كىروران ئۇيغۇرلىرى

كىروران ئۇيغۇرلىرى

ماقالە ئاپتورى: قۇربان ۋەلى

(بۇ ماقالە<مىللەتلەر>رەسىملىك ژورنىلىنىڭ 1982-يىل 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان)

    تەكلىماكاننىڭ شەرقى تەرپىدە،تارىم دەرياسى بىلەن چەرچەن دەرياسى ئوخشىمىغان يۆلىنىشتىن ئېقىپ كېلىپ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلغىچە بولغان دائىرىدە ھىلال ئايدەك بىر يېشىل بەلباغ ھاسىل بولىدۇ. تەكلىماكاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يۇرتلار پەقەت مۇشۇ يېشىل بەلباغنى بويلاپ ئۆز ئارا قاتناش مۇئامىلىسى ئورناتقان. بۇ يېشىل بەلباغنىڭ شەرقى تەرپىدىكى قىسمى،يەنى شىمالي پاراللىل 86.5 نىڭ شەرقى تەرپىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى چاقىلىق ناھىسىگە تەۋە .

      چاقىلىق ناھىسىنىڭ يەر كۆلىمى 195 مىڭ كۇۋادىرات كېلومىتېر. نۇپۇسى 20 مىڭغا يېقىن ، ئاھالىسى ئاساسەن ئۇيغۇرلار. ئۇلار ئاساسەن چاقىلىق،ۋاشىشەرى،مىرەندىن ئىبارەت ئۈچ تەبىئى دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق رايونىغا جايلاشقان. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى ئاران 33 مىڭ مو،سۇ مەنبەسى ئالتۇن تاغدىكى قارلىق-مۇزلۇقلاردىن كېلىدۇ. قالغان جايلىرى پۈتۈنلەر ئادەم ياشىيالمايدىغان تاغ ئېتىكىدىكى شېغىللار،قۇملۇقلار. كۆللۈك – شورلۇقلار ۋە دەريا ۋادىللىرىدىكى قەدىمكى ئورمانلىق،ئوتلاقلىقلاردىن ئىبارەت. ئىقلىمى كۆپ ئۆزگىرىشلىك ، ھۆل – يېغىنى ئىنتايىن ئاز ، ھاۋاسى قۇرغاق. قەدىمكى بۇ رايوندا كىرورەن دۆلىتى بار ئىدى. بۇنىڭدىن 4000 – 6000 يىل بۇرۇن بۇ رايوننىڭ ھاۋاسى مۆتىدىل،سۈيى مول،مۇھىتى بوستانلىق،يەرلىرى مۇنبەت ئىدى. بۇغداي تېرىلاتتى،چارۋا بېقىللاتتى. كېگىز،گىلەم ئىشلەپچىقىرىلاتتى،يۇڭ رەخىت توقۇلاتتى، تېرە ئاشلاپ كۆن – خروم ئىشلىنەتتى. ئاھاللىرى كۈن ئىلاھىغا چوقۇناتتى. ئۈستىگە يۇڭ رەختىن تىكىلگەن كېيىم،بېشىغا قۇش پەيلىرى قادالغان ئۇچلۇق تۇماق كېيەتتى. ياغاچ نەقىش -ئويمىچىلىق سەنئىتىمۇ ناھايىتى تەرەققى قىلغاندى.

     ئومۇمەن بۇ رايوندا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇلۇغ نامايەندە بولالايدىغان پارلاق ئىجادىيەتلەر يارىتىلغاندى. مىلادىدىن بۇرۇن 108-يىلى خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئۆز سودىگەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەتىنى قوغدايدىغان مەھكىمە تەسسس قىلغاندىن كېيىن،بىر نەچچە ئەسىرگىچە يىپەك سودىسى ئاۋات بولدى ۋە مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش ناھايتى راۋاج تاپتى. لېكىن مىلادى 3 – 4 – ئەسىرلەردە بۇ رايوننىڭ تەبىئى شارائىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. چوڭ قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى،ھۆل – يېغىن ئۆكسۈپ قالدى . دەريالاردا سۇ ئازلاپ كەتتى. تېرىلغۇ يەرلەر قۇردى،كۆل ساھىلىرى شورلاشتى. ئورمانلىق – ئوتلاقلار سارغايدى.شۇنىڭ بىلەن تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى ھېچبىر كۈچ سەرىپ قىلمايلا بۇ رايوننىڭ توسالغۇسى بولغان دەريا ۋە بوستانلىقلىرىغا بېسىپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەڭ-يېغىلىقلار كۆپ بولغانلىقتىن،بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلىدى .

     تارىخىي خاتىرىلەردە ئېيتىلىشچە،بۇ رايوندىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر شۇ مەزگىللەردە تۇرپان ئويمانلىقىغا كۆچۈپ بارغان. يەرلىك رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە،يەنە بىر مۇنچە ئاھالىلەر تارىم دەرياسىنى بويلاپ خوتەنگىچە كۆچۈپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتنىڭ شەھەر ۋە يۇرتلىرى ئازلا ئادەم بىلەن قالغان. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە،مىلادى 5 – ئەسىردىن باشلاپ تۈركي قەبىلىلەر تۇرپان ئويمانلىقى ئارقىلىق بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ رايونغا كەلگەندىن كېيىن،بۇ جايدىن كۆچۈپ كەتمىگەن ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى تامامەن ئىگىلەپ بولالمىغان يېشىل بوستانلىقلارنى قوغداپ قالغان. بۇ كروران رايونىغا كۆچۈپ كەلگەن قەدىمكى تۈرك قوۋىملىرى ئېگىز چاقىلىق ھارۋا ئىشلىتىىدىغان قەبىلىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ نامى يەرلىك كىشىلار قوللىنىدىغان كاشتى تىلىدىكى< جاككا >، < جاك >_ ھارۋا چاقى دېگەن مەننى بىلدۈرىدىغان سۆزلەر بىلەن ئاتىلىپ،بۇ يۇرتنىڭ نامىمۇ ئاخىر< چاقىلىق > دەپ ئاتىلىدىغان بولدى.

       ھازىرقى چاقىلىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداتلىرى دەل  شۇ زامانلاردىكى تۈركي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن كاروشتى تىلىدا سۆزلىىشىدىغان خەلىقنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن كروران ئۇيغۇرلىرىدۇر. ئەگەر سىز كورلىدىن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىلەن چاقىلىق ناھىسىگە قاراپ يولغا چىقسىڭىز،يول بويى سان-ساناقسىز پارچە-پارچە قۇم دۆۋىلىرى ۋە چۆل-جەزىرىلىرى ؛ قۇمۇشلۇق-ياۋا كەندىرلىرىنى؛يۇلغۇنلارنى،توغراقلىق،چاتقاللىقلارنى؛ تېتىز- شۇرلۇقلارنى … بېسىپ ئۆتىسىز. چۆل – جەزىرىلەردىن ئۆتكەندە ئۇسساپ-چاڭقاپ گال- كاپپۇكلىرىڭىز قۇرۇپ ئازاپلانغىنىڭىزدا،ئۆسۈملىك گىيا بار جايلاردىن ئۆتكەندە تەبىئى گىيا-چېچەكلەرنىڭ نەملىك-خۇش پۇراقلىق ھىدلىرى بىلەن كۆڭلى-كۆكسىڭىز راھەتلەنگەندە،سىز چوقۇم يېشىل بوستانلىقلارنى ئاسىراشنىڭ تارىخى ئەھمىيتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىز. شۇنداقلا،بۇ رايوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى دەۋىرلەردىن بۇيانقى بۇستانلىقلارنى قوغداش تەجىربە-ساۋاقلىرىنى ئوبدان يەكۈنلەپ،بۇ بوستانلىقلارنى تەكلىماكاننىڭ چاڭگىلىغا  تاشلاپ بەرمەي،بەلكى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تەرەققى بىلدۇرۇش،ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت سىتىراتىگىيىلىك تارىخى ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا تېخىمۇ زور باتۇرلۇق كۆرسىتىشكە ئىلھام بېرىش ۋە كۈچ قوشۇشنى ئويلىماي تۇرالمايسىز .


يازما ھوقۇقى: lopnuri
يازما ئادىرىسى: ?p=3347

بۇلارغىمۇ قىزىقىشىڭىز مۈمكىن

ۋاقىت: 2013-08-20
خەتكۈچلەر :
سەھىپە: لوپنۇر ھەققىدە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: