”يول ”ھەققىدە تاقا-تۇقۇ پاراڭلار

ۋاقتى: 2012-01-28 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 166 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

”يول ”ھەققىدە تاقا-تۇقۇ پاراڭلار

 

ئەجداتلىرىمىزدىن ”قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ“دېگەن ھېكمەتلىك سۆز قالغان. ئىنسانلارنىڭ قەدىمى يەتكەن جايلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشىمىغان شەكىلدىكى يوللارنى شەكىللەندۈرگەن. ھازىر بىز تىلغا ئېلىپ يۈرگەن ماشىنا يولى،سۇ يولى،تۆمۈر يول،ھاۋا يولى قاتارلىق يوللار ئەنە شۇ قەدەم ئىزلىرىنىڭ كىيىنكى مەزگىللەردىكى ھاسىلاتى بولسا كېرەك. كىشىلەر ئۆزى يەتمەكچى بولغان مەنزىللەرگە ئوڭۇشلۇق ھەم دەل قەرەلىدە يىتىپ بېرىش ئۈچۈن، نۇرغۇن كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجىرىتىپ ”يول“دىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەڭ دەسلەپكى قۇرۇقلۇق يولىدىن كېيىنكى مەزگىللەردىكى سۇ يوللىرىغىچە ھەمدە ھازىرقى بىز ئەڭ قولايلىق دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ھاۋا يوللىرىنىڭ ھەممىسى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن ھاجەتلىرىنى راۋان قىلىش،تىرىكچىلىك قىلىش،ئۆز-ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ موھىم رولىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. يالغۇز ئىنسانلار جەمىيىتىدىلا ئەمەس،ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدىكى يول چۈشەنچىسى بار ئىكەنلىكى نۇرغۇن ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.دېمەك،“يول“نىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە قوشقان ھەم قوشىۋاتقان تۆھپىسىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەشكە تىلىمىز ئاجىزلىق قىلىدۇ.

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان“يول مەدەنىيىتى“ ھەممىمىز تەتقىق قىلىپ بېقىشقا تېگىشلىك موھىم بىر ساھەدۇر. يولنى ياساشتىكى مەقسەت،كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىش،جەمىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئۆز-ئارا مەنپەت يەتكۈزۈش.

يېقىندا ”يول“ھەققىدە ئويلىنىۋىتىپ، “ يول“غا باغلانغان ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بىر قىسىم ئۆرۈپ-ئادەتلەر ۋە ئەخلاقى چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئاز-تولا بىر نەرسىلەرنى خۇلاسىلەپ چىقىپتىمەن. شۇڭىلاشقا ئاددىي بولسىمۇ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي دېگەن مەقسەتتە ئوتتۇرغا تاشلىدىم. تولۇقلايدىغان جايلىرى بولسا، تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلانى ئۈمىد قىلىمەن.

1.قەدىمدىن تارتىپ ئەجداتلىرىمىزدا مەلۇم بىرەيلەن ئۆينىڭ بۇسۇغىدىن سىرتقا چىققان ھامان ئۇنىڭغا“ ئاق يول بولسۇن“ دېيىش ئارقىلىق،ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىنى تىلەيدىغان ئادەتلەر شەكىللەنگەن. ئەجداتلىرىمىزنىڭ رەڭ چۈشەنچىسى بويىچە ”ئاق“ رەڭ پاكلىقنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ،“ ئاق“ سۆزى بىلەن“ يول“ سۆزىنى بېرىكتۈرۈپ ئىشلىتىش ئارقىلىق، سەپەرنىڭ پاكىزلىق ئىچىدە داۋاملىشىپ يەنە پاكىزلىق ئىچىدە ئاخىرلىشىشىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن.

2.ئەجداتلىرىمىزدا يول ماڭغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ مېڭىش،تەتۈر ماڭماسلىق، بوسۇغىدىن چىققاندا ئوڭ پۇتنى ئېلىپ چىقىش ھەققىدىكى ئادەتلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوڭ تەرەپنى ئۇلۇغ بىلىش كۆز قاراشلىرى بىلەن بىلەن بىرلىشىپ كىشىلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن.

3.يولدا تاسادىبى يولۇقۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ مېڭىشىغا توسالغۇ بولىدىغان نەرسىلەر بولسا،ئۇنى ئېلىۋىتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ زەخمىلىنىشى ياكى توسالغۇغا ئۇچىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشمۇ بىزدىكى يول يۈرۈشتىكى مۇھىم ئەخلاقى پەزىلەتلەرنىڭ بىرى.

4. بىزدە يەنە يول-كۆۋرۈك ياساشنى ئالاھىدە ساۋاپ بولىدىغان ئىش قاتارىدا كۆرىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. مەلۇم يۇرتتىكى قول ئىلكىدە بار كىشىلەر يۇرتقا بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولسا بىر بولسا مەسچىت ياكى مەكتەپلەرنىڭ سېلىنىشىغا خىراجەت بېرىدۇ.بىر بولسا يول- كۆۋرۈك ياساشقا خىراجەت بېرىدۇ. بۇ مۇئەييەن نوقتىدىن ئېيتقاندا، بىزنىڭ كۆللىكتىپنى چوڭ بىلىش، كۆپنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت ئەخلاقى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

5. بىزنىڭ يەنە مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ پەيدا بولىشىغا  ”يول“دىن ئىبارەت بۇ شەيئىي ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. يول ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق چۈشەنچىلىرى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: توغرا يولدا ماڭماق، ھەقىقەت يولىدا ماڭماق، ئىشنىڭ يولىنى تاپماق، يول بولسۇن، يولى ئۈچۇق، يول ئېچىپ ئىلگىرلىمەك ….قاتارلىق ئىدىئوملىرىمىزغا بىزنىڭ ئىجابىي مەنىدىكى كۆز قاراشلىرىمىز سىڭدۈرۈلگەن بولسا؛ يامان يولدا ماڭماق، يولدىن چىقماق، يولسىزلىق قىلماق، يولىنى چىتلىماق،يېرىم يولدا تاشلاپ كەتمەك… قاتارلىق ئىدىئوملىرىمىز ئارقىلىق ئەخلاقى جەھەتلەردە دۇرۇس بولمىغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ”يولنىڭ ئەركەك-چىشىسىغا قارىماق“ دېگەن ئىدىئوم ئارقىلىق يولنىڭ ياخشى-يامان ،ئىگىز –پەس تەرەپلىرىنى بايقاپ مېڭىشقا ،“يولدىن چىقما،خاندىن قورقما“دېگەندەك تەمسىللەر ئارقىلىق ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇش، قائىدە-قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ ياشاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىققا ئۈندىگەن.

6.“يول“ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسىدە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ياكى ئۆز ئىرادىسىنى تاۋلىشىدىكى مۇھىم ۋاستە دەپ قارالغان. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمىزدىكى ئۈچ ئوغۇلغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەردە ئۈچ خىل يول تۈرى ئوتتۇرغا قويۇلغان. يەنى، بارسا كېلەر يول، بارسا يا كېلەر يا كەلمەس يول، بارسا كەلمەس يول. بۇنىڭ ئىچىدە بارسا كەلمەس يولغا ماڭغانلار گەرچە نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى تارتسىمۇ يەنىلا ئاخىرقى غەلبە شۇلارغا مەنسۈپ بولىدۇ. دېمەك، يول جاپاسىنى كۆپ تارتقانلارنى غەلبە مېۋىسىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەرنى جاپا-مۇشەقەتتىن قورقماي ئۆز بەختىنى تېپىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

خۇلاسە:بۇ يەردە ”يول“ھەققىدىكى ئاددىي چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت، بىز كۆز ئالدىمىزدىكى ئوبىكتىپ يوللاردا ئۆز بىخەتەرلىكىمىزگە  ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا مېڭىش بىلەن بىرگە، يەنە ئادەمىيلىك يولىمىزدا توغرا يۆلىنىشتە مېڭىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز. ئۆز بەختىمىزنى تېپىش ئۈچۈن، مۇشەقەتلىك بولسىمۇ توغرا يولنى تاللاپ مېڭىشىمىز ناھايىتى زۆرۈر. ئەجداتلىرمىزدىن مىراس قالغان ”يول“ ھەققىدىكى بارلىق چۈشەنچىلەر بىز ھازىرمۇ جارى قىلدۇرۇشقا تېگىشلىك ئېسىل ئەنئەنىلەر جۈملىسىدىندۇر. جەمىيەت تەرەققىي قىلغانسىرى بىز ماڭىدىغان يوللار كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ يوللارنىڭ قايسىسىدا مېڭىش، قانداق مېڭىش بىزنىڭ ۋىجدانىمىز، غورۇرىمىز،ئۆزلۈكىمىز بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. بىز ماڭغان يوللار كىملىكىمىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز ئوبرازىمىزنىڭ قانداق بولىشىغا ھېلھەم زور تەسىر كۆرسەتكۈسى. شۇڭىلاشقا، توغرا يولدا ماڭايلى! ئىزدىنىش يولىدا ماڭايلى! نىجاتلىق يولىدا ماڭايلى! مۇۋاپىقىيەت يولىدا ماڭايلى! ئاخىرقى مەنزىلگە خۇشال كۈلكىلىرىمىز بىلەن يىتىپ بارايلى. ھايات مۇساپىمىز مەنىلەر چېچەكلىرى ۋە غەلبە گۈللىرى بىلەن بېزەلسۇن!ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بوۋىمىز :

توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق،

تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا چەۋرىمىز.

دەپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان زور ئۈمىدىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ يەردە ھەمىمىزگە شۇ نەرسە ئايان بولسۇنكى، نەۋرە ۋە چەۋرىلىرىمىز تاپقۇدەك ئىزلارنىڭ بىز ماڭغان يوللاردا قېلىش ياكى قالماسلىقى يەنىلا بىز باسقان يوللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

 

 

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif