ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى(1)

 

ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى

ئەسئەت سۇلايمان

بۇ يەر ئەزەلدىنلا بىر سىر ئىدى. بۇ يەردە قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ شانلىق سەھىپىلىرى يارىتىلغان ئىدى. ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم ۋە تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سانسىز ئېقىنلار ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا يىغىلاتتى. يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ لۆمۈلدەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئەڭ ئاخىردا سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى.

     تىنىمسىز ئورۇن يۆتكەپ، داۋاملىق كۆچۈپ تۇرىدىغان لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي-شىمالى بۇرجىگىدىكى ئالاھىدە بىر جۇغراپىيەلىك رايۇننى  ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ رايۇن بۈگۈنكى كۈندە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى، ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ ئازلىقى، ئىقلىمىنىڭ قۇرغاقلىقى، بوستانلىقلار كۆلىمىنىڭ كىچىكلىكى ۋە ئادەم ئايىغىنىڭ ئاز تەگكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلەنمەكتە. ۋاھالەنكى، قەدىمكى دەۋىرلەردە بۇ رايۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىنسانلار
پائالىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ئۇ زامانلاردا بۇ يەرنىڭ ئىقلىم شارائىتى ھازىرقىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلاتتى. كۆمۈش لېنتىدە سوزۇلۇپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى كۆنچى دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، مول سۇ سېستىمىسىنى ھاسىل قىلاتتى-دە، لوپنۇر كۆلىنى غايەت زور سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيتتى. تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز توغراقلار، يىراقتىن قىزىرىپ كۆرۈنىدىغان يۇلغۇنلار، شۇنىڭدەك لوپنۇر كۆلىنى ئوراپ تۇرغان چەكسىز قۇمۇشلۇقلار بۇ يەردىكى ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭمۇ كۆڭۈلدىكىدەك پائالىيەت ماكانى ئىدى.

 تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا بېلىق تۇتىۋاتقان لوپلۇقلار

مانا مۇشۇ يەردە، مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى نەمدەپ تۇرغان مۇشۇ ماكاندا، قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ پارلاق بىر قىسمى يارىتىلدى. ھەممىگە مەشھۇر بولغان كروران دۆلىتى دۇنياغا كەلدى. كروران شەھرىنى ئاساس قىلغان بۇ ئەلدە قەدىمى شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ تېنىمسىز ئۇچۇرلىرى ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئورا كۆز، قاڭشارلىق، ساقال-بۇرۇتلىرى قۇيۇق ۋە بەستلىك كەلگەن قەدىمكى كرورەنلىكلەر چەكلىك بوستانلىقلار بىلەن چەكسىز قۇملۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا تىركىشىشىدە، پەسىللىك دەريا-ئېقىنلار بىلەن يىراقتىكى قارلىق تاغلارنىڭ ئۇلانما مۇناسىۋىتىدە، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ دىئالىكتىك بىرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى مەۋجۈتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىكى پىشامشان، ئۇدۇن، كۈسەن قاتارلىق قەدىمكى ئەللەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەتلىرىمۇ كرورەنلىكلەرنى مول بولغان سىرتقى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى.

لوپنۇر كۆلى ۋە ئۇنىڭ مول سۇ زاپىسى قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ موھىم كاپالىتى ئىدى. تارىم ، كۆنچى، چەرچەن، مىرەن دەريالىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۇ زامانلاردا قۇملۇقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى. شۇڭا بۇ ۋادىدا كروران مەركىزىي شەھرىدىن باشقا نۇرغۇن بوستانلىقلار بار ئىدى. ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقىمۇ خېلىلا يۇقىرى ئىدى. تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك شەكىللىرى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئالتۇن كولدۇرمىلىرىنى ياڭرىتىپ، يىراقتىكى ئۇپۇق چەمبىرىكى ئىچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان تۆگە كارۋانلىرى  ئاستا-ئاستا كروران شەھرى سېپىلىغا يېقىنلاشقاندا؛تۇلۇن ئاي ئۆزىنىڭ سۈتتەك ئاپئاق نۇرلىرىنى ئۇزاقلاردىكى قۇم بارخانلىرىغا سەپكىنىدە؛ لوپنۇر كۆلىدىكى قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن تەنھا قېيىقتا بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك ناخشىسى ئاڭلانغىنىدا؛ تەكلىماكاننىڭ شەرقىي بۇرجىگىدىكى بۇ قەدىمىي بوستانلىقلار ھايات گۈزەللىكىگە ئەسىر بولاتتى.

 

تەبىئى شەكىللەنگەن قۇيۇق قۇمۇشلۇق

ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى، لوپنۇر كۆلى نۇرغۇن قېتىملار ئورۇن يۆتكىدى، دەريا-تاراملار ئېقىنلىرىنى ئۆزگەرتتى، ئىلگىركى ئاۋات بوستانلىقلار قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. بۇ يەردىكى ئادەملەر سۇ مەنبەلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يىراقلارغا كۆچۈپ كەتتى. كروران شەھرىمۇ شۇنىڭ بىلەن تاشلىنىپ قالدى ۋە ئاستا-ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. كرورانلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى  يىراقلارغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يادىدا پەقەت بۇ غايىۋىي شەھەر ھەققىدىكى غۇۋا ئەسلىمىلەرلا ساقلىنىپ قالدى. دەۋىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشۇ خىرە-شىرە ئەسلىمىلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.

2

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ۋاقىت تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە نىسبەتەن بىر خىل چەكسىزلىك ئىدى. بۇ يەردە كۈنلەر ئايلارنى، ئايلار يىللارنى، يىللار ئەسىرلەرنى قوغلاپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بۇ يەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدە دەريالارنىڭ ئېقىن يۆتكىشى، كونا بوستانلىقلارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كۆچۈشى داۋاملىق ھادىسە ئىدى. شۇڭىلاشقا، بۇيەردە ھەقىقىي رىئاللىق مەۋجۈت ئەمەس ئىدى، بەلكى رىۋايەتلا مەۋجۈت ئىدى.بۇ يەرنىڭ رىئاللىقىنى ئەسىرلەر بويى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن سېھىرلىك رىۋايەتلەر يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى. رىۋايەت ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخى، ئەسلىمىسى، بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىدى.

ئەنە ئۇشۇ رىۋايەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەدىمكى كروران شەھەر خاربىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا بىرلەپ-ئىككىلەپ يەنە ئادەملەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كىچىك تىپتىكى بوستانلىقلار ئاستا-ئاستا بەرپا قىلىندى. لوپنۇر كۆلى گەرچە بۇرۇنقىدەك ھالىتىگە قايتالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئورۇن يۆتكەش جەريانىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا، چەرچەن، مىرەن، چاقىلىق دەريالىرىنىڭ ھاۋزىلىرىدا، لوپنۇرنىڭ يېزا –قىشلاقلىرىدا ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى قايتىدىن ئىپادىلەشكە باشلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بۇ تاشلاندۇق ماكانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ھەقىقىي ئەسلىيەلمەيتتى، بەلكى رىۋايەتلىك بىر خاتىرىنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۆرۈنۈشلىرىنى رىۋايەتلىك ھايات رېتىمى ئىچىدە ئېسىگە ئالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك ھايات تارىخى قايتا باشلاندى.

لوپنۇر كۆلىنىڭ تېيىز جايلىرىدا بېلىق تۇتۇش

قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ قاياقلارغىدۇر چېچىلىپ-توزۇپ كەتكەن ئەۋلادلىرى ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەرگە قايتىدىن جەم بولۇشتى. ئاشۇ ئۇزاق جەرياندا، ئۇلار قانچىلىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك تەركىبلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ، ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئېرقىي خۇسۇسىيەتنى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىگە خاس قان تىپىنى ھاسىل قىلغانىدى. ھالبۇكى ئۇلار قەدىمكى ئەجداتلىرىنىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، كروران ۋە لوپنۇر مەدەنيىتىگە بولغان ۋارىسچانلىق ۋە ھەقدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار لوپنۇر رايۇنىغا ھەمدە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى جەننىتىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. ئەمما تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىنىڭ ئىقلىمى قەدىمكى دەۋىرلەردىن خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر رايۇنىغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارى ئىلگىركى دەۋىرلەردىن خېلىلا ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكى بارغانسىرى تارىيىپ كەتكەنىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، لوپنۇرلۇقلار بۇ يەردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېكىك ۋە جاھاندىن خالىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.

لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېقىنقى دەۋىرلەردىكى ھاياتلىق مۇساپىسى بىلەن پارالىل ھالدا، ئۇنىڭغا قوشنا بولغان چاقىلىق، مىرەن ۋە چەرچەن بوستانلىقلىرىدىمۇ بۇ خىل تۇرغۇن ھايات داۋاملاشماقتا ئىدى. دەرۋەقە بۇ يەردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئاللىقاچان قۇم ئاستىغا غەرق بولغان بولۇپ، ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خارابىسى ئۈستىگە يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلىنغانىدى. ئۇنداقتا بۇ رايۇندىكى يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىققۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار قەيەردىن پەيدا بولدى؟ ئۇلارنىڭ لوپنۇرلۇقلار بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

بۇ يەردە تارىخ رىۋايەتلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەنىدى. شۇڭىلاشقا گەپنى قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. كروران ئېلى خاراپ بولغاندىن كېيىن ، ئاھالىلەر تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ مىرەن، چاقىلىق ۋە چەرچەن تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى. ھالبۇكى، بۇيەرلەردىمۇ دەريا-ئېقىنلار قانچە قېتىملار يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، كونا-يېڭى بوستانلىقلار قانچە قېتىملاپ ئالمىشىپ، ئاھالىلەر تىنىمسىز كۆچۈپ يۈردى. ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇ ناچار شارائىت ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ گاھ ئۇلغىيىپ، گاھ ئازىيىشى سەۋەبىدىن بۇ يەردىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىمۇ ناھايتى ئاستا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىن يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىدىكى بۇ كەڭ رايۇن ئەڭ قاقاس، ئاھالىلەر ئەڭ شالاڭ ھەمدە بېرىش ئەڭ تەس بولغان تاشلاندۇق ماكانغا ئايلىنىپ قالدى.

تارىخ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەپ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بۇ يەرنىڭ ھاياتىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك جىمجىتلىق بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ھايات رېتىمى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. خوتەن بوستانلىقلىرىدا، تېخىمۇ ئېنىقراقى ، كىرىيە بوستانلىقىدا نوپۇسنىڭ پارتىلىشى ئاھالىلەرنى يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. كىرىيىلىك بىر توپ ماھىر ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلاش جەريانىدا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى بويلاپ داۋاملىق كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ جەزىرىلەرنى ئاتلاپ ئاخىر ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كەلگەن بىر ئەزىم دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىققا كېلىپ قالدى. بۇ جاي دەل چەرچەن دەرياسى ۋە چەرچەن بوستانلىقى ئىدى.

بۇ يېڭى بوستانلىقتا ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز ئىدى. ئۇلار قەدىمكى لوپنۇر كۆلى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بىر قانچىلىغان ئەللەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى. قەدىمكى كېرىيە ۋە ئۇدۇن ئەللىرىدىن ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ بوستانلىققا كەلگەنىدى. ئەپسۇسكى، زامان رىيازەتلىرى ۋە ئېكىلوگىيەنىڭ بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ خوتەن بوستانلىقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. خەيرىيەت، كىرىيىلىك ئوۋچىلار بۇ جاينى قايتىدىن بايقىدى، خوتەن رايۇنى بىلەن چەرچەن بوستانلىقىنىڭ ئالاقە يولى ئاخىر تۇتاشتۇرۇلدى.

كىرىيىلىك ئوۋچىلار قەلبىگە گۈزەل ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى ھەمدە كۈنچىقىش تەرەپتىكى يېڭى بوستانلىقنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. بۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كىرىيە ئاھالىلىرى ئۆي ماكانلىرىدىن خوشلىشىپ يىراق سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇلار قانچە ئايلار جاپالىق سەپەر قىلىپ ئاخىر چەرچەن بوستانلىقىغا يىتىپ كېلىشتى ۋە بۇ يەرنىڭ ئۇزۇن زامانلار بىر ئىزىدا توختاپ قالغان تۇرغۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇرۋەتتى. شۇندىن بۇيان بۇ يەرگە نۇرغۇن كىرىيىلىكلەر كۆچۈپ كەلدى، ئاھالىلەرنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى، بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە (قەدىمكى لوپلۇقلار- يەنى كورورانلىكلەر بىلەن پىشامشانلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن؟) لەر بىلەن كىرىيىلىك كۆچمەنلەر ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، يېڭى چەرچەنلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. ۋاھالەنكى، بۇنداق قوشۇلۇشنىڭ نەتىجىسى مۇقەرەر ھالدا كىرىيىلىكلەر ئېلىپ كەلگەن خوتەن دىيالىكتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىشى بىلەن خاراكتىرلەندى. ئەمما قەدىمكى لوپنۇر مەدەنىيىتىنىڭ سۇس ھالەتتىكى خۇرۇچلىرىمۇ ساقلىنىپ قېلىۋەردى.

چەرچەن بوستانلىقىنىڭ قايتا گۈللىنىشى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۇرجىكىدىكى ئۇنتۇلغان رايۇنلارغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كىرىيىلىك ئوۋچىلار يەنىمۇ شەرققە قاراپ مېڭىپ تۇيۇقسىز چاقىلىق بوستانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چەرچەن بوستانلىقىغا كۆچۈپ كەلگەن كىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى چاقىلىققا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن پىرژىۋالىسكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇر رايۇنىغا بىر قانچە قېتىم تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ ھەمدە چاقىلىق چەرچەن ۋە خوتەن بوستانلىقلىرىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ”لوپنۇرغا سەپەر“ ناملىق ئەسىرىدە چاقىلىق ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:“ چاقىلىق بىر كەنت بولۇپ، قىشلاق دەپمۇ ئاتىلىدىكەن، ئۇيغۇر تىلىدا قىشلاق <قىشلىق ئوتلاق> دېگەنلىكنى بىلدۈردىكەن. مەن 1876-يىلى بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەنىدىم. بۇ كەنت چاقىلىق دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دەريا سۈيى ئانچە يىراق بولمىغان ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كېلىپ، ئاخىر چەرچەن دەرياسىغا قوشۇلاتتى. چاقىلىق كەنتى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر تۈركۈم كىرىيىلىك كۆچمەنلەر تەرەپىدىن بىنا قىلىنغانىكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، شۇ زامانلاردا بىر تۈركۈم كىرىيىلىك ئوۋچىلار چەرچەندىن چىڭخەينىڭ گاس دېگەن يېرىگە بېرىپ ئوۋ ئوۋلىغان. ئۇلار قايتىشىدا ئالتۇن تاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، تۇيۇقسىزلا بۇ جايغا كېلىپ قالغان. ھەمدە بۇ جايدىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن قەدىمكى شەھەر سېپىللىرىنى، قۇمغا كۆمۈلۈپ تۇرغان ئۆيلەرنىڭ ياغاچلىرىنى ، يارىيار ھارۋىلارنىڭ يوغان چاقلىرىنى ۋە يىپ ئىگىرىدىغان چاقلارنى كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ يەرنى <چاقىلىق> (يەنى چاقلىق) دەپ ئاتىغان. ئۇ زامانلاردا بۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بولمىغان، پەقەت چەرچەنگە بارغاندىلا ئاندىن ئاھالىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولاتتى. شۇڭىلاشقا لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەر خۇددى تەنھا ئارالدا ياشاۋاتقاندەك ئۆز ئەتىراپىدىكى  ئۇزاق چۆل-جەزىرىلەر تەرپىدىن قامال قىلىنىپ، ئىپتىدائى ھالەتتىكى بېكىك ھاياتنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى“(1)

لوپنۇر رايۇنىغا ماركوپولودىن كېيىن كەلگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ئېكىسپىدىتسىيچى پىرژىۋالىسكىي

چاقىلىقنىڭ بايقىلىشى مۇشۇ ئەتىراپتىكى لوپ، مىرەن، ئارغان قاتارلىق يۇرتلارنىڭ قايتىدىن بىنا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەسلىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن  بۇ يەردىكى ئاز ساندىكى  يەرلىك ئاھالىلەر ناھايىتى تىزلا كىرىيىلىك كۆچمەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنداقلا كىرىيىلىكلەرنىڭ نىسبەتەن ئىلغار بولغان دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، كىچىك دائىردىكى تېرىم ئىگىلىكىنى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي گىرۋىكىدىكى كەڭ كەتكەن ئۈچ بۇرجەك رايۇن ئۇزاق مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن  قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاھالىلەر رايۇنى ، جۈملىدىن ئابدال، ئويدۆڭ، قارا قۇرچىن، دۆڭقوتان قاتارلىق  چوڭراق كەنىتلەردە ياشىغۇچى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى، ئىگىلىك شەكلى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە خوتەن رايۇنىدىن چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ نىسبەتەن يۇقىراراق بولغان تېرىم مەدەنىيىتىنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان چەرچەن، چاقىلىق بوستانلىقلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندا شەكىللەنگەن مەدەنىيىتىنى قەدىمكى لوپنۇر مەدەنىيىتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ ئورگانىك قوشۇلمىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەمما لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، بولۇپمۇ چەرچەن، چاقىلىق دەريالىرى بويلىرىدا بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىر دائىرسى ۋە نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس ئىدى.

3

قەدىمكى لوپنۇر ۋە كروران مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكى قۇرۇلۇپ چىقىلدى. يېقىنقى زامان تارىخىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بۇ تىمتاس ماكانغا ھېچقانچە يېڭىلىقلار ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ خىل دۈملەنمە ھالەتتىكى تۇرغۇن كەيپىيات ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى. پۈتۈن دۇنيا گويا قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ خاراپ بولىشىغا ئەگىشىپ بۇ جاينى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كەتكەندەك، بۇ رايۇننىڭ جاھان ئۆزگىرىشلىرى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىر خىل زېرىكەرلىك غېرىبلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.

قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى قەدىمكى دۇنيا ئۇچۇر بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرا قانىلىنى چۆلدەرىتىپ قويدى. قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى كرورەن دۆلىتى خاراپلاشقاندىن كېيىن ، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ بۇ يەر ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ باردى. ھەتتا ئورۇن يۆتكەپ، دەريا يۆلىنىشىگە قاراپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىگەن لوپنۇر كۆلىمۇ ئاستا-ئاستا سىرتقى دۇنيا تەرپىدىن  ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ياۋرۇپالىقلار لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنگە قەدەر، دۇنيا خەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بەلگىلەنمىدى. ھەتتا شۇ چاغدىكى جۇڭگۇ خەرىتىلىرىدىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات يوق ئىدى. دۇنيا جۇغراپىيىسى لوپنۇر رايۇنىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ئىدى.

گىرمانىيىلىك جۇغراپىيشۇناس رېچخوفىن سىزغان لوپنۇر رايۇنىنىڭ خەرىتىسى

رۇس شەرقشۇناسى نىكولاي پىرژىۋالىسكى (1839-1888) نىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇر رايۇنىغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيىسى دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى سىرلىق لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. پىرژىۋالىسكى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: “ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارىم دەرياسى، لوپنۇر كۆلى ۋە ئالتۇنتاغ ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ سۇس بولغان جۇغراپىيىلىك رايۇن دەپ قارالغانىدى. جۇڭگۇ يىلنامىلىرىدىكى خاتىرلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تارىم دەرياسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ناھايتى غۇۋا ئىدى. ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆپلىگەن دەريا- ئېقىنلارنىڭ تارىم دەرياسىغا جۇغلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە ئەمەس ئىدى. جۇڭگۇلۇقلار سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە ھەمدە ياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇشۇ ئاساستا سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ۋە تارىم دەرياسىنى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە ئېلىپ كىرىدىغان جايى ھەققىدىكى خەرىتىلىك تەسۋىردە ناھايتى چوڭ خاتالىقلار مەۋجۈت ئىدى. لوپنۇر كۆلىدىن باشقا يەنە ئالتۇنتاغنىڭ ئورنى مەسىلىسدىمۇ خېلى چوڭ ئېنىقسىزلىق بار ئىدى. تارىختىن بۇيان قانچىلىغان تۆگە كارۋانلىرى  ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەر ئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ تاغ تىزمىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ۋە يازما ئۇچۇرلىرى كەمچىل ئىدى. بۇ رايۇننىڭ تەبئىي ھالىتى ، كېلىماتى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلىرى، تۇپراق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ھېچكىم مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بۇ پۇرسەتكە ئېرىشتۇق، شۇنداقلا ۋېنىتسىيىلىك ماركوپولودىن كېيىن بۇ رايۇننى دەسسىگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ تاكى خوتەن بوستانلىقلىرىغىچە بولغان جايلارغا قەدەم باستۇق، بۇ دەل 1876-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1877-يىلىنىڭ باھار پەسلىگىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، ئاسىياغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىم ئىدى“(2).

ئەينى ۋاقىتتا پىرژىۋالىسكى تارتىۋالغان قاراشۇنلۇقلار

بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن ئىلگىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ بۇ جاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەقەت ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرسىدىكى قۇمغا كۆمۈلگەن لوپ شەھىرى توغرسىدىكى غەلىتە رىۋايەتلەر بىلەن جۇڭگۇنىڭ تارىخى يىلنامىلىرىدىكى مۇجىمەل بايانلار بىلەنلا چەكلەنگەنىدى.شۇڭىلاشقا پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنى زىل-زىلگە كەلتۈردى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر لوپنۇر كۆلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن، مۇشۇ ئەتىراپتىكى ئاھالىلەرمۇ باشقا ياقلارغا كۆچۈپ كەتكەن، بۇ جايدا مىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان ھاياتلىق ئۆچكەن، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ۋاھالەنكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرغا قىلغان سەپىرى يۇقىرقى قاراشلارنىڭ بىر خىل خاتا تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. پىرژىۋالىسكى بۇ رايۇنغا كېلىشتىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بۇ يەردە بىر قانچىلىغان ئاھالىلەر كەنتلىرى قايتا شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى. لوپنۇر كۆلى ئۆز ھاۋزىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى زۆرۈر بولغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىدى.

پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپادا بىر مەيدان كەسكىن بەس-مۇنازىرىنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، مەيلى ياۋرۇپالىقلار بولسۇن ياكى جۇڭگۇلۇقلار بولسۇن، لوپنۇر كۆلىگە نىسبەتەن بىر خىل سىرلىق تۇيغۇدا بولۇپ كەلگەنىدى، شۇنداق لوپنۇر كۆلى ئەزەلدىنلا يېشىلمەس بىر سىر ئىدى! پىرژىۋالىسكىنىڭ بۇ تۈگۈننى يېشىشكە ئۇرۇنىشى تەبىئىي ھالدا جۇغراپىيە ئالىملىرى ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى. ھەممىدىن بۇرۇن ياۋرۇپا جۇغراپىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب، بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى فېردىناد ۋون رېچخوفىن (1883-1905) ئۆزىنىڭ پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بايقىشىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى: جۇڭگۇ يىلنامىلىرى ۋە خەرىتىلىرىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، تارىم دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەمما پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەيدۇ. بۇ تارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر كۆلى ئىزچىل ھالدا كىشىلەر تەرپىدىن تۇزلۇق سۇ كۆلى دەپ قارالغان، لېكىن پىرژىۋالىسكى ئۇنى تاتلىق سۇلۇق كۆل دەپ جاكارلىدى. بۇ تەرپىمۇ ئىشىنەرلىك ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ھالبۇكى، بۇ ھەقتە قانچىلىك بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلمىسۇن، پىرژىۋالىسكىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ھەقىقەتەنمۇ رىئاللىققا ئۇيغۇن ئىدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا دېھقانچىلىقنىڭ نىسبەتەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر كۆلىگە ئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارىمۇ تەدىرىجىي ئازايغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى لوپنۇر كۆلى بىلەن يېقىنقى زاماندىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنىدا خېلى چوڭ ئارىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئۆز ئېقىنىنى يۆتكىشى بىلەن لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريا تاراملار ئازايغانىدى. شۇڭىلاشقا، پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ۋاقىتلاردا لوپنۇر كۆلى ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئورنىدىن خېلىلا يۆتكەلگەن بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توغرا كېلەتتى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى تەدىرىجىي ئازىيىپ، لوپنۇر كۆلىگە بارمايلا قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. پىرژىۋالىسكى ئۆز خاتىرىسىدە، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋاتقانلىقى، كۆلنىڭ دائىرسىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ھازىرقى قۇرۇغان ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر كۆلى يەنىلا تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىناتتى. پىرژىۋالىسكى بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ”يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىرقى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر ئىكەن. كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 20 كلومېتىر كېلىدىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى لوپنۇر كۆلىدە ئاخىرلىشىدىكەن. لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا چەكسىز كەتكەن شورتاڭ ساھىل بولۇپ، ئۇ يەر كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇق بىلەن قاپلانغانىكەن… پۈتكۈل لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۈزى خېلىلا تېيىز بولۇپ، ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئىكەن. بەزى جايلىرىنىڭ ئىككى مېتىر، ئايرىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەتتا بەش مېتىرمۇ كېلىدىكەن. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىمىز لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بولدى. چۈنكى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى لوپنۇر كۆلىگە قۇيىلىدىغان سۇ زاپىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋىتىپتۇ. لوپنۇر كۆلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ مەزگىلسىز ھالدا كۆپىيىدىغانلىقى ۋە ئازىيىدىغانلىقى توغرىسىدا يەرلىك ئاھالىلەر ئىچىدىكى ياشانغان كىشىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىشتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، لوپنۇر كۆلى ئاستا-ئاستا ۋە تىنىمسىز رەۋىشتە تارىيىۋىتىپتۇ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، قۇرۇپ كېتىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قاراپ يۈزلىنىۋىتىپتۇ. بىز بۇ نۇقتىنى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى گويا قىسماققا ئوخشايدىغان پايانسىز شورتاڭلىقنىڭ بارغانسىرى كۆل يۈزىنى تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق“ .(3) پىرژىۋالىسكى ۋاپات بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1889-يىلى 9-ئايدا، فىرانسىيىلىك گابرېل بونۋالوت (1853-1933) بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى باشلاپ، لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىركى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن چاغدىكىدىن خېلىلا ناچارلىشىشقا باشلىغانىدى. بونۋالوت ئۆز خاتىرىسىگە ئېچىنىش ئىچىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: “ لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى تامامەن تارىم دەرياسى بىلەن باغلانغان بولۇپ، دەريا سۈيىنىڭ تەدىرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكىمۇ بارغانسىرى تارىيىۋېتىپتۇ. ئادەملەر بۇ يەردىن ئايرىلىشى بىلەنلا ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، كەنتلەر غايىپ بولىدىكەن، مەھەلىلەرنىڭ ئورنىنى قۇمۇشلۇقلار ئىگىلەيدىكەن، قۇمۇشلۇقلار ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان سۇ مىقتارىنىڭ كېمىيىشى بىلەن ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاقما قۇملار شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ بارلىق شەھەر خارابىلىرىنى ، كەنىتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ، ياغاچتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ ئۆگىزىلىرىنى، قۇرۇغان قۇمۇشلۇقلارنى، ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىنى كۆمۈپ تاشلايدىكەن. ھېچقانداق بىر كۈچ ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. رەھىمسىز قۇملۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىغا شىددەت بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئىنسانلارنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۆلنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلارمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، تەبىئەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان لوپنۇر كۆلى ئۆز ۋاقتىدىكى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن لوپنۇر كۆلى بىلەن تامامەن ئوخشىماي قالغانىدى. كۆل سۈيى بارغانسىرى ئازلاپ، كۆلنىڭ دائىرسىمۇ تارىيىشقا باشلىغانىدى. يەرلىك ئاھالىلەر ھەسرەت بىلەن: دەريا سۈيى كۈندىن كۈنگە ئازىيىۋاتىدۇ، كۆلمۇ بارغانسىرى تارىيىۋاتىدۇ، شورتاڭلىقلار ۋە قۇمۇشلۇقلارنىڭ دائىرىسى چوڭىيىۋاتىدۇ… دەپ دەرت تۆكۈشمەكتە ئىدى“ . (4)

قارا قوشۇندىكى ئۇتۇن  ناملىق كەنت

شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شىۋىتسىيىلىك سۋېن ھېدىن (1865-1952) ، ياپۇنيەلىك ئوتانى (1876-1948) قاتارلىق مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەكشۈرۈش- قېدىرىش ئەتىرەتلىرىنى باشلاپ، پىرژىۋالىسكىنىڭ ئىزىدىن لوپنۇر رايۇنىغا كەلدى. داڭلىق جۇغراپىيە ئالىمى رىچخوفىننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان سۋېن ھېدىن ئۆز قەلبىگە لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرىنى ئېچىش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان بەس- مۇنازىرىگە خاتىمە بېرىش ئارزۇسىنى پۈككەنىدى. دېگەندەك سۋېن ھېدىن لوپنۇر توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقاردى: لوپنۇر كۆلى تەخمىنەن 1600 يىلنى دەۋىر قىلىپ ئورۇن يۆتكەلگەن، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىچكى ئاسىيا رايۇنىدىكى بىر كۆچمە كۆل، خالاس!

4

لوپنۇرلۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگەكچان ئەۋلادلىرى تەبىئەت بىلەن بولغان تىنىمسىز كۆرەش ئىچىدە تارىخنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى ھازىرقى زامانغا ئۇلىدى. مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى بەخش ئەتكەن ھاياتلىق ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ ئاخىرقى چەككىچە پايدىلاندى. بۇ يەردىكى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ”جەننەت“ىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. ۋاھالەنكى، تارىم ئويمانلىقنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىۋاتقان ئېكولوگىيە كىرزىسى لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدەك تىراگىدىك تەقدىرنى خېلى بۇرۇنلا بەلگىلەپ قويغان ئىدى.

شۇنداق، لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى جەننىتى بەرپا بولدى، بۇلار ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ رىئاللىقنى كەينىگە قايتۇرالمىدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىگە دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەت لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى بىلەن تەڭ قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئەمما لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ئادەققىچە داۋاملاشقان كۆرەشلىرى ۋە قايتماس روھى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك دىيالوگىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك بىر بۆلىكىنى تەشكىل قىلدى. ئۇلار تىرىشتى، تىرماشتى، تىركىشتى…. لوپنۇر كۆلى ۋە ئۇنىڭ باغرىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمما كۈنساناپ زورىيىۋاتقان ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قېلىشقا، بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتقان لوپنۇر كۆلىنىڭ تىنىقىنى قۇتقۇزىۋېلىشقا قۇربى يەتمىدى. رەھىمسىز تەبىئەت ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى قىساسىنى بىراقلا ئالماقچى بولغاندەك بۇ يەردىكى ئادەملەرگە قىلچىمۇ رەھىم قىلمىدى.

تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ تەدىرىجىي تارىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي بىرلىكلىرىمۇ پارچىلىنىشقا  باشلىدى. پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرلۇقلار ھەققىدىكى ئېتنوگىرافىيىلىك خاتىرلىرى بىزگە تېخى ئۆزىنى بىزگە تامامەن ئېچىۋەتمىگەن بىر جەمىيەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى گۈزەل ئەخلاقىي تۈزۈلمىنى، تەبىئەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ساپ ھالەتتىكى جىمجىت ھايات رېتىمىنى، شۇنداقلا زامانىۋىي مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن مۇستەسنا قەدىمىي ئۇدۇم-ئەنئەنىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

شۇنىسى ئېنىقكى، ئەينى چاغدىكى لوپنۇرلۇقلار تەبىئىي مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئاستا-ئاستا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا يۆتكىلىۋاتاتتى. چۈنكى، لوپنۇر رايۇنى بارغانسىرى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىدىن يىراقلىشىۋاتاتتى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر رايۇنىدا، يەنى قاراقۇرچىن دېگەن مەمۇرىي بىرلىككە تەۋە بولغان لوپنۇر كۆلى بويىدىكى 11 كەنىتتە جەمئىي 70 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس 300 كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئەنە ئاشۇ 300 كىشى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىرىقىنى ياندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.

دەرۋەقە، بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۆتمۈشتە، لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەر نوپۇسى ھازىرقىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە 550 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلىدە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئەمما 20 يىل ئىلگىرى بۇ رايۇندا ئېغىر ۋابا تارقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرى يىراق جايلارغا قېچىپ بېرىپ جان ساقلىغان. شۇنىڭ بىلەن لوپنۇر كۆلى بويلىرىدىكى ئاھالىلەر نوقتىلىرى تەدىرىجىي ئازىيىپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كەنتلەر بارغانسىرى كۆپەيگەن.ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاساسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ تەدىرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى.

 

كۆنچى دەرياسىدا قېيىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش

لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەدەن تۈزۈلۈشىدە ئوخشىمىغان ئېرىقلارنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدا مۇڭغۇللوئىدلارنىڭ قان تەركىبلىرى بار ئىدى. مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئارىيان ئېرىقىنىڭ سۇس ھالەتتىكى يۈز شەكلى ساقلانغان بولۇپ، ساپ ئارىيان ئېرىقىدىنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنەتتى. لوپنۇر ۋادىسىدا ئەسلىدىن ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بوستانلىقلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر يېقىنقى زامانغا كەلگەندە ئۆز ئارا يۇغۇرلۇپ، كېيىنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەنىدى. شۇڭىلاشقا، لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېرقىي ئالاھىدىكىدە روشەن ھالدا شالغۇت تىپىنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. (5)

ئۇلار قىيىن شارائىتقا، جاپالىق تۇرمۇشقا، ماددىي بويۇملارنىڭ كەملىكىگە كۆنۈك ئىدى. رەھىمسىز تەبىئەتلا ئەمەس، بەلكى مۇشەقەتلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىمۇ ئۇلارنى قاتتىق تاۋلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى، چىڭ بەدەنلىرى قۇياش نۇرى بىلەن كۆل يۈزىدىن كېلىدىغان ئاچچىق شامالدا قارايغانىدى. داۋاملىق قېيىق بىلەن ھەپىلەشكەچكىمۇ ئۇلارنىڭ كۆكرەك، مۈرىلىرى كەڭ، بىلەكلىرى كۈچلۈك ئىدى. لوپنۇر ماتاسىدىن تىكىلگەن ئاددىي كىيىملىرى ئىچىگە يۇشۇرنۇپ تۇرغان ۋۇجۇدىدا تەبىئەت بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بىر خىل ئىچكىي چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە سوزۇلغان مەنىۋىي كەڭلىك زاھىر بولۇپ تۇراتتى.

كۆل، قۇمۇش، قېيىق، قارماق، ساتما ۋە بېلىق پۇرىقى…. مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھايات مەئىشىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىدى. ئۇلار دىماغنى يارغۇدەك ئاچچىق بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنياغا تۇغۇلاتتى، يەنە ئاشۇ بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، كېيىم-كېچەكلىرىدىن، تىنىقلىرىدىن بېلىق پۇرىقى كېلەتتى، كەنت-مەھەلىلەردىن، كۆل بويىدىن، ھەتتا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىدىن خام بېلىقنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان پۇرىقى كېلەتتى. شۇنداق، ئۇلار بېلىقچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بېلىق گۆشىدىن، قىلتىرىقىدىن، مېيىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ياخشى بىلەتتى. بېلىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى.

 

سېۋىن ھىدىننى قىزغىن قارشى ئالغان تۈمەنپۇدىكى لوپلۇقلار

ئۇلار قۇمۇشتىن ياسالغان ساتمىلاردا ئولتۇراتتى. ياغاچ ماتىرىياللىرى كەمچىل بولغانلىقتىن ھەممە نەرسىلەرنى قۇمۇشتىن ياسايتتى. قۇمۇش ساتمىلاردىن تەركىب تاپقان غۇجمەك مەھەلىلەر لوپنۇر كۆلى بويىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. تىنىمسىزلىق، قانائەتچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ساددىلىق ۋە راستچىللىق ئۇلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل، ئاددىي-ساددا ۋە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئاۋۇندۇرۇشنى، زېرىكەرلىك ھايات رېتىمىنى قانداق بېزەشنى، تۇرمۇش گۈزەللىكىنى قانداق ھېس قىلىشنى ئوبدان بىلەتتى.

قېيىق، تور، قارماق ۋە بېلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ موھىم تەئەللۇقاتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن زىيادە مال-مۈلكى بولمايتتى. قىز-يىگىتلىرى توي قىلغاندا، يىگىت تەرەپ تويلۇق ئۈچۈن بىر قىيىق، تور ۋە مەلۇم مىقداردا بېلىق تەييارلايتتى، بۇ قىز-يىگىتنىڭ يېڭى تۇتقان ئۆيىنىڭ مال-مۈلكى ھېسابلىناتتى. بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئۆزى يەنە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ھېسابلىناتتى. بىرەر كىشى قازا قىلسا، ئۆلگۈچىنى يۇيۇپ-تاراپ بولغاندىن كېيىن، قېيىققا سېلىپ ئۈستىنى يەنە بىر قېيىق بىلەن دۈم كۆمتۈرۈپ يېپىپ قوياتتى. ئاندىن ئىككىنچى كۈنى دەپنە قىلاتتى. ئۆلگۈچى ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن قارماق، تور قاتارلىق تەۋەرۈك بويۇملىرىنى مېيىت بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلاتتى. (6)

گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايتى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ساغلام، تەمبەل ۋە كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىدى. بۇ يەردە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئارتۇقلارمۇ ئەمگەك قىلالايتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى چېچەك، كۆز كېسەللىكلىرى، قىيىن تۇغۇت ۋە باشقا ۋابا كېسەللىكلىرى ئىدى. غەربنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان خېمىيۋىي دورىلىرى بولمىغان شارائىتتا چېچەككە ئوخشاش تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايتتى.

لوپنۇرلۇقلار تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان ھەننىۋا نەرسىلەرنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. ئۇلار ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ قىممەت نەرسىلەرنى ئۆيدە ساقلىمايتتى، بەلكى ئوت ئاپىتىدىن ۋە باشقا كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جاينى كولاپ مەخپىي ساقلايتتى. ھەممە ئائىلىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدىغان مەخپىي جايلىرى بولاتتى. پىرژىۋالىسكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاقساقىلى كۈنچىققانبەگكە سوۋغا سۈپىتىدە بىر يانچۇق سائەتى بىلەن سترېئولۇق ئەينەك تەقدىم قىلغىنىدا، كۈنچىققانبەگنىڭ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزى يالغۇز قېيىققا چۈشۈپ بۇ نەرسىلەرنى تارىم دەرياسى بويىدىكى باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جايغا يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

لوپنۇر رايۇنىدا شۇ چاغقا قەدەر ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭراق جىنايى قىلمىشلار ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغانىدى، ئوغرلىق ۋە جېدەل-ماجىرا ئىشلىرىمۇ كەمدىن –كەم ئۇچىرايتتى. كىشىلەر ئىناق-ئۆم ۋە تېنچ ياشاپ كەلگەنىدى. پىرژىۋالىسكى مۇنداق بىر ۋەقەنى ئۆز خاتىرىسىگە يازىدۇ: “ لوپنۇرلۇقلار بىز بىلەن تولىمۇ ئىناق ۋە دوستانە بېرىش-كېلىش قىلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. ئۇلار ئىچىدىن بىر ياش يىگىت بىزنىڭ چېدىر تىكىدىغان زەنجىرىمىزنى ئوغرلاۋاتقاندا، كازاك قاراۋۇللىرىمىز تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ئىش كۈنچىققانبەگ بىلەن كەنىتتىكىلەرنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. كۈنچىققانبەگ دەرھال يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى يىغىپ، بۇ ۋەقەنى جىددىي مۇزاكىرە قىلدى، نەتىجىدە گۇناھكارغا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. بىز ئارىغا كىرىپ جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتۇق، ئۇلار شۇندىلا يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىپ، گۇناھكارنى دەررىگە تارتىشنى ۋە يىراققا سۈرگۈن قىلىشنى قارار قىلدى“ . (7)

لوپنۇرلۇقلار ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي بىرلىككە ئۇيۇشقان بولۇپ، بۇ بىرلىكتە يۇرت ئاقساقىلى ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدار ھېسابلىناتتى. كۈنچىققانبەگ شۇ ۋاقىتتىكى لوپنۇر رايۇنىنىڭ يۇرت ئاقساقىلى بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۆز دەۋرىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىمۇ كۈنچىققانبەگنىڭ لوپنۇردىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كۈنچىققانبەگ ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، 1885-يىلى 73 ياشقا كىرگەنىكەن. ئەمما ئۇ ناھايتى ساغلام بولۇپ، ئۆز پۇقرالىرىغا خۇددى ئاتا بالىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدىكەن. قولىدا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەردىن ئايىمايدىكەن. شۇڭا، ئۇ گەرچە ئاقساقال بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنچىققانبەگ شەھەر تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، يامۇلنىڭ تۈرلۈك ئالۋاڭلىرىدىن تولىمۇ باشقېتىنچىلىق ھېس قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ھاياتىدا كورلىغا ئۈچ قېتىم، چاقىلىققا بىر قېتىملا بارغانىكەن، ئۇندىن باشقا جايلارغا ئەزەلدىن بېرىپ باقماپتۇ. پىرژىۋالىسكى خاتىرىسىدە ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر خەلقى ئارىسدا كۈنچىققانبەگكە بېغىشلانغان بىر گۈزەل داستاننىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ ھەمدە داستاندىن ئارىيەلەر كەلتۈرىدۇ.(8)

لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاخىرقى خانى كۈنچىققانبەگ ۋە ئوغلى توختىئاخۇن

لوپنۇردا شۇ چاغلارغا نىسبەتەن ئابدال كەنتى ئەڭ باي ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭرەك جاي ھېسابلىناتتى. بۇ يەرگە خوتەن بوستانلىقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، نىسبەتەن ئىلغار بولغان تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىدىن خەۋەردار ئاھالىلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە يەرلىك لوپنۇرلۇقلارمۇ يەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىلىشقا باشلىغانىدى. پىرژىۋالىسكى ھەتتا ئابدال كەنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۆمۈر يول، تېلېگراف، ھاۋا شارائىتى دېگەندەك يېڭىلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئابدال كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇغداي ئۇنى ۋە قوي گۆشىدىن قىلغان تاماقلارنى يېيىشكە تەدىرىجىي ئادەتلەنگەنلىكىنى ، قاراقۇرچىن، ئويدۆڭ قاتارلىق كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا بېلىقنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدىغانلىقىنى، قوي گۆشى ۋە ئۇندىن قىلىنغان تائاملارنى يېسە كۆڭلى ئاينىيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇرلۇقلار يەنىلا بېلىقچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىكى قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا، دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆزىنى تېخى ئېچىۋەتمىگەن بۇ خىلۋەت جەمىيەتتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەسىرلەر بويى قۇمغا بەخشەندە بولۇپ كەلگەن ئانتىك مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنمەس روھ چەشمىلىرى ساقلىنىپ كەلگەنىدى.

داۋامى بار….


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3314

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-05
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: