ئۇچۇرما بولغان باچكىلىرىمنى ئەسلەپ

ۋاقتى: 2011-08-09 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 145 قېتىم / 3 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇچۇرما بولغان باچكىلىرىمنى ئەسلەپ

 

مائارىپتا مۇۋاپىق ماختاش،ئىلھاملاندۇرۇش ناھايىتى موھىم.دۇنيادا ماختاشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلار يوق دىيەرلىك.بىز مائارىپىمىزدا بۇ نوقتىنى تېخى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمىز.ھە دېسىلا بالىلارنى تەنقىدلەش،ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ،ماختاپ قويساق“مەغرۇرلىنىپ كەينىگە چېكىنىپ كېتىدۇ“دېگەندەك قاراشلار ئۇيغۇر مائارىپچىلىرىنىڭ كاللىسىغا خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن.جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.مەكتەپتە خىزمەت قىلىش،ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچىرشىش جەريانىدا باللىرىمنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى كۆرگەن بولساممۇ،تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماختاپ باقماپتىمەن.بىز ئەنە شۇنداق بولغاچقا،باللىرىمىزمۇ ماختاشنى ئىلمىي قۇبۇل قىلالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قاپتۇ.بەكرەك ماختاپ كەتسەك،كۆپىنچىلىرى“مۇئەللىم مېنى مازاق قىلىۋاتىدۇ“دەپ قارايدىكەن.ماختاشنى ئىلگىرلەش يولىدىكى كاتالىزاتۇر دەپ قارىماستىن،ئىچكى سەزگۈلىرىمگە قىلىنغان ھۇجۇم دەپ چۈشىنىپمۇ قالىدىكەن.

بىر نەچچە قېتىملىق سىنىپ مەسئۇلى بولۇش تارىخىمغا نەزەر سالسام، ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كەمچىللىكلىرىنى كۆپرەك سۆزلەپتىمەن.نېمە ئۈچۈنكىن ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى نەزىرىمدىن ساقىت قىلىپ قويۇپتىمەن.  سىنىپ مەسئۇلى بولۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈردۈم.ماڭا ئوخشاش سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى مۇئەللىملەر بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇردۇم.كۆپىنچىلىرى مەن يۇقىردا دەپ ئۆتكەندەك ماختاشقا قېرىق ئىكەن.كۆپىنچىلىرى بالىلارنى ماختاپ ئۇلارغا“تومۇرمىزنى تۇتقۇزۇپ قويساق بولمايدۇ،ھازىرقى بالىلارغا ھىجايغاندىكىنلا پاتاڭغا مىنىدۇ“دېگەندەك قاراشلاردا ئىكەن.ئۇلار ئاچقان سىنىپ يىغىنلىرىمۇ ئاساسەن تەنقىد-تەربىيە بېرىش بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ،ئالىي مەكتەپتىكى ،مەكتەپ توغىرسىدىكى بىر قاتار ئوخشىتىشلاردا“سىنىپ يىغىنى-سوت مەيدانى“دېگەن ئوخشىتىشنىڭ بارلىقىنى ئەسلەپ قالدىم.بۇ باللىرىمىزنىڭ ئاچقان سىنىپ يىغىنلىرىمىزغا بەرگەن ئوبىكتىپ باھاسىكەن.ھازىر مائارىپتا يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قويىلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدا ماختاشنىڭ تەربىيەلەش رولىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.ئىلمىي ئۇسۇلدا ئادەم تەربىيەلەش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلىرىمىز جەزمەن يېڭىچە پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىشتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.ماختاشنىڭ ئىلمىي مۇۋاپىق يوللىرىنى تېپىپ چىقىپ،ئۇنى بالىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشى ناھايىتى موھىم.

   ئەمدى ئۆز باللىرىمغا كەلسەم، سىنىپىم ئۇيغۇر،قىزغىز،تاجىكتىن ئىبارەت ئۈچ مىللەتتىن تەركىپ تاپقان.ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن كەلگەن.مەن بۇ بالىلارنى ئۈچ يىل تۇتۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.بولۇپمۇ بۇ ئاخخرقى قېتىمقى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەرىكەن يىغىنىدا بۇ نوقتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.ئالدىنقى يىللاردىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەچكە باللىرىم بىلەن بىرگە بولالمىغان ئىدىم.بۇ قېتىم باشتىن-ئاخىر ئۇلار بىلەن غەلبە شادلىقىغا چۆمدۈم.بەزىدە ئۆزۈمنىڭ مۇئەللىم ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ ئۇلار بىلەن تەڭ چۇقىراشتىم،ئۇزۇنغا يۈگۈرگەنلەرگە مەدەت بېرىپ تەڭ يۈگۈرۈشۈپ بەردىم.ئەتىراپىمدىكى باشقا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باللىرىمغا بەرگەن ياخشى باھالىرىنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم.قارىغاندا،ماختاشقا بالىلارلا ئەمەس ماڭا ئوخشاش چوڭلارمۇ ئامراق ئوخشايدۇ.شۇڭىلاشقا مەن بۇيەردە ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىمغا بولغان بەزى يۈرەك سۆزلىرىمنى دېۋىلىشنى لايىق تاپتىم.

 سۈيۈملۈك ساۋاغداشلار(مۇنداق ئاتىسام،خۇددى ئۈزۈمنى سىلەر بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن)،سىلەر گەرچە بىر قانچە مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بولساڭلارمۇ،تاكى ھازىرغا كەلگۈچە بىرەر قېتىممۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىپ باقمىدى.شۇڭا مېنى باشتىن ئاخىر بۇ ھەقتىكى زىدىيەت توقۇنۇشلاردىن خالى قىلدىڭلار.بۇ سىلەرنىڭ ناھايىتى چىقىشقاق،باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتەلەيدىغان مۇناسىۋەتكە ماھىر ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدۇ.

قەدىرلىك باللىرىم(مۇشۇنداق ئاتىسام تېخىمۇ يېقىملىق تۇيۇلىدىكەن)گەرچە دەسلەپتە كەلگەندە ھەممىڭلارنىڭ دېگۈدەك كەسپىي دەرىسلەردە ئاساسىڭلار ئاجىز بولسىمۇ،باشتىن-ئاخىر تىرىشىپ كېلىۋاتىسىلەر،مەن سىلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتقان ئاشۇ ھالىتىڭلارنى كۆرگەندە كەلگۈسىدىكى قابىيلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ،مۇۋاپپىقىيەت قازىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.سىلەر ئۆزۈڭلاغا ئىشىنىشىڭلار كېرەك،سىلەر چوقۇم غەلبە قىلىسىلەر.

ھۆرمەتلىك دوستلۇرۇم(مۇنداق ئاتىسام ئارىمىزدىكى تارتىنىش سۇسلىغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن)سىلەر مېنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئەڭ يېقىن دوستۇمدىنمۇ كۆپ بىللە بولغان ئادەملىرىم.سىلەر بىلەن سىرداشقان،بىللە بولغان چاغلىرىم،باشقا ھەر قانداق ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ.سىلەرنىڭ مېنى باشقىلاردىن ئۈستۈن كۆرۈپ ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىمەن.سىلەردىكى بۇ ھۆرمەت مەندە سىلەرگە نىسبەتەن ھەققى ساپ مەنىدىكى ئىززەت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرگەن.گەرچە گاھىدا ئايرىم ئىشلارنى دەپ قىزىرىشىپ قالساقمۇ،بۇ قىزىللىققا ھەر ئىككى تەرەپ تىز ۋاقىتتىلا خاتىمە بېرىۋەتتۇق.بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تونۇش ئىقتىدارىڭلار،تىز ئەسلىگە قايتىش ئىقتىدارىڭلارنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

كۈيۈمچان ئۇكىلىرىم(مۇنداق ئاتىسام ئۆزۈمنى سىلەر بىلەن قان-قېرىنداشتەك ھېس قىلىدىكەنمەن)،سىلەرنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق پائالىيەتلەردىكى ياخشى ئىپادەڭلەر،تەييارلىغان نۇمۇرلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلاپ مەيداننى چاڭ چىقىرۋەتكىنىڭلاردىن سىلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق روھىڭلارنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.مېنىڭچە بۇ خىل ھەمكارلىق شەخسىيەتسىز ۋە غۇبارسىز ھەمكارلىق،سىنىپ كوللىكتىپىغا بىر كىشلىك تۆھپە قوشۇش قىزغىنلىقى ئاساسىدىكى ھەمكارلىق.مەن سىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق جايدا مانا مۇشۇنداق ھەمكارلىق روھىڭلارنى جارى قىلدۇرشۇڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

قەدىردان باچكىلىرىم(مۇنداق ئاتىسام سىلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاسماندا پەرۋاز قىلىدىغانلىقىڭلارنى ئېسىمگە ئالالايدىكەنمەن) سىلەر يەنە بىر يىلدىن كىيىن قانات چىقىرىپ جەنۇپ تامان ئۇچىسىلەر.مەن سىلەرنىڭ كىيىنكى بۇ بىر يىلنى غەلبە گۈللىرى بىلەن بېزەيەلەيدىغانلىقىڭلارغا چەكسىز ئىشىنىمەن.ئالدىڭلاردىكى ھەر قانداق مۇشكۈلات سىلەرنى كەينىگە ياندۇرالمايدۇ.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ھەممىڭلارنىڭ چىرايىدا خۇشال تەبەسسۇمنى كۆرۈش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.تىرىشىڭلار،بىر ئۆمۈر تىرىشىڭلار!پەقەت شۇنداق قىلالىساڭلارلا سىلەر مەڭگۈ غەلبە مەشئىلىنى كۆتۈرگۈچىلەرگە ئايلىنالايسىلەر.ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇقلۇق تىلەش بىلەن بىرگە داڭلىق يازغۇچى بايرۇننىڭ تۆۋەندىكى بىر كوپلىت شېئىرىنى سوۋغا قىلماقچىمەن:

كېتىمىز قالىدۇ،دۈشمەنلەر كۈلۈپ،

قالىدۇ سۆيگەنلەر ھەسرەتكە چۆكۈپ.

قانچىلىك ئۆزگەرسە ئۆزگەرسۇن ھاۋا،

ھەر قانداق بوراننى ئالىمىز كۈتۈپ.

 

شۇنداق،سىلەردىن ئارىلىق جەھەتتىن ئايرىلىش ماڭا سېغىنىش ئازابى ئېلىپ كېلىشى مومكىن.لىكىن بىزدىكى كۆڭۈل يېقىنلىقى بىزنى مەڭگۈ باغلاپ ھەر قانداق قىيىچىلىقلارغا يولۇققاندا بىزگە كۈچ-قۇدىرەت ئاتا قىلغۇسى!

3نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئابدىراخمان.
    2012/01/26 21:42:30

    مىنڭ شۇنداق تەشكۇللىگىم بار، بىراق مەن بىر ئادەمنڭ كۈچى چەكلىك بۇلدىكەن .
    مەن نۇرغۇن باللارغا دەپ باقتىم ،لىكىن ئۇلاردىن سادا چىقمىدى .
    بەلكىم ئۇلار تېخى كىچىك ساۋاقداشلىق مىھرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
    كىيىنچە بىلىپ قالار……………………………………………………………

  2. ئابدىراخمان.
    2012/01/24 21:41:12

    بۇئەسىرڭىزنى كۇرۇپ ئۇقۇغۇچۇلۇق ھاياتىمغا قايتقاندەك بۇلۇپ قالدىم. پۇرسەت بولسا شۇساۋاقداشلار بىلەن بىريىغلساق دەپ ئويلايمەن. شۇنداق كۇنلەر بىزگە نىسىپ بۇلارمۇ؟

    • lopnuri
      2012/01/24 22:10:10

      سەن تەشكىللىسەڭ نىسپ بوپ قالار.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif