بىر لوپلۇقنىڭ سەرگۈزەشتىسى

 

بىر لوپلۇقنىڭ سەرگۈزەشتىسى

زامانلارنىڭ زامانىسىدا زالىملارنىڭ پەسلىكىدىن، كۈن ئالماقنىڭ تەسلىكىدىن، ئاتا – ئانامدىن ئايرىلىپ، جۈپ قاناتىم قايرىلىپ، جاھاندارچىلىق بىلەن كورلىغا سەپەر قىلدىم. كورلىنىڭ بازىرىنى بىر ئارىلاپ چىقىپ مەدىكار بازىرىدا تۇرسام، كۆۋرۈكنىڭ بېشىدىن بىر سودىگەر چۈشۈپ كەلدى. باش – ئايىقىمغا سەپسېلىپ قارىۋېلىپ:   – نەدىن كەلدىڭ؟ – دەپ سورىدى.

- لوپتىن كەلدىم، – دېدىم.

- داداڭغىلا ئوخشايدىكەنسەن، داداڭنىڭ مەندىن ئون بەش تىيىن قەرزى بار ئىدى. تۆلىۋەتسەڭ قانداق؟

 - دېدى ئۇ ئادەم.

- پۇللىرىنى دادام ئالسا، ماڭا نېمە دەيلا؟ – دېسەم، سودىگەر ياقامغا مەھكەم ئېسىلىپ:

- داداڭنىڭ پۇلى سېنىڭ پۇلۇڭ، داداڭدىكى پۇلمۇ سەندىكى پۇل، نېمە ھۆكۈرەيسەن؟ بۇرنۇڭنىڭ نوخۇلىسى ئۆسۈپ قاپتۇ سېنىڭ! – دەپ تەستەككە ئىككىنى سېلىۋىدى، يۈزلىرىمدىن ئوت چىقىپ كەتتى. كىچىكلىكتە ئۇنىڭغاكۈچۈم يەتمىدى. ئۇ كەملەردە زامانە زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ ئىدى. باي – بايغا ئاقاتتى، سۇ سايغا ئاقاتتى. شۇڭا سودىگەر مېنى ئالدىغا سېلىپ ئۆيىگە ئەكەلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن:

- كۇچارغا ئېشەك ھەيدەيمىز، – دېدى.

- ماقۇل غوجام، – دېدىم. ماڭا بىر چامبال ئېشەكنى بەردى. مىنىۋالدىم، ئېشەكتىن 51 نى ئالدىمىزغا سېلىپ ھەيدىدۇق. ئېشەككە ئارتىۋالغىنىمىز قاق بىلەن ماتا ئىدى. ھەيدە – ھەيدە، ھەيدە – ھەيدە، 15 كۈن يول يۈرۈپ ئاران دېگەندە يېتىپ كەلدۇق. كۇچارغا كەلسەك ئىتلىرى قاۋىشىپ، قويلىرى مەرىشىپ، ئېشەكلىرى ھاڭرىشىپ تۇرۇپتۇ. خوجايىن ماڭا:

- مەن بازارغا كىرىپ چىقاي، سەن ئېشەك بېقىپ تۇر. توقۇملارغا ئوبدان قارا، ئوغرى ئېلىپ قاچمىسۇن، – دېدى – دە، بازارغا كەتتى.  ئېشەك بېقىپ يول بويىدا ئولتۇرسام، بازار تەرەپتىن بىر سىكىلەك چىقىپ كەلدى. ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ يۈرەكلىرىم ۋىژ – ۋىژ قىلىپ كەتتى. سىكىلەكنىڭ قولىدا بالىسى بار ئىدى، تازا ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە لەپپىدە قاراپ قالدى، ئوچۇق چىراي بېرىپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ سالدى. شۇ زاماتلا كۆڭلۈمنى ئالدى. لىككىدە قېشىنى ئاتتى، مېنى ئۆزىگە تارتتى. <ھۇيت كىشى، خاپا بولماي ماۋۇ بالامنى بىردەم تۇتۇپ تۇرسىلا> – دېدى. بالىسىنى ئالدىم. تامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپلا يوقالدى. كۈتتۈم، كۈتتۈم، يوق. چۈشكىچە بالا باقتىم. بالا يىغلاپ خاپا سالغىلى تۇردى. تاغاردىن قاق ئېلىپ بەردىم، يەنە يىغلايدۇ. ئاخىرى بالىنى كۆتۈرۈپ، توپا كېچىپ، كۇچارنىڭ بازىرىغا كىرسەم، ھېلىقى سىكىلەك يىپ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، ئالدىغا بېرىپ، بالىسىنى تەڭلەپ:

- ۋاي خېنىم، بالىلىرىنى ئالماملا؟ – دېدىم.

- قانداق، بالا باقماق تەسمىكىن؟ مەن بىر يىل باقتىم. بىر كۈن باقالمايدىغان ئادەم نېمىشقا تاپقان؟! – دەپ مەندىن بەكرەك توۋلىدى. <ئاللا، ئەمدى قاپتىمەن بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا> دەپ ئويلىدىم.

- ۋاي خېنىم، مەن سىلىنى نەدە كۆردۈم؟ لوپتىن تېخى ئەمدى كەلسەم نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىلا؟ – دېسەم زادى ئۇنىمىدى. بىشەملىك قىلىپ چاپىنىمنىڭ پېشىگە ئېسىلدى.

- جۈرە، قازىنىڭ يېنىغا بارىمىز ئەمسە، – دەپ يولغا يېتىۋالدى، ئۇياققا تارت، بۇياققا تارت، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ قازىخانىغا باردۇق. قازاخۇنۇم بىزنى كۆرۈپ بۇرۇتىنى بىر سىلاپ:

- ھە، نېمە ئىش بولدى؟ – دېدى.

- ماۋۇ كىشى ئەسلى لوپلۇق ئىدى، – دېدى ھېلىقى خوتۇن مەندىن بۇرۇن جاۋۇلداپ، – ئىككىمىز تۇرمۇشلۇق بولغان. ئالتە ئاي بولدى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى. بۈگۈن كەپتىكەن، بالىنى بىردەم بېقىپ تۇرسىلا دېسەم ئۇنىمايۋاتىدۇ. بالىسىنىڭ جاپاسىنى بىر يىلغىچە مەن تارتتىم. مەن يىل بويى باقسام بولىدىكەن، بۇ كىشى بىركۈن باقسا بولمامدىكەن؟! بۇ جىدەلنى لىللالىق بىلەن ئوبدان سوراپ بەرسىلە، قازاخۇنۇم.

- سېنىڭ قانداق گېپىڭ بار؟ – دېدى قازى ماڭا قاراپ ھومىيىپ قاراپ:

- قازىكا، بۇ خوتۇننى مەن تونۇمايمەن، كۆرۈپمۇ باقمىغان، ئەمرىمگىمۇ ئالمىغان، ماڭا تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ، – دېسەم قازى گېپىمنى تارتىۋېلىپ:

- بولدى، بولدى، گېپىڭلار ئۇقۇشلۇق بولدى، ئۇنداق بولسا، بۇ ئىشنى مۇنداق ھەل قىلىمىز، – دېدى.   قازى ئورنىدىن تۇردى. بالىنى قولىغا ئالدى. بالىنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ ئىككىمىزنىڭ ئۇدۇلىغا ئولتۇرغۇزدى. ئىككىمىزگە بىر چاقماقتىن قەننى تۇتقۇزۇپ<بالىنى چاقىرىڭلار> دېدى. بىز<دىكىلىڭ بالام، دىكىلىڭ> دەپ چاقىردۇق. بالا ئەتىگەندىن بېرى مېنىڭدىن قاق يەپ ئۆگىنىپ قالغاچ، ئانىسىنىڭ يېنىغا بارماي، ئىتتىك ئۆمىلەپ مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى.

   قازى:   – مانا ئەمەسمۇ، بالا سېنىڭ ئىكەن، يات بىراۋغا ئۇنداق ئىتتىك ئېتىلىپ بارامدۇ؟ بۇ يەرگە كېلىپ يالغان گەپ قىلىپ خۇپسەنلىك قىلماي، خوتۇنۇڭنى ئەگەشتۈرۈپ، بالاڭنى كۆتۈرۈپ ئۆيۈڭگە كەت. ماڭ، چىقىڭلار، – دەپلا تونۇمايدىغان خوتۇننى بۇيرۇپ بەردى. ئۇ خوتۇن ئورنىدىن تۇرۇپ قازىغا تازىم قىلىپ، ھەشقاللا ئېيتتى. مەن جىلى بولۇپ قاپىقىمنى تۈردۈم.

- جۈرسىلە ئەمسە، ماڭسىلا، ئۆيىمىزنى تاپايلى، – دەپ، ھېلىقى سىكىلەك قولۇمنى تۇتۇپ قازىخانىدىن سۆرەپ چىقتى. <مايانغا ماڭسىلا> دەپ ئۆيىگە باشلاپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۆيى بازارنىڭ چېتىدىكى بىر سارايدىكەن، <سىلى زىغىردەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن بازاردىن ئاش ئەكىرەي> دەپ جاۋۇرنى كۆتۈرۈپ بالىنى ماڭا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇ خوتۇن قايتىپ كەلگىچە ئۇ ياققا ئويلاپ، بۇياققا ئويلاپ، <ئېشەكنى تاپاي جۇمۇ>دېگەن نىيەتكە كەلدىم. شۇ ئەسنادا دەرۋازىدىن يوغان بىر سېرىق ئىت كىرىپ، ھويلىدا يېيىقلىق تۇرغان تېرىنى تارتقۇشلىغىلى تۇردى. <چاغە!> دېسەم خىقىراپ تۇرىدۇ. ئۇيان – بۇيانغا قارىسام، بۇلۇڭدا گىرنىڭ تېشى تۇرۇپتىكەن، قولۇمغا ئېلىپ ئىتقا ئاتاي دەۋاتسام قولۇمدىن سىرىلىپ چىقىپ كېتىپ، ئارقامدا ئويناۋاتقان بالىنىڭ كاللىسىغا تەگدى – دە، بالا تىن تارتماي ئۆلۈپ قالدى. ئاندىن قوپۇپ قاچتىم. قاچە – قاچ، بىر كوچىدا قېچىپ كېتىپ بارسام، ئۆگزىدە تۇرغان بىر ئېسىل توقامغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. <ۋادەرىخا، چامبال ئېشەككە ئاشۇ توقۇمنى توقۇسام، ئالتۇن ئۈزۈككە ئالماس كۆز سالغاندەك ياراشمامدۇ؟!> دېدىم – دە، ياڭاققا يامىشىپ ئۆگزىگە چىقتىم. تۈڭلۈكتىن قارىسام، بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئۆيىدە راسا تاكاللىشىۋاتىدۇ. ئۆمىلەپ بېرىپ توقۇمنى ئېلىپ پەستىكى چۆپلۈككە بىر ئېتىۋىدىم، قۇشقىنى بوينۇمغا سېپىلىپ قېلىپ، ئۆزۈممۇ توقۇم بىلەن بىللە ئۆگزىدىن موللاق ئېتىپ <گۈلۈپپىدە> چۈشتۈم. ھېلىقى ئەر – خوتۇن قورقۇپ كېتىپ <ۋاي ئاللا، ۋاي كاللا، بۇ نېمە كارامەت> دەپ ئۆيىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقتى. ئورنۇمدىن قوپسام سۆڭگۈچىمنىڭ سولى يوق. دەردىمنى ئىچىمدە بىلىپ، لېۋىمنى چىشلەپ، جېنىمنىڭ بېرىچە قاچتىم. ئۇچۇلۇققىمۇ تويدۇم، ئېشەككىمۇ تويدۇم، بىر يېرىم كۈنلۈك يولنى يېرىم كۈندە بېسىپ يۇرتقا قاراپ ماڭدىم. گۇگۇم ۋاقتى بىلەن ئاران كېلىۋاتسام، يول بويىدىكى ھويلىدىن ياشانغان بىر ئايال يۈگۈرۈپ چىقتى – دە، قولىنى شىلتىپ:

- ھوي ئۇكام، توختىڭا! – دېدى.

- ۋاي ئاچا، نېمە دەيلا؟ مەن ئالدىرايمەن، گەپلىرى بولسا تېزرەك دېسىلە! – دېدىم. ھېلىقى خوتۇن يۈگۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى. مېنى توسۇپ تۇرۇپ:

- ۋاي جېنىم ئۇكام، بىر كالام بار ئىدى، كېسەل بولۇپ قالدى. ئۆيدە ئەر كىشى يوق. كېچەتىن ئۆلۈپ – تارتىپ قالسا بوغۇزلىيالمايمەن. خاپا بولماي شۇنى بوغۇزلاپ بەرسىڭىز، ھارام بولۇپ قالمىسۇن، – دەپ يالۋۇرۇپ تۇرۇۋالدى، ئۇنى دېسەم، بۇنى دېدى، بۇنى دېسەم ئۇنى دېدى، ئۇنىمىسام زادى ئۇنىمدى. توسىۋېلىپ ماڭغىلى قويمىدى. قورسىقىم ئاچ دېسەم كۆمەچتىن ئىككىنى ئېلىپ چىقىپ بەردى. ئۇنى ئېلىپ ئېغىلغا كىرىپ، پاخالنىڭ ئۈستىدە ياتتىم. قالتىس ھېرىپ كېتىپتىكەنمەن، يۇمشاق پاخالنىڭ ئۈستىگە يېتىپلا ئۇخلاپ كەتتىم. يېرىم كېچە بولغاندا يېنىمدا بىر نېمە خاقىرايدۇ، بىردەم ياتسام تېخىمۇ بەكرەك خارقىرايدۇ. <ھە، كالىسى جان تالىشىۋاتقان ئوخشايدۇ> دەپ، ئۇيقۇلۇقتا ئورنۇمدىن تۇردۇم – دە، ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كەتتىم. سەھەردە ئۇخلاۋاتسام بىرسى مېنى نوقۇپ يۈرۈيدۇ، تېپىپ يۈرۈيدۇ، تۈكۈرۈپ يۈرۈيدۇ، ئۇرۇپ يۈرۈيدۇ، <لوپلۇق دېگەن ساراڭ بولامدۇ؟!>دەپ تىللاپ يۈرۈيدۇ، كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ھېلىقى خوتۇن.

 - ھوي جېنىم ئاچا، نىمە بولدىلا؟ – دېسەم:

- ئورنۇڭدىن تۇرۇپ قاراپ باقە ھەي قەلەندەر، ماۋۇ خېچىرىمنى بوغۇزلىۋېتىپسەن، – دەيدۇ. چاچراپ قوپۇپ قارىسام، يا پەرۋەيدىگارا، دەر مەھەل ئاتتەك بىر خېچىرى بار ئىكەن، كېچىدە ئۇيقۇلۇقتا قوپۇپ شۇنى بۇغۇزلىۋېتىپتىمەن. ئاغرىپ ئۆلەي دەپ قالغان كالىسى ساقىيىپ قاپتۇ، بۇ خوتۇندىن بىر تالاي تاپا – تەنە، تىل – ئاھانەت ئىشتتىم. ھېلىمۇ ياخشى، خېلى ئىنسابى بار خوتۇن ئىكەن، <خېچىرىمنى تۆلەپ بېرىسەن> دەپ بىشەملىك قىلىپ تۇرۇۋالمىدى. يىغلىدى، قاقشىدى، زىيانغا چىدىيالماي ۋايسىدى، كېيىن <ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا> دەپ دەردىنى ئىچىدە بىلدى، بۇ كېلىشمەسلىكلەردىن ئاران قۇتۇلدۇم، شۇ يەردىن قوپۇپ ماڭغانچە، ھېچنېمىگە قارىماي لوپقا ئاران دېگەندە يېتىپ كېلىۋالدىم. يۇرتۇمغا كېلىپ <ئۇھ> دەپ دېمىمنى ئېلىۋالدىم.

مەنبە:لوپتېكىن مەدەنىيەت مىراسلىرى تورى


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3349

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: