈپ .
بۇ زامانغا كەلدىم ئۆلۈپ ، مىڭ تىرىلىپ ،

رىسقىم باركەن ، شۈكرى مېنىڭ راست يەيدىغان .

مىڭ يىللارنىڭ كۆكسىدە بار تامغا – ئىزى ،
ئەسىرلەردىن ياڭراپ كەلدى ناخشا – سۆزى .
ئەسلىدە چىڭ بولغاچ ئۇنىڭ يىلتىزى ،
تاشنى يېرىپ چىقىپ قىش – ياز گۈللەيدىغان .

مەرد دوستلارنىڭ ئاغزىدىن ھېچ چۈشمەيدىغان ،
ئاسانلىقچە ۋەتىنىدىن كۆچمەيدىغان .
ئاڭلا تارىخ ! يېڭىباشتىن كۈلگەن ئەل بۇ ،
ئوت بوپ تاكى يانغىنىچە ئۆچمەيدىغان .

خەلقىم مېنىڭ ، ئۇيغۇر دېگەن جانان خەلق ،
دۈشمىنىگە يامان ، دوستقا ئارمان خەلق .
ئاڭلا : دۇنيا ، ئاڭلا بۈگۈن ، يېڭى تارىخ ،
مەمنۇن شۇ ئەل ئوغلى سۆيۈپ كۈيلەيدىغان .

قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى مۆمىنجان ھەمرايىفنىڭ ئالماتا يازغۇچى نەشرىياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلغان << ئاق چوققىلار >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن تەييارلاندى

توردىكى مەنبەسى:يېشىل ئارال ئەدەبىيات مۇنبىرى

http://www.yexilaral.com/forum.php?mod=viewthread&tid=686

ئېلىيا بەختىيانىڭ ”ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش“ ناملىق شېئىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن:

http://lopnuri.w212226.dns558.com/?p=983


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3445

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-10-22
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 2دانە
  1. تولىمۇ ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. ئەسلى نۇسخىسى قازاقچە بولغىيمىتى؟ <> ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تاپقىلى بولارمۇ؟

    • بۇ شېئىرلار توپلىمىنى بەلكىم يېشىل ئارال ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى يازما يوللىغۇچىدىن تاپقىلى بولىشى مۇمكىن. قېنى مەن سوراپ كۆرەي.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: