بالىلار قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

 

بالىلار قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئابدۇخېلىل راخمان لوپنۇرى(بايىغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى)

ئاتىگۈل ئابلىكىم (بايىنغۇلىن پىداگوگىكا مەكتىپى خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش گۇرپپىسى)

(مەزكۇر ماقالە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 14-قېتىملىق مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەمدە تىل ۋە تەرجىمە ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە يېقىندا بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان ۋە تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلگەن خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بالىلار قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ئەمەلىي مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:بالىلار قوشاقلىرى،تەرجىمە،ساقلانغان مەسىلىلەر

بالىلار قوشاقلىرى-بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىتىدارى ۋە زوق ئىشتىياقىغا ماس ھالدا ئاددىي تىل ئارقىلىق يارىتىلغان،بالىلار ئارىسىدا ئۇزاقتىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن قوشاقلاردۇر.بۇ خىل قوشاقلارنىڭ بەزىلىرى چوڭلار تەرپىدىن بالىلار ئۈچۈن يارىتىلغان،بەزىلىرىنى بالىلار چوڭلارنىڭ قوشاقلىرىدىن ئۆزلەشتۈرگەن،يەنە بەزىلىرىنى بولسا بالىلارنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلارنىڭ بالىلار قوشاقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە چوڭلارنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان قوشاقلىرى خېلىلا كۆپىيىپ قالدى. ھەتتا قوش تىللىق مائارىپنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن باشقا تىللاردىكى قوشاقلار تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ بۇ ساھەنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسسى ”بىللە ئۆگىنەيلى“ نامىدىكى بىر پروگراممىنى تەسىس قىلىپ ”شىنجاڭ بالىلار قوشاقلىرى“ نى ھەر بىر ساندا قوش تىللىق قىلىپ تونۇشتۇردى. ھەر قايسى مەتبۇئاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى خىل تىلدا پارالىل قويۇلغان قوشاقلار توپلاملىرىنى نەشىر قىلىپ تارقاتتى. بۇ بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش،تىل سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە بەلگىلىك رول ئوينىدى. بۇ ناھايىتى ياخشى يۈزلىنىش. لىكىن مەيلى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ”بىللە ئۆگىنەيلى“ پىروگراممىسىدىكى بالىلار قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە بولسۇن،مەيلى ھەر قايسى نەشرىياتلار تارقاتقان بالىلار قوشاقلىرى توپلاملىرىدا بولسۇن،قوشاقلارنىڭ تەرجىمىسىدە خېلى كۆپ مەسىلىلەر ساقلاندى. مەن بۇ ماقالىدە ئۆزۈمنىڭ بايقىغانلىرىمغا ئاساسەن ئەمىلىي مىساللار بىلەن بۇ جەھەتتىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن.

1.تەرجىمىلەرنىڭ شەكىل ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى كېلەڭسىزلىكى

بالىلار قوشاقلىرى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.شۇڭىلاشقا ئۇنىڭ شەكلى ئىخچام،مىسىرالىرى قىسقا،ئېغىزغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.لىكىن تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم قوشاقلاردا بولسا،بۇ ئالاھىدىلىكلەر نەزەرگە ئېلىنمىغان. بولۇپمۇ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ“بىللە ئۆگىنەيلى“ پروگراممىسىدا بېرىلگەن بالىلار قوشاقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مىسىرالىرى ناھايىتى ئۇزۇن،بۇغۇملىرىنىڭ سانى تەكشى ئەمەس.پەقەت رىياسەتچى بۇ قوشاقلارنى بىر خىل ئاڭغا سېلىپ ئوقۇغاچقىلا بىزگە بۇ قوشاقلارنىڭ تەرجىمىسى ناھايتى راۋاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن:

قۇياش ①                                                                                               太阳

قۇياش تۆت تەرەپكە نۇر چاچتى،                                                      太阳,太阳照四方,

ئاز ئەمەستۇر ئۇنىڭ پايدىسى،                                                            .它的好处不平常 。

ئۇنىڭسىز كۆرەلمەس يېشىللىقنى،                                                        ،太阳不晒草不绿,

ئۇنىڭسىز چاچالماس گۈللەر خۇشپۇراقنى .                                              .太阳不晒花不香。

پىشمايدۇ ئۇنىڭسىز مىۋىلەرمۇ،                                                            太阳不晒果不熟,

ئۆسمەيدۇ يۇمران كۆچەتلەرمۇ،                                                            太阳不晒苗不长。

ئىسسىق راھەت بېرەر بەدەنگە،                                                           ،被窝也要晒太阳,

ئاپتاپقا يايغان كۆرپىلەرمۇ.                                                                   .晒了太阳暖洋洋。

بۇ ئىككى خىل تىلدىكى قوشاقنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق،خەنزۇ تىلىدىكى قوشاقنىڭ ھەر بىر مىسىراسىنىڭ پەقەت يەتتە خەتتىن تۈزۈلگەنلىكىنى قاپىيەسىنىڭ ئىنتايىن ماسلىشىپ كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. ئەمما تەرجىمىسىگە قارايدىغان بولساق،بەزى مىسىرالار توققۇز بوغۇم ،بەزىلىرى ئون بوغۇم، ھەتتا بەزىلىرى ئون ئىككى بوغۇم قىلىپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ قوشاقنى بالىلار ئەمەس، ھەتتا چوڭلار ئوقۇسىمۇ بىر خىل رېتىمغا چۈشۈرۈپ ئوقۇيالىشى ناتايىن. تەرجىمىدىكى بۇ خىل كېلەڭسىزلىك قوشاقنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋەتكەن. قوشاقتىكى قاپىيەلەر بۇزۇپ تەرجىمە قىلىنغان. سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى تۆۋەن بولۇپ،قارىماققا بىر سۆزلەر دۆۋىسىگىلا ئوخشىتىپ قويۇلغان.ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى  “ئۈستەل-ئورۇندۇق رەتلەش“ دېگەن بىر كوپلىت قوشاققىمۇ نەزەر تاشلاپ باقايلى.

ئۈستەل-ئورۇندۇق رەتلەش                                                                     ②     摆桌子

ياخشى بالا كۆيۈنەر كوللىكتىپقا                                                         ، 好宝宝,爱集体,

دەرستىن چۈشۈپ،رەتلەپ ئورۇندۇق-پارتا  .                                           . 放学了,摆桌椅。

قاتار تىزىلار كىچىك پارتىلار ،                                                              ،小桌子,排成行,

رەتلىك تىزىلار ئورۇندۇقلار.                                                                  .小椅子,放整齐。

يوقارقى قوشاقنىڭ خەنزۇچىسىنىڭ ھەر بىر مىسىراسى ئالتە خەتتىن تەشكىل تاپقان.لىكىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئىككىنچى مىسىراسى ھەدىدىن زىيادە ئۇزارتىپ تەرجىمە قىلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا بەزى قوشاقلارنىڭ تەرجىمىسىدە بەزى مىسىرالار ئىنتايىن كەمتۈك بولۇپ قالغان.مەسىلەن، ”بىپەرۋا رەسسام“دېگەن بۇ قوشاققا قاراپ باقايلى.

بىپەرۋا رەسسام③                                                                                       粗心画家

شىياۋ مېي رەسىم سىزىپتۇ،                                                                      小美拿笔来画画,

بۆجەن قۇلىقى دۈگلەكمىش.                                                                    画只小兔圆耳朵。

نېمىدېگەن بىپەرۋا ،                                                                           ،画只猫咪没尾巴,

ئاسلان قۇيرۇقى كۆتمەكمىش.                                                                  .她是粗心小画家。

يۇقارقى قوشاقنىڭ ئۈچىنچى مىسىراسىغا قارايدىغان بولساق،بۇ مىسىرانىڭ كەمتۈك تەرجىمە قىلىنىشى قوشاقنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى بىراقلا تۆۋەنلىتىۋەتكەن.بۇ قوشاقنى تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ:

يۇمىلاق قىلىپ قۇلاقنى،

شىياۋمېي بۆجەن سىزىپتۇ.

ئاسلان سىزىپ قۇيرۇقىنى،

كۆتمەك قىلىپ قويۇپتۇ.

قوشاقتىكى “ 粗心 “ دېگەن سۆزنى زورلاپ تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق،چۈنكى،قوشاقتىكى ئۇنىڭ رەسىملەرنى سىزىش جەريانىدىنلا ئۇنىڭ بىر ”بىپەرۋا“كىچىك ”رەسسام“ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.

2.تەرجىمدە قوشاقنىڭ رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك

ئاھاڭدارلىق ۋە رېتىمدارلىق بالىلار قوشاقلىرىنىڭ جېنى.چۈنكى،بالىلار بۇ قوشاقلارنى دىلىدا يادلاپ،ئېغىزىدا ئېيتىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەگەر قوشاقلارنىڭ رېتىمدارلىقى ۋە ئاھاڭدارلىقى يوقالسا،ئۇنىڭ بالىلار قەلبىدىن ئورۇن ئالالىشى مومكىن ئەمەس.تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم قوشاقلىرىمىزدا رېتىمدارلىق ۋە ئاھاڭدارلىق بۇزىۋىتىلگەن.يەنە شۇ “ بىللە ئۆگىنەيلى“پروگراممىسىدىكى قوشاقلارنى مىسالغا ئالساق،رىياسەتچى ھەر قانداق بىر قوشاقنى تەرجىمىسىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا،رېتىمدارلىقىنىڭ بار-يوقلىقىغا قارىماي،قوشاقلارنى خەنزۇچە قوشاقنىڭ ئاھاڭى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئوقۇيدۇ. لىكىن بۇنى بالىلىرىمىز قۇبۇل قىلالامدۇ-يوق.بۇ بىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە. مەسىلەن ئالايلى:

ۋەتىنىمىزنى سۆيىمىز                                                                                      爱祖国                   ④

بىز ۋەتىنىمىزنى سۆيىمىز كىچىكىمىزدىنلا،                                                   我们从小爱祖国,

قۇش ئورماننى سۆيگەندەك،                                                                  就像鸟儿爱森林。

بېلىق دەريانى سۆيگەندەك  ،                                                               ،就像鱼儿爱江河。

ھەرە گۈلنى سۆيگەندەك .                                                                    .就像蜜蜂爱花朵。

ئەمدى ئىككى تىلدىكى قوشاقنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا قاراپ باقايلى. بۇ بالىلار قوشىقىنىڭ تەرجىمىسىدە ئاھاڭدارلىقتىن ئەسەرمۇ يوق.مېنىڭچە تەرجىمىدە ھەر بىر سۆزنى بىرمۇ بىر تەرجىمە قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق.تەرجىمىنى جانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەسلىي ئەسەردىكى بىر قىسىم سۆزلەرنى قىسقارتىشقا ياكى قوشۇشقا بولىدۇ.خەتمۇ-خەت قىلىنغان تەرجىمە ئىككىنچى بىر تىلنىڭ تىل ئادىتىگە ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ.بولۇپمۇ،شېئىرىي شەكىلدىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندا ھەتتا بىرەر كوپلىتنى تەرجىمە قىلماي تاشلىۋەتسەكمۇ،مىسىرالارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىۋېرىدۇ. چۈنكى،رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىق شېئىرنىڭ جېنى. يۇقىردىكى قوشاقنىڭ بىرىنچى مىسىراسىدىكى ”从小  ”  سۆزىنى تەرجىمە قىلمىساقمۇ،ھەم مىسىرالارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەرجىمە قىلساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:

قۇش ئورماننى سۆيگەندەك.

بېلىق دەريادا ئۈزگەندەك،

سۆيۈپ كەلدۇق ۋەتەننى،

ھەرە گۈلگە كۆيگەندەك.

3. بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى ئويلاشماسلىق

پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا،بالىلارنىڭ ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدىكى قىزىقىشى،خاراكتىرى،قۇبۇل قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ. بالىلار قوشاقلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا،بۇ ئالاھىدىلىكلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويساق،بىر مۇنچە جاپا تارتىپ قىلغان تەرجىمىمىز بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى قوشاقنى كۆرۈپ باقايلى:

泊秦淮

烟笼寒水月笼沙,

夜泊秦淮近酒家。

商女不知亡国恨,

隔江犹唱后庭花。

بو چىنخۇەي⑤

ئاي،پانۇس،خىرە-خىرە،ئىس-مانان سالغاچ گىرە،

بو چىڭخۇەي تىمتاس ئېقىن،ئاڭا مەيخانە يېقىن.

ئەلنى غەم-قايغۇ كېزەر،بۇڭا چوكان بىنەزەر،

ئۇ ئېيتار ناخشىسىنى،قوغلىشىپ ئاقچىسىنى.

 بۇ قوشاق شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“ ناملىق كىتابنىڭ 3-قىسمى 13-بېتىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قوشاقتا تەسۋىرلەنگەن مەنزىرە ۋە مەزمۇن بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىكىسىغا زىت ھېساپلىنىدۇ. بۇ قوشاقتىكى “ پانۇس، مەيخانە، چوكان، بىنەزەر، ئاقچىسىنى ”دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بالىلارنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىدىن ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەن. بۇ يەردىكى ”商女“ دېگەن سۆز مەيخانىلاردا مىھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن ناخشا ئېيتىدىغان قىزلارنى، “ 秦淮“ بولسا نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىر دەريانى، “ 后庭花 “ بولسا، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلق بىلەن كارى بولماي، ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلگەن، سەتەڭ خېنىملارنى يىغىپ، كۈنۈ-تۈن سېرىق ناخشا ئوقۇتۇپ،ئەلنى ۋەيرانچىلىق گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان چېن شۈباۋ دېگەن بىر ھۆكۈمران يازغان بىر سېرىق  ناخشىنى كۆرسىتىدۇ.ئېنىقكى،بۇ بالىلارنىڭ چۈشىنىش دائىرسىدىن خېلىلا يىراق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇشاقنىڭ تېمىسى ”بو چىنخەي“ بولۇپ،تېما ئاھاڭ بويىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلغان. بۇ يەردىكى ”泊“ سۆزى ”توختاش“دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.تېمىنى مۇنداق ئاھاڭ بويىچە تەرجىمە قىلىش، بالىلاردا تېخىمۇ مۇجىمەل چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ سۆز تېمىدا ”بو چىنخەي“ دەپ ئېلىنغان بولسا، قوشاقنىڭ ئىچىگە كەلگەندە “ بو چىڭخەي “ دەپ ئېلىنغان.بۇنداق ئىككى خىل ئېلىش ئېنىقكى ھەممە كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ.

 بۇ شېئىر ئەسلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىرىدە ياشاپ ئۆتكەن شائىر دۇمۇنىڭ ”چىنىخۇەي دەرياسى بويىدا توختاپ“ ناملىق روبائىسى بولۇپ، كوللىكتىپ تەرپىدىن تۈزۈلۈپ ، مائارىپ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان ”جۇڭگۇ ئەدەبىيات تارىخى“ ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتاپنىڭ 1-قىسىم 426-بەت ئوتتۇردىكى ئابزاستا بۇ شېئىر مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان:

باستى سوغ سۇنى تۇمان، قۇملۇقنى يۇرۇتقاندا ئاي،

توختىدىم چىنخۇەي لېۋىدە ئىزدىبان غىزاغا جاي.

”ئارقا ھويلا گۈلى“ نى ئېيتار ئۇ قاتتا ناخشىچى،

ئەل بېشىدا قاينىغان كۈلپەت ئەلەمنى ئويلىماي.

باشتىكى تەرجىمە گەرچە كىيىنكى تەرجىمگە قارىغاندا ئىخچامدەك كۆرىنسىمۇ، ئەمما شېئىرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويغان.

يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بىر يۈرۈش كىتاپنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا كىرگۈزۈلگەن ”جياڭنەندە لى گۈينەن بىلەن ئۇچىرىشىش (بىرىنچى قىسىم 26-بەت)“ ، “ جياڭنەندە باھار (بىرىنچى قىسىم 68-بەت) “ ، ”دېجياڭدا تۈنىمەك (بىرىنچى قىسىم 92-بەت) “ ، ”ئاشۇ مەسۈمە قىز (بىرىنچى قىسىم 89-بەت) “ ، ”ئايرىلىش نەزمىسى (بىرىنچى قىسىم 95-بەت) “ ، ”لۇشەن شاقىراتمىسىغا نەزەر (2-قىسىم 91-بەت) “ ، “ گۇاجۇدىن كېمە بىلەن ئۆتۈش (2-قىسىم 97-بەت) “ كۈز كەلدى (3-قىسىم 57-بەت) “ ، “ لىنئەن سارىيىغا بېغىشلاپ (3-قىسىم 61-بەت) قاتارلىقلار بالىلار قوشىقى بولماستىن،خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك شېئىرلىرىدىن پارچىلاردۇر. بۇ شېئىرلارنىڭ تىلى ناھايىتى مۇرەككەپ بولغاچقا،تەرجىمان تەرجىمە قىلىشتا ناھايىتى قىينالغان،شۇڭىلاشقا جۈملىرى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ،چۈشنىكسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىز بالىلار ئۈچۈن مەلۇم ئىلمىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا،ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئويلىشىشمىز،باشقىلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قارا-قۇيۇق كۆچۈرۈپ كېلىشنىلا ئەمەس،بەلكى، ”مېغىزىنى ئېلىپ شاكىلىنى چىقىرۋىتىش“ پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن،يۇقىردا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش“ سەبىيلەر قوشاقلىرى“ تاللاش ۋە شاللاش ئۆتمىگەن ”قوشاقلار“ خالاس. بۇ قوشاقلارنى پەقەت خەنزۇ مەدەنىيتى،تارىخى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇچىراشقان كىشىلەرلا چۈشىنىپ زوق ئالالىشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ ئۇلارنى چۈشىنىپ،تەكتىگە يېتىش ئۈچۈن مەلۇم جەريان كېرەك،ئەلۋەتتە.

4. سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولماسلىق

يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك بالىلار قوشىقى تىل ئىشلىتىشتە ئاددىي ۋە ئىخچاملىقىنى،دەل جايىغا چۈشۈشنى،ئاممىباب بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. سۆزلەر توغرا ۋە جايىدا ئىشلىتىلمىسە،بالىلارنى خاتا چۈشەنچىگە باشلاپ بارىدۇ. تەرجىمە قىلىنغان بىر يۈرۈش قوشاقلاردا مانا مۇشۇنداق سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى خاتالىقلارمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسىلەن:

ساۋات چىقىرىش ⑥                                                                                学认字

يوغان گېزىت، قېلىن كىتاپ ،                                                       ،报纸大,书本厚,

بوۋاق ئوقار ۋاراقلاپ.                                                                娃娃都爱瞅一瞅。

قاتار خەتلەر چۆمۈلىكەن،                                                           ،拍拍黑字像蚂蚁,

سانىسا تۈگىمەسكەن.                                                                蚂蚁再多也不愁。

بالا ئاچتى كىتاپنى زور،                                                               一本字典拿在手,

ئۇ گوياكى چۈمۈلىخور.                                                              娃娃要当食蚁兽。

بۇ قوشاقنىڭ تەرجىمىسىدە ئېغىر دەرىجىدە سۆز ئىشلىتىش خاتالىقى كۆرۈلگەن. 2-مىسىراسىدىكى ”بوۋاق ئوقار ۋاراقلاپ“ دېگەن تەرجىمە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىل بالىلارنىڭ تېخى ئانىسى ئىمىۋاتقان،تېخى تىلىمۇ تۈزۈك چىقمىغان مەزگىل بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا  بالىنىڭ كىتاپ ئوقۇيالىشى مومكىنمۇ؟ بۇ ھېچقانداق ئەقىلغە سىغمايدىغان مەنتىقىدۇر. 4- مىسىراسىدىكى “ سانىسا تۈگىمەسكەن“ دېگەننى مىسالغا ئالساقمۇ، خەت ساناپ ئوينايدىغان چۇكا ئەمەس،ئۇ ئوقۇغىلى بولىدىغان نەرسە. 5- مىسىرادىكى ”一本字典拿在手,” دېگەن جۈملىنىڭ “ بالا ئاچتى كىتاپنى زور“ دەپ تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئادىتىگە قەتئىيلا ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ يەردە ”تەرجىمان“ ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىشنى مەقسەت قىلغان،ئەمما جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈنلەي بۇرمىلاپ قويغان.

5. تەرجىمىدىكى جۈملىلەرنىڭ مەنىسى مۇجىمەل بولۇپ قېلىش

تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم قوشاقلاردا سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى خاتالىقلار خېلى كۆپ بولۇپلا قالماستىن،بەلكى،بەزى قوشاقلاردا پۈتكۈل بىر جۈملە خاتا كەتكەن ۋە مەنىسى چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. مەسىلەن:

قەسىدە ⑦                                                                                                  杂诗

كەلسە يۇرتداشقا سالام،                                                                           君子故乡来,

يۇرت نىچۈك ئاڭلاي كالام.                                                                        应知故乡事。

تاڭلا نۇرۇز كەلسىمۇ،                                                                              来日绮窗前,

گۈل يەنىلا بىئارام.                                                                                寒梅著花未?

بۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ۋاڭ ۋېينىڭ بىر پارچە شېئىرى بولۇپ، بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ 1-،2- مىسىرالىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق، بۇ جۈملىلەردە نېمە دىيىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرىش تەس. بۇ شېئىرنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى يەشمىسىدە 来日 سۆزى 来的时候  ، 绮窗  سۆزى雕画花纹的窗户 ،  著花未 دېگەن بېرىكمە 开花没有 دەپ ئىزاھلانغان. ئەمدى يۇقارقى قوشاقتىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىغا قارايدىغان بولساق، ئۇچۇقلا توقۇلما تەرجىمە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ناۋادا بۇ شېئىرنىڭ بىرىنچى كوپلىتىنى ”كەلسە يۇرتداشتىن سالام“ دەپ ئالساق،مەنە بىر ئاز جايىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەزكۇر شېئىرنىڭ يەشمىسىدىمۇ مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن “ شېئىردىكى ”مەن“ ئۇزۇن يىل يۇرتىدىن ئايرىغان بولۇپ،تۇيۇقسىز بىر يۇرتلۇق كونا دوستىنى ئۇچىرتىپ قالىدۇ،ھەمدە ئۆز يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك ھېسىياتىنى باسالماي يۇرتى ھەققىدە نۇرغۇن سۇئال سوراپ كېتىدۇ“. دېمەك، بۇ يەردە “ مەن“گە بىرسى يۇرتىنىڭ سالامىنى ئېلىپ كەلمەستىن، ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز يولۇقۇپ قالىدۇ. ”مەن“ دوستىنى كۆرۈپ،يۇرتىنى دېرەكلەك كېتىدۇ. شۇڭىلاشقا، بىرىنچى مىسىرانىڭ “ كەلسە يۇرتداشقا سالام“ دەپ ئېلىنىشى كىشىگە خاتا ۋە مۇجىمەل تۇيغۇ بېرىدۇ. بۇ يەردە يەنە مەزكۇر شېئىرنىڭ تېمىسى ھەققىدە بىر-ئىككى ئېغىز سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ”تەرجىمان“ شېئىرنىڭ تېمىسىدىكى ”杂诗“ نى ”قەسىدە“ دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. مەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى“ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى“ دىن خېلى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم. ئاخىرى بەيدۇ تورىغا كىرىپ، بۇ ژانىرنىڭ قانداق ئەدەبىي ژانىر ئىكەنلىكىنى ئىزدەپ باقتىم. بەيدۇ تورىدا بۇ ژانىرنى مۇنداق ئىزاھلىغان “ ئۇ شائىرنىڭ تاسادىبىي پەيدا بولغان پارچە-پۇرات ھېس تۇيغۇلىرى ۋە ئۇششاق ئىشلارنى يازىدىغان شەكىل بولۇپ،تېمىسى موقىم تېمىسى بولمايدۇ،ئۇنىڭغا بىر كوپلىتلىق شېئىر دەپ نام قويۇشقا بولىدۇ.( http://baike.baidu.com/view/130767.htm)“

دېمەك،بۇ يەردىكى  “杂诗“ نىڭ ”قەسىدە“ دەپ تەرجىمە قىلىنىشى خاتا. شېئىرنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ قەسىدە ئىكەنلكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. قەسىدە-مەدىھلەش ۋە ماختاش تۈرىدىكى بىر خىل شېئىرىي شەكىل. لىكىن بىز يۇقارقى شېئىردىن قەسىدىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئۇچىرتالمايمىز.

كوللىكتىپ تەرپىدىن تۈزۈلۈپ ، مائارىپ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىنغان ”جۇڭگۇ ئەدەبىيات تارىخى“ ناملىق ئىككى قىسىملىق كىتاپنىڭ 1-قىسىم 295-بەت ئوتتۇردىكى ئابزاستا، يۇقىرقى شېئىر ھەققىدە تۆۋەندىكى بايانلارنى ئۇچىرتىشقا بولىدۇ:

ۋاڭ ۋېي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يازغان شېئىرلىرى ئىچىدە كىشىلەر ئەڭ ماختايدىغىنى ”ۋاڭچۈەن توپلىمى“ دىكى رۇبائىيلاردۇر. مەسىلەن، ‘سىز كەلدىڭىز يۇرتىمىزدىن’ دېگەن رۇبائىينى ئالساق:

يۇرتىمىزدىن كەلدىڭىز سىز ھەي كىشى،

سىزگە ئايان يۇرتىمىزنىڭ ھەر ئىشى.

سىز كېلەر كۈن قىرو پەنجىر ئالدىدا،

ئېچىلغاندۇر قىشنىڭ قىزىل ئەترىسى.

دېمەك، ماۋۇ تەرجىمە مەيلى تېما جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن ھەقىقىي جايىغا چۈشكەن تەرجىمىدۇر.

6. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانماسلىق

بالىلار قوشاقلىرىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشتىكى مەقسەت،قوشاقنى تېخىمۇ ئوبرازلىق ۋە كونكىرىتلىققا ئىگە قىلىپ بالىلارنىڭ قوشاقنى چۈشىنىۋېلىشىغا،ئېسىدە تۇتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش. شۇڭىلاشقا،بالىلار قوشاقلىرىدا چوڭلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلىتىلدىغان مۇرەككەپ ئىستىلىستىكىلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. لىكىن،بىر قىسىم تەرجىمە قىلىنغان بالىلار قوشاقلىرىدا ھەرخىل ئىستىلىتىكىلىق جەھەتتە نامۇۋاپىق بولغان تەرەپلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچىرايدۇ. مەسىلەن: تۆۋەندىكى بىر قانچە مىسالغا قاراپ باقايلى:

                                            (1)

يوغان تاۋۇز ⑧                                                                                   大西瓜

ئەي ئىتىم،سالپاڭ قۇلاق،                                                         ،叭狗叭,你看家,

ئۆي باققىن بوپ دىڭ قۇلاق ،                                                     .我上后园摘西瓜。

باغدىن تاۋۇز ئەكىرەي ،                                                           ،西瓜大,西瓜甜,

تاتلىق يوغان يۇمىلاق .                                                              .抱着西瓜走半天,

ۋايجان-ۋاييەي ئېغىركەن،                                                           ،你一半,我一半,

تەرلىرىم ئاقتى بۇلاق،                                                               吃的小肚滚滚圆。

تەڭ يېرىپ بىز تەڭ يېدۇق،

تويدى قورساق دۇمىلاق.

                                       (2)

سۆگەت ⑨                                                                                               涌流

يېشىل قاشتاشتەك ياساندى تاللار،                                                        ،碧玉装成一树高,

جالا-جۇلا چاچلاردەك بىخلار.                                                              万条垂下绿丝条。

قىيىلدى بۇ بىخلار قاي چىۋەر قولدا،                                                       不知细叶谁栽出,

نورۇزنىڭ سەلكىنى قايچىغا ئوخشار.                                                       .二月春风似剪刀。

1-مىسالدا قوللىنىغان مۇبالىغە ئورنىغا چۈشمىگەن. ئادەمنىڭ يۈز-كۆزلىرىدىن ئاققان تەرنىڭ بۇلاققا ئوخشاش ئېقىشى مۇبالىغىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش ۋە چېكى بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ.يەنە بۇ قوشاقنىڭ ئاخىرقى بىر مىسىراسىدا قورساق تويغاندىن كىيىن دۇمىلاق شەكىلگە كىرىدۇ،ھەرگىزمۇ“ قورساق دۇمىلاق تويمايدۇ“. بۇ يەردە تەرجىمە بۇرمىلانغان.

2-مىسالدا قوللىنىلغان ئوخشىتىشلار بەك ئابىستىراكىت،تاللانغان ئوخشىغۇچىلار مۇۋاپىق بولمىغان. تاللارنىڭ يېشىل تۈسكە كىرىشى بىزدە قاشتېشىغا تەققاسلانمايدۇ.بىزدە بۇ خىل مەنزىرە“ دەرەخلەر يېشىل تون كىيدى ياكى ئەتىراپ يېشىللىققا پۈركەندى“ دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرەخنىڭ بىخلىرىنىمۇ چاچلارغا ئوخشىتىش مومكىن ئەمەس. بۇ يەردىكى ”جالا-جۇلا“ دېگەن سۆزنىڭ نىمە مەنە بېرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئۈچىنچى مىسىرادىكى ”栽 “ سۆزىنىڭ قىيىش مەنىسى يوق،بەلكى ”تىكمەك،قويماق،تەربىيلەپ ئۆستۈرمەك“دېگەندەك مەنىلىرى بار.بىخلارنى قىيىشمۇ مومكىن ئەمەس. 2-ئايدىكى باھار شامىلىنىڭ ”نورۇز سەلكىنى“ قاتارىدا ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە ئۇنىڭ “ قايچىغا“ ئوخشىتىلىشى ئادەمنى تېخىمۇ گاڭگىرتىپ قويىدۇ.

يىغىنچاقلىغاندا،نۆۋەتتە بالىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشى ۋە تىل قابىيلىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەن ۋە تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم بالىلار قوشاقلىرىدا يۇقىرقىدەك مەسىلىلەر خېلى كۆپ ساقلانغان. بۇ يەردە ماقالىنىڭ ھەجىمىنى ئويلىشىپ يەنە نۇرغۇن مىساللار ۋە بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋاقتىنچە نەزەردىن ساقىت قىلىندى. بالىلار قوشاقلىرى بالىلارنىڭ قوشاقلىرى،بالىلارغا ئاتالغان قوشاقلار.شۇڭىلاشقا،ئۇلار مەيلى ئىجاد قىلىنغاندا بولسۇن ياكى تەرجىمە قىلىنغاندا بولسۇن بالىلارچە تەسەۋۇر،تىل،ئالاھىدىلىكنى ساقلىشى كېرەك. بالىلار قوشاقلىرىدىكى قۇرۇلمىنىڭ كېلەكسىز ياكى كەمتۈك، سۆز مەنىلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ۋە مۇجمەل،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ غەلىتە قوللىنىلىشى بالىلار قوشاقلىرىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئاجىزلىتىپلا قالماستىن،يەنە بالىلارنى خاتا تۇيغۇ ۋە تەسىراتقا باشلاپ كىرىشى مومكىن.شۇڭىلاشقا،بالىلار قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگۈچىلەر بۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

ئىزاھلار:

① شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى “ بىللە ئۆگىنەيلى“ پروگراممىسى 3- سان

②شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ”بىللە ئۆگىنەيلى“ پروگراممىسى 17-سان

③ زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،3-قىسم6-بەت

④شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى “ بىللە ئۆگىنەيلى“ پروگراممىسى 1- سان

⑤زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،3-قىسم12-بەت

⑥زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،3-قىسم22-بەت

⑦زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“، شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،3-قىسم32-بەت

⑧زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“ ،شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ،2-قىسم70-بەت

⑨زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“،شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،2-قىسم74-بەت

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

1. زامانىدىن پاكزات تۈزگەن ”سەبىيلەر ئۈچۈن قوش تىللىق قوشاقلار“،شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،2010-يىل6-ئاي1-نەشرى (ئۈچ قىسىم)

2.تەڭرىتاغ تورى(”بىللە ئۆگىنەيلى“پروگراممىسىنىڭ سۈرەتلىك نۇسخىسى)

3.ئوسمان ئىسمايىل تارىم،“خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1998-يىل 1-ئاي1-نەشرى

4. ھەسەنجان سادىق قاتارلىقلار تۈزگەن،“ئەدەبىيات نەزىرىيەسى ئاساسلىرى“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001-يىل 7-ئاي 1-نەشرى

5.مەھمۇد زەيدى،سەمەت دۇگايلى تۈزگەن، ”ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى“، مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىلى 7-ئاي 1-نەشرى

6.لۈشۈن، ”لۈشۈن تەرجىمە توغرىسىدا(ئىچكى ماتىرىيال،ئۇيغۇرچە)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1975-يىلى1-ئاي 1-نەشرى

7.شى جىڭتيەن قاتارلىقلار تۈزگەن، ”خەنزۇچە –ئۇيغۇرچە تەرجىمە دەرسلىكى“، شىنىجاڭ خەلق نەشرىياتى،2012-يىلى 1-ئاي 1-نەشرى

8.تۇرسۇن قۇربان قاتارلىقلار تۈزگەن، ”بالىلار ئەدەبىياتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان“، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى نەشرىياتى، 2005-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى

9.كوللىكتىپ تۈزگەن، ”جۇڭگۇ ئەدەبىيات تارىخى“، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى، 1995-يىل 1-نەشرى

10.بەيدۇ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3683

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-03-14
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 1دانە
  1. ئوبدان مۇلاھىزە بوپتۇ، مەنمۇ شۇ پىروگراممىلارنى كۆرۈپ خاتىرە يېزىشقا ئېرىنىش ئەمەس ئاڭلاشمۇ خوشياقماي قانال يۆتكەپ ئېلان كۆرگەن ئىدىم.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: