بىزدىكى ياتلىشىش ئېڭى

ۋاقتى: 2011-08-24 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 104 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

بىزدىكى ياتلىشىش ئېڭى

 

 

ئاۋىستىرىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى فرانزكافكا(1883-1924)ئۆزىنىڭ“شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرسى“ناملىق مەشھۇر پوۋىستى ئارقىلىق20-ئەسىر غەرپ جەمىيىتىدىكى ياتلىشىش ھادىسلىرىنى تولۇق ۋە مۇككەممەل ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى.ئەسەردە ئادەم بىلەن جەمىيەت،كىشىلەر بىلەن كىشىلەر،ئادەم بىلەن ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى،ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئۆزلۈكى ئوتتۇرسىدىكى ياتلىشىش ناھايىتى ئوبرازلىق يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن.ئەسەردىكى باش قەھرىمان گېرىگول ئائىلىدىن،جەمىيەتتىن ۋە خىزمەت ئورنىدىن كېلىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملارنىڭ تولىمۇ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي،ئاخىرى ئۇنىڭ شەكلى قوڭغۇزغا ئۆزگىرىپ كىتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانىي شەكلىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.ئۇنىڭغا ئورىلىپ قالغىنى قوڭغۇزنىڭ قاسىرىقى،لىكىن ئۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى ئادەمنىڭ ئىشى.گەرچە ئۇنىڭ شەكلى قوڭغۇزغا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسىمۇ،لىكىن ئۇ ئۆز بېشىغا چۈشىۋاتقان تۈرلۈك قىسمەت ۋە قايغۇ ھەسىرەتلىرىنى يەنىلا ئىنسانغا خاس نەزەر بىلەن كۈزىتىپ،ئىنسانغا خاس تۇيغۇ بىلەن ھېس قىلىدۇ.ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۆزى يەنىلا بىر ئىنسان.لىكىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر قوڭغۇز-ئۇ بىر غەلىتە مەخلۇق.ئۇنداقتا ئۇ بىر ئىنسانمۇ ياكى قوڭغۇزمۇ؟جاۋاپ شۇكى،ئۇنىڭ روھى دۇنياسى ئىنسان،ماددى شەكلى قوڭغۇز.

مخلۇقخئادەمنىڭ تۇيۇقسىز قوڭغۇزغا ئايلىنىشى رىئال دۇنياغا نىسبەتەن ئەقىلگە سىغدۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئىش.لىكىن ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمىسىلا ئۇنى ئىنكار قىلىۋىتىش قارغۇلارچە بىر تەرەپكە ئېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىمىزدە تەسۋىرلىنىدىغان ئوبرازلاردىمۇ،گرىگولنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش تەقدىرگە ئۇچىرىغانلار خېلى كۆپ.ياۋۇز،بەدنىيەت كىشىلەر،جادۇگەر مومايلار،دىۋىلەر تەرپىدىن ئادەمنىڭ ئىت،كىيىك،قاغا قاتارلىق ھايۋانلارغا ئايلىنىپ كىتىشى ئەمما ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ ئادىمىيلىكىنى يەنىلا ساقلاپ قېلىشى ئاخىردا يەنىلا ئەسلىگە قايتىشى بىزگە ئانچە ناتونۇش ئەمەس.مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ قەلىمى ئاستىدا تەسۋىرلەنگەن ئالتۇن چىشلىق ئىتنىڭ،شەھەرنى قالايمىغان قىلغان چوشقىلارنىڭ ئادەملىك خۇسۇسىيەتتە ئوتتۇرغا چىقىشى بىزگە بۇ خىل ئەقىلگە سىغمايدىغان ئەمما ھېسى دۇنيارىمىزدا مەۋجۈت بولىدىغان ھادىسلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.مېنىڭچە“شەكىل ئۆزگەرتىش خاتىرسى“دىكى گېرىگول بىلەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ھايۋانلارغا ئايلىنىپ قالغان ئوبرازلارنىڭ قىسمىتى ئوخشاش بىر سەۋەبتىن يەنى“ياتلىشىش“تىن كېلىپ چىققان.رىئال دۇنيادا بىر ئادەمنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىپ بىرەر ھايۋانغا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ مومكىن ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق.لىكىن مەسىلىنىڭ قارىشى تەرپىدىن چىقىپ ئويلايدىغان بولساق،ھازىرقى كىشىلەردىكى ئۆزگىرىش پۈتۈنلەي شەكىل ئۆزگىرىشى بولماستىن،روھى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشتۇر.ئۇلار بىر كېچىدىلا گېرىگولغا ئوخشاش قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالمايدۇ،ئەمما بىر ئۆمۈر ياشاش جەريانىدا بىلىپ بىلمەي ھايۋانلارچە تەپەككۇر،ھايۋانلارچە خىيال،ھايۋانلارچە مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە يىتىپ قېلىشى مومكىن.بۇنىڭ سەۋەبى،زادى نىمىدۇ؟مېنىڭچە بولغاندا،ئۇ قەلب،ۋىجدان،غۇرۇر جەھەتتىكى ياتلىشىشتۇر.

توۋا دەيمەن،توۋا….

ھەدىدىن ئېشىپ،

بۇلدۇقلاپ تېشىپ،

قازاننى قويۇپ ئېغىزدا

قاينايدىغان بوپتۇ شوۋا.

 

”سەھەت تىلىسەڭ ئاز يە،

ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە“-

دەيتى ئاتا-بوۋىمىز،

لىكىن،بىزنىڭ بەزىمىز،

پۇتتا ئەمەس،ئېغىزدا،

قۇرۇق مېڭىپ ئېڭىزدا،

شەر ئالىدىغان بولدۇق،

توۋا دەيمەن،توۋا….

كۆز ئىككى،قۇلاق ئىككى،

قول ئىككى،ئاياق ئىككى،

ئېغىز بۇرۇن بىر پەقەت.

شۇنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت….

 

شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى،

ئېغىزغا يۈكلەپ يۈكنى،

ئوڭ-تەتۈر كىيىپ بۆكنى،

گەپ-سۆزدىن“سۇخەن“توقۇپ،

سېۋەت-سېۋەتتە ساتماقنىڭ

نېمە لازىمى توۋا!

 

ھەي چۇكا،ھەي سەن چۇكا،

(توۋا دەيمەن،توۋا)

ئاش يەيدىغان ئەسۋاپنى

نېمە قىلىۋالدۇق ئەمدى؟

بۇنى ئېيتىشقا دوستلار،

تىلىم بارمايدۇ زادى.

ئاتىدىن قالغان ئۇدۇممۇ،

ياكى مىراس تۇلۇممۇ،

يا پەيلىمىزگە لايىق،

بىر لەنىتى كۆرۈممۇ؟

نېمە بولسا بولسۇن،

توۋا دەيمەن،توۋا!

 

مۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن،

ھېلىقى ساراڭ قۇيۇن-

ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ،

بەزى كونا گۆرلەرنى.

تامدىن تارىشا چۈشكەندەك.

ئەرۋاھ تىرىلىپ چىققاندەك،

بازارغا كىرىپ قاپتۇ

لەنەت تەككۈر“لىق“ۋە“لىك“.

”سەن سەھرالىق،مەن شەھەرلىك

ئاۋۇ ئاداش قەيەرلىك؟“-

دەيدىغان ئۆتمەس ماتا،

(بەزىلەر زولاپ ساتا)

توۋا دەيمەن،توۋا!

بۇ گەپلەر تېخى ئازدەك،

ئۇچچىغا چىققان مازدەك.

سۈرۈشتۈرۈپ ئۇستىخان،

”مەن پالانى،سەن پالان،

مېنىڭ ئەسلىم ئېسىلزات،

ئېسىللىقتا تاپقان ئات.

پالانچى ئۆزى كىمكەن،

ئۇ مېنىڭ تېڭىممىكەن؟“

دەيدىغان لاۋزىلىقلار

ئەدەپ قاپتۇ خېلىلا،

توۋا دەيمەن،توۋا.

يەنە قاراپ نەسەپكە،

مەرتىۋە ھەم مەنسەپكە،

تۆرمۈ تالىشىدىغان بولدۇق

سۆزەڭگۈر خېنىملاردەك،

ئولتۇرشىمىزمۇ قالتىس،

غادايغاق بېگىملەردەك.

قايسى بىرسىنى ئېيتاي،

توۋا دەيمەن،توۋا!

 

1983-يىلى10-ئۆكتەبىر داڭلىق شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرتەرىپىدىن يېزىلغان مۇنۇ مىسىرالار بىزنىڭ ئۆز-ئارا ياتلىشىش روھى ھالىتىمىزنى جانلىق،ئوبرزلىق ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.مېنىڭچە ئۆتكۈر بوۋىمىز ئەنە شۇنداق“ياتلىشىش“نى تۈگىتىش ئۆملۈككە ۋە بىرلىككە دەۋەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان.بىز ئەسلى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتىن بالدۇرلا ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك ئىدى.لىكىن ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى دەڭسەپ باقىدىغان بولساق،بىزدىكى“ياتلىشىش“بارغانسىرى چوڭقۇرلاشقا قاراپ يۈزلىنىۋىتىپتۇ.تۆۋەندە بىزدىكى“ياتلىشىش“ئېڭى ھەققىدە قىسقىچە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باقايلى.

1.ئىنسانى خىسلەت جەھەتتىكى ياتلىشىش

 ئىنسانىي خىسلەتلەر دېگەندە،سەمىمىيلىك،راستچىللىق،ۋاپادارلىق،كۆيۈمچانلىق،سادىقلىق قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.دەۋىر ئۆزگەردى،دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇلارنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قويغان ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى.ئىنسانىي خىسلەتلەرنىڭ چەك-چىگىرىسى يېڭى قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىراپ چەك-چېكىدىن بۆسۈلۈشكە باشلىدى.يالغانچىلىق،ئالدامچىلىققا ئوخشاش ئىللەتلەر بىر ئۆرۈلۈپلا ئەقىللىق بولۇش،دانا بولۇشنىڭ بەلگىسى بولۇشقا باشلىدى.“زۆرۈر تېپىلغاندا يالغانچىلىق قىلسا بولىدۇ“دېگەن بۇ غەلۋىر سەپسەتىسى يالغانچىلىق قىلىشقا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان كىشىلەرنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ،راستچىللىقنىڭ بىر چەتتە بويۇن قىسىشقا مەجبۇر قىلىشقا باشلىدى.نەتىجىدە بالا ئاتا-ئانىغا،ئەر ئايالغا،باشلىق پۇقراغا بىر ئامال قىلىپ يالغان سۆزلەشنى ئويلايدىغان بولدى.شۇنىڭ بىلەن سەمىمىيلىك ۋە راستچىللىقتىن ئىبارەت ئاتا مىراس ئېسىل خىسلەتلەر روھىيىتىمىزدىن“ياتلىشىش“قا قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى.

ئەمدى ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈمچانلىققا كەلسەك،كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ تۈپتىن مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى دەسلەپتە گاڭگىرتىپ قويغان بولسا،نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قىلمىشنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسا،لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن يەنىلا مەنپەئەت ئۈچۈن،ھېچنىمىنى ئايىمايدىغان ھالەتلەر كېلىپ چىقتى.تېخى بىر ئىككى يىل ئىلگىرى يۈزبەرگەن“خورلانغان ئانا پاجىئەسى“،مال-مۈلۈكنى ماڭا قالدۇرمىدىڭ دەپ ئۆز ئانىسىنى ئۆلتۈرۈش پاجىئەسى قاتارلىق نۇرغۇن پاجىئەلەر بىزگە بۇ نوقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى.“ئاتا-ئانىمىزغا كۆيۈنۈش،ئائىلىمىزگە ۋاپادار بولۇش“دېگەن شۇئارلار دائىم ئېيتىلىپ تۇرسىمۇ،ئاتا-ئانىمىزنىڭ قېرىغاندا تەنھا قېلىپ،بىزنىڭ كېلىپ يوقلىشىمىزنى كۈتۈپ يولىمىزغا تەلمۈرۈشلىرى،ئاھ ئۇرۇشلىرى،ھەر ۋاق نامىزىدا ئىنسابىمىزنى تىلەپ دۇئا قىلىشلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىمىزدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىۋاتقان“كۈيۈمچانلىق ۋە ۋاپادارلىق“قا ئوخشاش خىسلەتلەرنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە بولغان ئارزۇ-ئارمىنىنى بىلدۈرىدۇ.قاراڭغۇ تۈنلەردە كىرپىك قاقماي بىر تەرەپتىن بالىمىزنى بېقىپ،بىر تەرەپتىن كېلىشىمىزنى ساقلاپ ئۇھ تارتىۋاتقان ،ئۆزىدىن يىراقلاپ باشقا نازىنىنلارنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ كېتىشىمىزدىن ئەنسىرەپ دەككە-دۈككىدە يۈرىۋاتقان ئاياللىرىمىزنىڭ نىدالىرى بىزنى بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟مېنىڭچە يەنىلا“ياتلىشىش“.

ياتلىشىش قەلبىمىزدىكى ھەسەت ئوتلىرنىڭ پىلتىسى.بىز ياتلىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىنلا بىز-بىرىمىزگە ھەسەت قىلىمىز،بىر-بىرىمىزگە ئورا كولايمىز.نەتىجىدە زىيان تارتقۇچى يەنىلا ئۆزىمىز بولۇپ قالىمىز.

2.مىللىي ئاڭ جەھەتتىكى ياتلىشىش

بۇ يەردە ئەڭ ئالدى بىلەن“مىللەت“دېگەن بۇ ئاتالغۇغا تەبىر بېرىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم.مىللەت-ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل،ئورتاق زىمىن،ئورتاق ئىقتىسادى تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىندىغان ئورتاق پىسخىلوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپى(ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى5-توم 312-بەت).بىز مىللەتنىڭ تەبىرى نوقتىسىدىن ئۆزىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق،بىزدە بۇ جەھەتلەردە مەسىلىنىڭ خېلىلا كۆپ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمىز.مىللەتنىڭ تەبىرىدىكى“بەش ئورتاق“بىزگە ئىنتايىن موھىم بىر جەرياننى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.بۇ ”بەش ئورتاق“تىن بىرى كەم بولىدىكەن،بىزنىڭ ئايرىم بىر مىللەتلىك خۇسۇسىيىتىمىز ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.شۇڭىلاشقا كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتى دائىرسىدىن ياتلىشىشى ئىنتايىن خەتەرلىك،ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدىغان پاجىئەلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.مىللىي جەھەتتىكى بىرلىك مىللىي ئاڭ،مىللىي پىسخىكا جەھەتتىكى بىرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.بىزنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنى سۈيۈش،ئانا تىلىمىزنى قوغداش،بىر-بىرمىزنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مەدەت ۋە ئىلھام بېرىشلىرىمىز بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياتلىشىمىزنى توسۇپ قالىدىغان مۇقەرەر يول.ھازىر باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تەرققىي قىلىۋاتقان بولساقمۇ،لىكىن تەرەققىيات قەدىمىمىز باشقىلارنىڭ ئارقىدا،ئورتاق ھەمكارلىشىپ چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىپ ئۆز تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن داغدام يول ئېچىشتىن سەل يىراق.تەرەققىياتتا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان توغرا رىقابەت ئېڭىمىز كەمچىل.ئۆز ئانا تىلىمىزنى قوغداش،ئاسىراش،راۋاجلاندۇرۇش روھىمىز سۇس.ئۆز ئانا تىلىمىزغا تۇتقان پوزىتسىيىمىز ئەستايىدىل ئەمەس.ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش روھىمىز يوق دىيەرلىك. ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىشنى ئەدەبىياتچىلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدىغانلا خېلىلا كۆپ. بارلىق ئىشلاردا پەقەت كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتىمىزنىلا كۆزلەپ،ئالدىراقسانلىق بىلەن باشقا تەرەپكە ئېغىپ كېتىش خاھىشىمىز بىر قەدەر كۈچلۈك.ئۆز ئانا تىلىمىزنى قوغداشتا،بەزى ۋاقىتلاردا سىياسەت يول قويغان دائىرە ئىچىدە ،ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالمايۋاتىمىز.

ھاراق سورۇنلىرىدا مەيدىمىزگە مۇشتلاپ،قىزىرىپ،كۆپۈشۈپ كەلسەكمۇ،ئەمىلىيەتتە قىلىۋاتقىنىمىز“ئاتام ئېيتقان بايىقى“.بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتەي.ھازىر مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا قوش تىللىق بولۇش ھەققىدە بەس-مۇنازىرىلەر ناھايىتى كۆپ.لىكىن بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ،ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.نۇرغۇن كىشىلىرىمىز“باشقىلارغا نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ“دېگەندەك تەلەي سىناش پوزىتسىيىسىدە بولىۋاتىدۇ.ئەسلىدە ئۆز مىللىتىمىزنى سۆيىدىغان بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلەتنىڭ قوش تىللىق بولۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە، مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ موھىم بەلگىسى بولغان“ئانا تىل“ىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ،ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى باللىرىمىزغا ئېنىق تونۇتالىغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.بۇنىڭغا قۇربىمىزمۇ يىتەتتى.لىكىن بىزدىكى قورقۇنچاقلىق،زىيادە ئېھتىياچانلىق پىسخىكىسى بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىزنى توساپ تۇرماقتا. دۆلىتىمىز مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى قوغداش بىلەن بىرگە يەنە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل يېزىقىنىڭ مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىلىشىنى قانۇنىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئەمەسمۇ؟بۇنى بىز ئاڭلاپ باقمىدۇقمۇ ياكى توغرا چۈشىنەلمىدۇقمۇ؟

تەتىلدە بىزنىڭ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان تېگى ئىچكى مۇڭغۇللۇق بىر خىزمەتدىشىم بىلەن مۇشۇ قوش تىل توغرسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم.ئۇنىڭ دېيىشچە ئىچكى مۇڭغۇلدىمۇ قوش تىللىق ئوقۇتۇش كۈچەپ يولغا قويىلىۋىتىپتۇ،شۇنداق بولغاچقا،نۇرغۇن مۇڭغۇل ئاتا-ئانىلار باللىرىنى بىۋاستە خەنزۇ مەكتەپكىلا بېرىدىغان بوپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر بۆلۈك مىللىتى مۇڭغۇل تىلى خەنزۇ ئەۋلادلار يىتىشىپ چىقىپتۇ.بۇنى كۆرگەن مۇڭغۇل زىيالىلىرى بۇ ھەقتە ئورتاق پىكىرگە كېلىپ،مۇڭغۇل تىلىنى قوغداش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئويلىنىپتۇ.ھەمدە ئاخىردا ھەر قانداق بىر مۇڭغۇل پەرزەنتى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت تېپىشتا مۇڭغۇل تىلىنى بىلىشى شەرت،بولمىسا خىزمەت بېرىلمايدىغانلىقى يەرلىك سىياسەت تەرىقىسىدە يولغا قويىلىپتۇ.بۇ سىياسەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بوپتۇ.بۇ سىياسەت ھازىرغىچە يولغا قويىلىۋىتىپتۇ.بۇنى ھازىرغا كەلگۈچە بىرەر رەھبەر“خاتا بوپتۇ“دەپ باقماپتۇ.ئەمدى ئۆزىمىزگە كەلسەك،بىزمۇ ئۇيغۇر تىلىنى مۇشۇنداق سىياسەتلەر ئارقىلىق قوغدىساق بولمامتى؟ئەلۋەتتە بولىتتى.يالغۇز بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر قوش تىللىق بولۇشتا ئانا تىلنىڭ موھىم ئىكەنلىكىنى ئۆزگەرمەس پاكىت تەرىقىسىدە ئوتتۇرغا قويىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما بىز ھازىرقى قوش تىللىق مائارىپنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنمايۋاتقان تەرەپلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيۋاتىمىز،بۇ ھەقتىكى يۈرەك سۆزىمىزنى دادىللىق بىلەن يۇقىرىغا ئېيتالمايۋاتىمىز.مانا بۇ بىزدىكى ئورتاق ئاڭ،ئورتاق پىسخىكا جەھەتتىكى ياتلىشىشنىڭ نەتىجىسى بولماي نېمە؟

3.ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ياتلىشىش

 

ئۆرپ-ئادەت مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مىللىي خاسلىققا ئىگە شەكىللەرنىڭ يىغىندىسى.ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى بولىدۇ.بۇ ھازىرقى زاماندا نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇنىي جەھەتتىن قوغدىلىدۇ.“دۇنيا كىشلىك ھوقۇق خىتاپنامىسى“دىمۇ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بار.مەدەنىيەتنىڭ ئۆزى تۇرغۇن ھالەتتىكى نەرسە ئەمەس.ئۇ ئۆزىنىڭ تارقىلىشچانلىق خۇسۇسىيىتى بىلەن ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالىدۇ.تەرەققىي قىلغان ۋە قىلىۋاتقان جەمىيەتلەردىكى مەدەنىيەتنىڭ ئۆز-ئارا ئالمىشىشى ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ مەۋجۈتلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ جەرياندا مەدەنىيەتلەرنى قارغۇلارچە قۇبۇل قىلغانلار بارا-بارا ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى يوقىتىشقا باشلايدۇ.ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ سۇسلىشىپ بېرىشى ۋە ئاخىردا يوقاش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى مىللىي بەلگىنىڭ مەۋجۈلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭىلاشقا مەدەنىيەت قۇبۇل قىلغاندا“شاكال بىلەن مېغىزنى ئايرىش“پىرىنسىپىغا ئالاھىدە دېققەت قىلماي بولمايدۇ.نۆۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،يۇقىردىكى پىرىنسىپقا ھەم ئەمەل قىلغان،ھەم ئەمەل قىلمىغان جايلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.بۇ يەردە ئەمەل قىلغان جايلىرىمىزنى سۆزلەپ ئولتۇرمايلى.ئەمەل قىلمىغان جايلىرىمىزغا كەلسەك،كىيىم-كېچەك جەھەتتىكى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە سۇسلىشىپ كېتىشى،ياشلىرىمىزنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىمىزنى كېيىپ كوچىغا چىقىشتىن نۇمۇس قىلىشى،پەقەت سەھنىلەردىلا بۇ خىل كىيىملەرنىڭ كىيىلىشى؛يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ھالال-ھارام چۈشەنچىسىنىڭ سۇسلاپ بېرىشى،ئالدىمىزغا كەلگەننى“بىسمىللا“دەپلا يەپ سېلىشلىرىمىز؛ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزنىڭ خاسىيىتىنى ئۇنتۇپ،غەيرى بايراملارغا( مەسىلەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى،روجىستىۋا بايرىمى دېگەندەك)  ئۆزىمىزنى ئۇرۇپ كىتىشلىرىمىز،غەرپچە ئۇسۇللار بىلەن بىر-بىرىمىزنى تەبرىكلەپ كىتىشلىرىمىز؛قوشىنىلىرىمىز بىلەن ئايدا يىلدا كىرىش-چىقىش قىلماي،ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىزلا يەپ ئولتۇرۇشلىرىمىز؛چوڭلار ئالدىدا تەپ تارتماي غەيرى قىلىقلارنى قىشلىشلىرىمىز؛ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي باشقىلارنىڭكىنى ئېسىل دەپ ماختاپ كىتىشلىرىمىز بىزگە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى“ياتلىشىش“نىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە،ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ.بىزدىكى ھەر قايسى  جەھەتلەردىكى“ياتلىشىش“نىڭ پەيدا بولىشى يالغۇز بىر نەچچە كىشىنىڭلا“تۆھپىسى“ئەمەس.بۇنىڭدا ھەر قاندىقىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار.ئەمدىكى گەپ مەسىلىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى توغرا تونۇش،خاتا كەتكەن جايلار بولسا،ئۇنى ئۆز ۋاقتىدا ئەملەش،كەلگۈسىدىكى تەگسىز پۇشايمانلارنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش ھەققىدە باش قاتۇرۇشتا قالدى.بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىشتا ھەقىقەتەن ئاجىز ئىكەنمەن.مېنىڭ ئاخىردا قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم،ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ھەر قانداق“ياتلىشىش“قا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق.ئويلىغانلىرىمىزنى ئورتاقلىشىپ،ئورتاق تىل،ئورتاق مەدەنىيەت،ئورتاق پىسخىكا،ئورتاق ئىقتىسادى تۇرمۇش،ئورتاق زىمىننى ساقلاش ئۈچۈن بىر تىرىشىپ باقساق.قېنى شۇنداق قىلىشقا تەييار بولدىڭىزمۇ؟ئەمىسە مەرھەمەت.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif