ئەتە گۈل كۆتۈرگەن ئۇيغۇرنى كۆرگۈم يوق

ۋاقتى: 2012-02-13 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 667 قېتىم / 11 دانە باھا يوللانغان باھا

 

ئەتە گۈل كۆتۈرگەن ئۇيغۇرنى كۆرگۈم يوق

 

ھەممىمىزگە ئايان دۇنيادا ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئوخشىمىغان رايۇن ئالاھىدىلىكى،كېلىپ چىقىش تارىخى،ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى خاسلىقى بىلەن ئۆز تارىخىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە كۈنلەرنى خاتىرلەش يۈزسىدىن ھەر خىل بايراملارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.دۇنيادىكى بايراملارنىڭ تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا،تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دىن بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرىنى بۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ“بايرام“دىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تەبرىكلەش پائالىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بايرام كۈنلىرىدە ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى تەبرىكلەش،قۇتلۇقلاش،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش،بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئادەتلەرنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنى ئاساسي مەقسەت قىلىپ كەلگەن.شۇڭىلاشقا ھازىر بىز تەبرىكلەۋاتقان بايراملارنىڭ بەزىلىرى ئىسلام دىنى بىلەن،بەزىلىرى خىرستىيان دىنى بىلەن،بەزىلىرى كاتولىك دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.(مەسىلەن:روزى ھېيىت،قۇربان ھېيىت ئسلام دىنى بىلەن؛روجىستىۋا بايرىمى،پاسخا بايرىمى قاتارلىقلار خرىستىيان دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك).ئايرىملىرى شۇ مىللەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش موھىتى،ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.(مەسىلەن:نۇزۇز بايرىمى،مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بايرىمى،سۇ چېچىش بايرىمى،چوكانتال بايرىمى قاتارلىقلار).

بۇنداق بايراملار مېنىڭچە ئەسلى مەنىسى بويىچە بولغاندا مىللىي ئەنئەنىلەرنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىشى،مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىشى،ئەۋلات بىلەن ئەجدات ئوتتۇرسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرىشى كېرەك ئىدى.ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتە مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۇچىرىشىش سۈرئىتى تىز،مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى قۇيۇق بولغانلىقى سەۋەبلىك،بۇرۇندىن مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان بايراملار تەدىرىجى باشقا مىللەتلەرنىڭ بايرام چۈشەنچىلىرىگە سىڭىپ كىرىپ،ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ بايرىمىغا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى قۇيۇقلاشماقتا.مەسىلەن:دۆلىتىمىزنىڭ باھار بايرىمى(چاغان)ئەسلىدە خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئاساسلىق بايرىمى بولسىمۇ،كىيىنچە مانجۇ، مۇڭغۇل، ياۋزۇ، جۇاڭزۇ، بەيزۇ،گاۋشىيەنزۇ، خانى، داغۇر، تۇڭزۇ،لىزۇ،تۇجازۇ، بۇيىزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ چاغان ئۆتكۈزىدىغان بولغان،لىكىن چاغان ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرىدە ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.مانا بۇ دۆلىتىمىزدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ نەتىجىسى.

شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت قۇبۇل قىلىشتا تىز سۈرەتلىكلىكى،ئاكتىپچانلىقىنىڭ يۇقىرلىقى،بەزىدە مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىۋەتمەيدىغانلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مىللەت بايراملىرىنىڭ تەسىرىگە خېلى چوڭقۇر ئۇچىراشقا باشلىدى. نەتىجىدە،ئۆزىنىڭ بەزى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى بىلمەيدىغان ئەۋلادلار بارغانسىرى كۆپىيىپ،ئاتا-بوۋىلىرى ئەزەلدىن خاتىرلەپ باقمىغان بايراملارنى يۈگرەپ يۈرۈپ خاتىرلەيدىغان باسقۇچقا يەتتى.غەرب مەدەنىيىتىنىڭ باشقا مەدەنىيەت ئىقىملىرىغا قارىغاندا سىڭىشىشچانلىقىنىڭ يۇقىرلىقى،ھەر خىل چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچىرمايدىغانلىقىدەك خاراكتىرى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ پىسخىك تەرەققىياتىغا يول ئېچىپ بەرگەچكە،نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھېچنىمىنى ئاڭقىرماي تۇرۇپلا ئۆزىنى ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى.روزى ھېيىت،قۇربان ھېيىت ۋە نۇرۇز بايراملىرىدا ئۆيىدە تېنچ ئولتۇرۇپ،ئاتا-ئانىسى ئورۇق-تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ بارايلى دەپ يالۋۇرسىمۇ سىرتقا چىققىلى ئۇنىمايدىغان بەزى ياشلىرىمىز،روجىستىۋا بايرىمى،ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەندەك بايراملار كەلسە،بۇ بايراملارنى تەبرىكلەش ئۈچۈن سىرتقا كەلكۈن سۈيىدەك يامراپ چىقىشقا باشلىدى.ئەمىلىيەتتە بۇلار ئانا مەدەنىيىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى،نىمىلەرگە يول قۇيۇپ،نىمىلەرگە چەك قۇيىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقىرىپ قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزى تەبرىكلەۋاتقان بايرامنىڭ قانداق خاراكتىردىكى بايرام ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشكە ھورۇنلۇق قىلغان ئىدى.شۇڭىلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق بۇ بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەشۋىق قىلىپ تۇرسىمۇ،بۇ گەپلەر كۆپىچىلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى.جۈملىدىن ئەتە يىتىپ كېلىدىغان ئاتالمىش ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بۈگۈندىن باشلاپلا نۇرغۇن يىگىت-قىزلىرىنىڭ خۇشاللىقلىرىنى،تەققازالىقلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.بۈگۈن رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ بىۋاستە ئاڭلىتىدىغان تەلەپ-تەقدىم پروگراممىلىرى تېلېفۇننىڭ جىقلىقىدىن قايسىنى ئېلىشنى،قايسى مېھماننىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى بىلەلمەي قالدى.رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان تىلەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەتىدىكى ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بايرىمى ئۈچۈن بولىۋاتاتتى.تۇيۇقسىز بىر ئۇيغۇر يىگىتنىڭ تېلېفۇندا دېگەن مۇنۇ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىردى:

رىياسەتچى:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تېلىفۇنىڭىز ئۇلاندى،قايسى ناخشىنى تەلەپ قىلىسىز؟

يىگىت:ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم ئىجراسىدىكى“ياشلىق“دېگەن ناخشىنى تەلەپ قىلىمەن.

رىياسەتچى:بۇ ناخشىنى كىمگە نىمە ئۈچۈن تەلەپ قىلىسىز؟

يىگىت:مەن بۇنى بارلىق ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئەتىدىكى بايرىمىنى تەبرىكلەپ تەلەپ قىلاي دېگەن.

رىياسەتچى:رەخمەت سىزگە،مەن بارلىق ئاشىق مەشۇقلارغا ۋاكالىتەن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن.

يىگىت:ھە راست،مەن بۇ ناخشىنى بارلىق ۋىسالغا يىتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بايرىمىنى تەبىرىكلەپ تەلەپ قىلىمەن.

رىياسەتچى:مەن بارلىق ۋىسالىغا يىتەلمىگەن ئاشىق-مەشۇقلارغا ۋاكالىتەن سىزگە يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتىمەن.

يىگىت:(بىر خىل قوپال ئاھاڭدا)سىز ماڭا رەخمەت ئېيتماڭ،ئاشىق-مەشۇقلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن باش ئەگىمدىكى تاھىر-زۆھرەگە رەخمەت ئېيتىڭ.

يىگىت مۇشۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپلا تېلېفۇننى قويىۋەتتى،نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالغان رىياسەتچى بىر دەم تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى-دە،ئۇمۇ ئۆزىنى بۇ ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن“ياشلىق“دېگەن ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويىۋەتتى.

كاللامدا شۇنداق چىگىش،زىدىيەتلىك خىياللار ئۆز ئار توقۇنۇشماقتا.رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سالىمى“ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام“ بولغىنى بىلەن  ئۇلارنىڭ تەبرىكلەۋاتقىنى دۆلەت،دىن،مەدەنىيەت جەھەتلەردە پۈتۈنلەي يات بولغان بىر بايرام ئىدى.ئاخىردا ئوتتۇرسىغا تاھىر-زۆھرەنى قىستۇرۋىلىشلىرىچۇ؟مانا بۇ ئېتقاد جەھەتتىكى،مەدەنىيەت جەھەتتىكى نادانلىقنىڭ مەھسۇلى بولماي نېمە؟

”گۈل“ئۇيغۇرلاردا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا كۆڭۈل سىرلىرىنى يەتكۈزىشىگە ياردەم بىرىدىغان كۆۋرۈك.ئۇ ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپلا بۇلبۇل بىلەن بىرلىكتە باغلىنىپ مۇھەببەتنىڭ سىمۇۋۇلى سۈپىتىدە بىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىمىزغا سىڭگەن.ئۇنىڭ كىلاسسىك يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى تەسۋىرلىرىدىن بىز بۇ نوقتىنى تولۇق تونۇپ يىتەلەيمىز.بۇرۇنقى ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە،بۇرۇن يىگىتلىرىمىزنىڭ قىزلىرىمىزغا مۇھاببەت ئىزھار قىلغاندا،گۈل سوۋغا قىلىدىكەن.لىكىن گۈلنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى رولى ئاللىقاچان بۇ تار دائىردىكى چۈشەنچىدىن ھالقىپ كەتكەن.ئۇ ئاتا-بالا،ئۇرۇق-تۇققان،دوست-بۇرادەر،ئەر-ئايال،ئۇستاز-شاگىرتلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت،كۈيۈنۈش،تىلەك ۋە دوستلۇقلىرىنى يەتكۈزۈشتىكى ۋاستە.گۈلنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئوبرازى مۇھاببەت بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ،سوۋغا قىلىش پەيتى،مەزگىلى،مەقسىتى،تەبرىكلەش ئوبىكتى جەھەتتىن بىر بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئەتە كوچىدا رەڭمۇ-رەڭ گۈل كۆتۈرگەن ئۇيغۇر يىگىت قىزلىرنىڭ شەھەر كوچىلىرىنى باشقىچە ئاۋات تۈسكە كىرگۈزدىغانلىقى ئېنىق.مەن بۇيەردە ئەڭ ئاۋال ئاشۇ گۈل كۆتۈرگەن يىگىت قىزلىرىمىزنىڭ دېققىتىگە بۇ بايرامنىڭ قانداق بايرام ئىكەنلىكىنى بىر سۇناي:

”ئاشىق مەشۇقلار بايرىمنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار كۆپ خىل.بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر بۇ بايرام St. Valentine ئىسىملىك كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ.ئۇنىڭ يۇرتى رىم،خىرىستىيان دىنىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن،مىلادىدىن ئىلگىرىكى 260-يىلى 2- ئاينىڭ 14-كۈنى ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن.بۇ كۈن دەل پۈتۈن شەھەر خەلقى مۇھەببىتىنى تاللايدىغان كۈن ئىدى.“

شۇنداق بۇ بايرام ئەسلىدە بىزگە پۈتۈنلەي يات دىندىكىلەرنىڭ بايرىمى.بىز ئىسلام دىنى موھىتىدا ياشاپ كېلىپ،ئىسلام دىنىنى ئۆزىمىزگە روھى تۆۋرۈك قىلىپ كېلىۋاتقىلى 1000يىلدىن ئاشتى.ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقايلى خىرستىيان دىننىڭ شايكىلىرى ئۈچۈن،گۈل كۆتۈرگەن قوللىرىمىز تىتىرەۋاتامدۇ يوق؟بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

مېنىڭچە ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇرۇندىن ياخشى ئوبرازدا نامايەن بولىۋاتقان گۈلنى ئۆزىڭىزگە ناتونۇش بايرام بىلەن چەكلەپ قويماڭ.ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىڭىزنىڭ قىممىتىنى تونۇڭ،باشقىلارنىڭ بايرىمىنى قارغۇلارچە قۇبۇل قىلماي،ئۆزىڭىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرى سىڭگەن بايراملىرىڭىزغا ئالاھىدە كۆز بىلەن قاراڭ.پەقەت مىللىي خاراكتىرڭىزنى ساقلاپ،مىللىي ئوبرازىڭىزنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ قويمىسىڭىزلا قېرىنداشلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر كۈن سىز ئۈچۈن بايرام. ھايات مۇساپىڭىزدە سۆيگىنىڭىز بىلەن ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە كۈنلىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سەت،ئىدىيىسىگە غەيرى بولغان شەكىللەر بىلەن قاماپ قويماڭ.ئۇلارغا كۆيۈنىشىڭىز مۇشۇ بىر كۈندىلا ئالاھىدە بولۇپ قالمىسۇن.ئۇلارغا ھەققىي تۈردە كۆيۈنەي دېسىڭىز،بۇ بىر كۈن ۋاقىت بەك،بەك قىسقا.

 ئەتە خرىستىيانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى.بۇ جۈملىنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىغا ئوبدان دېققەت قىلىڭ.ئەتە چوقۇم كوچىغا چىقىڭلار،لىكىن بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەمەس،ئۆز تىرىكچىلىكىڭلار ئۈچۈن چىقىڭلار.مەنمۇ ئەتە كوچىغا چىقىپ ئايلىنىمەن.مەن كوچىغا ئۇيغۇرۇمنىڭ نورمال تورمۇش رېتىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقىمەن.قولىدا ۋاقىتلىق مۇھاببەتنىڭ پاسپورتىنى كۆتۈرۋالغانلارنى كۆرۈش ئۈچۈن چىقمايمەن.شۇنداق ئەتە ئۇيغۇرغا ھېچقانداق ئالاھىدە كۈن ئەمەس،شۇڭا كوچىدا گۈل كۆتۈرۋالغان ئۇيغۇرنى كۆرگۈم يوق.

 

 

11نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ئۇيغۇربەگ
    2012/02/17 12:18:26

    كىچىك چاغلىرىمدا ئاشۇ كۈنى گۈل سېتىپ پۇل تاپقىنىم ئېسىمگە كەچتى…

  2. بىلنۇر
    2012/02/14 17:19:37

    شۇنداق يات دىننىڭ يات مىللەتنىڭ بايرىمىنىڭ بۇنداق ئومۇملىشىپ كېتىشى ھەقىقەتەن ھەمىمىز ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك بىر مەسلە.بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۋاتقان ياشلىرىمىزنى مۇشۇنداق ئىلمى نەسىھەت خاراكتىردىكى ماقالىلەر بىلەن ئىلمى دەلىللەر بىلەن توسۇشىمىز كېرەك ،شۇنداق ياخشى يېزىپىسىز قېرىندىشىم.

    • lopnuri
      2012/02/14 20:00:51

      كۆز-قاراشلىرىمنى قوللىغىنىڭىزغا ۋە مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

  3. تورباجىن
    2012/02/13 13:01:34

    گۈل كۆتۈرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.نادان ،ماتىريال كۆرمەيدىغان ئادەملىرىمىز يەنىلا يىتەكلەشكە مۇھتاج.

    • lopnuri
      2012/02/13 14:16:21

      توغرا دەيسىز. بۇ بايرامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر يولىلا توسۇپ قالالمايمىز. لېكىن ،«توسۇپ قالالمايمىز» دەپ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بىلدۈرۈشتىن يالتىيىپ قالساق بولمايدۇ. داۋاملىق ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئىشلىشىمىز لازىم.

  4. رىسالەت
    2012/02/13 10:34:05

    بۇ بايرام ھەققىدە مۇنداقمۇ بىر قاراش بار. مىلادى مانچىنچى ئەسىردە خىرىستىيان بىر ھۆكۈمدار بىر ئەلگە ئۇرۇش ئېلان قىلماقچى بولۇپ، پۈتۈن خەلىقققە ئۇرۇش مەزگىلىدە توي قىلىشقا، نىكاھ ئوقۇشقا بولمايدۇ، دەپ پەرمان چۈشۈرگەنكەن. لېكىن بىر ئاشىق-مەشۇقنىڭ بەك توي قىلغۇسى كەپ كېتىپ، يۇشۇرۇنچە بىر چىركاۋدا نىكاھ ئوقۇتۇپتۇ. ھېلىقى ۋالنىتر پوپ ئەپەندى ئۇلارنىڭ نىكاھىنى ئوقۇپ قويۇپتۇ. بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن، پوپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. شۇڭا بۇ كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ بايرام مەيدانغا كەلگەن. دىيىشىدىكەن خەقلەر.

    • lopnuri
      2012/02/13 10:42:06

      بۇ كۆز قاراشنىڭمۇ خېلىلا ئىلمىي ئاساسى باركەن.

  5. رىسالەت
    2012/02/13 10:30:45

    بۇ بايرام ھەجەپ ئومۇملىشىپ كەتتى دىسە…. بىزمۇ بۇرۇن بۇ بايرامدىن نىسىۋە تەلەپ قىپتىكەنمىز. ھازىر قاتتىق ھەزەر ئەيلەيمەن. ئەمما ھەر كۈنى ئۆيدىكى ‹‹ بىزنىڭ ئادەم ›› بىلەن مېھماندەك ئۆتۈشكە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتىمەن. بۇ ھەقتە جىق ھېكايىلرىم بار.
    مېنى بىلوگىڭىزنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى قىلىۋالسىڭىز قانداق ؟

    • lopnuri
      2012/02/13 10:40:03

      ئەلۋەتتە بولىدۇ. مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمەن. ئېسىل يازمىلىرىڭىز بىلەن مېنىڭ بۇ غېرىبانە كۈلبەم ئاۋاتلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  6. يىپەك
    2012/02/13 10:09:54

    مۇشۇ تېمىنى باشقا بەتلەردىمۇ ئىلان قىلساق بولاتتى ،مەن مۇنبەرگە يوللاپ قۇياي ،،ماڭا بەك ياقتى ..

    • lopnuri
      2012/02/13 10:22:06

      بولىدۇ،تور بېكەتنى مۇنبەرگە ئۆزگەرتىپ بەك ياخشى قىپسىز. ئەمدى تەشۋىقاتنى ياخشىراق قىلىپ،دىيارىمىزدىكى تېخىمۇ كىشىلەر مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزە قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرايلى!

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif