تۇرپان ئۆلكىسى لوپنىڭ بايانى

ۋاقتى: 2011-07-16 / تۈرى: لوپنۇر ھەققىدە / كۆرۈلۈشى: 222 قېتىم / 0 دانە باھا يوللانغان باھا

« مىراس » ژورنىلى تەھرىر ئىلاۋىسى: ئوقۇرمەنلەر نەزەرىگە سۇنۇلىۋاتقان بۇ ئەسەر روسىيىدىكى خاكاس تۈركلىرىدىن يېتىشىپ چىققان مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىم نىكولاي فېدوروۋېچ كاتانوف 1891-، 1892-يىللىرى ئارىلىقىدا قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇللاردا خەلق ئاغزىدىن يىغقان فولكلور ماتىرىياللىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىردىكى تىل، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا تېپىلغۇسىز قىممەتلىك بىرىنچى قول مەنبە ھېسابلىنىدۇ. ئالىم ئۇيغۇرلارنى فولكلور ۋە تىل نۇقتىسىدىن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، ماتىرىياللار خەلق ئاغزىدىن قانداق چىققان بولسا شۇ پېتى خاتىرىلەنگەن. ئەدەبىي جەھەتتىمۇ ھېچقانداق پىششىقلانمىغان. شۇڭا، بىزمۇ بۇ ئەسەرنى نەشرگە تەييارلاشتا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق جەھەتتىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆز پېتى نەشرگە تەييارلىدۇق. ئەينى دەۋردىكى « چەنتو»، « تۇڭگان» … دېگەندەك ئېتنىك ناملار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنىڭ ۋە ئەتراپتىكى خەلقلەرگە بولغان تونۇشىنىڭ ئىنكاسى بولغاچقا، ئۆز پېتى ئالدۇق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدى پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

 

تۇرپان ئۆلكىسى لوپنىڭ بايانى

 

مىجىت( مۈجۈپ) ئاخۇننىڭ ئاغزىدىن

 

( 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى)

 

بۇ لوپ( لوپنۇر) دېگەننىڭ ئەللىرى تۇرپاڭغا گاڭغا قارايدۇ. بۇ لوپنىڭ توققۇز بېگى بار. بۇ بەگلەر باشلىرىغا خەنزۇ بەرگەن جىڭسا ئوتۇغاتنى«غوتۇرغات» دەيدۇ. بۇ لوپ بەگلىرى ھەر يىلدا تۇرپان دوتەيگە بىر جۈپ ئۆلۈك يولبارس،بىر جۈپ تىرىك ئات،ئۇ يەنە بىر جۈپ قاما،ئۇ يەنە توققۇز كالا، توقسەن قوي،ئاق، قارا بىر يۈز سەكسەن كۆرپە بۇلارنى تارتىق بېرەدو. ئۇ يەنە لۈكچۈن گاڭغا شۇنۇڭغا ئوخشاش تارتىق بېرەدو. شۇ ئىككى تارتىقدەك ئىككى يەرگە تۇتقان گۇنايىغا لوپلۇق خاڭغا ھەر قاسىدىن توققۇز جۈپتىن تارتىق بېرەدو. خاڭغا بېرەدۇرغان توققۇز جۈپ يولبارس تېرىسىنى يۇرت خەلقى ئالغۇلۇق بولسا،ھەر يۇرتتىن بىردىن،ئىككىدىن كالىنى ئالباڭغا ئېلىپ، يەتمىش-سەكسەن،بىرە يۈز  كالىنى قىلىپ،يولبارس بار جاڭگالغا ھايداپ يولبارسقا سېلىپ بېرەدو. ئاندىن بۇ جاڭگالدا يولبارس بولسا،بۇ كالىنى يولبارس كېلىپ بىرنى ئېتىپ ئاتادو. ئاندىن بۇ يولبارس ئېتىپ ئاتقان كالىنىڭ گۆشىنى بىر كۈن توقتاپ سوتۇپ ئېنىڭدىن كېيىن يەيدو. ئاندىن بۇ لوپلۇقنىڭ ئارىسىدا ئەللىك يېرىم يا ئاتمىش يېرىم كۇچىلىنى يۇمشاق يانچىپ ئۇششاق-ئۇششاق يىگىرمە-ئوتتۇز خالتاغا ئېلىپ تەييار قىلىپ قويادو. بۇ يولبارس كالىنى تاشلاب ئېتىپ كەتكەننىڭ نېرىسىگە ماراپ تۇرۇپ،بۇ كۇچىلىنى ئاپىرىپ كالىنىڭ بەدىنىگە پىچاقنى تېرەن-تېرەن سانچىپ، پىچاقنىڭ ئورنىغا بىر خالتا كۇچىلىنى تىقىپ، بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىنى يىڭنە بىرلەن تىكىب ئاتۇرلەر.

شۇنداق كالىنىڭ يىگىرمە-ئوتتۇز يېرىگە كۇچىلىنى قويۇپ كەتسە،ئاندىن ئەرتىسى يولبارس كېلىپ بۇ كالىنىڭ گۆشتىنى يەرلەر. ئەڭگەل بىر يەپ كۆڭگەن يولبارس بولسا،پىچاقنىڭ ئىزىنى بىلىپ يېمەي كېتۇرلەر. … مەگەر يېمىگەن يولبارس  بولسا،بۇ گۆشنى ھەممىسىنى يەرلەر. ئاندىن بۇ يولبارس گۆشنى يەپ بولۇپ بىر تەرىپىسىگە كېتەرلەر. ئاندىن بۇ لوپ خەلقى كېلىپ يولبارس گۆشنى يەپتۇ،دەپ يولبارس كەتكەن تەرەپكە ئىز ئىستەپ يۈرۈرلەر. بۇ يولبارس تازا بولسا، ئالقىنىنى ئېچىپ يەرنى دەپسەيدو. ناۋادا كۇچۇلا يېگەن بولسا،بەش يول، ئون يول بارغۇچە ئالقىنى يۇمبۇلاق بولۇپ ئىز بولادۇ. بۇ يولبارسنىڭ ئىزى مۇشتەك بولسا،بۇ يولبارسنى كۇچۇلا  كۈچىگە ئالغان گاختىدۇر. ناۋادا يولبارس شۇنداق گاختىدا ئادەمگە ئۇچۇراپ قالسا، ئادەمنى يەرگە ئۇرۇپ يېپىشتۇرۇپ ئاتادو. بۇ لوپلۇق يولبارسنىڭ ئىزى يۇمبۇلاق بولغاندا يېقىن بارمايدو. ئاندىن شۇنداق بولغاندا ئۈش كۈندىن كېيىن ئۆلەدو. ئاندىن بۇ لوپلۇق بېرىپ تېرىسىنى ئابدان سويۇپ،ئىچىگە سامان تىقىپ،بۇ يولبارىسنىڭ سۆڭىگىنى بىر تۇلۇمغا، گۆشىنى بىر تۇلۇمغا ئالادو. شۇ تېرىقىدە توققۇز يولبارس تۇتۇپ ئالادو. ئۇ يەنە خاڭغا بېرەتۇرغان توققۇز جۈپ قامىنى قىش كۈنىسى دەريانىڭ ئۈستۈنىگە مۇز توڭلاغاندا،بۇ لوپلۇق يۇرت خەلقى ئالبان بىرلەن چىقىپ قاما ئالادو. بۇ قامىنى ئالۇر بولسا،بۇ مۇزلاغان دەريانى مۇزىنى ئادەم بېلىدەك نەچەن يەرنى تېشىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا نان گۆش ئاپىرىپ قويادو. بۇ قاما دەريانىڭ ئىچىدىن چىقىپ بۇ تۆشۈككە كېلەدو. ئاندىن بۇ قاما تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ، مۇندا ئادەم بولماسا، گۆش، ناللارنى يەيدو. ئاندىن بۇ قامالار ئىككى-ئۈش كۈن نان، گۆشنى يەپ ئادا بولغاندا، تۆشۈكنىڭ ئۈستۈنىگە چىقادو. ئاندىن بۇ قاما قۇرۇق يەرگە چىقىپ جاڭگال ئىچىگە كىرىپ كەتكەندىن كېيىن لوپلۇق تۆمۈر توزاقنى ئاپىرىپ بۇ تۆشۈكنىڭ ئاغزىغا قويۇپ قويادو. ئاندىن بۇ قاما جاڭگالدىن « تۆشۈككە كىرىپ كېتىمەن » دەپ كېلىپ بۇ توزاققا بېشىنى تىقسا، بۇ قامىنىڭ بېشى قىسىلىپ قالۇرلەر. لوپلۇق ئىككى-ئۈش كۈن كەلمىسىلا، بۇ قاما توزاقتىن چىقالماي ئۆلۈپ قالۇرلەر. ئاندىن بۇ قامىنى تېرىسىنى تۇلۇم سويۇپ، تېرىسىگە سامان تىقىپ شۇ تەرىقىدە ئالبان بىرلەن توققۇز جۈپ قاما ئالۇرلەر. ھەر كىمنىڭ تۇرپاڭغا ياراغۇدەك، گاڭغا ياراغۇدەك  تارتىققا لايىق بۇ ئادەملەرنىڭ بىرەر نەرسە-كېرەكلىرى بولسا، زۇلۇم بىرلەن ئېلىپ ئالۇرلەر.

ئۇ يەنە قوي، كۆرپە، تۈلكى، ھەممە بىرەر نەرسە-كېرەك تارتىق جابدۇقىنى يۇرتتىن زۇلۇم بىرلەن ئالۇرلەر. تۇرپاندىن لوپقا كىشى كىرسە، دوتەينىڭ، گاڭنىڭ، بەگلەرنىڭ ، بۇ كىرگەن ئادەم ھەم ئۆزىنىڭ بولۇپ، بىر-ئىككى مىڭ سەرلىك سودا ئېلىپ كىرۇرلەر. ئاندىن بۇ كىرگەن ئادەم لوپنىڭ ھەممە بەگلىرىدىن يىغىپ ئېلىپ بارغان سودالىرىنى « خىنى سودا» دەپ بەگلىرىگە بۆلۈپ بېرۇرلەر. بۇ بەگلەر بۇ سودالارنى ئاپېرىپ ھەر قاسى ئۆز ئادىمىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرۈرلەر. ئاندىن بۇ كىرگەن ئادەم لوپتا بىر نەچچە زامان پۇلغا  كۆڭنى-قارنى تويغۇچە يەپ ئاندىن « كېتىمەن » دېسە، يەنە بۇ لوپ بەگلىرى يۇرتتىن يىغقان خىنى تارتىقنى ئاپكېلىپ بۇ كەلگەن تۇرپان بەگلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرۇرلەر. ئۇ يەنە بۇ ئېلىپ بارغان خىنى سودانى ھەممە يۇرت خەلقىدىن بىر گەز مالغا بىردىن قوي زۇلۇم بىرلەن يىغىپ ئالۇرلەر. ئۇ يەنە بىرە توپتىن يىڭنە، يا بىرە ساندۇق ئۇپا سوغۇلۇق بېرىپ، ئېنىڭ ئورنىغا بىرە تاغار خۇرجۇن تاسما-كۆرپە يىغىپ ئالۇرلەر. بۇ لوپتىن يىغقان ھەممە پۇل-مالنى ، يەنە ئالباڭغا ئات-ئۇلاق ئادەم يىغىپ بۇ تۇرپان بەگلىرى بىرلە ئېلىپ تۇرپاڭغا ئالبان بىرلەن ئاپچىقادو. بۇ لوپ خەلقى تۇرپاڭغا چىقاتۇرغان ئالبىنىنى ئۆلۈم ئالبىنى دەيدو.

« نېمە ئۈچۈن» دېسە ، بۇ لوپ خەلقىگە چېچەك چىقمايدو. ناۋادا تۇرپاڭغا چېچەك كېلىپ قالغان بولسا ، « بېشىڭنى ھېلى چاپىمەن » دېسىما، « ئې بۆبۈلەرىم كەپ قاپتۇ» دەپ ھەرگىز تۇرپان ئالبىنىغا چىقمايدو. بۇ لوپلۇقنىڭ « بۆبۈلەرىم» دېگىنى چېچەك ئانىسىنى دەيدو. ناۋادا بۇ تۇرپاڭغا چېچەك كەلگەن گاخلاردا بۇ لوپلۇق تۇرپاڭغا چىقىپ قالسا، بىر-ئىككى كۈن ھايال بولماستىن ، قېرى بولسىما، چېچەك چىقىپ قالادو. بۇ چېچەكتىن قورقۇپ تۇرپاڭغا چىقماي، شۇ لوپ ئىچىدە بىرە بىر چېچەك چىقىپ ساقايغان ئادەملەر بار. ئۇ ئادەملەرنى لوپلۇق ئۆز ئىچىدە « پىششىقلا» دەيدو. ناۋادا چېچەك چىقماغان ئادەملەرنى تۇرپاڭغا ئالباڭغا بۇرۇسا، پىششىقلارنى ئورنىغا چىقارادو. مۇبادا، بۇ تۇرپاندا لوپتىن چىققان ئادەمگە چېچەك چىقىپ ساقايسىما، تا ئۈچ يىلغىچە لوپقا كىرگۈزمەيدو. ئۈچ يىلدىن كېيىن لوپقا كىرەر بولسا، لوپنۇڭ چېتىدە كۆنچى دەريا دەپ دەريا بار، دەرياغا لوپلۇق كېلىپ يىغىلىپ تۇرۇپ، بۇ كەلگەن پىششىق لوپلۇقنى ئوتراغا ئېلىپ، ھەممە لوپلۇق ئەر-خوتۇن، تا كىچىك بالا، بىرى قالماي، قولىغا بىر سىقىمدىن قوينىڭ يۇڭىنى تۇتۇپ تۇرۇرلەر. ئاندىن يەنە بىر تاغار كېپەكنى ئاپكېلىپ، بىر كۆتۈرۈم ئەدراسمان ئاپكېلىپ، بۇ كېپەك بىرلەن ئەدراسماننى يانچىپ ئېلىشتۇرۇپ، ئاندىن ئوت ياقارلەر. ئاندىن بۇ پىششىق لوپلۇقنى بۇ ئىسنى قىرىق بىر قېتىم ئەرگىتىپ، قىرىق بىر قېتىم ئوتنىڭ ئۈستۈنىدىن تاقلىتىپ ئۆتكۈرۈرلەر. ئاندىن بۇ پىششىقنى شۇ يەردە ئەلنىڭ ئوترىسىدا يالاڭاش قىلىپ سۇغا تۈشۈرۈرلەر. ئاندىن بۇ لوپلۇق پىششىقنى قاتىرىغا ئېلىپ لوپقا ئېلىپ كىرۈرلەر. ناۋادا لوپقا چېچەك كىرىپ قالسا، بۇ چېچەك چىققان خايى كىچىك بالا، خايى چوڭ كىشى بولسىما، بۇ چېچەكنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى ئادەملەر، چېچەك چىققان ئۆيدىكى ئادەملەر، ئاتا-ئانىسى بولسىما « قارا مەرەز كېلىپتۇ» دەپ بۇ چېچەكنى شۇ ئۆيدە يالغۇز تاشلاپ يىراققا قېچىپ كېتەرلەر. بۇ لوپ ئىچىدە بىر مۇنچە ئادەملەرگە يامان يارا چىقىپ قالسا، بۇ ئادەمنىما تاشلاپ قاچۇرلەر.

يەنە بىر سۆز بار. بۇ لوپ خەلقىنىڭ مۇسۇلمانچىلىغىنىڭ بايانى شۇدۇر. ئەر خەقنىڭ قېرىسىنى، مەزلىم خەقنىڭ قېرىسىنى « قۇرۇتقا» دەرلەر. بۇ قۇرۇتقالەر ھەر بىرسى ئون يىل، ئون بەش يىل، يەتتى-سەككىز يىل نەپلى ناماز ئۆتەپ روزا تۇتۇرلەر. بەش گاخ نامازنى ھەرگىز تاشلامايدۇرلەر.

……… بۇ لوپ خەلقى ئاتا-ئانا، بالا-چاقا، ھەممىسى بىر ئۆيدە ياتادو. بۇ لوپ خەلقىنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى ھەممىسى قېمىشتۇرلەر. يەردىن يەرگە قىشلاق يازلاق دەپ يەرلىرى باردۇر. بۇلار شۇنداق يەرلەرگە كۆچۈپ يۈرەدو. بۇ لوپنىڭ توققۇز بەگنىڭ ئارىسىدا ئۈچ ئاخۇنى بار، ئۈچ قازىسى بار، ئۈچ مۇپتىسى بار. بۇ لوپ خەلقىنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى ھەممىسىنىڭ قېمىش، بەگلىرىنىڭ ئوردالىرىما ھەم قېمىشتا تۇرۇر. مۇبادا بۇ بەگلەر گۈنا قىلغان ئادەمنى سولار بولسا، قېمىش ئۆيگە سولايدۇرلەر. ( قېمىشنى مەن قومۇش دەپ چۈشەندىم، ھازىرچە،  )

لوپلۇقنىڭ خوتۇن خەلقىنىڭ ئېڭىل كەيگىنى شۇنداقتۇر. بېشىغا خايى قېرى ، خايى ياش بىردىن لىچەك سالادو. لىچەكنىڭ ئۈستۈنىگە ياش چۆكەللىرى ئۈش-تۆرت ياغلىقنى بېشىغا چىگىپ، ياغلىقنىڭ ھەممە ئۇچىنى ئوڭ يېنىغا ئاپكېلىپ بىر قىسما گۈل قىلىپ قويادو. بۇ لوپ خوتۇللىرى بېشىغا بۆركنى ھەرگىز كىيمەيدو. چېچىغا جۇگان چۆكەللىرى قىزىل شەلپەرنى، ئاق سۈرۈپنى يىنچىكە-يىنچىكە يىرتىپ، چېچىغا ئۇلاپ چاش قىلىپ سېلىپ ئالادو. خوتۇللەر چاپىنىنى ئەر كىشىنىڭ چاپىنىغا ئوخشاش كىيەدو. ئەر خەقنىڭ كىيىمى قازاق كىيىمدەك تۇرۇر. ئۇ يەنە ئەر-خوتۇننىڭ كىيگەن ئىشتان كۆڭنىكى ھەممىسى يۇڭدا بولادو. بۇ لوپلۇقنىڭ ئەر خەلقى قوي بېقىپ، ئىشكار قىلىپ مۇنداق ئىشلارنى قىلادو. خوتۇن خەلقى يىراق جاڭگاللارغا بېرىپ قىزىل چىگە سويۇپ ئاپكېلىپ بۇ چىگىنى سۇغا چىلاپ بىر نەچچە كۈن بولغاندا، ئاندىن ئېلىپ پوستىنى سويۇپ ئالادو. پوستىنى ئېلىپ ئۇششاق-ئۇششاق باغلاپ يەنە سۇغا سالادو. بۇ چىگە سۇدا بەش-ئالتى كۈن تۇرغاندا سېسىپ ئۆزىدىن ئۆزىگە تال-تال بولۇپ ئارىلادو، بۇ چىگىنى ئاندىن خوتۇللەر تۆرت-بېشى بىر يەردە ئولتۇرۇپ، بىر خوتۇن ئىككى قولىغا بىردىن ئىككى تال چۇبۇق ئېلىپ بەش-ئالتى خوتۇن بىر قۇچاق، ئىككى قۇچاق چىگىنى ئوترادا قويۇپ تۆبۈرۈپ ئولتۇرۇپ بۇ چىگىنى سابايدو. ئاندىن بۇ چىگە بىر سائەت بولغاندا يۇمشاق پاختاغا ئوخشاش بولادو. ئاندىن بۇ چىگىنى خوتۇللەر تۆمۈر يىككە يۆرگەپ ئېشىپ، ھەر كۈنىگە شۇنداق تۆرت-بەش يىك ئېگىرىپ بىر كۈللەر  بولغاندا بۇ خوتۇللەر  شۇ چىگىنى ئادەم بېشىدەك، ئادەم بېشىدەك يىگىرمە-ئوتتۇز يۇمغاق قىلادو. ئاندىن مەھەللىنىڭ خوتۇللىرىنى ھەممىسىنى يىغىپ كېلىپ، يەرگە قوزۇق قېقىپ بىر قوي ئۆلتۈرۈپ بىر كۈن بۇ چىرلاغان مەزلىملەرگە ئاش بېرىپ، ئاشنى يەپ بولغاندىن كېيىن ، ئاشنىڭ ئىگىسى ئورنىدىن قوپۇپ قولىنى باغلاپ تۇرۇپ« ئەي مەيماللەر، مەن ئەرتىلىككە تاغار يۈگۈرەدۇرمەن، ئەرتىلىككە ماڭا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر» دېسە، بۇ خوتۇللەر ئاندىن ئەرتىسى كېلىپ بۇ خوتۇڭغا تاغار يۈگۈرۈشۈپ بېرۈرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى نەچچە كۈن يۈگۈرسە، ئوتتۇز-قىرىق تاغارلىقنى بىر قېتىمدا يۈگۈرۈب ئالۇرلەر. بۇ يۈگۈرگەن تاغارنى يەنە شۇ خوتۇن خەق توقۇيدۇرلەر. ئىشتان-كۆڭنەك، كىيەتۇرغان يۇڭنىما خوتۇن خەق توقۇيدو. ھەممە تاغار-خۇرجۇن ، پالاز، داستۇرخان توقۇيدۇرغاننى لوپلۇقنىڭ خوتۇن خەلقى قىلادو.

يەنە لوپ خەلقىنىڭ يەيدۇرغان غىزاسىنىڭ بايانى شۇ دۇر. بۇ لوپ خەلقى ھېمىشە يەيتۇرغان گۆش غىزاسىغا بېلىق يەيدو. يەيتۇرغان ئۇن تائامىغا بۇغداي ئۇنىنى بېلىق يېغى بىرلەن بوغۇرساق قىلىپ يەيدو. لوپ خەلقىنىڭ مېچىتى ھەم قېمىشتا بولادو. ئاستىنىغا سالغان بىساتى لىكەندىن بولادو. بۇ لوپ خەلقىنىڭ مۆگىسى لوپنىڭ  جاڭگىلىنىڭ جىگدىسىدۇر. ئۇ جىگدە قوينىڭ قۇمۇلىغىدەك ئۇششاق بولادو. بۇ لوپلۇق شۇ جىگدىنى يازلىغى بولسا، جاڭگىلىغا بېرىپ ئون تاغار يىگىرمە تاغار جىگدە قىلىپ ئالادو. بۇ جىگدىنى ئاش ئىچەر بولسا، ئاشنىڭ ئارىسىغا بىر شىڭ-بىر شىڭ ئىلەشتۈرۈپ سېلىپ ئىچەدو.

  لوپلۇقنىڭ توي قىلغىنى شۇنداق تۇرۇر. ئىككى كىشى توي قىلۇر بولسا، ئوغلى بار كىشى قىزى بار كىشى بىرلەن ماقۇللاشسا، قىز يەتتى ياشقا كىرگەندە ئوغلى بار كىشى بۇ قىزى بار كىشى بىرلەن  توي سېلىشۇرلەر. تويىغا زەدەرلەر  بەشيۈز  ئۇلاق، مىڭ ئۇلاق ئوتۇن سالۇرلەر. ئۇ يەنە زەدەر بولسا، توققۇز يۈز قوي، نامرات بولسا ، بىرە-ئىككى يۈز قوي سالۇرلەر. توققۇز-توققۇز قوي-كالا سالۇرلەر. بۇ قىز قىز بولۇپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارغۇنچە يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيمىكىنى بېرىپ تۇرۇرلەر. ئوتۇنىنى ، قويىنى، ماللىرىنى توي بولغۇچە ھەريىلدا كۈچى يەتكىنىچە بېرىپ تۇرۇرلەر. بۇ قىز بولغاندا توي قىلۇر بولسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزغا تەئەللۇق ئاتىسىنىڭ دۇنياسىنى بۆلۈپ بېرۇرلەر. توي بولماستىن ئەگگەل قىزنىڭ ئاتىسىدىن تەككەن پۇل-مالنى يىگىتنىكىدە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن توينى قىلۇرلەر. توي قىلۇر بولسا ، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بىرە يۈز قوي، ئون، ئون بەش كالا ئۆلتۈرۈرلەر. ھەممە لوپ خەلقىنى چىرلاپ كېلىپ ئۈش كۈن ئاش بېرۇرلەر. ئاندىن قىزنى كۆچەر گاختا يۇرت خەلقى كېلىپ قىزنى كۆچۈرۈپ چىقسا، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەممە ئۇرۇق-قۇياشى بىر تۇتامدىن يۇڭ ئاپچىقىپ قىزنىڭ بېشىدىن « بالا-قازاڭ چىق، چىق!» دەپ بۇ يۇڭنى قىزىنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ-ئۇرۇپ قويارلەر. ئاندىن قىزى ئاتقا مىڭگەندىن كېيىن، قىزنىڭ ئانىسى قىزنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېتىنىڭ ياندۇرغۇسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ« جانىمنى بەردىم! جانىم ئىچىگە ئابام بالام ، ئىنەم بالام، سېنى خۇدا پاتشاغا تاپشۇردۇم» دەپ ئۇزاتىپ قويۇرلەر. ئاندىن يىگىتنىكىدە بارغاندا يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزنىڭ ئايلىغا بېرىپ بىر مۇنچا يۇڭلار ئېلىپ بېرىپ« چىق، چىق بالا-قازاڭ ! كەل، كەل، خۇدا كېلىن ، كەل» دەپ قىزنىڭ قېيىن ئاتىسى كېلىنىنىڭ پىشانىسىگە بىرنى سۆيۈپ قويۇرلەر. ئاندىن يىگىتنىڭ ئاتىسى ئۆلتۈرگەن قوي-كالىلىرىنىڭ گۆشىنى لوپ خەلقىگە تارتىق بېرىپ، يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن تېگەتۇرغان تەئەللۇقاتىنى ھەممىسىنى بۆلۈپ قولىغا بېرۇرلەر. ئاندىن بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ تەئەللۇقاتىنى ، قىزنىڭ تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ بۆلەك چىقىپ ئۆز ئوقاتىنى قىلۇرلەر.

مەشرەپ ئۇسۇلنى لوپ خەلقى بىلمەيدو. سۈننەت قىلغاننى، ئات قويغاننى مەن كۆرمىدىم.

لوپ خەلقىنىڭ ئۆلۈك ئۆلسە، بۇ ئۆلۈكنى ئۈش كۈن ئۆيدە ساقلارلەر. ئۈش كۈنگىچىلىك بۇ ئۆلۈكنىڭ پۇل-مالى بولسا، ئۇ كىشىنىڭ بالا-چاقىسى بولسا، ئۆلۈكنى كۆممەي تۇرۇپ بۆلۈشۈپ ئالۇرلەر. ئاندىن ئۆلۈكنى كۆمەر بولسا، ئۆلۈكنىڭ ناماز ھەققىسىگە تاپقان دۇنياسىنىڭ ئوندىن بىرىنى ھېساپلاپ ناماز قىلغان ئاخۇنغا قويۇرلەر. ئاندىن بۇ ئۆلۈكنى يەرلىگىگە ئاپىرىپ گۆرنىڭ ئىچىگە كىگىز سېلىپ، ئاندىن ئۆلۈكنى ياتقۇزۇپ قويارلەر. ئاندىن بۇ ئۆلۈكنى كۆمۈپ قويۇپ كېلىپ ئۆلۈك ئۆلگەن قېمىش ئۆيگە ئوت قويۇپ ئاتۇرلەر. بۇ ئۆلۈك ئۆلگەن مەھەللىدىن بۇ ئادەملەر قېچىپ كېتەرلەر. گۆرنىڭ ئۈستۈنىدە قازاق سالغىنىدەك تاش سالادو.
لوپلۇقنىڭ كېسەل بولغىنىنىڭ بايانى شۇدۇر. لوپلۇق كېسەل بولسا، بىر يىل، ئىككى يىل ساقايماسا، بۇ كېسەلنى مېچىتلىك ئون، ئون بەش، يىگىرمە ئادەم كىرىپ بىرسىنىڭ ئۈستۈنىگە بىرسىنى ئىتتىرىپ خام بوسۇرماق قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويادو. ئۇ يەنە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن كىشىنى بۇ لوپلۇق شۇ ئۆيدە قويۇپ ياتقان قېمىش ئۆيىگە ئوت قويۇپ ئاتادو. ئۇ يەنە يامان يارا چىققان كېسەل بولسا، يامان يارىنى باقادۇرغان ئادەملەر ئىچەتۇرغان سۈيىنى قېمىش بىرلەن يىراقتا تۇرۇپ ئىچۈرەدو. ناۋادا يامان يارا يولاپ قالسا، بۇ ئۆيگە ئادەمنى قويۇپ ئوت قويۇپ ئاتادو. بۇ يارىنىڭ سۆڭەكلىرىنى ئاپىرىپ دەرياغا ئېقىزىپ ئاتادو.

زىنداننىڭ بايانى 

                                                 (مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 31-كۈنى)

 

      قەرزدار ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسا، بۇلارنى « ياڭخا( سولاپ قويۇڭلار) » دېسە تىڭزەنىڭ بىرىنچى ئۆيىگە ئاپكىرىپ، بۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ پۇتىنى بىر كۆتەككە تىقىپ، ئىككىسىنى بىر يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويادۇ. بۇلارنىڭ غىزاسىنى ھەرقايسىسىنىڭ قۇياشى ئاپكېلىپ بېرەدۇ. بۇلارنىڭ قۇياشى بولماسا، خېنىدىن خانلىقتىن  كۈندە بىر گاخلىق بىر چىنەدىن تۈشتە ئاش بېرەدۇ. مۇئادا بۇلار ئىككىسىنىڭ جېدىلى تۈگەگەندە ئىككىسىنىڭ بىر بىرسىدە ھەققى بولماسا، بىر كىشىدىن « كىلىت پۇلى» دەپ بەش مىسقالدىن پۇل ئالادۇ. ئۇ بەش مىسقالدىن تۈگەشكەن مەلدە ( چاغدا__ ت) ، بىر كىشىدىن بىر سەردىن « بوچەن سوراپ تۈگەتكەن» دەپ ئالادۇ. يامۇلنىڭ ئادەملىرى بىر كۈللۈك يەرگە كىشى بارسا، تۇتۇپ كەلگەنىگە « خەيچەن» دەپ ئۈچ سەر پۇل ئالادۇ. بۇ « خەيچەن» دېگىنى « كېپىش پۇلى» دېگىنى. بۇ ئىككى دەگاگەر يامۇلدا تۈگەشكەندىن كېيىن « جۈجەي پۇلى» دەپ ئىككىسىدىن بەش مىسقالدىن بىر سەر پۇل ئالۇرلەر. بۇ بىر سەر پۇلنى ئالغانىغا بۇ ئىككى كىشىنى « بىر بىرسىمىزگە ئىلگىرى-ئاخىر دەگا قىلمايمىز» دەپ تۈگەشكەنىگە خەت قىلىپ قوغلاپ ئېتىشىپ قويۇرلەر. بۇلار ئىككىسى تۈگەشكەنىگە شۇ داڭزىنىڭ ئۈستۈنىگە، خەتنىڭ ئاياغىغا بۇلار ئىككۆلەن بارمىغىنى سىياغا مەنىپ( تۈگۈرۈپ__ت) بېسىپ، تەمتەك قىلىپ قويۇرلەر. بۇ تەمتەك قىلىپ قويغان داڭزىنى « جەي داڭزا( دەگا سالاتۇرغان كىتاب)» دەرلەر. جىدەل قىلغان ئادەم ، جەرز جانىبىدىن كىرگەن ئادەم، ئون بەش سەرنىڭ ئۈستۈنىدەكى پۇلنىڭ جېدىلى بولسا، شۇ پۇلنىڭ توغرىسىدىن كىرىپ سولاغان بولسا، دەگاسى سوراق بولۇپ تۈگەشىپ چىققۇچە « ئابدان تۈگەشىپ چىقتىم» دېسە، ئون سەر، ئون بەش سەر بىرلەن يامۇلدىن تۈگەشىپ چىقادۇ. مەگەر ئاندىن ئاز جېدەل بولسا، قەرز كۆتۈرۈپ قالادۇ. يامۇلغا ئالاتۇرغان پۇلنىڭ ئېتىنى بۇ دەگا قىلغان ئادەملەردىن ئالار گاختىدا « نەچچە مىسقال پۇل بېرىسەن؟» دەيدۇ. يامۇلنى بىلگەن كىشى بولسا، « بىر مىسقالدىن تولا بەرگىن» دېسە، « بىر يېرىم مىسقال» دەرلەر. بىر مىسقال دېگىنى بىر سەر دېگىنى، يېرىم مىسقال دېگىنى بەش مىسقال دېگىنى. يامۇلنىڭ يوسۇنىدا سەرنى مىسقال دەيدۇ، مىسقالنى پۇڭ دەيدۇ، يامۇلغا بىر كىرگەن كىشى ئىككىنچىلەپ كىرمەيتۇرغانغا چىقادۇ.

مۇشلىشىپ، پىچاق سېلىشىپ، خوتۇن بىرلەن تۇتۇلۇپ دەگا قىلىشىپ كىرسە، ئانداقنى ئىككىنچى گۇندۇخاناغا سولايدۇ. بۇلارنى تالادىن يا ئاتا-ئانىسى بولسا، يا ئابدان دوستى بولسا« سولاتتۇرماي ئۆيۈمدە ساقلاپ تۇرامەن، مەن بولايمەن» دەيدۇ. « بولايمەن» دېگىنى ، قېچىپ كەتسە، ھۆددەسى ماڭا، دېگىنى. بۇلارنىڭما پۇتىغا، كېچىلىكى بولسا كۆتەك قېقىپ قويادۇ. بۇلارنىڭ دەگاسى تۈگەگەندە شۇ يوسۇندا تۈگەيدۇ.

مەگەر ئوغرى بولسا، بۇلاڭچى بولسا، بۇلارنى بىر ئۆيگە سولايدۇ. بۇلارنىڭ پۇتىنى كېچە-كۈندۈز كۆتەكتىن ئارمايدۇ. مەگەر تارەتكە چىقار بولسا، بۇلارنىڭ قولىغا كوزا سېلىپ، بوينىغا زەنجىر سېلىپ، كۆتەكتىن بوشىتىپ تارەتكە ئاپچىقادۇ. بۇلارغا غىزا بېرەر بولسا، بۇ گۇندۇپايلارنىڭ خۇشاللىغى كەلسە، ئىشىكنى ئېچىپ، قۇياشى ئېلىپ كەلگەن غىزانى ئاپكىرىپ بۇ گۇناكەرلەر بىرلەن ئولتۇرۇپ يەپ چىقادۇ. مۇئادا بىزەرە ئادەمەتچىلىك قىلسا، گۇناكەرنىڭ ئىگەسى ئانىڭ بېشىنى ئېرىق سالدۇرۇپ  ئابدان بېقىپ ئاپكىرىپ قويادۇ. قۇياشى بىرلەن كۆرۈشتۈرگەنگە، تولا بولسا، بەش-ئالتى مىسقال، ئاز بولسا، ئىككى-ئۈچ مىسقال بىر نەرسە بەرسە، ئاندىن گۇناكەرنى كۆرسەتەدۇ. مۇئادا قولىدا بىر نەرسەسى بولماسا، يا يەيتۇرغان غىزاسى ئاز بولسا، بۇ گۇناكەرنىڭ غىزاسىنىڭ تولىسىنى يەپ بولۇپ ئاز قالغاندا بۇ گۇناكەرلەر ياتقان ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئاچماستىن تۆشۈكتىن تاشلاپ بېرەدۇ. بۇ تۆشۈك دېگەن شۇ ئۆينىڭ ئىشىگىدە قول پاتقۇدەك نان تاشلاپ بېرەتۇرغان، سۆزلەشەتۇرغان تۆشۈك تۇرادۇ. ئوغرىنىڭ ئالغان مېلىنى تولىسىنى يامۇلغا ئەپ، ئاز يېرىمىنى ئىگەسىگە ياندۇرادۇ.

ئوغرى ئەخىرى تۈگەشسىما، ئوغۇرلۇق قىلغان گۇناسىغا تۆرت يۈز، بەش يۈز قېمىش تاياق ئۇرۇپ چىقارادۇ.

يا بىر ئايلىق، ئىككى ئايلىق قوبۇق كەيگۈزۈڭلەر، دېسە، بۇ ئوغرىنىڭ بوينىغا « قوبۇق » كەيگۈزۈپ بازارغا چىقىرىپ قويادۇ؛ كۈندۈزى بازاردا يۈرەدۇ، كېچەلىگى كىرىپ گۇندۇخانادا ياتادۇ. قوبۇق دېگەن بىر كىشىلىگى بەش-ئالتى گەز كېلەتۇرغان پەن. ئېنىڭ قېلىللىغى بىر چى كېلەدۇ. بۇ پەن ئىككى پارچە بولۇپ ئوترىسىدا ئادەمنىڭ بوينى پاتقۇدەك تۆشۈگى بار. بىر ئاي، ئىككى ئاي بولغاندا بۇ قوبۇقنى ئوغرىنىڭ بوينىدىن ئېلىپ يەنە ئىككى-ئۈچ يۈزنى ئۇرۇپ ھېسابلىق پۇلىنى ئېلىپ چىقارادۇ.

بۇلاڭچى ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلۈملۈك بولسا، بۇ ئىككى قىسما گۇناكەرنى ئىشكىرى ئۈچۈنچى ئۆيگە ئاپكىرىپ بۇلارنىڭ پۇتىغا كۆتەك قېقىپ قويادۇ. كېچەلىگى ، كۈندۈزلۈگى كۆتەكنى پۇتىدىن ئاجراتمايدۇ، قولىدىن كوزىنى ھەم ئاجراتمايدۇ. بۇلارنىڭ قوڭىغا ئىشتان كەيگۈزمەيدۇ، قاراڭغۇ ئۆيدە يالاڭاش يۈرەدۇ، ناۋادا تارەتكە ئولتۇرۇر بولسا، شۇ ئولتۇرغان ئۆينىڭ بىر تەرەپىسىنى ئويۇپ قويادۇ، شۇندا تارەتكە، گۇندۇخاناغا كىرگەللە گۇناكەر بولسا، تۈشەدۇ. ناۋادا بۇ ئۈچۈنچى گۇندۇخانادا ئادەم تارەتكە ئولتۇرۇپ سېسىقچىلىق بولسا، ئېنى تۆرت-بەش كۈن بولغاندا شۇ گۇناكەرلەرنىڭ بىر-بىرىسىنى بىرلە ئاپكىرىپ ئالدۇرۇپ ئاتادۇ. مۇئادا بۇ گۇناكەرلەرنىڭ قۇياشى بولماسا، خېنىدىن كۈندە ئەرتىسى بىر نان، ئاخشىمى ئىككىسىگە بىر تاباق سۇيۇق تۈگە سېلىپ بېرەر.

مۇئادا ئۆلۈملۈككە ئۆلۈم كەلسە، ئۆلتۈرەدۇ، ئۆلۈم كەلمەسە، يا بەش ئايلىق، يا ئالتى ئايلىق ياغاچ قاپەزگە سالادۇ. بۇ قاپەزگە ئادەمنى سېلىپ بازارغا ئاپچىقىپ قويادۇ، كېچەلىگى گۇندۇخاناغا ئاپكىرىپ قويادۇ. ئاندىن ، قاپەزنىڭ قەرەلى توشسا، پارلايتۇرغان بولسا، يا ئۈچ يېرىم يىللىق دەپ پارلارلەر. بىر يىلغا يېرىم يىل قېتىلغىنى بۇ گۇناكەرنىڭ كەلمەيتۇرغاڭغا پارلانغىنى ، پۈتۈن يىللىق پارلانسا، يىلى توشقاندا يۇرتىغا يانادۇ. ئۆلۈملۈك گۇناكەرنى پارلاماسا، قاپەزگە سالماسا، تۆمۈر ھاسساغا سالادۇ. تۆمۈر ھاسسا دېگەن شۇدۇر: ئادەمنىڭ بويى ئىگىز بولسا، يۈز جىڭ تۆمۈرنى، ئۇزۇللىغى ئىككى گەز، يوغاللىغى ئىككى يېرىم سۇڭ قىلىپ سوقۇپ، بۇ ھاسسىنىڭ ئىككى بېشىنى يۇمبۇلاق-يۇمبۇلاق قىلىپ، بىر بېشىغا زەنجىر سېلىپ، بۇ زەنجىرنىڭ ئۇچىنى ئادەمنىڭ بوينىغا سېلىپ ئاتادۇ، بىر ئۇچىغا يەنە ئىشكەل قىلىپ، سىڭار پۇتىغا سېلىپ قويادۇ. بۇ تۆمۈر ھاسسىنى سالغان كىشى كۈندۈزى بازاردا يۈز جىڭ تۆمۈر ھاسسىنى كۆتۈرۈپ يۈرەدۇ، كېچەلىگى گۇندۇخاناغا كىرىپ ياتادۇ. بۇ تۆمۈر ھاسسا سالغان كىشى ياتسا ياتادۇ، قوپسا قوپادۇ، بۇ كىشىنىڭ قەرەلى توشقاندا تۆمۈر ھاسسىنى بوينىدىن ئېلىپ يەنە ئالاتۇرغان ھېساپلىق پۇلىنى ئېلىپ چىقارادۇ. بۇلاڭچى بولسا، بۇلاڭچىنى پارلامايدۇ. گۇناھى يېنىك بولسا، بەش يىللىق، ئون يىللىق تۆمۈر ھاسسا سالادۇ. يول توسايتۇرغان، ئادەم ئۆلتۈرەتۇرغان يامان بۇلاڭچى بولسا، بۇ بۇلاڭچىنى ئۆلۈمگە بۇرۇسا، خاداغا چىقارسۇن دەيدۇ. « خادا» دېگەن ئېگىزلىگى ئون بەش گەز، يىگىرمە گەز، يوغاللىغى بىر گەز ياغاچ بولادۇ. ئۇ ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئۇزۇللىغى بىر يېرىم گەز، توغرىسىغا بىر يېرىم گەز ئىككى پارچا تۆمۈرنى سوقۇپ بىرسىنى خادىنىڭ ئۇچىغا، ئۆرىسىگە بېكىتىپ، ئادەمنىڭ قوڭىدىن تىقىپ مەيدىسىدىن كۆلچەكتىن زىقنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ ئېڭىگىنىڭ ئاستىنىغا سانجىپ، ئادەمنىڭ مىيىسىدىن چىقىرىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويادۇ. قالغان بىر پارچا تۆمۈرنى ئادەمنىڭ كەينىگە، دولىسىنىڭ ئۈستۈنىگە، توغرا قويۇپ مەيدىسىدىن ئۇزۇن مىق بىرلەن كەينىدىكى تۆمۈرگە مىقلاپ تاشلايدۇ. ئىككى قولىنى قارىپ تۇرۇپ، دولىسىدىكى تۆمۈرنىڭ ئىككى ئۇچىغا ئىككى قولىنىڭ ئالقىنىدىن مىقلاپ تاشلايدۇ. ئاندىن خادىنى ئېگىز چىقىرىپ قويادۇ، ئاندىن بۇ بۇلاڭچى خادىنىڭ تۆپىسىدە تۇرۇپ بىر كۈندە، يېرىم كۈندە جېنى چىقادۇ. بۇلاڭچىنىڭ يامان ئۆلۈمى خاداغا چىقارغىنى شۇدۇر!

گۇندۇخانانىڭ جابدۇقلىرى شۇنداق بولادۇ: بوينىغا سالاتۇرغاننى « قوبۇق» دەيدۇ. تۆمۈر جابدۇق سالاتۇرغاننى « ئوقلۇق كىشەن» دەيدۇ. ئوقلۇق كىشەننىڭ بىر ئۇچىنى بوينىغا سالادۇ، بىر ئۇچىنى قولىغا سالادۇ. ئادەمنىڭ بوينىغا سېلىپ باغلايتۇرغان نەرسىنى « زەنجىر» دەيدۇ؛ ئادەمنىڭ ئىككى تىزىنى پۈكلەپ سالاتۇرغان نەرسىنى « تۆمۈر تىزلاق» دەيدۇ. ئادەمنىڭ ئاياغىغا سالاتۇرغان نەرسىنى « چېتىق» دەيدۇ. ئاغزىغا ئۇراتۇرغان نەرسىنى « زۈيۋازا» دەيدۇ. زۈيۋازا دېگەن كۈندە بولادۇ. زۈيۋازىنىڭ ئۇزۇللىغى بىر چى بولادۇ، كەڭلىكى ئىككى يېرىم سۇڭ بولادۇ، قېلىللىغى ئۈچ قەبەت كۆن بولادۇ. سېپى ياغاشتا بولادۇ. تېقىمىغا ئۇراتۇرغان نەرسىنى « ياغاش تاياق» دەيدۇ. گۇندا دېگىنى ئېغىرلىقى بەزىسىنىڭ ئەللىك جىڭ چىقادۇ، بەزىسى يۈز جىڭ چىقادۇ. بۇ ئۆزى چويۇندا قۇيغان بولادۇ. بۇ گۇندىنى ئىككى پارچا قۇيادۇ، ئوترىسىنى تۆشۈك قىلىپ، ئادەمنىڭ سىڭار پۇتىغا سېلىپ قويادۇ. يەنە بىر نەرسە بار، ئېنى « تۆمۈر تارقاق» دەيدۇ. ئېنى ئونجىڭ، يىگىرمە جىڭ تۆمۈردە قىلادۇ. ئىككى پارچا سوقۇپ بوينىغا سېلىپ قويادۇ. ئۇزۇللىغى بىر گەز بولادۇ، يوغاللىغى ئىككى سۇڭ بولادۇ.

قىيىن قىيناغاننىڭ بايانى

                 ( مىجىت ئاخۇن، 1891-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى)

 

« يايى، خىيشىڭ» دېگەن نېمەلەر ياماننى، ئوغرىنى، بۇلاڭچىنى تۇتۇپ قىيناتۇرغان ئادەملەر تۇرۇرلەر. ئوغرىنى تۇتۇبالسا، گۇندۇخاناسىغا ئاپكىرىپ، كېچە بولسا، پۇتىغا گۇندۇ قېقىپ قويۇرلەر، قولىغا كوزا سېلىپ قويۇرلەر. بۇ ئوغرىنى قىينار بولسا، بەڭدىڭنى قويۇپ، بەڭدىڭنىڭ بىر ئۇچىنى تۈبۈرۈككە باغلاپ قويۇپ، بۇ ئوغرىنى بەڭدىڭگە چىقىرىپ ئۇچىسىنى تۈبۈرۈككە يۆلەپ قويۇپ، پۇتىنى بەڭدىڭنىڭ بىكار ئۇچىغا سۇندۇرۇپ قويۇپ، ئىككى قولىنى ئارقاغا قىلىپ تۈبۈرۈككە باغلاپ، ئىككى پۇتىنىڭ يوتىسىنى بەڭدىڭگە بىر پارچا چىگە ئارغامچىنى سۇغا چىلاپ ھۆل قىلىپ، بۇ ئوغرىنىڭ يوتىسىنى بەش سۇڭ يېرىنى بەڭدىڭگە قېتىپ چىگە بىرلەن بوغۇرلەر. ئاندىن بۇ ئوغرىنى يايى، جېسەكچىلەر قولىغا توقماق ئېلىپ« ئەيتقىن، ئەمدى قىيىندا ئۆلۈپ كېتىسەن» دەپ پۇتىنىڭ ئۇچىغا، ئوشۇغىغا ئۇرۇرلەر. بۇ ئوغرى ئىخرارغا كەلمەسە ، بۇ ئوغرىنىڭ ئىككى سوڭىنىڭ ئاستىنىغا پىشىق خىشنى بىر يولدا ئۈچنى قىسۇرلەر.

بۇ ئوغرى يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، يەنە ئۈچنى قىسۇرلەر. ئىككى تەرەپىدىن بۇ ئوغرىنىڭ ئىككى قۇلىغىنى ئىككى ئادەم سوزۇپ تۇرۇرلەر. يەنە ئوشۇغىغا توقماق بىرلەن ئۇرۇپ تۇرۇرلەر. بۇ ئوغرى يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، يەنە ئىككى خىشنى قىسۇرلەر. بۇ سەككىز خىشنى قىسقاندا، ئادەمنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچى بېشىغا يېقىن كېلۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى ئوشۇقنى ئىككى چېكىسىگە قويۇپ، قۇر پوتا بىرلەن پىشانىسىدىن قېتىپ كەينىگە چىگىپ قويۇرلەر. ئاندىن بىر ياغاچنى بۇ پوتىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ توغلام قويۇرلەر. بۇ ئىككى ئوشۇق ئادەمنىڭ بېشىغا  قويۇپ توغلام ئۇرسا، ئىككى ئوشۇق ئىككى چېكىسىگە پېتىپ ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى قېپىدىن چىقىپ قالۇرلەر. بۇ قىيىننى « توغلام قىيىنى» دەرلەر. خىش قىسقاننى « بەڭدىڭ قىيىنى » دەرلەر. بۇ ئوغرى ئېنىڭغاما ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى پۇتىنىڭ ئوشۇغىغا زەنجىرنى باغلاپ، ئارىسىغا توقماقنى تىقىپ توغلام ئۇرۇرلەر. مۇنۇڭغا ئىخرارغا كەلمەسە، زەنجىرنى ئوتتا قىزارتىپ، ئىككى يەرگە كالاك قىلىپ قويۇپ، بۇ ئوغرىنى ئاپكىلىپ ئىككى تىزى بىرلەن بۇ زەنجىرنىڭ ئۈستۈنىدە تىزلاندۇرۇپ تۇرغۇزۇرلەر. ئىككى تىزىنىڭ كەينىگە يوغان چەنزىنى قويۇپ، ئىككى ئۇچىنى ئىككى كىشى دەپسەپ ئاغىنىتىپ تۇرۇرلەر. مۇنۇڭداما ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى پۇتىنىڭ ئۇچىغا تىرماقلىرىنىڭ ئارىسىغا قاتتىق قېمىشنى ئۇشلاپ، تۆرت سۇڭ-تۆرت سۇڭ قاقۇرلەر. ئىككى قولىنىڭ ئۇچىغا ھەم ئىككى سۇڭ قاقۇرلەر. بۇ قىيىللاردا ئىخرارغا كېلىپ قالسا، بۇ ئوغرىنى ئۇرۇپ كىشىنىڭ ھەققىنى تۆلىتىپ بېرىپ بىر ئاي، ئىككى ئاي سولاپ ئۇرۇپ چىقارۇرلەر. ناۋادا ئىخرارغا كەلمەسە، بۇ ئوغرىنى گۇندۇخاناغا ئاپكىرىپ پۇتىغا گۇندۇ سەپ قويۇرلەر، بۇ قىيىن تارتقان ئادەم قىيىندىن ساقايسا، يەنە ئاچىقىپ قىينۇرلەر. ئوغرىنى بۇ يوسۇندا قىينۇرلەر.

كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئۆلۈملۈكنى تۇتۇبالسا، ئەگگەل ئىخرارغا كەلسە، ھېچ قىيىن كۆرسەتمەي ئابدان بېقىپ سورارلەر. مەگەر ئۆزى ئىخرارغا كەلمەسە، قىيىنغا ئولتۇرغۇزۇپ، ئوغرى قىيىنىنىڭ ھەممىسىنى قىينارلەر. ئۇ قىيىندا ئىخرارغا كەلمەسە، ئايغىر ئاتنىڭ قۇيرۇغىنى ئېلىپ، ئېشىۋېلىپ، بۇ ئەشكەن قىلنىڭ ئۇچىنى ئاز يېرىنى كېسىپ قويۇپ ئاندىن بۇ ئۆلۈملۈكنىڭ زەكىرىگە تىقۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى سىرتىغا شام ياقۇرلەر. مۇنۇڭدا يەنە ئىخرارغا كەلمەسە، ئىككى سىرتىنى پىچاق بىرلەن تىلىپ سۇ يېغىنى قاينىتىپ قۇيۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، شۇ كەسكەن يېرىگە تۇز قۇيۇرلەر. مۇنۇڭداما ئىخرارغا كەلمەسە، تۆمۈر تارغاق بىرلەن ئارقىسىنى تارۇرلەر. ئادەمنىڭ ئىككى تىزىنى يەرگە قويۇپ، ئىككى تىزىنىڭ ئاستىنىغا شىرىغىنىڭ ئۈستۈنىگە ياغاچنى ئېلىپ، بۇ كىشىنىڭ ئىككى مۈرىسىگە ئۇزۇن ياغاچنى قويۇپ، ئىككى قولىنى يېيىپ مۈرقىسىدىكى ياغاچقا تېڭىپ، ئىككى كىشى ئىككى تەرەپىدىن تىزىنىڭ ئاستىنىغا قويغان ياغاچنى ئىككى تەرەپىدىن  دەپسەپ تۇرۇپ، مۈرىسىدىكى ياغاچنى ئىككى تەرەپىدىكى ئادەم مۈرىسىگە  ئېلىپ، ئاياقتىن دەپسەپ تۇرۇپ ئادەمنى يۇقىرىسىغا كۆتۈرۈپ سوزۇرلەر. مۇنۇڭدا ئىخرارغا كەلمەسە، دەزمالنى قىزارتىپ ئىككى قولتۇغىغا ياقۇرلەر. بۇ قىيىللاردا ئىخرارغا كەلمەسە، بۇ ئۆلۈملۈكنى ئاپچىقىپ قەپەزگە سالۇرلەر. قەپەز دېگەن نەرسەدە ئادەم ئۆلمەيدۇ، ئۆزى قىيىن تارتادۇ. بۇ قىيىن قەپەزنى ، ئادەم ئولتۇرسا پاتقۇدەك قىلىپ، قەپەزنىڭ ئۈستۈنىنى ئادەمنىڭ بېشى پاتقۇدەك قويۇپ بۇ ئادەمنى قەپەزگە سالغاندا ، قەپەزنىڭ ئۈستۈنىدىكى تۆشۈكتىن بېشىنى چىقىرىپ ئېسىپ قويۇرلەر. ياغاچ قەپەز بۇ يوسۇندادۇر. تۆمۈر قەپەز دېگىنىنىڭ ئىچىدە ئايىغىدىما ھەم مىخ بولۇر، بۇ مىخلارنىڭ ئۇچى ئادەمنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ تۇرۇرلەر. ئۈستۈنىدىكى مىخلىرى ئادەمنىڭ بېشىغا، ئىككى مۈرىسىگە تېگىپ تۇرۇرلەر. چۆرىسىدىكى مىخلىرى ئادەمنىڭكى بەدىنىگە ھەممىسى تېگىپ تۇرۇرلەر. بۇ تۆمۈر قەپەزگە سالغان ئادەم يا ئولتۇرالمايدۇ، يا قوپالمايدۇ؛ تىزىنى تايىنىپ تۇرۇرلەر. ئۆلۈملۈكنىڭ قىيىللىرى بۇ يوسۇندادۇر: ئۆلۈملۈك سالاتۇرغان قەپەزلەر شۇ يوسۇندادۇر.

بۇ ئۆلۈملۈك ناۋادا ئىخرارغا كەلسە، ئۆلۈم گەردىنىگـە تۈشسە، مۇنى ئۆلتۈرەر بولسا، قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلاپ، بىر پارچا ئارغامچى بىرلەن بوزالاپ، بۇ ئادەمنىڭ بېشىغا خان ئوقىنى قىسىپ، چېرىك چىقىپ، جارۇستاننىڭ ئوترىسىغا ئاپىرىپ، قىلىچ بىرلەن چېپىپ ئاتۇرلەر. بۇ ئادەمنىڭ بېشىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ ئەلىپ شۇ ئۆلۈملۈكنىڭ يۇرتىغا ئاپىرىپ بۇ ئادەمنىڭ بېشىنى كىچىك قەپەزگە سېلىپ ئېسىپ قويۇرلەر. ئۆلتۈرەتۇرغان ئادەم قاشسا، ئۇرۇق قۇياشىنى ئاپكىرىپ ھەم قىينايدۇ. بۇ كىشى ئۆلتۈرگەن ئادەمنىڭ مەھەللىسىدىكى ئادەملەر بۇ ئۆلۈملۈك تۇتۇلماغۇچە ئۇلار ھەم قۇتۇلالمايدۇ.

  ئوغۇل بالاغا ئات قويغانى

        مېجىت ( مۈجۈپ) ئاخۇن، 1891-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

 

ئوغۇل تۇقسا، يۇپ تاراپ، كىندىك ئانىسى زاكىسىغا ئالۇر. نېمە ئۈچۈن ؟ دېسە، ئانىسىنىڭ قۇرسىغىدىن يېڭى تۈشكەندە، شۇ بالىنىڭ كىندىگىنى ھەر قايداق مەزلىم كەسسە، يۇپ تاراپ سۇغا ئالسا، شۇ مەزلىم كىشىنى كىندىك ئانىسى دەرلەر. بۇ بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن بولغاندا ئېتىنى قويۇرلەر. بۇ بالىنىڭ ئېتىنى قويغۇچە بىر موللا، چوڭ ئادەم بولسا، شۇنداق ئادەملەر قولىغا ئېلىپ ئوڭ قۇلىغىغا ئازان ئېيتىپ، سول قۇلىغىغا تەكبىر ئېيتىپ ياخشى خۇيلۇق بولۇڭ، ياخشى سۆزلۈك بولۇڭ دەپ، ئاسماندىن تۈشكەن ئېتىڭىز پالانى بولسۇن دەپ، شۇ يوسۇندا ئات قويۇرلەر. تېخى قىرىق كۈن بولغۇچە ، بۇ كىندىك ئانىسى شۇ بالا تۇغۇلغان ئۆيدە ئاش-تاماق ئېتىپ ئولتۇرۇر. قىرىق كۈن بولغاندا، « قىرقاڭنى» دەپ بىر قۇر ئېڭىل بىلەن كىندىك ئانىسىنى رازى قىلۇرلەر. بۇ بالا، چوڭ بولغاندا، كىندىك ئانام! دەپ بۇ ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەبەر ئالۇرلەر.

ئېتىنى قويۇپ بولغاندا، شۇ كۈنى بىر قازان ئاش قىلىپ بوغۇرساق سېلىپ، بالىنى بۆشۈككە سالۇرلەر. بۆشۈككە سالادۇرغان گاختا چوڭ-چوڭ مەزلىملەردىن يەتتى مەزلىم قىشقىرىپ ئاپكىرىپ ئاش ئىچىپ بولۇپ، بۆشۈكنىڭ ئىككى تەرىپىسىدە ئۈچتىن ئالتى مەزلىم ئولتۇرۇر. بالىنىڭ بېشىدا تېخى بىر مەزلىم ئولتۇرۇر. ئايىغىدا كىندىك ئانىسى ئولتۇرۇر. تۇغقان ئانىسى ئۆرە قوپۇپ، بالىسىنىڭ ئۆمرىنى خۇدادىن تىلەپ تۇرۇر. بىر تاباق بوغۇرساقنى بالىنىڭ ئۈستۈنىدە قويۇپ بۇ ئالتى مەزلىم بىر سىقىمدىن ئېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئاستىنىدىن ، ئۈستۈنىدىن چاچار. بۇ مەزلىملەرگە ، باي بولسا ، بىر قۇردىن كىيىملىك قويار. نامرات بولسا، شۇ قايدادا قىلار. بوغۇرساقنى بىزنىڭ خەق بۆلەك گاختا قىلمايدۇ، قىلسا، ئۇششاق بالىلارغا بېرەدۇ.

باھا يوللاش رايونى

ئىسمىڭىز *

ئېلخەت * (ئاشكارلانمايدۇ)

تور ئادېرىسىڭىز

icon_wink.gificon_neutral.gificon_mad.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_eek.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_surprised.gificon_mrgreen.gificon_lol.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif