ئېلكىتاب- «رۇبائىيات»(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن)

 

 

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىلىمخۇمار قېرىنداشلار! بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلغان ئېلكتاب ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ھايات تەجىربىلىرىنىڭ جەۋھىرى بولغان ”روبائىيات“ ناملىق توپلىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى بولدى. ھەر بىر كوپلىتىدىن ھەر بىر مىسراسىدىن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھېكىمەت، نازۇك ھېس-ھاياجان، ئاچچىق تەجىرىبە-ساۋاق، مول ھايات دۇردانىلىرى بالقىپ تۇرىدىغان رۇبائىيلار ھايات يولىڭىزنى يۇرۇتقۇچى ماياكقا ئوخشاشتۇر. روبائىيلارنى  ئوقۇغاندا مۇنداقلا قاپىيەلىرىنى چۈشۈرۈپ ئوقۇپ قويماستىن، ئامال بار ئىچكى قىسىمغا يۇشۇرۇنغان مەنىلەر بوستانلىقىنىڭ ھىدىنى ئىزدەپ تېپىشقا تىرىشىڭ. شۇندىلا، سەرپ قىلغان ۋاقتىڭىز ھەم زېھنىڭىزگە ھەقىقىي يۈز كېلەلەيسىز. ئاپتۇرمۇ ”رۇبائىيات“تىنىڭ بىرىنچىسىدىلا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق مۇددىئاسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەپ تۆۋەندىكىدەك مىسىرالارنى تىزغان:

جاھان سەييارىدۇر گويا، ھەممە زېھنىڭ ساپاسىدا،

بىراۋدىن ئىزلىمە سۆيگۈ، ئۇ قەلبىڭنىڭ ناۋاسىدا.

كىشى ئالەم ئۈچۈن ئەينەك، ئۇنىڭدا بارچە سىر ئايان،

جۇلادۇر ئىزگۈ بىر ئىستەك روبائىي مۇددىئاسىدا.

مەزكۇر ئېلكتابنىڭ روياپقا چىقىشىدا ئەڭ ئالدى بىلەن پۈتۈن بىر كىتاپنى ھەرپمۇ-ھەرپ كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈپ تورغا يوللىغان يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى قېرىندىشىمىز مۇھەممەد بارخان ئاكىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن! مەن پەقەت تەييارغا ھەييار بولۇپ، مۇشۇ ئاكىمىز يوللىغان روبائىيلارنى بىر يەرگە توپلاپ، ئانچە-مۇنچە ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنى ئوڭشاپ بۇ ئېلكىتابنى بارلىققا كەلتۈردۈم. ئاللاھ خالىسا، كېيىن پۇرسەت چىققاندا ”رۇبائىيات“ نىڭ بىرىنچى قىسمىنىمۇ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەش نىيتىم ھەم بار. ھازىرچە ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئىككىنچى قىسمىدىن بەھىر ئېلىپ تۇرۇشقايسىزلەر. بۇ كىتابلارنىڭ ھەر ئىككى قىسمى 1980- يىللاردا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، تاپماق بىر ئاز قىيىن. شۇڭىلاشقا ئىلىكتىرۇنلۇق نۇسخىسىنى كۆرۈشكە نىسىپ بولغان دوستلارنىڭ بۇ ئەمگەكنى قەدىرلىشىنى تورغا يوللىغۇچىغا مىننەتدارلىق پوزىتسىيىسىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى مەنزىلدىن كىتابنى چۈشۈرۋالغايسىزلەر!

مەنزىل:

http://qiannao.com/file/lopnuri/e52c5a21/

 


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3134

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-05-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇرى ئېلكىتابلىرى
ئىنكاس: 1دانە
  1. ھاشىمجان

    مۇمكىن بولسا شائىر ئارسلاننىڭ ‹‹يۇلتۇزلار يۇرتى››ناملىق كىتابىنى ئېلكىتاب قىلىپ تارقاتقان بولسىڭىز قېرىندىشىم.

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: