ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى(2)

 

 

 

 

 

چەرچەن دەرياسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش

 

داۋامى

 

5

شۇنداق قىلىپ، لوپنۇر ۋادىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكى ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە 20-ئەسىرگە كىرىپ كەلدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ كۈنساناپ تارىيىشى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر تەدىرىجى ھالدا ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ، ئەسلىدىكى لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىن ئىككى يۆلىنىشكە_ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلەرگە سىلجىشقا مەجبۇر بولدى. غەربىي شىمال يۆلىنىشكە قاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشتى ۋە ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلدى. غەربىي جەنۇب يۆلىنىشىگە قاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار چاقىلىق، مىرەن، ئارغان، ۋاششەررى قاتارلىق يۇرتلاردىكى تېرىم ئاھالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار شارئىتنىڭ قىستىشى ۋە بۇ يەردىكى كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا تېرىم ئىگىلىكىگە كۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەرگىچىلىكلا كىچىك دائىردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇڭا، بۈگۈنكى لوپنۇر دىئالىكتىدا بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەر باشقا دىئالىكىت-شېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئۇچىرايدۇ.

پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن 20 يىل كېيىن، يەنى 1806-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر مەشھۇر ئەجنەبىي تەۋەككۇلچى شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنى بويلاپ، قېيىق بىلەن لوپنۇر رايۇننىڭ مەركىزى بولغان- ئابدال كەنتىگە يېتىپ بارىدۇ. سېۋىن ھېدىن ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر خاتىرلىرىنى قانچە قېتىملار ئوقۇغان ھەم ئۆزى رۇسچىدىن شىۋىتچىگە تەرجىمە قىلغان بولغاچقا، قېيىق ئابدال كەنتىگە يېتىپ كەلگەندە چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ. گويا ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى بارغان بىر تونۇش جايغا باشقىدىن قايتىپ كەلگەندەك ئىللىق تۇيغۇ ئۇنى ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ. ئابدال كەنتىدىكى ھەممە كىشى- ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى قىرغاققا كېلىپ سېۋىن ھېدىننى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ. سېۋىن ھېدىنمۇ ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن كۈنچىققانبەگنى يىراقتىنلا تونىۋالىدۇ. سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ يەرگە كېلىشى لوپنۇرلۇقلار ئۈچۈن پىرژىۋالىسكىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلار ئۆز دەۋرىدە پىرژىۋالىسكىنى ”چوڭ تۆرەم“ دەپ ئاتىغان بولسا، سېۋىن ھېدىننى“ ھېدىن تۆرەم“دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى، سېۋىن ھېدىننىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى پىرژىۋالىسكىغا قارىغاندا خېلىلا قىسقارتقانىدى.

لوپنۇر كۆلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھىدىن

سېۋىن ھېدىن لوپنۇر رايۇنىدا ئۆز تەسەۋۇرىدىنمۇ كۆپىرەك تەسىراتلارغا ئېرىشىدۇ. ”كرورەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاسى“، لوپنۇر ۋادىسىنىڭ تىرىك تارىخچىسى بولغان كۈنچىققانبەگ سېۋىن ھېدىننى ھەيران قالدۇرىدۇ. كۈنچىققانبەگ پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىنىڭ يىگانە گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئابدال كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك لوپنۇرلۇقلارنىڭمۇ روھى تۆۋرۈكى ئىدى. لوپنۇر رايۇنىنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك بىلمەيتتى، كۈنچىققانبەگ بولغانلىقى ئۈچۈن سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇرغا قىلغان تۇنجى سەپىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ. شۇندىن باشلاپ، ياۋرۇپالىق بۇ مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىنىڭ لوپنۇر كۆلى ۋە لوپنۇرلۇقلار بىلەن بولغان 40 يىللىق تارىخى رىشتىسى باغلىنىدۇ.

1899-يىلى، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا سېۋىن ھېدىن ئىككىنچى قېتىم لوپنۇر ۋادىسىغا قەدەم باسىدۇ ۋە لوپنۇر كۆلى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ چاغدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنىۋى تۆۋرۈكى بولغان كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. دەل شۇ يىلى، يەنى كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەن مىلادىيە 1898-يىلى لوپنۇر كۆلى بويىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھاياتلىق چىرىقى ئۆچىدۇ. لوپنۇر ۋادىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان ئابدال كەنتى قۇم-بورانلىرىنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى ئارقىسىدا ۋەيران بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئائىلىلىك يەرلىك لوپنۇرلۇقلار كەنتنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈنچىققانبەگنىڭ مەنسىپىگە ۋارسلىق قىلالمىغان ئوغلى توختىئاخۇن سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىگە يول باشلىغۇچى بولىدۇ.

سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇر ۋادىسىغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ۋە بۇ جەرياندا ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۇنى دۇنياۋى مەشھۇر شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا، تارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەسلىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدە ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە بۇ سىرلىق كۆلنىڭ بۇنىڭدىن 1600 يىل ئىلگىرى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى لوپنۇر كۆلىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قايتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇنداقلا ”لوپنۇر كۆلى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمە كۆل“ دېگەن ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل بەس-مۇنازىرە قوزغىغان لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەمەلىيەتتە سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى بۈيۈك بايقىشىنىڭ ئارقىسىغا قەدىمكى كرورەنلىكلەنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۈچ نەپەر لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچىنىڭ تەڭداشسىز تۆھپىلىرى يۇشۇرۇنغانىدى. ئۇلار كۈنچىققانبەگنىڭ ئوغلى توختىئاخۇن، ئۆردەك ۋە ئابدۇرېھىم قاتارلىق لوپنۇرلۇق يولباشلىغۇچىلار ئىدى.

بولۇپمۇ ئۆردەك بىلەن سېۋىن ھېدىننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق يىللار داۋاملاشقانىدى. ئەڭ ئاخىرقى تىپىك لوپنۇرلۇقلارنىڭ بىرى بولغان ئۆردەك ئېكىسپىدىتسىيە داۋامىدىكى بىر بورانلىق كېچىدە يىتتۈرۈپ قويغان تۆمۈر گۈرجەكنى تېپىپ كېلىمەن دەپ مۈگدەپ ياتقان بىر شەھەر خارابىسىنى بايقايدۇ. بۇ دەل تەكلىماكان قۇملۇقى ئاستىدا ئون نەچچە ئەسىرلەپ ئۇخلىغان قەدىمكى كروران شەھىرى ئىدى! قەدىمكى كروران شەھرىنىڭ قايتا بايقىلىشى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مىسلىسىز ئۇلۇغ دەۋىرگە باشلاپ كىردى. ئۆردەك- لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان قۇملۇقتىكى بۇ يول باشلىغۇچى ئاشۇ قەدىمىي شەھەرنى بايقىغان چاغدا، دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنىڭ زىلزىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى. سېۋىن ھېدىن بۇ قېتىمقى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مول نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ، قەشقەردە ئاخىرقى قېتىم ئۆردەك بىلەن كۆڭلى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ ۋە ياۋرۇپاغا قايتىدۇ. ئۆردەكنىڭ قەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى سېۋىن ھېدىنغا ئويلاپ باقمىغان شان-شەرەپلەر ئېلىپ كېلىدۇ.

سېۋىن ھېدىن سىزغان ئۆردەكنىڭ پوتىرىتى

1928-يىلى سېۋىن ھېدىن ئۈچىنچى قېتىم چوڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىدۇ. ئۇ تۇرپاندا لوپنۇرلۇق سودىگەر توختىئاخۇندىن  كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قۇرۇق دەريا ئىزىغا سۇ كەلگەنلىكىنى  ۋە قۇم دەرياسى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىكى قەدىمىي قۇرۇق ئېقىننىڭ ئورنىغا يېڭى دەريانىڭ پەيدا بولىشى لوپنۇر كۆلىنىڭ يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى! سېۋىن ھېدىن دەرھال لوپنۇر ۋادىسىغا ئاتلانماقچى بولىدۇ، ئەمما ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ۋاقتىدا ياۋرۇپاغا قايتىش ھەققىدە جىددىي تېلېگرامما تاپشۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى  لوپنۇر ۋادىسىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى ياۋرۇپاغا قايتىدۇ.

1934-يىلى سېۋىن ھېدىن تۆتىنچى قېتىم، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم لوپنۇرغا سەپەر قىلىدۇ، لېكىن بۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە قالغانىدى. سېۋىن ھېدىن باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى خېيىمخەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. بۇ ۋاقىىتا ئۇ 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ بوۋاي بولۇپ قالغان ئۆردەك يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ! سېۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ ”كۆچمە كۆل“ ناملىق كىتابىدا بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: “ قۇياش ئۇپۇق سىزىقىغا باش قويدى، دەريا يۈزىدىن قايتقان قىزغۇچ نۇرلار قۇمغاق ساھىلدىكى توغراق ۋە چاتقاللارنىڭ ياپىراقلىرىدا ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. قېيىقنىڭ باش تەرپىدە ئولتۇرۇپ پالاق ئۇرىۋاتقان سادىق تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى:

سېۋىن ھىدىنغا قېيىقچى بولغان سادىق

_ ئۆردەك كەلدى!

مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياۋا ئۆردەكنىڭ قايسى تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرمەكچى بولدۇم. ئەمما كۆز ئالدىمدا ياۋا ئۆردەك ئەمەس، بەلكى قىرغاقتا ئىككى ئاتلىق كىشى ماڭا قاراپ تۇراتتى. مەن دەرھال ئايرىلغىلى 30 نەچچە يىل بولغان لوپنۇرلۇق دوستۇم ئۆردەكنى تونۇدۇم، توۋا ئۇ راستىنلا ئۆردەك ئىدى! ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ بوي-بەستى مۈكچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ساغلام ۋە تىمەن ئىدى.

مەن قېيىقنى قىرغاققا ھەيدەشنى بۇيرۇدۇم. ئۆردەك ئاتتىن چۈشۈپ، كېمىگە چىقتى ۋە كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان پېتى مېنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ياش، تەمبەل ئۆردەك ئەمدىلىكتە قېرىغانىدى. يىللار ئۇنىڭ قاتاڭغۇر جىسمىغا ئۆزىنىڭ رەھىمسىز ئىزلىرىنى سالغانىدى. يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن بولۇپ، ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۈستىگە كونىراپ رەڭگى ئۆڭگەن چاپان كىيگەن، بېلىنى بەلۋاغ بىلەن باغلىغان، بېشىغا تېرە مالىخاي كىيگەن ئۆردەك ماڭا ئۇزۇن زامانلار ئىلگىركى لوپنۇرلۇقلارنى ئەسلەتتى.

_ ئۆردەك، بۇنىڭدىن 32 يىل بۇرۇن بىز خوشلاشقاندىن كېيىن، سەن كۈنلىرىڭنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ؟

_ ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلغاندىن باشلاپ، ماڭا خۇدايىم رىزقىمنى بېرىپ كەلدى، يامان ئەمەس كۈن ئۆتكۈزدۈم، لېكىن ئۆزلىرىنى قايتا كۆرەرمەن دېگەن خىيالدىن ئۈمىد ئۈزگەنىدىم.

_ بىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىزنى قانداق ئۇقتۇڭ؟

_ بىر ئاينىڭ ئالدىدا يېڭى كۆل تەرەپتىن كەلگەن بىرسى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ كورلىغا كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. شۇندىن تارتىپ مەن ئۆزلىرىنى ئىزدىدىم. 32 يىل ئىلگىرى بىز قەشقەردە ئايرىلىدىغان چاغدا، ئۆزلىرى ماڭا ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدىلە، مەن ئۆزلىرىنى كۈتتۈم، ساقلىدىم، لېكىن قايتىپ كەلمىدىلە، ئىلگىرى ئۆزلىرىگە ئىشلىگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، بۈگۈن دىدار كۆرۈشتۇق، مېنىڭ كۆڭلۈم ئاخىر ئەمىن تاپتى!

ئۆردەك 1899-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ماڭا يول باشلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئۇ ماڭا ئەگىشىپ يېڭىكۆلدىن چەرچەن تاتىراڭغىچە بولغان تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگە قاتناشقانىدى. 1900-يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆردەك تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، توساتتىن قەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىغانىدى ۋە مېنى ئويلاپ باقمىغان مۇۋاپىقىيەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى. 1901-يىلى تىبەت ئىگىزلىكىدىكى لاساغا قىلغان سەپىرىمگىمۇ يول باشلاپ ماڭغانىدى.تىبەت ئىگىزلىكىدىكى بىر بورانلىق كېچىدە كۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۆردەكنىڭ چېدىرىمغا ئۈسۈپ كىرىپ، مېنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ ”بىر ئادەم كەلدى“ دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

مەن 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەردە يول باشلىغۇچۇم ئۆردەك بىلەن خوشلاشقانىدىم. ئۇ مېنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىمدىكى ئەڭ سادىق بۇرادىرىم ئىدى.

مانا بۈگۈن قېيىقچى سادىقنىڭ ”ئۆردەك كەلدى“ دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇرغان كونا ھەمراھىم ئۆردەكنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ بىر زامانلاردا تىبەت ئىگىزلىكىدە قۇلىقىمغا ھۇدۇقۇش ئىچىدە پىچىرلىغان ”بىر ئادەم كەلدى“ دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. يىللار بىزنى قېرىتقانىدى، بىز ئۇزاققىچە بىر-بىرىمىزدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ كېتىشتۇق.

ئۆردەكنىڭ قېشىدىكى يەنە بىر ئاتلىق يىگىت ئۇنىڭ ئوغلى سادىق ئىكەن. بىز قەشقەردە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆردەك لوپنۇرغا قايتىپ كېلىپ توي قىپتۇ. يېڭىكۆلنىڭ ئاياغ تەرپىدىكى چارا دېگەن جايدا قۇمۇش ساتما تىكىپ، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىققا تايىنىپ ياشاپ كەپتۇ“. (9)

لوپنۇرلۇقلارنىڭ  ئولتۇراق ئۆيى قۇمۇش ساتما

سېۋىن ھېدىن يەنە مۇنداق يازىدۇ: “ ئۆردەك بۇ قېتىم يەنە بىزنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىمىزگە قوشۇلدى. ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بىر مۇنچە شەھەر خارابىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۆيلەر ۋە بۇتخانىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىز قىزىقىپ دەرھال ئۆردەكنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلاندۇق، لېكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى نامەلۇم شەھەر خارابىسىنى  تاپالمىدۇق. ئۆردەك يەنە نۇرغۇن خارابىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى-يۇ، ئەمما زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. بىز شۇ چاغدىلا ئۆردەكنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ بىر خىل خاتا تۇيغۇ ۋە بىنورماللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئۆردەك راستىنلا قېرىغانىدى! ئۇنىڭ 1900-يىلىدىكى جاسارىتى ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. خاتىرىسى خېلىلا چېكىنگەن بولۇپ، خىيالىي تۇيغۇ بىلەن رىياللىقنى ئارلاشتۇرۋېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى.

لوپنۇر رايۇنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھېدىن بىلەن بېرگمان

مەن شۇنداق قىلىپ ئۆردەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىم، شۇندىن باشلاپ ئۇنى قايتا كۆرمىدىم. كېيىن بېگماندىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپتۇ. مەن ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ئۆردەكمۇ ئەتىرەتتىن ئايرىلىپتۇ.

 بىر كۈنى ئۇ تىكەنلىكتىكى بىر بەگنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە ئۇن-گۈرۈچ لازىملىقىنى، پۇلنى كېيىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بەگ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىر مۇنچە ئۇن-گۈرۈچ بېرىپتۇ. لېكىن ئۆردەك بۇ نەرسىلەرنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە بەرمەي ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. كېيىن بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن، ھېلىقى بەگ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۆردەكنى قولغا ئالغۇزىۋېتىپتۇ.

بىچارە ئۆردەك! ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشمىگەن بولسام ياخشى بولاركەن. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇ قېتىم ماڭا بەرگەن تەسىراتى بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمىدى، بۇنى پەقەت بىزنىڭ دوستلىقىمىز جەريانىدىكى كىچىككىنە بىر كېلىشمەسلىك دېيىشكىلا بولاتتى، خالاس! مەن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى 1900-يىلىدىكى تەكلىماندا ئۆردەكنىڭ ماڭا قالدۇرغان گۈزەل خاتىرلىرىنى ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايمەن….!“ (10)

قەدىمىي جەسەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان سېۋىن ھىدىن

6

شۇندىن بۇيان سىرلىق لوپنۇر ۋادىسىغا ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر قايتا كەلمىدى، بىر مەھەل قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقى ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايۇنىنىڭن تېنچسىز سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ بۇ دولقۇننى توسۇپ قويدى.

لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بەس –مۇنازىرىلەر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. لوپنۇرلۇقلارمۇ ئانا كۆلنىڭ تەدىرىجىي قۇرۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى ۋە تېرىم ئىگىلىكىنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى.

ئەمدىلىكتە لوپنۇر كۆلى ۋە بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار رىۋايەتكە ئايلاندى. ئابدال، قاراقۇرچىن قاتارلىق سىرلىق كەنتلەر، قۇمۇش ساتمىلار، دىماغقا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بېلىق پۇراقلىرى ھەم رىۋايەتكە ئايلاندى. كۈنچىققانبەگ، توختىئاخۇن ۋە ئۆردەك قاتارلىق ۋۇجۇدى تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلارمۇ رىۋايەتكە ئايلاندى….

3-نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىققا توپلانغان لوپلۇق قېيىقچىلار

لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى چۆچۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە-تەدبىرلەر ئۇزاققىچە ئەمەلىيلەشمىدى. تارىم دەرياسىنى بويلاپ، ھەسسىلەپ ئۆزلەشتۈرۋالغان بوز يەرلەر بۇ ئەزىم دەريانىڭ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تىنىقىنى بارغانسىرى سۇسلاشتۇرۇپ باردى. ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمى لوپنۇر كۆلى تۇرماق، كېيىن بىنا بولغان تىكەنلىك يېزىسىنىڭ نېرىقى يېقىغىچىمۇ يېتىپ بارالمايدىغان بولدى. يەر ئىسلاھاتى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، بوز ئېچىش دولقۇنلىرى داۋامىدا، تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇرغىچە ئېقىپ بارىدىغان بۆلىكى ۋە مۇشۇ ئەتىراپتىكى پايانسىز توغراقلىق ئاستا-ئاستا ۋەيران بولدى. قۇم بورانلىرى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ بوستانلىقلارغا بېسىپ كىردى ۋە كىشىلەرنى بارغانسىرى ئويمانلىقنىڭ گىرۋىكىگە سۈرۈلۈشكە مەجبۇر قىلدى. 80- يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش دولقۇنلىرى بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ مۇرەسسەسىز ئېقىمىنى ئېلىپ كىردى. لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەسىرلەر بويى تارقىلىپ كەلگەن بېلىق پۇرىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئۆز ئۆتمۈشىگە ئەلۋىدا دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئۇلار لوپنۇر كۆلى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن تەبىئىي ھاياتىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ، قۇمۇش ساتمىلاردا چۈشىگەن كروران چۈشىنى مەڭگۈ ئەسلىيەلمەيدۇ. خۇددى سېۋىن ھېدىن لوپنۇردىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان خاتىرسىدە يازغىنىدەك: “ ئەمدى بۇ يەردە كارۋانلار قايتا كۆرۈنمەيدۇ، قاتار تىزىلىپ بارخانلار ئۈستىدە ماڭىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرىمۇ ياڭرىمايدۇ. پوچتا ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق يولۇچىلارنىڭ ئاياغ تېۋىشلىرىمۇ ئاڭلانمايدۇ. ئىلگىركى ھەممە كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرلەپ غايىب بولىدۇ. شۇنداق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ماشىنا، تېخنىكىلىرىنىڭ سۈرەن- چۇۋقانلىرى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەردە تارىخنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى كەلمەسكە ئېلىپ كېتىدۇ!… (11)

1600 يىللار ئىلگىرى قۇرۇپ كەتكەن قۇرۇق دەريانى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان سېۋىن ھېدىننىڭ كارۋىنى

مانا بۇ لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرلىق تەزكىرىسى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ھېكايىسى، كۆچمە كۆلنىڭ رىۋايىتى… بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىملىقلار مانا مۇشۇ كۆزنەكتىن ئۆزىنى تونۇيدۇ ھەمدە كېلەچەكنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ!

ئىزاھاتلار

(1) (2) (3) نېكولاي پىرژىۋالىسكى:“ لوپنۇرغا سەپەر“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل خەنزۇچە نەشرى، 160-، 116-، 118-، 119-بەتلەر.

(4) گابرېل بونۋالوت: (فىرانسىيە)، ”ئادەمسىز جەزىرىنى كېسىپ ئۆتۈش“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى. 99-،100-بەتلەر.

(5) (6) (7) (8) نېكولاي پىرژىۋالىسكى، يۇقىرىقى ئەسەر 123-، 262-، 263-، 284-، 132-، 145-، 137-، 138-بەتلەر.

(9) (10) (11) سېۋىن ھېدىن: ”كۆچمە كۆل“، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل خەنزۇچە نەشرى، 17-، 20-،52-، 54-، 122- بەتلەر.

مەنبە:“مىراس“ ژورنىلى 2001يىلى 6-سان

 سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: پىرژىۋالىسكىنىڭ ”لوپنۇرغا سەپەر“، سېۋىن ھېدىننىڭ “ كۆچمە كۆل“ ناملىق كىتابلىرى

تورغا يوللىغۇچى : لوپنۇرى

ئە،گىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ، يازمىلىرىمىزنى رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3332

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: