مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى مۇنداقمۇ ئوخشاتقان بارمۇ؟(سۈرەتلىك)
بۈگۈن بىر خۇيزۇ ئاغىينەم بىلەن كوت-كوتتا مۇڭداشقان ئىدىم. ئۇ ماڭا ”سەن مائارىپچى بولغاندىكىن، مەن ساڭا سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە پارچە رەسىم ئەۋەتىپ بېرەي“ دېدى. ”قېنى،ئەۋەتكىن“ دېسەم بۇ رەسىملەرنى ئەۋەتىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ قانغۇچە كۈلۈپتىمەن. قاراپ باقسام، بۇ سۈرەتلەر يۇمۇرلۇق بولىشىغا قارىماي،ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالايلايدىكەن.
2012/02/13 10:43:58
خېلى ئوخشاپتۇ. ئەمما ئىت بىزنىڭ كۆز قارىشىمىزدا ئانچە ياخشى بولمىغاچقا جىق قوبۇل قىلالمىدۇق.
2011/10/23 02:28:50
باشقا بىر نەرسىلەرگە ئوخشاتقان بولسىدى كاشكى! ئىتقا ئوخشاتقىنىنى، …… ھۇ دۆت ئىمانسىز، ئەخلاقسىز چوشقىلار!!!
مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كىلىپ قالدى: ئالى مەكتەپتىكى چاغلىرىم ئىدى، فاكۇلتىت رەھبەرلىرى پات-پات ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەش ئۈچۈن، ئايرىم ۋاقىتلاردا سىنىپقا كىرىپ پىكىر ئالاتتى. پالىنى ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈشى قانداقراق ئىكەن دەپ سورىغان ئىدى. ئارىمىزدىن بىرسى: ئۇ مۇئەللىم بەك سۆزلەيدىكەن، سائەت توشقىنىنىمۇ بىلمەيدىكەن دېيىشىگىلا، ئۇ رەھبەر: شۇڭا ئۇنى بىز ئىت دەيمىز، بۇ ئۇنىڭ لەقىمى دېمەسمۇ، ھەممەيلەن كۈلۈشۇك كەتكەن ئىدۇق. كېيىن ئۇقسام بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسا ئاشۇنداق لەقەملەر يەنى چوڭ ئىت، كىچىك ئىت، تايغان، قانجۇق دېگەندەك لەقەملەر بىلەن بىر بىرىگە چاقچاق قىلىشىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا جەمىيەتتە بىر قىسىم لاۋزا كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا، ئۇلار دېگەن ئىتقا ئوخشاش قاۋاپلا يۈرۈيدىغان كىشىلەر دەيدىغان قاراش بار ئوخشايدۇ.
2011/10/19 11:45:14
بەزى سۈرەتلەرنى ئەينەن ئوخشىتىپتۇ ، مەكتەپ بىر جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ،ھەرخىل ئادەم تېپىلىدۇ،بىر سۆز ئىسىمگە كېلىۋاتىدۇ.
بىر سىنپنى باشقۇرالىغان ئادەم بىر مەكتەپنى باشقۇرالايدۇ.
بىر مەكتەپنى باشقۇرالىغان ئادەم بىر شەھەرنى باشقۇرالايدۇ.
2011/10/19 09:13:55
ئاشۇرۇۋېتىپتۇ بەكلام
2011/10/19 13:09:06
مەنمۇ بەزىلىرىنى سەل ئاشۇرۋەتكەندەك ھېس قىلىپ قالغان. لىكىن سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچى،ئىشخانىدىكى ئوقۇتقۇچى دېگەن ئوخشىتىشلىرى راستىنلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ،دەپ قارايمەن.