ئەلىشىر نەۋائىنىڭ «چاھار دىۋان»ناملىق ئەسىرىدىكى قىستۇرما رەسىملەر
ھېلىمۇ ئېسىمدە شىنجاڭ ئۈنېۋېرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسىرلەرىگە قىستۇرما قىلىنغان سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان بىر يوغان سۈرەتلەر توپلىمىنى كۆرگەن ئىدىم.ھەمدە ئۇ سۈرەتلەرنى ھەر بىر قېتىم كىرسەم قايتا-قايتا كۆرۈپ چىققاتتىم. مانا ئون نەچچە يىل ئۆتكەنكى بۈگۈنكى كۈندە تاسادىبىي پۇرسەتتە نەۋائىنىڭ ”چاھار دىۋان“ ناملىق ئەسىرىگە قىستۇرما قىلىنغان سۈرەتلەرنى كۆرۈشكە نېسىپ بولدى. بىر ئىككى يىل بۇرۇن (تور تاقىلىپ قېلىشتىن بۇرۇن)مەلۇم بىر توربەتتىن(بۇ تور بەتنىڭ ئادىرىسىنى ساقلىۋالماپىكەنمەن،كېيىن قەتئىي تاپالمىدىم،بەك ئېچىندىم) گۇننار يارىڭ كەشمىردىن تاپقان ”چاھار دىۋان“نىڭ فوتو نۇسخىسىنى ساقلىۋاپتىكەنمەن. بۈگۈن قاتتىق دېسكىدا ساقلاپ قويغان ماتىرىياللىرىمنى مالتىلاپ ئولتۇرۇپ،بۇ ئەسەرگە كۆزۈم چۈشتى. ئۇ يەر-بۇ يەردىن كۆرۈپ باقاي دەپ قارىسام ئارىسىدا نۇرغۇن قىستۇرما رەسىملەر تۇرمامدۇ؟ خۇشاللىقىمدا بۇ سۈرەتلەرنى كۆپچىللىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشاي دەپ بلوگىمغا يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.بۇ سۈرەتلەر 507بەتلىك ئەسەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قىستۇرما قىلىنغان. يەنى ئاساسلىقى 1-بەتتىن تاكى 205-بەتكىچە بولغان ئارىلىققا قىستۇرۇلغان.
1-پارچە رەسىم
2-پارچە رەسىم
3-پارچە رەسىم
4-پارچە رەسىم
5-پارچە رەسىم
6-پارچە رەسىم
7-پارچە رەسىم
8-پارچە رەسىم
9-پارچە سۈرەت
10-پارچە رەسىم
11-پارچە رەسىم
12-پارچە رەسىم
13-پارچە رەسىم
14-پارچە رەسىم
15-پارچە رەسىم
16-پارچە رەسىم
17-پارچە رەسىم
18-پارچە رەسىم
19-پارچە رەسىم
20-پارچە رەسىم
21-پارچە رەسىم
22-پارچە رەسىم
23-پارچە رەسىم
24-پارچە رەسم
25-پارچە رەسىم
26-پارچە رەسىم
27-پارچە رەسىم
28-پارچە رەسىم
29-پارچە رەسىم
30-پارچە رەسىم
31-پارچە رەسىم
32-پارچە رەسىم
33-پارچە رەسىم
34-پارچە رەسىم
35-پارچە رەسىم
36-پارچە رەسىم
بۇ يازمىنى رۇخسەتسىز ھەرقانداق جايغا كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ.
كىيىنكى يازما: لوپنۇر دىيالىكتى ۋە ئۇنىڭ ئالاھدىلىكلىرى