پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسى ۋە ئۇنى ئۆتۈش توغرىسىدا

 

 

پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسى ۋە ئۇنى ئۆتۈش توغرىسىدا

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 29- ئوتتۇرا مەكتەپتىن باھارگۈل ئوسمان

 

1. دەرسلىك ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

 

پىسخىك ساغلاملىق دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىيىتىدىكى، بولۇپمۇ پىسخىك تەرەققىياتىدىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئىلىمىي ھەل قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر پەن. ئۇ ‹‹ئىدىيە- سىياسىي دەرسى›› ياكى ‹‹ئەخلاق تەربىيىسى دەرسى›› ئەمەس.

ئۇنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب خانىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ھەرخىل پاراكەندىچىلىكنى، باش ئاغرىقىنى بايقاش ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىپ ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام روھىي ھالەت، ئاكتىپ پوزىتسىيىگە ئىگە قىلىش.

 

2. پىسخىك ساغلاملىق دەرسىنىڭ مەزمۇنى

 

پىسخىك ساغلاملىق دەرسىنىڭ تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلىشى مائارىپىمىزدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ئالاقە، كىشىلىك تەرەققىيات، ئوڭۇشسىزلىقىنى يېڭىش، بېسىمنى يىنىكلىتىش، توغرا دوست تۇتۇش، يات جىنىسلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىش … قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

3. پىسخىك ساغلاملىق دەرسىنى ئۆتۈشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

 

1) پىسخىك ساغلاملىق دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بۇ ‹‹يېڭى شەيئى››نى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا يۈزلىنىش كېرەك.

2) دەرس مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش كېرەك. مەسىلەن: يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭى مۇھىتقا تېزدىن ماسلىشىشى ئۈچۈن دەرسلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى قانداق تەييارلاش؟

3) بۇ دەرس مۇستەقىل پەن بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا پەنلەردىن مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىك جەھەتتىن پەرقلىنىپلا قالماي، يەنە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى جەھەتتىنمۇ مۇئەييەن پەرققە ئىگە. يەنى: بۇ دەرس لېكسىيە خاراكتېرىدە ئۆتۈشكە ماس كەلمەيدىغان، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەشغۇلات ۋە بىۋاستە تەسىراتقا ئىگە بولۇشىنى ئاسا قىلىدىغان دەرس. ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت جەريانىدا سۆزلەش، يېزىش، ئويناش ئارقىلىق ھاياجانلىنىدۇ، تەپەككۇر قىلىدۇ، ھېس قىلىدۇ ۋە تەدرىجىي ئۆزگىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئوقۇتقۇچى بۇ جەرياننى مۇۋاپىق لاھىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

4. پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسخانىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

 

1) بۇ دەرس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالقىشىغا ئېرىشكەن دەرس. بۇ ئۇنىڭ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەركىن- ئازادە بولۇش، ھېچكىمگە دېيەلمەيدىغان، ھېچقاچان دەپ باقمىغان گەپلىرىنى دېيىش ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغانلىقىدا، شۇنداقلا ھەربىر ئوقۇغۇچى قاتنىشىش، سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىدا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەمىمىي ھېسسياتىنى ۋە كۆزقارىشىنى ئىپادىلەشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئەۋزەللىك بولمىسا كېرەك.

2) دەرسخانىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بۇ دەرسنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. مەسىلەن: ئۈستەل- ئورۇندۇقلارنى چەمبەر شەكىلدە ياكى يايى شەكىلدە تىزىش. يازغان ياكى سىزغانلىرىنى دوسكىغا، تامغا چاپلاش. دەرسخانىدا كوللىكتىپ يېتەكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش… قاتارلىقلار.

3) ئوقۇغۇچىلار دەرس ۋاقتىنىڭ قانداق توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان، شۇ سائەتلىك دەرسكە قىيىماي يەنە بولسىكەن دەيدىغان ھېسسىياتتا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەزكۇر دەرسكە مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە پىلانلاش ماھارىتى ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان نەتىجە.

4) باشقا دەرسلەردىن كېلىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىپ كەيپىياتنى تەڭشەش ۋە جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.

 

5. دەرسخانا تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە نۇقتا

 

1) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ھەرىكەتكە كەلگەن- كەلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش.

2) ئوقۇغۇچىلار كۆرۈنۈشتە قالايمىقان بولسىمۇ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش جەھەتتە قالايمىقان بولغان- بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش.

3) دەرسخانىنى تىزگىنلەشنى بىلىش، يەنى ‹‹قويۇۋېتىش›› بىلەن ‹‹يىغىۋېلىش››نى ياخشى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

4) پۈتكۈل جەريانغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇ بىر سائەتلىك دەرستىكى جەريان بىلەن پۈتكۈل پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسىدىكى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قىسمىدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى، پىلان تۈزۈش، ئەستە ساقلاش ماھارىتى دېگەن مەزمۇنلار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىشتە بىر پۈتۈن ماھارەت ۋە تەسىراتقا ئىگە قىلىدۇ.

 

6. پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرس پىلانىنى قانداق تۈزۈش كېرەك؟

 

1) ھەربىر سائەتلىك دەرسنىڭ نىشانى توغرا، ئېنىق ۋە ئەمەلىي بولۇش كېرەك. مەسىلەن: مەكتەپكە يېڭىدىن قەدەم قويغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرس لاھىيىلىگەندە ئۇلارنىڭ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار ئارا مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىش. يەنى، ئەڭ ئاۋۋال مەكتەپ ئەھۋالى بىلەن ئەڭ تېز، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئارقىلىق تونۇشۇپ چىقىش. ئىككىنچى قەدەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساۋاقداشلىرىنىڭ ئارىسىغا سىڭىشىش ۋە ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىش. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش قاتارلىقلار.

2) دەرسلىكتىكى مەزمۇننى سىنىپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ۋە شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ قايتا ئىجاد قىلىش، شۇنداقلا دەرس بايلىقىنى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

3) ئوقۇغۇچىنى مەركەز ۋە ئاساس قىلىش كېرەك.

4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل پىسخىك مەسىلىلىرىنى بايقىشىغا ۋە گۇمانىي سوئاللارنى سورىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 

7. دەرس مەزمۇنىنى يەتكۈزۈشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا

 

پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازۇك ئىچكى ھېسسىيات مەسىلىلىرىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.

1) ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە باراۋەر بولۇش، دوستانە بولۇش كېرەك.

2) ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھېسسىي جەھەتتە ئورتاقلىشىشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

3) ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

4) ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي، چىن ھېسسىياتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى پەقەت چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلا يۈرەككە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

 

مۇلاھىزە سوئاللىرى

1. پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى دەرسى قانداق دەرس؟

2. ئوقۇغۇچىلار پىسخىك ساغلاملىق دەرسىدىن نېمىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ؟

3. پىسخىك ساغلاملىق دەرسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قانداق يېتەكلەش كېرەك؟

4. ‹‹غەلىتە مىجەز›› بالىلار نېمە ئۈچۈن پىسخىك ساغلاملىق دەرسىدە بەك جانلىنىپ كېتىدۇ؟

5. ئوقۇغۇچىلارنى كىشىلىك ئالاقىگە يېتەكلەشتە قانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك؟

6. ئوقۇغۇچىلاردىكى بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالىغا قانداق يۈزلىنىش ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

7. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ 8- يىللىققا چىقىپمۇ تېخى ئېھتىلام بولمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراپ كىرسە، ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك؟

8. ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش كەيپىياتىغا ئېلىپ كىرىشكە ئامالىڭىز بارمۇ؟

9. ئالاھىدە كەيپىياتتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتە نېمىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟

 

مەنبە: باھارگۈل ئوسماننىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ پىسخىك يىتەكچىلىرىنى تەربىيلەش كۇرسىدىكى لېكسىيىسىدىن.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2012

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-03-08
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: