”لوپنۇرلۇقلار“ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ ماركا نامى قىلىنىپتۇ
”لوپنۇرلۇقلار“ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ ماركا نامى قىلىنىپتۇ
يېقىندا تور ئارىلاۋىتىپ“لوپنۇرلۇقلار“ دېگەن نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ ماركا نامى قىلىنىپ تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. بۇنى “ خۇاۋېي خەلقئارالىق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى چەكلىك شېركىتى “ دېگەن بىر شېركەت تىزىمغا ئالدۇرۇپ،سېتىش ئۈچۈن لاھىيەلەپ تەييار قىپتۇ. بۇرۇنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەت ۋە يەر ناملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ناملارنىڭ قاملاشمىغان مەھسۇلاتلارغا ماركا نامى قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار تور ۋە مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. مېنىڭچە،“لوپنۇرلۇقلار“ دېگەن بۇ نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىنىڭ نامى قىلىنغانلىقى تازا ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس.نېمە ئۈچۈن دېگەندە:
بىرىنچىدىن،لوپنۇرلۇقلار قەدىمدىن تارتىپلا چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلق،باغۋەنچىلىك بىلەن كەڭ تۈردە شۇغۇللانغانلىقى ھەققىدە ھازىرغا كەلگۈچە ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسىغا ماركا نامى قىلىنىشى تارىخى چىنلىققا ئۇيغۇن ئەمەس.
ئىككىنچىدىن، لوپنۇردىن نان،گۆش تۈرىدىكى ئالاھىدە يېمەكلىكلەر چىقىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ئالاھىدە مېۋە-چىۋىلەر چىقمايدۇ. مەسىلەن: ئاتۇشتىن ئەنجۈر،قەشقەردىن ئانار،خوتەندىن ياڭاق،غۇلجىدىن ئالما دېگەندەك. شۇڭىلاشقا، بۇنامنىڭ قويۇلىشى لوپنۇرنىڭ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى بىلەن يەنىلا ماسلاشمايدۇ.
ئۈچىنچىدىن،“لوپنۇرلۇقلار“دېگەن بۇ نام لوپنۇر رايۇنىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق نامى بولۇپ،باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت نامىنى مېۋە كوسىرۋاسىغا ماركا نامى قىلىپ قوللىنىش يەنىلا ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەس.
تۆتىنچىدىن، لوپنۇر قەدىمىي يۇرت.لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ياراتقان ئۆزگىچە مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس،خەلقئارادىمۇ نۇرغۇن ئالىملارنىڭ كۈچلىك قىزىقىشىنى قوزغىغان. ھەمدە لوپنۇر ۋە لوپنۇرلۇقلارنى تەتقىق قىلىش دولقۇنىنى كۆتۈرەلىگەن. مانا مۇشۇنداق نامى خەلقئاراغا داڭلىق يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت پۇرىقى كۈچلۈك نامنىڭ مېۋە كونسىرۋاسى تۈرىدىكى ئادەتتىكى بىر يېمەكلىككە نام قىلىپ قوللىنىشى بۇ جاينىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەن يۇقىردا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى دەپ باقتىم .قېنى تورداشلار سىلەرمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭلارنى دەپ باقايسىلەر.
تۆۋەندىكىسى بۇ ماركىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم خەنزۇچە ئۇچۇرلار:
注册证号 : 3461694 点此购买
状 态 : 待转让
类 型 : 中文
类 别 : 第29类
群 组 号 : 2903
使用期限 : 2014年10月20日
价 格 : 暂无该商标转让的价格评价
020-38819075 13113328617
010-51653593 13366415310
使用范围: [2903——水果罐头;]
华唯商标转让网官方网址: www.hw-tm.com 或 www.huaweitm.com 。
本站ID号:15354。
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكى ئادىرىستا:
http://www.huaweitm.com/zr29/3461694.html
2011/10/19 09:14:45
ماركا چىقمىدى دەپ ھەدەپ ‹‹ماركا››ياساشقا باشلىدى بۇ گۇيلار
2011/10/18 06:23:18
بۇ راسىتنلا قاملاشماپتۇ ، تاۋارلاشتۇق دەپلا بارلىق ئىسملارنى قالايمىقان ئىشلەتسەك بولماس ،
2011/10/18 07:07:31
شۇنى دېمەمسىز، بۇ ماركىنى كۆرۈپ بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. ئۆيدە ئۆزۈمچە ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللاپ كېتىپتىمەن. مۇشۇ تاۋار ماركىلىرىنى تەستىقلايدىغان گۇيلار دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى ياخشىراق ئۆگىنسە بولاتتى.