قابىل ۋە ناقابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ 32 خىل پەرقى

 

 

قابىل ۋە  ناقابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ 32 خىل پەرقى

ئاپتۇرى:يې يۈخۇا

1.قابىل ئوقۇتقۇچى مۇرەككەپ بىلىملەرنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ يەتكۈزەلەيدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئادەتتىكى بىلىملەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۋاتىدۇ.

2.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىش تەس بولغان بىلىملەرنى ئاسانلاشتۇرالايدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئاسان نەرسىلەرنىمۇ قىيىنلاشتۇرۋېتىدۇ.

3.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ دەرس ئۆتىدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشتىن-ئاخىر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىگە ئەگىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

4.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئەركىن ئازادە يۈرۈپمۇ، ئوقۇغۇچىلارنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان قىلالايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنى بىكارچى قىلىپ قويۇپ، ئۆزى تولىمۇ ئالدىراش يۇرىيدۇ.

5.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنىڭ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشىماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.

6.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنىڭ خاتا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ خاتا جاۋاب بېرىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ.

7. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىغا: قېنى سىز قانداق ئويلىدىڭىز؟ دېيەلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلىرىغا:كىم جاۋاب بېرىدۇ، دېيىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

8.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى كىتاب كۆرۈپ مەسىلىلەرنى بايقىشىنى ۋە خۇلاسە چىقىرىشىنى قوللايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئۆزىنىڭ جاۋابىنى ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە دەپ بېرىش بىلەنلا بولدى قىلىدۇ.

9.قابىل ئوقۇتقۇچى كۆڭلىدە دائىم ئوقۇغۇچىلارنى ئويلايدۇ، ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا دائىم ئۆزىنىڭ دەرسلىك پىلانىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.

10. قابىل ئوقۇتقۇچى ئامال بار كۆپرەك ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، دائىم ئۆزىنىڭ گىېپىنى يورغىلىتىپ يۈرىيدۇ.

11. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرگە گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولىشىغا مەدەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆز گېپىگە پۇتاق چىقىرىشىدىن قورقۇپلا يۇرىيدۇ.

12. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت دەرس مەزمۇنىنى ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

13.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىكى بىلىم سەۋىيەسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشتىن ئاخىر ئوقۇغۇچىلار ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.

14.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مۇلاھىزە قىلىۋاتقان مەسىلىنىڭ تالاش-تارتىش قىممىتىنىڭ بار-يوقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەر ھەققىدە راۋان پىكىر قىلالىشىنىلا قوغلىشىدۇ.

15. قابىل ئوقۇتقۇچى دەرستىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىشنى دەرسخانىنىڭ داۋامى دەپ قارايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، دەرس ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنلا“ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولدى“ دەپ قارايدۇ.

16. قابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بالىلارنىڭ دەرستىن پەقەت تەييار جاۋابلارنى تېپىپ بەرسىلا شۇنىڭغا رازى بولىدۇ.

17.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بايقاشقا يېتەكلەيدۇ، مۇئەللىمنىڭ خاتا كەتكەن جايلىرىنى دادىللىق بىلەن تۈزىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغان جايلىرىنى ئوغۇرلۇقچە ئۆزگەرتىۋىلىشنى ئالاھىدە بىر دەرس ئۆتۈش تاكتىكىسى دەپ قارايدۇ.

18. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ھەر خىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ.

19. قابىل ئوقۇتقۇچى دائىم ئۆزى ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بىلمىسىمۇ بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

20. قابىل ئوقۇتقۇچى مۇھىم ھەم ئاچقۇچلۇق نوقتىلارنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، ھەممىنى قارا-قۇيۇق سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ.

21. قابىل ئوقۇتقۇچى قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ۋە قانداق ئادەت يېتىلدۇرۇشنى بالىلارغا ئۆگىتىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، پەقەت كىتابى بىلىم ۋە جاۋابلارنى بالىلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇپ قويۇشنى مۇھىم ئىش دەپ قارايدۇ.

22.قابىل ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە خاس دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى يارىتالايدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، باشقىلارنى دوراش ۋە تەقلىد قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.

23. قابىل ئوقۇتقۇچىنىڭ پىكىر قىلىشى ئۇچۇق،دادىل ھەم رېتىملىق بولىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، بالىلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ، مەركىزى نوقتىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

24.قابىل ئوقۇتقۇچى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدىكى ئىدىيىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ ھەمدە دەرسخانىدا جانلىق ھالدا ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ نىگىزىنى ئەمەس، شەكلىنى قۇبۇل قىلىدۇ، دەرسخانىدا باشقىلار تۈزۈپ بەرگەن قېلىپ بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ.

25.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى، ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ بۇنىڭ ئىچىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش پۇرسىتى ئىزدەپ تېپىشقا ئىنتىلىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشى ۋە پىكىر قىلىشى بىلەن كارى بولماستىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرىيدۇ.

26.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بالىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇچقۇنلىرىنىڭ يالقۇنلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت بالىلارنىڭ جاۋابىنىڭ تولۇق ياكى تولۇق ئەمەسلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

27.قابىل ئوقۇتقۇچى قېتىرقىنىپ كىتاب ئوقۇشتىن كېيىنكى ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى جاۋابقا مۇناسىۋەتلىك ئۈزۈندىلەرنىڭ توغرا ئېلىنغان –ئېلىنمىغانلىقى بىلەنلا قانائەتلىنىدۇ.

28.قابىل ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھان قەغەزلىرىنى دەل ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ.ناقابىل ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق ۋە ئىمتىھانلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئىش تۈگىدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ.

29. قابىل ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە دەرستىن كېيىن ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ھەممىگە ئورتاق ھالدا دەرس ئۆتىدۇ. كىم بىلىۋاتىدۇ، كىم بىلمەيۋاتىدۇ؟ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلىدە ئېنىق بىر سان بولمايدۇ.

30. قابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ئىگەللىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئوقۇش-يېزىش، ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن جاۋابلىرىنىڭ توغرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلىشىدۇ.

31. قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسىگە قاراپ تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقلارنى ئەركىن-ئازادىلىك ئىچىدە ئورۇنلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا، تاپشۇرۇقلارنى قارا-قۇرۇق ئۇرۇنلاشتۇرىۋېرىدۇ.

32.قابىل ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا دائىم: بۇ مەسىلىنىڭ قىيىن تەرەپلىرى بار، ئالدىرىماڭلار، ئاۋۋال ئەستايىدىل ۋە تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭلار، يەنە بىلەلمىسەڭلار، ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلساقمۇ بولىدۇ، دېگەندەك گەپلەرنى دەيدۇ. ناقابىل ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلارغا :سىلەر نىمانداق دۆت، مۇشۇنداق ئاددىي مەسىلىنىمۇ ھەل قىلالمىدىڭلارمۇ؟ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ.

ياقتۇرۇپ تەرجىمە قىلغۇچى: لوپنۇرى

مەنبە:خەنزۇچە ”ئوقۇتقۇچىلار سالۇنى(教师博览) ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 1-سانى

توردىكى مەنبەسى:

 http://wenku.baidu.com/link?url=tRrwrKFdjd6RP9frcKGIfCIX7JdCMTNtd8cvwt9xTxWnAclwJWS0-6Cw5unwq6QIn1cfFRNFPOzijl4jl9fL5rJ5ylXe2KrRqcVyXyxXYvW


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3580

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-29
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: مائارىپ-پىسخىلوگىيە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: