كورلا نەشپۈتىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر

 

 

 

كورلا نەشپۈتىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر

 

 

ئابدۇمىجىت ھەسەن قۇربانى

ئەل ئىچىدە: « نەشپۈت » — تۈرلۈك مېۋىلەرنىڭ بوۋىسى دېگەن رىۋايەت بار. تارىخىي يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش ماكانى دەپ نام ئالغان  غەربىي دىياردىكى كورلىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش تارىخىنى قىسقا دېيىشكە بولمايدۇ. «تارىخنامە»دە: «بىپايان قۇملۇق نەشپۈتى، بىپايان قۇملۇقنىڭ شىمالىدىن چىقىدۇ. سوغۇققا چىداملىق، قورۇلمايدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ بىپايان قۇملۇقنىڭ ئۆزى — بۈگۈنكى تارىم بەلبېغىدۇر. غەربىي دىياردىكى كورلا — دەل تارىمنىڭ شىمالىي بەلۋىغىدىكى گۈزەل زېمىن بولۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا مەشھۇر بولغان «كورلا نەشپۈتى» نىڭ ئانا ماكانىدۇر.

ھازىرغىچە خەلق ئىچىدە نەشپۈتنىڭ كورلىغا ماكانلىشىشى ۋە ئۇنىڭ شۆھرىتى توغرىسىدا تۈرلۈك كونا − يېڭى رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلمەكتە. ئۇنداق بولسا بىز، كورلا نەشپۈتىنىڭ تارىخىنى بىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

كورلا نەشپۈتى ھەققىدىكى رىۋايەتلەر

نەشپۈتنىڭ ئەڭ قەدىمى رىۋايىتى (1)

نەشپۈت دەرىخى ۋە خانىكە قەبرىسى

قەدىمقى زامانلاردا تۆمۈر قوۋۇق (باشئەگىم)دە ئىبراھىمخان ئاتلىق بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئۇنىڭ خىيالىغا، ئۆز زېمىنىنىڭ قانچىلىك چوڭ؛ ئۆز پۇقرالىرى، قوي قوزىلىرىدەك ياۋاشمۇ ئەمەس، ئۇنى بىلگىسى كېلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، 500 دانە تۆگىنى يىتىلىتىپ، گۈزەل كۆنچى دەرياسىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىغا يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار كۆنچى دەرياسىدىن ئايرىلىپ، بىر قۇملۇقتا كېلىپ قاپتۇ. قارىسا، كۆز يەتكۈسىز قۇم دۆڭلىرىنىڭ چېكىنى كۆرگىلى بولماپتۇ. ئاتلارنىڭ تۇياق ئاۋازى، تۆگە كولدۇرمىلىرىنىڭ زىل ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلانماپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ ئاخىرى پادىشاھ بىلەن نەۋكەرلەر ئالدىدا بىر گۈزەل يېشىل بوستانلىق نامايەن بوپتۇ. ئالدىغا قارىسا، قامەتلىك توغراقلار قەد كۆتۈرگەن،بۇغا-ماراللارتوپ-توپ بىلەن سەكرىشىپ، مۈڭگۈزلىرىنى ئوينىتىۋاتقان، پۈتۈن دالا چىگە چېچەكلىرى ۋە جىگدە گۈلىنىڭ يېقىملىق پۇراقلىرى بىلەن تولغان، يايلاقلار خۇددى يېشىل پاياندازلار سېلىنغاندەك گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بۇلاق سۇلىرى مەرۋايىتتەك يالتىرايدىكەن، يايلاقنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىر دەريا خۇددى كۈمۈش لېنتىدەك پاقىراپ، شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچسە تەننى يايرىتىپ، ئۇدۇل يۈرەككە بارىدىكەن. ئۇنىڭ سۈيىدە ياسىغان ئەتكەن چايلار بەكمۇ تەملىك ئىكەن، ئۇنىڭ سۈيىدە پىشۇرۇلغان قوي گۆشى بەكمۇ مىزىلىك ئىكەن. ناۋادا ئۇ دەريادا يۇيۇنسىڭىز چاچلىرىڭىز پاقىراپ، تېرىلىرىڭىز ۋالىلداپ كېتىدىكەن. بۇنى كۆرگەن پادىشاھ خۇشاللىقىدىن بۇ دەرياغا « ئەزىم دەريا » دەپ نام قويۇپتۇ. دەريا بويىدا ئۇلار نەغمە قىلىپ ئۇسۇل ئوينىشىۋاتقاندا، كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان سالقىن شامال چىقىپتۇ ۋە شامال بىلەن تەڭ ئەتراپتىن يېقىملىق مۇزىكىدەك ئاۋازلار ئاڭلىنىپتۇ. بۇ ئەسلىدە شامالدا شاراقشىغان قوڭغۇراق تىكەننىڭ ئاۋازى ئىكەن. پادىشاھنىڭ ئايالى خۇشاللىقىدىن تىكەنلىك!…تىكەنلىك « تىكەنلىك— ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تىكەنلىك يېزىسىنىڭ ئورنى »دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ. شۇندىن كېيىن كىشىلەر بۇ ئەتراپتىكى جايلارنى « تىكەنلىك » دەپ ئاتاپتۇ. ئىبراھىم خاننىڭ كۆڭلىگە بۇ جايمۇ ياراپ قاپتۇ. ئۇ بۇ ئەزىم دەريا قېشىغا بىر ئوردا سالدۇرۇپ ئۇنىڭ تاملىرىنى كاھىش بىلەن بېزەپتۇ، ئالتۇندەك پاقىراپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك ئوردا دەرۋازىسىدىن بىرنى ئورنۇتۇپ دەرۋازا ئۈستىگە چىرايلىق نەقىشلەرنى ئويغۇزۇپتۇ…

بۇ پادىشاھنىڭ قەمبەرخان ئىسىملىك ئامراق بىر سىڭلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆسنى − جامالى ئايغا ئوخشاش چىرايلىق، قاشلىرى ئورغاقتەك ئىنچىكە، ئۆرۈۋالغان 10 تال چېچى تال چىۋىقتەك يەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن. ئۇ ناخشا ئېيتسا بۇلبۇللارمۇ سايراشتىن توختاپ ئۇنى تىڭشايدىكەن. ئۇ ئۇسسۇل ئوينىسا، يايلاقتىكى كىيىكلەرمۇ ئۇنىڭغا جور بولىدىكەن. ئۇ شاتۇتىدەك ئەقىللىق، كىيىكتەك نازاكەتلىك، ئالتۇندەك ئېسىل بولۇپ، ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى، ئەمگەك قىلىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. پادىشاھ ئۇنى كۆز قارچۇقىدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ قىزنى« خانىكەئايىم »دەپ ئاتايدىكەن. قەمبەرخان ھەر كۈنى يۈرەكنى تىترىتىدىغان يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، كېنزەكلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ھەرخىل ياۋا مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقىنى يىغىدىكەن، يىغىلغان بۇ ئۇرۇقلارنى ئاخىرى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئالدى − كەينىدىكى بوش يەرلەرگە تىكىپتۇ. ئۇرۇقلار ئۈنۈپ ئاستا − ئاستا چوڭ بولۇپتۇ،خانىكە بىر كۈنى چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە بىر مېۋىلىك دەرەخنى كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى نەشپۈت دەرىخى ئىكەن. ئۇنىڭ چېچەكلىرى بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن. ئۇ چۈشىدە ئۇنىڭ پىشقان مېۋىسىنى يەپ بېقىپتۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى بەكمۇ شېرىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىدە قېلىپتۇ…. ئۇ ئويغۇنۇپ بۇ مېۋىلىك دەرەخنى ئىزدەپتۇ-يۇ تاپالماپتۇ. خانىكە شۇنىڭدىن بۇيان، نەشپۈت چېچىكىگە،ۋە ئۇنىڭ شېرىن مېۋىسىگە بەك ئامراق بولۇپ قاپتۇ. كۆچەتلەر ئىچىدە نەشپۈت چېچىكى يوق ئىكەن. بۇنى كۆرگەن خانىكەنىڭ باشلىرى چۈشۈپتۇ، قاپاقلىرى تۈرۈلۈپتۇ، كۈندە ئېيتىۋالغان شوخ ناخشىلىرىمۇ توختاپتۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ گۈزەل ئۇسسۇللارنىمۇ كۆرەلمەپتۇ. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئوردا كېڭەش ئۆتكۈزۈپ مۇنداق دەپتۇ: «سۆيۈملۈك ۋەزىر − ۋۇزرالىرىم ۋە ئوردا مۇلازىملىرىم، مەيلى كىملا نەشپۈت دەرىخىنى تاپالىسىلا، ئۇ كىشىنى بەش يۈز تۇياق قوي بىلەن مۇكاپاتلايمەن» دەپ پەرمان قىپتۇ. ئەپسۇسكى، نەشپۈت دەرىخىنى نەدىنمۇ تاپقىلى بولسۇن؟ ۋەزىرلەر غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ، ئەمما ھېچقايسىسى گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماپتۇ. بۇ ۋاقىتتا كېڭەشكە خىزمەت قىلىۋاتقان مۇلازىملاردىن بىرى پادىشاھغا تازىم بەجا كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ: «ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، مەن سىلىگە ۋە قەمبەرخان خانىكەگە جېنىم بىلەن خىزمەت قىلىپ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى خالايمەن» بۇ گەپنى دېگەن مۇلازىم — خۇددى ياۋا ئاتتەك جەسۇر، ئەركەك شىردەك كۈچلۈك بولغان پادىشاھنىڭ مىراخورى ئىمىن ئىكەن. ئۇ، بىر قوينىڭ گۆشىنى كۆرمىدىم دەپ يەپ كېتەلەيدىكەن، بىر كومزەك شاراپنى بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش يوق ئىكەن، پادىشاھ خوشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا ياخشى ئاتتىن بىرنى تەقدىم قىپتۇ. ئۇ شۇ ھامان سەپەرگە ئاتلىنىپ، چۆل − جەزىلەرنى كېزىپتۇ، دەشتى − باياۋانلاردا نەشپۈت كۆچىتى ئىزدەپ، ئۇسساپتۇ، چارچاپتۇ، ئاچ قاپتۇ، ئاخىرى مىڭ بىر مۇشەققەتتە، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، 50 تال نەشپۈت كۆچىتىنى بىر ئەسكى كىگىزگە يۆگەپ پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا بۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن پادىشاھنىڭ خوشاللىقىدىن ساقاللىرى تىترەپ كېتىپتۇ ۋە مىراخورغا قاراپ: «قەھرىمان ئات باقارىم، مەن ھەرگىز ئېيتقان سۆزۈمدىن يانمايمەن، ساڭا بۈگۈنلا 500 تۇياق قوينى تەقدىم قىلدىم» دەپتۇ. ئىمىن، پادىشاغا تازىم قىلىپ تۇرۇپ: «ھۆرمەتلىك پادىشاھىم، سىزنىڭ ھىممىتىڭىزگە مىڭ رەھمەت. مەن بۇ قويلارنى ئالالمايمەن »دەپتۇ، پادىشا ھەيران بولۇپ: «بىچارە مىراخور، سەن بۇ بەش يۈز قوينى ئاز كۆرۈۋاتامسەن؟ ئۇنداق بولسا، يەنە 100 دانە قوينى قوشۇپ بېرەي، بولامدۇ »؟ دەپتۇ. ئىمىن: «يوقسۇ، سۇلتانىم، مەرھەمەتلىك پادىشاھىم، ماڭا قوي لازىم ئەمەس، مېنىڭ ئۆزلىرىگە قويىدىغان كىچىككىنە بىر تەلىپىم بار ئىدى »دەپتۇ. پادىشاھ: «مېنىڭ سادىق مىراخورۇم، ساڭا نېمە كېرەك؟ ئېيتىۋەر، ئاللا سېنى دەرگاھىدا ساقلايدۇ» -دەپتۇ.

ئىمىن: «ئۇلۇغ خاقانىم، مېنىڭ تەلىپىم — مەن باققا كىرىپ، ئېلىپ كەلگەن نەشپۈت كۆچەتلىرىنى تىكىپ، ئۇنى چاتاپ، ئاسىراپ، بېغىڭىزنىڭ بىر باغۋىنى بولسام دەيمەن. بۇنىڭدىكى مەقسىتىم، نەشپۈتلەر تېزراق پىشىپ ھۆرمەتلىك قەمبەرخان خانكەئايىمنىڭ ئېغىزلىرىغا تېگىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم» دەپتۇ. پادىشاھ بۇنىڭغا خوشاللىق بىلەن ماقۇل بۇپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. شۇندىن باشلاپ، باغ ئىچىدە ئىمىن چالغان راۋاپ بىلەن قەمبەرخان ئېيتقان شوخ ناخشىلار ياڭراپتۇ. ئۇلار تىككەن، نەشپۈت كۆچەتلىرى باراخسان ئۆسۈپ، ئېچىلىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى ياشنىڭ يۈرىكىدىكى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىمۇ بىخلىنىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ چېچەكلەشكە باشلاپتۇ. قەمبەرخاننىڭ بېشىدىكى سۇمبۇل چاچلار 16 ئۆرۈم قىلىپ ئۆرۈلۈشكە باشلىغاندا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ئوتلىرى تېخىمۇ يالقۇنجاشقا باشلاپتۇ.

يازنىڭ گۈزەل بىر ئاخشىمى ئىمىن يالغۇز ئولتۇرۇپ راۋابىغا تەڭكەش قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ يۈرەك كۈيلىرىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ:

ئاي يورۇقىدا ئېچىلماقتا گۈزەل غۇنچە،

نەشپۈتلەر مىۋە بەردى شۇنچە تاتلىق.

يۈرۈكۈمگە يوشۇردۇم مۇھەببىتىمنى،

ئەي!………

بۇ مۇھەببەت ناخشام ساڭا تالىق.

خۇددى بۇ ناخشا ئىچىدىن چىققاندەك، قەمبەرخان يەڭگىل قەدەم ئېلىپ ئىمىننىڭ قېشىدا پەيدا بولۇپتۇ. ئۇلارنىڭ تەنلىرى، خۇددى باغدىكى قوشماق نەشپۈتلەردەك بىر − بىرىگە جۈپلىشىپتۇ. ئۇلار بىر − بىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېيىشىپتۇ: «بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز، خۇددى قىيا تاشتەك يامغۇردا يۇيۇلمايدۇ، شامالدا ئۇچۇپ كەتمەيدۇ»، «بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز خۇددى مۇز تاغدىكى قار لەيلىسىدەك جۇت − شىۋىرغانغا بەرداشلىق بېرىدۇ». ئۇلار خۇدا ئالدىدا مۇنداق قەسەم قىپتۇ: «دېڭىزلار قۇرۇپ، تاغلار كۈكۈم تالقان بولسىمۇ، قەلبىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. » ئۇلار يۈرەك سۆزلىرىنى دېيىشىپ، بەخت پەيزىگە چۆمگەندە، تەقدىرنىڭ قارا بۇلۇتلىرى ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئەگىپتۇ…

ئەسلىدە ئۇلارغا قوشنا بولغان بىر ئەلدە ھايۋان تەبىئەتلىك، قەبىھ بىر خان ياشايدىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ئابدۇللا بولۇپ، ئۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەردىن قوشنا ئەلدە قەمبەرخان ئاتلىق بىر گۈزەل قىز بار ئىكەن. ئۇ، ئايدىنمۇ چىرايلىق بولۇپ كۆزلىرى بۇلاقتەك، چاچلىرى بوستاندەك ئىكەن دەپ ئاڭلاپتۇ ۋە شۇئان غايىپتىن ئاشىق-بىقارار بولۇپتۇ. ئۇ، شۇ كۈنلا ئۆز ئوردىسىدىكى تىلى تاتلىق، دىلى زەھەر، گەپكە ئۇستا بىر خوجىنى تىكەنلىككە قىز سوراپ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپتۇ.«ھۆرمەتلىك پادىشاھىم – ئىبراھىم ھەزرەتلىرى»…دەپ گەپ باشلاپتۇ خوجا: «ئۆزلىرىنى خۇدا پانايىدا ساقلىسۇن، بىزنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھىمىز ئابدۇللاخان، ئۆزلىرى بىلەن تۇققان بولۇشنى نىيەت قىلدى. مەن پادىشاغا ئەلچى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ساھىپجامال سىڭىللىرىنى خانىشلىققا سوراپ كەلدىم. »

ئىبراھىم خان مۇنداق دەپتۇ: قەمبەرخاننىڭ دېيىشىپ قويغان يىگىتى بار، ئۇ بولسىمۇ – ئوردىنىڭ باغۋىنى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان خوجا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپ: نەدىمۇ قاغا بىلەن ئاققۇ پەر كەلسۇن؟ بۇ خۇددى ئېشەككە ئالتۇن ئىگەر توقىغاندەك ئىشقۇ؟ مەرھەمەتلىك ئالىيلىرى، ئابدۇللاخان ئۆزلىرىگە يەنە توققۇزمىڭ توققۇز يۈز قوي، توققۇزمىڭ توققۇز يۈز ئات، توقسان توققۇز پارچە يايلاق، توقسان توققۇز پارچە تېرىلغۇ يەر تەقدىم قىلماقچى دەپتۇ. «ھۆرمەتلىك ئەلچى، قەمبەرخان بىلەن ئىمىننى ئايرىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى ئاي بىلەن يۇلتۇزلاردەك ئايرىلماستۇر» دەپتۇ ئىبراھىم خان. خوجا بۇ ئىشنى ئەپلەشتۈرۈش ئۈچۈن مىڭلاپ − مىڭلاپ ياخشى گەپلەرنى قىپتۇ. ئىبراھىم خانمۇ ئونمىڭلاپ، ئونمىڭلاپ سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپتۇ. خوجا ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئەپتىبەشرىسىنى ئاشكارىلاپ تەھدىت بىلەن مۇنداق دەپتۇ: ئۇلۇغ شاھىم، قەمبەرخان بىلەن ئابدۇللاخاننىڭ قوشۇلۇشى-خۇدانىڭ ئىرادىسى، سىز ئەگەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، ئابدۇللاخان غەزەپكە كېلىپ پۈتۈن تىكەنلىكنى تۈزلىۋېتىدۇ. « ئەزىم دەريا » − قان دەرياسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا سىزنىڭ تۇپرىقىڭىزدا ئادەملەرنىڭ ئىزى ئۆچىدۇ- دەپتۇ. ئىبراھىم خان قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. بۇنى كۆرگەن خوجا: «دانا، ئىبراھىم خان، سىزنى خۇدايىم ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، سىز ھازىرلا كىشى قەلبىنى ئەندىشكە سالىدىغان ئۇ ياۋا توشقان — ئىمىننى كۆزدىن يوق قىلىڭ! سىزگە بەخت تىلەيمەن» ئىبراھىم خان ئاخىرى ماقۇل بولۇپ، ئون نەپەر نەۋكەرنى، ئىمىننى دەرھال ئوردىغا ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئوردىدىكى كېنزەكلەر بۇ شۇم خەۋەرنى دەرھال قەمبەرخانغا يەتكۈزۈپتۇ. قەمبەرخان شۇئان پادىشاھنىڭ چىۋەر ئېتىنى مىنىپ باققا قاراپ چېپىپتۇ ۋە بۇ خەۋەرنى ئىمىنكە ئېيتىپتۇ. گەپ ئەمدى تۈگىشىگە خوجا 10 نەپەر نەۋكەر بىلەن ئىمىننى تۇتقىنى يېتىپ كەپتۇ. ئىمىن خۇددى بىر ياۋايى شىرگە ئوخشاش غەزەپكە كېلىپ ھېلىقى 10 نەپەر نەۋكەر بىلەن ئىلىشىپ ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپتۇ. بۇنى كۆرگەن خوجا دەرھال پىنھان بىر جاينى تېپىپ يوشۇرنۇپتۇ. ئىمىن دەرھال قەمبەرخاننى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بۇ جايدىن قاچماقچى بولغاندا، دەرەخ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان خوجا، يىلان زەھىرى سۇغۇرۇلغان ئوقيا بىلەن ئىمىننى ئېتىپتۇ. ئىمىن قاتتىق ۋارقىراپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشكىنىچە، خوجىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرۋېتىپتۇ ۋە ئارقىدىن ئۆزىمۇ يەرگە يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. ئۇنىڭدىن چىققان قىپقىزىل قانلار نەشپۈت دەرىخىنىڭ يىلتىزلىرىغا سىڭىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەمبەرخان ئۆزىنى ئىمىننىڭ ئۈستىگە تاشلاپ يىغلاپتۇ… پۈتۈن ئالەم قايغۇغا چۆكۈپتۇ. سالقىن شاماللارمۇ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىمۇ توختاپتۇ. قۇياشنى تۇمان قاپلاپ يەر − زېمىننى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. قەمبەرخان ئۈچ كېچە، ئۈچ كۈندۈز يېمەي − ئىچمەي يىغلاپتۇ. ياشلىرى ئۇنىڭ ياستۇقلىرىنى بويلاپ ئېقىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ كېنزەكلىرى ئۇنىڭغا: «ئىمىننىڭ جەسىتىنى ھەرەمباغنىڭ ئالدىدىكى ئەزىم دەرياغا تاشلاپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ. قەمبەرخان دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرەمباغقا كېلىپ، ھېلىقى نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئاستىدا «ئەزىم دەريا» غا قاراپ، ئېچىنىشلىق مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپتۇ:

ئىمىن جانىم، ئىمىن جانىم،

كۆزدىن ئاقار قانۇ − ياشىم.

ئاھۇ زارىمنى ئاڭلىدىڭمۇ،

كۆڭلۈمدىكى قېرىنداشىم.

ئەي كىيىكلەر نەگە مۆكتۈڭ،

ئەي دەريالار نەگە ئاقتىڭ؟

سۆيۈملۈكۈم ئىمىن جانىم،

مېنى تاشلاپ، نەگە كەتتىڭ؟…

ئۇ، ناخشىنى ئېيتىپتۇ، ئېيتىپتۇ، ئاخىرى ھۇشسىزلىنىپ نەشپۈت دەرىخى ئاستىغا يىقىلىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى كېنزەكلەر ئۇنى كۆتۈرۈپ ئوردىغا ئەكىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئاكىسى ئىبراھىم خان ھېكىملەرنى، داڭدار موللىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنى كۆرسىتىپتۇ. قەمبەرخان نۇرسىز كۆزلىرىنى ئاران ئېچىپ ئاكىسىغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ: «بىر تال ئوقيا ئىككى كىيىكنى قارغا ئالالمايدۇ. بىر يۈرەك ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ. ئاكا! مەن ئۆلگەندىن كېيىن، مېنى «ئەزىم دەريا» بويىغا دەپنە قىلىڭ، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭغا قاراپ ياتاي. ئىبراھىم خان كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا: «سىڭلىم، ھايات دېگەن ئۇزۇن ھەم قىممەتلىك، سىزنىڭ قىممەتلىك ھاياتىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن »دەپتۇ.

قەمبەرخان:  «چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ، ئادەمدە بىرلا يۈرەك بولىدۇ. مەن ئۆلگەندىن كېيىن مەن بىلەن ئىمىن قالدۇرغان نەشپۈت كۆچەتلىرىنى، نەگە بارساڭلا شۇ يەرگىچە تىكىڭلار، ئۇلار ئېچىلىپ مىۋە بەرسۇن مەن ئۇنىڭغا قاراپ ياتاي» ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا بۇ ئالەمدىن كېتىپ قاپتۇ. كىشىلەر قايغۇ ھەسرەت بىلەن ئۇنى « ئەزىم دەيا » بويىغا دەپنە قىپتۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئالاھىدە قەبرە قا تۇرۇپتۇ. بۇ — ھازىر كىشىلەر ئاغزىدا دېيىلىپ كېلىۋاتقان « خانىكە قەبرىسى » شۇ ئىكەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي ئىبراھىم خان باشئەگىم (تۆمۈر قوۋۇق)قا قايتىپ كەپتۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ كېنزەكلىرى قەمبەرخاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە يول بويى، ھەتتا كورلىنىڭ كۆزى بولغان باشئەگىمگە كەلگىچە، ھېلىقى نەشپۈت كۆچەتلىرىنى تىكىپ كەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى گۈزەل يۇرت-تىكەنلىكدىن تاكى كورلا-باشئەگىمگىچە بولغان زېمىنلار − گۈزەل نەشپۈتلۈك باغلارغا ئايلىنىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئاشىق − مەشۇق ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ پاك روھلىرى بۇ باغلارنى ئايلىنىپ يۈرەرمىش…

كورلا نەشپۈتىنىڭ مەڭزىنىڭ قىزىل بولۇشى — ئىمىن ئۆز قان − تەرى بىلەن نەشپۈت كۆچەتلىرىنى سۇغارغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمىش… كورلا نەشپۈتىنىڭ شېرىن − تاتلىق بولۇشى — ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ ساپ مۇھەببىتىنىڭ شېرىن مېۋىسىمىش…»①

دېمەك، باشقا جەھەتتىكى گەپلەرنى دېمەي تۇرايلى، بۇ رىۋايەتتىكى ئۇچۇرلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى — كورلا نەشپۈتىنىڭ كېلىش مەنبەسى — يەنىلا تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلغان غەربىي يۇرتتۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى چوڭ تارمىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان تىكەنلىك رايۇن − كورلا نەشپۈتىنىڭ مۇھىم بازالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىمىن بىلەن قەمبەرخاننىڭ ئارزۇ − ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.

مەنبە: «باشئەگىم دىيارىدىكى تارىخىي مەدەنىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3358

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-28
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: تارىخ-مەدەنىيەت
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: