ئانا كەپتەر(تۈرۈكچە-ئۇيغۇرچە)

 

 

 

ئانا كەپتەر

يازغۇچى:سەردار يىلدىرىم

 

تەرجىمە قىلغۇچى:گۈلشەن   جېلىل

يازنىڭ گۈزەل بىر كۈنى ئىدى.باتۇر رەگەتكىسىنى ئېلىپ ئۆيىگە يېقىن   جايدىكى  ئورمانلىققا قۇش ئوۋلاشقا   كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇددى راداردەك ئەتراپنى كۈزىتىتشكە باشلىدى.تۇيۇقسىز   ئارقىسىدىن بىرسىنىڭ ئاۋازى كەلدى:-   قۇشلانى ئاتما!

ئۇ   كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىدى،ئەسلىدە باشقا بىرى ئەمەس، بەلكى مەھەللىدىكى دوستى   سارپەر ئىدى.

_شۇ   كىچىك جانىۋارلارنى نېمە قىلماقچىسەن؟ئۇلارنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار زادى   بىلمىدىم.ئۇلارنى قويۇپ بەر،ئۇلار، سايرىسۇن! ئۇچسۇن!ئەركىن قانات قاقسۇن! …  باتۇر:

– سارپەر يەنە   كەلدىڭمۇ؟ساڭا قانچە قېتىم دېدىم،مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشما دەپ.قارا،قۇشلارنى   ئۈركۈتىۋەتتىڭ،ھەممىسى قېچىپ كەتتى.قۇش ئاتماق چەكلەنگەنمىتى-يە؟   سارپەر:

_ ئەلۋەتتە   چەكلەنگەن،بۇ ۋاقىت دەل قۇش بالىلىرىنىڭ چوڭ بولىۋاتقان مەزگىلى.

_ ۋاي خۇدايىم…   چەكلەنگەنمىش،چەكلەنسە مېنىڭ نېمە كارىم،مېنىڭ قۇش ئاتقىنىمنى كىم   بىلەتتى؟ئەتراپتا شۇنچە قۇشلار تۇرسا بىر تال ئاتسام ئازلاپ قالاتتىمۇ؟قۇشلارنىڭ   نەسلى قۇرۇپ كېتەتتىمۇ-يە؟ماڭا قارا سارپەر ،سەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم،قۇش   ئېتىشىمغا ئارلاشما،دېدى ۋە ئېھتىيات بىلەن ئاستا-ئاستا ئالدىغا   ئىلگىرلىدى.تەخمىنەن 20 مېتىر ئارلىق قالغاندا،ئۇ بىر دەرەخنىڭ ئاستىغا كېلىپ   توختىدى.ئۇ رەگەتكىگە تاشنى سالدى-دە،نىشاننى چەنلەپ تۇرۇپ،رەگەتكىنىڭ   رېزىنكىسىنى قويۇپ بېرىۋىدى،ئۇچۇپ چىققان تاش نەق بېرىپ نىشانغا تەگدى.كەپتەرنىڭ   يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا ئاسماندا يەنە بىر قۇشنىڭ قانات قاققان ئاۋازى   ئاڭلاندى.باتۇر يەردىكى كەپتەر باچكىسىنى قولىغا ئالدى.باچكا جان   تارتىشىۋاتاتتى.ئۇ دەرھال باچكىنى بوغۇزلىدى-دە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان   سارپەرگە:

_قانداقكەنمەن؟بىر   تاش بىلەنلا ئۇنىڭ بىر تال مۇيىنىمۇ ئۇچۇرماستىن،مېڭىسىنىڭ قېتىقىنى   چىقىرۋەتتىم.ھازىر ئوت يېقىپ پىشۇرىمەن.تولا كەيپىمنى ئۇچۇرما.دېدى.

دوستىنىڭ   سۆزلىرىگە ئېرەن قىلمىغانلىقىغا ئاچچىقى كەلگەن سارپەر:

_نېمە دېسەم   بىكاركەن ساڭا،سەن ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ياخشى پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلمايسەن.سېنىڭ   ئاتقىنىڭ بىر ياۋا كەپتەر باچكىسى،ئۇنىڭدىن 20 گىرام گۆش يە چىقار،يە   چىقماس.ئەمما بۇ يەردە سەن بىر ئىشنى قىلچە ئويلاپ باقمىدىڭ.سەن ئاتقان ئۇ   كەپتەر باچكىسى يەرگە چۈشىشى بىلەن،ئاسماندا بىر قۇشنىڭ قانات قاققان ئاۋازى   ئاڭلانغانتى.ئۇ چوقۇم ئانا كەپتەر بولىشى مۇمكىن.مەن بۇ ياۋا كەپتەر جەمەتىنى   ياخشى چۈشۈنۈمەن.ئۇلار ھامان قىساس ئالىدۇ. ئۇنىڭ بالىسىنى ئېتىپ ياخشى   قىلمىدىڭ.دېدى-دە ،ئارقىسىغىمۇ قارىماي تېز-تېز قەدەملەر بىلەن كېتىپ   قالدى.باتۇر ئورمانلىقنىڭ بويىغا بىر گۈلخان ياقتى ۋە كەپتەر   باچكىسىنىڭ پەيلىرىنى يۇلۇپ،ئىچ-قارنىنى تازلىدى-دە،كاۋاپ قىلىشقا باشلىدى.ئەمما   ئورمانلىقنىڭ ئىچىدە ئازاپقا ۋە ياشقا تولغان بىر جۈپ كۆزنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ   قاراپ تۇرغانلىقىنى پەقەتلا ھېس قىلمىدى.

ئانا كەپتەر ئۆز بالىسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ بالىنىڭ ھەركەتلىرىنى   كۈزەتكەچ شۇلارنى ئويلىدى.“ئەسلىدە بىز بىرسىنىڭ بىزگە قاراپ   يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرمىسەكمۇ،تىۋىشىنى ئاڭلىمىساقمۇ،ھېس قىلالايتتۇق.ئەمما بىز   قۇشلار دەرەخ شاخلىرىدائولتۇرغۇنىمىزدا،ھاڭۋېقىپ قالىمىز،بەزەندە ئۆتمۈشنى   ئويلايمىز،كۆپ ۋاقتىمىزنى  خىياللار   بىلەن ئۆتكۈزىمىز .بۇلار ئادەتتە بىزنىڭ ئەقلى-ئىدراكقا تۇيۇنغان   خىياللىرىمىزدۇر.يەنى رىياللىققا ئايلاندۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان   خىياللىرىمىزدۇر.مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا رەگەتكىنىڭ ۋە يا بىر مىلتىقنىڭ بىزنى   قارغا ئالغانلىقىنى كۆرمەسلىكىمىز ياكى بىرسىنىڭ ئىسقىرتقىنىنى،ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىماسلىقىمىز   مۆمكىن ئەمەستۇر.مەن پەقەت بالامغا ئۇچۇشنى    ئۈگىتىۋاتاتتىم.شۇ چاغدائەتراپتىكى دەرەخلەردە قۇشلار كۆپ ئىدى   ئەمماكۆپۈنچى قۇشلار ماڭا ئوخشاش خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولغان بولىشى   مۆمكىن.قاس قىلغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم ۋە بالامنىڭ پەريادى بىلەن ئۆزەمگە   كەلدىم.قارىسام بالام يەردە يېتىپتۇ.قاناتلىرىمنى قېقىپ ئۇچۇپ كەتتىم.ھاۋادا كەڭ   بىر دائىرە   سىزغاندىن كېيىن يەنە شۇ يەرگە   قوندۇم.ئەتراپتا قۇشلار كۆرۈنمەيتتى،ھەممىسى قېچىپ كەتكەنىكەن.ئۇلاردىن زادى   نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىماقچى، بىلمەكچى ئىدىم.ئەمما ھازىر بۇلارنى   ئويلايدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.بالامنى ئاتقان ئۇ بالا ئورنىدىن تۇرۇپ   كېتىۋاتىدۇ.كۆزدىن قاچۇرۇپ قويماي ئارقىغا چۈشەي….ھېچ بولمىغاندا ئۆيىنىڭ   نەدىلىكىنى بىلىۋالاي.

      باتۇر يولدا بىر دوستى   بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالدى ھەم بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن،ھويلا دەرۋازىسىدىن   كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۆيى 4 قەۋەتلىك ئىدى.ئانا كەپتەر قارشى كوچىدىكى بىر ئۆينىڭ   ئۆگزىسىدە سائەتلەپ ساقلىدى.كەچ كىرىشى بىلەن ھوجرىلارنىڭ،مېھمانخانىلارنىڭ چىراقلىرى   يېنىشىقا باشلىدى.ئۇ باچكىنى ئاتقان بالا كىرىپ كەتكەن ياتاق ئۆي،مېھمانخانىلارنى   تەكشۈرۈپ چىقتى.يېپىلمىغان پەردىلەرنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئىچىگە قارىدى ھەم   4-قەۋەتتىكى بالكوننىڭ تۆمۈر رىشاتكىسىغا قوندى-دە،بىرەر خەتىرى بولۇپ بولۇپ   قالمىسۇن دەپ ئەتراپقا سىنچىلاپ قارىدى.ئاندىن بېشىنى دەرىزىدىن ئاستا تىقىپ   ،پەردىنىڭ ئېچىلىپ قالغان كىچىككىنە يوچۇقىدىن ئۇ بالىنى كۆردى.بالا دەل ئۇنىڭ   قارشىسىدا ئولتۇراتتى.يېنىدىكى بىر قانچە كىشىگە قوللىرىنى شىلتىپ بىر نېمىلەرنى   دەۋاتاتتى.بىردە قاقاھلاپ كۈلسە بىردە ئەتراپتىكىلەرنى كۈلدۈرەتتى.ئۇ بالىنىڭ   ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بۇ خوشاللىقى ئۈچۈن ئېچىندى.بۇ دەقىقىلەرنى كۆرۈپ   تۇرىۋىرىشكە چىدىمىدى-دە،قاناتلىرىنى قېقىپ قاپقاراڭغۇ كېچە ئاسمىنىدا غايىپ   بولدى.

شۇنىڭدىن كېيىن باتۇر   پات-پات ئۆيى ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا قۇش ئاتقىلى چىقتى.ھەر كۈنى شۇنچە جىق   قۇشلار ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان بۇ ئورمانلىقتا بىر تال قۇشمۇ  كۆرۈنمەيتتى.

باتۇر يەنە بىر كۈنى   قولىغا رەگەتكىنى ئېلىپ ئورمانلىققا كەلدى.ئەتراپتا قارغا ئالغۇدەك بىرمۇ قۇشنى   كۆرەلمىدى.ئۇ مېڭىۋىتىپ،ئۆتكەن كۈنى كەپتەر باچكىسىنى سوققان ئۇ دەرەخنىڭ   ئاستىغا كەلگەندە،بىر قۇشنىڭ قانات قاققان ئاۋازىنى ئاڭلىدى-دە،قورققىنىدىن   ئۆزىگە قاراپ ئېتىلىپ كەلگەن بىر قۇشنى ئاران پەرق ئېتەلىدى.قوللىرى بىلەن   يۈزلىرىنى تۇسىۋالمىغان بولسا ئۇنىڭ يۈزلىرى يارلانغان بولاتتى.قۇش غەلىتە بىر   ئاۋاز چىقىرىپ يەنە دەرھال ئىككىنچى قېتىم ھوجۇمغا ئۆتتى.بۇ ھۇجۇم بىرىنچى   قېتىملىقتىنمۇ بەكرەك شىددەتلىك بولدى.قۇشنىڭ قاناتلىرى يۈزلىرىگە خۇددى   شاپىلاققا ئوخشاش قاتتىق تەككەن باتۇر يەرگە دۇمۇلاپ چۈشتى.ئۇ قولى بىلەن قۇشنى   قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈردى.قۇشنىڭ ئالدىدىكى چۆپلۈك ئارىسىغا   چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن باتۇر،ئارقىسىغىمۇ قارىماي قېچىپ كەتتى.

   باتۇر ئۇ كېچىسى كارۋاتتا ئۇياق بۇياققا ئۆرۈلۈپ   زادىلا ئۇخلىيالمىدى.تاڭ ئاتاي دېگەندە،ئۇ ئۆزىگە ھوجۇم قىلغان ئۇ قۇشنىڭ   كىملىكىنى ھەم نېمە ئۈچۈن ھوجۇم قىلغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى.ئۇ قۇش دەل بىر   قانچە كۈن بۇرۇن ئۆزى ئۆلتۈرگەن باچكىنىڭ ئانىسى ئىدى.دېمەك بۇ ئانا كەپتەر ئۆز   بالىسىنى ئۆلتۈرگەن ئادەمنى تۇنىۋاپتۇ.تېخى ئۇنىڭغا ئىزچىل ئەگىشىپتۇ.بۇ   كۈنلەردە ئۇ قۇش ئاتماق ئۈچۈن ئورمانلىققا كەلگەندە،بۇ كەپتەر باشقا قۇشلارنى   قاچۇرۋىتىپتۇ.بۇ بىر قانچە كۈندىن بېرى شۇ ۋەجىدىن بۇ يەردە بىر تالمۇ قۇش   قالمىغانكەن –دە؟…شۇئان ئۇنى قورقۇنچ باستى.ئەگەر يەنە   قۇش تۇتۇشنى توختاتمىسا،ئۇ كەپتەرنىڭ ئۆزىگە يەنە قانداق بالايى-ئاپەت ئېلىپ   كېلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى.ئەڭ ياخشىسى قۇش ئاتقىلى چىقمىسام بولغىدەك ،قۇش   ئېتىشقا قايتا چىقمىسام بەلكىم ئۇ كەپتەر مېنى قويۇپ بېرىشى مۇمكىن دەپ   ئويلىدى.رەگەتكىنىمۇ ئۇ ئانا كەپتەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا چۈشۈرۈپ   قويغانىدى.ئۇ ئۆز-ئۆزىگە بۇنىڭدىن كېيىن قايتا قۇش ئاتماسلىققا ۋەدە بەردى.

     ئانا كەپتەر باتۇرنىڭ چۈشۈرۈپ   قويغان ئۇ رەگەتكىسىنى تۇمشۇقى بىلەن قىسىپ يىراقلارغا ،باشقىلارنىڭ   تېپىۋالماسلىقى ئۈچۈن بەكمۇ يىراقلارغا ئۇچۇپ باردى.ھەم بىر ئورەكنى تېپىپ   رەگەتكىنى ئۇ ئورەككە تاشلىدى-دە،ئۈستىگە تۇپا،يوپۇرماق ۋە نېمە ئۇچۇرىسا شۇنى   چىشلەپ كېلىپ ئۇنى كۆمۈپ قويدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئانا كەپتەر ئورمانلىقنىڭ بويىدا   كۈزەتچىلىك قىلىشنى يەنە داۋاملاشتۇردى.ئەگەر بىرەرسى  بۇ ياققا كېلىۋاتقان بولسا،دەرھال دەرەخلەر   ئۈستىدىكى ئارام ئېلىۋاتقان،ئۇخلاۋاتقان ۋە يا خىيال سۈرىۋاتقان قۇشلارغا خەۋەر   قىلىپ،ھېچكىمنىڭ قۇش تۇتىشىغا رۇخسەت قىلمايتتى.مانا مۇشۇنداق بىر ھەپتە ۋاقىت   ئۆتتى.كۈز پەسلىنىڭ شەپىسى بىلەن تەڭ ھاۋا ئاستا-ئاستا سوۋۇشقا باشلىدى.پۈتۈن   پەسىل قۇشلىرىغا ئوخشاش،ئانا كەپتەرمۇ ئۆز جەمەتىدىكىلەربىلەن بىرلىكتە قىش   ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسسىق رايونلارغا كۈچۈپ باردى.ئانا كەپتەر بۇ يەردە 3 تال تۇخۇم   بېسىپ باچكا چىقاردى.يازىچە ئۇ بالىلىرىنى چوڭ قىلدى.ئۇلارغا ئۇچۇشنى   ئۆگەتتى.ھەم ھەر ۋاقىت ،ھەر جايدا ئۆزىنى خەتەردىن قوغداشقا سەزگۈر بولۇشقا   ئاگاھلاندۇردى.

  باتۇر ئۆز ۋەدىسىدە تۇردى،شۇ   كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ قۇش تۇتقىنىنى ھېچكىم كۆرمىدى.

 

ANNE GÜVERCİN

 

Yazan: Serdar   Yıldırım

 

 

Güzel bir yaz günüydü. Batur elinde   sapan evlerinin yakınındaki

ağaçlıkta kuş   avına çıkmıştı. Gözleri radar gibi dikkatle çevreyi tarıyordu. Birden   arkasında bir ses duydu: ’Vurma kuşları.’ Döndü, baktı. Seslenen yabancı   değildi. Mahalle arkadaşı Sarper’di: “ Ne istersin şu küçük yaratıklardan   bilmem ki? Ne zararı var onların sana?   Bırak ötsünler, uçsunlar, kanat çırpsınlar. “ Batur: “ Sarper yine mi sen? Bu   kaçıncı? İşime karışma demedim mi ben sana?   Bak kuşları ürküttün, kaçıp gittiler. Kuş vurmak yasak mı yani? “ Sarper: “   Yasak tabii. Şu sıralar kuş yavrularının büyüme zamanı. Batur: “ Amma yaptın   . ha.. Yasakmış.. Yasaksa yasak. Kim bilecek benim kuş vurduğumu? Çevrede bir   yığın kuş var. Bir kuş vursam kuş kıtlığına kıran girmez ya, kuş nesli   tükenmez ya. Bana bak Sarper, sen iyi bir arkadaşsın, fakat şu kuş işine karışma   “ dedi ve ses çıkarmamaya dikkat ederek usul usul ilerlemeye başladı. Yirmi   metre kadar gittikten sonra bir ağacın altında durdu. Sapanını yukarıya doğru   kaldırdı. İyice nişan aldıktan sonra sapanındaki taşı fırlattı. Taş hedefini   bulmuştu. Kuş yere düşerken aynı anda havalanan bir başka kuşun kanat sesleri   duyuldu. Batur az ötesinde yere düşen kuşu aldı. Kuş can çekişmekteydi. Hemen   kuşun kafasını kopardı. Kendisine doğru yürümekte olan Sarper’e dönerek: “   Nasıldım ama? Tek atışta hedef on ikiden. Tık kafa gitti. Tüylerini yoldum   mu, küçük bir ateş yakarım. Cız bız. Sonra deyme keyfime “ dedi.
Arkadaşının sözlerine aldırış   etmemesine içerleyen Sarper: “ Ne desem, ne söylesem boşuna. Başkalarının .   senden daha iyi düşünebileceğini hiçbir zaman kabul etmezsin zaten. Vurduğun bir yabani   güvercin yavrusu. Yirmi gram et ya çıkar, ya çıkmaz. Hem düşünmediğin bir şey   var. Bu yere düşerken kanat sesleri duymuştuk. Herhalde anne güvercindi uçan.   Yabani güvercinler bildiğim kadarıyla kin tutarlar. Yavrusunu vurmakla hiç   iyi yapmadın “ dedikten sonra geriye dönerek hızlı adımlarla oradan   uzaklaştı. Batur daha sonra ağaçlığın kenarında küçük bir ateş yaktı. Buraya   gelirken yavru güvercinin tüylerini yolmuş ve iç organlarını temizlemişti.   Kuşu pişirmeye başladı. Fakat arka tarafındaki ağaçlardan birinde üzgün ve   yaşlı bir çift gözün kendisini izlediğinin farkında bile değildi.
Anne güvercin bir taraftan yavrusunu   vuran çocuğu seyrederken, bir taraftan da düşünüyordu: “ Aslında elinde bir   çocuğun bize doğru yaklaştığını görmesek, duymasak bile hissederiz. Fakat biz kuşlar, ağaç dalları   üzerinde otururken dalar gideriz. Geçmişi   düşünürüz. Hatıralar gözlerimiz önünde canlanır. Doğrularımız, yanlışlarımız   aklımıza gelir.   Çoğu zaman da   hayaller kurarız. Bunlar genellikle tadını damağımızda hissedeceğimiz   hayallerdir. Yani gerçek olmasını istediğimiz. İşte bu gibi durumlarda bir   sapanın veya bir tüfeğin bize doğru nişanlandığını görmemiz yahut yaklaşan   birinin hışırtısını, ayak seslerini duymamız mümkün değildir. Biricik yavruma   uçmayı öğretiyordum. Yavrum çok yorulmuştu. Bir ağacın dalına konduk,   dinleniyorduk. Etraftaki ağaçlar kuş doluydu ve sanırım çoğu da benim gibi   hayallere dalmıştı. Küt diye bir ses duydum ve yavrumun feryadı ile kendime   geldim. Baktım yavrum vurulmuş düşüyordu. Kanatlarımı çırptım ve uçtum.   Havada geniş bir daire çizdikten sonra olayın olduğu yere döndüm. Çevrede kuş   yoktu, hepsi kaçıp gitmişlerdi. Olayın nasıl olduğunu kuşlardan sorar,   öğrenirim. Neyse bırakayım şimdi bunları düşünmeyi. Yavrumu vuran çocuk   kalktı, gidiyor. Gözden kaybetmeden takip edeyim şunu. Evinin nerede olduğunu   öğrenirim hiç olmazsa. “
Batur yolda gördüğü bir arkadaşıyla   konuştuktan sonra oturdukları apartmanın kapısından içeriye girdi.   Oturdukları daire 4. kattaydı. Anne güvercin karşı sokaktaki bir apartmanın   çatısında saatlerce bekledi. Akşam olunca odaların, salonların ışıkları   yanmaya başladı. Yavrusunu vuran çocuğun girdiği binanın oda ve salonlarını   kontrol etmeye başladı. Örtülmeyen veya ara lık bırakılan perdelerin   arkasından içeri bakıyordu. 4. kattaki balkonun korkuluk demirlerinin üzerine   kondu. Şöyle bir etrafına bakındı, bir tehlike var mı diye. Sonra ağır ağır   başını pencere tarafına doğru çevirdi. Perdesi kapatılmamış pencereden   içerisi rahatlıkla görünüyordu. Ve onu gördü…tam karşıda oturmuş, yanındaki   birkaç kişiye bir şeyler anlatıyordu. El-kol hareketleri yapıyor,   kahkahalarla gülüyor, etrafındakileri güldürüyordu. Onun son derece neşeli   hali içini sızlattı. Bu sahneyi daha fazla görmeye dayanamadı, kanatlarını   çırptı ve simsiyah gökyüzüne doğru uçup gitti. Daha sonraki günlerde Batur   evlerinin yakınındaki ağaçlıkta sık sık kuş avına çıktı. Fakat hayret!..Her   zaman pek çok kuşun bulunduğu bu ağaçlıkta bir tek kuşa rastlayamıyordu.
Batur, yine bir gün elinde sapanıyla   buraya geldi. Çevreden çıt çıkmıyordu, etrafta hiç kuş yoktu. Tam yavru   güvercini vurduğu ağacın altına gelmişti ki, aniden kanat sesleri duydu.   Şaşırmıştı. Üzerine doğru . dalışa geçen kuşu son anda fark etti. Elleriyle   yüzünü kapatması onu yaralanmaktan kurtardı. Kuş çığlıklar atarak hemen   ikinci defa saldırıya geçti. Bu saldırı birincisinden çok daha şiddetli oldu.   Kuşun kanat vuruşları birer tokat gibi yüzüne gelen Batur, sırtüstü yere   yuvarlanırken eliyle kuşa sert bir darbe indirdi. Kuşun ilerdeki çalılıkların   arasına düştüğünü gören Batur, arkasına bile bakmadan kaçıp gitti. Batur o   gece hiç uyuyamadı. Yatağında devamlı olarak bir o yana, bir bu yana döndü,   durdu. Sabaha karşı şafak sökerken o kuşun kim olduğunu ve kendisine neden   saldırdığını anlamıştı. O kuş, birkaç gün önce vurduğu yavru güvercini   annesiydi. Demek ki anne . güvercin yavrusunu vuranı unutmamış, devamlı   olarak takip etmişti. Kuş vurmak için ağaçlığa gelirken orada bulunan   kuşların kaçıp gitmesini sağlamıştı. Bu birkaç gündür ağaçlıkta hiç kuş   görememesinin nedenini ortaya çıkarıyordu. Korkunç bir takip altındaydı. Eğer kuş vurmaya devam   ederse anne güvercinin felaketine neden olacağını anladı. Zararın neresinden   dönülürse kardı. Bir daha . kuş avına çıkmazsam anne güvercin belki peşimi   bırakır diye düşündü. Zaten sapanını anne güvercin ile boğuşurken düşürmüştü.   Bundan sonra kuş vurmayacağına söz verdi.
Anne güvercin ise, Batur ile yaptığı   mücadeleden sonra yerde bulduğu sapanı gagasının arasına kıstırıp uçup gitmiş,   uzaklara, çok uzaklara, kimsenin onu bulup bir daha kuş vurmasına imkan   bulamayacağı kadar uzaklara giderek oralarda bulduğu bir çukura sapanı atmış   ve üzerine toprak, yaprak ne bulduysa doldurarak gömmüştü. Anne güvercin daha   sonraki günlerde ağaçlığın kenarında nöbet tutmaya devam etti. Birisi buraya   gelmeye kalksa hemen ağaçlar üzerinde dinlenen, uyuklayan veya hayal kurmakta   olan kuşları uyaracak ve bu ağaçlıkta kimsenin kuş vurmasına izin   vermeyecekti. Böylece aradan haftalar geçti. Sonbaharın gelmesiyle havalar   soğumaya başladı. Bütün göçmen kuşlar gibi anne güvercin de grubuyla birlikte   kışı geçirmek için sıcak ülkelere göç etti. Ertesi yıl nisan ayında anne   güvercin grubuyla birlikte tekrar bu ağaçlığa geldi. Günler çok sakin ve   olaysız geçiyordu. Anne güvercin fırsattan istifade ederek üç tane yumurta   yumurtladı. Bu yumurtaların üzerinde günlerce kuluçkaya yattı. Sonunda,   yumurtalar çatladı ve üç tane minimini yavru sahibi oldu. Yaz mevsimi boyunca   yavrularını büyüttü, onlara uçmayı öğretti. Hayatta kendilerine yönelebilecek   tehlikelere karşı daima uyanık durumda bulunmayı öğütledi. Batur verdiği sözü   tuttu. Bir daha onu kuş  vururken gören   olmadı.

.

 

 

 

 

               


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3630

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2014-02-09
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: