شىۋىتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى – سېۋىن ھېدىن

 

شىۋىتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى – سېۋىن ھېدىن

 

سىۋىن ھىدىن شىۋىتسىيلىك جوغراپىيۇن، ئېكىسپىدىتسىيىچى. ئۇ 1891-يىللىرى بېرلىن ئۈنۋېرسىتىدا ئوقۇش جەريانىدا ”يىپەك يولى“ئاتالغۇسىنىڭ ئىجادچىسى رىچخوفىندىن تەلىم ئالغان. رېچخوفىن ئېكىسپىدىتسىيە، ساياھەتچىلىككە قىزىقىش جەھەتتە سىۋىن ھىدىنغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ 1893-يىلى10-ئايدا بىرىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپىدىتسىيىسىنى باشلىغان.1894-يىلى تارىم ئويمانلىقىغا كېلىپ پرژىۋالىسكى ماڭغان لېنىيە بويىچە تەكلىماكان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكەچ،قەدىمكى خارابىلەرنى ئىزدىمەكچى بولغان، سۇ كەمچىل ئەھۋالدىمۇ يولنى داۋاملاشتۇرغان. ئۇنىڭ ھەمسەپەرلىرىدىن بىرى،سەككىز تۆگىدىن يەتتىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆزى خوتەن دەرياسى ئەتىراپىدا بىر مالچى تەرپىدىن قۇتقۇزۋېلىنغان. تەكشۈرۈش،ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدا ئىشلىتىدىغان قورال-سايمانلىرى يوقىلىپ كەتكەن. قەشقەرگە قايتىپ كېتىپ، پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن قايتا سەپەرگە ئاتلانغان ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ كورلىغا كەلگەن. قاراشەھەر،كۆنچى دەريالىرىنى تەكشۈرگەن.كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ تۆۋەنگە مېڭىپ لوپ كۆلىگە كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ موھىم نوقتىسىنى لوپ كۆلىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى ئۈستىگە قويۇپ،ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ لوپ كۆلىگە قۇيۇلۇش ئېغىزىنى، تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرىنىڭ ئېقىن ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە ھەر قايسى كۆللەرنىڭمۇ چوڭىيىپ-كىچىكلەپ تۇرىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىشنى بايقىغان. 1899-يىلى 8-ئايدائىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلاپ،كىيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ28-كۈنى(چارشەنبە) 1500يىلدىن ئارتۇق قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ ياتقان،غايىبلىق چۈشىنى كۆرىۋاتقان كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى بايقىغان.كروراننى تاپقانلىق تۆھپىسى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان. كروران خارابىلىكىدىن قارۇشتى خەنزۇ يېزىقىدىكى  نۇرغۇن ئاسارە-ئەتىقىلەرنى،بېزەك بويۇملارنى،ئىبادەتخانا ۋە تۇرالغۇ ئۆي خارابىسىنى تېپىپ، ھەم بۇلار ئۈستىدە ئىنچىكە تەكشۈرۈش قېزىش ئېلىپ بارغان.  لوپ كۆلى ئۈستىدە يەنىمۇ ئەتىراپلىق جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، موھىم ماتىرىياللارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ لوپ كۆلى ۋە تارىم ئويمانلىقىنى ئۈچىنچى قېتىملىق تەكشۈرىشى 1927-يىلى باشلانغان. ئەمما 1933-يىلىغىچە تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچىراپ،كۆڭلىگە پۈككەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن.  1934-يىلى كورلىدا ماجۇڭيىڭ تەرپىدىن نەزەربەنت قىلىنىپ،بىر مەزگىل تۇرۇپ قالغان. شۇ يىلى3-ئاينىڭ ئاخىردا ئەكىنلىككە ئېرىشىپ،4-ئاينىڭ1-كۈنىدىن6-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە لو كۆلىگە بولغان ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئۇ كۆنچى دەرياسىنىڭ قۇيرۇق ئېقىنلىرىنى تەكشۈرگەن. لوپ كۆلى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەتىراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە چوڭ كۆل ئەتىراپىدىكى كىچىك كۆللەرنىڭ بەزىدە كېڭىيىپ، بەزىدە تارىيىپ تۇرىدىغانلىقىدىن قىلغان قىياسى ئاساسىدا لوپ كۆلىنى ”كۆچمە كۆل“،“1500يىلنى دەۋىر قىلىپ شەرق،غەرپكە يۆتكىلىپ تۇرىدۇ“دېگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 1927-يىلدىن1934-يىلغىچە سەككىز يىلغا يېقىن داۋاملاشقان.تەكشۈرۈش نۇرغۇن ساھەگە چېتىلغاچقا،ھەر قايسى تەتقىقاتچىلىرى تەرپىدىن“دوكتۇر سىۋىن ھىدىن رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگۇ-شىۋىتسىيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشتىن دوكىلات“ دېگەن نامدا 55 توملۇق ئەسەر يېزىپ چىقىلىپ،1937-يىلدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان.

مەنبە: مويدىن سايىت بوستان يازغان ”لوپنۇر ئەسلىمىلىرى“ ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3372

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-09-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: