ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاپ چىقىلدى

ۋاقتى: 2012-01-01 / تۈرى: ئۇنىۋېرسال / كۆرۈلۈشى: 472 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاپ چىقىلدى

 

 

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› كەڭ تورداشلار ۋە بلوگگېرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئىزدىنىش، بىلىك، مىسرانىم، نۇرقۇت، كروران قاتارلىق 5 نوپۇزلۇق مۇنبەر مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئادىل بېلەت تاشلاش سورۇنى ھازىرىلاپ بەردى( خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، يۇقىرىقى مۇنبەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتە كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىم 1 مۇ ساختا بېلەت تاشلانماي، پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە چىن بولۇشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى ). ھەرقايسى بلوگلار ، ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز چامىلىرىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ جاي بېرىشتى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق تورداشلار ۋە تور بېكەت – بلوگلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، مىننەتسىز تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت، قىسمەت، كۆككەپتەر، مىسرانىم، ئوسمانجان نوھ بىلىگيار، كروران، جۇلالىق قاتارلىق باھالاش ھەيئەتلىرىگە ئېھتراملار بولسۇن!

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 20 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلغان ئىدى. جەمئىي 2548 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 78 پارچە بېلەت تەكرار تاشلانغان بېلەت ( يەنى ئوخشاش ئىسىمدىكى 1 كىشى 5 مۇنبەردە 5 بېلەت تاشلىغان بولسا پەقەت 1 بېلەت دەپ ھېسابلاندى) دەپ قارىلىپ، ئۈنۈملۈك بېلەت 2470 پارچە بويىچە ھېسابلاندى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھەرقايسى بلوگلار ئېرىشكەن بېلەتنىڭ جىق – ئازلىقىغا قاراپ چىقىرىلدى. تۆۋەندە، ناھايىتى قايناق ھاياجان بىلەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ئېلان قىلىمىز:

 

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

 

دەرىجىسى

بىلوگ ئىسمى

تور مەنزىلى

ئىرىشكەن بىلەت سانى

1

80خالتا بلوگى

http://www.80halta.com

303

2

ئالىم ئەھەت بلوگى

http://www.alimahat.com

275

3

تورخۇمار بلوگى

http://www.torhumar.com

187

4

شاھ ئۇيغۇر بىلوگى

http://shahblog.net

185

5

جېك بلوگى

http://jeckblog.com

172

6

تەدبىركار بلوگى

http://www.tedbirkar.net

164

7

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

http://www.uyghurbeg.net

161

8

ئىلقۇت بلوگى

http://blog.ilqut.com

122

9

ۋەتەن بلوگى

http://weten.me

120

10

كروران بلوگى

http://blog.kroran.net/

98

 

10 چوڭ بلوگنى مۇكاپاتلاش خۇسۇسىدا

1. مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان 80 خالتا  بىلەن ئالىم ئەھەت  بلوگىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىلكان شىركىتى تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى ئىككى خىل بىلكانپەد مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
بىرىنچى باھالانغان بلوگ ئۈچۈن: 8 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.
ئىككىنچى باھالانغان بىلوگ ئۈچۈن: 7 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 1360 يۈەن.

2. قالغان بلوگلارغا  ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قاتار بويىچە، ئۈچىنچى بولغان تورخۇمار بلوگىغا 500 يۈەن، تۆتىنچى بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا 400 يۈەن، بەشىنچى بولغان جېك بلوگىغا 300 يۈەن، قالغان 5 بلوگنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن نەقپۇلنى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىدۇ.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقىتى
مۇكاپات بارلىق بلوگلارغا 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. نەقپۇلنىڭ ۋاقىت سۈرۈكى 3 كۈن، بىلكانپەدنىڭ 2 ھەپتە.

ئاخىرقى سۆز

2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئاجايىپ تېز يۈكسەلگەن بىر يىل بولدى. ئۇلۇغ-ئۇششاق تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى بۇ ساھەگە تىكىلدى. ئارقا-ئارقىدىن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى، فىلىملەر ئىشلەندى. بۇقايناق مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالمىغان يۈكسەلمۇ «ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر ! » دەپ ئەلگە چوقان توۋلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يۇقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،نۇرغۇن ئوي – دوڭغۇللارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بلوگگىرلار قوشۇنى زورايماقتا، بارغانسېرى تاۋلانماقتا، بلوگلار بارغانسېرى پىشىپ يېتىلمەكتە، سەرخىللاشماقتا. ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ دىققەت – نەزىرى بارغانسېرى ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى بلوگدىن ئىبارەت بۇ يورۇق يۇلتۇزغا ئاغدۇرۇلماقتا. ئەل بلوگگىرلاردىن يېڭى نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە…
ئەڭ ئاخىرىدا، << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش >> پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان يۈكسەل بلوگى ۋە باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار يۇقىرىدا جاكارلانغان << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەرقايسى بلوگلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيدۇ.

بۈگۈن سىلەر ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق! بۈگۈن ئەلنىڭ ئالقىشى پەقەت سىلەر ئۈچۈن!!! ھارمىغايسىلەر ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ھارماس تۇلپارلار !

 

مەنبە :يۈكسەل بلوگى    http://www.yuksel.me/1895.html

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif