سۆيۈملۈك سىمالار(تارىخى سۈرەتلەر1)

ھازىرغا كەلگۈچە نۇرغۇن تور بېكەتلەردە ئۇيغۇر تارىخى شەخىسلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر يوللىنىپ، تورداشلىرىمىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ نۇرانە سىمالىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تۇرتكە بولدى. بۇ تور دۇنياسىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن بىر ئەۋزەللىك تەرىپىدۇر. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى بۇ خىل سۈرەتلەر تور بەتلەرگە  يوللانغاندىن كېيىن ئاساسىي جەھەتتىن بېكەتلەرنىڭ ئۆز تامغىلىرىنى بېسىۋىتىشى  ۋە ياكى ئۇلارنى زامانىۋىي ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، شاھانە جازىلارنىڭ ئىچىگە ئېلىشى تۈپەيلىدىن سۈرەتلەرنىڭ پايدىلىنىش ۋە ساقلاش قىممىتىگە مەلۇم دەرىجىدە نۇقسان يەتتى. مېنىڭ تورغا يوللانغان تارىخى سۈرەتلەر ھەققىدىكى قارىشىم ئۇلارغا نۇقسان يەتكۈزمەسلىكى، ئەسلىگە سادىق بولۇش، يېڭىلىماسلىق، ئىش قوشماسلىق، ئەن-تامغا باسماسلىقتۇر. شۇڭىلاشقا ئۆزۈم ساقلىغان ۋە توپلىغان تارىخى شەخىسلەرنى قىسىملارغا بۆلۈپ ”سۆيۈملۈك سىمالار“ تېمىسى ئاستىدا ، پاكىزە ھالەتتە دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتىم.

 

ئۇلۇغ ئېنىسكلوپىدىك ئالىم، شەرقنىڭ ئارىستوتىلى ئەبۇ ناسىر فارابى

فارابىنىڭ يەنە بىر پوتىرىتى

11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن دۆلەت ئەربابى ، سىياسىيۇن ”قۇتاغۇبىلىك“نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ

11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي

”غازات دەر مۈلكى چىن“، ”چاڭمۇزا يۈسۈپخان“قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى موللا بىلال نازىم

 ئېلى دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىسى، مەنچىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ سادىر پالۋان

ئۇيغۇر دېمىكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن:دىرامماتورگ ،شائىر، مائارىپچى ئابدۇللا روزى

ئۇيغۇر دېمىكۇراتىك ئەدەبىياتى ۋەكىللىرىدىن:شائىر، ئىنقىلابچى بىلال ئەزىزى

مەرىپەت پېشۋاسى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت (ئۇيغۇر بالىسى)

شائىر نىمشىھىت ئارمىيە ئېلى داموللا

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىشى ۋە ساقلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان مۇقامشۇناس تۇردى ئاخۇن ئاكا

ئېلى سانايى نەفىسە خادىملىرى:ئوڭ تەرەپتىكى بىرىنچى كىشى لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ، ئوتتۇردا ئولتۇرغان كىشى ئابدۇۋېلى جارۇللايۇپ

داڭلىق چاقچاقچى مەرھۇم ھېسام قۇربان ئاكا، ئوتتۇردىكىسى مەھمۇد ھېسام، سول تەرەپتىكىسى سوۋىت ئۇيغۇر شائىرى يەھيا تاھىروپ

ئەسكەرتىش:سۈرەتلەرنى يوللاشتا ئۇلارنى يىل دەۋرى بويچە تىزمىدىم. بۇ سۈرەتلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ھەر قانداق مۇنبەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ. لېكىن شەرت مۇنبەر تامغىلىرى بېسىلماسلىقى كېرەك.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3585

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-12-31
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: