پرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر ھەققىدىكى خاتىرلىرى

ۋاقتى: 2011-07-19 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 202 قېتىم / 2 دانە باھا يوللانغان باھا

 

پرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر ھەققىدىكى خاتىرلىرى

 

لوپ كۆلىگە قىلىدىغان ئېكىسپىدىيەمنىڭ تۇنجى قەدىمىنى لوپ تەۋەسىدىكى تۇنجى بېكەت-كۆنچى كەنتىدە كېمىدە باستىم.بۇ مىلادىيە1876-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى ئىدى.(كىروراندىكى ئىزچىلار ناملىق كىتاپ 2-توم 69-بەت)

   مانا بۈگۈن مەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئوتتۇردىن كىسىپ ئېقىۋاتقان كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ئىگىز بىر قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە،نەچچە ئەسىرلىك سەزگۈرەشتىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن قېرى،ئەمما ياپ-يىشىل تۇرغان توغراق تۈۋىدە ئولتۇرىمەن.ئىككىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيەمگە لوپ دالىسىنى تاللاپ توغرا قىپتىمەن. چوقاننىڭ(چوقان ۋالىخانۇپ):“ئەپسانىۋى بىر دۇنيادۇر“دېگىنى دەل مۇشۇ تەكلىماكان ئىكەن.

   مەن مانا شۇ ئەپسانىدەك سىرلىق دۇنيانىڭ بۇسۇغىسىدا تۇرىمەن.بوسۇغىسىمۇ ماڭا سىرلىقتەك تۇيۇلىۋاتىدۇ.دەريانىڭ ئىككى قاسناق ۋادىسى كەڭ كەتكەن قۇملۇق بولغىنى بىلەن،بۈك توغراقلىق ئىكەن.بىر قاراپلا بۇنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىپتىدائىي توغراقلىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.ھازىرغىچە سىرتنىڭ ھەرقانداق قولى يەتمىگەن،ئەزىلى ئىپتىدائىيلىقىچە تۇرۋاتقان  توغراقلىق ئىكەن.مەن ھازىر تەڭرىنىڭ ئاجايىپ سىرلىق قۇدىرتىگىمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن.يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كەلكۈندىن باشقا بىر تېمىم سۇ كۆرمەيدىغان قۇملۇقتا،ئىگىز قۇم دۆۋىلىرى ئۈستىدە توغراقلارنىڭ كۆكلەپ،ياشىرىپ يشىللىقىدىن قالماي تۇرىشىنىڭ ئۆزىلا بىر سىر ئىكەن.مەن چىداملىق،قەيسەرلىكتە دۇنيادا توغراقتىن باشقا يەنە بىر خىل دەرەخ يوقمىكىن دەيمەن.تەڭرى بۇ قەيسەر دەرەخنى مۇشۇ تەكلىماكان ئۈچۈنلا ياراتقانمىكىن،دەپ ئويلاپ قالدىم.دېمىسىمۇ،ئوتتەك قىززىق ھاۋاسى قۇم دۆڭلىرى ئۈستىدە ۋىلىلداپ كۆزنى تالدۇردىغان قۇملۇقتا ئاندا-ساندا ئۇچىراپ قالىدىغان يۇلغۇننى سانىمىغاندا،توغراقتىن باشقا خىلدىكى دەرەخ يوقكەن.بەلكى بۇرۇن بار بولغىيدى،ئەمما بۇ ماكاننىڭ ئۆزگىچە،رەھىمسىز تەبىئىتى ئالدىدا ئاجىز ۋە چىدامسىزلىقىدىن شاللىۋىتىلگەندۇ،پەقەت توغراقلا ئۆزىنىڭ قەيسەر ھاياتىيلىقى بىلەن ياشاپ كېلىۋىتىپتۇ.بىلمىدىم،باقى،ئامىتەكلەردىكى(پرژىۋالىسكىلارغا يول باشلىغۇچى بولغان لوپلۇقلار)ئۆزلۈكلۈك،مەغرۇرلۇق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش،چىداملىق توغراقنىڭ قەيسەرلىكىنى مەنبە قىلغانمۇ،ياكى ئۇلار ئۆز روھىيىتى بىلەن توغراقنى سۇغرىپ كېلىۋاتامدۇ؟(كروراندىكى ئىزچىلا ناملىق كىتاپنىڭ89-90-بەتلىرىدىن ئېلىندى)

      مەن بۇ دىيارغا قەدەم قويۇشتىن ئاۋال،تارىم ئويمانلىقىدا ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم.بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن،بۇ دىياردىكى خەلقنىڭ جاھاندىن بىخەۋەر ھالەتتىكى ئىپتىدائىي تۇرمۇش موھىتىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم.شۇ كۈنلەردە نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا بىزلەردىن مەدەنىيەت جەھەتتە ئاللىبۇرۇن ئالغا كەتكەن بۇ خەلق بىلەن ياۋرۇپالىقلار ئوتتۇرسىدا ئاسمان-زىمىن پەرق بارلىققا كەلگەن ئىدى….بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ماددىي تۇرمۇش جەھەتتىنلا نامرات بولۇپ قالماستىن،بەلكى يەنە روھى دۇنيا ۋە مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىنمۇ ئاجايىپ زەيىپلىك ئىچىدە ياشايدىكەن.ئۇلارنىڭ دۇنيا ھەققىدىكى بىلىملىرى ۋە ئاڭ سېزىمى پەقەت ئەتىراپىدىكى تار موھىت بىلەنلا چەكلىنىدىكەن،سىرتقى دۇنياغا نىسبەتەن ھېچقانداق تەسىراتى ۋە چۈشەنچىسى يوق ئىكەن.قېيىق،قارماق،تور،بېلىق،قۇمۇش چەكسىز قۇملۇق..مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىكەن.بۇنداق بېكىك موھىت ئىچىدىكى تىمتاس ھايات ئۇلارنىڭ سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقە ئېھتىياجىنى يوقىتىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىنىمۇ يوق قىلىۋىتىدىكەن.ئۇلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارلىقتا،كۆز ئالدىدىكى قۇمۇشلۇق كۆلدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە ئۈمىد باغلىمايدىكەن.ئۇلار ئۈچۈن تاشقى دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىكەن.نامراتلىق،ئاچ-زارلىق ۋە رەھىمسىز تەبىئەت بىلەن توختاۋسىز كۆرەش قىلىش جەريانىدا،ئۇلارنىڭ خاراكتىرىدە بىر خىل جاھىللىق،ئىچىگە تىنىپ كەتكەن سۈكۈت ۋە ئۆتكەن كۈنىگە شۈكرى قىلىش پىسخىكىسى شەكىللەنگەنىكەن.ئۇلارنىڭ سۇلغۇن چىرايىدىن كۈلكە-تەبەسسۇمنى كۆرۈش ئىنتايىن تەس ئىكەن.(كروراندىكى ئىزچىلار رومانى2-توم103-بەتتىن ئېلىندى)

   بىر كۈنى مەن مەھەللىدىكى كىشىلەر(كونا ئابدال مەھەللىسى)بىلەن بىر قاراڭغۇ قۇمۇش ساتمىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتىم.ئۇلار ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.خىياللىرىم مېنى قۇمۇش ساتمىدىن ئاچىقىپ يىراقلارغا پەرۋاز قىلدۇردى…پەن-مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان بۇ زاماندا،بىز ياۋرۇپالىقلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارلىقى قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەن بولغىيدى-ھە؟بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى زامان ياۋرۇپا مىللىتىگە ئايلانغۇچە قانچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەن؟قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىنغان بولغىيدى؟ئالدىمدىكى لوپلۇقلار يەنىلا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ماڭا قاراپ ئولتۇراتتى.ئۇلار ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىغانسىرى،مېنىڭ بۇ كىشىلەرگە بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتاتتى.ئەنە ئاشۇ پايانسىز جەزىرىنىڭ گىرۋىكىدە،ئەنە ئاشۇ سىرلىق كۆلنىڭ ساھىلىدا.ئەنە ئاشۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ ياشاۋاتقان يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ،ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمىيەتتىكى سىرلىق تۇرمۇش مەنزىرسىنى تەسەۋۇر قىلدىم.(كروراندىكى ئىزچىلار رومانى 2-توم121-بەتتىن ئېلىندى)

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،ھازىرقى لوپ كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇپتىن شەرقى شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى يۈز كىلومىتىر ئەتىراپىدا ئىكەن.تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنى لوپ كۆلىدە ئاخىرلىشىدىكەن.كۆلنىڭ شەرقى شىمال قىسمىدا چەكسىز كەتكەن شورتاڭ ھاسىل بولۇپ،ئۇ يەر كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇقلار بىلەن قاپلانغان ئىكەن…پۈتكۈل لوپ كۆلىنىڭ سۇ يۈزى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ،ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى بىر مىتىر ئەتىراپىدا ئىكەن.بەزى جايلىرىنىڭ ئىككى مىتىر،ئايرىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەتتا بەش مېتىرمۇ كېلىدىكەن.بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىمىز،لوپ كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بولدى.چۈنكى،تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى لوپ كۆلىنىڭ قۇيۇلىدىغان سۇ زاپىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋىتىپتۇ.لوپ كۆلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ مەزگىلسىز ھالدا كۆپىيىدىغانلىقى ۋە ئازىيدىغانلىقى توغرىسىدا يەرلىك ئاھالىلەر ئىچىدىكى ياشانغان كىشىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىشتى.ئومۇمەن ئېيتقاندا،لوپ كۆلى ئاستا-ئاستا ۋە تىنىمسىز رەۋىشتە تارىيىۋىتىپتۇ.تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا،قۇرۇپ كىتىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قاراپ يۈزلىنىۋىتىپتۇ.بىز بۇ نوقتىنى لوپ كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى گويا قىسماققا ئوخشايدىغان پايانسىز شورتاڭلىقنىڭ بارغانسىرى كۆل يۈزىنى تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.(كروراندىكى ئىزچىلار رومانى 2-توم129-130-بەتلەر)

كۈنچىققان بەگ شۇ ۋاقىتتىكى لوپ رايۇنىنىڭ چوڭ ئاقساقىلى بولۇپ،ئۇ يەرنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى يۇرت مۆتىۋەرلىرى كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلاتتى.ئۇ ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ،1885-يىلى يەتمىش ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىكەن.ئۇ ناھايىتى ساغلام ئىكەن،پۇقرالىرىغا خۇددى ئاتا بالىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدىكەن،قولىدا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى باشقىلاردىن ئايىمايدىكەن.شۇڭا ئۇ گەرچە ئاقساقال بولسىمۇ،لېكىن ناھايىتى غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن…..

ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارىم دەرياسى،لوپ كۆلى ۋە ئالتۇنتاغ ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ سۇس بولغان جۇغراپىيىلىك رايۇن دەپ قارالغان ئىدى.جۇڭگۇ يىلنامىلىرىدىكى خەرىتىلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى،جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تارىم دەرياسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ناھايىتى غۇۋا ئىدى.ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆپلىگەن دەريا ئېقىنلارنىڭ تارىم دەرياسىغا جۇغلىنىپ،ئەڭ ئاخىر لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمغا ئىگە ئەمەس ئىدى.جۇڭگۇلۇقلار سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇشۇ ئاساستا سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە لوپ كۆلىنىڭ ئورنى ۋە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ لوپ كۆلىگە ئېقىپ كىرىدىغان جايى ھەققىدىكى خەرىتىلىك تەسۋىرىدە ناھايىتى چوڭ خاتالىقلار مەۋجۈت ئىدى.لوپ كۆلىدىن باشقا يەنە ئالتۇنتاغنىڭ ئورنى مەسىلىسىدىمۇ خېلى چوڭ ئېنىقسىزلىق بار ئىدى.تارىختىن بۇيان قانچىلىغان تۆگە كارۋانلىرى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ،شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.شۇنداق بولىشىغا قارىماي جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ تاغ تىزمىسى ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى ۋە يازما ئۇچۇرلىرى كەمچىل ئىدى.بۇ رايۇننىڭ تەبىئى ھالىتى كېلىماتى،ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرى،تۇپراق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ھېچكىم تېخى مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانىدى.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا،تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتۇق.شۇنداقلا ۋېنىتسىيىلىك سەيياھ ماركوپولودىن كىيىن بۇ رايۇننى دەسسىگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،سىرلىق لوپ كۆلىگە،تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ تاكى خوتەن بوستانلىقلىرىغىچە بولغان جايلارغا قەدەم باستۇق.بۇ دەل1876-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن1877-يىلىنىڭ باھار پەسلىگە بولغا مەزگىل بولۇپ،ئاسىياغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىم ئىدى.(كروراندىكى ئىزچىلار رومانى2-توم148-،149-بەتلەردىن ئېلىندى)

2نەپەرتورداش بۇ يازما ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋېتىپتۇ، مەنمۇسۆزلەپ باقاي!

  1. رىسالەت
    2012/02/18 11:49:51

    پىرژىۋالىسكىنىڭ ‹‹لوپنۇرغا كىرىش ›› دەيدىغان مەخسۇس كىتابى باركەن. شۇ كىتابتا بەك تەپسىلى يېزىلغانكەن.

    • lopnuri
      2012/02/18 19:29:02

      بۇ كىتاپنىڭ ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخىسى بار ئىدى.بىر كۆرۈپ چىقىشقا پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif