ھارغىنمەن،ئەمما خۇشالمەن
ھارغىنمەن،ئەمما خۇشالمەن
بىر كىشى ھايات چېغىدىكى گۇناھلىرى ئۈچۈن دوزاققا تاشلىنىپ،چوڭ بىر قورام تاشنى تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇلۇپتۇ.ئۇ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ قارا تەرگە چۆمۈپ تاشنى مىڭ تەستە تاغ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىشىغا تاش گۈلدۈرلەپ پەسكە چۈشۈپ كېتىدىكەن.يەنە ئېلىپ چىقسا يەنە چۈشۈپ كېتىدىكەن.ئۇ دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاشقا قاراپ ئاچچىقتىن يىغلاپ كىتىدىكەن.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ كېتىۋېرىپتۇ.ئەمما ئۇ بەقەتلا ئامال قىلالماپتۇ.بىر كۈنى ئۇ دومىلاپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان تاشقا قاراپ ئۇنىڭدىمۇ بىر ھۇزۇرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىپتۇ.“قاراڭ،تاشنىڭ گۈلدۈرلەپ پەسكە دومىلاپ چۈشىۋاتقان ھالىتى نېمە دېگەن ھەيۋەتلىك!مەن ئىگىز تاغ چوققىسىدا ئاپپاق بۇلۇتلار ئارىسىدا تۇرۇپتىمەن.پەستىكى مەنزىرە نېمە دېگەن گۈزەل“.شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ تاش توشۇشنى ئازاپ ھېس قىلمايدىغان،غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ تاشنىڭ دومىلاپ چۈشكىنىنى،ئەتىراپتىكى مەنزىرىنى،كۆپكۆك ئاسماننى تاماشا قىلىدىغان بوپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇپتۇ.
ھاياتلىقنىڭ قائىدىسىمۇ مانا شۇنىڭغا ئوخشاش.بالىلاردىن تارتىپ چوڭلارغىچە ھەممىمىز كۈن بويى ئوخشىمىغان ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ ئۆتىمىز.بەزىمىز ئۆگىنىش بىلەن ئالدىراش بولساق،بەزىمىز خىزمەت بىلەن ئالدىراش.كۈنلىرىمىز ”تاغ چوققىسىغا تاش توشۇش“تەك ئوخشاش رېتىمدا تەكرارلىنىدۇ.ئەمما سەپسېلىپ قارايدىغان بولساق،بەزىلەرنىڭ شۇنداق جۇشقۇن،خۇشال ياشاۋاتقىنىنى،يەنە بەزىلەرنىڭ بىزارلىق بىلەن ياشاۋاتقىنىنى ھېس قىلىمىز مانا بۇ ئۆز-ئۆزىنى جازالاشتۇر.
ئارزۇ ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەر بىر ئىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىڭلىشىڭلار،ئۇنى بىر يۈك دەپ ھېساپلىماسلىقىمىز لازىم.سېھىرلىك مەشقاۋۇل دەپ نام ئالغان مىلودونوۋېچ مۇنداق دېگەن“پۇتبول ئويناش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش،ئۆزىنىڭ پۇتبۇل ئۈچۈن تۆككەن تەرى،يېشى،ھەتتا يارىلانغان چاغدىكى ئاغرىق سېزىمىنىمۇ خۇشاللىق دەپ ھېس قىلالىغان پۇتبولچى ھەقىقى پۇتبولچى بولالايدۇ.مەشق قانچە جاپالىق بولسىمۇ،لىكىن غەلبە شادلىقى شۇنچە تاتلىق،شۇنچە لەززەتلىك.
ئالدىراش بولساقمۇ،چارچىغان بولساقمۇ،لىكىن خۇشال بولۇشنى ئونتۇپ قالمايلى.
مەنبە:شىياۋلىڭ دىڭداڭ يازغان(دىلنۇر ئابدۇرۇسۇل تەرجىمە قىلغان) ”ئارزۇ تاشقىنلىرى“ ناملىق كىتاپتىن تورغا يوللىغۇچى لوپنۇرى
كىيىنكى يازما: شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۈچ مۇستەبىت (سۈرەتلىك )