مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ لوپنۇر ھەققىدە يازغان شېئىرلىرى
مەرھۇم ئەخمەتجان قۇربان سابىرىنىڭ لوپنۇر ھەققىدە يازغان شېئىرلىرى
مەن(ئاپتۇر) بۇ يىل (2008-يىل)11 – ئاينىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزدىكى قەدىمىي ماكان لوپنۇردا زىيارەتتە ۋە ساياھەتتە بولدۇم . مۇنبەر باشلىقى(قۇرداشلار مۇنبىرى بۇ مۇنبەر ھازىر بارمۇ يوق،بىلمەيمەن-يوللىغۇچىدىن) يادىكار ئەپەندى بىلەن سۆھبەتخانا نازارەتچىسى جاندوست ئەپەندىم زىيارەتتە مەن بىلەن بىللە بولدى ، بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ ئۆزىگە خاس خىسلەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . تۆۋەندىكى شېئىرلار ـــ شۇ چاغدىكى تەسىراتلىرىمدۇر :
مۇقەددىمە
مەن مۇبارەك ئۇشبۇ كەچ كۈز پەسلىدە ،
قەدىمى لوپنۇر تامان قۇيدۇم قەدەم .
بىر بۈيۈك تارىخنى ئەسلەتتى ماڭا ،
نۇرلۇنۇپ ھەر بىر ئۆتەڭ ، باغۇ – ئېرەم .
كۆرمىدىم لوپنۇر كۆلىدىن بىر دېرەك ،
ئىزدىدىم چۆل باغرىدىن چەشمە-بولاق .
مەن تېۋىندىم چۆل گۈلى يولغۇنغىمۇ ،
بۇندا توغراقلار چاچار زەپ خۇشپۇراق .
لوپنۇر كەنتى
تۇرىدۇ ئەنە قەدىمى بىر كەنت ،
جىلۋىسى مىڭ يىل مۇقەددەمگە تۇتاش .
ھەممە نەرسە شۇنچە تونۇش ، شۇنچە ئۆز ،
بولمىدى مەندە پەقەتلا ياتسىراش .
مەن قەدەم قويغان چېغىمدا ساتمىغا ،
ئۇ ماڭا خۇددى بىلىندى خان ساراي .
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام دەپ شۇ مەھەل ،
قوللىرىمنى تۇتتى ، خۇددى بىر بوۋاي .
بۇندىكى شۇ قەدىمى ئۆي – ساتمىلار ،
بولدى ماڭا ئۆز ئۆيۈمنىڭ راھىتى .
جوت بورانلىق ئەشۇ مىسكىن ساتمىنىڭ ،
قانچە بىنادىن بۈيۈكتۇر قامىتى.
چۆلدىكى ئوتاق
يەتتىمىكىن ماڭا سەپەر ھاردۇقى ،
گۈل كۆرۈندى چۆلدىكى مەزمۇت ئوتاق .
قانچە كارۋان ئۆتتىكىن تاڭ ئىز سېلىپ ،
شۇ ئوتاقتا ياڭرىغان مىڭلاپ قوشاق .
بۇ ئوتاق قەدىم ھاياتنىڭ بەلگىسى ،
ئوت يۈرەك ئەجدادىمىز يالدامىسى .
كۈندە ياڭرايدۇ جاسارەت ناخشىسى ،
چۈنكى ئۇ ، ئۆلمەس شىجائەت ئانىسى .
تاتلىق(لوپنۇردىكى يەر ئىسمى)
چۆل ئارا بولدى ئايان تاتلىق ئەنە ،
مەن يەنە سۈردۈم خىيال تاتلىققىنە .
نۇرلىنىدۇ پاك ھاياتتىن پاك نىشان ،
بۇندا ئۆلمەيدۇ ھاياتقا تەنتەنە .
چۈنكى ، ئۇ تاتلىق مۇھەببەت بەلگىسى ،
بۇندا قالغان بەكمۇ تاتلىق ئەسلىمە .
ئۇشبۇ تاتلىق ھېسلىرىمغا جۆر بولۇپ ،
قالدى ئۇ ، چۆللەر ئارا تاتلىققىنە.
قارچۇغىدىكى ئۆمەر ( ئاتا – ئانىسى ماشىنا ۋەقەسىدە تۈگەپ كەتكەن ئىكەن)
سەن كىرىپسەن ئەندى بەش ياشقا ئۆمەر ،
قارا قىسمەت سېنى قىپ بوپتۇ يېتىم .
تېلىۋىزۇرمۇ كۆرمىدىڭسەن قانغىدەك ،
ساڭا چۆچەك ئېتمىدىم مەن بىر قېتىم .
سەن بوۋاڭنىڭ خۇددى يۈرەك پارىسى ،
ھەم موماڭنىڭ گۆھىرى ، كۆز قارىسى .
ياشىغىن چۆلدە گويا يۇلغۇن بولۇپ ،
چۈنكى سەن ئۆلمەس زىمىننىڭ بالىسى .
لوپنۇر قوشاقلىرى
ياڭرىدى ئۆلمەيدىغان مىڭلاپ قوشاق ،
چۈنكى ، ئۇ ئەل مېھرىدىن يانغان چىراق .
قانچىلاپ قىسمەتنى كۈيلەيدۇ مۇڭى ،
ھەر قۇرى مىڭ قىسىدۇر ، مىڭ ئىشتىياق .
قانچە يىللاپ ياڭرىدى ئۇ توختىماي ،
ئاڭلىدى كۈندە قۇياش ، تۈنلەردە ئاي .
ھەر قۇشاقتا بىر سېھىر بار ، مېڭ مېھىر ،
يادلىدىم كۇپلىتلىرىنى ئۇخلىماي.
خاتىمە
مەن بېسىپ باغرىمىغا لوپنۇر مېھرىنى ،
خوشلۇشۇپ باقتىم قىيالماي قايرىلىپ .
كۆرگىنىم ئەل مېھرىنىڭ يالدامىسى ،
چىدىماق تەسكەن ئۇنىڭىدىن ئايرىلىپ .
تۇرسا لوپنۇر شېئىر – قوشاقنىڭ چەشمىسى ،
تەس ئىكەن كۈيلەپ ئۇنى قاتماق قوشاق .
شۇندىمۇ ئەپلەپ تۇرۇپ يازدىم بۇنى ،
لوپنۇرۇم بەرگەچ ماڭا زور ئىشتىياق .
-2008 يىلى نويابىر لوپنۇر
توردىكى مەنبە:قۇرداشلار مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1226