ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش

قىسقىچە مەزمۇنى:مەزكۇر ماقالىدە ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى،ياسىلىش يوللىرى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى، نۇتۇق جەريانىدىكى قوللىنىلىشى، ئىپادىلەش ئۈنۈمى، ئۇلارنىڭ باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقى ۋە ئۇلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەر ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ئىستىلىستىكىلق يول، سۆز ياساش، ئۇيغۇر تىلى

      جەمئىيەت ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ يېڭى شەيئىلەر، يېڭى ئۇقۇملار داۋاملىق تۈردە مەيدانغا كېلىدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسە ھېسابلىنىدىغان تىل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ راۋاجلىنىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بويىچە سۆز ياساش، قېرىنداش تىللاردىن ۋە چەت تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش يوللىرى بىلەن يېڭى شەيئىلەرنى ۋە يېڭى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزىنىڭ لوغەت تەركىبىنى بېيىتىدۇ ھەم تولۇقلايدۇ. لوغەت تەركىبىنى بېيىشتىش ھەم تولوقلاشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل ئۆز ئانا تىلىنى ئاساس قىلىش، ئۆز تىلىنىڭ سۆز ياساش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ھەرخىل يوللار بىلەن سۆز ياساشنى ئۆزىگە ئالدىنقى شەرت ۋە مۇقىم پىرىنسىپ قىلىشتۇر.

ئۇيغۇر تىلى تۈركى تىللار ئائىلىسىدىكى مۇھىم بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزىدە بار بولغان سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان سۆزلەرنى ياسىدى.ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياساش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كىشىلەر سۆز ياساشتا تۈپ سۆزلەرگە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنى قوشۇپ يېڭى سۆزھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت تار مەنىدىكى  سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەنلا چەكلىنىپ كەلگەنىدى. پەقەت يېقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە تەتقىقاتچىلىرىمىز ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆزلەرنى ياسىلىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ مورفولوگىيىلىك ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر، سىنتاكسىسلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىدى.

سۆز ياساش ئۇسۇلى – سۆزنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان، يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئۇسۇلدۇر. شۇڭلاشقا، ئۇ نېمىنى خام ماتىرىيال قىلىپ  تۇرۇپ، قايسى ئۇسۇلدا سۆز ياساشنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. مانا بۇ سۆز ياساش ئۇسۇلىنىڭ  ھەقىقىي مۇددىئاسى ھېسابلىنىدۇ.سۆز ياساش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقى مۇددىئاسى نوقتىسىدىن قارىغاندا بىز ئۇيغۇر تىلىغا بۇرۇندىن تازا ئېتىبار بېرىپ كېتەلمىگەن يەنە بىر خىل سۆز ياساش ئۇسۇلىنى كىرگۈزسەك ئارتۇقچە بولماس دەپ ئويلايمىز. ئۇ بولسىمۇ ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلىدۇر. بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى ھازىرغىچە مەملىكىتىمىزدە يېزىلغان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىغا ئائىت ماقالە، ياكى ئەسەرلەردە سېستىمىلىق تۈردە تەتقىق قىلىنىپ باقمىدى. ھازىر ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ئەسەرلەردە  ياسالما سۆز ياكى بىرىككەن سۆز دېيىلىۋاتقان بەزى سۆزلەر قارىماققا شەكىل جەھەتتە مورفولوگىيىلىك ياكى سىنتاكسىسلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ئوخشاپ كەتسىمۇ ئەمما مەنە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئۇلار مەلۇم ۋاستىنىڭ  ياردىمىدە شەكىللەنگەن بېرىككەندىن كېيىن شۇ سۆزنىڭ ئۆزىدە مۇئەييەن ئىستىلىستىلىق مەنە بېرەلەيدىغان ۋە ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان سۆزلەردۇر.  شۇڭا ئۇلارنى ئۇيغۇر تىلى سۆز ياساش ئۇسۇللىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ تەتقىق قىلىش ۋە باشقا سۆز ياساش ئۇسۇللىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى دېگىنىمىزدە ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرنىڭ ياردىمىدە يېڭى سۆز ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى نەزەردە تۇتىمىز. ئىستىلىستىكىلىق شەكىل بولسا بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشىتىش، مۇبالىغە، تەكرارلاش، سېلىقلاشتۇرۇش دېگەندەك . تۆۋەندە بىز ئۇيغۇرتىلىدىكى سۆز ياساشتا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز.

 1. ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆز ياساش ئۇسۇلى

ئوخشىتىش ئىستىلىستىكىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ئاساسلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە بەدىئىي ئەدەبىياتتىلا كەڭ تۈردە قوللىنىپ قالماستىن بەلكى سۆز ياساشتىمۇ كەڭ تۈردە قوللىنىلىدۇ.

ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى بارغانسېرى بېيىتىش، تاكاممۇللاشتۇرۇش، ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. مۇئەييەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى ھاسىل قىلغاندا ئۇلارنى ئادەتتىكى يول بىلەن بىرىكتۈرۈپ قوللىنىپلا قالماستىن بەلكى ئوبرازلىق يوللار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى جانلىق تۈردە ئىپادىلەشكە زور كۈچ سەرپ قىلغان. ئالايلۇق، قەدىمدىن تارتىپلا مەيلى ئادەملەرگە ئات قويسۇن ياكى شەيئىلەرگە نام قويسۇن ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ۋاستىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى دەۋرلەردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇ خىل ۋاستىدىن پايدىلىنىپ سۆز ياساش خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ۋەكىللىك ئوخشىشتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، ئېنىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر، تەكرار ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر دەپ تۆت تۈرگە ئايرىش مۇمكىن . تۆۋەندە بىز بۇ شەكىللەر ئۈستىدە ئايرىم – ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.

1)ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر بىر شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە، ئالاھىدىلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككىنچى بىر شەيئىنى ئاتاش يولى بىلەن ياسىلىدۇ. بۇنىڭدا ئوخشىغۇچى شەيئى ئوخشالغۇچى شەيئى ئورنىدا تۇرىدۇ. مەسىلەن: «يىتىم ئوغلاق»، «لاتاغىلاپ» «نانقېپى»، «بۇغا تاپان» «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆزلەرنى ئالساق، بۇ سۆزلەر تۈزۈلۈش شەكلى جەھەتتىن ئانالىتىك يول بىلەن ياسالغان بىر قىسىم سۆزلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى ۋە ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆز – ئارا بىرىكىپ تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسىدىن باشقا مەنە ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە يەنە مۇئەييەن شەيئى ، خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلالايدۇ. مەسىلەن: «لاتاغىلاپ» سۆزىنى ئالساق، بۇ «لاتىدىن ياسالغان غىلاپ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەستىن بەلكى «ئىش خوشياقمايدىغان، ھۇرۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆزنى ئالساق ، ئۇ «مەيدانى يوق » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى «لاتا غىلاپ » سۆزى بىلەن «ھۇرۇن، بىكار تەلەت» سۆزلىرى، «يۇمىلاق تاۋۇز» دېگەن سۆز بىلەن «تۇراقسىز، مەيدانى يوق» سۆزلىرى ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن بولۇپ ، ئوخشالغۇچى كۆرۈنمەيدۇ، ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر شۇ شەيئى ۋە شۇ خۇسۇسىيەتنىڭ ئورنىدا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر بۇ سۆزلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئەسلى شەيئى ۋە ئەسلى ئالاھىدىلىكنى چۈشىنەلەيدۇ.

ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر كىشىلەرنىڭ شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرىنىڭ چوڭقۇرلىشىنىڭ مەسھۇلى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى بىر شەيئىنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر شەيئىگە نام قويۇش ياكى بىر خىل خۇسۇسىيەت ئارقىلىق ئىككىنچى بىر خىل خۇسۇسىيەتنى جانلىق ئىپادىلەش جەرياندا ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: «يەر يولۋىسى»، «يىلان باغرى» دېگەن سۆزلەرنى ئالساق، بۇنىڭدىكى يەر يولۋىسى» بىر خىل ھاشارەت بولۇپ، ئاساسلىقى كېچىسى ھەرىكەت قىلىپ زىرائەتلەرنىڭ يىلتىزى ۋە يۇمران مايسىلىرىنى يەيدۇ، كېۋەزگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ. دېمەك بۇ يەردە بۇ سۆز يولۋاسنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئالاىدىلىكى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان. «يىلان باغرى» دېگەن سۆز بولسا «تولغىماچ، ئەگرى – بۈگرى» دېگەن مەنىدە بولۇپ، يىلاننىڭ بەدىنىنى تولغاپ ماڭغان ۋاقتىدىكى ھالىتىگە ئوخشىتىپ ياسالغان.

ۋەكىللىك ئوخشىتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن.

(1) قايسى خۇسۇسىيەتنىڭ قايسى خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئارقىلىق ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر.

مەسىلەن: ”يۇمىلاق تاۋۇز» ، «يىتىم ئوغلاق» ، «لاتا غىلاپ»، «يېلان باغرى» «قەغەز يولۋاس » ، «قۇلاق موللىسى»، «گەپ خالتىسى» قاتارلىقلار  بۇ مىساللاردا مەلۇم خۇسۇسىيەتلەر ۋە ئالاھىدىلىكلەر يەنە بىر خىل خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ۋەكىللىك قىلدۇرۇلغان. مەسىلەن: «قەغەز يولۋاس» ، «ساختا ھەيۋە »گە، «لاتا غىلاپ»، «بوشاڭلىق» قا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

(2) قايسى شەيئىنىڭ قايسى شەيئىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى ئارقىلىق ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر.مەسىلەن: قاغا تۇمشۇق، ئاتقۇلاق (ئۆسۈملۈك)، تاختا مۈشۈك، تۆگە تاپان ( ئۆسۈملۈك)، شېكەر سۈيى (قوغۇن) قاتارلىقلار  بۇنىڭدا ئوخشىغۇچى ئوخشالغۇچىغا بىۋاستە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ۋەكىللىك ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەردە بىر شەيئىي ياكى خۇسۇسىيەت يەنە بىر شەيئى ياكى خۇسۇسىيەتكە ۋەكىللىك قىلسىمۇ كۆپىنچىسى شۇ تىلنىڭ لوغەت تەركىبىگە كىرىپ ئۆزلەشكەن، كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشقان، بەزى ئابىستىراكىت چۈشەنچىلەرنى كونكىرتلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەچكە كۆپىنچىلىرىنىڭ تاشقى قۇرۇلۇش شەكىلىدىن كەينىگە يۇشۇرۇنغان يېڭى مەنىسىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. تىلىمىزدا بىز يۇقىردا كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە كېرىدۇ. مەسىلەن:  توشقانقۇلاق (ئۆسۈملۈك)، ئاشقازان، قۇزىقۇلاق(پالەك)، پەتەكبۇرۇن (بىناكارلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاب)، ئاسمانتاپان (يېقىلغاندا ئىككى پۇتى ئاسمانغا بولۇپ قېلىش ھالىتى)، ئۇچار تەخسە، ئالەم كېمىسى، ئۇماچ قورساق، كىرپىۋاش (ئۆسۈملۈك) قاتارلىقلار.

2) يۇشۇرۇن ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

يۇشۇرۇن ئوخشىتىش – ئېنىق ئوخشىتىشقا قارىغاندا يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن، چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان ئوخشىتىش شەكلىدۇر. بۇ خىل شەكىلدە ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى يۇشۇرۇن بولىدۇ.

بۇ خىل شەكىلدە ياسالغان سۆزلەر بىر قەدەر ئالاھىدىرەك بولۇپ، ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئانالتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ياكى بىرىككەن سۆزلەرنى تەشكىل قىلغان تۈپ سۆزلەرنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ ئوخشاشتەك كۆرۈنىدۇ. ماھىيەتتە بولسا ئوخشىمايدۇ. ئەگەر يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، بەلكى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تەھلىل ئېلىپ بېرىلسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچى مۇناسىۋىتىنى ئېنىق شەرھلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. مەسلەن: «كەكە ساقال» ، «كەتمەن قوڭغۇز» ، «قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق چاپان» سۆزلىرىنى ئالساق، قارىماققا بۇ سۆزلەرنىڭ شەكلى «ئالتۇن ئۈزۈك»، «لاتا قونچاق»، «يېپەك يىپ» دېگەن ئانالتىك يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئالدىنقى سۆزلەردىكى تەركىبلەرنىڭ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەت، كېيىنكى سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى تۈپ سۆزلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، «كەكە ساقال» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «كەكىگە ئوخشايدىغان ساقال»؛ «كەتمەنقوڭغۇز» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «كەتمەنگە ئوخشايدىغان قوڭغۇز»؛ «قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق چاپان» نىڭ مەنە جەھەتتىكى باغلىنىشى «قارلىغاچنىڭ قۇيرۇققا ئوخشايدىغان چاپان» مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىنكىلىرى بولسا «ئالتۇن ئۈزۈك» ئالتۇنغا ئوخشايدىغان ئۈزۈك بولماستىن ئالتۇندىن ياسالغان ئۈزۈك؛ «لاتا قونچاق» لاتىغا ئوخشايدىغان قونچاق بولماستىن لاتىدىن ياسالغان قونچاق؛ «يېپەك يىپ» يېپەككە ئوخشايدىغان يىپ بولماستىن، يېپەكتىن ياسالغان يىپ دېگەن باغلىنىشتا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئوخشىغۇچى، ئوخشالغۇچىلىق مۇناسىۋەت بولمايدۇ.

يۇشۇرۇن ئوخشىتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرنى ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

(1) ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مەلۇم خۇسۇسىيەت جەھەتتىكى باغلىنىشى ئارقىلىق ھاسىل بولغان سۆزلەر. مەسىلەن: قەغەز ياڭاق، تۆمۈر تىكەن، تۇلۇقچا قوڭغۇز، شىكەر قۇمۇش ، قىسقۇچ پاقا، غۇنچە بوي، شەيتان ئەينەك، قەغەز يولۋاس قاتارلىقلار . بۇلاردىن «قەغەز ياڭاق » دېگەن سۆزنى ئالساق، بۇ خىل ئوخشىتىش قەغەزنىڭ «نىپىزلىكىدىن» ئىبارەت مۇشۇ خۇسۇسىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. «شېكەر قۇمۇش» دېسەك بۇ شەكىل جەھەتتىن شېكەردەك ئۇششاق ياكى كېپەكسىمان قومۇش بولماستىن پەقەت «تاتلىق» لىقىتىن ئىبارەت مۇشۇ خۇسۇسىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ .

(2) ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى شەكىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ئارقىلىق ئىپادىلەش جەريانىدا ھاسىل بولغان سۆزلەر:

مەسلەن: چۆچۈرە قۇلاق، پالتاچىش، چاڭگا ساقال، ئورغاق ئاي، شادا پاچاق، باداڭ قورساق، قوشۇق يۈز قاتارلىقلار.

بۇلارغا قارايدىغان بولساق ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ مەلۇم شەكىل ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.مەسلەن: «چاڭگا ساقال» دېسەك بۇ شەكىل جەھەتتىن قۇشلارنىڭ چاڭگىسىغا ئوخشىتىلغان.

3)  ئېنىق ئوخشىتىش ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان سۆزلەر.

ئېنىق ئوخشتش-ئوخشالغۇچى،ئوخشغۇچى، ئوخشاشلىىق نوقتىسى، ئوخشىتىش سۆز قۇشۇمچىسىدىن ئىبارەت تۆت ئامىل ئېنىق ئىپادىلىنىدىغان ئوخشىتش ئۇسۇلىدۇر.

بۇخىل شەكىلدىكى سۆزلەرئاساسلىقى، مۈشۈخىل سۆزنى ھاسىل قىلىدىغان سۆزنىڭ بىرىنچى تەركىبىگە«سىمان»قۇشۈمچىسىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن ياسىلىدۇ.بۇيەردىكى«سىمان»قوشۇمچىسىنىڭ رولى ئوخشىتىش سۆز قوشۇمچىسى «دەك،تەك،ئوخشاش»لارنىڭ رولى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.مەسىلەن:ئادەمسىمان مايمۇن، شارسىمان جىسىم،زەنجىرسىمان دۇكان،دولقۇنسىمان سىزىق،باشاقىسمان ئوق،مايمۇنسىمان ئدەم،بېلىقسىمان قۇش ،قايچىسىمان شەكىل،ھەرىسىمان چىش،كۈنلىكسىمان مىدۇزا،كىپەكسىمان مادداقاتارلىقلار.بۇخىلدىكى سۆزلەرنى ئېنىق ئوخشىتىشنىڭ تۆت ئامىلى نوقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايمىز. مەسلەن: «دولقۇنسىمان سىزىق» بىلەن «زەنجىرسىمان دۇكان» نى مىسالغا ئالىدىغان بولساق تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالنى بايقايمىز.

ئوخشالغۇچى – سىزىق                  ئوخشالغۇچى – زەنجىر

ئوخشىغۇچى – دولقۇن                  ئوخشىغۇچى  - دۇكان

ئوخشىتىش سۆزى – سىمان            ئوخشاتما سۆز  - سىمان

ئوخشاشلىق نوقتىسى – ئەگرىلىك     ئوخشاشلىق نوقتىسى – ئۆز ئارا چېتىلىش

دېمەك، بۇ تۈرگە كىرىدىغان بارلىق سۆزلەرنى يۇقارقى شەكىل ئارقىلىق قۇرۇلمىسىنى كۆرستىپ بەرگىلى بولىدۇ.

4)  تەكرار ئوخشىتىش شەكلى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر

تەكرار ئوخشىتىش ئۇسۇلى ئوخشىتىشنىڭ شاخلانما تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىر قانچە خىل ئوخشالغۇچىنى بىر ئوخشىغۇچى بىلەن چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرىسىتىدۇ. بۇنداق ئوخشىتىشلار يۇشۇرۇن ياكى ئېنىق ئوخىشىتىش ئاساسىدا ھاسىل بولسىمۇ ، تۈزۈلۈشى ۋە ئىپادىلەش ئۈنۈمى جەھەتتىن باشقا ئوخشىتىشلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا يېقىنقى مەزگىللەردە پەيدا بولغان بىر قىسىم سۆزلەر مۇشۇ خىل ئوخشىتىش ئۇسۇلىدا ياسالغان. مەسلەن: ئۇيغۇر تىلىدا « ئامبار» دېگەن سۆز“ جىق نەرسىنى ساقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇلۇش، ئۆي، خانا» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا بىزدە «سۇ ئامبىرى»، «ئاشلىق ئامبىرى» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر ياسالغان. كېيىنكى مەزگىللەرەە كەلگەندە بۇ سۆزنىڭ مۇشۇ خىل خۇسۇسىيىتىگە قاراپ بەزى ئابىستىراكىت مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر بارلىققا كەلگەن. مەسلەن: «سانلىق مەلۇمات ئامبىرى»، «ئىختىساسلىقلار ئامبىرى»، «سوئال ئامبىرى» دېگەندەك بۇ يەردە يۇقارقى ئۈچ سۆز «ئامبار» دىن ئىبارەت بىرلا ئوخشىغۇچى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. «سودا» سۆزىنى ئالساق ئەسلى مەنىسىدە «پاي چېكى سودىسى» ، «ئۆي – زىمىن سودىسى» شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئوخشىتىلما مەنىسىدە بولسا «ئۆمۈر سودىسى»، «ۋىجدان سودىسى» شەكىللىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا «دېڭىز» سۆزىنى ئالساق ئەسلىي مەنىدە «قىزىل دېڭىز»، «خۇاڭخەي دېڭىزى» دېگەندەك شەكىللەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئوخشىتىلما مەنىسىدە بولسا «ئوت دېڭىزى» ، «سۆزلەر دېڭىزى» ، «ئازاب دېڭىزى»، «سودا دېڭىزى» ، «قەلب دېڭىزى» ، «بىلىم دېڭىزى» قاتارلىق شەكىللەردە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا قارايدىغان بولساق تەكرار ئوخشىتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

يۇقۇرىدا بىز ئوخشىتىشنىڭ تۆت خىل شەكلى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتتۇق. ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشىتىش يولى بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلى ئەدەبىي تىلىدا كەڭ تۈردە قوللىنىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ يەرلىك تارماقلىرى بولغان دىئالىكىت – شېۋىلەردىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق بۇ سۆزلەردە ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

بىرى، ئەدەبىي تىلىدىكى تەڭدىشى ھېچقانداق ئوخشىتىش مەنىسى بىلدۈرمەيدىغان، ئەمما دىئالىكتىكىسى ئوخشىتىش مەنىسى بېرەلەيدىغان سۆزلەر.

مەسىلەن:

ئەدەبىي تىلدا                              دىئالىكتىتا

پاقا يۇپۇرمىقى                               قومچاق يوتقىنى (خوتەن)

خۇاسىڭ                                يەر ياڭىقى(خوتەن)

 ئايرۇپىلان                               ھاۋا پاراخۇت (لوپنۇر)

ئاپتاپپەرەس                             كۈنچېچەك (لوپنۇر)

موگو               ئاخۇنباش  (قەشقەر)

يىڭناغۇچ           ئات بېشى (لوپنۇر)

جىلىخور                                      زەھەر خالىتىسى (قۇمۇل)

 يەر توزغىقى                                            جىن تاماكىسى (خوتەن)

ئېزىتقۇ، ئالۋۇن                        شەيتان سۈيدۈكى(خوتەن)

پىيما                                  چوت پايپاق (ئاقسۇ)

يەنە بىرى، ھەم ئەدەبىي تىلدىكىسى ھەم دىئالىكتىكىسى ئوخشاشلا ئوخشىتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر. مەسىلەن:
ئەدەبىي تىلدا                           دىئالىكىتتا

تال بويلۇق                             شاخشا بويلۇق (قومۇل)

ئاقساقال                               ساقال تارغىقى (خوتەن)

شادا پاچاق                           نوغۇچ ئاياق     (قەشقەر)

ئوغرىتىكەن                    تۆمۈر تىكەن   (قۇمۇل)

تۆمۈر تۇمشۇق                  چاڭگال دۇمباقچىسى (خوتەن)

ئەمدى بىز ئوخشتىش يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى ئالاھىدىلىكىگە، ئۇسۇللىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئىسىم بىلەن سۈپەتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۆز تۈركۈمگە مەركەزلەشكەنلىكىنى، مەنە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق ئۇبيېكتىپ شەيئىلەرنى، خۇسۇسىيەتلەرنى تېخىمۇ جانلىق ، ئوبرازلىق  ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى  بىلىۋالالايمىز.

2.سىلىقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

سىلىقلاش – ئىستىلىستىكىدا ئوي پىكىرنى ئۇدۇللا ئېيتماي سىپايىلىك بىلەن مۇلايىملاشتۇرۇپ ئېيتىش دېمەكتۇر. بۇ يەردىكى سىلىقلاش يەنە قوپال ئەدەبسىز ئىبارە ياكى سۆزنى باشقا سۆز بىلەن پەردازلاپ ئېيتىشقا قارىتىلغان.

ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە خاس بولغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىلىرىگە، ئەدەب – ئەخلاق مىزانلىرىغا ئاساسەن ئۆز – ئارا ئالاقىدا سۆزنى مەنىسىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. قوپال، ئەدەبسىز، تومتاق سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تىل ئادىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنداق سۆزلەرنىڭ ئورنىغا سىلىق، يۇشۇرۇن ، ئەگىتمە مەنە بېرىدىغان سۆزلەرنى ياساپ ئىشلەتكەن. مەسلەن: «نامرات كەمبەغەل» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «قولى قىسقا»؛ «سۈيدۈك»، «پۇق» دېگەن سۆزلەرنىڭ ئورنىغا «كىچىك تەرەت»؛ «چوڭ تەرەت» ، «سىيمەك»، «چىچماق» سۆزلىرىنىڭ ئورنىدا «تەرەت سۇندۇرماق»؛ «ئۇسۇرماق» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا «يەل كەلمەك» ؛ «ئەرگە تېگىش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا «ياتلىق بولۇش، تۇرمۇشلۇق بولۇش»؛ «ھەيز كېلىش» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىدا «ئاي كۆرۈش»دېگەن سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. بۇلارنىڭ مەنە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ بىلدۈرگەن مەنىلىرى ئالماشقان سۆزلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، قوپال – سىلىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سىلىقلاشتۇرۇش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. بىز يۇقۇرىدا مىسالغا ئالغان سۆزلەردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە كىرىدۇ. مەسلەن: «ئۈلۈش» ئوتتۇرا جىنىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئۇبيېكىتلارغا قاراپ سىلىقلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان ۋارىيانتلرى بولسا «ۋاپات بولۇش»، «قازا قىلىش »، «ئالەمدىن ئۆتۈش»، «چاچىراپ كېتىش»، «تۈگەپ كېتىش» ، «كۆز يۇمۇش» لاردۇر. «ھامىلدار بولۇش» ئادەتتە ئىلمىي ئۇسلۇبتكى ئەسەرلەردە قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ ئۇنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا قوللىنىلىدىغان سىلىقلاشتۇرۇلغان شەكىللىرى بولسا«ئىككى قات»، «ئېغىر ئاياق»، «بويىدا بار»، «ئېغىر ئۇستىخان»لاردۇر. دېمەك نۇتۇقتا .ئەمەلىي ئەھۋالغا ماسلاشتۇرۇپ ئىفىمىزىلىق ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەك ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئالاقىنىڭ نورمال ، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

 

3. مۇبالىغە يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

 

ئىستىلىستىكىدا ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كىچىكلىتىپ ئىپادىلەش مۇبالىغە دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا مۇبالىغە ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان سۆزلەر سان جەھەتتە ئانچە كۆپ سالماقنى ئىگەللىمىسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ياسالغان سۆزلەر كۈندىلىك تىل ئەمەلىيىتىمىزدە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەسلەن: «يەل تاپان» «پىت ئۈچەي»، «پىتكۆز»، «مىڭ ئاياق»، سەكسەن خالتا» سۆزلىرىنى ئالساق، بۇ سۆزلەر مۇبالىغە يولى ئارقىلىق ياسالغان سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەردە مەلۇم خۇسۇسىيەت ئەسلىدىكىدىن ئاشۇرۇلغان ياكى كىچىكلىتىلگەن.  «پىتكۆز» سۆزىنى ئالساق، بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان شەكلى ناھايىتى كىچىك نەرسە، ئەمما ئادەمنىڭ كۆزى ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ ئۇنچىلىك كىچىك بولمايدۇ. دېمەك بۇ يەردە ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ كىچىكلىكى ئەسلىدىكىدىن خېلىلا كىچىكلىتىپ تەسۋىرلەنگەن.  «مىڭ ئاياق» سۆزىنى ئالساق ئۇ بىر خىل ھاشارەتنىڭ نامى بولۇپ ھېچكىم ئۇنىڭ پۇتىنىڭ سانىنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنى ساناپ باقمىغان. پەقەت بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ پۇتىنىڭ كۆپلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئاشۇرۇپ «مىڭ ئاياق» دەپ ئاتىغان .ئۇلاردىن باشقا، ئاغزى قۇلىقىغا يەتمەك، بېشى ئاسمانغا تاقاشماق، كۆزى تىشىلىپ كەتمەك، بوينى قىلدا باغلاقلىق، سەكسەن پۇت، سەكسەن پاچاق، بېشىدا ئوت كۆيمەك قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە كىرىدۇ.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بىز مۇبالىغە ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان سۆزلەر بىلەن سىلىقلاشتۇرۇش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ بەزىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تىلىمىزدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىش جەريانىدا تۇراقلىشىپ كەتكەن ئادەت سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.  بۇ سۆزلەر گەرچە ئادەت سۆزلىرى بولسىمۇ، ئۇلار قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، بىلدۈرگەن مەنىسىدىن قارىغاندا ئۇلار تىلدا خۇددى بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدۇ. بىرقانچە سۆز بىرىككەندىن كىيىنلا ئاندىن بىر سۆزگە ئوخشاش مەنە ئاڭلىتالايدۇ.  بۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا ئادەت سۆزلىرىنىڭ ھاسىل بولۇش ئۇسۇلىنىمۇ بىر خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

4. تەقلىد قىلىش ئۇسۇلىدا ياسالغان سۆزلەر

 

بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئادەتتە مورفولوگىيدە ئېيتىلىدىغان تەقلىد سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئىستىلىستىكىدا تەقلىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆز ياساش دېگىنىمىزدە ،  بەزى ھاللاردا، ئاغزاكى ياكى يازما نۇتۇقتا ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن نورمال سۆز ياساش قائىدىسىگە دېگەندەك ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆزلەرنى ۋاقىتلىق ياساش ئارقىلىق ، شۇ كونتېكىستا مەلۇم ئىستىلىستىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ.

يولۋاس راشىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ « ئىستىلىستىكا ساۋادى» ناملىق كىتابىدا بۇ خىل ئۇسۇلنى «دوراش» دەپ ئاتىدى. بىزنىڭ بۇ ماقالىدە دېمەكچى بولغان «دوراش» مىز پەقەت سۆز ياساش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «سۆز دوراش» نىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈملە دوراشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.مەسىلەن: «بۇ رىيالىزىم بىلەن رومانتىزىمنى يۇغۇرۇپ، جۆۋەندىزىم ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەر» (ئىتوتتىن) دېگەن مىسالنى كۆرىدىغان بولساق، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردىكى «جۆۋەندىزىم» سۆزى رىيالىزىم ۋە رومانتىزىم دېگەن سۆزلەرگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرۇپ پۇلات ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ 2002- يىللىق 6- سانىغا بېسىلغان. «مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىندىن مائارىفول لوغەتەييىنگىچە» دېگەن ماقالىسىنىڭ تېمىسىدىكى «مائارىفول لوغەتەيىن» دېگەن سۆز ئېنىقلا ناۋائىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لوغەتەين» دېگەن ئەسىرىنىڭ نامىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان سۆزدۇر.

بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى ئۇيغۇر گەلق ماقال تەمسىللىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسلەن: «ئالدىدا كەتسە تەسچىلىك، ئارقىدا قالسا سەتچىلىك، ئوتتۇرىدا ماڭسا ئىشەنچىلىك» دېگەن ماقالنى ئالىدىغان بولساق ، « ئالدىدا كەتسە تەسچىلىك » دېگەن بېرىكمىدىكى «تەسچىلىك» سۆزى كېيىنكى مىسرالارنىڭ  قاپىيە ئېھتىياجىغا قاراپ تەقلىد قىلىش ئاساسىدا ياسالغان سۆزدۇر. چۈنكى،ئۇيغۇر تىلىدا نورمال ئەھۋالدا «تەس» دېگەن سۈپەت «چىلىك» دېگەن ياسىغۇچى قوشۇمچە بىلەن بىرىكىپ يېڭى سۆز ھاسىل قىلالمايدۇ. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى، بۇ خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى قانداقتۇر يېقىنقى كىشىلەرنىڭ ياكى تىلشۇناسلارنىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن، بەلكى ئاتا بۇۋىلىرىمىز ئۇزاق مۇددەت تىل ئەمەلىيىتى جەريانىدا قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇلدۇر. بۇنىڭغا بۈيۈك تىل ئۇستىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك » تە بۇ ئۇسۇلدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.

5. يىغىنچاقلاش ۋە قىسقارتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

 

1) يىغىنچاقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر.

بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىدا باشقا تىللاردىكىگە ئوخشاش ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە سۆز، سۆز بىرىكمىسى ياكى جۈملىنى مۇئەييەن ساننى ئېنىقلىغۇچى قىلغان ئاساستا مەلۇم بىر سۆزگە ئىخچاملاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بۇ خىل مۇرەككەپ تەركىبلىك سۆزلەرنى كىشىلەر ئاڭلاش بىلەن ئۇلارنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى توغرىسىدا مۇئەييەن بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولالايدۇ ياكى بۇ سۆزنىڭ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر مەيلى يېزىق تىلى، مەيلى ئېغىز تىلىدا بولسۇن نۇتۇقنىڭ ئىخچام بولۇشىغا ئىجابى تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن: «تۆت ئەمەل»، «بەش بولۇش» سۆزلىرىنى ئالساق، ئالدىنقىسى «قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈش» دىن ئىبارەت ماتىماتىكىدىكى تۆت ئۇقۇمنىڭ يىغىنچاقلىنىشىدىن، كېيىنكىسى بولسا  «ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان» بولۇشتىن ئىبارەت بەش سۆزنىڭ يېغىنچاقلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. بۇلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى سۆزلەرمۇ مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان مەسلەن:ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش، ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، ئۈچتە بىرگە بولۇش، ئۈچتە ھەمرا بولۇش، تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

 

2)        قىسقارتىش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

 

ئۇيغۇر تىلىدا، بولۇپمۇ يېزىق تىلىدا ئىخچام ۋە قولايلىق بولۇشنى نەزەردە تۇتۇپ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان كىشى ئىسىملىرى، ئىدارە ئورگان، تەشكىلات ناملىرى، جۇغراپىيىلىك ناملار ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن قىسقارتىلىپ قىسقارتىلما سۆزلەرنى ھاسىل قىلىدۇ.بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ بىرى، باش ھەرىپى بويىچە قىسقارتىش يەنە بىرى، باش بۇغۇمى بويىچە قىسقارتىشتۇر. مەسلەن: ش ئا ئە ت، ش ئۇ ئا ر، ئا. ئۆتكۈر، تىلكوم سۆزلىرىنى ئالساق مۇشۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگە كىرىدۇ. بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەرگرامماتىكىلىق نوقتىدىن ئالغاندا ياسالما سۆزلەرنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ. بۇ سۆزلەرنى قىسقارتقاندىن كېيىنمۇ بۇلار مەنە جەھەتتە ھېچقانداق يېڭى مەنە بىلدۈرمەيدۇ. ئەمما بىز بۇ سۆزلەرنىڭ بىلدۈرگەن مەنىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ تاشقى تۈزۈلۈش شەكلىگە قارايدىغان بولساق، بۇ خىل سۆزلەر نۇتۇقنىڭ ئىخچام، راۋان بولۇشىغا ئىپادىلەش ئۈنۈمىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. مەسىلەن: «ب د ت»، «پارتكوم» دېگەن ئىككى سۆزنى ئالساق ئالدىنقىسى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ، كېيىنكىسى «پارتىيە كومىتىتى» نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ بىز بۇ سۆزلەرنى ئەمەلىي نۇتۇق پائالىيىتىمىزدىكى سۆز جۈملىلىرىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئىخچاملىقى، راۋانلىقىنى ئىپادىلەشكە قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. ئالايلۇق، بىز دائىم تېلىۋىزىيە خەۋەرلىرىدە « ب د ت نىڭ باش كاتىپى»، «پارتىكوم شۇجىسى» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.بۇ يەردە بىز«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاننان جۇڭگۇغا زىيارەتكە كەلدى»دېگەن قۇرۇلما بىلەن«ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئاننان جۇڭگۇغا زىيارەتكە كەلدى»دېگەن قۇرۇلمىنى،«ئۇ پارتىيە كوممىتىتىنىڭ شۈجىسى ئىدى» دېگەن قۇرۇلما بىلەن«ئۇ پارتىكوم شۈجىسى ئىدى»دېگەن قۇرۇلمىنى سېلىشتۇردىغان بولساق، بۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى شەكلىگە قارىغاندا، قىسقارتىلغان شەكلىنىڭ ئاڭلاشقا ئىخچام، ئېغىز چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايمىز.دېمەك بۇ سۆزلەر مەيلى ئاغزاكى ياكى يازما نۇتۇقتا بولسۇن، ئوي پىكىرنى ئىخچام ئىپادىلەشكە ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقى تىلىنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىگە مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىمۇ بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆز دەپ قاراشقا بولىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنى قىسقارتىشتىكى مەقسەتمۇ ئالاقىدە كىشىلەرگە قولايلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈندۇر.

 

6. قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

 

ئۇيغۇر تىلىدا مەيلى ئېغىز تىلى ياكى يېزىق تىلىدا بولسۇن ناھايىتى كەڭ تۈردە قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈپ سۆزلەرگىمۇ، بېرىككەن سۆزلەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل سۆز كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ سۆز قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزدۇر. بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر ئاساسلىقى ئىسىم، سۈپەت، تەقلىد سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ، قاپىيداش بۇغۇملار قوشۇمچە قىلىنىپ ياسىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ قاپىيداش تەركىبى ئەسلىدىكى سۆزگە تەقلىد قىلىنغان بىر خىل فونتېكىلىق تەكرارلىقتىن ئىبارەت.

قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەردە قاپىيداش ئېلىپ بېرىلغان تەركىب ئىسىم، سۈپەت، تەقلىدلەرگە قوشۇلۇپ ئەسلىدىكى سۆزگە مەلۇم دەرىجىدە قوشۇمچە  مەنە يۈكلەيدۇ ۋە ئۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلا تەركىبى ئۆز ئارا فونتېكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق باغلىنىشتا بولۇپلا قالماستىن بەلكى سۆز مەنىسىنى كېڭەيتىش ياكى يېڭى سۆزلەرنى ياساشنىڭمۇ بىر خىل ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر تۈپ سۆزلەرگىمۇ، بېرىككەن سۆزلەرگىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەردە ياندىشىپ كەلگەن تەركىب كۆپىنچە ھاللاردا مۇستەقىل مەنە بېرەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى سۆزلەرنىڭ ھەرئىككىلا تەركىبى ئوخشاشلا ھېچقانداق مەنە ئاڭلاتمايدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدىكى قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ياندىشىپ كەلگەن تەركىبلەرنىڭ فونتېكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

1) ياندىشىپ كەلگەن تەركىبلىرى  مەنە بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەر

مەسلەن: جاي – پاي، ئوتۇن – پوتۇن، قول – پول، كىتاپ – پىتاپ، ساندۇق – پاندۇق، گېلەم – پېلەم، خەت – پەت، قىڭغىر – سىڭغىر قاتارلىقلار.

2) ھەرئىككىسىلا تەركىبىي مەنە بىلدۈرمەيدىغان سۆزلەر

مەسلەن: ئوڭغۇل – دوڭغۇل، ئۇپۇر – تۇپۇر، ئوڭتەي – توڭتەي، ئىجىر – مىجىر، ئالمان – تالمان قاتارلىقلار .

يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى، بىرىنچى خىلدىكى سۆزلەرنىڭ ياندىشىپ كەلگەن تەركىبى ئۆز ئالدىغا مەنە ئاڭلىتىدىغان سۆز ئەمەس، ئىككىنچى خىلدىكى سۆزلەرنىڭ ھەرئىككىلىسىلا مەنە ئاڭلاتمايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئەھۋالدا ئەسلىدىكى كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر ئاساسەن ئىسىم، سۈپەت، تەقلىد سۆزلەرنىڭ فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ ياسىلىش شەكلى بىر خىل بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى قايسى تۈركۈمدىن ھاسىل بولىدىغانلىىغا قاراپ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

1) ئىسىملاردىن ھاسىل بولغان سۆزلەر

بۇنداق سۆزلەر ئاساسلىقى ئوخشاش بىر ئىسىمنى  تەكرارلاپ، يانداشقۇچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى تاۋۇشنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى بىلەن ياسىلىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىش ئىككىنچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى تاۋۇشنىڭ «پ»، «م»، «چ»، «ق» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشدە كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: سۇ- پۇ ، چىراق – پىراق، كارۋات- پارۋات، قۇلاق – مۇلاق، پارتا – مارتا، كالا – مالا، مېۋە – چېۋە، چاكىنا – چۈكىنە، قاچا – قۇچا، چېلەك – پېلەك قاتارلىقلار.

2) سۈپەتتىن ياسالغان سۆزلەر

بۇ خىلدىكى سۆزلەر ئوخشاش بىرلا سۈپەتنى تەكرارلاپ قاپىيداش تەركىبنىڭ بېشدىكى تاۋۇشنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئاساسلىق ئۆزگىرىش ئىككىنچى تەركىبنىڭ بېشىدىكى تاۋۇشنىڭ «ب»، «س» ، «م»، «ر» ، «غ» تاۋۇشلىرىغا ئۆزگىرىشىدە كۆرۈلىدۇ.

مەسلەن: چالا – بۇلا، ئەگرى – بۈگرى، ئالا – بۇلا، مايماق – سايماق، قىڭغىر – سىڭغىر، ئاز – ماز، ئوڭغۇل- دوڭغۇل، ئاپاق – چاپاق، ئوڭتەي – توڭتەي، ئاجايىپ – غارايىپ قاتارلىقلار.

3) تەقلىد سۆزلەردىن ھاسىل بولغان سۆزلەر

بۇنداق سۆزلەر ئاساسلىقى ئىككىنچى تەركىبتىكى سۆزنىڭ باش بۇغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ئاساسلىقى بىرىنچى تەركىبتىكى «ئا» تاۋۇشى ئىككىنچى تەركىبىگە كەلگەندە «ئۇ» تاۋۇشىغا ئۆزگىرىدۇ. ئايرىم ھالدا بەزى سۆزلەرنىڭ بىرىنچى تەركىبىدىكى تاۋۇش «پ» ياكى «چ»غا ئۆزگىرىدۇ. مەسلەن: تاراق – تۇرۇق، غاراس – غۇرۇس، يالت – يۇلت، پال – پۇل، شاپۇر – شوپۇر، جارت – جۇرت، جالدۇر – جۇلدۇر، ساڭگۈل – سۇڭگۈل، ئىمىر – چىمىر، غىدىڭ – پىدىڭ، ئالاق – جالاق قاتارلىقلار.

يۇقارقىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىدىكى قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇ. لېكسىكىلىق ۋە گرامماتىكىلىق مەنە جەھەتتىن ئالغاندا بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر بىر گەۋدە سۈپىتىدە قوللىنىلغاندا سۆزلەرنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. فونتېكا جەھەتتىن ئالغاندا بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ بۇغۇم سانى ئوخشاش بولىدۇ.

 

7. تەكرارلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر

 

تەكرارلاش دېگەندە، مەلۇم بىر ئوي – پىكىرنى گەۋدىلەندۈرۈش، مەلۇم خىل ھېسسىياتنى تەكىتلەش مەقسىتىدە ئوخشاش بىر سۆز، سۆز بىرىكمىسى، جۈملە ياكى جۈملە توپىنى قايتا ئىشلىتىش تەكرارلاش دەپ ئاتىلىدۇ.

سۆز ھاسىل قىلىشتىكى تەكرارلاش ئەينى بىر كونتېكىستىكى تەكرارلاشتىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. ئەينى بىر كونتېكستىكى تەكرارلاشتا تەكرارلانغان بۆلەك تۈپ سۆز بولۇشىمۇ، بېرىككەن سۆز بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما سۆز ھاسىل قىلىشتىكى تەكرارلاش – تەكرارلانما سۆزلەرنى ھاسىل قىلىپ شۇ سۆزلەرنىڭ مەنە دائىرىسىنى كېڭەيتىش،  دەرىجىسىنى يۇقۇرىلىتىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا تەكرارلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر خېلى كۆپ بولۇپ ئاساسەن ھەممە سۆز تۈركۈملىرىدىن دېگۈدەك بۇ خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ خىل سۆزلەر ياسالغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يەككە ھالىتىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ مەنە بىلدۈرەلەيدۇ ھەم نۇتۇقنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پىكىرنى دەل، جايىدا ئىپادىلەشكە ياردەم بېرىدۇ. تۆۋەندە بىز ھەرقايسى سۆز تۈركۈملىرىدىن ياسالغان بۇ خىل سۆزلەر بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

1) ئىسىمدىن ياسالغانلىرى

مەسلەن: تاغار- تاغار، پادا – پادا، ماشىنا – ماشىنا، قوتان – قوتان، يول – يول ، يېزا – يېزا، ساندۇق- ساندۇق، دەريا – دەريا قاتارلىقلار.  بۇ خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنىڭ بېرىككەندىن كېيىن ئىپادىلەيدىغان مەنىسى يالغۇز ھالىتىدىكىدىن سان جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ياكى دائىر جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

2) سۈپەتتىن ياسالغانلىرى

مەسلەن : پارچە – پارچە، ئىگىز – ئىگىز، قاتار – قاتار، رەت – رەت، چوڭ – چوڭ، پارە – پارە ، قات – قات، قارا – قارا قاتارلىقلار.بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ بېرىككەندىن كېيىن ئىپادىلەيدىغان مەنىسى ئەسلىدىكى خۇسۇسىيەت دەرىجە جەھەتتىن تېخىمۇ كۈچلۈك، شەكىل جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ ياكى كىچىك، ئورۇنلىشىش ھالىتى جەھەتتىن رەتلىك ياكى رەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

3) رەۋىشتىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن: ئايلاپ – ئايلاپ، تېز – تېز ، ئىتتىك – ئىتتىك، پات – پات، بارا – بارا، ئاستا – ئاستا قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى سۆزلەر تەكرارلاندىن كېيىنكى مەنىسى، ئەسلىدىكى يالغۇز ھالىتىگە قارىغاندا ھەرىكەتنىڭ ھالىتى جەھەتتىن ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ تېز ياكى تېخىمۇ ئاستا، ۋاقىت جەھەتتە ئەسلىدىكىدىن تېخىمۇ قىسقا ياكى تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ.

4) تەقلىد سۆزلەردىن ياسالغانلىرى

مەسلەن: شىلدىر – شىلدىر، تاڭ – تاڭ، تىنىپ – تىنىپ، زىڭ – زىڭ، تىرىق – تىرىق، غال – غال ، جىغ – جىغ قاتارلىقلار. بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ تەكرارلانمىغان شەكلى كۆپىنچە ھاللاردا يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. يالغۇز قوللىنىلغان تەقدىردىمۇ، مۇشۇ خىل سىزىم، ئاۋاز، كۆرۈنۈشلەرنى تەكرارلانغان شەكلىدەك جانلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بۇ خىل سۆزلەر كىشىلەرگە بىر خىل ئىزچىللىق تۇيغۇسىنى بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ شۇ خىل ئاۋاز، سىزىم، ياكى كۆرۈنۈشنى ئوبرازلىق ھالدا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشىگە، جانلىق ھالدا ھېس قىلالىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

5) مىقداردىن ياسالغانلىرى

مەسىلەن: تىلىم – تىلىم، تال – تال، دانە – دانە قاتارلىقلار.

بۇ خىلدىكى سۆزلەر ئەسلىدىكى شەكىلدىن مىقدار جەھەتتە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

6)پېئىلدىن ياسالغانلىرى

مەسلەن: ساقلا – ساقلا، كۈتە – كۈتە، قاچ – قاچ، ئۇر – ئۇر، يۈگرە- يۈگرە، كۈلە – كۈلە قاتارلىقلار . بۇ خىلدىكى سۆزلەر ئەسلىدىكىگە قارىغاندا ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل ، داۋاملىشىش ۋاقتىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلەيدۇ.

يۇقىرقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر تىلىدا بۇ خىل يول بىلەن ياسالغان سۆزلەردە ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەردىن ھاسىل بولغانلىرى مەلۇم شەيئىنىڭ كۆپلىگىنى، كۆپ يەردە ئىكەنلىكىنى مەلۇم بەلگە – خۇسۇسىيەتنىڭ ئەسلىدىكىدىن ئاشۇرۇلغان ياكى كۈچەيگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇرەۋىش ۋە پېئىلدىن ياسالغانلىرى بولسا، ھەرىكەتنىڭ دەرىجىسىنى، داۋاملىشىش ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزلەر مانا مۇشۇنداق مەنە ئىپادىلەش ئارقىلىق تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

دېمەك، يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بارلىق بايانلىرىمىزنى يېغىنچاقلاپ كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشىتىش، تەكرارلاش، قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ، قالغانلىرى بولسا ئاز نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ. ئوخشىتىش، مۇبالىغە، سىلىقلاش يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەردە ئاساسلىقى سۆزلەرنىڭ مەنە مۇناسىۋىتى ئاساس قىلىنىدۇ. تەكرارلاش، قاپىيداشلىق، يېغىنچاقلاش ۋە قىسقارتىش يوللىرى بىلەن ياسالغان سۆزلەردە سۆزلەرنىڭ مەنە مۇناسىۋىتىگە ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە يەنە تاشقى تۈزۈلۈش شەكلىگىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ. تىلدا ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن سۆز ياساش ئۇسۇلىدىن توغرا، ئۈنۈملۈك پايدىلانسا تىلنىڭ ئىپادىلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئوبرازچانلىقىنى كۈچەيتىش، نۇتۇقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، يارقىن، راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدا بىز ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق يول بىلەن ياسالغان سۆزلەر توغرىسىدىكى يۈزەكى قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈق، سەۋىيىمىزنىڭ چەكلىك، نەزەر دائىرىمىزنىڭ كەڭ بولماسلىقى سەۋەبلىك بەزى خاتالىقلارغا يول قويغانلىقىمىز تەبىئىي كەسىپداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1.غالىپ ھەسەن، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىش ئارقىلىق ياسالغان ئىسىملار توغرىسىدا»، تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلى 1982- يىللىق 4- سان.

2.خۇيى، «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق سۆز ياساش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا»، خەنزۇچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1996- يىل 2- سان.

3.ۋېي يۈلەن، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى قاپىيداشلىق يولى بىلەن ياسالغان سۆزلەر»، «تىل ۋە تەرجىمە» 1985- يىل 10- سان.

4.ئارسلان ئابدۇللا، «قۇتادغۇ بىلىك ئىستىلىستىكىسى» ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2001- يىل 6- ئاي نەشرى.

5.يولۋاس راشىدىن، «ئىستىلىستىكا ساۋادى»، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتى  ئەدەبىيات فاكولتېتى، 2002- يىل

6.“ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىرى لوغىتى (قىسقارتىلمىسى)“،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999- يىل نەشرى.

 

مەزكۇر ماقالەم مەزكىرى مىللەتلەر ئۈنۋېرسىتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىيات فاكۇلتىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان.ھەمدە شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=87

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2011-07-19
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: