چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى بىر قانچە ئورۇننىڭ يەر نامى توغرىسىدا

ۋاقتى: 2011-08-31 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 206 قېتىم / 4 دانە باھا يوللانغان باھا

 

چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەلىگىدىكى بىر قانچە

ئورۇننىڭ يەر نامى توغرىسىدا

 

تۇردى ھاشىم

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بۇلۇپمۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا سۇ يەتكۈزۈپ ، قۇرۇپ كەتكەن بوستانلىقنىڭ قايتا ئەسلىگە كەلگەنلىكى ۋە بۇ جايلارنىڭ ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتى تەكشۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى مەتبۇئات خەۋەرلىرى  رادىئو – تىلۋىزىيە سەيىپىلىرىدە . ئەنە شۇ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدىكى  بىر قىسىم يەر – جاي ناملىرى تارىختىن بۇيان ئاتىلىپ كىلىۋاتقان ئەسلىدىكى ناملارغاتۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالدى . مەسىلەن تەتۈر كۆلنى خەنزۇچە  (台特玛湖) دەپ ئاتاپ كەلگەن،

بۇنى خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ تېتىم كۆلى دەپ ئېلىنماقتا . خەنزۇچە (特玛湖) دىگەن ئاتالغۇ  ئەسلىدىنلا ئۇيغۇرچە تەتۈر كۆل دىگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇز تەرجىمىسى ئىدى. لوپ كۆلىنى خەنزۇچە (罗布泊) دەپ ئاتىغان، بۇنى خەنزۇچىدىن قايتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، خەنزۇچە تەلەپپۇز بويىچە ئەسلىدىكى نامىنى ئۆزگەرتىپ، لوپنۇر كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قالدى . تېتىما كۆلى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن (台特玛湖) تەتۈر كۆلنى ئالساق ، بۇ كۆل چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن 50 كىلو مېتىر  يىراقلىقتىكى شەرقى شىمالدا ، يەنى ھازىرقى دۆلەت يولى 218- لىنيىنىڭ 1015 كىلو مېتىرلىق بۆلىكىنىڭ شەرقىدە ، تاش يول بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر كېلىدۇ ، بۇ جايدا بىر قانچە ئەۋلات چارۋىچىلىق بىلەنشۇغۇللىنىپ كەلگەن شۇنداقلا بۇ جاينىڭ تارىخىدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى توختاشتىن ئىلگىرى بۇ جاينىڭ سۈيى مول بۇلۇپ ، بىر قانچە كۆل ، دەريا ئېقىنى بار ئىكەن . بۇ يەردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە كۆل ۋە ئېقىنلاردا ھەر خىل سۇ قۇشلىرى ، بېلىق قاتارلىق سۇ جانلىقلىرى ، چەكسىز كەتكەن ئىگىز ئۆسكەن قۇمۇشلۇقلاردا جەرەن ، بۇغا ، مارال ، بۆرە ، ياۋا تۆڭگۈز قاتارلىقلار كۆپ ئىكەن ، يەرلىك چارۋىچىلار ئۇلارنى ئوۋلاپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن . كېيىنكى كۈنلەردە بۇ جايغا كېلىدىغان دەريا ئېقىنلىرى ئۆزگىرىپ  توسۇلۇپ قالغاچقا، كىشىلەرنىڭ بۇ جايدا چارۋا بېقىپتۇرمۇش كەچۈرۈپ ، ئوۋ ئوۋلاش ئىشلىرى كۈنسىرى ئازلاپ كەتكەن . بۇ جايدا ئەسلىدىن بار بولغان تارىخىي يەر – جاي ناملىرى ھازىرغىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۈتۈرۈلۈپ كەتمەي يەنىلا بۇرۇنقىدەك ، لوپ، لەڭگەر ،قۇمكۆل ، قاراكۈتەن كۆلى ، چىگىلىك كۆل ، تەتۈر كۆل ، ئىلانلىق ، قۇمبەل ، كېمەچاپتى ، سۇ قۇيدى دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە .

ئەمىلى ئەھۋال ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز يەنىلا دىيارىمىزنىڭ تارىخىي يەر ناملىرىغا سەل قاراپ ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ ، ئۆزىمىز خالىغانچە تەرجىمە قىلىپ كەلمەكتىمىز. بۇنداق كىتىۋېرىدىغان بولساق ، بۇ

جايلارنىڭ ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تۈزىلىشىگە قاراپ قويۇلغان تارىخىي ناملار ئالدىدا تارىخقا ۋارىسلىق قىلغان بىلەن تارىخىى يەر ناملىرىنىڭ توغرىلىقى ۋە چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز .

شۇنىڭغا ئوخشاش يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان مەتبۇئات  ۋە گىزىت ژۇرناللاردا ، رادىئو – تىلۋىزىيەلەردە لوپ كۆلىنى(罗布泊)  لوپنۇر كۆلى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ . لوپ كۆلىگە كەلسەك بۇنىڭدىمۇ تارىخىي چىنلىققا

سەل قارالغان تەرەپلەر مەۋجۇت . تارىخىي ماتىرىياللاردا خاتىرلىنىشىچە، ھازىرقى لوپنۇرنىڭ ئىلگىركى نامى كۆنچى ناھىيىسىنىڭ شەرقىدىن چاقىلىق ناھىيىسىدىكى مىرەنگىچە بولغان يەنى دۆلەت يۇلى218-لىنيىسىنىڭ شەرقىدىكى جايلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ لوپ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ، بۇ رايۇندا  ياشىغان كىشىلەر لوپلۇقلار دەپ ئاتالغان. شۇ رايوندىكى كۆللەر  لوپ كۆلى ، تۇزلۇق كۆل دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ، ئىلگىرى بۇ جايلاردىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر  ئۆزلىرىنى لوپلۇق ، قارا قۇشۇنلۇقلار ، مىرەنلىكلەر دەپ ئاتاپ كەلگەن ،ھەمدا چارۋا بېقىش ، بېلىق تۇتۇش ، تېرىقچىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ھايات كەچۈرگەن.

ھازىر بۇ جايلاردا بىر قانچە ئاھالىلار ئۇلتۇراقلاشقان رايون ۋە مازارلارنىڭ ئىزنالىرى بار، ئەنە شۇ جايدىكى ھازىر لوپنۇر كۆلى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان لوپ كۆلى ئەسلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ شەرقىي ئېقىنىدىكى تۇزلۇق كۆلنىڭ بىرى بولۇپ چاقىلىق ناھىيە بازىرىدىن 320 كىلومىتىر كېلىدۇ .

بۇ جاينىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلىقى 220 كىلومىتىر ، شەرقتىن غەربكە بولغان كەڭلىكى 50- 70 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارغان ۋە يېڭىسۇ مەھەللىلىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 310-330 كىلومېتىر كېلىدۇ ، بۇ

جايدا ھازىر يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 12 مىليون توننا كېلىدىغان چوڭ تىپتىكى كالىيلىق تۇز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلدى ۋە چاقىلىق ناھىيىسى باشقۇرۇشىدىكى لوپ بازىرىمۇ ئەنە شۇ جايدا تەسىس

قىلىندى .

«لوپنۇر»دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھازىرقى لوپنۇر ئەسلىدىكى كۆنچى ناھىيىسىنىڭ نامى بۇلۇپ ، لوپنۇر دىگەن بۇ نام لوپ كۆلىگە ئەسلا ماس كەلمەيدۇ . تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق 1954- يىلى، بىز  بىر قانچە ئۇقۇغۇچى چاقىلىقتىن كورلىغا يۈك ماشىىنىسىغا ئولتۇرۇپ ماڭغان . كورلا ۋىلايىتىگە ئۇقۇشقا ماڭغىنىمىزدىمۇ مۇشۇ جاينى بېسىپ ئۈتۈش سەپىرىمىزدە « كەسكەن توغراق »قا  كەلدۇق ،« دۆڭلۈك »كە كەلدۇق ،« پاياننىياز تۈز»گە كەلدۇق ، «لوپ» قا كەلدۇق « قۇم كۆل» گە كەلدۇق دېيىشىپ ، بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ نامىنى ئاتىشىپ ،سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرغان ۋە يول بويلىرىدىكى قۇمۇشلۇقلاردىكى ئۆردەك ، غاز تۇخۇملىرىنى يىغىۋېلىپ ،بېلىق تۇتۇپ ئوينىغان چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئىسىمدە.

 مەن ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان يەر ناملىرىنىڭ ئەسلى نامى ۋە مەزكۇر جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايانلىرىمنى تېخىمۇ يارقىن يۇرۇتۇپ بىرىش مەقسىتىدە، ئۆز ۋاقتىدا مەزكۇر جايلاردا ئاتا- بوۋىلىرىدىن  تارتىپ ياشاپ ، چارۋا بېقىپ كەلگەن،ھازىرمۇ ھايات بىر قانچە كىشىنى مەخىسۇس زىيارەت قىلدىم .

بۇلارنىڭ بىرى ھاشىم سادىق، 82 ياش، ھازىر چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ تىكەنلىك يېزا توغراقلىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان . بۇ كىشى ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنمۇ ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ ، تەتۈركۆل ،چىگىلىك ئۆي  قاتارلىق رايونلاردا چارۋا بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ، ھازىر ئائىلىسىدە يەنىلا بىر قانچە ئۇششاق چارۋىسى بىلەن كوللىكتىپنىڭ 40 تىن ئارتۇق تۆگىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ بېقىۋېتىپتۇ ، يەنە بىرەيلەن بارات سادىق ئىسىملىك دېھقان بۇلۇپ بۇ يىل 79 ياش ، ئىلگىرى يېزىدا ئاساسىي قاتلام كادىرى بولغان ، پارتىيە ئەزاسى ، ھازىر دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنىۋېتىپتۇ ، بۇ كىشىنىڭ ئاتا – بوۋىسى ۋە ئۆزى بىرقانچە ئەۋلات كىشى بىز نامىنى تىلغا ئېلىۋاتقان رايونلاردا چارۋا بېقىش بىلەن شۈغۇللۇنۇپ ، قۇمكۆل ،تەتۈركۆل ،سۇ قويدى دىگەن كۆل بويلىرىدا چارۋىلىرىنى بېقىپ كەلگەن .

شۇ رايونلارنىڭ ئەسلى نامى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئۆمەر ئاۋىكى بۇلۇپ بۇ يىل 80 ياش ، چاقىلىق ناھىيىسى تىكەنلىك يېزا ياقا ئۆستەڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق چارۋىچى ، بۇ كىشىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد ئاتا – بوۋىلىرى ئەنە شۇ تەتۈركۆل ، چىگىلىك ئۆي ،سۇ قويدى ، قۇمكۆل  دېگەن جايلاردا چارۋا بېقىپ كەلگەن ، چىگىلىك ئۆي دىگەن جايدا قۇمۇش ئۆي ۋە شۇ يەردىكى مازاردا چوڭ دادىسى قولچاق ، چوڭ ئانىسى قوغايلانىڭ جەسىتى قۇيۇلغان بولۇپ بۇ قەبرىلەر ھازىرمۇ بار. بۇ كىشىنىڭ بايان قىلىشىچە، تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا ئىككى چوڭ كۆل بۇلۇپ ، بىرسىنىڭ نامى قومكۆل ، يەنە بىرسىىڭ نامى تەتۈركۆل ئىكەن. تەتۈركۆل دەپ ئاتىلىشنىڭ سەۋەبى، بۇ جاي چەرچەن دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنى قوشۇلغان ئورۇندا بولۇپ ، تارىم دەرياسىدىن سۇ كەلسە ئۆزىنىڭ ئېقىن يۇلىنى ئۆزگەرتىپ غەربكە ، چەرچەن

دەرياسىنىڭ سۈيى كەلسە شەرققە ئاقىدىغان جاي . ئىككى دەريادىن كەلگەن سۇ بۇ رايونغا كىرگەندىن كېيىن،يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تەتۈر ئاققاچقا قەدىمكى كىشىلەر بۇ كۆلنىڭ نامىنى تەتۈركۆل دەپ ئاتاپ كەلگەن

ئىكەن .

ئاساس بىلەن تەمىنلىگۈچى بولغان تۆتىنچى كىشى ئابدۇراھمان يۈسۈپ ، 65 ياش ، پىنسىيىگە چىققان ئىشچى ، 1959- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە ناھىيىلىك پوچتا تېلىگىراف ئىدارىسىدە سىم يول ئاسراش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن . ئەنە شۇ قومكۆل ، تەتۈركۆل ئەتراپىدىكى لوپ لەڭگەر  دېگەن جايلاردىن قوغان ،يىكەنبۇلجامال ،ئارغان دىگەن جايلاردا قونۇپ يېتىپ سىم يول ئاسرىغان ، شۇ ۋاقىتلاردىمۇ بۇ جايلار قومكۆل،تەتۈركۆل دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن .

يۇقىرىدا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ، بىر قانچە ئەۋلات كىشى قومكۆل ، تەتۈركۆل (台特玛湖 ) رايونلىرىدا چارۋا بېقىپ ، ئوۋ ئوۋلاپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ ، بۇلارمۇ شۇ رايونلاردا

ياشىغان ، ھەمدە يەر ناملىرىنى ئاتا – بوۋىلىرى ئاتىغاندەك قۇمكۆل ، تەتۈركۆل ، چىگىلىك ئۆي دەپ ئاتىشىپ كەلگەن . لېكىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قايتا سۇ باشلاش قۇرۇلىشى ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن ،

كۆپ ساندىكى ماتىرىياللاردا بۇ جايلارنىڭ ئەسلى نامىنى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ  (台特玛湖)  دەپ ئاتىدى ، ئاخبارات خادىملىرىمىز ياكى بۇ ماتىرىيالارنى تەرجىمە قىلغۇچىلار ئاھاڭداش مەنىدە تېتىم كۆلى دەپ ئالدى ، نۇرغۇنلىغان نەشىر بويۇملىرىدا ھەتتا يېقىنقى يىللاردا نەشىردىن چىققان چاقىلىق رايوننىڭ مەمۇرىي خەرىتىلىرىدىمۇ «تېتىم كۆلى» دەپ ئېلىنىپ ، ئەسلىدىكى يەر نامىغا ھۆرمەت قىلىنمىدى ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەر نامىنىڭ ئەسلى نامىنى بىلمەيدىغان بەزى كىشىلىرىمىز بۇ رايوندا بىر قانچە ئەۋلات ياشىغان كىشىلەر ئاڭلاپ باقمىغان نامنى ياساپ چىققان، سەۋەبى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغانلىقتۇر.

لوپ كۈلى «罗布泊» نىڭ لوپنۇر كۆلى دەپ ئېلىنىشىغا قارىتا چاقىلىق ناھىيە لوپ بازىرىدا مۇئاۋىن بازار باشلىقى بۇلۇپ ئىشلىگەن ئۆمەر ۋەلى بىلەن سۆھبەتلەشتىم . ئۆمەر ۋەلى 38 ياش ، 2001- يىلى 4- ئايدىن

2008- يىلىغىچە لوپ كۆلى رايونىدا خىزمەت قىلغان . ئۇنىڭ ئيتىشىچە ھازىرقى  لوپ كۆلى رايونى چاقىلىق ناھىيە بازىرىغا 320 كىلو مىتىر بولۇپ ، چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا توغرا كىلىدۇ . بۇ رايوندا كالىيلىق تۇز بايلىقى ناھىيىتى مول بولۇپ ، ھازىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق كالىيلىق تۇز ئىشلەپ چىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى . چاقىلىق ناھىيسى دۆلەتنىڭ  كالىيلىق تۇزچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش ۋە قەدىمى كروران رايونىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ، كان بايلىقلىرىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، 2002 – يىلى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيە لوپ بازىرىنى تەسىس قىلىپ ، بۇ رايونغا بولغان مەمۇرىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتتى . بۇ جاينىڭ نامىنى لوپ كۆلى بازىرى دەپ ئېلىشتا

نۇرغۇنلىغان تارىخىي ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ، جۈملىدىن رايون دائىرىسىنىڭ چوڭلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ،نامىنىڭ توغرا بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىندى ، ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىرىياللار ۋە ئەمىلىي پاكىتلارغا ئاساسەن «新疆若羌县罗布泊镇 » «شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيە لوپ كۆلى بازىرى » دەپ نام بىرىلدى ، ھەرگىزمۇ لوپنۇر كۆلى ئەمەس ، ئەگەر بۇ بازار «لوپنۇر كۆلى بازىرى» ياكى «لوپنۇر بازىرى» دەپ ئاتالسا  بۇ رايۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە مەمۇرىي تەۋەلىكىگە بولغان چۈشەنچىلەرنى    قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتىدۇ . لوپ كۆلى رايونىدا كالىيلىق تۇز ئىشلەپ چىقىرىش رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن

كىيىن، تۇز كۆل دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن . مېنىڭ قارىشىمچە بۇ جاي يەر نامىنىڭ خەنزۇچىسىدا ھېچقانداق مەسىلەر يوق ، ئەمما ئۇيغۇرچىسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ «لوپ كۆلى بازىرى» دەپ ئېلىش مۇۋاپىق ، «تۇز كۆلى» دەپ ئاتاش يەر ناملىرىنى قوللىنىش بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن يەنە خاس نام بولالمايدۇ. ناۋادا لوپنۇر كۆلى بازىرى دەپ ئاتىساق مەمۇرىي تەۋەلىكى جەھەتتىن خاتا چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ،

چاقىلىق ئاھالىلىرىمۇ ئەزەلدىن لوپنۇر نامىنى ئەمەس لوپ نامىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىدەكرېئاللىقنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىش زۆرۈر.

يىغىپ ئېيتقاندا ، رايونىمىز تەۋەسىدىكى يەر ، جاي ناملىرىنىڭ ئەسلىدىكى نامىغا سەل قاراپ ، ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قوللانماسلىقىمىز لازىم، بولمىسا كېيىنكى ئەۋلادلار ئالدىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولىمىز ، كەسكىن مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تارىخنى بۇرمىلىغان بولىمىز . ھەرقانداق دەۋردە يەر جايلارنىڭ  نامى بولىدۇ ، بەزى جايلارنىڭ نامى يەر تۈزۈلىشى ، جۇغراپىيىلىك ئورنىغا ئاساسەن قۇيۇلغان بولسا، بەزى  

يەرلەرنىڭ نامى شۇ رايوننىڭ تەبىئى ئالاھىدىىكىگە ئاساسەن قويۇلغان بولىدۇ ، خۇددى يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۈتۈپ كەتكەندەك قۇمكۆل ،تەتۈركۆل ، چىگىلىك ئۆي ، لوپ كۆلى دېگەن ناملارغا ئوخشاش، كۆپ قىسىم يەر ناملىرى شۇ جاينىڭ تەبىئي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويۇلغان ، بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز  كېرەك .

 

 

مەنبە :چاقىلىق مۇنبىرى

 

تورغا يوللىغۇچى:غالپ بارات ئەرك

 

ئالدىنقى يازما:
كىيىنكى يازما:

4نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. ھونزادە
    2011/09/03 01:39:26

    لوپنۇرى ئەپەندىم چاقىلىق مۇنبىرى ھازىر ئېچىلمايدىكەن ھە؟ياخشى تېمىلار بار ئىكەندۇق.

    • lopnuri
      2011/09/03 03:31:43

      شۇنداق ھازىر بۇ بېكەت ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇن بۇ مۇنبەردە خېلى ياخشى نەرسىلەر ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.

  2. چەۋەندازلار
    2011/09/01 12:21:32

    روزى ھېيىتىڭىز قۇتلۇق بولسۇن قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيدۇ!

    • lopnuri
      2011/09/01 15:26:22

      تەڭ بولسۇن قېرىندېشىم،مەنمۇ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىڭلارنىڭ سالامەت بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif