مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم

 

مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم

 

رىسالەت مەردان

 

مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم
توغراق سۈيىنى ئىچىپ باقمىدىم،
ئۆردەك ئاكامنى ئىزدەپ تېپىپ
بىر دەستە گۈل سۇنۇپ باقمىدىم.

لوپنۇرغا بارسام،

قۇملۇقلارغا يوللايمەن سالام
قارا قوشۇنلۇقلار ناخشىسى ئارا
قاردەك ئېرىپ كېتىمەن تامام،
ئېگىز، ھەيۋەت ئادەملەر
قالپاقلىرىنى قىرلىسا،
بېلىق تۇتسا، شۇڭغۇسا سۇغا

بېلىق كاۋىپىغا يېزىلغان تارىخ
مېنىڭ قەلبىمدە يالقۇن تىلىدا
قىپقىزىل قىزىرىپ ئوقۇلسا…

مەن لوپنۇرغا بېرىپ باقمىدىم،
يولۋاس ئۆلتۈرگەن
ئەرەنلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم.
ئوغرى – يالغان يوق
ئالداش – ئالدىنىش
بولمىغان يۇرتنىڭ
تۇزلىرىنى تېتىپ باقمىدىم.

 

بۇ ئاپتۇرنىڭ لوپنۇر مەشىرىپىنى كۆرگەندىن كېيىن يازغان شېئىرى

 

رىسالەت مەرداننىڭ يۇقىرىقى شېئىرىغا ھوشۇر ياقۇپ ئاكىمىز يازغان ”لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ“ناملىق شېئىرى ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ.شۇڭىلاشقا،بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرىغا قىستۇرما قىلىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

 

لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ

 

ھوشۇر ياقۇپ

 

ساپ ھاۋالىق بوستانلىق،

لوپنۇرغا كېلىپ كېتىڭ،

ھوزۇرلىنىپ جەننەتنىڭ،

پەيزىنى سۈرۈپ كىتىڭ.

ئۆمۈر چولپانلىرى كۆپتۇر،

ھەم سۆھبەت بولۇپ كېتىڭ،

يۇلغۇن گۈلى ئېچىلغاندا،

بىر دەستە تىزىپ كېتىڭ.

قۇم بارخانلىرى كۆپتۇر،

ئېغىناپ يىتىپ كېتىڭ،

لوپنۇر كەندىرى چىيىدىن،

بىر چەينەك ئىچىپ كېتىڭ،

كروران قىز بىشىغا ،

گۈل دەستە تىزىپ كېتىڭ،

لوپنۇرنىڭ گۆشى تاتلىق ،

تەمىنى تېتىپ كېتىڭ،

ناخشا-قوشاق ماكانى،

بۇ كۈينى ئاڭلاپ كېتىڭ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=1913

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2012-02-14
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: