”نوپۇزلۇق مۇنبەر“گە يانداشقان ئويلار

ۋاقتى: 2011-07-16 / تۈرى: ئىجادىي ئەسەرلىرىم / كۆرۈلۈشى: 89 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

”نوپۇزلۇق مۇنبەر“گە يانداشقان ئويلار

 

مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ ”نوپۇزلۇق مۇنبەر“پىروگراممىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھېسلار

 

   يېقىندا تور ئارلاۋېتىپ مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلىمىنىڭ تور بېتىگە كىرىپ قاپتىمەن (بۇ بېكەتنىڭ تور ئادىرىسى<http://www.uycnr.com>).بۇ تور بەتتىكى بىر قىسىم سەھىپىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ پروگراممىلارغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم.كۈندە ۋاقتىم چىقسىلا بۇ تور بەتكە كىرىپ ئۇيغۇرچە سەر خىل پروگراممىلارنى ئاڭلايدىغان بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى سەرخىل ئەدەبىي ئەسەرلەر،رىۋايەت-چۆچەكلەرنى ئاڭلىتىشنى ئاساس قىلغان“ئەدەبىي ئاڭلىتىش“؛ تۇرمۇشىمىزدا يولۇققان نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىلىدىغان،باشقىلارنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرىنى تونۇشتۇردىغان،تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا پىسخىك مەسلىھەت بېرىدىغان“تۇرمۇش“؛ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن داڭلىق ئالىم،تارىخى شەخىس ۋە قەھرىمانلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى سۆزلىنىدىغان“مەشھۇر شەخسلەر“ ، جەمىيتىمىزدىكى ۋە ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى دوكتۇر، پىرافىسورلىرىمىز بىلەن مەخسۇس تېمىدا سۆھبەتلىشىشنى ئاساس قىلغان“نوپۇزلۇق مۇنبەر“ قاتارلىق پروگراممىلار ئالاھىدە دېققىتىمنى تارتتى.بولۇپمۇ،“نوپۇزلۇق مۇنبەر“سەھىپىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كاللامدا خېلىدىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن ياخشى بىر ئىشنىڭ بۇ جايدىن باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدۈم.مەركىزىي مىللەتلەر ئۈنېۋىرسىتىتىنىڭ پىرافىسورلىرىدىن لىتىپ توختى،مۇھەممەد رېھىم سايىت،شىنجاڭ ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسورى ئوسمان ئىسمايىل تارىملار بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلاندىم ھەم نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىلدىكى رادىيو پروگراممىلىرى ناۋادا تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىغا ئايلاندۇرۇلسا بۇنىڭ ئۇنىمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئېھتىماللىغىنىڭ زور ئىكەنلىكى ھەققىدە تاتلىق خىياللارنى سۈرۈشكە باشلىدىم. بىلىشىمچە،گەرچە رادىيونىڭ بارلىققا كەلگەن دەۋرى تېلېۋىزۇردىن خېلىلا بۇرۇن بولسىمۇ،ھازىرقى دەۋىردە تارقىتىش ۋاستىلىرى ئىچىدە تېلىۋىزۇرنىڭ ئومۇملىششى ۋە تەسىر دائىرسى تېخىمۇ كەڭ دەپ قارايمەن.شۇڭىلاشقا ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتىكى  ساددا ئوي-خىيالىرىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىگە كېلىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،تېلىۋىزۇر،كومپىيوتىر دېگەندەك زامانىۋىي ئەسلىھەلەر نۇرغۇن ئائىلىلەرگە ئومۇملىشىشقا باشلىدى.بولۇپمۇ تېلېۋىزۇر ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە دېگۈدەك بار.ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان پىروگراممىلىرى بولىدۇ.بۇنى ئىنچىكە سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولىدۇ.مېنىڭچە تېلېۋىزۇر ئەڭ ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ۋاستە،ئاندىن قالسا بىر خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىقات قورالى.بىز تېلېۋىزۇر ئارقىلىق ئۆزىمىز بېرىپ باقمىغان جايلارنى كۆردۈق،كۆرۈپ باقمىغان مىللەت ۋە ئېرىقتىكى كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۇق.بەزى ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى تېلىۋىزۇر ۋاستىسى بىلەن قوبۇل قىلدۇق.بەزىدە كۆز ئالدىمىزدىكى ئاجايىپ-غارايىباتلارنى كۆرۈپ ياقىمىزنى چىشلەپ ”توۋا“دىيىشىپ قالساق،بەزىدە ئېسىل ماشىنىلارنى ھەيدەپ،ھەيۋەتلىك داچىلاردا ئولتۇردىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ھەۋەس قىلدۇق.گاھىدا دۇنيا سىياسىسى ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇشلارنى كۆرۈپ ئوخشىمىغان دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ دېمېكۇراتىيە،كىشلىك ھوقۇق،قىممەت قارىشى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان مەيدانلىرىنى بىلىپ ئۇنى ھازىرقى ۋەزىيىتىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولدۇق.تېلېۋىزۇرنى كۆرۈپ كۆزىمىز ئېچىلغاندەك بولدى.شۇڭىلاشقىمۇ بوۋىلىرىمىز مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ۋېلسىپىتكە ”شەيتانچاق“دەپ نام بەرگەنگە ئوخشاش،تېلىۋىزۇرغىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا“جاھان ئەينىكى“دەپ نام بەردۇق.

شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى، تېلىۋىزۇر تۇرمۇشىمىزغا كىرگەندىن كىيىن بىزگە نۇرغۇن ناچار تەسىرلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.بۇنى بىز ”تېلىۋىزۇرمۇ ياكى دىلبۇزۇرمۇ؟“دېگەنگە ئوخشاش ماقالىلەردىن كۆرۈپ ھېس قىلىپ يەتتۇق. بىر خىل مەدەنىيەتنىڭ باشقا مەدەنىيەت بىلەن ئۇچىراشقاندا ئىجابىي ياكى سەلبى تەسىرلەرنى تەڭ ئېلىپ كىرىشى نورمال ئىش ھېساپلىنىدۇ.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن. دۇنيا ھامان زىدىيەتلەر ئىچىدە تەرەققىي قىلىدۇ.زىدىيەت ئۆز-ئارا بىر بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىككى تەرەپ بولغاندىلا مەۋجۈتلۇق ھالىتىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ.

تېلىۋىزۇرغا كەلسەك،ئۇنىڭ بىزگە ئىجابى ۋە سەلبىي تەرەپلەردىن تەسىر كۆرسەتكىنى ئېنىق.مېنىڭچە بولغاندا“شاكىلىنى چىقىرۋىتىپ،مېغىزىنى قۇبۇل قىلىش“ناھايىتى موھىم پەلسەپىۋى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزدۇر.بىز تېلىۋىزۇردىكى تارقىلىۋاتقان مەدەنىيەت ئامىللىرىغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشنى بىلىۋالساق،ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇشنى بىلىۋالساق،تېلېۋىزۇردىن ئۈنۈملۈك بىلىم تارقىتىش،بىلىم ئۆگىنىش سورۇنىنى تاپالمايمىز.چۈنكى تېلىۋىزۇر سۈرەت،ئاۋاز ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن رادىئو،گېزىت قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.شۇڭىلاشقا مەيلى قايسىلا دۆلەتتە بولسۇن،ھۆكۈمەت تېلىۋىزىيە ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇنىڭ تارقىتىشتىكى رولىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ.

ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئادەمنىڭ تېلېۋىزۇردىن پايدىلىنىش مەقسىتى ئوخشاش بولمايدۇ.بەزىلەر دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش،بىلىم ئۆگىنىش،جەمىيەتتىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن تېلېۋىزۇر كۆرىدۇ.بەزىلەر كۆڭۈل ئېچىش،ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش،ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېلېۋىزۇر كۆرىدۇ.ئەمدى بىز مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە بىزنىڭ تېلېۋىزۇردىن پايدىلىنىش مەسىلىمىزگە كەلسەك،ھازىر ئۇيغۇرچە تارقىتىلىۋاتقان پىروگراممىلاردىن قارىغاندا، بىز كىيىنكىسىگە بەكرەك چۈشىدىغاندەك قىلىمىز.چۈنكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئاساسى جەھەتتىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ پروگراممىلارنى كۆرۈش نىسبىتىگە قاراپ شۇ خاراكتىردىكى پروگرامىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجىرتىدۇ.بىر يېڭى پروگراممىنى تەسىس قىلىپ بىر مەزگىل تارقاتقاندىن كىيىن كۆرىدىغان ئادەملەر بولمىسا،ئۇنى تاقىۋىتىدۇ.بۇ خۇددى ئاشخانىنى ئېچىپ،ئۇنىڭغا تاماق يەيدىغان خېرىدار بولمىسا،ئاشخانىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغانغا ئوخشاش ئىش.ھازىر شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدا ئۇيغۇرچە تارقىتىدىغان تۆت قانال بار بۇنىڭ ئىچىدە كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى پروگراممىلاردىن“تەڭرىتاغ كۈيلىرى“،“سەنئەت گۈلزارى“،“مەشرەپ“،“تەلەي يۇلتۇزى“،“تەلەپ ۋە تەقدىم“ قاتارلىقلار بار.بىلىم تارقىتىش تۈرىدىكى پروگراممىلاردىن“مەدەنىيەت بوستانى“،“كۆڭۈلدىكى سۆز“،“پەن ۋە مائارىپ“، ”ئىقتىساد“،“مۇنبەت تۇپراق“ قاتارلىقلار بار.گەرچە بۇ ئىككى خىلدىكى پروگراممىلار سان جەھەتتە ئوخشاش بولسىمۇ،ئالدىنقىلىرىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى بىر قەدەر كۆپ.

نۆۋەتتە نۇرغۇن شەھەرلىك كىشىلەر ئۇيغۇر تىلىدىكى پروگرامىلارنى كۆرمەي،خەنزۇ تىلىدىكى پروگراممىلارنى كۆرۈشكە ئامراق.ئۇلارنىڭ دېيىشچە ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن،يېڭىلىق ئاز دېگەنلەردىن ئىبارەت.ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر ئاز سانلىق مىللەتنىڭ توت قانالدا تارقىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشىشى ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ياخشى بىر خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بۇنى ئىشلەۋاتقان،بۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ ساپاسىنى مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق مىللەتنىڭ پروگراممىلىرىنىڭ سۈپەت ۋە ساپاسىغا سېلىشتۇرساق ھەقىقەتەن پەرق بار.بۇنىڭدا ئوخشىمىغان ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار مەۋجۈت.مېنىڭچە ھازىر ئۇيغۇر تىلىدىكى تارقىتىلىۋاتقان پروگراممىلاردا بەكرەك ئېتىبار بېرىلىۋاتقىنى خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش مەسىلىسى.بىلىم ۋە مەدەنىيەت تارقىتىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرگە تازا دېققەت قىلىنمايۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشمۇ ناھايىتى موھىم ئىش.ئەمما ھازىر بىزگە بەكرەك موھىم بولغىنى خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى كۆتۈرۈش مەسىلىسى.ئەگەر تېلېۋىزۇر بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسىللىرىمىزنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئاز-تولا ياردەم بېرەلىسە بۇ ناھايىتى كاتتا ئىش بولغان بولاتتى.

مېنىڭ بۇ يەردە كۈچەپ تەرغىپ قىلماقچى بولغىنىم تېلېۋىزىيە ئىستانسى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى پروگراممىلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ئىلمىي،بىلىم ئۆگىتىش مەزمۇنىدىكى پروگراممىلارغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسە.مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ پەن-مائارىپ قانىلى(10-قانال) دەل مۇشۇنداق خاراكتىردىكى قانال بولۇپ،ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىلىم تەشنالىقىنى قاندۇرۇشتا موھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى“ئىزدىنىش ۋە بايقاش (探索发现 )“،“پەن تېخنىكىنىڭ نۇرى (  科技之光) ”  ،“نوپۇزلۇق مۇنبەر (百家讲坛 )“ پروگراممىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ كۆرىمەن.بولۇپمۇ“نوپۇزلۇق مۇنبەر“پروگراممىسىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىمەن. بۇنىڭدا خەنزۇلار ئىچىدىن چىققان داڭلىق ئالىملار،ئالىي مەكتەپنىڭ پروفىسورلىرى،ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ئىزدىنىشلىرىنى لىكسىيە سۆزلەش،دەرس ئۆتۈش شەكلىدە كۆرۈرمەنلەرگە تەقدىم قىلماقتا.ئۇلارنىڭ سۆزلىگەن نوتۇقلىرى كىتاپ قىلىپ بېسىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كىتاپلىرىغا ئايلىنىپ قالماقتا.بۇ پروگرامما بىر تەرەپتىن ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭغۇچىلارنى ياخشى سەھنە بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خەنزۇ مەدەنىيىتى،تارىخى،سىياسى-ئىقتىسادى جەھەتتىكى جەۋھەرلەرنى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ،خەلىقنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى ئۇيغۇرچە قاناللىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بەزى پروگراممىلىرىنى تەقلىد قىلىپ ئايرىم پروگراممىلارنى يولغا قويىۋاتىدۇ.ئەمما بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرلىك پروگراممىلار.مېنىڭچە شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىدىكىلەر مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بىلىم تارقىتىش خاراكتىردىكى پروگراممىلىرىدىن ياخشىراق ئىلھام ئالسا،شۇ خاركتىردىكى پروگراممىلارنى يولغا قويۇش ئىمكانىيىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باققان بولسا ناھايىتى ياخشى بولاتتى.ھازىر گەرچە“مەدەنىيەت بوستانى“،“كۆڭۈلدىكى سۆز“دېگەندەك پروگرامىلار بار بولسىمۇ،ئۇلارنىڭ چېتىلىش دائىرسى چەكلىك،بەزىدە ئىشلەيدىغان تېما تاپالماي تايىنى يوق نەرسىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلەپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.ئۇلارنىڭ پروگرامما ئاخىرلاشقاندا ئېكراننىڭ ئاستىغا ”تېما قوبۇل قىلىش“تېلىفۇنلىرىنى يېزىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ.ناۋادا ئۇلار ئۇيغۇرچە قاناللاردا“ نوپۇزلۇق مۇنبەر ”دەك پروگراممىلارنى يولغا قويسا چوقۇم بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققان بولاتتى.بۇ يىلنىڭياقى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەنزۇچە قانىلىدا ئىزچىل بېرىلىپ كېلىۋاتقان ”يىپەك يولىدىكى بايقاش“پروگراممىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلىۋىدى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پروگراممىنىڭ تەرىپىنى بەس-بەستە قىلىشقا باشلىدى.بۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يەنىلا بىلىم بېرىش تىپىدىكى پروگراممىلارنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى.

ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە،ئۇلار بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ رايۇنمۇ ئۆزىنىڭ سىرلىقلىقى بىلەن دۇنيا ئەھلىنى ئۆزىگە قاراتماقتا.مانا مۇشۇنداق جايدا ئىشلەيدىغان پروگراممىلارغا تېما تاپالماي تەمتىرەپ قېلىش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.ناۋادا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرىمىز ئۆزى مەخسۇس ئىزدىنىۋاتقان ساھەدىكى بىلىملىرىنى تېلېۋىزۇر ئېكرانى ئارقىلىق تارقاتسا،بۇنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.بىزدە تەتقىق قىلىنغان بىلىملەرنىڭ كىتاپ يۈزىدىلا ساقلىنىپ قېلىش،ئەل ئارىسىغا تارقىلالماسلىق مەسىلىسى بەك ئېغىر.نەشىرياتلىرىمىزنىڭ ئىلمىي كىتاپلارنىڭ بازىرى يوق دەپ قاقشالىرىنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى ئەمدى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولىۋاتىمەن.مېنىڭچە قورسىقىدىكى بىلىمنى باشقىلارغا بىلدۈرمەي،بىلدۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەپسۇسلىنارلىق ئىش يوق.بىز ئىلىم يەتكۈزۈشتە بىر خىل ئۇسۇل بىلەن سىناق قىلىپ مەغلۇپ بولغاندا باشقىچە بىر خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.

يېقىندىن بۇيان نەشىرياتلىرىمىز بۇ ساھەدە خېلى تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.بەزى كىتاپلارنى كىچىكلىتىپ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قىلدى.بۇمۇ ياخشى بىر يۈزلىنىش.مەسىلەن ئالايلى،ناۋادا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسى “ نوپۇزلۇق مۇنبەر ”دەك پروگراممىدىن بىرنى تەسىس قىلسا،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى،ئورپ-ئادىتى،ئەدەبىياتى،سەنئىتى،تىبابىتى قاتارلىق تەرەپلەرنى يورۇتۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلسا بۇ نۇرغۇن ئالىم تەتقىقاتچىلارغىمۇ،ياشلارغىمۇ ياخشى بىر ئۆگىنىش سەھنىسى بۇلۇپ قېلىشى ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ .بىزنىڭ ئالى مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرىمىز دەرس ئۆتۈش،بىر يىلدا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەنلا ئۆمۈرىنى ئۆتكۈزمەكتە.ناۋادا مانا مۇشۇنداق تېلېۋىزۇر ئالدىدا كۆپچىللىككە ئىلىم تارقىدىغان ۋەزىپىنى ئۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىسەك،زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىش ئىشتىياقلىرىغا ئوت ياققان،ئۇلارنىڭ بەس-بەستە ئىلمىي تەتقىقات يوللىرىدا ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولغان بولاتتۇق.ھەم شۇندىلا باللىرىمىزدىن“بالام پەقەت ناخشىچىلارنىلا بىلىدۇ،ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنى،ئالىملارنى،ئاتا بوۋىلىرىنى بىلمەيدۇ“دەپ رەنجىيدىغان ئىشلارنى خېلى ئازايتقان بولاتتۇق.يەنە بىرسى ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتىنى چېنىقتۇرۇپ ئۇلاردىن داڭلىق ناتىقلارنىڭ چىقىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەرگەن بولاتتى. ئەڭ موھىمى بۇ ئىشلىرىمىز تارىخقا ئايلانسا بىر تارىخى پاكىت سۈپىتىدە ساقلىنىپ،كەلگۈسىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ ئەجداتلارنى تونىشىغا،مۇئەييەنلەشتۈرشىگە،ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىغا مۇئەييەن دەرىجىدە ياردىمى تەككەن بولاتتى.

مەن شۇنداق ئويلايمەن،ئۇيغۇرلار ئۆز تەرەققىيات تارىخىدا تارىخىي جەھەتتىكى ماددى پاكىتلارنى قالدۇرۇشقا سەل قاراپتىكەن.ناۋادا قەدىمدىن تارتىپلا ئەجداتلىرىمىز خەنزۇلارنىڭ ئەجداتلىرىدەك تارىخنى تەپسىلى خاتىرلەپ ماڭغان بولسا،بۈگۈنكى دەۋىردە دىيارىمىزدا تارىخ  ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە سىر پېتى تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سانى خېلىلا ئازايغان بولاتتى. ئەينى ۋاقىتتا“يۈسۈپ حاس هاجىپ“ ۋە“مەھمۇد قەشقىرى“بوۋىمىز ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كېتىپتىكەن.ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكىنى بارا-بارا چوڭقۇر ھېس قىلىپ يىتىۋاتىمىز.ئەمما ئۇلاردىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ يۈرتىۋاتىمىز-يۇ، بۇ ئۇلۇغ ئابىدىلەرنىڭ ھەقىقىي روھىنى قېزىپ چىقىرىپ،ئەۋلاتلىرىمىزغا مەنىۋى سوۋغا سۈپىتىدە تەقدىم قىلالمايۋاتىمىز.بۇ ھەممىمىزگە ئايان.

بىر يىلى مەلۇم بىر پۇرسەت بىلەن شىئەنگە بارغان.ئۇ يەردە ”تاش ئابىدىلەر ئورمانلىقى碑林))“دېگەن بىر باغچا بار ئىكەن.بۇ باغچىدا مەخسۇس خەنزۇلارنىڭ خان پادىشاھلىرىنىڭ ياساتقان ئابىدە تاشلىرى،ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى خاتىرلەنگەن تاش ئابىدىلەر بەك كۆپ ئىكەن.مېنىڭچە تارىخنى ئەنە شۇنداق ماددى پاكىتى بىلەن قالدۇرغاندا ئۇنى چىنلىقى بىلەن مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.ئۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.ئەلۋەتتە،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ-مەدەنىيەت،ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئائىت نۇغۇنلىغان كىتاپلار نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ.بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ موھىم بىر تارىخى پاكىت.لىكىن تارىخى پاكىتنى ئوتتۇرغا قويۇپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ،ئۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا سەل قارىساق،بۇ تارىخ يەنىلا كىتاپ يۈزىدىكى تارىخ بولۇپ قالىدۇ.ئەگەر ئۇلارنى ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز،ئەنئەنىلەرنى قوغدىغان ئاساستا،خەلقىمىزنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىمىز دەيدىكەنمىز،تىلېۋىزۇر،تور قاتارلىق ئىلغار تارقىتىش ۋاستىلىرىغا مۇراجەت قىلىشىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن.

يۇقىردا مەن ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەلكىم، ”بۇ تازىمۇ بىر خىيالپەرەس بالىكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەلۇم بىر پروگراممىنى يولغا قويۇشى ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس“ دېيىشىڭىز مومكىن.لېكىن مەلۇم بىر ئىشنى قورقۇپ قىلمىغاندىن دادىللىق بىلەن ئۇرۇنۇپ كۆرگەن ئەۋزەلمىكىن دەپ ئويلايمەن.مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ ئالدى بىلەن يەككە شەخىسلەرنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،قانچە كۆپ شەخىسنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە،شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسى شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ. مېنىڭ سەۋىيەم چەكلىك،كۆرگەن-بىلگىنىممۇ ئانچە كۆپ ئەمەس،شۇڭىلاشقا بەزى خىيالى تەسەۋۇرلارنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇشۇم مومكىن.دوستلارنىڭ بۇ پىكىرلىرىمگە تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى،ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسەۋۇرلىرى بولسا،ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

 

                                                         _ لوپنۇرى

 

 

                                                        2011  -يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كورلا شەھرىدە يېزىلدى

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif