روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى- پىرژىۋالىسكى

 

روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى- پىرژىۋالىسكى

پىرژىۋالىسكىنىڭ تولۇق ئىسمى نىكولاي مىخائىلوۋىچ پىرژۋالىسكى بولۇپ 1839-يىلى روسىيەنىڭ سىمونىسكى ئۆلكىسىدىكى قورۇق خوجايىنى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،پىرژۋالىسكى بالىلىق ۋاقىتىدىلا تاغىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ئوۋچىلىق ۋە ئەۋرىشكە يىغىشقا ئىشتىياق باغلىغانىدى.1855-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزلۈگىدىن ھەربىلىككە قاتنىشىپ ،ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ يۇرتىدا ۋە پولشادا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.1861-يىلى سانكىت-پىتىربۇرگ ھەربى ئىنىستىتىۇتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ.ئەمما بۇ جەرياندا ھەربى ئىشلارغا قىزىقماستىن ،ساياھەتچىلىك ۋە ئېكىسپىدىتسىيەگە قىزىقىپ ،كۆپ ۋاقتىىنى مۇشۇ ساھەگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇشقا سەرپ قىلىدۇ.1864-يىلى ھەربى ئوفىتسېرلار مەكتىپىگە ئەۋەتىلىپ ،تارىخ ۋەجۇغراپىيە دەرسىنى ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگەئالىدۇ.1860-يىلى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى ”جۇڭگۇ-روسىيە بېيجىڭ شەرتنامىسى ”نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ،شەرقى شىمالدىكى ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تەخمىنەن 40مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان جۇڭگۇ زىمىنى بۆلىۋالىدۇ.1867-يىلىنىڭ بېشىدا پىرژۋالىسكى چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.1869-يىلى ئۇ ئېكىسپىدىتسىيىگە ئائىت تۇنجى مەخسۇس ئەسىرى ”ئۇسسۇرى دەرياسى چېگرا رايونىدىكى ساياھەت خاتىرىسى ”نى يېزىپ1870-يىلى نەشىر قىلدۇرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا نام چىقىرىپ روسىيەلىك جۇغراپىيەشۇناس سىمونوف تىيانشانىسكىدىن كېيىنكى يەنە بىر مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيەچى بولۇپ قالىدۇ.كېيىن پىرژۋالىسكى يەنە لوپنۇرغا كېلىپ لوپنۇردىكى قۇش تۈرلىرى بىلەن ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قۇش تۈرلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.پىرژۋالىسكى روسىيە جۇغراپىيەشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتى ،قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا جەمئى تۆت قېتىم ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بۇ پائالىيەتلەر ئۇنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنى تەشكىل قىلغانىدى.ئۇ بايقىغان ياۋا تۆگە،قۇلان قاتارلىقلار ئۇنىڭ نامىنى پۈتۈن ياۋروپاغا تارقىتىۋىتىدۇ.1876-يىلى پىرژۋالىسكىنىڭ شىنجاڭ چېگرىسى ئىچىدىن موڭغۇل قۇلىنىنى بايقىشى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدۇ.چۈنكى شۇچاغلاردا ياۋروپالىقلار قۇلاننىڭ نەسلىنى ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ كەتتى،دۇنيادا قۇلان يوق دەپ قارايىتتى،بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بايقىغان بۇ خىل قۇلانلار پىرژۋالىسكى ياۋا ئېتى دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ.

  1876-يىلى كۈزدە پىرژۋالىسكى لوپنۇرغا كېلىدۇ.بۇ چاغدا لوپنۇر كۆلى ئاللىبىۇرۇن قۇرۇپ كەتكەن بولۇپ ،پىرژۋالىسكى بۇ يەردە لوپنۇر كۆلىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئىككىنجى چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىدۇ.كىروران قەدىمى شەھىرى توغرىسدا پىرژۋالىسكىنىڭ بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ،ئۇ ماركوپلونىڭ بايقىغانلىرى ھەققىدە ”لوپ شەھىرى ھەققىدىكى بايانلاردىن بىر بىمەنە ئەپسنىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ“دەيدۇ.پىرژۋالىسكىنىڭ تارىخ ھەم مىللەت جەھەتتىكى بىلىمىمۇ كەمچىل ئىدى،شۇڭا ”لوپنۇرغا سەپەر“دە لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنبەسى توغرىسدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

”ھازىرقى لوپنۇر ئاھالىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ھەققىدە بەزىبىر ئېغىزاكى رىۋايەتلەرلاربار.بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى موڭغۇللاردۇر ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئالباتنىڭ باشچىلىغىدا ئىلى رايونىدىن بۇجايغا كىرگەن دەپ قارايدۇ…يەنەبەزىلەر موڭغۇل كۆچمەنلىرى لوپنۇردا ماچىنلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئاسمىلاتسىيەلىشىپ كەتكەن ،دەپ قارايدۇ.“

”كەمىنە يىغقان ماتېرياللارغا قارىغاندا ئاغزاكى رىۋايەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ،ئەمما شۇنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىندىكى ئاھالىلەر مۇرەككەپ قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە.“پىرژۋالىسكى كىتابىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:“پۈتكۈل ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدىن لوپنۇردەك بۇنداق جەلىبكار جاينى تاپقىلى بولمايدۇ.“پىرژۋالىسكى لوپنۇردا ئەللىك نەچچە كۈن تۇرىدۇ،بۇجەرياندا ئۇ لوپنۇرلۇقلارنىڭ چاپما قېيىققا ئولتۇرۇپ لوپنۇر كۆلىنى ئايلىنىدۇ،كۆل بويىدىكى ھەرقايسى كەنتلەرگە بېرىپ ،بۇ جايلارنىڭ نوپۇس ئەھۋالىنى ،ئۆرپ -ئادەتلىرنى تەكشۈرىدۇ.يەرشەكلىنى ئۆلچەيدۇ،قۇش تۈرلىرىنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ.كۆلنىڭ ئورنى توغرىسىدا تەجرىبە ئېلىپ بارىدۇ.پىرژۋالىسكى لوپنۇردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مەزگىلدە ،كۈنچىققانبەگ بىلەن ”دوستلۇق“مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ.كۈنچىققانبەگنىڭ نۇرغۇن ماددى ياردىمى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.پىرژۋالىسكى تارىم ئويمانلىقىنى تەكشۈرۈش جەرياندا ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن قەدىمى شەھەر خارابىلىرىنى ئۇچراتقان بولىسمۇ ،لېكىن ئارخىئولوگىيە خىزمىتىگە قىزىقمايدىغان بولغاچقا ،قەدىمى شەھەرلەرگە ئائىت رىۋايەتلەرنىلا توپلايدۇ.ئەمما ،ئالتۇن كېنى ۋە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ تۆۋەن ئېقىىنىدىكى  قاشتېىشى كېنى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا بۇ توغرىسىدا سېستىمىلىق خاتىرە قالدۇرىدۇ.پىرژۋالسكىنىڭ تۆتىنجى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيىسى ئاخىرلىشىپ ئۈچ يىل ئۆتكەندە ئۇ يەنە بەشىنجى قېتىملىق ئاسىيا ساياھىتىنى پىلانلاشقا باشلايدۇ.

بىراق يولغا چىقىش ۋاقتىدا سالامەتلىگى ئانچە ياخشى بولمايدۇ،ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى قاراقىردىن بېشكەككە قاراپ يولغا چىقىدۇ،يولدا ئۇ ئىسسىقكۆلنىڭ سۈيىدىن بىر قانچە يۇتۇم ئىچىدۇ،بۇچاغدا ئۇنىڭغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغان بولسا كېرەك كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىىشىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئالامدىن ئۆتىدۇ.بۇ 1888-يىلى بولۇپ شۇيىلى ئۇ50ياشتا ئىدى.بۇ ئۇلۇغ ئېكىسپىدىتسىيىچىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ،چارروسىيە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان جاي قاراقىر شەھىرىگە پىرژۋالىسكى شەھرىى دەپ نام بېرىدۇ.ئۇ ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتۈپ ،ئۆزىنىڭ يۈرەك قېىنىنى كەسپىگە بېغىشلاپ غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشكەن.ئۇنىڭ بۇ نەتىجىلىرى جۇڭگۇنى مەنبە قىلغان بولۇپ بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنىپ كەتتى.

مەنبە: ”شىنجاڭ ياشلىرى“ 2007-يىل 4-سانىدىن

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3360

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-30
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: