”كەسىپ ئىستىلى“قوزغاتقان ئويلار

ۋاقتى: 2011-12-03 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 128 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

 

 

”كەسىپ ئىستىلى“قوزغاتقان ئويلار

 

جەمىيەت تەرەققىي قىلغانسىرى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن ئۇزۇق ئېلىش ۋاستىلىرى رەڭدارلىشىش ۋە كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى.بىز ئاڭلاۋاتقان رادىيو پروگراممىلىرى،كۆرىۋاتقان تېلىۋىزۇر،خۇمار بولۇش دەرىجىسىگە يىتىپ چىڭ چاپلىشىپ ئويناۋاتقان تور قاتارلىقلار ھازىرقى زامانىۋى جەمىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە.1980-يىللاردا كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۇچۇر ۋە يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ كەلگەن.ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بولسا،تېلېۋىزۇرنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىسى قىلغان. 2000-يىللاردىن باشلاپ ئىنتىر تورى تۇرمۇشىمىزغا بارا-بارا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. مانا ھازىر نۇرغۇن ئۇچۇر ۋە يېڭىلىقلارنى توردىن تېز سۈرەتتە قۇبۇل قىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. راست گەپنى ئېيتقاندا،بۇرۇنقى  ۋاقىتلاردىكى رادىيو ۋە تېلىۋىزۇر پروگراممىلىرىنىڭ تۈرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. ھازىر مەيلى قايسىلا تاراتقۇ بولسۇن،پروگراممىلار سەرخىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇنقى بېكىك ياكى يېپىق ھالەتتىن ئاشكارا ھەم ئېچىۋېتىلگەن ھالەتكە؛كەڭ ئاۋام بىلەن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۇچىرىشىش ھالىتىگە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇرۇن تۆۋەنلەردە يۈز بەرگەن ھەر خىل مەسىلىلەرنى بىر بولسا،يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر تۆۋەنگە چۈشۈپ تەكشۈرەيتتى؛بىر بولسا،يەرلىك رەھبەرلەر يۇقىرىغا مەلۇم قىلاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا مەسىلىلەرنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئانچە يۇقىرى بولمايتتى.مانا بۈگۈنكى كۈندە مۇنداق مەسىلىلەرنى پۇقرالار ئۆيىدە ئولتۇرۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە ئىنكاس قىلالايدىغان بولدى. بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش،ئاۋامغا يېقىنلىشىش،ئاۋامنى بىۋاستە چۈشىنىش فۇنكىسىيىسىنىڭ بارغانسىرى مۇكەممەللىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.  

تور دۇنياسىدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدە پىكىر ساندۇقلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى،يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ ئېلخەت ساندۇقلىرىنىڭ ئاشكارا بولىشى،مىكرو بلوگلارنىڭ پىكىر ئېلىنىش ۋاستىسى قىلىنىشى؛تېلىۋىزىيە ۋە رادىيولاردا مۇخبىرلارنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىشى ياكى مەخپىي يۇسۇندا ئەھۋال ئىگەللەپ ئاۋامنىڭ ئېيتالمىغان دەردلىرىنى رەھبەرلىككە يەتكۈزىشى قاتارلىقلار زامانىۋىي پەن تېخنىكىنىڭ جەمىيەت ۋە ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى دېيىشكە بولىدۇ.بۈگۈن بۇ يەردە مەزكۇر يازمىنىڭ يېزىلىشىغا تۈرتكە بولغان رادىيو پروگراممىسى ”كەسىپ ئىستىلى قىزىق لېنىيىسى“پروگراممىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشنى لايىق تاپتىم.

ھازىر رادىيو شەھەردىكى پۇقرالار ئانچە كۆپ ئاڭلاپ كەتمەيدىغان تاراتقۇلارنىڭ بىرى. لېكىن،يېزىلاردىكى كەڭ ئاۋام يەنىلا رادىيودىن ئىبارەت كونا دوستىنى تاشلاپ قويغىنى يوق. دادامنىڭ تەسىردىنمىكىن مەنمۇ دائىم دېگۈدەك رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىمەن. ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە رادىيو ماڭا ھەمرا بولىدۇ.بولۇپمۇ،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسى ھەم يەرلىك رادىيو ئىستانسىسى تەسىس قىلغان ”كەسىپ ئىستىلى قىزىق لېنىيىسى“پروگراممىسى مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان پروگراممىلارنىڭ بىرى. رادىيو ۋە تېلىفۇن ۋاستىسى بىلەن بىزگە ئاشكارلىنىۋاتقان ھەر بىر مەسىلە مېنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بەزىدە ئۆزۈم تۇرۋاتقان جاي بىلەن باشقا جايلاردىكى ھۆكۈمەت فونكىسىيىسىنىڭ يۈرگۈزلىشىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئۆز-ئۆزۈمگە ”ئوخشاش ھۆكۈمەت،ئوخشاش رايۇن،ئوخشاش سىياسەت“ يەنە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق تەڭسىزلىكلەر مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدىغاندۇ؟ دېگەن سۇئالنى قويۇپ كېتىمەن.بۇنداق ۋاقىتلاردا شاڭخەي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى جۇۋلىبۇ ئەپەندىنىڭ ”ناچار ھۆكۈمەت يوق،لېكىن ناچار ھۆكۈمەت خادىملىرى يەنىلا بار“ دېگەن سۆزىنى ئېسىمگە ئېلىپ سەل تەسەللىي تاپقاندەك بولىمەن.ئىشقىلىپ نېملا بولمىسۇن، ئاساسىي قاتلامدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇش ۋە ئىنكاس قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكى بىز ئاۋامنىڭ بىر بەختى دېيىشكە بولىدۇ.بۇ پروگراممىنى ئاڭلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك تەسىراتلارغا ئىگە بولدۇم.بۇ تەسىراتلىرىمنى كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن:

1) كەسىپ ئىستىلىنىڭ قانداق بولىشى ئاۋامنىڭ جانىجان مەنپەتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىكەن. بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىدە مۇئەييەن كەسپ ئەخلاق ئىڭى يىتىلمىگەندە،كەسىپ ئىستىلىدىن چاتاق چىقىشقا باشلايدىكەن. ئۆزىنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ،خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنپ شەخسىي مەنپەتىگە چوغ تارتىش خاھىشى بارغانسىرى كۈچىيىپ ماڭىدىكەن.نەتىجىدە ئۆز مەنپەتىنى دەپ ئاۋامغا قىيىنچىلىق تۇغدۇردىغان،ئاددىي رەسمىيەتلەرنى قەستەن مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئاۋامنىڭ ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن.چۈنكى،ئاۋام ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ چۈشىنىدۇ-دە.ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ دېگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.

2) دۆلىتىمىزدە ھۆكۈمەتنىڭ دائىم تەكىتلەيدىغىنى ”خەلق دۆلەتنىڭ خوجايىنى“،“دۆلەت خىزمەتچىلىرى  خەلىقنىڭ چاكىرى“ دېگەندىن ئىبارەت.يولداش ماۋزېدۇڭمۇ شۇڭىلاشقا“خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى“دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرغا قويغان بولسا كېرەك. بىر دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت مەلۇم سان ۋە سۈپەتكە ئىگە خەلق بىلەن ئاندىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالايدۇ. شۇڭىلاشقا،قەدىمدىن تارتىپ خەلق بىر غايەت زور دېڭىزغا ئوخشىتىلسا،ھۆكۈمەت مۇشۇ دېڭىزدىكى كېمىگە ئوخشىتىلغان.مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا،كىم چاكار،كىم خوجايىن مەسىلىسى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى دائىم ئېسىدە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك موھىم نوقتا.بۇ مەسىلىلەر ئاخىردا يەنىلا كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىستىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.نۆۋەتتە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىنى خوجايىن ئورنىغا قۇيۇۋالغان،ئاۋامنى بولسا ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياكى بايلىق يارتىدىغان ۋاستە دەپ قارايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.

3)ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى.ھۆكۈمەت ئاۋام ئۈچۈن قانداق پايدىلىق ۋە ئاسانلىق تۇغدۇرۇشنى ئويلىسا،ئۆز خىزمەتچىلىرىگە تايىنىدۇ. ھۆكۈمەت ئۆز خىزمەتچىلىرىگە ئىشىنىپ نۇرغۇن ئىشلىرىنى شۇلارنى قولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىگە تېگىشلىك مەنپەئەت ۋە ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولىدۇ. بەھرىمان بولغان مەنپەئەت ۋە ھوقۇقلار دۆلەت بەلگىلىگەن چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە،كەسىپ ئىستىلىدىن ئاللىقاچان چاتاق چىققان بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۇزىنى يەپ،تۇزلىقىنى چاققانلىقى بىلەن باراۋەر. ھوقۇق ۋە مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولغان يەردە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك ئەلۋەتتە. مەجبۇرىيەتنى مەسئۇلىيەت ئۈسىتىگە قۇرۇپ، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئورۇننىڭ ئاۋام نەزىرىدىكى ئىناۋەتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلمىغان ھەر قانداق بىر دۆلەت خادىمى كەسىپ ئىستىلى ناچارلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن خادىم ھېسابلىنىدۇ.

4)مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردا بولسۇن،مەيلى ئاساسىي قاتلامدا بولسۇن ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ دۆلەت ۋە خەلق مەنپەتىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتىشى كېرەك. ئۆز مەنپەئەتى بىلەن ئاۋامنىڭ مەنپەتى،ئۆز مەنپەئەتى بىلەن دۆلەت مەنپەئەتىنڭ ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى؛دۆلەت تەرەققىي قىلسا،ئاۋام تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىندىغانلىقى؛ئاۋامنىڭ مەسىلىلىرى ياخشى ھەل قىلىنسا،دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولىدىغانلىقىنى،بۇنىڭدىن شۇ دۆلەتتە ياشىغۇچى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ خىل توغرا تونۇش يەنىلا كەسىپ ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

”كەسىپ ئستىلى قىزىق لېنىيىسى“دىكى بەزى مەسىلىلەردىن شۇنى ھېس قىلىپ يىتىشكە بولىدۇكى،ئاساسىي قاتلامدا يەنىلا خېلى كۆپ مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. قىسمەن ھۆكۈمەت خادىملىرى ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ناچار تەرەپلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئېنىق.ھەتتا بۇ جەھەتتە ئاۋامغا قورقاق سېلىش،ئۆچ ئېلىش تەھدىتلىرىنى سېلىپمۇ ئۈلگۈرگەن بولىشى مومكىن.چۈنكى، مەسىلە ئىنكاس قىلغۇچى قىسمەن ئاۋام ئۆز سالاھىيىتى ۋە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلانماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا.ھەتتا بەزىلىرى مەخپىيەتلىكلەرنى ساقلىيالىسا ئاندىن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىنى بولمىسا دېمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويماقتا.

ھەممە يەردە تەرەققىي تاپقان ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىش،خەلقنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ،دۆلەتنىڭ ئۈنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇش،شۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخى شارائىتتا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىدە ساقلىنىۋاتقان تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولۇش قىلمىشلىرى ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىلىشى ۋە يۇقىتىلىشى كېرەك.

نۇرغۇن مەسىللەر ئاۋام تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلۇپ،ھەل قىلىنىشقا سۇنۇلغان بولسىمۇ،قىسمەن كەسىپ ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان خادىملار يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ماڭغان يولىنى توغرا دەپ قارىشى مومكىن.بۇ خىل ئۆز خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزۈتىشنى خالىمايدىغان خادىملارنىڭ تارتىدىغىنى قوش كىشلىك زىيان بولىدۇ خالاس.

 

2011-يىلى 12-ئاينىڭ3-كۈنى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif