لوپنۇر يەرلىك شىۋىسىنىڭ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىپادىسى

ۋاقتى: 2011-09-24 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 126 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

لوپنۇر يەرلىك شىۋىسىنىڭ لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىپادىسى

 

ئاپتورى:زۇمرەت غاپپار

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ ماقالىدە لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا ساقلانغان لوپنۇر شىۋىسىگە ئائىت بولغان ئالاھىدە شىۋە  سۆزلىرى تۈرلەر بويىچە ئايرىلىپ كۆرسىتىلىدۇ .

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : لوپنۇر ،خەلق قوشاقلىرى ، شىۋە سۆزلەر .

لوپنۇر ناھىيەسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ،تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ،جۇغراپىيەلىك ئورنى شەرقىي مېرىدىئان 84.02گىرادۇستىن – 41.69گىرادۇس ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ .مەملىكەت بويىچە داڭلىق بولغان ئىچكىي دەريا تارىم ۋە كۆنچى دەرياسى ناھىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ بىپايان تەكلىماكان قۇملىقىنى بويلاپ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدۇ .

لوپنۇر خەلقى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە زىمىندا تارىختىن بۇيان ئوۋچىلىق ،بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جاينىڭ يەر مەيدانى كەڭ ،تەبىئىي ئورمانلىرى كۆپ ،سۇ مەنبەسى مول بولۇشتەك تەبىئىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا ھەمدە ئۇلارنىڭ  كۆپ خىل ئىگلىك بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە تارقاق ياشىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاساسەن چەت- ياقا جايلاردا ،دەريا بويلىرى ،بۈك- باراقسان يېشىللىقلاردا كۆچمەن ھالەتتە ياشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . شۇڭا ئۇلارغا سىرتنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ، كىروران شەھەر دۆلىتى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ناھايىتى ئاز بولغاچقا ، ئۆزگىچە تىل-شىۋە،ئۆزگىچەناخشا- قوشاقلار بولۇپمۇ، بۇ ناخشىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي تىللىرى ئۆز پېتى ساقلانغان دىيىشكە بولىدۇ. قوشاق دىگەن ئاتالغۇ <تۈركىي تىللار دىۋانى >دا“" قوشۇغ“" دەپ خاتىرىلەنگەن يەنە دىۋاندا مۇنداق كەلگەن . قشغ koxugقوشاق ،شېئىر،قەسىدە. شېئىردامۇنداق كەلگەن:

 تركن قتن قتينغا تگر مندن قشغ،

ايغل سزنڭ تبغجى اتنرتبغ .

    يەشمىسى: خاننىڭ ىوتۇنى ھوزۇرىغا مەندىن قوشاق يەتكۈز ،سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز يېڭى خىزمەتلەرنى ئۈمىت قىلىدۇ دىگىن (1)(<تۈركى تىللار دىۋانى > 1-توم 487-بەت)

لوپنۇرخەلق قوشاقلىرىدا ”“قوشۇغ ”“دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئازراق ئۆزگەرگەن شەكلى ئۇچرايدۇ ،

مەسىلەن ؛

سالتاڭ قاسىم سەن نەيزە تەشمىگەن يەرنى تېشىپ،

يۈرگۈنۈم يامان بولسا يۇرتۇمغا يانىپ كېتەي،

قاشۇغۇم قالسۇن سىلەرگە مۇرادىمغا مەن يېتەي.

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى شەكىل جەھەتتە خىلمۇ خىل بولۇپ 3مىسرالىق 4مىسرالىق 6مىسرالىق ھەتتا ئون نەچچە مىسرالىقلارمۇ بار ،بوغۇم جەھەتتىن ،بەش بوغۇملۇقمۇ يەتتە بوغۇملۇقمۇ ،11،12،13بوغۇملۇقلىرىمۇ بار بولۇپ .ئاساسلىقى 7بوغۇم 6مىسرالىق ،كۆپ بوغۇم 4مىسرالىق قوشاقلار لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى ئىچىدىكى ئومۇملاشقان شەكىل بولۇپ ئاساسىي ئورۇننى تۇتىدۇ .

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ  يەنە بىر ئالاھىدىلىكى  لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بار بولۇپ بوغۇم مىسرالىرىنىڭ ئاز –كۆپلىكىگە قاراپ ئوخىشاشمىغان ئاھاڭلارغا سېلىنىپ ئېيتىلىدۇ .

تإۋەندە بىز لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا ساقلانغان لوپنۇر شىۋىسىدىكى ئالاھىدە شىۋە سۆزلىرى  ئۈستىدە توختىلىمىز .

1.  قوشاقلاردىكى بېلىقچىلىققا ۋە دېھقانچىلىققا ئائىت شىۋە سۆزلىرى ؛

1)قورساغىمغا ئاش بەرمەي، \كۆزلەرىمدىن ياش ئاقىپ ،\جانىم ئاتام يۈرۈيدۇ ،\ئارالدا كۆلنۇ باقىپ  .\بايلارغا ئۇرغۇزىدۇ ،\دۈشمەنلەر بىزنى چاقىپ .

2)گۆلمەمنى سالىپ قويدۇم ،\دەريادىكى ئاقىشقا ،\خۇدايىم بۇيرۇپتىكەن ،\باي قويۇنۇ باقىشقا \.جانىم ئاتا قۇل قىلىپ،\ ساتىۋەتتىڭ نىمىشقا .

3)قاسساپمىكىن بۇ توڭگۇز،\ قوينۇ سويغالى باشى. \چإرۈلۈپ كەتمىگەنى،\ باققىنىم ئۇنىڭ ئاشى.\ كېلىپلا كىرەلمەيدۇ ،\قوتاننىڭ قىرى داشى.

4)ئۈچ كۈن سۇلاقتا ئولتاسام ھىچكىم ئەھۋال سوراماي ،\بۇرنۇڭغا پۇراپ قالدىم باشتا سېسىق پۇراماي،\سولاقتا ئولتارغانىم مەلىكەمگە چىداماي .

5)قويلىرىمنى ھەيدەپ ماڭدىم بوزۇندىن،\ ناخشا ئېيتسا ئاڭلىنىدۇ ئۇزۇندىن ،\كىرىپ كەلسەم ئإيىڭىزگە سېغىنىپ ،\ئولتۇرامسىز قوزغالماستىن ئورۇندىن .

6)مەن قوشۇمنى ھەيدەيمەن توپا شەدە كۆشمۈرگە ،\ئايرىلماسقا ئوينىدۇق ،ۋەدىلىشىپ تۆمۇرگە .\ئاشناڭ مازار بولسىمۇ كۆرسەتمىگىن كۆزۈمگە ،\ئون كوي بەرگەن يارىڭنى ،يېقىن ساخلا ئۆزۈڭگە.

7)تەشنا بولماڭ ئەي خانىم ،\ۋاپاسى يوق ئاشناغا .\يار مېنى بەلگىلەپتۇ،\كۆل قوتاندا چاشماغا.

8)يايرىمنىڭ ماڭغان ئىزى ،\كېتىدۇ قايىر بىلەن .\ ئاغزىدا بىزنى گوللاپ،\ يۈرۈيدۇ يارى بىلەن .\زۆھرە خانىم يۈرۈپتۇ .\كۆيۈشۈپ تاھىر بىلەن .

9)غارغالتىغا كەلدىم ساڭا بېرىشقا ،\بېلىق تۇتۇپ سوغا سالام قىلىشقا .\قىزىلگۈلۈم كۆيەك ئوتۇڭ تەپتىدە ،\ئازلا قالدىم گۈلخان بولۇپ يېنىشقا .

1)  قوشاقتىكى ئاستى سىزىلغان سۆز ”“كۆلنى بۆقىپ ”“ بېلىق تۇتىدىغان كۆلنى كۆرسىتىدۇ .2

2)  قوشاقتىكى ”“گۆلمە ”“سۆزى بېلىق تۇتىدىغان تورنى كۆرسىتىدۇ

.3)قوشاقتىكى ”“داشى“"سۆزى سۇلۇق تۇزلۇق كىچىك كۆل ياكى تۇزلۇق ئورەكلەرنى كۆرسىتىدۇ .4)قوشاقتىكى ”“سۇلاق ”“ھايۋانلار سۇ ئىچىدىغان جاي دىگەن مەنىدە 5)قوشاقتىكى ”“بوزۇن ”“سۇلۇق يايلاق دىگەن مەنىدە.

6) قوشاقتىكى ”“كۆشمۈر ”“سۆزى ئوت يېقىلغا پىچانلىق يەر دىگەن مەنىدە.

7) قوشاقتىكى“" كۆل قوتاندا چاشماغا“" دىگەن سۆزلەر كۆل قوتان دىگەن جايدىكى پىچان ئورۇشقا  دىگەن مەنىدە كەلگەن .

8)قوشاقتىكى ”“ قايىر“" سۆزى دەريا قىنى ئىچىدىكى تەكشىلىك،كېمە چىقىدىغان قىرغاق  دىگەن مەنىدە كەلگەن .

9)قوشاقتىكى ”“غارغالتا“"دىگەن سۆز كېمە توختايدىغان جاي يەنى پورتنى بىلدۈرىدۇ.

يۇقۇرىقى لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىن لوپنۇر خەلقىنىڭ بېلىقچىلىق .چارۋىچىلىق ،دىھقانچىلىققا مەنسۇپ بولغان تۇرمۇشىنى ”“مەن ”“ئۆزىنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى ئاساسىدا ئىپادىلىگەن ،شۇنداقلا ئاشۇ خىل مۇھىتقا مەنسۇپ بولغان شىۋە سۆزلىرى قوشاقلاردا ئىپادىسىنى تاپقان .تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى ،لوپنۇرلۇقلار  يېڭى شەيئىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ۋە تەبىئى جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا يېڭى ھەم جانلىق قىلىپ ياساپ چىققان .تۆۋەندىكى قوشاقنى كۆرۈپ باقايلى ؛

ھاۋاپارقۇت ئۇچادۇ ئاسمانداقى يول بىلەن ،\ئاغزىڭدا مېنى گوللاپ يانىڭداقى يار بىلەن ،\مەن بۇندا يۈرۈمەيمەن ئايرىلسام سەن يار بىلەن ..

بۇ قوشاقتىكى ”“ھاۋا پارقۇت“" سۆزى يەنى ئايرۇپىلان دىگەن مەنىدە بولۇپ ،يەنى ھاۋادا ئۇچىدىغان پاراخوت دەپ ئومۇملاشتۇرۇلغان . دىمەك بۇ سۆزنى لوپنۇرلۇقلار ئالاھىدە بولغان يەرلىك شارائىتىغا باغلاپ ياسىغان .

2.  ھايۋاناتلار، ئۇچار قۇشلارنىڭ ناملىرى ۋە ئەزالىرى ھەققىدىكى شىۋە سۆزلىرى :

1)ئىككىنى چالا يەپتۇ ،\بوغۇپ تاشلاپ توققۇزنى .\كىمگە باراي ئەرز ئېيتىپ ،\پىچاق خارتۇم توڭگۇزنى .

2)تىل تورغايىم كۆيدۈرمە سەن بەلەكنى ،\ئوتقا سالىپ كۆۋاپ ئەتتىڭ يۈرەكنى .\قەپەس ئېتىپ باقساممىغۇ ئادەم بولۇر،\ئۆزگە ئۆرگەتىپ غوجا خونەكنى.

3)بىر جۈپ قاۋان يۈرۈدۇ ،\ئادەمنى يەيدۇ قوشۇپ .\مىكىجىنلارى خورت-خورت قىلادۇر،\ توروشانلىرى ئوتلۇشۇپ.\قوينۇ يالغۇز باققانىم،\مېنىڭ ئەجىلىم تۇتۇپ.

4)ھەي يېزىتلار-يېزىتلار،\خام ئاشىڭڭى ئىت يىمەي .\نەپسىڭنىڭ يامانلاغى،\يەۋېرىپسەن خام دىمەي.\قارۇنامۇ گېلىڭدىن،\ ئۆتۈپ كېتەر بىلىنمەي .

5)ئارىلۇر چاغىڭدا باققان ،\سېغىزخاندەك قوندى شاخقا .\ئالمانچۇقنى قىسماقچىلاپ،\ بارىپ چۈشەرمەن تاغقا .

6)قارا دۆڭگە ئۆي سالىپ ،\توسادىمەن يولۇڭنى .\قارۇشقۇ يامان ئاپەت تۈگۈتىدۇ قويۇمنى .\ ئەۋرىشىمدەك بېلىڭگە ،\سېلىپ ياتاي قولۇمنى .

7)قىزىلگۈلۈم سۆيدۈرمەسسەن بۆلەكنى،\ئوتقا سالىپ كۆۋاپ ئەتتى يۈرەكنى.\ئەقىل بولسا شۇندا ئادەم بولادۇ ،\ھاي-ھايلىتىپ كۆندۈرسە غوژغۇنەكنى .

8)ئوڭ يۈزۈڭگە چاقى پەلەك چإرۈلۈپ ،\توختىمايدۇ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۆرۈلۈپ.\ئارىغا ئىككى دۇشمان پەيدا بولدى،\ ئۆتۈپ كەتتى ئۇقا ئوخشاش سۆرۈلۈپ.

يۇقۇرىدىكى قوشاقلاردىكى ھايۋانلارنىڭ ناملىرى لوپنۇرلۇقلار شىۋىسىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرگەن. 1)قوشاقتىكى ”“پىچاق خارتۇم“"سۆزى توڭگۇزنىڭ تۇمشۇغى يەنى، بۇرنىنى بىلدۈرىدۇ .2)قوشاقتىكى ”“ غوجا خونەك“"بىر خىل ياۋا قۇشنىڭ ئىسمى. 3)قوشاقتىكى ”“توروشان“"توڭگۇزنىڭ كۈچۈكىنى كۆرسەتسە،“"مىكىجىن“" چىشى توڭگۇزنى كۆرسىتىدۇ . 4)قوشاقتىكى ”“قارۇنا“" گۆشى ئىنتايىن ئاچچىق بىر خىل بېلىقچى قۇش . 5)قوشاقتىكى ”“ئالمانچۇق“" پاتمىچۇق ،كەسلەنچۈكنى كۆرسىتىدۇ. 6)قوشاقتىكى“"قارۇشقۇ“"بۆرىنىڭ نامى.  7)قوشاقتىكى“"غوژغۇنەك ”“غوناننىڭ نامى.  8)قوشاقتىكى“" ئۇقا ”“ ئۇقلامۇ دىيىلىدۇ ئاققۇنى شۇنداق ئاتايدۇ .

3   . ئوت –چۆپلەرنىڭ نامىنى ئىپادىلەيدىغان شىۋە سۆزلىرى :

1)تۆتىنچى ئاي پەسلى بولدۇ ،\يەردىن چىققان كەنجەسى .\قويۇڭنى تولا باقىپ ،\زۇلۇم تارتقان بەندەسى .\بىر يۈدۈم يىغاچ بەرسەم ،\تىللاپ كەتتى يەڭگەسى.

2)پۇتلار كۆيۈپ ماڭالماي ،\چاچاق بىلەن ئورايمىز .\ئالغان سۇلار تۈگەيدۇ،\باشقىلاردىن سورايمىز .\بىر چىنە ئاچچىق سۇنى ،\باھا قويۇپ تالايمىز.

3)قاراسام كۆدەي ئۇنۇمايسەن ،\خىيالىڭدا يارنى تاپىپ كۈلەسەن .\تاپسام كۆدەي ئۇنىمايسەن قىياق ،\يېتالمايدىمىز ئارامىز يىراق .

4)شامال چىقسا ئىغاڭلايدۇ كۆمپاشى ،\ئول خېنىمنىڭ ئويناپ تۇرار جۈپ قاشى .\قىزىلگۈلۈم بىلسەڭ شۇتاپ جايىمنى ،\ياتقان يېرىم دۆڭلۈكتە تېرەك باشى .

5)ئوتۇنغا بارغان جايىم ،\يۇلغۇنمۇ يوق چىگىلەك ،\بۇ خانىملار يۈرۈيدۇ ،\بىر سېنىڭدىن كۈنىلەپ ،\خۇدا بۇيرىسا ئوينايمەن ،\قولىڭىزدىن يېتىلەپ .

6)قاراپ ماڭدۇق تاغ سايان ،\پاتقۇزمايدۇ ئارامىزدا دۇشمان يامان .\ئىككى يانغا قاراسام پۇتا –قامۇش .\قارا كۆزۈم تەلمۇرىدۇ يار سايان .

1)قوشاقتىكى“" كەنجەسى ”“سۆزى يېڭى كۆك ئوت مەنىسىدە . 2)قوشاقتىكى ”“چاچاق“" لويا قومۇش مەنىسىدە .3) قوشاقتىكى ”“ كۆدەي“"“"قىياق سۆزلىرى بىر خىل ئوت چۆپنىڭ نامى . 4)قوشاقتىكى“"كۆمپاشى ”“ قومۇشنىڭ پۆپىكىنى كۆرسىتىدۇ . 5)قوشاقتىكى ”“چىگىلەك“" سۆزى لوپنۇر كەندىرىنى شۇنداق ئاتايدۇ . 6)قوشاقتىكى ”“ پۇتا ”“ سۆزى يۇلغۇننى ئىپادىلەيدۇ (بۇ سۆز بەزى قوشاقلاردا پۇتا بەزى قوشاقلاردا يۇلغۇن دەپ ئېلىنغان) .“"قامۇش“" قومۇشنى بىلدۇرىدۇ .

4.  بەدەن ئەزالىرىنى بىلدۇرىدىغان شىۋە سۆزلىرى ؛

1)كېچە –كۈندۈزلەپ باقسام ،\شۇ قويلار يەنە ئارۇق .\يىلدىن يىلغا كىيىشىم ،\پۇتۇمدا شىرى چورۇق\جاننى قىيناپ ئاغرىيدۇ ،\ئوڭ سالامدىكى يارۇق .

2)سۈرەت سىزىپ ئالىپتۇ،\ئورۇسنىڭ بۇ تإرەسى،\باغقا كىرسەڭ قول ئۇزات ،\يىمىش بېرەر مىۋەسى.\مىڭ يىغىدا تونارمەن ،\بۆلەك تۇرۆر ئۆگەسى.

3)ئىشىكنى ئېچىپ قويسام شامال كىردى بۇلۇڭغا،\ئىچىمدىكى دەردىمنى ،قاچىلايمۇ تولۇمغا،\كۆزلۈرۈم بەسىر بولدى،قاراۋېرىپ يولۇڭغا .

1)قوشاقتىكى ”“سالا ”“ بارماقنى بىلدۈرىدۇ .يەنى ئوڭ پۇتۇمنىڭ بارمىقىدىكى يېرىق جېنىمنى قىينىدى دىگەن مەنىدە .2)قوشاقتىكى ”“ئۆگە“"چىراي تۇرقى  ،شەكلى دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .3)“"بەسىر ”“كۆزۈم قارغۇ بولدى مەنىسىدە .ط

5  .           سۇپەتنى بىلدۈرىدىغان شىۋە سۆزلىرى

1)ياخشى ئادەم بالاسى،\ھەممە ئىشقا ئېتىملىق .\ماڭا ھەجەپ بىلىندى ،\ئاناسى يوق يىتىملىق .\ھەجەپ كۈنۈم تۈگۈمەي ،\يەنە ساتتى بىر يىللىق .

2)بۇجاماتنىڭ ئادىتى،\ئۆز ئىچىدە چام ئالىپ ،\يېزىت بايلار تويلاشتى ،\باخىللاردىن قىز ئالىپ . 3)ئۆيدە يالغۇز ئۇخلاماي،\ قاراپ ياتتىم ئاسمانغا.\باي ئايلاسى خوش بولدى،\مېنى باغلاپ ئۇرغانغا.\مېنى چاققان سەن ئايلام،\ قارامتۇرلۇق ئوسمانغا.

1) قوشاقتىكى“"ئېتىملىق“"سۆزى ياراملىق دىگەن مەنىدە ئىشلىتىلگەن2)قوشاقتىكى“" چام“" سۆزى خۇي،مىجەز دىگەن مەنىدە بولۇپ ،قوشاقتىكى ۋەقەلىك يېزىت بىلەن بېخىل لەقەملىق جەمەت ئىچىدىكى توينى كۆرسىتىدۇ .3) قوشاقتىكى“" قارامتۇرلۇق ”“سۆزى قارا كۆڭۈل،زالىم ،قارام دىگەن مەنىدە بولۇپ ئوسمان دىگەن ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى ئىپادىلىگەن.

6   . ۋاپاسىزلىق ۋە پىتنە –ئىغۋالارنى ئىپادىلەيدىغان  شىۋەسۆزلەر ؛

1)ھەجەپمۇ چىقادىكەن ،\قارا گۈلنىڭ رەڭى .\خاتۇن ئالىپ بەرگەنگە،\بۇ ئايلامنىڭ تىرەڭى.\بەرگەن جانىڭنى ئالىپ،\ تاشلاۋەتكىن كىنەڭنى .

2)قوشۇلادۇ قويلار كەتسە تارىلىپ ،\كىم ئۆلۈپتۇ ئويناشىدىن ئايرىلىپ.\شەيتان دىگەن ئالاباغىر بەتگۇپا ،\ھەر كىشىگە نازلىنىدۇ قايرىلىپ .

3)ئەللەر دەيدۇ سارغىيىپتۇ چىرايىڭ ،\شامال ئوخشاش ئۇچۇپ يۈرەر خىيالىم .\ئارامىزدا دۈشمەننى گېپى تولا ،\جەمەگەپكەكۆڭۈل بۆلمە گۈلئايىم .

1)قوشاقتىكى ”“تىرەڭى“"سۆزى كۆرەڭلىك،مىننەت،تاپا-تەنە مەنىسىدە كەلگەن.“"كىنە ”“ سۆزى ئۆچ –ئاداۋەت غۇمنى بىلدۇرىدۇ  بۇمىسرادا خۇداغا كىنايە قىلىنغان .2)قوشاقتىكى ”“ئالاباغىر ”“ ئالاكۆڭۈل دىگەن مەنىدە .“"بەتگۇپا ”“بىۋاپا مەنىسىدە كەلگەن .3) قوشاقتىكى ”“جەمەگەپ“"سۆزى ئوسال گەپ پىتنە –ئىغۋا مەنىسىدە .

7.  ھىسسىيات ۋەروھى ھالەتنى ئىپادىلەيدىغان شىۋە سۆزلىرى :

1)  تۆت ئاشۇقنىڭ ئىرسىقى ،\ ئۇنى ئازدۇردى يولدىن .\قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇپ ،\بىرمۇ قالمادى قويۇدۇن .

2)كېچە كۈندۈز ئالدىڭدا ،\يۈرۈيدىمەن شەرمەندە،\ئىبادەت قىپ يۈرۈڭلار ،\مەندىن باشقا ھەر بەندە .\تورغايىمنى دەردىدە ،\يۈرۈيدىمەن زەرگەندە .

3)يارىمنى ئاندا دەرلەر ،\ئالما تارىپ ئاندا يەرلەر ،\بىز بۇندا غېرىپزارى ،\ئارزۇمان يۈرۈيدۇ دەڭلار ،\يارىمغا بارالمادىم ،\بارغان ئەللەر سالام دەڭلار .

1) قوشاقتىكى ”“ئىرسىق ”“ ھەۋەس ئىشتىياق دىگەن مەنىدە بولۇپ ھوشۇق بىلەن قىمار ئويناشقا ھىرىسمەن بولغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن .2) قوشاقتىكى ”“زەرگەندە ”“سۆزى دەرت –ھەسرەتتە يۈرۈيمەن دىگەن مەنىدە .3)قوشاقتىكى ”“غېرىپزارى“"سۆزى غېرىپلىقتا زارلىنىش دىگەن مەنىدە . ”“ ئارزۇمان ”“  ئارزۇ-ئارمان مەنىسىدە .

8 .        پېئىللارنى بىلدۇرىدىغان شىۋە سۆزلىرى :

1)ھالى قالماي ئاسىغداپ ،\باي بەگلەرگە قوي سويۇپ .\ئۆزلىرى يەپ گۆشۈنۈ .\بىزگە سۆڭەكىنى قويۇپ .\قارا قىشتا ساقلاتىپ ،\بىزنى قويدى توڭلاتىپ .

2)قاغىلار قاقىلداشىدۇ يارىم سالام دەدىمۇ،\شۇ يولنى چالىپ باقاي ئۆي تەرەپكە كەلدىمۇ ،\يوقلاماي تاشلىۋاتتى يار كۆڭلىنى بۆلدىمۇ .

3)كېچە-كۈندۈز تىلەيمەن ،يارىم بولسۇن سالامەت چلگە كەتسۇن خۇدايىم \يارغا كەلگەن بالامەت .\كەلمەي قالسا ناۋادا ،\خۇدايىمغا ئامانەت .تۇردى بەنجاڭ تىللاما ،\ئايۇپ دۇيجاڭ باغلاسۇن .\مېنىڭدە گۇناھ بولسا ،\ۋاڭ كوجاڭغا بېڭلاسۇن .

4)بىرىنچىلىككە ئۆتتى .\لوپنۇرلۇقلار چاپقان يەر .\ئىنجۇ باشلىقلار ماخلاپ،\بىزنى ياخشى باتۇر دەر .\قېنى ئىنجۇ باشلىقلار ،\بىزگە مۇكۆپاتنى بەر .

5)ئارغامچىنى سېتىپتۇ ،\ئېشەك باققان بالىلار .\ئۇنى كىشى ئاڭلىسا ،\تاشا كەنتلىك تاۋىلار ،\قاراقاسىم دىدى دەپ ،\ئارام بەرمەي قاۋىلار  .

6)ئىككى تاغ ئارىسىدا چىلان يايتىقلىق ،\بىزنى كۆيىدۇ دەپ ئالەمگە يايتىقلىق ،\ئەمما يوق بىزدىمۇ قۇرۇق بالامەت .\سىزنى ئۈچۈن بىزنى ئۆيدە كۈندە قىيامەت .

7)جىرىم –جىرىم كۈزلۈك جەرەىن يۈگرۈشلۈك ،\ئاۋال باشتا بىز ئىككىمىز نىمە دىيۈشتۈك .\ ئىندە-ئىندە غېرىپنى شەرىڭىزگە ،\قەدرىمنى بىلمەدىڭىز ياناي شەرىمگە.

.(8)ئاق چەينەكتە چاي ئەۋەتتىم ،\ئۇسسۇسا ئىچسۇن دەپ .\داستىخاندا نان ئەۋەتتىم،\ ئاسلاپ قالسا يىسۇن دەپ .

9)چىقىپ ماڭدىم ئېشەككە خۇرجۇن ئارتىپ،\باياۋاندا يۈرۈيمەن قاشۇغ قاتىپ،\ئاق مەلىكەم بىزنىمۇ ئونايمىسىز ،\ئۆيدە يالغۇز تاۋار يوتقاندا ياتىپ .

10)قۇندۇز ئوخشاش قاشىڭىزنى قاراسى ،\قۇرغۇي ئوخشاش بويىڭىزنى تاناسى ،\تىل تۇرغايىم بىزنى شۇنچە كۆيدۇرۇپ ،\لىققادايدۇ قوش ئالماڭىز ئاراسى .

11)مەندە نىمە جانۇغۇڭ ،\گۇناكەرلىكتە يازۇغۇڭ.\ئايسىز كېچە يالغۇنجاپ \كۈندۈزدەك كېچە يارۇغۇڭ

1) قوشاقتىكى ”“ئاسىغداپ ”“پېئىلى مېھمان قىلىپ دىگەن مەنىدە بولۇپ ،ئىسىم ئورنىدا كەلگەندە ”“ئاسىخ“" مېھمان دىيىلىدۇ .2)قوشاقتىكى ”“چالىپ باقاي ”“پېئىلى ئىزلەپ بېقىش، قاراپ بېقىش مەنىسىدە .3)قوشاقتىكى ”“بالامەت“" سۆزى تإھمەت قىلىش دىگەن مەنىدە .4) قوشاقتىكى ”“بېڭلاسۇن“"سۆزى مەلۇمات قىلىش دىگەن مەنىدە ”“ئىنجۇ“"سۆزى ”“ئىنژىنىر“"  نى قىسقارتىپلا ئىشلەتكەن .5)قوشاقتىكى ”“تاۋىلار ”“سۆزى ئەيىپلەش ، ئەيىپلىمەك مەنىسىدە .“"قاۋىلار ”“سۆزى تىللاش ھاقارەتلەش مەنىسىدە .“"تاشا كەتلىك ”“تاشا كەنتلىكلەر نى كۆرسىتىدۇ .6)قوشاقتىكى ”“يايتىقلىق ”“ سۆزى يېيىقلىق مەنىسىدە .7)قوشاقتىكى“" ئىندە-ئىندە“" سۆزى تەكلىپ قىلىش مەنىسىدە .8)قوشاقتىكى ”“ئاسلاپ ”“سۆزى قوساق ئاچماق مەنىسىدە .9)“"ئوناش ”“سۆزى ئەسلىمەك، سېغىنماق مەنىسىدە .10)قوشاقتىكى ”“لىققادايدۇ“"سۆزى لىغىلدىماق مەنىسىدە .11) قوشاقتىكى ”“جانۇغۇڭ ئاچچىقىڭ ،ئاچچىقلىماق مەنىسىدە .“"يازۇغۇڭ ”“تۆھمىتىڭ غەيۋىتىڭ مەنىسىدە ..“"يارۇغۇڭ ”“يورۇغۇڭ ،يورۇق قىلماق .مەنىسىدە كەلگەن .

9.   يارنى مەدھىيەلەيدىغان ۋە زىبۇ زىننەتلەرنى بىلدۈرىدىغان شىۋە سۆزلىرى :

1)پۈتۈن مالە ئىچىدە ياراتىپ سېنى تۇتتۇم ،\ئات مىندۈرۈپ تون ياپاي ئاسماندىكى بۇلۇتتۇن .\ئاكۆم كەتسە ئالىپ كەتسۇن ئۆلۈكۈمنى بۇيۇرتتۇن ،\سىزگەرىم كۆڭلۈم ئاچتى ھەممەسىنى ئۇنۇتتۇم .

2)تام تإپىسىدە ئولتۇرادۇ،\ ئىككى دانە خوشخىنەك.\ ئوڭ قولۇمغا خوپ ياراشتى ،\يارىم بەرگەن سۇخۇنەك .

3)قارا قاشىم كەتتى تاغىغا ،\كۆڭلۈم ئەرگىيدۇ شۇلارغا .\بىر قاتىلسام ئارمانىم ئىدى ،\قاشى ئەڭلىك زىل- زىلايغا.

4)دەريانىڭ ئۇ لەۋىدە كۆردۈم سەنى ،مەكتەپ باشىدا ئولتۇرغان خانىم ،\كۆيدۈرمە داغىڭدا مەنى .\سەن مەنى تولۇن ئايىم بۇلبۇل قوندۇرما شاخىڭغا،\ئالدىڭدا مەن چاكۆرىڭ ،\ قھمچىم تەگمەي ساچۋاغىڭغا .

5)ساچىڭ سېنىڭ سومتارا ،\يۈرەكىمدە بىر جۈپ ئانار،\ ئۇ ئانارنى بەرمىسەڭ ،\ئۆلگەنلىرى گۆدىن يانا

6)كېچىلەردە قويغان تاناڭ ئېشىلىپ ،\بېلىڭدىكى بوي چوچاڭمۇ كېسىلىپ .\ئىنەم مېنى توختامىغان كۈيە دەيدۇ ،\كەيگەندەكى ئۆتۈكلىرىم تېشىلىپ .

7)تام تۈۋىدە ئولتۇرادۇ ،\ئىككى كەپتەر غۇژغىنەك .\ئوڭ قولغا ياراشىپتۇ ،\يارى بەرگەن شاخنەك .

1)قوشاقتىكى ”“سىزگەرىم ”“يارىم ”“دىگەن مەنىدە .2) قوشاقتىكى ”“خوشخىنەك“" چىرايلىق قىز دىگەن مەنىدە .“"سۇخۇنەك ”“سۆزى ئۈزۈك دىگەن مەنىدە. 3) قوشاقتىكى زىل-زىلايغا ”“ سۆزى زىلۋا بوي ،چىرايلىق مەنىسىدە . 4)قوشاقتىكى ”“ساچۋاغ“"سۆزى چاچنى چەككەن جاينى كۆرسىتىدۇ .5) قوشاقتىكى ”“سومتارا ”“ سۆزى سۇمبۇل مەنىسىدە يەنى، چاچىڭ سۇمبۇل دىمەكچى .6) قوشاقتىكى ”“بوي چوچا“"چاچ باغ،جالا دىگەن مەنىدە . 7)قوشاقتىكى ”“شاخنەك“"بىلەيزۈكنى كۆرسىتىدۇ .

10 . لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ؛

1)توپاق سويساق بىز سويدۇق ،\ئارتىلىپ قالۇر كىمگە \ئوبدا ن قۇلاق سالىپ باق ،\تالىش گوڭتۇ سۆزۈمگە

2)ئالدىمىزدا بىز ماڭساق كىم ھايدار كەينىمىزنى ،\ئايغىر بۇلاق يەپ كەتتى بىر ئۇلاق لەڭىمىزنى ،\ئاھى خۇداغا يەتمەي چوڭ –كىچىك ھەممىمىزنى .

3)ئايانچىغا سۇ تاتتۇق،\دىلدىرامغا بارسۇن دەپ .\بىر كۈن تۇرۇپ خۇي ئاچتى .\ئەر خەقلەرنى كەلسۇن دەپ ،\خاندىن كەلگەن گوڭسىدا ،\دەريانى چات كۆمسۇن دەپ .

4)سۈرەتنى خان كۆرۈپ،\گۇڭسى ئەۋەتتى بەككە ،\بىر سىڭدەكى خەلقىمدە ،\تۇغۇلۇپتۇ بۇ يەككە.

5)كىمنى دەردىنى تارتتىڭ چىرايىڭدا قان قالماي ،\يارىڭغا ئالابولۇرمېنى قوينۇڭغا سالماي ،\دەللىڭ ئويناپ يۈرۈگۈن كەينىڭگە ئادەم سالماي .

1)“"گوڭتۇ ”“ ئىش بېشى خەنزۇچىدىكى 工头   دىگەن سۆزدىن كەلگەن .  2)“"لەڭ“" دإلەت يإتكەيدىغان ئاشلىق بولۇپ ،粮 دىگەن سۆزدىن كەلگەن .3) ”“گوڭسى“"   خەنزۇچە خەت –ئالاقەمەنىسىنى بىلدۈرىدىغان  公事   دىگەن سۆزدىن كەلگەن . 4)“"سىڭ“"خەنزۇچە ئۆلكە  省دىگەن سۆزدىن كەلگەن .5)“" دەللىڭ“" سۆزى خەنزۇچە 单另 يەنى يالغۇز دىگەن سۆزدىن كەلگەن. .

خۇلاسىلىغاندا، لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا لوپنۇر دىئالىكتىدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان باشقا دىئالىكىت رايونلىرىدا قوللىنىلمايدىغان ئالاھىدە جۇملە قۇرۇلمىلىرى  ،كېلىش قوشۇمچىلىرى ۋە باشقا گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر گەۋدىلىك بولۇپلا قالماي بەلكى،لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆزىگە خاس شىۋە سۆزلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ،بىراق جەمىيەتنىڭ تەرەقىياتى سىرتنىڭ تەسىرى سەۋەپلىك بەزى سۆزلەرنىڭ يوقۇلىشى تېزراق بولۇۋاتىدۇ . لېكىن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى ،بەزى سۆزلەر يەنىلا خەلقنىڭ ئاغزاكى ئەدەبىيات مىراسى سۇپىتىدە مۇقىم ئاھاڭلار ۋە رېتىم ئاساسىدا يەنىلا لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا  ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقاتمىغان . يۇقۇرىقى قوشاقلاردىكى شىۋە سۆزلىرى پەقەت لوپنۇر خەلق قوشاقلىنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە بولغان بىر قىسمى خالاس ،شۇڭا لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى تىل نۇقتىسىدىنلا ئەمەس ، ئۆرپ –ئادەت، مەدەنىيەت ۋە  باشقا پەنلەر نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىش زإرۈر .

پايدىلانمىلار :

مەھمۇت قەشقەرى: <تۈركىي تىللار دىۋانى>1-توم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى  ئۇرۇمچى 1984-يىلى

ئابدىكېرىم راخمان :<خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ  نەزىرىيىسى >  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983-يىلى

<لوپنۇر خەلق قوشاقلىرى >لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ئەدەبىياتى توپلاملىرى تەھرىر ھەيئەتلىرى تۈزگەن1992-يىل 

(مەزكۇر ئەسەر <تىل ۋە تەرجىمە) ژورنىلى 2004-يىلى 2-سانىدىن ئېلىندى،ئاپتورى: زۇمرەت غاپپار)

 

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif