تەتۈر دۇنيا
تەتۈر دۇنيا
سەن ئىزلەيسەن مەڭگۈلۈك بەخت،
ئۇ ئىزدەيدۇ شان –شەرەپ، تەخت.
ئوتتۇرلۇقتا تۇنجىقار ۋىسال
ئۆمۈچۈكنىڭ تورى ئىچىدە،
ئۆلىۋالماق بولىدۇ خىيال.
باشلىنىدۇ كۆڭۈل سودىسى،
مۇھاببەت ھەم ۋىجدان سىرتىدا.
ئايلىنىدۇ ھەممە تاۋارغا
ئەڭ ئاخىردا يەنە غېرىپلىق،
بولۇپ قالار ئەڭ قىممەت ماركا.
تارتىۋالغۇڭ كېلىدۇ چۈمبەل،
قۇياش بىلەن قىيداشقۇڭ كېلىپ.
قىرىشقاندەك سەن بىلەن بەخت
چۈشلىرىڭگە قالىدۇ كىرىپ.
تۇرمۇش سەندىن كېلىدۇ غالىپ،
جىنايەتكە پاتىدۇ قەلبىڭ.
كۆزلىرىڭگە تىقىلىدۇ قان.
چۈنكى ئەسلى سەن ئاق كۆڭۈل ئىنسان
ئەڭ ئاخىردا ئۆمۈچۈك تورىدا
بەرگۈڭ كېلەر جىمجىتقىنە جان.
1999-يىل
بۇ شېئىرىم كىروران ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
تېمىسىز(لوپنۇرى)
ياشايمەن ئۆمۈكلەر تورى ئىچىدە،
يۈرۈگۈم ئازابلىق لەززەتكە كۆنۈك.
توۋلايمەن كۈچۈمنىڭ بارىچە دائىم،
چىقمايدۇ ئاۋازىم يەنىلا پۈتۈك.
ماڭىمەن قاراڭغۇ كوچىنى بويلاپ،
سالىمەن يىگانە گۈگۈمگە نەزەر.
ساقلايمەن سايەڭنى نامسىز دوقمۇشتا،
تاڭ سەھەر سۈزۈلۈپ كەلگەنگە قەدەر.
ئەسلەيمەن ئاي مۆككەن ئاشۇ ئاخشامنى،
خىيالىم يىپىنى قىلالماي قامال.
بىلمەيمەن نە سەۋەب بىرلا سەن ئۈچۈن؟
بىخلىدى قەلبىمدە تۈمەنمىڭ سۇئال.
2005-يىل10-ئاينىڭ5-كۈنى بېيجىڭ
ئۇيغۇر قىزى
ئۇيغۇر قىزى
خىيالىمنىڭ دوقمۇشلىرىدا،
ئەگىپ يۈرگەن يۈگەنسىز شامال.
سىپاپ ئۆتسەڭ يۈرەكلىرىمنى،
ئارمانلارنى قىلىسەن قامال.
قارچۇقۇمدا قاتقان“ھاۋا“سەن،
دۇنيادىكى ئەڭ ساھىبجامال.
ئۇيغۇر قىزى
كاندىداتتا تۇرغا ئانا سەن،
بۈيۈكلۈككە قەدەم تاشلىغان.
پاك قەلبىڭدۇر نوھنىڭ كېمىسى،
ئۇندا بارچە ھايات ساقلىغان.
ھەسەن-ھۆسەن باردۇر چېھرىڭدە،
ئانا يەرنى چىڭ باغاشلىغان.
ئۇيغۇر قىزى
مىھرىڭ بىلەن تىكىلسەڭ ئەگەر،
ئىللىتىسەن پۈتۈن دۇنيانى.
تاتلىققىنە ناز-خۇلقۇڭ بىلەن،
ئوماققىنە ئەركىلەشلىرىڭ
قۇچۇپ ئۆتسە پۈتكۈل سامانى،
مۇھاببەتنىڭ ئوكيانلىرىدا ،
پەيدا بولار سۆيگۈ قىيانى.
كىيىنكى يازما: ئۇچۇرما بولغان باچكىلىرىمنى ئەسلەپ