«جەڭگاھ خاتىرلىرى»ناملىق ئېلكىتابنى چۈشۈرۋېلىڭ!

 

 

 

توردىن ئېلىكىتاپ يىغىۋاتقىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ. كومپىيوتىرىمدا ساقلانغان ئېلكىتابلارنى كۆرسەملا، بىر خىل ئىللىق سېزىم قەلبىمنى ئىللىتىدۇ. ئاشۇ ئېلكىتاپلارنىڭ جاپاسىنى تارتقان دوستلارغا ۋە قېرىنداشلارغا چىن دىلىمدىن تەشەككۈر ئېيتىپ كېتىمەن. يېقىندىن بۇيان خېلى جىق كىتابلارنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ پايدىلىنىپتىمەن، لېكىن ئۆزۈم ئېلىشنىنىلا بىلىپ، دوستلارغا قايتۇرۇشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ قويماپتىمەن. بۇنى ئويلىسام ھەقىقەتەن خجىللىق ھېس قىلىمەن. مانا مۇشۇ خىجىللىق تۇيغۇسىدا مەنمۇ بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، قولۇمدا بار بولغان بىر قىسىم قىممەتلىك كىتابلىرىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن غەيرەتكە كېلىپ تۇنجى بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت مەگىلىدىكى باتۇر جەڭچى، قانلىق جەڭلەرنىڭ شاھىدى ئەخمەت تۇردىيۇف ئەپەندىنىڭ ”جەڭگاھ خاتىرلىرى“ناملىق كىتابىنى توپتۇغرا بىر كۈن ۋاقتىمنى چىقىرىپ، بەك سۈپەتلىك بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا ئېلىكىتاب قىلىپ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا  سۇندۇم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشىم، شۇنداقلا تېخنىكام ئانچە يۇقىرى بولمىغاچقا، كىتاب ئانچە سۈپەتلىك چىقمىدى. بۇ ھەقتە ياخشى بىلىدىغان دوستلارنىڭ مېنى سۈپەتلىك ئېلكىتاب ياساش بىلىملىرى ھەققىدە ساۋاتلارغا ئىگە قىلىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. خەنزۇچە تور بەتلەرگە كىرسەملا ئۇلارنى ھەقسىز ئېلكىتابلىرىنىڭ تولىلىقىغا قاراپ بەك ھەۋەس قىلىپ كېتىمەن. ئېلىكىتابنىڭ پايدىلىق ھەم قولايلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇ كۆپچىللىككە ئايان. شۇڭىلاشقا، ئۇيغۇر ئېلكىتابچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز. ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بۇ ئىشنى قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بۇ پايدىلىق بىلىم سۇپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى تىجەپ قالالىشىمىز ۋە خەلقمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاز تولا ھەسسىمىزنى قوشالىشىمىز مۇمكىن. بۇ يەردە كۆپ سۆزلىمەي ئۇنداق بولسا، تۇنجى ئېلكىتابىمنى مازاق قىلماي قۇبۇل قىلىشالا!

 چۈشۈرۈش ئادىرىسى:

http://qiannao.com/file/lopnuri/bfba3b60/

 

بۇ ئېلىكىتاپنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا تور بەرلەرگە يۆتكىسىڭىز تامامەن بولىدۇ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=2378

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-09-03
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 14دانە
  1. كىتاب نورمال چۈشمىسە ، ئىنكاس قالدۇرساڭلار. تەڭشەپ قويسام بولىدۇ.تېخنىكام تۆۋەن بولغاچ،بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ.

  2. ئابدۇرىھىمجان

    مەن چۈشۈرەلمىدىم، ئىغىر كۆرمەي ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز

  3. چۈشۈرگىلى بولمىدى،بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن ھەمبەھىر قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايسىز. ئېلىكىتاب ھۆججىتىنىڭ ئالدىدىكى كاتەكنى چېكىپ 分享给好友چىققاندىن شۇنى چەكسىڭىز 创建连接دېگەن خەت چقىدۇ .ئاندىن مۇشۇنى باسسىڭىز ھەمبەھىر ئۇلىنىشىنى ھاسىللاپ بېرىدۇ .شۇ ئۇلىنىشنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بەھۇزۇر چۈشۈرەلەيمىز.

    • رەھمەت، قېرىندىشىم. راستىنلا ھەمبەھىرلىنىشنى قىلماپتىمەن. ئەمدى ئوڭشاپ قويدۇم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلىكىتاب ياسىشىم ۋە يوللىشىم ئىدى.كۆپرەك تەلىم بېرەرسىز!

  4. ئالاقىلىشىش ئادرىسىڭنى قالدۇرۇپ قويە. email دىگەندەك.
    كىتابىڭنى قايتىدىن ياساپ ئەۋەتىپ بېرەي.

    • ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ؟ مېنىڭ ئېلخەت ئادىرىسىم:lopnuri@yahoo.com.cn چ چ نۇمۇرۇم:1428817175 ، ماڭا ۋە كىتابقا كۆڭۈل بۆلگىنىڭگە كۆپ رەھمەت، بۇرادەر!

  5. http://115.com/file/c2tapct3#
    Jenggahxatiriliri.rar
    قايتا ياساپ بۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم.
    قايتا ئىشلەپ بولغۇچە بارماقلىرىمنىڭ پېيى تارتىشىپ قالدى.

    • ساڭا كۆپ رەخمەت!

      • ھەي بۇرادەر، ھەمبەھىر قىلىپ قويماپسەن. سەن كۆرسەتكەن ئادىرىستىن چۈشۈرگىلى بولمىدى. 提取码نى كىرگۈز دەپ خەت چىقىۋالدى.

  6. تېلفۇندا كۆرگىلى بۇلامدۇ؟

    • ئاللا خالىسا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۈندىدار نۇسخىسى ئېچىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قوللاپ قويارسىز.

    • بلوگىمىزنىڭ تېلېفۇن نۇسخىسى ئېلان قىلىندى.ئەمدى تېلېفۇندىمۇ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: