ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى ئۆزگىچە،پۇرىقى ئۆزگىچە

ۋاقتى: 2012-01-22 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 221 قېتىم / 6 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى ئۆزگىچە،پۇرىقى ئۆزگىچە

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چاغان يىتىپ كېلىشى بىلەن مەيلى تېلىۋىزۇر ، گېزىتلەردە بولسۇن ۋە ياكى كوچا كويلاردا بولسۇن “ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغىننى قىزغىن تەبرىكلەيمىز“ دېگەن شۇئارلار توختىماي ياڭراشقا باشلىدى (مېنىڭچە، بۇ شۇئارنى ”باھار بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەريمىز!“ دەپ ئالسا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. چۈنكى، قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتلاردىمۇ ”ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەيمىز“دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ). يەرلىك ئۇيغۇرچە رادىيو ئىستانسىنى ئاچسام، ناخشا تەلەپ قىلىدىغان پروگراممىنى بېرىۋېتىپتىكەن. رىياسەتچىمۇ ناخشا تەلەپ قىلغانلارغا ”…..نىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەپ…..ناخشىنى سوۋغا قىلىمىز“دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ. تېلېفۇنۇمغا ۋە مۇڭداشقۇمغا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرىم ئەۋەتكەن ”مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!“ دېگەندەك ئۇچۇرلار كېلىشكە باشلىدى. “ بۈگۈن كوچىغا چىقپ قارىسام پۈتۈن كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا “ ……. پارتىكۇمى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغىننى قىزغىن تەبرىكلەيمىز“ دېگەن پىلاكاتلار چاپلىنىپ كىتىپتۇ. كوچا چىراقلىرىغا ئېسىلغان رەڭگارەڭ پانۇسلار كوچىنى ھەقىقىي بايرام تۈسىگە كىرگۈزۈپتۇ.
كوچىدا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئىچىم بىر خىل سىقىلدى بولغاي، ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم. خىيال بىلەن مېڭىۋىتىپ ئالدىمدىلا كېتىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ گىپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ”بۇ يىل چاغاندا جىق قويۇپ بەردى نېمە قىلىمىز؟“ دەپ سورىدى بىرى. “ ئىدارىدىكىلەر بىلەن ھېيتلايمىز(مېنىڭچە“ ھېيت“ سۆزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىغا ماس كېلىدۇ)، مەن ئالدىنقى كۈنى ئوخشىتىپ بىر لىگەن ساڭزا سېلىپ……نىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ خۇشال بولۇپ، بىزنىڭ چوقۇم ھېيتلاپ كېلىشىمىزنى تاپىلىدى. چاقىرغاندىن كىيىن بارمىساق بولماس“ دەپ جاۋاپ بەردى يەنە بىرسى. ئەتىراپىمغا قارىدىم، مەندىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا 35 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، ساپسېرىق پىشقان بىر لىگەن ساڭزىنى قۇچاقلاپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. قەدەملىرىمنى تىز-تىز ئېلىپ ئۆيگە كىردىم. سافاغا يانپاشلاپ يېتىپ تىلىۋىزۇر كۆرگەچ ئۆزۈمنى بۇ ھەقتىكى قالايمىغان خىياللاردىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدۇم. تېلىۋىزۇرنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىغا توغىرلىدىم. ئېچىشىمغا “ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغىننى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ“ دېگەن شۇئارغا نەق ئۈلگۈرۈپتىمەن. قانالنى دەرھال 5-يۈرۈش قانالغا يۆتكىدىم. “ بۇ يىل چاغاندا ناۋبەيجىننى سوۋغا قىلىڭ، بۇ يىل چاغاندا سوۋغا ئالمايمىز، ئېلىشقا توغرا كەلسە، ناۋبەيجىننى ئالىمىز“، ”ۋاڭ ۋاڭ سىزگە ئامات ئېلىپ كېلىدۇ، چاغاننى خۇشال-خورام ئۆتكۈزۈڭ“ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى. ناۋبەيجىنغۇ ساغلاملىق مەھسۇلاتى، ۋاڭ ۋاڭ دېگىنى بىر ئەنئەنىۋى يىمەكلىكقۇ؟ بۇنى مۇنداق تەشۋىق قىلىش توغرىمۇ-خاتامۇ؟
تېلېۋىزۇرنى ئېتىۋىتىپ يېڭىلا باشلىغان رومانىمىنى قولۇمغا ئالدىم. كۆزۈم كىتاپتا بولغىنى بىلەن دېققىتىمنى يىغالمايۋاتاتتىم. ئاخىرى خىياللىرىم غالىپ كەلدى. زادى چاغاننىڭ كىمنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ باقماقچى بولدۇم. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى ئاختۇرۇپ ”چاغان- قەمەرىيە يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىندىغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى، باھار بايرىمى: شۆلىيەن شۇ يىلى چاغان بولۇشتىن سەل ئىلگىرى يىتىپ كەلدى (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 2-توم 642-بەت)“ دېگەن ئۇچۇرغا ئېرىشتىم.( مېنىڭچە، ئىزاھلىق لۇغەتتىكى بۇ ئىزاھ دەل جايىغا چۈشمىگەن. چۈنكى، بۇ بايرام مەملكىتىمىزدىكى 56 مىللەتنىڭ بايرىمى بولماستىن، بەلكى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇ يەردە چوقۇم قايسى مىللەتلەرنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەسكەرتىلىشى كېرەك ئىدى.) ”ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى“ ئاختۇردۇم. جاۋاپ ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. لىكىن بۇ جاۋاپلار مېنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇيغۇرلار يۇرتىدا 30نەچچە يىل ياشاپ بۇ كەمگىچە بىرەر ئۇيغۇر بوۋامنىڭ ياكى ئۇيغۇر مومامنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىز ئاچقىننى ئېسىمگە ئالالمىدىم. بۇ بايرام قانداقسىگە ”ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بايرىمى“غا ئايلىنىپ قالدى؟ يا بىز ئەجداتلىرىمىز ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ بايرامنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ يا؟ سۇئاللىرىم بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يامراشقا باشلىدى. مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى،شىنجاڭدا 13 مىللەت بار بۇنىڭ ئىچىدە مەن پەقەت خەنزۇلار بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ چاغان ئۆتكۈزدىغىننى ئاڭلىغان ئىدىم. لىكىن كىچىكىمدىن تارتىپ بۇنداق بايرامنى زادى ئۆتكۈزۈپ باقمىدىم. بايرام كەلسە پوجاڭزا ئېتىپ، جىن-ئالۋاستىلارنى قوغلايدىغان، قەبرە بېشىغا چىقىپ قەغەز كۆيدۈردىغان، كېچىچە ھاراق ئىچكەچ تۈگرە يەيدىغان بۇنداق ئۆرپ-ئادەتلەر ماڭا ئاساسى جەھەتتىن يات ئىدى. سۇئاللىرىمغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن، كومپىيوتىرنى قوزغاتتىم-دە، بەيدۇ ئىزەش ماتۇرىغا “ چاغان قايسى مىللەتنىڭ بايرىمى“ دېگەن جۈملىنى كىرگۈزۈپ، مۇقىملاش كۈنۇپكىسىنى بېسىۋەتتىم. مانا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار كۆز ئالدىمدا بىر-بىرلەپ نامايەن بولدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىنى تاللاپ ئوقۇشقا باشلىدىم. ھەمدە تۆۋەندىكىدەك جاۋاپقا ئېرىشتىم:
”چاغان خەنزۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بايرىمى، لىكىن كېيىنچە مەملىكىتىمىزدىكى مانجۇ، مۇڭغۇل، ياۋزۇ، جۇاڭزۇ، بەيزۇ،گاۋشىيەنزۇ، خانى، داغۇر، تۇڭزۇ،لىزۇ،تۇجازۇ، بۇيىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ چاغان ئۆتكۈزىدىغان بولغان،لىكىن چاغان ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىدە ئوخشىماسلىقلار بار. (سىنا تورىدىن)“
يەنە نۇرغۇن ماقالىلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. جاۋاپ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. ئەسلىدە مۇنداق ئىكەنغۇ؟ مانا چاغان كىمنىڭ بايرىمى ئىكەنلىكى كاللامدا ئەمدى ئېنىق بولدى.بىزنىڭ شىنجاڭغا نىسبەتەن پەقەت خەنزۇلار بىلەن مۇڭغۇللارلا بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىكەن. بىزنىڭ شىنجاڭدا ئاساسلىق 13 مىللەت بار. قالغانلىرى بۇ بايرامنى ئۆتكۈزمەيدىكەنغۇ؟
مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئەنئەنىلەرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. شۇڭىلاشقا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بايراملىرىمۇ شەكىللەنگەن بولىدۇ. مەملىكىتىمىز كۆپ مىللەتلىك چوڭ بىر ئائىلە، ئەتىراپىمىزدا ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرىمى كەلسە، ئۇلارغا ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىي تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئادەمگەرچىلىك جۈملىسىدىن دەپ قارىساممۇ، مىللىي تۈسى قۇيۇق بولغان بايراملارنىڭ چەك-چېگىرىسىنىڭ ئېنىق ئايرىلماي، كېيىنكى ئەۋلادلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن. يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە داڭلىق خەنزۇ يازغۇچى جىياڭ رۇڭنىڭ ”بۆرە تۇتىمى“ دېگەن كىتابىدا بىلگە بوۋاي بىلەن چىن جىننىڭ ئىككى مىللەتنىڭ ئىتقا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان مۇنازىرىسى ئېسىمگە كەلدى.
“ –خەنزۇلار ئىتتىن نەپرەتلەنگەن، ئۇنى تىللايدىغان ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتمىسە كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان تۇرۇقلۇق، يەنە نېمىشقا ئىتنىڭ گۆشىنى يەيدۇ.
چىن جىن مۇنداق سۇئاللارغا بىر ھازا ئويلىنىۋىلىپ ئاندىن ئاران تەستە چۈشەنچە بېرەتتى.
بىر كۈنى چىن جىن مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانلارغا مۇنداق دىدى:
خەنزۇلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق يوق، ئوۋچىلارمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس. ئۇلار يىگىلى بولدىغانلىكى نەرسە بولسا يەپ تۈگىتىدىغان ئادەملەر بولغاچقا، ئىتنىڭ ياخشىلىقىنى بىلمەيدۇ،خەنزۇلار نۇپۇسى كۆپ بولغاچقا زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ،ئىتنى ھەمرا قىلىپ ئىش پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ…………… خەنزۇلارنىڭ ئىتتىن نەپرەتلىنىشى ئىتنى تىللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، ئۇنىڭ خەنزۇلارنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىغا بوي سۇنمىغانلىقىدا. ……………….. خەنزۇلار چوشقىنى ئۆلتۈرۈپ يىگىلى بولىدۇ،قوينى ئۆلتۈرۈپ يىگىلى بولىدۇ، ئىتنى نېمىشقا ئۆلتۈرۈپ يىگىلى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆي ھايۋانلىرى تۇرسا دەيدۇ. خەنزۇلارنىڭ ئىتنى ھاقارەتلىشى، تىللىشى ۋە ئۆلتۈرۈپ يېيىشىدىكى تۈپكى نەرسە-ئۇلار تېرىقچىلىق مىللىتى، ئۇلار دائىم دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرىنىدۇ.“ (بۆرە تۇتىمى ناملىق كىتاپنىڭ 391،-392-بېتىدىن ئېلىندى)
بۇ يەردە مۇنازىرە ئىتقا بولغان پوزىتسىيە ئۈستىدە كېتىۋاتسىمۇ ئاپتۇر ناھايىتى نىگىزلىك بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويغان. شۇنداق دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار، بۇ دۆلەتلەر ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان. مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشى، گاھىدا بۇ سەۋەبتىن ھەر خىل زىدىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى دۇنيا تەرەققىياتىدىكى نورمال ھادىسە. لىكىن ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرقى دۇنيا مىللەتلەر بىر-بىرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە، ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان دۇنيا. لىكىن“ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆزگەرتىش“نىڭ مەدەنىيەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە كۆپ خىللىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوڭ تاناسىپ بولمىسا كېرەك. بۇ يەردە يەنە بىر نېگىزلىك مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، ”باشقىلار بۇنى كېڭىيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتامدۇ ياكى بىز ئۆزىمىز بەك كۈچەپ كېتىپ بارامدۇق. مېنڭچە، كىيىنكىسى بەكرەك گەۋدىلىك بولسا كېرەك. شۇڭىلاشقا، بۇ ئىشتا مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تەڭ دەڭسەپ كۆرگەن ياخشى.
ھەر قانداق مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ۋە ئومۇملىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ خىل ئارزۇ شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ مىللەتنى سۆيۈش ئېڭى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز مەدەنىيىتىگە يات مەدەنىيەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىنمۇ ئېھتىيات قىلىدۇ. چۈنكى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى نۇرغۇن ئامىللار كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ئېڭى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. مەسىلەن ئالايلى، دۆلىتىمىزدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدا ئۆزگىچە بولغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. ھەم بۇنداق پائالىيەتلەر قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن، غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ خىرستىيان دىنى بىلەن باغلانغان بايراملىرى ئىچىدە مىللىي ئالاھىدىلىكى قۇيۇق بولغانلىرىنى تەبرىكلەش ئانچە قارشى ئېلىنماسلىقى مۇمكىن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى ياشلار ئارىسىدا روجىستىۋا بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى خېلى ئەۋىج ئېلىپ قالغان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن ساھەلەرنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. ھەمدە بۇلتۇردىن باشلاپ نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ بايرامدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىشىنى چەكلىدى. مەسىلەن تۆۋەندىكىسى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرسىتىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى چىقارغان ئۇقتۇرىشى :

روجىستىۋا بايرىمىدا مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

روجىستىۋا بايرىمى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى خىرىستىيان كالىندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلدىغان ئەنئەنىۋى بايرام.ئۇ خىرىستىيان مۇرتلىرىنىڭ ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنى شەرىپىگە ئۆتكۈزىدىغان بايرىمى.
پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە قۇرۇلۇشى يىغىنىنىڭ روھى ۋە يۇقىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مەكتەپتىكى ئىتتىپاق كوممىتىتلىرى ، ھەرقايسى ئىنىستىتوتلەردىكى ھەر دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ روجىستىۋا بايرىمىدا مۇناسىۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرنى ئۆتكۈزۈشى مەنئىي قىلىنىدۇ. مەسىلەن:كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، يىغىلىش دېگەندەك.مەكتىپىمىزدىكى چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئۆزلىرى پائالىيەت قىلسا بولىدۇ. ھەر قايسى ئىنىستىتوت ئىتتىپاق كوممىتىتلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى مەسئۇللىرى بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۈنۋېرسىتىتى جۇخەي تارماق مەكتىپى ھەيئىتى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

(مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ مەنبەسى: http://sim.bnuep.com/gjglxy/dispnews.asp?id=5311 )
دېمەك، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قويۇق بولغان شارائىتتا ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە ماس كەلمەيدىغان باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا چەكلىنىشى شۇ مىللەت ئۆرپ-ئادىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۈتلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇ مىللەتكە تەۋە شەخسلەرنىڭ مۇشۇ خىل ھادىسنى قانداق تونىشى، قانداق پوزىتسىيەدە بولىشى، چەك-چىگىرىنى ئېنىق ئايرىش-ئايرىماسلىقى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.
يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە مىللىي بايراملىرىغا تىلەك تىلەش، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق تىلەش بۇ ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشتىكى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى سىلىقلاشتۇرۇش ھەم چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر تەرەپ. لېكىن، مىللىي بايراملارنىڭ چەك-چىگىرىسىنى ئېنىق ئايرىماي، قارغۇلارچە تەشۋىق قىلىش، باشقىلارنىڭ مىللىي بايراملىرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىشىگە چېپىلىۋىلىش، ياش ئەۋلادلاردا مىللىي بايراملاردىكى ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ئانچە ئاقىلانىلىك بولمىسا كېرەك. شۇڭا دەيمەن، ھەر گۈلنىڭ ھۆسنى ھۆسنى،پۇرىقى ئۆزگىچە. ئۆزگىچە مەدەنىيەت گۈللىرىنىڭ پۇرىقىدىن داۋاملىق ھۇزۇر ئالاي دېسەك، يەنىلا ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ساپلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىنىمىز ياخشى.
بەزى كۆز قاراش جەھەتلەردە بىر تەرەپلىمە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇشۇم مۇمكىن،دوستلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى

-لوپنۇرى

6نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. تورباجىن
    2012/02/12 14:23:48

    مەن مەكىت ناھيىسىگە بېرىپ ناھيە خەلىق مەيدانىدا :«بىزنىڭ چاغان بايرىمىمىزنى خۇشال -خۇرم ئۆتكۈزەيلى» دىگەن پىلاكاتنى كۆردۈم.بۇنىمۇ سىز دىگەندەك يازسا بۇلاتتى دەپ قارايمەن.

  2. ئابدىراخمان.
    2012/01/26 21:51:37

    بەلكىم شۇنداق تۇ…………………………

  3. ئابدىراخمان.
    2012/01/24 12:41:27

    .بۇلارنى باشقىلاردىن كۇرىشكە بولمايدۇ.ئۇزىمىزنىڭ ساۋاتسىزلىقىمىز دىن كۇرشىمىز كىرەك.

    • lopnuri
      2012/01/24 14:03:37

      بۇنى ساۋاتسىزلىق دېسەك بولماس، بۇ موللامنىڭ بىلىپ تۇرۇپ كۆلگە سىيگىنى.

  4. بىناكار
    2012/01/22 21:19:31

    مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىرتتىكى پوجاڭزا شاۋقۇنىدا بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇشمۇ ناھايىتى قىيىنغا چۈشتى.

    • lopnuri
      2012/01/23 07:33:39

      ھەقىقەتەن شۇنداق،مەن بۇ يازمىنى يېزىپ تۈگىتىشىمگىلا دېرىزەمنىڭ يېنىدىلا پوجاڭزا قايناپ كەتتى. باشقا ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن بولماي،بالدۇرلا يوتقانغا كىرىپ پۈركىنىپ يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif