ئۆلۈم خەۋىرى(لوپنۇر خەلق چۆچىكى)
ئۆلۈم خەۋىرى
( چۆچەك )
زامانلارنىڭ ئەۋىلىسىدە ، لوپنۇر كۆلى بويىدا نامى چىققان شىر بەگ ئىسىملىك ئىنتايىن كۈچلۈك بىر پالگان ئۆتكەنىكەن . ئۇ ئۆزىنى بارلىق ئادەملەرنىڭ كۈچتۈنگىرى ھېساپلايدىكەن ۋە ‹‹ مەن ئۆلمەيمەن ، ئەزرائىلغا بوزەك بولمايمەن ›› دەپ ماختىنىپ يۈرۈۋېرىدىكەن .
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ، يىللار ئۆتۈپتۇ . شىر بەگنىڭ ياش – قورامىمۇ ئېشىپ بېرىۋىرىپتۇ . بىراق شىر بەگ ئۆلۈمنى ئېسىگىمۇ ئېلىپ قويماي ، نوچىلىق قىلىپ يۈرۈۋېرىپتۇ . كۈنلەردىن بىر كۈنى شىر بەگكە كېسەل تېگىپ ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىشقا مەجبۇر بوپتۇ . ئۇنىڭ كېسىلى تازا ئېغىرلاشقان كۈنلەردە ئەزرائىل كېلىپ :
- ئەي شىر بەگ ، مەن جېنىڭنى ئالغىلى كەلدىم ، – دەپتىكەن ، شىر بەگ ھەيران بولۇپ :
- سەن كىم ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ جېنىمنى ئالماقچى بولىسەن ؟ مەن دېگەن كۈچتۈنگىر پالگان شىر بەگ بولىمەن . مەن ئۆلۈشنى خالىمايمەن ، - دەپتۇ . ئەزرائىل :
- مەن ئەزرائىل بولىمەن . ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن كەلدىم . رىسقىڭ توشتى ، ئامانەتنى تاپشۇرغىن ، – دەپتۇ .
- مەن تەييارلىقسىز تۇرسام ، نېمىشقا بالدۇرراق خەۋەر قىلىپ قويمايسەن ؟ – دەپتۇ شىر بەگ ئاچچىقلىنىپ ، ئەزرائىل:
- مەن ئاللىقاچان ساڭا خەۋەر بەرگەن . ئىشەنمىسەڭ ئاڭلاپ تۇر : بىرىنچىدىن ، يۈزلىرىڭگە قورۇق چۈشۈپ ، چاچ – ساقاللىرىڭ ئاقاردى ؛ ئىككىنچىدىن ، قول – پۇتلىرىڭدا ماغدۇر ئازايدى ؛ ئۈچىنچىدىن ، بېلىڭ يادەك ئېگىلدى ، ھاسسىغا چۈشتۈڭ ؛ تۆتىنچىدىن كۆزلىرىڭ تورلاشتى ، ئۇششاق- چۈششەك كېسەل يېپىشتى ؛ بەشىنچىدىن ، ھالىڭ خارابلىشىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىڭ . مانا بۇلاردىن ئەجىلىڭ توشۇپ ، ئامانەتنى تاپشۇرىدىغان پەيتىڭ كەلگەنلىكىنى سەزمىدىڭمۇ ؟ – دەپتۇ .
شىر بەگ ئەزرائىلنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولۇپ ، ئۆلۈمگە تەن بېرىپتۇ ۋە يالۋۇرۇپ :
- ئېي ئەزرائىل ، مەن ‹‹ ئۆلمەيمەن ›› دەپ ئويلايتتىم . بىراق ھازىر ئۆلۈمگە تەن بەردىم . مەن ھازىر يالغۇز ۋە ئاجىز . سەل تەخىر قىلساڭ ، تاھارەت ئېلىپ ، كېپەنلىكىمنى تەييارلىۋالسام ، - دەپتىكەن ، ئەزرائىل شىر بەگنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا ئۇنىماي ھايالسىز ئۇنىڭ جېنىنى ئاپتۇ .
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ‹‹ بۇ دۇنياغا تۆرىلىپ ، ئۆلمىگىنىڭنى كۆرەي ›› دېگەن ماقال تارالغانىكەن .
ئېيتىپ بەرگۈچى : لوپنۇر ناھىيە تارىم يېزا بەخت كەنتىدىن ھەمراخان توختى .
مەنبە:يازغۇچىلار مۇنبىرى
تورغا يوللىغۇچى:يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن جەۋلان55
يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2252