ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئىستىتىك گۈزەللىك ھەققىدە

 

 

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى ئىستىتىك گۈزەللىك ھەققىدە

 

 

   كىشى ئىسىملىرى ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانىدا تىل بەلگىسى سۈپىتىدە بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئالاھىدە ۋاستە بولۇپ،ئىپتىدائىي جەمىيەتتە بارلىققا كەلگەن.ئىسىمنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانلارنىڭ ياۋايىلىقتىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ نىشانى.ئىسىمنىڭ ياخشى تاللىنىشى،توغرا ئاتىلىشى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇشى بىر مىللەت مەلۇم جاي ۋە مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قانداق ئىسىملارنىڭ قويۇلىشى،شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىستىتىك قاراشلىرى ۋە گۈزەللىك ئۆلچىمى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.

   كىشى ئىسىملىرى روشەن دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ماددي-مەنىۋىي ھاياتى،دىنى ئېتىقادىي ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن زىچ باغلانغان. ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆز مىللىتىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ،دەۋىر تەرەققىياتىغا ئەگشىپ ئۆزگىرىپ بارغان.جۈملىدىن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىمۇ ئاشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن.

   ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى كىشى ئىسىملىرىنى ھازىرقىلىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، بۈگۈنكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ مەنىسى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولۇپ،بۇنىڭدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشاش شارائىتى،ئىجتىمائىي تۇرمۇشى،ئۆرپ ئادىتى ۋە تارىخىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆزگىرىپ بارغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

   فرانسوز پەيلاسوپى لېۋى بروھىل ”ئىپتىدائىي ئىنسانلار ئۆز ئىسمىنى رىئال ۋە مەڭگۈلۈك مۇققەدەس نەرسە دەپ قارايتتى“، ”ئىندىئانلار ئۆز ئىسمىنى ئۆزىنىڭ ئاددىي بەلگىسى سۈپىتىدە ئەمەس،بەلكى ئۆز شەخسىيىتىنىڭ مۇستەققىل بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆز قارچۇقىدەك مۇھىم دەپ بىلەتتى.ئۇلار ئىسىمنىڭ كىشىلەرگە ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقى ۋە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن“دېگەنىدى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىمۇ . ئىسىمنىڭ قۇدىرىتىگە ئىشىنىدىغان ئادەت تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىسمىنىڭ قۇدىرىتىگە ئىشىنىشى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا شۇ ئىسىمنىڭ مۇققەدەس ئورۇننى ئىگەللىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىسىم قويۇش ئادىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇ ئىسىملاردا ئۇيغۇرلارنىڭ پاك روھى دۇنياسى،ئالىيجاناپ خاراكتىر خۇسۇسىيەتلىرى،يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ئىستىتىك كۆز قاراشلار بىلەن زىچ بىرلەشكەن ھالدا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ.ئەرلەرگە قويۇلغان ئىسىملار جاراڭلىق، ھەيۋەتلىك، كەسكىن مەنە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرگە بىر خىل يۈكسەكلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. ئاياللارغا قويۇلغان ئىسىملار ئۇلارنىڭ ھەر خىل خاراكتىر خۇسۇسىيەلىرىگە ماسلاشقان ھالدا قويۇلغان نەپىس، رەڭدار، يېقىملىق ئىسىملار بولۇپ، كىشىگە بىر خىل نازۇكلۇق، يېنىكلىك، نەپىسلىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ. شۇنداقلا ئەر-ئايال ئىسىملىرىدا ئەكىس ئەتكەن بىلىم ۋە تۇرمۇش گۈزەللىكى ھەققىدىكى ئورتاقلىقلار شۇ دەۋىردىكى ۋە بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي كامالەتكە يېتىش، ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلەش ۋە ئۇلۇغلاشتەك ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

     يۈكسەكلىك بىلەن نەپىسلىك گۈزەللىكنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى مۇھىم كاتىگورىيە بولۇپ، كەڭ ھادىسلەر ۋە شەيئىيلەردە ساقلانغان گۈزەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىر- بىرىگە نىسبەتلەشكەن ئىككى مۇھىم دائىرسى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىستىتىك سوبىكتىدە ئوخشىمىغان ئىستىتىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئىنسانىيەت قەدىمكى زامانلاردا تەبىئەتتىكى قۇدىرەتلىك كۈچلەر، چەكسىز ئاسمان، پايانسىز دېڭىز-ئوكيان،ھەيۋەتلىك تاغ-داۋان، شىددەتلىك چاقماق، بوران، يىرتقۇچ ھايۋان قاتارلىق يۈكسەك نەرسىلەر بىلەن گۈل، ئاي شولىسى، خۇشپۇراق چىمەنلەر، نەپىس كىپىنەك قاتارلىق نەرسىلەردىن ئوخشىمىغان ئىستىتىك تەسىر ئالغان. بۇ كىشىلەرنىڭ تەدىرىجىي ھالدا يۈكسەكلىك ۋە نەپىسلىك چۈشەنچىلىرىنى ئومۇملاشتۇرىشىغا ئاساس سالغان. بىز يۇقىرقىلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدىكى يۈكسەكلىك چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى، شۇنداقلا ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنىڭ  باشتىن-ئاخىر يۈكسەكلىك گۈزەللىكى بىلەن، ئاياللار ئىسىملىرنىڭ ئىزچىل تۈردە نەپىسلىك گۈزەللىكى بىلەن باغلىنىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بىز بۇنى تۆۋەندە ئايرىم-ئايرىم كۆرۈپ باقايلى:

     1. ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىدىكى يۈكسەكلىك

”ئادەم ئۆزىنىڭ مەنىسى ۋە يۈكسەكلىكىنى دەل ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ پائالىيىتى ئارقىلىق يارىتىدۇ،چۈشىنىدۇ.ئىنسان ئەڭ دەسلەپتە تەبىئەتكە نىسبەتەن تەسەۋۇرلۇق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىي جاناپلىقىنى سەزگەن(1)“ ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىكى يۈكسەكلىك ئالامەتلىرىگە ئىگە بولغان ئوبىكتىپ شەيئىيلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ئوتتۇرسىغا ئىپتىخارلىق، جاسارەت، ئىشەنچ تۇيغۇسى يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. بۇنداق ئالاھىدە يۈكسەكلىك تۇيغۇسى ئەجەپلىنىش، ھۆرمەتلەش، چوقۇنۇش، روھلىنىش،پەخىرلىنىش قاتارلىق روھى ھالەتلەر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. يۈكسەكلىك تۇيغۇسى ئىنساننىڭ ئىستىتىك ئوبىكتى ئالدىدا تولىمۇ كىچىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتىن باشلاپ، مۈشكۈللۈك ئۈستىدىكى غەلبە ئىپتىخارى بىلەن ئاخىرلىشىپ، كىشى روھىنى شىجائەتلەندۈرۈپ يېڭى كۈرەشكە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. بۇ خىل يۈكسەكلىك گۈزەللىكى ھەققىدىكى تۇيغۇ-چۈشەنچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا خېلى بۇرۇنلا شەكىللەنگەن بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەت ئالدىدىكى ئاجىزلىقلىرىنى ھېس قىلىپ، تەبىئەتتىكى ھەيۋەتلىك تۈستىكى شەيئىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قۇتقازغۇچىسى، ياراتقۇچىسى سۈپىتىدە مۇققەدەس بىلىپ ئۇلارغا چوقۇنغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىلىپ تاللىۋالغان. ئالىملار تەرپىدىن مىلادىدىن ئىلگىركى 4-5 ئەسىرنىڭ مەھسۇلى دەپ قارىلىۋاتقان ”ئوغۇزنامە“داستانىدا ئۆغۇزخان ئۆزىنىڭ ئالتە ئوغلىغا كۈنخان، ئايخان، دېڭىزخان، تاغخان، كۆكخان، يۇلتۇزخان دېگەندەك غايەت زور تەبىئەت جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش دەۋرىدە تۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدىكى مۇقەدەس، يۈكسەك دەپ قارالغان شەيئىلەرنى ئىسىم قىلىپ قويۇپ، شۇ شەيئىلەرنىڭ ئۆز روھىيىتىدىكى ئىستىتىك قىممىتى ۋە ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

   ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا ، مانىي، نېستۇرىيان دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە قويغان ئىسىملىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ، قەبىلىۋىي ئېتىقادلىرىغا ۋە ئەرلىك گۈزەللىكى ھەققىدىكى ئىستىتىك چۈشەنچىلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتىر ۋە روھىيىتىدىكى يۈكسەكلىكنى نامايەن قىلىشقا ئىنتىلگەن. مەسىلەن، باي بۆرى، بۆرى بەگ، ئارسلان، بۇغرا، شىڭقۇر(شۇڭقار)، توغرۇل(بىر خىل يىرتقۇچ ھايۋان)، بارس (يولۋاس)، ياغان(پىل)، بۇقا، قوچقار، چاغرى(بۈركۈت)، توڭا، تۇلپار قاتارلىق خاراكتىر جەھەتتىن يىرتقۇچ، لېكىن قورقماس، باتۇر ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرىنى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مەردلىكنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ ئىسىم قىلىپ قوللانغان. بۇ خىل ئىسىم قويۇش تا ھازىرغا كەلگۈچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

   ئۇيغۇرلار ئسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ دىن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادەتلىرىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا تەبىئەت، تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە ھايۋانلارنى مۇقەددەس بىلىش چۈشەنچىسى تەدىرىجى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان. ھەمدە بۇ شەيئىلەرنىڭ ئورنىنى ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئەڭ گۈزەل، ئەڭ بۈيۈك ۋە ھەممىگە قادىر بولغان ئاللاغا باغلىنىشلىق بولغان ئىستىتىك چۈشەنچىلەر ئىگەللىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلاردا ئاللاھنىڭ گۈزەل سۈپەتلىرىنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنى ئىسىم قىلىپ قويۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئېڭىدىكى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا مۇناسىپ بولغان ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ-ئېتىقادىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەرلەرنى ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ئارقىلىق يۇقىرى ئورۇنغان قويۇشقا تىرىشقان. مەسىلەن: ئابدۇخالىق(پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى ياراتقۇچى)، غاپپار(ئۆز بەندىلىرىنىڭ گۈناھىنى ئەپۇ قىلغۇچى)، بەسىر(كۆرگۈچى)، رازاق (پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ رىسقىنى بەرگۈچى)، سەمى (كۆرۈپ تۇرغۇچى)، قادىر (ھەممىگە قۇدىرىتى يەتكۈچى)… دېگەندەك ئىسىملاردا ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ۋە مۇققەدەسلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولسا، مۇھەممەد، سۇلايمان،ئابابەكرى، ئۆمەر، ئەلى، سىدىق، ئىسمايىل، يۈسۈپ قاتارلىق ئىسىملاردا بولسا پەيغەمبەرلەرنى، چاھاريارلارنى ئۇلۇغلاش خاھىشىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇرەھىم (رەھىملىك ئاللاھنىڭ بەندىسى)، ئابدۇسالام(سالامەتلىكنى بەرگۈچى ئاللاھنىڭ بەندىسى)، ئابدۇلئەلا(ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللاھنىڭ بەندىسى)، ئابدۇلباقى (مەڭگۈلۈك ئاللاھنىڭ بەندىسى)، پەتتار (دائىم غالىب ئاللاھنىڭ بەندىسى)، ئابدۇرۇسۇل (پەيغەمبەرنىڭ قۇلى)… دېگەندەك ئىسىملاردا ئەرلەرنى مۇقەدەس مەۋجۇتلۇق يۈكسەكلىك گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشى دەپ قاراپ، ئاللاھنىڭ ئۆز قەلبىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشقان ھەمدە ئەرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە يۈكسەك ئۇرۇنغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرمەكچى بولغان.

يۈكسەكلىك ئالامەتلىرىگە ئىگە بولغان ئوبىكتىپ شەيئىلەر بىلەن ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىدە غەلبە ئىپتىخارلىقى،جاسارەت ۋە ئىشەنچ، غايەت زور مۈشكۈللۈكلەر ئۈستىدىن كۆرەش قىلىش ئېلىمىتلىرىمۇ يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.بۇ كىشىلەر ئۈچۈن يالغۇز كۆرەش ئوبىكتى بولۇپلا قالماي، يەنە زوقلىنىش ئوبىكتى ھەم ئۆز جاسارىتىگە ئىلھام، سىما، قىياس، سىموۋۇل،قوشما تەسەۋۇر ئېلىش ئوبىكتى بولىدۇ. يۈكسەكلىكتىكى بۇ خىل ئالامەتلەردىن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئالپاغۇت (تاغ يۈرەك باتۇر)، بەگتاش (تاشتەك مۇستەھكەم ئەر)، تاشتۆمۈر، تۆمۈر، ئەسەد (شىر)، شىرزات (شىر بالىسى)، چىنتۆمۈر(تۆمۈردەك كىشى)، پولات، تاشپولات … دېگەندەك ئىسىملاردا تەبىئەتتىكى چىدامچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان جىسىملارنى ئەرلەرگە ئىسىم قىلىپ قويۇش، كۆرەش ئوبىكتى بولغان كۈچلۈك ھايۋانلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ خاراكتىرى بىلەن باغلاپ، كۆز ئالدىدىكى مۈشكۈللەرنى يېڭىپ ئۆزىگە خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلىشتەك ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن.

 ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇرلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ،ئوغۇللىرىنىڭ كەلگۈسىدە خاراكتىر جەھەتتىن مۇككەممەل، تاكامۇللاشقان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ قەھرىمان، باتۇر، قەيسەر، غەيۇر، كۈرەش… دېگەندەك دىندىن خالىي ئىسىملارنى قويۇشنى قوغلاشماقتا.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدىكى ئەرلىك گۈزەللىكى:

 يۈكسەكلىك، مۇققەدەسلىك قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان، كىشىگە يۈ كسەكلىك تۈيغۇسى بېرىدىغان نەرسىلەرنى ئىسىم قىلىپ تاللاشتەك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن. يەنى: 1)تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆز ئورنىنىڭ ئىگىزلىكى بىلەن يۈكسەكلىك ۋە مۇققەدەسلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان نەرسىلەرنى، ئۆزىنىڭ چەكسىزلىكى، بىپايانلىقى، تەڭداشسىز نۇر ۋە يورۇقلۇق ئاتا قىلالايدىغانلىقى قاتارلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئۇلۇغلىنىدىغان شەيئىلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن: كۈن، ئاي، دېڭىز، كۆك…دېگەندەك. 2)ئۆز ۋۇجۇدىدىكى كۈچتۈڭگۈرلۈك، قورقۇمسىزلىق قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن كىشىلەرگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيدىغان نەرسىلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن: بارىس، ئارسلان، چاغرى …دېگەندەك. 3)مەنە جەھەتتىن مۇقەدەسلىك، يۈكسەكلىك بىلەن باغلىنىدىغان خاركتىر جەھەتتىكى يۈكسەكلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغان مەسىلەن: ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ئاتالغان ئىسىملار ۋە قەيسەر، شىجائەت، يۈكسەك … دېگەندەك.

2. ئاياللار ئىسىملىرىدىكى نەپىسلىك

 ئاياللارنىڭ خاراكتىرىدىكى مىھرىبانلىق، نازۇكلۇق،چېچەنلىك، چاققانلىق؛ بوي تۇرقىدىكى زىبالىق، زىلۋالىق، ئەۋرىشىملىك؛ سۆز-ھەرىكىتىدىكى سىلىقلىق، يۇمشاقلىق، نەپىسلىك ئاياللارنى گۈزەللىك قەسىرىنىڭ مەلىكىسىگە ئايلاندۇرغان. شۇڭىلاشقىمۇ ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئايال ئىلاھ ھەيكىلىنى ئورناتقان. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى، چىۋەرلىكى،ساداقەتمەنلىكى ئۈزۈلمەي ياڭراپ كېلىۋاتقان مەدىھەلەرنىڭ مەركىزى قىسمى بولۇپ، كىشىلەر تەرپىدىن ئەڭ گۈزەل،ئەڭ نازۇك، ئەڭ نەپىس دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا سىمۇۋۇل قىلىنغان.

نەپىس، كۆركەملىك ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئوبىكتىپ گۈزەللىك بولۇپ، مىقدار، ھەجىم، كۈچ-قۇدىرەت جەھەتتىكى چاققانلىقى، نەپىس، نازۇكلىقى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. بىز چېچەك، گۈل، ئاي، كۈن، بەدىئىي سەنئەت بويۇملىرى قاتارلىقلاردا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكىللىرىنى كۆرىۋالاليمىز. نەپىسلىكتىكى تەبىئەت دۇنياسى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بۇ خىل مەۋجۇتلۇق شەكىللىرى كىشىلەرنىڭ تەبىئەتنى ئۇلۇغلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ روھىيىتىگە سىڭىپ تەبىئەتتىكى نەپىسلىك بىلەن ئادەمدىكى نەپىسلىكنى ئىپادىلەشكە قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئۇيغۇرلار ھېسسىي چۈشەنچىلەرگە باي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەبىئەتتىكى ئەڭ نەپىس، نازۇك، گۈزەل، كۆركەم شەيئىلەرنى ئاياللارغا ئىسىم قىلىپ قويۇشنى ئاساسى ئورۇنغا قويغان.

گۈل-ئاياللارغا سىمۇۋۇل قىلىندىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىستىتىك قىممەت يارىتىش جەھەتتە  ئۇنىڭ كىشىلەر ئېڭىدىكى تەسىرى باشقا ئۆسۈملۈكلەرگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭقۇر. گۈل كۆرۈنىشى جەھەتتىن كۆركەم،ماددىلىقى جەھەتتىن يۇمشاق، يۇمران، نازۇك،پۇراقلىق بولغاچقا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۆز مەشۇقلىرىنى گۈلگە، ئۆزىنى بولسا، گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرۇپ سايرىغان بۇلبۇلغا تەققاسلاپ، گۈل ھەققىدە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرىتىدىغان ئوتلۇق مىسرالارنى قالدۇرغان. شۇنىڭدەك ئۆز قىزلىرىنىڭ گۈلدەك چىرايلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ ”رەيھانگۈل، مودەنگۈل، رەناگۈل…دېگەندەك ھەر خىل بىۋاستە گۈل ناملىرى بىلەن گەلگەن ئىسىملارنى قويۇش بىلەن بىرگە، يەنە باش-ئاخىرىغا ”گۈل“سۆزى قوشۇلغان نۇرغۇن ئىسىملارنى قويغان. بۇخىل ئىسىملارنى قويۇش ئۇيغۇرلاردا ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى ئىسىملارلا 300دىن ئاشىدۇ. مەسىلەن:گۈلمىھرى، گۈلجەننەت، گۈلزار، گۈلجامال، گۈلجاھان، گۈلپەرى،گۈلزەپەر، گۈلىستان…دېگەندەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار گۈلنىڭ ئەمدىلا ئېچىلىش ھالىتىدە تۇرغان ھالىتىنى قىزلارغا ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن:غۇنچەم، غۇنچىقىز، غۇنچەئاي، غۇنچىگۈل …دېگەندەك. بىز يۇقىرقىلاردىن كۆرۈنىشى كۆركەم، نەپىس ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى يۇقىرى ئىستىتىك مەنىگە ئىگە قىلغانلىقىنى ۋە گۈلنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدىكى ئۇرنىنى كۆرىۋالاليمىز.

چېچەك- ئەڭ دەسلەپ كىشىلەرگە باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىغان، كۆرگەن كشىنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە نىسبەتەن بىر خىل سۆيۈندۈرۈش، ئىلھاملىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلالايدىغان، نەپىس ۋە نازۇك بىر خىل شەيئىي بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئاياللارنىڭ خاراكتىر-خۇسۇسىيەتلىرى ۋە تەققى-تۇرقى بىلەن ماسلاشقانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنىڭ نامىنى قىزلارغا ئىسىم قىلىپ قويغان. بۇ خىل ئىسىملارنى قويۇش ئۇيغۇرلاردا خېلىلا  بۇرۇنلا باشلانغان. مەسىلەن: ئايچېچەك، چېچەك بىكە(گۈلدەك خېنىم)، قىرچېچەك(يۇرت گۈلى)، چېچەكئاي …دېگگندەك.

ئاي- قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلاردا گۈزەللىك ، ئۇلۇغلۇق، بەخت-سائادەتنىڭ سىموۋۇلى قىلىنىپ كەلگەن. ئاينىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ نۇرىغىچە بولغان خۇسۇسىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدا ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇننى ئىگەللىگەن. شۇڭىلاشقا، كىشىلەر ئاينىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرىنى ئاياللارنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىگە سىمۇۋۇل قىلغان ھەمدە ئوبرازلىق ئوخشىتىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا مۇشۇ خىل ئادەتنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىلىرىدە گەۋدىلەندۈرگەن. قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدا ”ئاي“ سۆزى ئايرىلماي قويۇلۇپ كەلگەن. لېكىن كىيىن بارا-بارا ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىغا تۇراقلىشىپ قالغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك كۆز-قاراشلىرىنىڭ بىر خىل ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. مەسىلەن: ئايسېلىگ (ئايدەك پاك)، ئايبېكە(ئايدەك خېنىم)، ئايبانۇ(ئايدەك مەلىكە)، ئايسىما(ئاي يۈزلۈك)، ئاينۇر، ئايپەرى،ئايتۇرسۇن، ماھىنۇر، ئايسۇلتان، ئايتۇلۇن، گۈزەلئاي… دېگەندەك ئىسىملاردا كىشىلەرنىڭ ئايدىن ئالغان گۈزەللىك ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئارزۇ –ئارمانلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈنخان، كۈنسېلىگ(كۈندەك ئىللىق)، كۈننىسا، شەمسىيە،زۆھرە،چولپان،ئەختەرنىسا، خۇرشىدە قاتارلىق ئىسىملاردا كۈن ۋە يۇلتۇزلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدىكى كۆركەملىك ۋە نەپىسلىككە قاراپ قىزلارغا ئىسىم ئوبىكتى قىلىپ تاللانغان.

ئۇيغۇرلار يەنە تەبىئەتتىكى قىممەتلىك، كۆركەم، رەڭدار مىتاللارنىڭ نامىنى ئاياللارغا ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن: ئالتۇنخان، كۈمۈشخان، كۈمۈشئاي،ئالتۇنگۈل…قاتارلىق ئىسىملاردا ئالتۇن ۋە كۈمۈشتەك قىممەتلىك مىتاللارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قوللانغان بولۇپ، ئۇ مىتاللارنىڭ قىمەلىكلىكى ئارقىلىق ئۆز قىزلىرىنى ئەتىۋارلىق بىلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مىتاللاردىن نەپىس سەنئەت بويۇملىرى ۋە بېزەكلەر ياسىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ نەرسىلەرنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ قوللانغان.

ئىنسان تۈزۈلمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ، ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى ئۆزىدە نەپىسلىك ئالامەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇيغۇرلار ئاياللارنىڭ بوي-تۇرق جەھەتتىكى زىلۋالىق، زىبالىق، ئەۋرىشىملىك قاتاتلىق ئالاھىدىلىكلەرنى تەبىئەتتىكى زىلۋا،نازۇك،ئىنچىكە نەرسىلەرگەسىمۇۋۇل قىلغان ھەمدە ئۆز پەرزەنتىلىرىنىڭ بوي-تۇرقىنىڭ ئاشۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ چىنارخان، سەرۋى، سەرۋىنىسا، سەرۋىقامەت، دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا تەبىئەتتىكى مەلۇم پەسىلنىڭ، مەلۇم بىر يېڭىلىقلنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىدىغان ماددىلىقى جەھەتتىن يۇمران،نازۇك، يۇمشاق نەرسىلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن:مايسىگۈل،چىمەنگۈل،نىلۇپەر…دېگەندەك.

ئاياللارنىڭ قەلب گۈزەللىكى بولسا، مىجەز-خۇلۇق جەھەتتىكى نەپىسلىكى ۋە كۆركەملىكىدىن ئىبارەت. ”ئاياللاردىكى چىرايلىقلىق ياكى سەتلىك پەقەت ۋاقتىنچە،مۇلايىملىق ۋە مىھرىبالىق بولسا چەكسىزلىككە ئىگە. ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى مۇلايىملىقىدا تەبىئىي جۇلاللىنىپ تۇرىدۇ، مۇلايىم بولمىسا، ھەر قانچە گۈزەل چىرايمۇ ئادەمنى يىرگەندۈرۈپ قويىدۇ(2)“. بۇ نوقتىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلار مەنە جەھەتتىن ئاياللارنىڭ مىھرىبانلىق، ئۇياتچانلىق،نازۇكلۇق، مۇلايىملىق قاتارلىق خاراكتىر ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باغلىنىدىغان سىلگبىكە(مۇلايىم قىز)، شەكىلە(گۈزەل،نازۇك)، ئۇۋۇتلۇغ بىكە(ئۇياتلىق خېنىم)، قوزىبىكە(سۈيۈملۈك خېنىم)، مىھرىبان، مىھرىئاي، نازاكەت، نازىگۈل،نۇزۇگۈم… قاتارلىق سۆزلەرنى قىزلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ، قىز-ئاياللارنىڭ چىراي گۈزەللىكىلا ئەمەس، بەلكى قەلب گۈزەللكىدىنمۇ نەپىسلىك گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.

دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىتىك ئېڭىدىكى ئاياللىق گۈزەللىكى نازۇكلۇق،ئۇياتچانلىق، مىھرىبانلىق، مۇلايىملىق،زىلۋالىق، ئەۋرىشملىك قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان نەپىسلىك گۈزەللكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستىتىك چۈشەنچىلەرنى ئاياللارغا ئىسىم قويۇشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەم دەپ قاراپ كەلگەن. ھەمدە تەدىرىجىي ھالدا لەرزان، يېنىك، نازۇك تۇيغۇ بېرىدىغان نەرسىلەرنى ئىسىم قىلىپ تاللاشتەك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن. يەنى ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزىنىڭ چىرايلىق، كۆركەملىكى، نازۇك-نەپىسلىكى، قەددى-قامەت جەھەتتىكى تۈز ياكى ئەۋرىشىملىكى بىلەن ئۆسۈملۈك ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قويغان. مەسىلەن:گۈل، چېچەك، ئانار،چىنار دېگەندەك.

تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە مۇقەدەسلىكى بىلەنلا ئەمەس، نۇر ۋە يورۇقلۇق ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر خىل يىقىملىق، ئىللىقلىق ھوزۇرى بەخىش ئىتەلەيدىغانلىقى، روھنى ئۇرغۇتۇپ ئىلھام مەدەت بېغىشلايدىغانلىقى شۇ ئارقىلىق كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغانلىقى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن نەپىسلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان نەرسىلەرنى ئىسىم قىلىپ تاللىغان. مەسىلەن:ئاي، كۈن، يۇلتۇز،نۇر…دېگەندەك. ئومۇمەن، مەنە جەھەتتە نازۇكلۇق، نەپىسلىك بىلەن باغلىنىدىغان شۇ ئارقىلىق خاراكتىر جەھەتتىكى نەپىسلىككە باغلىنىدىغان سۆزلەرنى ئىسىم قىلىپ قويغان.

3. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى بىلىم گۈزەللىكى، تۇرمۇش گۈزەللىكى ۋە ئىجتىمائىي بەخت توغرىسىدىكى قاراشلار

بىلىم-ئىقتىدار گۈزەللىكى ئىنساننىڭ قەلب گۈزەللىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق گۈزەللىكلەرنىڭ بىرى. بىلىم –ئىقتىدار ئىنساننىڭ ئەڭ ئالىي بەلگىسى، ئىنسان بەخت-سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى. بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ئادەم بىلەن بىلىمسىز، ئىقتىدارسىز ئادەمنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي قىممەت پەللىسىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى خەلقىمىز خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن.شۇڭىلاشقۇمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدەبىلىملىك، ئەقىللىق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ئۇلارغا بىلىم بىلەن باغلىنىشلىق ئىسىملارنى قويۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىز تەبىئەتكە بولغان تونۇشىنىڭ چڭقۇرلىشىشىغا، ئىستىتىك ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ ساددا تەسەۋۇرلار بىلەن يۇغۇرۇلغان تاغ، كۈن،يۇلتۇز…دېگەندەك ئىسىملارنى بارا-بارا تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلىم-مەرىپەتكە ئىنتىلىش مەزمۇنىدىكى كۆلبىلگە(بىلىمى كۆلدەك كەڭ)، بۆگۈ قاغان(دانىشمەن خاقان)،بىلگەيار، بىلگە قاتىن، قازى ئۆلگە(دانىشمەن مويسىپىت) … دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان. بۇ خىل ئىسىم قويۇش ئادىتى ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە ئىزچىللىققا ۋە تۇراقلىقلىققا ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. مەسىلەن: ئالىم، ئىلمىنۇر،ئىرپان، ھېكمەت، ئاقىل،ئۆتكۈر…دېگەندەك.

تۇرمۇش گۈزەللىكى ئىنسانىيەتنىڭ غايە ئۈمىدى، ئىنسانلار مەنىۋى جاسارىتىنىڭ ئىلھامچىسى. تۇرمۇش گۈزەللىكى ئۈچۈن كۆرەش بەخت-سائادەت ئۈچۈن كۆرەش بولۇپ، بەختكە ئېرىشىش ئىنساننىڭ مۇققەدەس ھوقۇقى.تۇرمۇش گۈزەللىكى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، ئىجتىمائى بەخت-سائادەت بىلەن ئىجتىمائىي مەنىۋىي كاپالەتنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئېچىلغان چېچەكتىن ئىبارەت. ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇش گۈزەللىكى ۋە بەخت ھەققىدە گۈزەل ھېكايە،چۆچەك ۋە داستانلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.بۇ خىل تۇرمۇش گۈزەللىكىنى يادىرو قىلغان بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش ئىدىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: قۇتلۇق بىلگە (بەخىتلىك)، قۇتلۇقئاي(بەختلىك قىز)،سەئىد(بەختلىك)، بەختىيار،سائادەت … دېگەندەك ئىسىملار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەخت-سائادەتكە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ۋە ئىشەنچلىرىنى ئىپادىلىگەن.

دېمەك، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا بىلىم گۈزەللىكى،تۇرمۇش گۈزەللىكى ۋە ئىجتىمائىي بەخت چۈشەنچلىرى تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆز-ئارا جىپسىلىشىپ مەيلى ئەرلەرنىڭ مەيلى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدا بولسۇن بىر خىل ئىزچىللىققا ئىگە بولغان.

كىشى ئىسملىرى ئۆزى مەنسۈپ بولغان تىلدا مۇئەييەن مەنىگە ئىگە. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىمۇ ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردە بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، تىل جەھەتتە بىر قەدەر ساپ بولۇشتىن مۇرەككەپ تەۋەللىككە ئىگە بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە مەيلى ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم بولسۇن ياكى باشقا تىللاردىن كىرگەن ئىسىملار بولسۇن، ھامان مەلۇم بىر مەنىنى ئپادىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھىيىتىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگۈسى.

 

پايدىلانغان ماتىرىياللار

 

1.مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى، ”ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى“،قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى،1998-يىل نەشرى

2.ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن ،“قاتلاملىق ئىستىتىكا“ ،شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتى نەشرىياتى،1994-يىل نەشرى

3.رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ”شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى“،1994-يىللىق 1-سان،“ئۇيغۇرلاردا ئىسىم قويۇش ئادىتى“ ناملىق ماقالە

4.ئابلىز ئۇرخۇن ،“شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى“،“ئىسلامىيەتتىن ئىلگىركى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى“ ناملىق ماقالە

5.ئابدۇرېقىپ جۈبەيرى، ”مىراس ژورنىلى“1996-يىللىق 3-سان،“ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى“ناملىق ماقالە

6.مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى، ”شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى“ 1997-يىللىق 4-سان، ”ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى ”ناملىق ماقالە

7.غەيرەتجان كالدىر، ”شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلى“، 1998-يىللىق3-سان، ”ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدىكى تۈرلۈك قوشۇمچىلار“ ناملىق ماقالە.

ئىزاھلار :

1)ئابدۇقادىر جالالىدىن، ”شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى“ 1997-يىللىق5-سان، ”مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ياتلىشىشى ”ناملىق ماقالە.

2)“شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورنىلى“1999-يىللىق 2-سان،70-بەت،“ئاياللار،مۇھەببەت،نىكاھ“سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

 

مەزكۇر ماقالەم ”خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكۇم ئىلمىي ژورنىلى“نىڭ 2003-يىللىق 1-سانىدا ”ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى“دېگەن نامدا ئېلان قىلىنغان.

 

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2244

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-06-16
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئىلمىي ماقالىلىرىم
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: