باللىرىمىزدىكى جۈرئەت قانداق يوقىلىۋاتىدۇ؟

ۋاقتى: 2011-12-14 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 210 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

        

 

بالىلىرىمىزدىكى جۈرئەت قانداق يوقىلىۋاتىدۇ؟

 

 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئېچىپ مىنى ئالەمچە خوشاللىققا چۈمدۈردى. كۈن بويى ئۇنى چورگىلەپ يىراق كېتەلمەيدىغان بولدۇم. ئۇنىڭغا ئىسىم قويغۇچە نۇرغۇن كىتاپلارنى ئاختۇرۇپ، كىشىلەردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئۇنىڭغا ناھايىتى خاسىيەتلىك ئىسىمدىن بىر قويدۇم. ئىسىم قويغۇچە ئۇنى ھەر خىل ئەركىلەتمىلە بىلەن ئاتىغان بولساممۇ، قويغاندىن كىيىن، شۇ ئىسمىنى پەخىرلىنىش بىلەن دەيدىغان بولدۇم. مەنىسىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە زېرىكمەي تىرىكمەي چۈشەندۈردۈم. شۇنداق، ھەر قانداق ئادەمگە نىسبەتەن بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىسىم قويۇش ناھايىتى موھىم. ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپلا بالىلىرىغا ئىسىم قويۇشتا نۇرغۇن ئامىللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن. چۈنكى، بىزدە ئىسىم شۇ بالىنىڭ تەغدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان دەيدىغان كۆز قاراش بار.

ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئىسىم قويۇشتا ئوخشىمىغان دەۋىردە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. مەسىلەن: ئۇيغۇرلار شامان دىنى ۋە باشقا ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلغاندا تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىي ھادىسلەرنىڭ ناملىرىنى بالىلىرىغا قويۇپ ئۆزىنىڭ تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلەپ بەردى. بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە شۇ دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىسىملارنى كۆپرەك قويدى. ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلغاندىن باشلاپ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمەت ناملىرىنى قىسقىسى ئەرەپچىدىكى ئىسىملارنى كۆپلەپ قويۇپ كەلدى. بۇ خىل ئەنئەنە تاكى ھازىرغا كەلگۈچە يېزىلىرىمىزدا يەنىلا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلمەكتە. لىكىن جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ شەھەرلەردىكى نۇرغۇن زىيالىلار باللىرىغا ئىسىم قويۇشتا بارغانسىرى غەيرىلەشتۈرۈش، چۈشنۇكسىزلەشتۈرۈش خاھىشىنى ئىپادىلىدى. نەتىجىدە بىر مەزگىل باللىرىمىزنىڭ ئىسىملىرى چوڭلىرىمىزنىڭ ئاغزىغا تەستە كىلىدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى. يەنە ئاز ساندىكى زىيالىلىرىمىز بولسا ئىسىم قويۇشتا ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ ساپ تۈركى تىلدىكى ئىسىملىرىنى قويۇشقا تىرىشتى. ھەم ئۆزلىرىنىڭ ئەجدات يىلتىزىنى ئىزدەش خاھىشىنى ئىپادىلىدى. مېنىڭچە بۇ ماختاشقا تېگىشلىك ياخشى ئەھۋال.

  مەن بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قويۇش ئەنئەنىسىنى تەپسىلى شەرھىلەپ ئۆتمەكچى ئەمەس، بەلكى ئوغلۇمنىڭ كۆز ئالدىمدا چوڭ بولۇش جەريانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، نىمە ئۈچۈن شەھەردە ئۆسكەن بالىلارنىڭ يېزىدا ئۆسكەن بالىلارغا قارىغاندا يۈرەكسىزرەك، قورقانچاقراق بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. مەن بايا دەپ ئۆتكەندەك بىر يېڭى ئائىلە قۇرۇلۇپ ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئائىلىگە (مەيلى ئوغۇل مەيلى قىز بولسۇن) يېڭى بىر ئەزانىڭ قوشۇلىشى كىشى تەسۋىلىگۈسىز دەرىجىدىكى خوشاللىق. مەن ئۆزۈمنى ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك خوش بولۇپ كەتكىنىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئەڭ ئاۋال ئۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىسىم قويۇشى، ئۇنى تۈجۈپلەپ بېقىپ قاتارغا قوشىشى كېرەك. بۇ بىر ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ جەمىيەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتى. بالا تۇغۇلغان ئائىلىنى ياخشى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق چۈشىنىش ھاسىل قىلىشى، ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك. بىز ئۇيغۇرلاردا دائىم دېگۈدەك “ بالا بېقىش خوتۇن كىشىنىڭ ئىشى“ دېگەن بىرتەرەپلىمە كۆز قاراش بار. ئەر كىشى ھېچبولمىغاندا ئايرىم ئىشلاردا ئايالىغا ھەمدەمدە بولىشى، ياردەملىشىشى لازىم. ھازىر جەمىيىتىمىزدىكى بەزى ئائىلىلەردە يېڭى توغۇلغان بالىلارنىڭ يىتىم بولۇپ قېلىشى ئەنە شۇنداق مۇتەسسىپ كۆز قاراشلارنىڭ بىز گە كەلتۈرگەن زىيىنى بولسا كېرەك.

  مانا بالام تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئايالىم بىلەن ئىككىمىز ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئۇنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىغا ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ھەر بىر قىلىقى، يېڭىدىن ئۆگەنگەن سۆز –جۈملىلىرى بىزنىڭ تارتقان جاپالىرىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ماڭماقتا. بەزىدە ئۆزىمىزچە ئولتۇرۇپ ”ھازىر بىزنىڭ بارلىق خوشاللىقىمىز مۇشۇ بالىمىز ئىكەن ھە!“ دېيىشىپمۇ قالىمىز. “ بالىلىق ئۆي بازا، بالىسىز ئۆي مازار“ نېمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆز ھە! مانا بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە بالىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزىمىز ئۆيدە ئادەم تۇرغۇزۇپ بېقىپ كېلىۋاتىمىز. بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن گەرچە بىز چەكسىز خوشال بولغان بولساقمۇ، بەزىدە نۇرغۇن غەم ئەندىشلىرمىزمۇ كۆپەيگىلى باشلىدى. ئۇ بولسىمۇ، بىز ھەر ئىككىمىز خىرمەتچى. كۈندە بالىمىزغا ھەمراھ بولۇپ ئولتۇردىغان ئىش يوق. بىز چوقۇم ئىشلىشىمىز كېرەك. مانا بارلىق باش قېتىنچىلىقى ئەنە شۇ يەردىن باشلاندى. بالا بىر يېرىم ياشقا كىرگۈچە ئۇرۇق تۇغقان دوست بۇرادەرلىرىمىزغا يېلىنىپ يۈرۈپ ئىككى قىزچاقنى ئۆيدە تۇرغۇزدۇق. ئۇلارغا ئاتا-ئانىمىزغا قىلىپ بېقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ياخشى مۇئامىلىمىزنى قىلدۇق. (بۇ يەردە بىزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىپ يۈرۈپ بالىسىنى بالا باققۇچىلارغا باققۇزغان قېرىنداشلىرىمىزغا بىر تەقدىرگە دۇچار بولغان دەرتداش بولغانلىقىمىز ئۈچۈن  ئۇلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن) ئۇلار ھەر ھالدا بالىمىزنى 7-8 ئايدىن بېقىپ مۇشۇ ياشقا ئەكىلىشىپ بەردى. گەرچە ئۇلار داۋاملىق بىزگە ياردەم قىلىشنى خالىماي كېتىپ قالغان بولسىمۇ، بىز يەنىلا ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. (چۈنكى نېمىلا بولمىسۇن، گەرچە ئايرىم چاغلاردا قاپىقى تۈرۈلۈپ ئاچچىقى كېلىپ قالغان، تۇرۇپلا تازا ئالدىراش ئىشلەۋاتقاندا كېتىمەن دەپ بىر مۇنچە يالۋۇرغۇزغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئىشقىلىپ ئۇلار ھەر ئىككىلىسى بالىمىزنى يىقىتماي ساق بېقىپ بەردى، شۇڭا خۇداغا مىڭ شۈكرى!) بالىنى باقىدىغان ئادەم كەتتى قانداق قىلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن جايلاردىن ئىزدەپ باقتۇق. لىكىن ئادەم چىقمىدى. ئاخىرى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى 45 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايالنىڭ ئۆيىگە ئەتىگەنلىكى ئەكىرىپ كەچتە ئەپچىقىۋالدىغانغا باغرىمىزنى تاش قىلىپ ماقۇل بولدۇق. ئۇ يەرگە كىرىپ بىر ئايدىن كېيىن، بالامنىڭ خاراكتىرىدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئۆزگىرىشلەر مىنى غەم ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئۆگەنگەن سۆزلىرىمۇ بىر خىل تاقا-تۇققا گەپلەر ئىدى. بالا تىلنى نەدىن ئۆگىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئەتىراپتىكى موھىتتىن. ئون بەش كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بىر كۈنى كەچتە بالامنىڭ ئاغزىدىن تۇيۇقسىز “ ئاناڭ كەي، ساراڭ جىم ئولتۇر، ياتە……. خۇ …. با   مۆھ…. مۆھ .. كەلدى ”دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. يۈرۈكۈم جىغغىدە بولۇپ قالدى. بىز ئەزەلدىن بالىنى قورقۇتىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ باقمىساق نەدىن ئۆگەندى؟ ئەلۋەتتە بۇ ئېنىقكى بالامنىڭ ئاشۇ بېقىۋاتقان ئانىسىدىن ئۆگەنگەن سۆزلەر ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ئايالغا بۇنداق گەپلەرنى دېمەسلىك توغىرسىدا گەپ قىلىش كېرەكمۇ؟ ناۋادا ئۇ خاپا بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك، چۈنكى ھازىر بىزنىڭ ئالدىراش ۋاقتىمىز. ئەگەر ئۇ ئاچچىقلىنىپ باقمايمەن دېسە قانداق قىلغۇلۇق؟ نەدىن ئادەم تاپقۇلۇق؟ شۇنداق قىلىپ ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دېمەسلىك چىداپ تۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. مانا شۇنىڭ بىلەن بالام يەنە شۇ يەرگە كۈندە تۇشۇلۇپ تۇردى. كۈندە كەچتە ئالغىلى بارسام مېنى كۆرۈپلا قاتتىق ۋە ئېچىنىشلىق يىغلاپ كېتەتتى. شۇنداقلا چۈشىنىكسىز تىللىرى بىلەن ئۇ ئايالنى كۆرسىتىپ بىر نەرسىلەرنى دەپ كېتەتتى. مېنىڭچە ئۇ ئايال بالامنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن  بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇنى خېلى ئۇچۇغداپ قويغاندەك تۇراتتى. بۇ كۈنلەردە بالام بەزى كېچىلىرى “ جىم ئولتۇر…، خۇ با…..، موھ  موھ كەدى، چۈشە “ دېگىنىچە جۈيلۈپ قوپۇپ كېتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىمىز قاتتىق يېرىم بولدى. بالام  قىسقىغىنە بىر ئايدا باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمۈشلەر مېنى بۇ ھەقتە خېلى ئويلاندۇرۇپ قويدى. خىيالىرىم شۇنداق چىگىش ۋە كالامدا بالا تەربىيلەش، بالىنىڭ مىجەز خاراكتىرىنى يىتىلدۈرۈش، ئۇنى ساغلام روھ بىلەن سۇغىرىش ھەققىدىكى پىكىرلەر يامراشقا باشلىدى. ئويلىغانسىرى شەھەر موھىتىدا ئۆسىۋاتقان بۇ بالامنى مەن بۇرۇن ئۇچىراتقان بالىلارغا سېلىشتۇرۇپ بېقىش ئويى پەيدا بولدى. چۈنكى مەن بۇرۇن توي قىلماستا مۇشۇنىڭغا ئائىت بەزى ھېكايىلەرنى ئاڭلىغان ۋە بەزى ئىشلارنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.

1-ھېكايە

مەلۇم بىر  مەكتەپتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى بىر يىلى مەلۇم خىزمەت تۈپەيلى شەھەر سىرتىدىكى بىر مەكتەپكە بالىلارنىڭ كۆچۈرگەنلىگى سەۋەبلىك يۆتكىلىپ بارغان. ئۇ يەردە بارلىق سىنىپ مەسئۇللىرى بىرگە تۇرغان. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ بوي-بەستىمۇ خېلى بار ئىكەن. ئادەتتە دائىم باشقىلارغا ۋاقىراپ –جاقىراپ ، سۈر-ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ يۈرىيدىغان بالا ئىكەن. لىكىن ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارلاپتۇ. يەنى كەچ بولغاندىن كىيىن ئۆزى يالغۇز ھاجەتخانىغا چىقالمايدىكەن. ( يېزىدىكى مەكتەپ بولغاچقا ھاجەتخانا ياتقان ياتاققا 100 مېتىردەك كېلەتتىكەن). ئويلاپ باقايلى 30 ياشتىن ئاشقان بىر پۈتۈنسۈرۈك ئادەم. كېچىسى 100 مېتىر يىراقلىققا چىقالمىسا. ھەمىشە ئارىدىكى خىزمەتدىشىدىن بىرىگە يالۋۇرۇپ ئويغىتىپ بىللە چىقسا. ياكى تاڭ ئاتقۇچە چىداپ ياتسا.بۇ ئەركەكتىكى ئەرلىك جاسارەت قېنى؟

2-ھېكايە

تاغامنىڭ 15 ياشقا كىرگەن ئوغلى 150 كۇۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە كېچىسى ياتاق ئۆيىدىن بەش مىتىر يىراقلىقتىكى ھاجەتخانىغا كىرىش ئۈچۈن چوقۇم بارلىق ئۆيلەرنىڭ چىرىقىنى يېقىشى كېرەك. بولمىسا ئۇنىڭ قاراڭغۇ ئۆيدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ھاجەتخانىغا كىرىشى مومكىن ئەمەس.

يەنە شۇ تاغامنىڭ ئوغلى ياز كەلگەندە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭلارنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن يېزىدىكى ئۆيگە بارىمىز. ئۆيگە يىراق بولمىغان جايدا بىر كىچىك ئۆستەڭ بار. ئەتىراپتىكى قوشنىلارنىڭ يەتتە- سەككىز ياشلىق بالىلىرى بۇ ئۆستەڭدە خۇددى بېلىجانلاردەك پىلتڭلاپ ئوينايدۇ. لىكىن تاغامنىڭ 15 ياشقا كىرگەن ئوغلى كىيمىنى سېلىپ تاشلاپ شۇ بالىلار قاتارىدا سۇ ئۈزۈپ ئويناشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

3-ھېكايە

مەلۇم بىر ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى. مۇئەللىم بىئولوگىيە دەرسىدە، تەجىربە ئەۋرىشكىسى ئۈچۈن ھەر بىر ساۋاغداشقا بىردىن پاقا تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرۇدى. ئەلۋەتتە بۇ سىنىپتا يېرىمى شەھەردە ئۆسكەن بالىلار بولسا، يېرىمى يېزىدىن كېلىپ ئوقۇيدىغان بالىلار ئىدى. بارلىق تەجىربىگە ئىشلىتىدىغان پاقىلارنى يېزىلىق بالىلار تېپىپ ئەكەلدى. مۇئەللىم تەجىربىنى باشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. يېزىدىن كەلگەن بالىلار خۇددى ئۆيدىكى ئاسلانلىرىنى تۇتقاندەك پاقىلارنى چاڭگاللاپ ئېلىپ تەجىربىسىنى باشلىۋەتتى. شەھەرلىك بالىلار بولسا، تەييار تۇتۇپ ئەكەلگەن پاقىلارنى قۇتىدىن چىقىرىشقىمۇ پېتىنالمىدى.

مانا شۇ تەرىقىدە كۆز ئالدىمدا شەھەر بالىلىرنىڭ يۈرەكسىزلىكى ھەققىدىكى ھېكايىلەر كېنو لىنتىسىدە كاللامدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. شەھەر بالىلىرىنىڭ نېمىشقا بەزى جەھەتلەردە قورقۇنچاق بولۇپ قالغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدىم ھەمدە بۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبتىن بولىشى مومكىن دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم.

1.شەھەردىكى بالىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىسى ئەمەس، بەلكى بوۋا-مومىلىرى، ھاممىلىرى ياكى بالا باققۇچىلار باقىدىكەن. مېنىڭچە كۆپىنچىلىرىنى بالا باققۇچىلار باقىدۇ. ئەمدى بۇ بالا باققۇچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، كۆپىنچىلىرى پەقەت سىزنىڭ پۇلىڭىز ئۈچۈنلا جان كۆيدۈردىكەن. ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت قانچە تېز ئۆتسە شۇنچە ياخشى، قانچە ئۇڭاي ۋە ئاسان يول بىلەن ئۆتسە شۇنچە ياخشى. سىزنىڭ بالىڭىزغا جان كۆيدۈردىغانلىرى مېنىڭچە ناھايىتى ئاز. بۇ توغۇرلۇق بالىسىنى بالا باققۇچىلارغا باققۇزغانلار سۆزلەشكە تېخىمۇ ھەقلىق. بىر كۈنى بىر خىزمەتدىشىمىز مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەلۇم دوستىنىڭ بالا باققۇچىسى ئەمدىلا بىر نەچچە ئايلىق بولغان بالىنى بەزلەش ئۇسۇلى ئاجايىپ غەلىتە بولغان. بالىنى ئاپىسى ئەتىگەندە بىر ئىمىتىپ قويۇپلا ئىشقا كېتىدىكەن. بالىنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەتكەندە قاتتىق يىغلايدىكەن. لىكىن بۇ بالا باققۇچى قىزچاق تېلېۋىزۇر كۆرۈشكە شۇنداق ئامراق ئىكەن ( بەلكىم بۇ بارلىقى بالا باقىدىغان قىزلارنىڭ ئورتاق قىزىقىشى بولسا كېرەك). شۇنىڭ بىلەن ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ بۇ“ ئەقىللىق “ قىزچاق مۇنداق بىر ئامالنى تېپىپتۇ. بالا يىغلىغان ھامان ئۇنى پۇتىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ قويىدىكەن-دە، بالا ئۇنىڭ بارمىقىنى ئانىسىنىڭ ئەمچىكى دەپ ئويلاپ مەزە قىلىپ ئىمىدىكەن. قىزچاقمۇ تېلىۋىزۇرىنى خاتىرجەم كۆرىدىكەن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسى ئالدىدا ياخشى قاراپ، ياخشى مۇئامىلە قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئۇلار يوق چاغدا ئەدىپىنى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تېخى تىلى چىقمىغان بالىنى مولام مۈشۈك قىلىۋىتىدىكەن. بۇنداق بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئەيىپلەش قورقۇتۇشلىرى ئالدىدا چوڭ بولغاچقا، چوڭ بولغاندىمۇ بىر ئىشلارغا دۈچ كەلسە، ئوڭايلا تەسلىم بولۇش يولىنى تاللايدىكەن. مەن يېقىندا يەنە يېزىغا بېرىپ، يولدا كېتىۋىتىپ10 ياشلار چاممىسىدىكى ئىككى بالىنىڭ بىر بىرسىگە يول قويماي قاتتىق مۇشتلىشىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قالدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار بىر-بىرىنى خېلىلا ئۇرغاندەك تۇراتتى. لىكىن ھېچقايسىسىنىڭ كۆزىدىن بىرەر تامچە ياش چىققىنىنى كۆرمىدىم. بىر دەم تاماشا كۆرۈپ تۇرغاندىن كىيىن، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ ئاجىرتىۋالدىم. ئارىسىدىكى  بىرسىنىڭ قاپىقى تۇخۇمدەك ئىششىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭدىن ئاتا-ئانىسى نېمە بولدى دەپ سورىسا قانداق جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ئىككىلەنمەيلا ”ئەلۋەتتە بىر يەرگە ئۈسۈۋالدىم دەيمەن-دە ، بالىلار بىلەن ئۇرۇشقاندا دادىسىغا دېيىش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس“. ئون ياشلىق بالىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم.  بۇنى خوشنىلىرىمىزنىڭ باللىرىغا سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. ئەگەر شەھەردە بولغان بولسا، بۇ بالىلار ئۇرۇشۇپ بولغىچە، يا بىرى يىغلاپ قاچاتتى، يا ھەر ئىككىلىسى ئاتا-ئانىسىنى چاقىرىپ ئۇرۇشنىڭ داۋامىنى ئات-ئانىسىغا قالدۇراتتى.  دېمەك ئاتا –ئانىلىرى تەرپىدىن بېقىلمىغان بۇنداق بالىلار باشقىلارنىڭ ھەر خىل تەدبىرلىرى ئاستىدا بېقىلغاچقا كىچىكىدىنلا بىر خىل قورقۇنچاقلىق پىسخىكىسىنى يىتىلدۈرگەن ئىدى.

2.شەھەر بالىلىرى يېزىدىكى بالىلارغا قارىغاندا، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئۇچىرشىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز. يېزىدىكى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆز ئەتىراپىدىكى موھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ. نۇرغۇن خەتەرلىك ئىشلانى قىلىش، خەتەرلىك سەزگۈرەشتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.  تەبىئەتىكى نۇرغۇن ھايۋانلارنى ئۆز دوستى قاتارىدا كۆرىدۇ. ئوينايدىغان ئۇيۇنچۇقلىرىنى كۆڭۈل ئېچىش سايمانلىرىنى تەبىئەتتىن ئىزدەپ تاپىدۇ. بۇ جەرياندا يەنە بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. بۇنداق ياخشى پۇرسەتلەر، ئۇلارغا باتۇرلۇقنى ، قەيسەرلىكنى ئۆگىتىدۇ.  شەھەرلەردىكى بالىلار ئاساسىي جەھەتتىن بۇنداق پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ. ئاتا-ئانىلىرى بازاردىن سېتىپ ئەكەلگەن تەييار ئۇيۇنچۇقلارنى ئوينايدۇ. نۇرغۇن ھايۋانلارنى ھەتتا ئۆز يۇرتىدا بار ھايۋانلارنىمۇ پەقەت تېلىۋېزۇر ئارقىلىقلا كۆرەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ بوش ۋاقتى تېلىۋېزۇر كۆرۈش، كومپيوتىر ئويناش، قەرت ئويناشقا ئوخشاش جايىدا تۇرۇپ ئوينايدىغان ئۇيۇنلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا ھېچقانداق چېنىقىش پۇرسىتى بولمايدۇ. نەتىجىدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار بىلەن ئۇچىراشقاندىن كىيىن تەبىئىيلا ئۆزىنى بۇلاردىن ئېلىپ قاچىدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن قورقىدۇ. مەسىلەن: ئىتنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، شەھەردىكى بالىلار خەنزۇلار شەھەرلەردە باققان پىستىلەرگە ئۇچىراپ قالسىمۇ، قورقۇپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىردە ئۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بىر ھايۋان قاتارىدا سانىلىدۇ. بۇ يەردە مەن كىچىك ۋاقتىمدا يولۇققان بىر ئىشنى سۆزلەپ ئۆتەي: بەلكىم بۇ مېنىڭ 10-11 ياش ۋاقلىرىم بولسا كېرەك. بىر كۈنى كەچتە دادام بىلەن بىرگە ئېتىزلىقتىن قايتىپ كېلىۋاتاتتۇق. ئۆيگە ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز قوشنىمىزنىڭ توپاقتەك يوغان بىر ئىتى قاۋىغىنىچە ئالدىمىزغا يۈگرەپ كەلدى. مەن قورققىنىمدىن دادامنىڭ پېشىگە چىڭ ئېسىلىۋالدىم . ئەكسىچە دادام ئىتنىڭ كېلىۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرىنەتتى. “ دادا ئىت كەلدى! “ دەپ ۋاقىردىم دادامغا. ئىت دادامنى كاسسىنى چىشلەشكە ئازلا قالدى. دادام بۇ ۋاقىتتا قولىنى شۇنداقلا بىر سىلكىپ قويىۋىدى. خۇددى قولىدا بىر ئەڭگۈشتەر باردەك ھېلىقى ئىت كەينىگە ياندى. بۇ ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلاندى. دادامنىڭ ئىتقا بەرگەن جاۋابى پەقەت قولىنى پۇلاڭلىتىپ قۇيۇش بىلەنلا چەكلەندى. ئىت ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغىچە ھەيۋە بىلەن قوغلاپ كەلگەن بولسىمۇ ئاخىردا يەنىلا مەغلۇپ بولۇپ كېتىپ قالىدى. شۇ چاغدا دادامدىن“ دادا ئىت كەلسە نىمىشقا قاچمايسە، ئۇ بىزنى چىشلىۋالغىلى تاس قالدى؟“ دەپ سورىدىم. دادام كۈلۈپ كەتتى-دە ئاندىن“ بالام ئىت سەن قاچساڭلا سېنى قورقۇنچاق ئىكەن دەپ ساڭا ئېتىلىدۇ. ئۇ سېنىڭ ھەركىتىڭگە قاراپلا سېنىڭ قانداق ئىكەنلىكىڭگە ھۆكۈم قىلىپ بولىدۇ. شۇڭا ئىتقا يولۇقساڭ ھەرگىز قاچما. ئوغۇل بالا دېگەن تام يۈرەكلىك (قورۇقماس) بولىشى كېرەك “ دەپ جاۋاپ بەردى. دادامنىڭ بۇ گېپى شۇ ۋاقىتتا كاللامغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. دائىم بىرەر ئىتقا يولۇقۇپ قالسام ياكى كېچىدە يالغۇز يول مېڭىپ قالسام، تالاغا چىقسام دادامنىڭ “ ئوغۇل بالا دېگەن تام يۈرەكلىك بولىشى كېرەك “ دېگەن سۆزى قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيتتى- دە پۈتۈن بەدىنىمگە كۈچ كىرگەندەك بولاتتى. دېمەك دادام ماڭا شۇ ۋاقىتتىلا قورقۇنچاق بولماسلىق ھەققىدە نەق مەيداندا بىر ئۈلگە كۆرسەتكەن ۋە ماڭا ئىلھام بەرگەن ئىدى. شۇڭا ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ناھايىتى قايىل.

3.شەھەر باللىرى بالا باققۇچىدىن قۇتۇلۇپ، باغچىدىكى قاتتىق باشقۇرۇلدىغان مۇئەللىملەرنىڭ قولىغا چۈشىدىكەن. يېقىندا تاغامنىڭ باغچىدا ئۇقۇيدىغان بەش ياشلىق قىزىدىن “ سىڭلىم باغچىدا مۇئەللىمىڭىز بالىلارنى قانداق باشقۇرىدۇ؟ “ دەپ سوراپ قالدىم. تاغامنىڭ قىزى چۈچۈك تىللىرى بىلەن“ ئايى (ئاچاش)دەرس ئۆتكەندە قولىغا بىر چىۋىقنى ئېۋىلىپ، قولۇڭلارنى ئارقىغا تۇتۇپ جىم ئولتۇرۇڭلار دەپ ھەممىمىزنى جىم ئولتۇرغۇزىۋىتىدۇ. چۈشتە يەنە شۇ چىۋىقنى ئېلىپ ھەممىڭلار كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاڭلار دەپلا ھەممىمىزنى ئۇخلىتىۋىتىدۇ“ دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ياشتىن باشلاپ ئۈچ ياشقا كىرگۈچە بالا باققۇچىلارنىڭ ئاندىن كىيىن بولسا باغچىدىكى مۇئەللىملىرىنىڭ قورقۇتىشىغا ئۇچىرايدىغان بالىلارغا ھەقىقەتەن ئىچىم ئاغرىدى. ئۇلارنى باغچىلارغا ئاپارغىنىمىز“ يولۋاستىن قۇتۇلدۇرۇپ بۆرىگە تۇتۇپ بەرگنىمىز ئىكەنغۇ؟ دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە. ھەم ئوغلۇمنىڭ كەلگۈسىدە ئاشۇنداق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردىغانلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ كۆڭلۈم تېخىمۇ غەشلىككە تولدى. قانداق قىلىش كېرەك؟

ھازىر گەرچە كاللامدا شەھەردىكى بالىلار نېمە ئۈچۈن قورقۇنچاق كېلىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە كېتىۋاتقان بولسىمۇ، يېشىلمەيۋاتقان تۈگۈنلەر ناھايىتى كۆپ. شەھەردە بالىلارنى قانداق قىلغاندا يۈرەكلىك ، باتۇر قىلىپ چوڭ قىلغىلى بولىدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم باش قاتۇرىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە.

 

2009-يىلى يېزىلدى،2011-يىلى قايتا تۈزىتىلدى.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif